UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئالتۇن ئاياغلىق قىز

ئالتۇن ئاياغلىق قىز

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قەدىمكى زاماندا بىر كەمبەغەل بولۇپ، ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن بىرلا قىزى بار ئىكەن. قىزى خوتۇنىغا ئۆگەي ئىكەن، ئۇ خوتۇن قىزغا زادىلا كۈن بەرمەيدىكەن، شۇڭا دادا قىزىنى يىراققا ياتلىق قىلىشنى ئويلايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يىراق يۇرتتىكى بىر پادىشاھنىڭ ئوغلى بۇ قىزغا كۆيۈپ قاپتۇ. شاھزادە بىر مۇنچە ئادەملەرنى باشلاپ كېلىپ ھېلىقى دېھقاننىڭ قىزىنى ئالماقچى بوپتۇ. دېھقانمۇ قىزىنى بېرىشكە رازى بوپتۇ. تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ بىر كۈنى توي باشلاپتۇ. بۇ قىزنىڭ شۇنداق بىر خىسلىتى بار ئىكەنكى، ماڭغاندا ھەربىر بەش قەدەمدە بىر خىش ئالتۇن چۈشۈپ قالىدىكەن. شۇڭا ئۇ «ئالتۇن ئاياغلىق قىز» دەپ ئاتىلىدىكەن. توي تۈگىگەندىن كېيىن شاھزادە قېينىئاتىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن خوتۇنىنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا راۋان بوپتۇ. يولغا چىقىش ئالدىدا قېيىنئاتىسى: - ھازىر سىلەر سەپەرگە ئاتلاندىڭلار، يول ئۈستىدە كەچ بولۇپ قېلىپ قونۇشقا توغرا كەلسە، ھەرگىز يالغۇز ئۆيدە قونماڭلار، بولمىسا زىيان تارتىسىلەر. يالغۇز ئۆيدە قونغان ئادەم مېنىڭ دوستۇم ئەمەس، دۈشمىنىم. - دەپ تاپىلاپتۇ. ئۇلار ماقۇل بولۇپ ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ. ئۇلار يول يۈرۈپتۇ، بىر كۈنى قارىسا بىر يەرگە كەلگەندە كەچ بولۇپ كېتىپتۇ. قونايلى دەپ قارىسا، بىر يالغۇز ئۆي تۇرغۇدەك. ئەسلى بۇ ئۆيدە جادۇگەر كەمپىر قىزى بىلەن بىللە تۇرىدىكەن، ئۇلار يولۇچىلارنىڭ مال - مۈلكىنى بۇلايدىكەن. شاھزادە خوتۇنىغا: - بىز بۈگۈن مۇشۇ يەردە قونساق، - دەپتۇ. خوتۇنى: - ياق، دادام يالغۇز ئۆيدە قونماڭلار دېگەن. بۇ ئۆيدە قونۇشقا بولمايدۇ، - دەپتۇ. ئۇلار «قونمىساق قونمايلى» دەپ تۇرۇشىغا، ھېلىقى جادۇ گەر كەمپىر قىزى بىلەن بىللە ئۆيدىن چىقىپ، ئۇلارغا ئىززەت - ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ. جادۇگەر كەمپىر ئۇلارنى ناھايىتى ئېسىل غىزالار بىلەن كۈتۈۋاپتۇ. ھارغان مېھمانلار ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن، ئۇ سېھىر ئىشلىتىپ قار ياغدۇرۇپتۇ. جادۇگەر شاھزادىنى