UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقشاھزادە ھەسەن

شاھزادە ھەسەن

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ھەسەن ئىسىملىك ناھايىتى ھەۋەسخۇمار بىر ئوغلى بار ئىكەن. ھەسەن ياش قۇرامىغا تولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي: >يېشىممۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى، ئاتام مېنى ئۆيلەپ قويسا< دەپ، بىر ۋەزىرنى ئاتىسىغا كىرگۈزۈپتۇ. پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ: - ئەگەر ئوغلۇم ئۆيلىنىمەن دىسە ئۆزىنىڭ ئىختىيارى، ئۇ قانداق يەردىن قىز تاپسا مەن شۇ يەردىن ئېلىپ بېرىمەن، - دەپتۇ. - ئۇنداق بولسا ئاتام ماڭا دۇلدۇل بەرسۇن، - دپتۇ ھەسەن. پادىشاھ ئوغلىغا يەتتە ئايلىق يولنى بىر كۈندە باسىدىغان دۇلدۇلنى بېرىپتۇ. ھەسەن دۇلدۇلنى مىنىپ شۇنداق مېڭىپتۇكى، ئەيھانناس، ئاتىنىڭ مېڭىشىدىن چىققان شامالدا قۇلاقلىرى ۋىژىلداپ كېتىپتۇ. ئۇ شۇنداق مېڭىپ يەتتە ئايلىق يولنى بىر كۈندە بېسىپ بېرىپ بىر يەرگە كەلسە ئالدىغا بىر قىز ئۇچراپتۇ. ھەسەن قىزغا: - سىڭلىم، ماڭا بىر ئۇسسۇزلۇق بەرسىڭىز، - دەپ ئىلتىماس قىلىپتۇ. قىز: - ئۇسسىزلىق ئىچىمەن دىسىڭىز ئۆيگە مەرھەمەت قىلغايسىز، - دەپتۇ. ھەسەن قىز بىلەن ئۆيگە كىرىپتۇ. ئۆيدە يەتتە يىگىت ئولتۇرغان ئىكەن. ھەسەن سالام بەرگەندىن كېيىن ئۇلارمۇ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ سالام قايتۇرۇپ، ھەسەننى تۆرگە تەكلىپ قىلىپتۇ ۋە ھەسەندىن سوراپتۇ: - ئۆزلىرى نەدىن ۋە نىمە مەقسەت بىلەن كەلدىلە؟ - مەن ئۆيلىنىش ئۈچۈن لايىق ئىزلەپ يەتتە ئايلىق يەردىن كەلدىم؟ - دەپتۇ ھەسەن. - ئۇنداق بولسا بۈگۈن بىر كىچە بىزنىڭ ئۆيدە قونۇپ ئەتە مېڭىڭ، -دەپ تۇرۇاپتۇ قىز. ھەسەن ماقۇل بولۇپ قىزنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قاپتۇ. قىز ھەسەنگە مۇنداق ھېكايە سۆزلەپ بېرىپتۇ: دادىمىز بۇرۇن چوڭ ئىش تۇتقان دىيانەتلىك ئادەم بولۇپ، بىزنىڭ كېلىچەكلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن مۇشۇ تاغ ئىچىگە بىر قانچە ئۆي سالدۇرۇپ ئۆمرىدە يىغقان بارلىق روزىغارىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىكەن. دادىمىز ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەتتە ئوغۇل بىر قىز مۇشۇ يەردە ياشاۋاتىمىز. ھازىر بىزنىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش كۈن قىلىدىغان ئىشىمىز دىۋىلەر بىلەن ئېلىشىش. بىز دىۋىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنى ئۆلتۈردۇق. يەتتە باشلىق بىرلا دىۋە قالدى. ئەمما بىز بۈگۈن ئۇنى يوقاتساق ئەتىسى تىرىلىپ، كۆپىيىپ بىر قانچە بولۇپ كېتىدۇ. بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىۋاتقىنىمىزغا بىر قانچە يىل بولدى. يا ئۇلار بىزنى يوقىتالمىدى، يا بىز ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتەلمىدۇق. ھەسەن بۇ ھىكايىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قىز ۋە ئۇنىڭ ئاكىلىرىغا: - ئۇنداق بولسا سىلەر ھەرگىز غەم ئەندىشە قىلماڭلار، بۈگۈن كېچە خاتىرجەم بولۇڭلار، دىۋىلەر بىلەن مەن بىر ئېلىشىپ باقاي، - دەپتۇ. ئۇ شۇ كېچىسى دىۋىلەر بىلەن قاتتىق ئېلىشىپ ئاخىرى ھەممە دىۋىنى يوقىتىپ قايتىپ كەپتۇ ۋە: - ئەمدى دىۋىلەر پۈتۈنلەي تۈگىدى. سىلەر ھەرگىز غەم قىلماڭلار، مەن يولۇمنى داۋام قىلاي، - دەپتۇ. ئوغۇللارنىڭ بىرى ھەسەنگە: - سىڭلىمىزنى سىلىگە نىكا قىلىپ قويساق قانداق قارايلا؟ - دەپتۇ. - مەن يەنە بىر يەرگە بارماقچى ئىدىم. شۇ يەرگە بېرىپ قايتقىنىمىزدا قىزنى ئېلىپ كەتسەم، ھازىر نىكا قىلىپ قويساڭلار، - دەپتۇ ھەسەن. بۇلار ھەسەننىڭ پىكرىگە قوشۇلۇپتۇ. ھەسەن ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ. ئۇ بىر يەرگە كەلسە يەنە بىر قىز ئۇچراپتۇ. ھەسەن ئۇنى كۆرۈپ: - بىر ئۇسسىزلىق بەرگەن بولسىڭىز، - دەپتۇ. قىز ھەسەننى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپتۇ. بۇلار ئۆيدە ئۇزۇن پاراڭلىشىپتۇ، ھەسەننىڭ كۆڭلى قىزغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇ قىزغا ئۆزىگە ھەمرا بولۇش تەلىۋىنى قويۇپتۇ. شۇ چاغدا قىز: - ئەي يىگىت، مېنىڭ يالغۇز ئاتام بار، ئۇ بۈگۈن سەھەردە مال باققىلى چىقىپ كەتكەن ئىدى، ئاخشاملىققا قايتىپ كېلىدۇ. مەن ئاتامدىن رازىلىق ئېلىپ ئاندىن سىزگە جاۋابىنى بېرەي، - دەپتۇ. - ئۇنداق بولسا، مەن ئاتامنى يوقلاپ كەلگەچ ئۇلارنى ئۆزەمگە لايىق تاپقانلىقىمدىن خەۋاردار قىلاي، - دەپتۇ ھەسەن. - ئۆيىڭىز قەيەردە؟ - دەپ سوراپتۇ قىز. - ئۆيۈم يەتتە ئايلىق يىراقلىقتا، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھەسەن. - ئۇ يەرگە قاچان بېرىپ كېلىسىز؟ - بۇ دۇلدۇل بىلەن بىر كۈندە بارىمەن، ئەتە كېلىمەن. ھەسەن قىزدىن ئىجازەت ئالغاندىن كېيىن دۇلدۇلغا مىنىپتۇ - دە، بىر قامچا سالغان ئىكەن، دۇلدۇل ئالغا ئوقتەك ئېتىلىپتۇ. ھەسەن بىر كۈندىلا ئوردىغا يىتىپ كەپتۇ. ۋە بولغان ئىشنى ئاتىسىغا ئېيتىپتۇ، پادىشاھ: - ئانداق بولسا ئايالىڭنى ئېلىپ كەل، - دەپ ئىجازەت بېرىپتۇ. ھەسەن يەنە ھېلىقى قىزنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. قارىسا قىز يوق. >بۇ قانداق گەپ؟< دەپ ئويلىنىپ يۇقۇرىغا قارىسا دەرەخ ئۈستىدە بىر ياغلىق تۇرغۇدەك. ھەسەن ئوق - ياسىنى ئېلىپ شۇنداق ئېتىپتىكەن، ياغلىق يەرگە چۈشۈپتۇ. ياغىقنى ئېچىپ قارىسا، ئۇنىڭغا: >ئەي يىگىت، مىنى پالانى پادىشاھ زورلۇق بىلەن ئۆز ئوردىسىغا ئېلىپ كەتتى، مېنى ئەنە شۇ يەردىن تاپىسىز< دىگەن خەت يېزىلغان ئىكەن. ھەسەن دۇلدۇلنى مىنىپ شۇ شەھەرگە مېڭىپتۇ. ھەسەن شەھەرگە بېرىپ يىگىلى ھىچنەرسە تاپالماپتۇ. ئۇ كوچا ئايلىنىپ بىر دوقمۇشقا كەلسە بىر قېرى موماي چاق ئىگىرىپ ئولتۇرغۇدەك، ھەسەن مومايدىن: - ئانا، بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرى نەگە كەتتى؟ - دەپ سوراپتۇ. موماي: - ئەي ئوغلۇم، پادىشاھ يېقىندا بىر قىزنى ئالماقچى بولۇپ ئەكەلگەن ئىدى. بىراق ئۇ قىز زادىلا كۈلمەي. يىغلاپ تۇرۇۋاپتۇ. پادىشاھ: >ئەگەر كىم بۇ قىزنى كۈلدۈرەلىسە بويى بىلەن تەڭ ئالتۇن بېرىمەن< دەپ پەرمان چۈشۈردى. شەھەردىكى ئادەملەر شۇ يەرگە كەتىى. تېخىچە بىر ئادەم ئۇ قىزنى كۈلدۈرۈلمىدى، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەسەن: - ئەي ئانا، سىز ئۇ قىزنى كۈلدۈرەلەيسىز، - دەپتۇ. موماي: - ۋاي ئوغلۇم، يوقىلاڭ گەپنى قويغىن، پۈتۈن شەھەردىكى ئادەملەر كۈلدۈرۈلمىگەن قىزنى مەن قانداقمۇ كۈلدۈرەلەيمەن؟ - دەپتۇ. ھەسەن يانچۇقىدىن ياغلىقىنى ئېلىپ: - ئانا، مۇشۇ ياغلىقنى كۆرسەتسىڭىز ئۇ قىز چوقۇم كۈلىدۇ، - دەپتۇ. موماي ياغلىقنى ئېلىپ قىزنىڭ يېنىغا قاراپ مېڭىپتۇ. يىگىت موماينىڭ ئۆيىدە قاپتۇ. موماي ئوردىغا بېرىپ پادىشاھقا: - قىزنى مەن كۈلدۈرىمەن، ئەمما، بىر شەرتىم بار. شەرتىم شۇكى، ئوردىدىكى ھەممە ئادەم چىقىپ كەتسۇن، - دەپتۇ. - ئەگەر كۈلدۈرەلىسىڭىز سىز بۇ قىزغا ئانا بولىسىز، - دەپتۇ پادىشاھ ۋە پۈتۈن خالايىقنى ئوردىدىن چىقىرىۋېتىپتۇ. موماي قىز بىلەن ئۆيدە يالغۇز قالغاندىن كېيىن يانچۇقىدىن ھېلىقى ياغلىقنى چىقىرىپ ئەھۋالنى بايان قىلىپتۇ. قىز شۇنداق كۈلۈپتۇكى، ئوردا ئىچى جاراڭلاپ كېتىپتۇ. پادىشاھ بۇ بۇلبۇل گويانىڭكىدەك ئاۋازنى ئاڭلاپ بىھۇش بولۇپ يېقىلىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قىز ھەممە سورۇندا خوشال - خورام يۈرىدىغان بولۇپتۇ. پادىشاھقىمۇ خۇش مۇئامىلە قىلىدىغان بوپتۇ ۋە پادىشاھقا: - ئەي پادىشاھىم، بىزنىڭ ئادىتىمىز بويىچە قىز يىگىت بىلەن بىر تەكىيگە باش قويۇشتىن ئون كۈن بۇرۇن ئون كۈن چارىباغدا تۇرىدۇ. شۇڭا ئون كۈنلۈك رۇخسەت بەرسىڭىز، قىرىق قىز بىلەن چارىغابدا سەيلە قىلسام، - دەپتۇ. پادىشاھ بۇ تەكلىپكە چىن كۆڭلىدىن رازى بولۇپ تەييارلىق قىلىشقا باشلاپتۇ. موماي: - ئەي پادىشاھى ئالەم، بۈگۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈنگىچە ھەر قاندق ئادىمىزات، بولۇپمۇ ئەركەكلەر ئۆيدىن تالاغا چىقمىسۇن، ھەتتا ئەركەك چىۋىنمۇ ئۇچۇپ يۈرمىسۇن، نامەھرەم بولىدۇ. يەنە بىر گەپ، سىز مىنىدىغان دۇلدۇلنى ھارۋىغا قېتىپ بەرسڭىز، - دەپتۇ. پادىشاھ ھەممە تەلەپكە كۆنۈپ موماي ۋە قىز دىگەن نەرسىلەرنى شۇئان تەل قىلىپ بېرىپتۇ. قىز باغقا كىرىپتۇ. موماي: >ئۆينى يوقلاپ كېلەي< دەپ ئۆيىگە بېرىپتۇ. يىگىت بىلەن كۆرۈشۈپ: - بۈگۈن بىز چارىباغقا بارىمىز. شۇڭا سىز باغنىڭ ئارقا ئىشىكىگە بېرىڭ، بەك بالدۇر بولمىسۇن، كېيىنمۇ بولمىسۇن، دەل كۆز باغلانغان مەزگىلدە بارغايسىز، - دەپ قويۇپ قايتىپ كەپتۇ. يىگىت بەك خۇرسەن بوپتۇ. كەچ كىرىپتۇ. يىگىت موماينىڭ گېپى بويىچە كۆز باغلانغاندا ئارقا ئىشىككە بارسا قىز دۇلدۇلنى تۇتۇپ تۇرغان ئىكەن. شۇئان ئىككىسى بىردىن ئىككى دۇلدۇلغا مىنىپ قېچىپ، ھەسەن بۇرۇن نىكاھ قىلىپ قويغان قىزنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. ئەتىسى پادىشاھ قىزنىڭ يوقالغانلىقىنى ئاڭلاپ كاللىسى پىقىراپ، گەپ - سۆز قىلالماي گۆرۈستانغا سەپەر ئەيلەپتۇ. پادىشاھلىق بىر ئادىل كىشىگە قاپتۇ. ھەسەن ئىككى قىزنى ئېلىپ ئۆز شەھىرىگە بارسا ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتكەن، باشقا بىرەيلەن پادىشاھ بولۇپ يۇرتنى سوراۋاتقان ئىكەن. ھەسەننىڭ ئىككى خوتۇن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ۋەزىر - ۋۇزرالارنىڭ ھەممىسى ھەسەننى مۇبارەكلەپ كىرىپتۇ، پادىشاھ قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك قىزلارنى كۆرۈپ ئاشىقى بىقارار بولۇپتۇ، ئەتىسى پادىشاھ بارلىق ۋەزىر - ۋۇزرالىرىنى چاقىرىپ: - ئەگەر ھەسەننىڭ ئىككى ئايالىنى مەن ئالمىسام ھايات كەچۈرەلمەيمەن. بۇ ئىشقا بىرەر چارە كۆرسەتمىسەڭلار ئوردىدىن قوغلاپ چىقىرىمەن، - دەپتۇ پادىشاھنىڭ غەزىۋىدىن قورققان ۋەزىرلەر ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ ھەسەننى يوقىتىش ئۈچۈن چارىباققا ئۆتىدىغان كۆۋرۈككە زەھەر بىلەن سۇغىرىلغان مىخلارنى قېقىپ قويۇپتۇ. بۇنى ھەسەننىڭ ئىككى ئايالى سېزىپ قېلىپ: - ئەي يىگىت ئەتە باغ سەيلىسىدە سىزنى ئۆلتۈرۈشمەكچى بولۇشىۋاتىدۇ. شۇڭا ئەتە بىز مېڭىڭ دىگەن يول بىلەن مېڭىڭ، ئەگەر كۆۋرۈك بىلەن ماڭسىڭىز پۇتىڭىزغا زەھەرلەنگەن مىخ كىرىپ ئۆلىسىز، - دەپتۇ. ئەتىسى ھەسەننىڭ ئاياللىرى ئۇنى باققا باشقا يول بىلەن ئېلىپ كىرىپتۇ. پادىشاھ ۋە باشقىلار ئامالسىز قاپتۇ. ھەسەننى ئۆلتۈرۈلمىگەن پادىشاھ تېخىمۇ قەبىھلىشىپ ھەسەننى كېچىدە تۇتۇپ باغلاپ، ئاغزىغا ماز تىقىپ، بىر چۆلگە ئاپىرىپ تاشلىۋېتىپتۇ. ئەتىسى ئاياللىرى ئويغىنىپ قارىسا ھەسەن يوق. ئۇلار ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرغاندا ۋەزىر كىرىپ: - ئۆزەڭلارنى پادىشاھقا قوبۇل قىلامسىلەر؟ - دەپتۇ. ئاياللار: - بىز ئۆزىمىزنى پادىشاھقا قوبۇل قىلماي كىمگە قوبۇل قىلاتتۇق، پادىشاھ بىزنى ئۆزىگە قوبۇل قىلسا بىزمىڭ مەرتەم قوبۇل قىلىمىز، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ۋەزىر ئۇلارنىڭ سۆزىنى پادىشاھقا يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ خوشال بولۇپ قىزلار بىلەن كۆرۈشۈشكە بەكمۇ ئالدىراپتۇ. شۇ چاغدا قىزلار كىرىپ پادىشاھقا: - ئەي پادىشاھى ئالەم، بىزنىڭ يۇرتتا قىز يىگىت بىلەن بىر تەكىيگە باش قويۇشتىن ئون كۈن بۇرۇن چارىباغدا قىرىق قىز بىلەن ئون كۈن ئويناپ - كۈلىدىغان قائىدە بار ئىدى، شۇڭا ئون كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەيلا، - دەپتۇ. ئەسلىدە، بۇ پادىشاھنىڭ قورال - ياراق ساقلايدىغان ئامبىرى چارىباغدا ئىكەن. چارىباغنى ساقلاۋاتقان بارلىق ياساۋۇللىرىنى چىقىرىۋېتىپ باغنى قىزلارغا بوشىتىپ بېرىپتۇ. قىزلار باققا كىرگەندىن كېيىن باغنىڭ ئىشىكىنى مەھكەم تاقاپ، ئۇچار قاناتمۇ كىرەلمەيدىغان قىلىۋېتىپتۇ. قىزلار ئامباردىن قورال - ياراقلارنى ئېچىقىپ بەش - ئالتە كۈن جىددى مەشىق ئېلىپ بېرپتۇ - دە، پادىشاھقا ئۇرۇش ئېلان قىلىپتۇ. پادىشاھنىڭ ئەسكەرلىرى قورال - ياراق بولمىغاچقا قولىغا نىمە چىقسا شۇنى ئېلىپ باغدا تۇرۇۋاتقان قىزلارغا ھۇجۇم قىلىپتۇ. قىزلار سېپىل ئۈستىگە چىقىۋېلىپ ئوق - يا ئېتىپ، پادىشاھ ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلاپتۇ. پادىشاھ يېزىغا ئەسكەر ئېلىش ئۈچۈن ئادەم بۇيرۇپتۇ. پادىشاھ ئادەملىرى مەلۇم يېزىغا كېلىپ بىر ئۆيگە كىرسە بىر بوۋاي تۇرغان. ئۇلار: - ھەي قېرى، ئوغلۇڭ بارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - بىر ئوغلۇم بار، - دەپتۇ بوۋاي. ئۇلار بوۋاينىڭ ئوغلىنى تۇتۇپ كەپتۇ. تۇتۇلغان بۇ ئوغۇل ھەسەننىڭ دەل ئۆزى ئىكەن. ھەسەن ئۆزىنىڭ نىمە سەۋەبتىن ئەسكەرلىككە تۇتۇلغانلىقىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان ئىكەن. پادىشاھنىڭ بېڭى ئەسكەرلىرىگە بىر باشلىق لازىم بوپتۇ. ھىچكىم باشلىق بولۇشقا ئۇنىماپتۇ. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ھەسەن >مەن باشلىق بولاي< دەپ ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ. ھەسەن ئەسكەرلەرگە قوماندان بولۇپ قىزلارغا قارىشى ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولۇپتۇ چارىباغنىڭ سېپىلى تۈۋىگە بارغاندا ئەسكەرلەرگە ئىشنىڭ تېگىنى چۈشەندۈرۈپتۇ. ئاخىر مەلىكىلەر بىلەن بىرلىشپ، پادىشاھنى تىرىك تۇتۇۋاپتۇ. پادىشاھ ئۆزىنى قانداق جازالىغان بولسا، ئۇنىمۇ شۇنداق جازالاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەسەن پادىشاھ بولۇپ ئاياللىرى بىلەن بەختلىك ھايات كەچۈرۈپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ناھىيە ياقا گۇڭشې تاخماقتىن: جامال شىرىپ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق