UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقخاسىيەتلىك قۇش

خاسىيەتلىك قۇش

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا بىر دېھقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى خۇجاھەسەن، كىچىك ئوغلىنىڭ خۇجاھۈسەن ئىكەن. چوڭ ئوغلى يەتتە ياشقا، كىچىك ئوغلى بەش ياشقا يەتكەندە، ئانا ۋاپات بوپتۇ. دېھقان ئىككى ئوغلىنى بېقىپ تەربىيلەپ چوڭ قىلىپتۇ. بۇ ئوغۇللار چوڭ ولۇپ كامال - ۋايىغا يەتكەندە، دادىمۇ ۋاپات بولۇپتۇ. چوڭ ئوغۇل ئاق كۆڭۈل، سەمىمى ئىكەن. ئۇ بىر قىزغا ئۆيلىنىپتۇ. ئاي ئۆتۈپتۇ، يىل ئۆتۈپتۇ، ئۇنىڭ خوتۇنى قوشكېزەك پەرزەنت تۇغۇپتۇ. دېھقاننىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ خۇي - پەيلى ئەسكى، ئۆزى مەككار، ئالدامچى، بەدنىيەت ئىكەن. ئۇ كىشىلەرنى ئالداپ - سىلاپ، مەككارلىق، زىيانكەشلىك يولى بىلەن باي بولۇپ كېتىپتۇ. بۇمۇ ئۆيلىنىپتۇ. لېكىن پەرزەنت يۈزى كۆرمەپتۇ. خۇجا ھەسەننىڭ ئىككى ئوغلى چوڭ بولۇپتۇ. ئۇلار دائىم جاڭگالغا بېرىپ ئوتۇن ئېلىپ كېلىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە جاڭگالغا ئوتۇنغا كېتىپ بارسا، يولدا ئاجايىپ گۈزەل قۇش يولۇقۇپتۇ. بۇ ئىككى ئوغۇل قۇشنى تۇتۇۋاپتۇ. بۇلار ئۆمرىدە مۇنداق قۇشنى زادى كۆرمەپتىكەن. بۇ قۇشنىڭ چىرايلىقلىقىدىن ئادەمنىڭ زوقى كېلىدىكەن. بۇلار خۇشاللىقتا قۇشنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپتۇ. بۇ قۇشنى كۆرۈپ دادىسى ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ ۋە: - بۇ چىرايلىق قۇش ئىكەن. باي داداڭلارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرىڭلار، پۇل بەرسە ئېلىپ كېلەرسىلەر، - دەپ ئەۋەتىپتۇ. بالىلار خۇشال بولۇشۇپ، قۇشنى باي دادىسىنىڭكىگە ئاپىرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن باي قۇشنىڭ خاسىيەتلىك قۇش ئىكەنلىكىنى بىلىپ ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ. قۇشنى ئېلىپ قېلىپ >ئەتە كېلىڭلار، پۇل بېرىمەن< دەپتۇ. بالىلار قايتىپ كېتىپتۇ. باي خاسىيەتلىك قۇشنى قولغا چۈشەرگەندىن كېيىن: >ئەمدى پۈتمەس - تۈگىمەس دۇنيا - دەپىنىگە ئېرىشتىم. بۇ يۇرتتا مەندىن كاتتا باي تېپىلمايدۇ< دەپ خۇشاللىقى ئىچىگە پاتماي قاپتۇ. قۇشنى ئۆلتۈرۈپ كېچىچە ئۇخلىماي، ئىچ قارنىنى پاكىزە ئادالاپ، ئەتىسى ئەتىگىنى خوتۇنىغا: >گۆشنى ئۆزۈڭ دىققەت قىلىپ پىشۇرغىن، باشقا بىر كىم بىلىپ قالمىسۇن< دەپ تاپىلاپ قويۇپ، بازارغا دۇكان ئاچقىلى چىقىپ كېتىپتۇ. بالىلار قۇشنىڭ ھەققىنى ئالىمىز دەپ شۇ كۈنى باي دادىسىنىڭكىگە كېلىشىپتۇ. ئۆيگە كىرسە، ئۆيدە ئادەم يوقمىش. ھېلىقى قۇشنىڭ گۆشى قازاندا قايتناۋاتقىدەك. بالىلار قازاننىڭ تۇۋىقىنى ئېچىپ قارىسا، ئۈستىدە كىچىككىنە بىر پارچە گۆش قايناۋاتقىدەك. بالىلار بۇ گۆشنى ئېلىپلا يەۋاپتۇ. تۇۋاقنى يەنە ئاۋالقىدەك يېپىپ قويۇپ تۇرۇشىغا، باينىڭ خوتۇنى ئىچكەركى ئۆيدىن چىقىپ قاپتۇ ۋە: - ھوي گاداي شۇمتەكلەر، ئادەم يوق ئۆيدە نېمە قىلىشىۋاتىسەن؟ ھازىرلا ئۆيدىن چىقىش، - دەپ تىللاپ ھەيدىۋېتىپتۇ. بالىلار ئۆيگە يىغلاپ كېلىشىپتۇ. دادىسى ھەسرەتلىنىپ ئۇلۇق - كىچىك تىنىپ: - بوپتۇ بالىلىرىم، باي داداڭلارنىڭكىگە مۇندىن كېيىن بارماڭلار، ـ دەپتۇ. ئەمدى گەپنى مەككار بايدىن ئاڭلايمىز. باي كەچقۇرۇن دۇكىنىدىن قايتىپ كەپتۇ ۋە زور ئۈمىت بىلەن ئالدىراپ - تېنەپ خاسىيەتلىك قۇشنىڭ گۆشىنى يەپ بولۇپ، سۈڭەكلىرىنى بىر جايغا كۆمۈۋېتىپ، يېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ تېكىر بېشىغا قاراپتۇ. ئۆينىڭ ھەممە يېرىنى، ھەتتا بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە سەپ سېلىپ ئاختۇرۇپتۇ. ھېچ نەرسە پەيدا بولماپتۇ. خاسىيەت ئەسلىدە قۇشنىڭ يۈرىكىدە ئىكەن. قانداق كىشىنىڭ تەلەي - ئامىتى كېلىپ، خاسىيەتلىك قۇشنى تۇتۇپ، يۈرىكىنى يىسە، ئۇ غايىپتىن دۇنيا دەپىنىگە ئىگە بولىدىكەن. بۇ قۇشنىڭ يۈرىكىنى ئىككى بالا يەپ كەتكەن ئىكەن. باينىڭ بۇ ئەھۋالىدىن خەۋىرى يوق بولغاچقا، خوتۇنىغا كايىپ: - بۇ قۇشنىڭ گۆشىدىن بىر كىمگە بەدىڭمۇ؟ سەن ياخشى خەۋەر ئالماي قۇشنىڭ خاسىيەتلىك يۈرىكىنى يىيەلمىگەنلىكىمدىن، ئۇنىڭ ماڭا ھېچقانداق خاسىيىتى بولمىدى، - دەپ خوتۇنى بىلەن ئۇرۇشۇپتۇ. ئۇ ئاكىسىغا قاراپمۇ قويماي، تەلەتىنى بۇزۇپ ئىچكەركى ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ. ئاكىسى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن: - ئۇكام، ساڭا بىر خالتا ئالتۇن ئېلىپ كەلدىم، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان باي يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ. ئاكىسى ئۇنىڭغا بىر خالتا ئالتۇننى كۆرسىتىپ: - ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندا بالىلىرىمنىڭ تېكىرىنىڭ بېشىغا بۇ بىر خالتا ئالتۇن پەيدا بولۇپ قاپتۇ. بىز ھەيران بولۇپ، بۇ ئالتۇننى سېنىڭ قېشىڭغا ئېلىپ كەلدۇق، - دەپتۇ. بۇ ئالتۇننى كۆرۈپ مەككار باينىڭ كۆزلىرى ئالاق - جالاق بولۇپ كېتىپتۇ ۋە: - بۇ ئالتۇن ئەسلىدە ماڭا تېگىشلىك ئالتۇن ئىدى. سېنىڭ بالىلىرىڭ ئوغرىلاپ كەتكەن، تۇتۇڭلار بۇ ئوغرىلارنى! - دەپ ۋارقىراپتۇ. مەككار باي ئادەملىرىنى چاقىرىپ، ئاكىسىنى دۈشكەلەپ، ئىتتىرىپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ. ئاكىسىنىڭ ئىككى بالىسىنى يىراق بىر جاڭگالغا ئاپىرىپ تاشلىۋېتىپتۇ. بالىلار جاڭگالدا بىر - بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ، >ئەمدى بۇ جاڭگالدا بۆرىگە يەم بولىدىغان بولدۇق< دەپ ئاھ ئۇرۇشۇپ، بارار يېرىنى بىلمەي، ئۇيان مېڭىپ، بۇيان مېڭىپ بۇ جاڭگالدىن چىقىپ كېتىشكە كۆزى يەتمەي، ھېرىپ - چارچاپ كەتكەنلىكتىن، بىر دەرەخنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇشۇپ ئۇخلىشىپ قاپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇشۇپتۇ. قارىسا ياتقان يېرىدە بىر خالتا ئالتۇن تۇرغىدەك. ئۇلار: >بۇ ئالتۇن بىزنى مۇشۇ كويغا سالدى، بۇنى ئالساق يەنە نېمە كۈنلەرنى كۆرەرمىز؟ ئۇنىڭدىن كۆرە بۇنى تۇتمايلى< دەپ، ئالتۇنغا قارىماي يولغا مېڭىشىپتۇ. بۇلار ماڭا - ماڭا بىر ئۆستەڭ بويىغا كەپتۇ. بالىلار ھېرىپ كېتىپ ئۆستەڭ بويىدا ئولتۇرۇپتۇ. توشقان ئوۋلاپ بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن ئوۋچى بالىلاردىن: - قەيەردىن كەلدىڭلار؟ قەيەرگە بارىسىلەر، نېمە ئۈچۈن يىغلايسىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ. - بىز زالىم باي دادىمىزنىڭ دەردىدىن مۇشۇ يەرگە كېلىپ قالدۇق. ھېرىپ - چارچاپ قورسىقىمىز ئېچىپ يۈرەرگە مادارىمىز يوق، ئولتۇرۇپ قالدۇق، - دەپ يىغلىشىپتۇ بالىلار. ئوۋچىنىڭ بۇ بالىلارغا ئىچى ئاغرىپ، رەھىمى كېلىپ ئۆيگە باشلاپ بېرىپتۇ. بالىلارغا تاماق بېرىپ، قورسىقىنى تويغۇزۇپتۇ. بالىلار ھېرىپ - چارچاپ كەتكەنلىكتىن تاماقنى يەپلا ئۇخلىشىپ قاپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ئوۋچى ئورنىدىن تۇرۇپ قارىسا، بالىلارنىڭ بېشىدا بىر خالتا ئالتۇن تۇرغىدەك. ئوۋچى بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ، بالىلارنى ئويغىتىپ، ئۇلاردىن گەپ سوراپتۇ. بالىلار بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئوۋچى بالىلارغا: - سىلەر دېگەن ئۇ قۇش خاسىيەتلىك قۇش. دۇنيادا مۇنداق قۇشنى ئۇچراتماق ناھايىتى قىيىن. خاسىيەتلىك قۇش كىمگە نېسىپ بولۇپ، كىم قۇشنىڭ يۈرىكىنى يىسە، قۇشنىڭ خاسىيىتىدىن تۈگىمەس دۇنيا - دەپىنىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇ قۇشنى خۇدايىم سىلەرگە نېسىپ قىلىپتۇ، - دەپتۇ ۋە بالىلارغا ئوۋلاپ كەلگەن قۇشقاچ گۆشىدە تاماق قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ سوراپتۇ: - بالىلىرىم! مەن بىلەن مۇشۇ يەردە بىرگە تۇرامسىلەر ياكى كېتەمسىلەر؟ - ئانا! سىز بىزگە كۆپ ياخشىلىق قىلدىڭىز، سىزدىن ئايرىلغىمىز كەلمەيدۇ. سىزمۇ يالغۇز ئىكەنسىز، سىزگە بالا بولۇپ، قېشىڭىزدا تۇرۇپ خىزمىتىڭىزنى قىلساق، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بالىلار. ئوۋچى ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ. بۇلار بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ، ھەتتا كەچ كىرگەننىمۇ ئۇقماي قاپتۇ. بۇلار يېتىپ ئۇخلاپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرسا، بالىلارنىڭ بېشىدا يەنە بىر خالتا ئالتۇن تۇرغىدەك. بالىلار بۇ ئالتۇننى ئوۋچىغا بېرىپتۇ. ئوۋچى بۇنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ، يىمەك - ئىچمەك ۋە لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ كەپتۇ. ئاي ئۆتۈپتۇ، يىل ئۆتۈپتۇ. ئوۋچى زەردار باي بولۇپ كېتىپتۇ. بۇ ئىككى ئوغۇلمۇ چوڭ بولۇپ زەردار بايلاردىن بولۇپ كېتىپتۇ. بىر كۈنىسى بالىلار ئوۋچىغا: - ئاتا باشقا بىر شەھەرلەرگە بېرىپ سودا - سېتىق قىلىپ كەلسەك. شۇ پۇرسەت بىلەن ئاتا - ئانىمىزنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىپ باقساق، - دەپتۇ. ئوۋچى بۇلارنىڭ تەلىپىنى ماقۇل كۆرۈپتۇ. چەت شەھەرلەرگە سېتىشقا باب كېلىدىغان ماللاردىن راسلاپ بېرىپتۇ. بۇلار شەھەرمۇ - شەھەر يۈرۈپ، ئالماق - ساتماق قىلىپتۇ. بارغاندىلا يېرىدە ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىپتۇ. بىراق، ھېچ يەردىن ئۇلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالماپتۇ. يەنە بىر شەھەرگە بېرىپ، ئېلىپ كەلگەن ماللىرىنى ساتماقچى بولۇپتۇ. بىر مۇنچە سودىگەرلەر مال ئالغىلى كېلىشىپتۇ. قارىسا سودىگەرلەر ئارىسىدا ھېلىقى باي دادىسىمۇ تۇرغىدەك. بالىلار باي دادىسىنى كۆرۈپلا تونۇۋاپتۇ. بۇ نائەھلى مەككارنى كۆرۈپلا، بالىلارنىڭ غەزىپى ئۆرلەپتۇ. ئەمما غەزىپىنى بېسىۋاپتۇ ۋە باي دادىسىدىن: - بىزنى تونۇدىڭىزمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - ھەر بىرلىرىنى تونۇيالمىدىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ باي دادىسى. ئۇلار غەزىپىنى بېسىۋالالماي: - تونۇمىغان بولساڭ ئەمدى تونۇپ قويغىنكى، بىز سەن زىيانكەشلىك قىلىپ، جاڭگالغا تاشلىۋەتكەن ئوغۇللارمىز. ئەمدى سەندىن ئىنتىقام ئالىمىز. دادىمىز بىلەن ئانىمىز قەيەردە؟ بار يېرىنى ھازىر بىزگە ئېيتىپ بېرىسەن! - دەپ، بۇ نائەھلىگە چاڭ ساپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن باشقا سودىگەرلەر ھاڭ - تاڭ بولۇشۇپ قاپتۇ. - ۋاي بالىلىرىم، ئاتا - ئاناڭلارنىڭ بار يېرىنى ئېيتىپ بېرەي. ئېزىپتىمەن، تۆۋە قىلدىم، ئەپۇ قىلىڭلار، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ. بۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ ئاتا - ئانىسى ھەيدەپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، بىر يىراق تاغنىڭ باغرىغا بېرىپ بىر ئۆڭكۈرنى ماكان قىلىپ، تىلەمچىلىك بىلەن كۈن كەچۈرۈپتۇ. ئوغۇللىرىنىڭ پىراقىدا كېچە - كۈندۈز يىغلاپ دادىسىنىڭ كۆزى تۇتۇلۇپ قاپتۇ. ئانىسىمۇ يېرىمجان بولۇپ قاپتۇ. ھېلىقى نائەھلى بالىلارنى شۇ يەرگە باشلاپ بېرىپتۇ. بالىلار ئاتا - ئانىسىنى كۆرۈپلا، >ئاھ ئاتا، ئاھ ئانا< دەپ ئۆزلىرىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئېتىپ، يىغلىشىپ ھوشىدىن كېتىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ قارىسا، ھېلىقى نائەھلى، مەككار ئاللىقاچان قېچىپ كېتىپتۇ. ئاتا - ئانىسى بېشىدىن ئۆتكەن ئازاپ - ئوقۇبەتلىك كۈنلەرنى سۆزلەپ بېرىپتۇ ھەمدە بۇ نائەھلىدىن ئىنتىقام ئېلىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. بۇ ئىككى ئوغۇل بۇ مەككارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ تۇتۇپتۇ: - ھەي قارا نىيەت مەككار قاراقچى! سەن بىزگە بىكاردىن - بىكارلا شۇنچىۋالا زىيانكەشلىك قىلدىڭ. ئەل قىساسى مىنەلھەق. قىساس ئېلىش نۆۋىتى ئەمدى بىزگە يەتتى. ياتار جايىڭ دوزاق بولسۇن، - دەپ بۇ مەككارنى ئاتقا سۆرىتىپ، قىيىن ئۆلۈم بىلەن جازالاپتۇ. ئاتا - ئانا ۋە بالا جەم بولۇشۇپ، مۇرات - مەقسەتلىرىگە يېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق