باتۇر يىگىت
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئابدۇرىشىتخان زامانسىدا، زەرەپشان بويىدا توختى ئىسىملىك بىر كەمبەغەل ۋە شامەرەم دېگەن بىر باي ئۆتكەن ئىكەن. كەمبەغەلنىڭ زىرەك بىلەن زەرىپەنىڭ ھۆسنى - لاتاپىتى تەڭداشسىز ئىكەن. ئۇلارنىڭ: «ئۆلسەكمۇ بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلمايمىز» دېگەن قەسىمى بار ئىكەن .
توختى شەمەرەمباينىڭ ئۆيىگە زەىپەنى كېلىنلىككە سوراپ ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. شامەرەم زېرەكنى كەمبەغەل كۆرۈپ ئەلچىنى قۇرۇق قايتۇرۇپتۇ ۋە زەرىپەنى باشقا بىر باينىڭ ئالىم دېگەن بالىسىغا بەرمەك بوپتۇ. ئاخىرى تويمۇ بولۇپتۇ. شامەرەم ۋە ئۇنىڭ جادۇگەر خوتۇنى زەرىپەنى ئالىمغا زورمۇ - زور قوشوپ قويۇپتۇ. زەرىپە يىغلاپتۇ. قاقشاپتۇ، ئامال بولماپتۇ.
توي يۆتكۈگۈچىلەر يېرىم يولغا بارغاندا ئۇشتۇمتۇت ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىپ زەرىپەنى ئېلىپ قېچىپتۇ. بۇ ئەھۋالنى زېرەك ئۇقۇپ بەكمۇ ئېچىنىپتۇ ۋە دادىسىغا:
- مەن زەرىپەسىز ياشيالمايمەن، ئۇنى تېپىپ كېلىشىم كېرەك، - دەپتۇ.
- زەرىپەنى دىۋە ئېلىپ كەتكەن تۇرسا ئۇنى نەدىن تاپاتتىڭ؟ - دەپتۇ زېرەكنىڭ دادىسى ئۇنى بەزلەپ.
زىرەك ئاخىرى ئاتا - ئانىسىنى ماقۇلغا كەلتۈرۈپ زەرىپەنى ئىزلەپ يولغا راۋان بوپتۇ. زىرەك ئىزلەپتۇ، ئىزلەپتۇ، ئەمما، زەرىپەنىڭ ئىز - دېرىگىنى ھېچيەردىن ئالالماپتۇ. «زەرىپەنى دىۋە يەپ قويدىمىكىن» دېگەن ئەندىشىدە كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپتۇ. ئۇ تولا يىغلاپ ھۇشىدىن كەكۈدەك بولغاندا، ئالدىدا بىر ئاپئاق ساقال بوۋاي پەيدا بوپتۇ ۋە:
- نېمىشقا يىغلايسەن بالام؟ دەردىڭ بولسا ئېيىت، - دەپتۇ.
- بوۋاي، سىز سورىماڭ، مېنىڭ مەشۇغۇمنى دىۋە ئېلىپ كەتتى. نەچچە كۈندىن بىرى ئىزلەۋاتىمەن، ھېچبىر ئىز - دېرىگىنى ئالالمىدىم، - دەپتۇ زىرەك.
- مېنىڭ بىلەن يۈر، دىۋىنىڭ جايىنى مەن بىلىمەن، - دەپتۇ بوۋاي.
زېرەك بوۋاينىڭ كەينىدىن ئەگىشىپتۇ. ئۇلار بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن بىر يىگىت ئۇچراپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭغا:
- ھەي يىگىت سەن قاياقتىن كەلدىڭ؟ - دەپتۇ.
- مەن شامەرەمباينىڭ كۈيئوغلى بولىمەن، - دەپتۇ ئالىم، - مەن زەرىپە دېگەن قىزغا ئۆيلەنگەن ئىدىم، يۆتكەپ كېتىۋاتقاندا يول ئۈستىدە دىۋە بۇلاپ قاچتى. شۇنى ئىزلەپ يۈرۈمەن.
بوۋاي بېشىنى لىڭشىتىپ:
- مەن بىلەن يۈر، قىزنىڭ بار يېرىنى مەن بىلىمەن، - دەپتۇ.
زېرەك بىلەن ئالىم بوۋاينىڭ كەينىدىن بىللە يۈرۈپتۇ. ئۇلار كۈن بويى يۈرۈپ ھېچنەرسە يىمەپتۇ. زىرەك زەرىپەنىلا ئويلاپ ماڭغانلىقى ئۈچۈن قوسىغىنىڭ ئاچقانلىغىنىمۇ بىلمەپتۇ. ئالىمنىڭ قوسىغى بەك ئېچىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بوۋايغا:
- بىر ئاز توختاپ، بىر نەرسە يەپ قوسغىمىزنى تويغۇزغاندىن كېيىن ماڭايلى، - دەپتۇ. بوۋاي بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ئالىم كەينىگە قاراپ، - دەپتۇ.
ئالىم دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىسا ناھايىتى كاتتا بىر ئىمارەت كۆرۈنۈپتۇ. ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئىگىز پەلەپەينىڭ يېنىدا يوغان بىر يامدا ياڭاق دەرىخى كۆكىرىپ تۇرۇپتۇ. بوۋاي:
- بىز مۇشۇ يەرگە كىرىپ بىر نەرسە تېپىپ يەيلى، - دەپتۇ - دە، زىرەك بىلەن ئالىمنى باشلاپ پەلەمپەيگە چىقىپ ئىشكنى قېقىپتۇ. ئۆي ئىچىدىن بىر موماي چىقىپ:
- كىم سىلەر؟ - دەپتۇ. ئاقساقال بوۋاي ئۇنىڭغا:
- يولدا ھېرىپ چارچىدۇق، بىزگە قوساق تويغۇدەك بىر نەرسە بەرسىڭىز، - دەپتۇ.
- بولىدۇ، ئۆيسەن كىرىشسلە، - دەپتۇ موماي،
ئۇلار موماينىڭ ئۆيىگە كىرىپتۇ. ئۆيدە ئون سەككىز ئون توققۇز ياشلار چامىسىدا كېلىشكەن بىر قىز ئولتۇرغۇدەك موماي مېھمانلارنىڭ قوسىغىنى تويغۇزۇپ، داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن:
- ھەر بىرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان بىر ئىشم بار ئىدى. ئېتىسام بولارمۇ؟ - دەپتۇ. بوۋاي باش لىڭشىتقاندىن كېيىن موماي كۆڭلىدىكى سۆزىنى ئېيتىپتۇ:
- مەن بىر تۇل خوتۇن، مۇشۇ قىزىمدىن ئۆزگە ھېچكىمىم يوق. بىر يىگىتنى كۈيئوغول قىلىۋالماقچى ئىدىم. بۇ ئىككى يىگىتنىڭ قايسى بىرىنى ماڭا كۈيئوغوللۇققا بېرەلىكىن؟
زىرەك زەرىپەنى تېپىش نىيىتىدىن پەقەت يانمايدىغانلىقىنى، بوۋايدىن زادى ئايرىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئاندىن بوۋاي ئالىمغا:
- بولمىسا سەن قال، - دەپتۇ. ئالىممۇ دۇنياغا قىزىقىپ، قىزنىڭ ھۆسنى - جامالىغا مەپتۇن بولۇپ قالغان ئىكەن، بوۋينىڭ سۆزى ئۇنىڭغا ياغدەك يېقىپتۇ.
بوۋاي زىرەكنى باشلاپ يولغا راۋان بوپتۇ. بىر پوتەي يول يۈرگەندىن كېيىن بوۋاي زىرەككە:
- قول ياغلىقىم موماينىڭ ئۆيىدە قاپتۇ. ئەكىلىپ بىرسەڭچۇ؟ - دەپتۇ.
زىرەك ماقۇل بولۇپ ھېلىقى يەرگە بېرىپ قارىسا، ئۇ يەردە ئۆينىڭ ئىزىمۇ يوق. بىر ئىت ئالىمنى تالاۋاتقۇدەك. زىرەك بۇنى كۆرۈپ قورقۇپتۇ ۋە ئۇچقاندەك يېنىپ كېلىپ بوۋايغا:
- يامان بوپتۇ، ئالىمنى ئىت تالاۋېتىپتۇ. ئۇ بۇ چاققىچە ئۆلۈپ قالغاندۇ؟ - دەپتۇ بوۋاي بۇ سۆزگە پەرۋا قىلمىغان ھالدا:
- ئىتنىڭ ئالىمىنى نېمە ئۈچۈن تالىغانلىغىنى بىلەمسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بىلمەيمەن بوۋا، - دەپتۇ زىرەك.
- ئويلىساڭ چۈشىنىسەن، - دەپتۇ بوۋاي.
بوۋاي زىرەكنى باشلاپ يەنە مېڭىپتۇ. بىر كېچە - كۈندۈز ماڭغاندىن كېيىن پۈتۈنلەي قۇرام تاشتىن قوپۇرۇلغان بىر ئۆينىڭ يېنىغا كەپتۇ. بوۋاي:
- بۇ مېنىڭ ئۆيۈم، - دەپتۇ.
زېرەك ئۆيگە كىرسە ئۆيدە تاش كارۋات، تاش قازان، تاش چىنە، تاش كاساڭ تۇرۇپتۇ. قىسقىسى ھەممە نەرسە تاش ۋە ياغاچتىن ياسالغان ئىكەن.
بوۋاي زىرەكنى يېيىش ئۈچۈن بىر نەرسە تېپىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ.
زىرەك بوۋاينىڭ بۇ كەپسىدە يەتتەكۈن تۇرۇپتۇ. بوۋاي زىرەكنىڭ ئىرادىسىنىڭ قەتئىلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا:
- سەن زەپەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاشۇ كۆرۈنگەن تاغدىكى ۋولقان بىلەن ئوت يولۋاسنىڭ غارىغا كىرىپ خاسىيەتلىك خەنجەرنى ئېلىپ كېلىشىڭ كېرەك، مەندە ئوتتا كۆيمەيدىغا كىيىم بار، شۇنىكەيگىندە، ھېچنەرسىگە قارىماي ئالدىڭغا قاراپ ماڭ! ئارقاڭغا يانما! ئارقاڭغا داجىساڭ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلىسەن، - دەپتۇ.
زېرەك ئوتتا كۆيمەيدىغان كىيىمنى كىيىپ تاققا قاراپ راۋان بوپتۇ. بىر قانچە كۈندىن كېيىن زىرەك ھىچبىر ئەيمەنمەستىن، ئوتقا قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇ ئوتنىڭ تەسىرىنى قىلچە سەزمەپتۇ. ئوت يولۋاس تاغ چوققىسىدىكى غارنى كۈزىتىپ تۇرىدىكەن، ئۇنىڭ كۆزى زىيادە يوغان بولۇپ، ئاغزىدىن ئوت چاچراپ تۇرىدىكەن.
زىرەك زەرىپەنى ئېسىگە ئېلىپ كۈچ - قۇدرەتكە تولۇپتۇ. «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ غارغا كىرىپتۇ. قارىسا ئوت ئىچىدە بىر خەنجەر ئېسىقلىق تۇرغۇدەك. زىرەك ئۇنى قولىغا ئېلىپ دىۋىنىڭ قېشىغا بىرىپتۇ.قارىغۇدەك بولسا تاغ دىۋىسى غاردا ئوخلاپ ياتقۇدەك، يېنىدا بىر ئالتۇن قەپەز بولۇپ، ئۇنىڭدا زەرىپە تۇرغۇدەك. زىرەك زەرىپەنى كۆرۈپ ھۇشىدىن كېتىشكە تاس - تاماس قاپتۇ، ئۆزىنى زورغا بېسىپ دىۋىنى ئۆلتۇرۇپ زەرىپەنىڭ ۋىسالىغا قېنپتۇ.