ئېزىقتۇرۇپ قويۇپ ئۇنىڭ خوتۇنىنى ئۆلتۈرۈپ، كىيىملىرىنى ئۆز قىزىغا كىيدۈرۈپ يىگىتكە قاتماقچى، شۇ ئارقىلىق چوڭ بەختكە يەتمەكچى ئىكەن. جادۇرگەر تاڭ ئاتقاندا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەتراپتا كىيىكنىڭ ئىزىنى پەيدا قىپتۇ. يىگىت ئويغىنىپ: - ئانا، ھاۋا ئوچۇقمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ، جادۇگەر: - ئوغلۇم، قار ياغدى. ياغقاندىمۇ كۆپ ياغدى، ئاتنىڭ ئۈزەڭگىسىگە چىققۇدەك ياغدى. تاغدىكى كىيىكلەرمۇ تۇرالماستىن ھەممىسى پەسكە چۈشۈپتۇ. بۈگۈن سىلەر كېتەلمەيدىغان بولدۇڭلار، - دەپتۇ. يىگىت ئالدىنىپ خوتۇنىنى ئويغاتمايلا مىلتىقىنى ئېلىپ كىيىك ئوۋلاشقا چىقىپ كېتىپتۇ. يىگىت سىرتقا چىقىپ قارىسا ھەقىقەتەن قار ياغقان. ھەممە ياقتا كىيىك ئىزلىرى تۇرغۇدەك. يىگىت «كىيىك ئاتىمەن» دەپ «ئىز» قوغلاپ كېتىۋېرىپتۇ. جادۇگەر كەمپىر شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قىزى بىلەن بىرلىشىپ ئالتۇن ئاياغلىق قىزنىڭ كۆزىنى ئويۇپ تاشلاپ، قۇملۇقتىن ئورا كولاپ تىرىك كۆمۈپ تاشلاپتۇ. ئالتۇن ئاياغلىق قىزنىڭ كىيىملىرىنى ئۆز قىزىغا كىيدۈرۈپتۇ. ئۆزى بىر تەرەپتە ئولتۇرۇپ ھەدەپ يىغلاپتۇ. كەچ كىرىپتۇ. كىيىك ئىزدەپ كەلگەن يىگىتمۇ قايتىپ كەپتۇ. ئۇ ئۆيىگە كىرسە جادۇگەر: - ۋاي بالام، سىز كەتكەندىن كېيىن قىزىم تالاغا چىققانىدى، شور پېشانە قىزىمنى يولۋاس ئېلىپ قاچتى..- دەپ ھازا ئېچىپتۇ. شاھزادە خىجىل بولۇپ: - ۋاي ئانا، بولىدىغان ئىش بولۇپتۇ، ئورنىغا كەلمەيدۇ، يىغلىمىسىلا، - دەپ تەسەللى بېرىپتۇ. شاھزادە ھېچنىمىنى پەرق ئەتمەي خوتۇنىنىڭ قېشىغا كېلىپ: - بىز ئەتە يولغا چىقايلىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. خوتۇنى: - بۇ سىزنىڭ قانداق ئادىمىگەرچىلىكىڭىز؟ موماينىڭ قىزىنى يولۋاس ئەپ قاچتى. ئۇ ھازىر مۇسىبەتتە. بىز ئۇنى شۇ ھالدا قويۇپ كېتىمىز دېسەك قانداق بولغىنى؟ مومايمۇ بىر ئاز تېنچلانسۇن، قارمۇ ئېرىسۇن، ئاندىن كېتەيلى! - دەپتۇ. شاھزادە ماقۇل بولۇپ جادۇگەرنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپتۇ. بىر كۈنى مومايدىن رۇخسەت ئېلىپ خوتۇنى بىلەن ئۆز يۇرتىغا مېڭىپتۇ. جادۇرگەرمۇ ئۇلارنى تۇيدۇرماستىن يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. گەپنى بۇ ياقتىن باشلايلى. شۇ يۇرتنىڭ چېتىدە بىر بوۋاي بولۇپ، ئۇ شۇ سايدىن ئوتۇن توشۇپ تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بوۋاي سايلىقتا ئوتۇن قېزىۋاتسا قۇمنىڭ ئىچىدىن بىر قول چىقىپتۇ، بوۋاي ھەيران بولۇپ ھېلىقى قولنى تارتسا، بىر ئادەمنىڭ گەۋدىسى چىقىپتۇ. چىرايىغا قارىسا چىرايلىق بىر قىز، ئەمما ئىككى كۆزى ئويۇلغان. بوۋاي بۇنى كۆرۈپ: «بەلكىم قاغا - قۇزغۇن شۇنداق قىلغان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتۇ. تازا سەپ سېلىپ قارىسا ئاغزى پىچىرلىغىدەك، يۈرىكىگە قولىنى قويۇپ تىڭشىسا، تېخى ئاز - تولا جېنى بار ئىكەن. بوۋاي: «ئوتۇن كولىمىساممۇ كولىماي مۇشۇ قىزنى پەرۋىش قىلىپ ساقايتىپ قويسام، مەنپەئەت بولۇپ قالار» دەپ ئويلاپ يېرىمجان ئايال ئىكەن مۇشۇنداق پەرۋىش قىپتۇ. بىر قانچە كۈن مۇشۇنداق پەرۋىش قىلغانىكەن، قىز خېلىلا ئوڭلىنىپ قاپتۇ. گەپ قىلالايدىغان بولغاندا ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بوۋاي بىلەن مومايغا كۆپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپتۇ. بۇ ئەسلى ھېلىقى ئالتۇن ئاياغلىق قىز ئىكەن. ئۇ بىر ئاز ياخشىلانغاندىن كېيىن بوۋاي بىلەن مومايغا قاراپ: - سىلەر قولتۇقۇمدىن يۆلەپ، مېنى بىر دەم ماڭدۇرساڭلار، - دەپتۇ. ئۇلار قىزنى قولتۇقىدىن يۆلەپ ماڭغۇزغانىكەن، ئايىغىدىن ئىككى ئالتۇن خىش چۈشۈپتۇ. قىز بوۋايغا: - سىز بۇ ئالتۇننى بازارغا ئېلىپ بېرىپ سېتىپ ئۆيگە خىراجەت قىلىڭ، - دەپتۇ. بوۋاي ئالتۇننى بازارغا ئېلىپ بېرىپتۇ ۋە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ نامرات ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى خېلى ياخشىلىنىپ قاپتۇ. بىر كۈنى قىز ئۇلارغا ئۆزىنى يەنە ماڭغۇزۇۋېتىپكەن. يەنە ئىككى خىش ئالتۇن چۈشۈپتۇ. قىز بۇ ئالتۇننى بوۋايغا تەڭلەپ: - كىمكى ئادەم كۆزىدىن بىر جۈپ بەرسە شۇنىڭغا بېرىپ، كۆزلەرنى ئېلىپ كېلىڭ، - دەپتۇ. بوۋاي بازارغا بېرىپتۇ. بازاردىكى ھەممە ئادەم ئالتۇن خىشلارغا قىزىقىپتۇ. ئالايلى دېگەنلەر ئادەم كۆزىگە سېتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ مەيۈسلىنىپتۇ. توساتتىنلا ھېلىقى جادۇگەر موماي كېلىپ قاپتۇ. ئۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ، خۇشاللىقىدا ئۆيىگە بېرىپ بىر جۈپ كۆزنى ئېلىپ كېلىپ بوۋايغا بېرىپتۇ. بوۋاي بۇ ئىككى كۆزنى قىزغا بەرگەنىكەن قىز ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بىر نەچچە قەدەم مېڭىپتۇ. يەنە ئىككى ئالتۇن خىش چۈشۈپتۇ. قىز ئالتۇننى بوۋايغا تەڭلەپ: - كىم سىزگە يەتتە يىل قىرقىمىغان ۋە ئۆچكىگە قوشمىغان تېكىدىن ئىككىنى بەرسە شۇ كىشىگە بۇ ئالتۇنلارنى بېرىڭ، - دەپتۇ. بوۋاي بازارغا بارسا بۇنداق تېكە ھېچكىمدىن چىقماپتۇ. يەنە ھېلىقى جادۇرگەر ئىككى تېكىنى ئېلىپ كېلىپ، ئىككى خىش ئالتۇننى ئېلىپ كەپتۇ ۋە ئالتۇنلارنى كۈيئوغۇلغا ئەۋەتىپ، ئۇنى گوللاپتۇ. بوۋاي بۇ ئىككى تېكىنى ئېلىپ كېلىپ قىزغا كۆرسىتىپتۇ. قىز: - بوۋا، بۇ ئىككى تېكىنى تىرىك تۇرغۇزۇپ سويۇڭ - دە، بۆرەك يېغىنى ئىسسىقىدا ماڭا بېرىڭ، - دەپتۇ. بوۋاي تېكىنى قىزنىڭ دېگىنى بويىچە سويۇپتۇ. قىز ئۆز كۆزىنى بۆرەك يېغى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆزى ئورنىغا چاپلىغانىكەن، كۆزى سەللىمازا بولۇپ ساقىيىپتۇ. قىز بىر ئاز ماڭغانىكەن، ئىككى ئالتۇن خىش چۈشۈپتۇ. بۇنى بوۋايغا بېرىپ بازاردىن ھەرخىل مەشۈت ئەكەلدۈرۈپتۇ، يىپەكلەردىن چىرايلىق دوپپا تەييارلاپتۇ. بوۋايغا دوپپىنى بېرىپتۇ - دە: - كىم سىزگە مۇشۇ دوپپىغا لىق تولدۇرۇپ ئالتۇن بەرسە، شۇنىڭغا بېرىڭ، - دەپتۇ. بۇ دوپپىنى ھەممە كىشى ئېلىشقا قىزىقىپتۇ - يۇ، لېكىن بەك قىممەتلىكىدىن ئاستا كېتىپ قالىدىكەن. ھېلىقى جادۇگەر يەنە پەيدا بولۇپتۇ. ئۇ دوپپىنى ئېلىپ كۈيئوغلىغا ئەۋەتىپ بېرىپتۇ. شاھزادە يىگىتمۇ ھېچنەرسىنى سەزمەپتۇ. بوۋاي بىر دوپپا ئالتۇننى ئاپىرىپ ئالتۇن ئاياغلىق قىزغا بېرىپتۇ. قىز بوۋايغا: - بۇ ئالتۇنلارغا بىر گۈمبەز سالدۇرۇڭ. مەن ھازىر ئۆلىمەن، - دەپتۇ. ئۆلۈش ۋاقتىدا ئىككى يۈز خىش ئالتۇن چۈشۈرۈپ بېرىپتۇ. بوۋاي بىلەن موماي قىزنى گۈمبەز ئىچىگە قويۇپتۇ. قىز ئەسلىدە ھامىلىدار ئىكەن. گۈمبەز ئىچىدە كۆزى يورۇپتۇ. بالىسى ئۇنى ئەمگەنىكەن، ئۇنىڭدا سۈت پەيدا بوپتۇ. بالا ئانىسىنى ئېمىپ يۈرۈپ ماڭالايدىغان بوپتۇ. ئۇ كۈندۈزلىرى سىرتقا چىقىپ ئوينايدىكەن، كېچىسى گۈمبەز ئىچىدە ياتىدىكەن. ئەمدى گەپنى پادىشاھنىڭ ئوغلىدىن ئاڭلايلى. شاھزادە جادۇرگەرنىڭ قىزى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈۋېرىپتۇ. شاھزادىنىڭ بىر قۇشى بار ئىكەن، ئۇ داۋاملىق ئوۋ ئوۋلايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قۇشنى كەكلىككە قويۇپتۇ، ئەمما قۇش كەكلىككە قارىماي، يىراققا قاراپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. شاھزادە «قۇشنى يوقىتىپ قويىدىغان بولدۇم» دەپ قورقۇپتۇ - دە، ئېتىنى مىنىپ قوغلاپتۇ. بارسا بىر چىمەنزارلىق ئىچىدە بىر گۈمبەز تۇرغىدەك، قۇش شۇ گۈمبەزنىڭ ئۈستىگە قونۇپتۇ. شاھزادە قۇشنى قولىغا ئېلىپ، ئەتراپىغا قارىغانىكەن، بىر كىچىك بالىنىڭ ئىزى كۆرۈنۈپتۇ. شاھزادە ھەيران بولۇپ ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ. ئەتىسى ئوۋ ئوۋلاشقا چىقىپ قۇشنى قويۇۋەتسە، قۇش يەنە ئۇچۇپ بېرىپ گۈمبەزگە قونۇۋاپتۇ. بۇ ئىش تۆت كۈنگىچە شۇنداق تەكرارلىنىپتۇ. شاھزادىنىڭ كۆڭلىدە گۇمان پەيدا بولۇپتۇ. ئۇ قۇشنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ گۈمبەز ئەتراپىدىكى چىمەنزارلىققا يوشۇرۇنۇپتۇ. بىردەمدىن كېيىن گۈمبەزدىن بىر ياشلىق، يالاڭئاياغ بىر ئوغۇل بالا چىقىپتۇ. شاھزادە ئاستا بېرىپ بالىنى تۇتۇۋاپتۇ. بالىمۇ ھېچ تارتىنماستىن، يۈزىنى شاھزادىنىڭ يۈزىگە يېقىپتۇ. شاھزادىنىڭ بۇ بالىغا مېھرى چۈشۈپ قاپتۇ - دە بالىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپتۇ. بالا ئۆيگە كىرىپلا جادۇرگەرنىڭ قىزىنى كۆرۈپ چىرقىراپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. بالا تولا يىغلاپ ھوشسىزلىنىپتۇ. شاھزادە ئىلاجسىزلىقتىن بالىنى يەنە گۈمبەزگە قايتۇرۇپ كەپتۇ. بالا تىنچلىنىپتۇ - دە، قولى بىلەن گۈمبەزنىڭ ئىچىنى كۆرسىتىپتۇ. شاھزادە بالىنى كۆتۈرۈپ گۈمبەزنىڭ ئىچىگە كىرسە چىرايى ئۆزگەرمىگەن، خۇددى ئۆز خوتۇنىغا ئوخشاش بىر ئايالنىڭ ئۆلۈكى تۇرغىدەك، بالا پەسكە ئېتىلىپتۇ. بالىنى يەرگە قويغانىكەن، ئۇ بېرىپ ئايالنى ئېمىپتۇ. شاھزادە بۇنى كۆرۈپ ھوشسىزلىنىپ يىقىلىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ ئايالىنى يۆلىگەنىكەن، ئۆلۈك ئايال خۇددى ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بېشىنى كۆتۈرۈپتۇ. ئالتۇن ئاياغلىق قىز بىر قاراپلا ئېرىنى تونۇپتۇ - دە، سۆزلەشكە باشلاپتۇ: - بىز دادامنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي جادۇگەرنىڭ ئۆيىدە قوندۇق، جادۇگەر سېھرى ئىشلىتىپ سىزنى ئوۋ ئوۋلاشقا ماڭدۇرۇۋېتىپ، مېنىڭ كۆزۈمنى ئويۇپ تاشلاپ تىرىك كۆمدى، سىزنى ئالداپ ئۆز قىزىنى بەردى، سىز ئۇنى پەملىدىڭىز، - دەپتۇ. شاھزادە بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئەس - ھوشىنى يىغىپ قاتتىق غەزەپكە كەپتۇ - دە، دەررۇ بېرىپ، جادۇگەرنىڭ قىزىنى ۋە جادۇگەرنى ئۆلتۈرۈپتۇ. گۈمبەزدىن خوتۇنى ۋە بالىسىنى ئېلىپ بېرىپ، يېڭىباشتىن چوڭ توي قىلىپ خۇشال - خۇرام تۇرمۇش كۆچۈرۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق