يالغان ھۇرۇنلارنىڭ ئاقىۋىتى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن، قايسى بىر زامانلاردا ئۆتكەن بىر پادىشاھنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ھەم ساۋابلىق ئۈچۈن باققان ئۈچ ھۇرۇن ئادىمى بولغانىكەن. پادىشاھ مەخسۇس خىزمەتچى ئارقىلىق بۇ تۇغما ھۇرۇنلارنى ئەتىۋارلاپ ياخشى غىزالار بىلەن باقىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھنىڭ ئالدىغا بىر خىزمەتكار كىرىپ:
- نۇرغۇن كىشىلەر: >بىزمۇ ھورۇن ئادەملەرمىز، پادىشاھ سېخى بىزگىمۇ مېھىر - شاپائەت ئىلتىپات قىلسىكەن< دېيىشىۋاتىدۇ، - دەپتۇ.
پادىشاھنىڭ رەھمى كېلىپ ئۇلارنىمۇ خەزىنىدىن مال چىقىرىپ بېقىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئاي، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پادىشاھ باقىدىغان ھورۇنلار سارايلارغا تولۇپ كېتىپتۇ. پادىشاھنىڭ مېھىرى - شەپقىتىنى تەلەپ قىلغۇچى تەمەگەرلەر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە زور دەرىجىدە كۆپىيىپ كېتىپ: >پادىشاھنىڭ مېھىرى - شەپقىتىنى تەلەپ قىلغۇچى تەمەگەرلەر پۈتۈن بويىچە زور دەرىجىدە كۆپىيىپ كېتىپ:>پادىشاھ سېخى كۆزىنى چوڭراق ئېچىپ، بىزدەك ئاجىز ھورۇنلارنىمۇ مېھىر ئاپتىپىنىڭ، سېخىلىق بەرىكىتىنىڭ سىرتىدا قالدۇرمىغاي!< دەپ ئەرز قىپتۇ. ھالال ئىشلەپ كۈن كۆرگۈچىلەر ناھايىتى ئاز قاپتۇ. بۇ ئىشتىن پادىشاھنىڭ بېشى قېتىپتۇ. كاللىسى چاپىنىنىڭ ياقىسىغا چوڭقۇر پېتىپتۇ. يالغان ھورۇنلارغا سېخىلىق قىلغىنىغا پۇشايمان قىپتۇ. ئۇ تۇغما ھورۇنلار بىلەن يالغان ھورۇنلارنى قانداق ئايرىش ھەققىدە خىزمەتچىسىگە ئەقىل كۆرسىتىپتۇ.
خىزمەتچى پادىشاھنىڭ پەرمانى بويىچە بىر ئۆي تەييارلاپتۇكى، بۇ ئۆينىڭ تېگى ۋە تۆت تېمى پۈتۈنلەي تۆمۈردىن بوپتۇ. خىزمەتچى ئۆينىڭ ئاسىتىغا بىر خۇمدانلۇق ئوتۇن دۆۋىلەپ تەييارلاپتۇ. يالغان ھۇرۇنلار بىلەن راست ھورۇنلارنى تۆمۈر ئۆيگە سولاپ، ئوتۇنغا ئوت ياققانىكەن، يالغان ھورۇنلار زادىلا چىدىيالماپتۇ - دە، خۇددى داپقا چۈشكەن پۇرچاقتەڭ سەكرەپ، ئاللا - توۋا بىلەن جاھاننى بېشىغا كىيىپتۇ. تۇغما ھورۇنلار بولسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك بەخىرامان تۇرىۋېرىپتۇ. خىزمەتچى ئۇلارغا:>چىقىپ كېتىڭلار، بولمىسا ھەممىڭلار كاۋاپ بولۇپ كېتىسىلەر< دەپتۇ. تۇغما ھۇرۇنلار ئېرىنچەكلىك بىلەن:>بىز ئۈچۈن ۋايجان دەپ قويۇڭلار< دەپ يېتىۋېرىپتۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن كۆزەتچى خىزمەتكارلار راسىت ھۇرۇنلارنى ئايرىپ ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. يالغان ھورۇنلار ھورۇن بولۇپ بۇ يەرگە كېلىپ قالغىنىغا مىڭ توۋا قىلىپ ھەممىسى قېچىپ كېتىپتۇ.
پادىشاھنىڭ تۇغما ھورۇنلار بىلەن يالغان ھورۇنلارنى قانداق ئايرىغانلىقىنى ئاڭلىغان بارلىق تەمەگەرلەر ھورۇنلۇقنى تاشلاپتۇ. بۇرۇنقى ھۆنەر - سەنئەت ۋە ئىش - كۈشلىرىنى قايتىدىن باشلاپتۇ.
>تەمەگەر ھورۇنلارغا سەدىقە بېرىش گۇناھ< دېگەن گەپ دەل مۇشۇنىڭدىن قالغانىكەن.
ئېيتىپ بەرگۈچى: چىرىيەدىن غۇپۇر رەخمەت.