UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقسۇ پەرىسى - دىلئارم

سۇ پەرىسى - دىلئارم

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا نەزەر دېگەن بىر ياش يىگىت ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ يېزىدا ياشايدىكەن. ئاتا - ئانىسىدىن كىچىك قالغاچقا يىتىمچىلىكنىڭ ئېغىر دەرتلىرىنى تارتىپ چوڭ بولغان ئىكەن. ئۇنىڭغا ئاتا - ئانىسىدىن پەقەت بىرلا كونا ئۆي مىراس قالغان ئىكەن. ئۇ خېلى چوڭ بولغىچە ئۆمرىنى جاڭگالدىن ئوتۇن ئەپكىلىپ سېتىش بىلەن ئۆتكۈزۈپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ئۇتۇنغا باراي دەپ پالتىسىنى ئىزلەپ قازناققا كىرسە، بىر بۇلۇڭدا قارماق ۋە تور تۇرغۇدەك. «ئوتۇنچىلىق تولىمۇ ئېغىر، ئادەم ئىلگىرى باسمايدىغان بىر ئىش ئىكەن. ئۇنىڭدىن كۆرە بېلىقچىلىق قىلمايمەنمۇ» دەپ ئويلاپتۇ - دە، تور ۋە قارماقنى ئېلىپ تاڭ سەھەردىلا دەريا بويىغا جۆنەپتۇ. كۈن چىقىپ، يەر - جاھان ئىللىغاندا نەزەر دەريا بويىغا كەپتۇ. ۋە دەرياغا تور تاشلاپ ناھايىتى كۆپ بېلىق تۇتۇپتۇ. خوشاللىغىدا بېلىقلارنى بازارغا ئېلىپ كېلىپ سېتىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئۇ مۇشۇ كەسىپ بىلەن خېلى پۇللۇق بولۇپمۇ قاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە نەزەر دەريا بويىغا يېتىپ كەپتۇ - دە، دەرياغا تور ساپتۇ. لېكىن ھېچنەرسە چىقماپتۇ. ئىككىنچى رەت ساپتۇ. يەنە ھېچنەرسە چىقماپتۇ. نەزەر بىرئاز ئۈمىتىسىزلىنىپتۇ. تەۋەككۈل قىلىپ ئۈچىنچى رەت تور تاشلاپتۇ. تورغا پەقەت بىر تاللا، لېكىن ئاجايىپ چىرايلىق بىر بېلىق چۈشۈپتۇ. ئۇنىڭ قاسراقلىرى تىللادەك يالتىراپ، كۆزلىرى گۆھەردەك يېنىپ تۇرىدىكەن. بېلىق يىگىتنىڭ قولىدا تۇرۇپ يىغلاپتۇ. يىگىت ھەيران بوپتۇ ۋە بېلىققا رەھىمى كەپتۇ - دە، چاي ئىچىدىغان چەينىكىدىكى چاينى تۆكۈۋېتىپ، دەريانىڭ تاتلىق سۈيىدىن توشقۇزۇپتۇ، بېلىقنى ئۇنىڭغا سولاپ ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. ئۆيدە يوغان بىر تەڭنە بار ئىكەن. شۇ تەڭنىگە تاتلىق سۇ تولدۇرۇپ، ھېلىقى بېلىقىنى شۇنىڭغا قويۇپ بېرىپتۇ.بېلىق يىگىتنىڭ بۇ ئىشىدىن مىننەتدار بولغاندەك، سۇدا ئەركىن ئۈزۈپ ئويناپتۇ. ئەتىسى نەزەر ئىشىكنى قۇلۇپلاپ، يەنە بېلىق تۇتقىلى كېتىپتۇ. كەچ كىرگەندە ھېرىپ - ئېچىپ قايتىپ كەلسە، ئىشىگى ئۇلۇق ئوچۇق تۇرغۇدەك. ئىشىك ئالدى پاكىز سۈپۈرۈلۈپ، سۇ سېپىلگەن. يىگىت ھەيران بولغان ھالدا ھويلىغا كىرىپتۇ. كىرىپتۇ - دە، تېخىمۇ ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ. چۈنكى ھويلىنىڭ ئىچى، ئۆي ئىچىمۇ پاكىز سۈپۈرۈلۈپ سەرەمجانلاشتۇرغان . ئۆيگە كىرسە، قازاندا پولۇ دۈملەگلىك، پولۇنىڭ مەزىلىك ھىدى ئۆينى بىر ئاپتۇ. قوسىغى ئېچىپ كەتكەن يىگىت پولۇنى تويۇپ يەپتۇ. لېكىن بۇ ئىشلارنى كىم قىلغانلىقىنى بىلەلمەي ھەيرانلىقتا ئۇخلاپ قاپتۇ. ئەتىسى يەنە ئىشىكنى قولۇپلاپ بېلىق تۇتۇشقا كېتىپتۇ. كەچ كىرگەندە قايتىپ كەلسە، يەنە ئىشىك ئوچۇق، ئىشىك ئالدى، ھويلا - ئاراملار پاكىز سۈپۈرۈلگەن، قازاندا تاماق پىشىپ تۇرغان، خۇشنىلار قىلدىمىكىن دىسە ئۇلار قىلغاندەك ئەمەس... يىگىت يەنىلا ھەيران بولغان پېتى بۇنىڭ تېگىگە يېتەلمەي ئۇخلاپ قاپتۇ. بۇ ئەھۋال كۈندە تەكرارلىنىۋەرگەندىن كېيىن، نەزەر بىر ئىشنىڭ تەكتىگە يەتكەندەك بوپتۇ. شۇڭا بىر كۈنى تاڭ سەھەردىلا دەيا بويىغا يول سالغان بولۇپ ئارا يولدىن قايتىپ كېلىپ، تامنىڭ دالدىسىغا مۆكۈپ يوچۇقتىن ھويلا ئىچىگە قاراپ تۇرۇپتۇ. شۇ ئەسنادا تەڭنىدىكى ھېلىقى بېلىق بىر سىلكىنىپلا پوستىنى تاشلاپتۇ ۋە ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزغا ئايلىنىپتۇ. ئۇنىڭ يۈزىنىڭ نۇرلۇقلۇغىدىن ئاي بىلەن كۈنمۇ خىجىل بولىدىكەن. كۆزلىرى بۇلاقتەك، بەللىرى ئەۋرىشىم، غۇنچە بويلق بۇ قىزنىڭ ئوڭ مەڭزىدە ناھايىتى چىرايلىق مەڭ بولۇپ ھۆسنىگە تولىمۇ ياراشقان ئىكەن. يىگىت بۇ ئالامەتنى كۆرۈپ ئوڭۇممۇ، چۈشۈممۇ، دەپ تېڭىرقاپ، ھۇشىدىن كېتىشكە ئازلا قاپتۇ. لېكىن ئۆزىنى تۇتۇۋاپتۇ. قىزنىڭ گۈزەل چېھرىسىدىن بىر پارچە ئوت چىقىپ يىگىتنىڭ يۈرەك بېغىشىغا تېگىپتۇ. نەزەر قىزغا شۇ زامانلا ئاشىق بىقارار بوپتۇ. ئۇ قىزنىڭ بېلىققا ئۆزگىرىۋالماسلىقى ئۈچۈن دەرھاللا ھويلىغا كىرىپتۇ - دە، بېلىقنىڭ پوستىنى كۆيدۈرۈۋېتىپتۇ. ئۆينى تازلاۋاتقان سۇ پەرىسى «ۋاي!» دەپ ۋارقىرىغىنچە يۈگۈرۈپ چىقىپ، يىگىتكە قاراپ تۇرۇپلا قاپتۇ ۋە: - ھەي ئىسىت! يامان قىلدىڭىز! - دەپتۇ. - مەن، - دەپتۇ يىگىتمۇ قىزغا ئەدەپ بىلەن سالام قىلىپ، - بىر كەمبەغەل يىتىممەن. خۇدادىن ئۆزگە ھېچنەرسەم يوق، مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىغىمدىن، سىزنى قايتا كۆرەلمەي قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ مۇشۇنداق قىلىپ ساپتىمەن. يىگىتنىڭ مۇلايىم ۋە ساددا - سەمىمىلىگى قىزغىمۇ يېقىپتۇ - دە: - بوپتۇ ئۆتكەن ئىشقا سالىۋات! - دەپتۇ. - سىز زادى كىم بولىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ يىگىت. - مەن، - دەپتۇ قىز چولپاندەك نۇرلۇق كۆزلىنى يىگىتكە تىكىپ، - سۇ پادىشاھىنىڭ قىزىمەن. ئىسمىم دىلئارام، ئەمدى مەن ماكانىمغا قايتاي. سۇ پەرىسى دىلئارام شۇنداق دەپتۇ - دە، يىگىت بىلەن خوشلىشىپ قايتىماقچى بوپتۇ. - سىز كەتمەڭ! - دەپ يېلىنىپتۇ نەزەر غەمگە تولغان كۆزلىرىنى قىزغا تىككىنىچە، - سىز كېتىپ قالسىڭىز مەن خاراپ بولىمەن. بىز مەڭگۈ بىرگە ئۆتەيلى. سۇ پەرىسى دىلئاراممۇ يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەن، گەرچە ئاتىسىنى سېغىنىپ شۇنداق دېگەن بىلەن كۆڭلىدە يىگىت بىلەن بىرگە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلغان ئىكەن. ماقۇل، - دەپتۇ قىز، - نىمە كەلسە كۆرگۈلۈك، سېنىڭ بىلەن قالىمەن. دىلئارام بىلەن نەزەر بىرگە بولۇپ، كۈنلىرىنى خۇشال ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ. نەزەرنىڭ كۈن - ھالى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىپ باي بولۇپ كېتىپتۇ. دىلئاراممۇ ئۆزىنىڭ مۇلايىملىقى، خوشىندارچىلىقى بىلەن خوشنىلارغا يېقىپتۇ. خۇددى بۇ مەھەللىگە بىر نۇر تارالغاندەك بولۇپتۇ. قىزنىڭ داڭقى، گۈزەللىگى ، مېھماندوست، مېھرىبانلىقى، خۇلق، ئەخلاقى ھەققىدىكى تەرىپلەر كۆپىيىپ، يىراق - يىراقلارغىمۇ تاراشقا باشلاپتۇ. بۇ خەۋەر شۇ ئەلنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىقىغا ئاڭلىنىپتۇ. شەھۋەتپەرەست زالىم پادىشاھ قىزغا غايىۋانە ئاشىق - بىقارار بولۇپتۇ. يۈرىگىدە بۇ قىزنى تارتىۋېلىش ۋەسۋىسى قوزغىلىپتۇ. ئۇ ياساۋۇللارغا: - نەزەر ئىسملىك بىر ئوتۇنچىنىڭ ئۆيىدە بىر پەرى قىز بارمىش. دەرھال ئېلىپ كېلىش. كىمەركى توسقۇنلۇق قىلسا دەرھال تۇتۇپ كېلىپ زىندانغا تاشلا! - دەپ ھۆكۈم قىپتۇ. ياساۋۇللار ئاتلىرىنى چاپتۇرۇشۇپ بېرىپ نەزەرنىڭ ئۆيىنى تېپىپتۇ. نەزەر ئۆيدە يوق ئىكەن. قىزنى زورلۇق بىلەن پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. - مەن ساڭا، - دەپتۇ چېكىملىك ۋە بۇزۇقچىلىق تۈپەيلىدىن رەڭگى سەتلىشىپ كەتكەن خان دىلئارامنىڭ ھۆسنى - جامالىنى كۆرۈپ ئەقلى - ھۇشىدىن كەتكىلى ئاز قالغان ھالدا خوشامەت قىلىپ ھىجىيىپ، - ئاشىق بىقارارمەن. سەن ماڭا خوتۇن بول. شاھانە دۆلەت كۆرسىتىمەن. - مېنىڭ ئېرىم بار، - دەپتۇ قىز رەڭگى بۇزۇق پادىشاھنىڭ قىلىقلىرىدىن يىركەنگەن ھالدا، - مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇنىڭ ئىجازىتىسىز ھېچقانداق ئىشنى قىلمايمەن. سەن ئۇنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭ رازىلىقىنى كۆرۈپ باققىن! پادىشاھ ئىلاجىسىز كۆنۈپتۇ. دىلئارام قايغۇ بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ. نەزەر ئۆيگە كېلىپ، خوشنىلىرىدىن بولغان ئەھۋلنى ئاڭلاپ دات - پەريات سېلىپ، ۋەيرانە بولۇپ تۇرغان ئىكەن. يارىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەپتۇ ۋە نېمە ھادىسىلەر يۈز بەرگەنلىكىنى سوراپتۇ. قىز بولغان ۋاقەنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپتۇ ۋە يىگىتكە: سەن قورقما، ئۇنىڭ ئالدىغا بارغىنىڭدا ئېغىر شەرتلەرنى ئورۇنلاشقا بويرۇيدۇ. مەقسىتى سېنى كۆزدىن يوقىتىپ مېنى تارتىۋېلىش. مەن سېنىڭ بۇ مۈشكۈل شەرتلەرنى ئورۇنلىشىڭغا ياردەم بېرىمەن. شاھ يەنىلا ياۋۇز نىيىتىدىن يانمايدىكەن، ئۇنى ئۆزىنىڭ يولى بىلەن جايلاپ تۈگەشتۈرىمەن، - دەپتۇ. نەزەر زالىم شاھنىڭ ھوزۇرىغا يېتىپ كەپتۇ. پادىشاھ نەزەرگە نەپرەت بىلەن تىكىلىپتۇ. ئۇنى تۇتۇپلا يوقىتىۋەتمەكچىمۇ بوپتۇ. لېكىن خەلق - ئالەمنىڭ تاپا - تانىسىدىن ئەندىشە قىلىپ ۋاقتىنچە بۇ نىيىتىدىن يېنىپتۇ. - سەن! - دەپتۇ پادىشاھ ھەيۋە بىلەن، - ئايالىڭنى ماڭ بەرگىن! مەن ساڭا ئۆزەڭ تاللىغان قىزنى ئېلپ بېرەي، نۇرغۇن پۇل - دۇنيا بېرەي. - ياق! - دەپتۇ يىگىت، - ئۆز ئايلىنى بىروۋغا بەرگەن ئىش نەدە باركەن؟ مەن ۋاپادارىمدىن كەچمەيمەن! ئۇنداق ۋىجدانسىزلىقنى قىلمايمەن! پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇماقچى بولغىنىدا، قېشىدىكى ۋەزىرلىرىدىن بىرى: - پادىشاھى ئالەم، ئۇنى ئاشكارا ئۇجۇقتۇرساق، بۇ ئىش خەلقنىڭ كۆزىچە بولغاچقا زورلۇق بولىدۇ. ئىناۋەتلىرىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا ئۇنى ئۆزىنىڭ قولى بىلەن باپلايلى، - دەپ ئەقىل ئۆگىتىپتۇ. - ئۇنداق بولسا! - دەپتۇ شاھ بىردىنلا تۈلكىدەك ھىجىيىپ نەزەرگە، - ساڭا ئۈ كۈنلۈك مۆھلەت بېرىمەن، سېپىللىرى، تام - تورۇسلىرىنى ئالتۇن - كۈمۇشتىن، نەقىشلىرىنى ئۈنچە گۆھەردىن قىلىپ ناھايىتى چوڭ بىر ساراي ياسايسەن. شەرتنى ئورۇنلىساڭ ئايالىڭ ئۆزەڭگە قالىدۇ. ئەگەر ئورۇنلىيالمىساڭ ئايالىڭنى ماڭا بېرىسەن! نەزەر ئۈنچىقماستىن قايتىپ كەپتۇ ۋە پادىشاھ قويغان شەرتنى ئايالىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. دىلئارام ئېرىنىڭ ئالدىغا تەييارلانغان تاماقلارنى قويۇپ، تاماق يىيىشكە دەۋەت قىپتۇ ۋە: - غەم قىلماڭ! ئارام ئېلىڭ! - دەپتۇ. نەزەر ئارام ئاپتۇ. تاڭ ئاتقاندا، دىلئارام ئۇنىڭغا رەندە، كەكە، ھەرىلەرنى سۇنۇپ: - بۇلارنى ئېلىپ بېرىپ پادىشاھ كۆرسەتكەن يەرگە تاشلاپ قويۇپ كېلىڭ، - دەپتۇ. نەزەر ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ پادىشاھ كۆرسەتكەن يەرگە تاشلاپ قويۇپ قايتىپ كەپتۇ. ئەتىسى بېرىپ قارىغۇدەك بولسا پادىشاھ دىگەندىن نەچچە ھەسسە ئىسل بىر ساراي چاقناپ تۇرغۇدەك. پادىشاھ ئوردىدىن چىقىپ، ھەشەمەتلىك ساراينى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ. شۇ ئارىدا نەزەرمۇ كەپتۇ. پادىشاھ ئۆڭۈپ، گەپ - سۆز قىلالماي تۇرۇپ قاپتۇ. شۇ ئارىدا يېنىدىكى ۋەزىر يەنە پادىشانىڭ قۇلىقىغا كۇسۇرلاپ ئەقىل ئۆگىتىپتۇ. - ساڭا ئىككىنچى بىر شەرت بار. شۇنى بېجىرىپ كەلسەڭ ئىش ئايرىۋاشلىنىدۇ، - دەپتۇ پادىشاھ، - ساڭا بىركۈنلۈك مۆھلەت بېرىمەن، بەش يۈز يىلان تۇتۇپ كېلىسەن. نەزەر غەمكىن بولۇپ قايتىپ كەپتۇ. دىلئارام مۇلايىم خۇلقى ۋە شېرىن سۆزلرى بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتىرىپتۇ. قانداق گەپلەر بولغانلىقىنى سوراپتۇ. نەزەر پادىشاھنىڭ ئىككىنچى شەرتىنى دەپ بېرىپتۇ. دىلئارام: - غەم قىلماڭ، خۇشال - خۇرام يۈرۈڭ! - بۇنىڭ چارىسى ئاسان! - دەپتۇ - دە، چاچلىرىدىن بىر قانچە تال يۇلۇپ بىر خالتىغا ساپتۇ ئاندىن ئۇنى يىگىتكە سۇنۇپ: - مانا بۇنى ئەتە پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىڭ، ئوردا ئەھلىنىڭ ھەممىسى تەل بولغان پەيىتتە خالتىنىڭ ئاغزىنىڭ ئېچىڭ! - دەپ ئۆگىتىپتۇ. نەزەر ئەتىسى ھېلىقى خالتىنى كۆتىرىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. ئوردا ئەھلى تەل بولۇپ تۇرغان ئىكەن. نەزەر: - مانا، بەش يۈز يىلاننى ئېلىپ كەلدىم، - دەپتۇ- دە، خالتىنىڭ ئېچىپتۇ. خالتا ئېچىدىن ھەر يوغان زەھەرلىك يىلانلار چىقىپ ئوردا ئىچىگە يامراپ كېتىپتۇ. پۈتۈن ئوردا ساراسىمگە چۈشۈپتۇ. ئوردا ئەھلى قاچىدىغان يەر تاپالمايۇ قېلىشىپتۇ پادىشاھمۇ يالۋۇرۇپ: - يىلانلارنى بىر تەرەپ قىلغىن، خالىغىنىڭنى قىلىپ بېرەي، - دەپتۇ. نەزەر ساددا، ئاقكۆڭۈل، مەرت بولغاچقا، رەھىمى كەپتۇ - دە، يىلانلارغا قاراپ بىر ئىسقىرتقان ئىكەن، ھەممىسى يىغىلىپ خالتىغا كىرىپتۇ. يىلانلار خالتىغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن نامەرت ۋە زالىم پادىشاھ ۋەدىسىدە تۇرماستىن نەزەرنى تۇتۇپ زىندانغا تاشلاپتۇ. دىلئارام ھەسرەت چېكىپتۇ. پادىشاھدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بىر قولايلىق پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. بىر كۈنىسى پادىشاھ ئوۋغا چىقىپتۇ. ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپ بىر كىيىك ئۇچرىتىپتۇ. كىيىك تولىمۇ چىرايلىق ئىكەن. پادىشاھ: - كىيىكنى تىرىك تۇتىمىز، ھەممىمىز ھالقا بولۇپ ئارىغا ئالايلى، ئەگەر كىم قاچۇرۇپ قويسا شۇنىڭ بېشى ئېلىنىدۇ، - دەپتۇ. ياساۋوللار كىيىكنى قاچۇرۇپ قويۇشتىن قورقۇپ، ھايت - ھۇيتلاپ توۋلاپتۇ. لېكىن پادىشاھ مەغرۇرلۇق بىلەن تۇرۇپتۇ . كىيىك دەل پادىشاھنىڭ بېشىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ قېچىپ كېتىپتۇ. بۇ ئىشتىن قاتتىق تېرىككەن پادىشاھ:لا - كىيىكنى ئۆزەم يالغۇز تۇتىمەن، ھېكىم ئارقامدىن كەلمىسۇن! - دەپ بۇيرۇپتۇ - دە، كىيىكنى قوغلاپ كېتىپتۇ. كىيىك قېچىپ بېرىپ بىر تاغنىڭ غارىغا كىرىپ كېتىپتۇ. پادىشاھمۇ ئاتتىن چۈشۈپ، كىيىكنىڭ ئارقىسىدىن غارغا كىرىپتۇ. غارنىڭ ئىچى تولىمۇ قاراڭغۇ، قورقۇنچلۇق، ئىكەن. شۇ ئارىدا غارنىڭ ئاغزى گۈلدۈرلىگەن بىر سادا بىلەن توسىلىپ، غارنىڭ ئىچى يورۇپ كېتپتۇ. بۇ دەھشەتلىك ئالەمەتتىن ئۆلگۈدەك قورقۇپ كەتكەن پادىشاھ، جېنىدىن ئۈمۈد ئۈزگەن ھالدا ئەتراپىغا سەپ - سالغان ئىكەن. ئاجايىپ - غارايىپ شەكىلدىكى قول - پۇتلىرى بار تۈۋرۈك تاشلا تۇرغۇدەك. ئارىلاپ - ئارىلاپ دەھشەتلىك ھۆكۈرەش ياڭراپ تۇرىدىكەن. تۇيۇقسىز سۇ پەرىسى دىلئارام قولىدا قىلىچ تۇتقان ھالدا پەيدا بولۇپتۇ - دە، پادىشاھقا دەھشەتلىك بىر ۋەھىمە بىلەن خىتاپ قىلىپتۇ: ئەگەر سەن نەزەرنى قويۇپ بېرىپ، پادىشاھلىقىڭنى ئۆتۈنۈپ بەرمەيدىغان بولساڭ كاللاڭنى ئالىمەن ياكى سېنى مەڭگۈ مۇشۇ غاردا قالدۇرىمەن! بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان پادىشاھنىڭ غالجىرلىغى تۇتۇپتۇ، قېلىچ بىلەن دىلئارامنىڭ چېپىپتۇ. دەھشەتلىك بىر گۈلدۈرلەش بىلەن تاڭلا دىلئارام غايىپ بولۇپتۇ. غارنىڭ ئىچىنى زۇلمەت قاپلاپتۇ. پادىشاھ ئۈچ كۈنگىچە ئۆلۈم ئازاۋىن كۆرۈپتۇ. ئاخىرى ئۇ دىلئارامنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ تۇرۇپ يالۋۇرۇپتۇ. ئۆزىنى بۇ زۇلمەتلىك غاردىن ئازات قىلسا ھەممە شەرتلەرگە كۆنۈشكە رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ. غارنىڭ ئىچىگە يەنە نۇر تولۇپتۇ - دە، قىلىچ تۇتقان دىلئارام پەيدا بولۇپتۇ. پادىشاھ يېنىدىن قەغەز، قەلەم ئېلىپ، نەزەرنى ئازات قىلىش ۋە پادىشالىقىنى نەزەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىدە ئەھدىنامە ۋە پەرمان يېزىپتۇ. ئاندىن ئالتۇن مۆھرىسىنى بېسىپ دىلئارامغا سۇنۇپتۇ. بۇ ئىشلار تامام بولغاندىن كېيىنلا ھەيۋەتلىك بىر گۈلدۈرلەش بىلەن غارنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ پادىشاھ ئاران چىقىۋاپتۇ. دىلئارام ئىشلارنى سەرەمجانلاشتۇرۇپ، ئوردىغا كەپتۇ - دە، پۈتۈن ئوردا ئەھلىنى يىغىپ پادىشاھنىڭ تىلخېتى بىلەن بۇيرۇغىنى ئوقۇپتۇ. خەلقمۇ ۋە ئوردا ئەھلىمۇ بۇ زالىم پادىشاھنىڭ تەلۋىلىگى، ئەخمەقلىغى ۋە زالىملىغىدىن جاق تويغان ئىكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ چەكسىز خوشال بولۇشۇپتۇ. دىلئارام پۈتۈن شەھەر خەلقىنى يىغىپ ئۈچ كېچە - كۈندۈز چوڭ توي - مەرىكە ئۆتكۈزۈپ خەلققە ئاش تارتىپتۇ. پادىشاھنىڭ زالىملىق بىلەن توپلىغان پۇل - دۇنيالىرىنى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپتۇ. نەزەرنى داغدۇغا بىلەن پادىشاھلىق تاختىگە ئولتۇرغۇزۇپتۇ. نەزەر بىلەن دىلئارام تۇرمۇشىنى خۇشاللىق بىلەن ئۆكۈزۈشكە باشلاپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: زۆرىخان.
← بارلىق تېمىلار چوچاق