جىننى قورقۇتقان مەنسۇر ئەللاجى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
قەدىقى زاماندا مەنسۇر ئەللاجى دېگەن بىر كىشى ئۆتكەن ئىكەن، ئۇ دائىم >مىنەلمۇ ھەق، مەنمۇ ھەق< دېگەننى تەرغىب قىلىپ، جىندىن قورقۇشنىڭ نېمە كارامىتى بار، دەپ سۆزلەپ يۈرىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەنسۇر ئەللاجى سەپەرگە چىقىپ، يول ئۈستىدە بىر ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپتۇ. كۈن ئىسسىق بولغاچقا ئاغىنىسى مەنسۇر ئەللاجىنى بېغىنىڭ شىپڭىدا مېھمان قىپتۇ. كەچ كىرگەندە، ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىدە ئورۇن - كۆرپە سېلىشقا تەمشىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن مەنسۇر ئەللاجى دەپتۇ:
- ئاۋارە بولما، ئاغىنە، ئېغىر كۆرمەي، بىر كۆرپە بىلەن بىر ياستۇق ئەپچىقىپ بەر، مۇشۇ شىپاڭدا ئۇخلاپ قالاي.
- ياق، ياق دوستۇم، شىپاڭدا ئۇخلاشقا بولمايدۇ، بۇ يەردە جىن بار، - دەپتۇ ئاغىنىسى.
- جىندىنمۇ قورقامدىكەن، - دەپتۇ مەنسۇر ئەللاجى ۋە ئاغىنىسىنىڭ دەۋىتىگە ئۇنىماي شىپاڭدا ئۇخلاپتۇ.
يېرىم كېچىدە ئەللاجى ئويغىنىپ كېتىپتۇ. قارىسا، ئالدىدا قىپ - قىزىل چاچلىرىنى تاشلاپ، كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىتىپ بىر مەخلۇق تۇرغىدەك، كىرپىك قاققىچە ئۇ مەخلۇق ساھىپجامال قىزغا ئايلىنىپتۇ. بۇنى كۆرگەن مەنسۇر ئەللاجى:
- سەتلىكتىن ئۆزگىرىپ سەتەڭ بولدۇڭ، ئەمدى سەندىن نېمىگە قورقاي، - دەپتۇ ۋە مىيىغىدا كۈلۈپتۇ. قىز بۇ ئىنساننىڭ ئۆزىدىن قورقمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بېشىنى بىرلا سىلكىپ، چاچلىرىنى چۇۋۇپ يۈزىگە چۈشۈرۈپ، تىلىنى بىر غېرىچ ساڭگىلىتىپتۇ.
- چاچ يەنىلا چاچقۇ، - دەپتۇ مەنسۇر ئەللاجى تەمكىنلىك بىلەن، - چۇۋۇلغان چاچنى ئۆيدە خوتۇنۇمدىمۇ كۆرگەنمەن، بۇنداق ساڭگىلىغان تىلنى بولسا، ئىتلاردىمۇ كۆپ كۆرگەنمەن. بۇنىڭ نېمە قورققۇچىلىكى بار.
- جىن مەنسۇرنىڭ ئۆزىدىن قورقمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بىر چىقىراپتۇ - دە، بېشىنى يۇلۇۋېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلاپتۇ، باشسىز گەۋدە ئۆرە تۇرغۇدەك.
- ھەببەللى، مانا، بۇمۇ بىر ئىش بولدى، شۇ كۆرۈمسىز، سەت بېشىڭنىڭ بارىدا قورقمىدىمۇ، ئەمدى ئۇنى يۇلۇۋەتسەڭ قورقامدىم؟ - دەپتۇ مەنسۇر ئەللاجى.
ھېلىقى قىز سىياقىدىكى مەخلۇق بۇ ئىنساننىڭ ئۆزىدىن قورقمىغانلىقىدىن ئۆزى قورقۇپتۇ. باشقا ھىيلە - مىكىرلىرىنى قىلىشقا پېتىنالماي غايىپ بوپتۇ. مەنسۇر ئەللاجى خاتىرجەم ئۇخلاپ تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ.
ئەتىسى ئاغىنىسى مەنسۇر ئەللاجىدىن سوراپتۇ:
- ئاغىنە، ئاخشام قانداقراق ئۇخلىدىڭ؟
- قانداق بولاتتى، - دەپتۇ مەنسۇر ئەللاجى، - ھوزۇرلىنىپ ئۇخلىدىم، قورققانغا قوش كۆرۈنەر، قورقمىساڭ نېمە كۆرۈنەر؟!
>قورققانغا قوش كۆرۈنەر< دېگەن شۇ مەنسۇر ئەللاجىدىن قالغان ئىكەن.