ئىككى يولۇچى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇنىڭدىن تالاي يىللار ئىلگىرى يالغۇز ئوغلى بار بىر بوۋاي بولغانىكەن. زامان ئېگىز - پەس بولۇپ تۇرغان بىر يىلى بوۋاي:
- ئوغلۇم، تىزناپ دەرياسى بويىدا بىر شەھەر بار، سەن كىچىك چاغدا ئاچاڭنى شۇ شەھەردىكى بىر باينىڭ ئوغلىغا ياتلىق قىلغانىدۇق. ھازىر سەنمۇ شىردەك قۇۋۋەتلىك يىگىت بولۇپ قالدىڭ. ساڭا يېشى توختىغان، ئەقىللىق بىر كىشىنى قوشۇپ بېرىمەن، جاپا تارتساڭمۇ بېرىپ، شۇ ئاچاڭنىڭ ھال - ئەھۋالىنى بىلىپ كەل، - دەپتۇ.
يىگىت بوۋاينىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۆزىگە يېشى ئەللىكتىن ئاشقان بىر كىشىنى ھەمراھ قىلىپ يولغا چىقىپتۇ. بۇلار شۇ يۈرگىنىچە يول يۈرۈپ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ، >ماڭسا تۈگىمەس< دەپ ئاتالغان چۆل - جەزىرىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپتۇ. >يول ئازابى - گۆر ئازابى< دېگەندەك ھېرىپ - ئېچىپ، پۇت - قولىدىن ماغدۇرى قېچىپ ئاران كېلىۋاتقىنىدا، ئالدىدا بىر ئۆي كۆرۈنۈپتۇ. بىچارىلەر ئۆزلىرى ئۇسساپ، ئاتلىرى ئاقساپ قالغانلىقتىن، ھېلىقى ئۆيگە كېلىپ چۈشۈشكە مەجبۇر بولۇپتۇ. شۇم زاماندا ياخشىراق كىيىم - كېچەككە ئىگە بولالمىغان يىرتىق چاپانلىق يىگىت بىلەن ئاددىي ئادەمنى كۆزگە ئىلمىدىمۇ ياكى خالىس مېھمان بولۇپ خۇشتى يوقمۇ ۋە ياكى بولمىسا >غەيرى غەرەزلىك كىشىلەر< دەپ قارىدىمۇ، ئىش قىلىپ، ئۆي ئىگىسى ئۇلارنى سۇغۇققىنا قارشى ئاپتۇ. ساھىبخاننىڭمۇ خوتۇنى ھويلىدىن ئۆيگە كىرمەپتۇ. ئۆي ئىگىسى ماتا توقۇيدىكەن، ئۇ قىلىۋاتقان ئىشتىن قول ئۈزمەي تۇرۇپ:
- نېمە ئىش بىلەن كېلىپ قالدىڭلار؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئاتا! زامانى ئاۋۋالدىن يول ئۈستىدىكى قونالغۇدا قونۇپ ئۆتىدىغان ئادىتىمىز بارغۇ؟! شۇ ئادىتىمىز بويىچە كېلىپ قالدۇق، - دەپتۇ يولۇچىلار.
بۇ ئورۇنلۇق سۆزدىن خىجالەت بولغان ئۆي ئىگىسى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، كۈلۈپ:
- ئانىسى، ھەي ئانىسى. تېزرەك چېيىڭنى قاينىتىپ، بۇ ئېزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋال! - دەپتۇ.
يولۇچىلار قورساقلىرىنى ئوبدان تويغۇزۇپ، ئاتلىرىغا يەم - خەشەك بېرىپ سۇغۇرۇپ، خوشلىشىپ يولىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپتۇ. كەچقۇرۇن ئۇلار بىر قويچىغا يولۇقۇپ، ئۇنىڭدىن يول سوراپتۇ.
- كۈن بالدۇرراق بولسىمۇ، ئەنە ئاۋۇ ئۆيدە قونساڭلار ياخشى بولاتتى. ئۇ مېھمان باي دېگەن كىشىنىڭ ئۆيى، ئۆزى مېھمانغا ئامراق، ئاقكۆڭۈل، ياخشىغا ياتلىقى يوق، ئوچۇق - يورۇق ئادەم؛ ئاۋۇ چەتتىكى تۇرغان رۇسۇل بېخىل دېگەن پىخسىقنىڭ ئۆيى. مېھمان كەلسە تۆت پۇتى ئۆرە قالىدىغان، تۇز - تائام تېتىماي يولغا سالىدىغان مۇز تەلەت ئادەم؛ ئۇنىڭدىن ئۆتسەڭلار پۇشايمان باينىڭ ئۆيى بار، ئۇنى ئۆزۈڭلارمۇ بىلىپ قالارسىلەر، - دەپتۇ.
- رۇسۇل بېخىلنىڭ ئۆيىدە كىملەر بار؟
- باي ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى، يالغۇز ئوغلى بىلەن كېلىنى ۋە خىزمەتكار يىگىتلىرى بار.
- ئۇنىڭ ئۆيىدە نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ يولۇچىلار. قويچى:
- بۇنىسىنى سوراپ نېمە قىلىسىلەر؟ باي يالغۇز ئوغلىغا تاللاپ يۈرۈپ، يەنە بىر باينىڭ يالغۇز، ئەركە نايناق قىزنى ئېلىپ بەرگەنىدى، ئەركە قىز ئۆيگە كېلىپلا، >ھەممىنى ئۆزۈم باشقۇرىمەن< دېگىلى تۇردى. بۇنىڭغا يولۋاستەك باي بىلەن ئېيىقتەك خوتۇن نەدىمۇ رازى بولسۇن؟! قېيىن ئانىسىنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قېچىپ كېتىۋەردى. كېلىنى ئۆيىدە تۇرمىغاندىن كېيىن باي بىلەن خوتۇنى بىرلىشىپ ئوغلىغا: >>بالىنى يېشىدىن، خوتۇننى بېشىدىن< دېگەن، خوتۇنىڭنى ئەركىلىتىپ بېشىڭغا قوندۇرۇۋالدىڭ، بۇ قېتىم كەلگەندە ئۆزۈڭنى بىر تونۇتۇپ قويمىساڭ، قۇشلاپ باققان ئاشۇ نازلىق بىلەن ئۆت!< دەپ ئوغلىنى كۆپتۈرۈپ قويدى. بۇ گەپ ئوغۇلغا خېلى ئۆتكەن بولسا كېرەك ئەتىمالىم، ئۇ كۆرەڭلەپ بېرىپ، ئايالىنى ھەيدەپ كېلىپ، ئۆلگۈدەك ئۇرۇپ يىقىتىپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، كېلىن كىرپىدەك تۈگۈلۈپ، بەللىرى پۈكۈلۈپ، ئورۇن تۇتۇپ كۆزىنى ئاچماي يېتىپ قالدى. بۇنى كۆرۈپ باينىڭ ئوغلى قورقۇپ: >خوتۇنۇمغاجىن چېپىلدى< دەپ، رەمچى - باخشى، داخانلارنى چاقىرىپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ھېچبىر مەنپەئىتى بولمىدى. تاياق زەربىسىدىنمىكىن، نېمە يېسە قۇسۇپ، جاقىلداپ تىترەيدۇ، بەئەينى ساراڭنىڭ ئۆزى، - دەپتۇ.
باينىڭ ئۆيىدىكى ئەھۋالنى بىلىۋالغان يولۇچىلار داخان قىياپىتىدە شۇ ئۆيگە چۈشۈپتۇ. ئۇلار ئاتتىن چۈشۈۋاتقاندا، باينىڭ خىزمەتكارىدىن بىرى:
- ئۆيدە ئاغرىق كىشى بار، قونۇشقا بولمايدۇ، - دەپ ئالدىغا چىقىپتۇ.
- بولمايدۇ بىلەن شالتاي - پالتايلىرىڭنى قوي! >باينىڭ ئەركە كېلىنى ئاغرىق، شۇ ئۆيگە بېرىپ چۈشۈڭلار!< دەپ، جىن - پەرىلىرىم ئەۋەتتى. مەنمۇ ياش ئايالنى ئاغرىققا خار قىلماي، دەم سېلىپ - ئوقۇپ، ۋاقتىدا ساقايتاي دەپ كەلدىم، بۇ مېنىڭ شاگىرتىم، - دەپتۇ يولۇچىلارنىڭ بىرى. بۇ گەپنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئاڭلىغان باينىڭ خوتۇنى يۈگۈرۈپ چىقىپ:
- لەۋزىنى قايتۇرماڭلار، خالس مېھمانكەن، - دەپ، ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپتۇ.
>داخان< لار ئۆيگە كىرىپ، ئاۋۋال مايلىق پولوغا راسا تويۇۋېلىپ، كېرىلىپ - كېكىرىپ، ئۇسسۇزلۇق ئىچىشكەندىن كېيىن، ئۇ يەر - بۇ يەرگە نوكچىلارنى قاداپ، >سۈپ كۆچ< قىلىپ دۇئا ئوقۇقا كىرىشىپتۇ.
ئەززەمتۇنى ئوقۇيمەن،
جىنغا توقۇم توقۇيمەن.
جىن سەكرىسە سەكرىسۇن،
مەن سەكرىمەي ئوقۇيمەن.
سېنى ئۇرۇپ ئاغرىتقان،
ئەرنى مەنمۇ نوقۇيمەن.
سۆزلىرىمگە قۇلاق سال،
يۈز - كۆزىنى چوقۇيمەن.
كۆچ - قوقاق، كۆچ - كۆچ!
ئەسكى تاملىققا بار،
كونا يارلىققا بار.
يالغۇز قارىغاچقا بار،
دۈمبىسى ئالىماچقا بار.
كونا تۈگمەنگە بار،
پاقىنى سۈزگەنگە بار.
نېنىنى يېيەلمەسكە بار،
ئېشىنى ئىچەلمەسكە بار.
ئەڭلىنى كىيەلمەسكە بار،
گېپىنى دېيەلمەسكە بار.
ئىشىنى قىلالماسقا بار.
سۆزىدە تۇرالماسقا بار.
كۆچ قوقاق، سۈپ - سۈپ!
نە بالاغا يولۇقتۇڭ؟!
تۇرمىغىنىڭ نېمىسى.
بۇ كۈلپەتكە قالدۇرغان،
قېيىن ئاناڭنىڭ ھىيلىسى...
خام - خاتىلا گۈرۈچتىن بولدىمۇ؟
يېلىڭ - يۇپۇڭ يۈرۈشتىن بولدىمۇ؟
خوجايىنلىق قىلغان چېغىڭدا،
قالايمىقان ئۇرۇشتىن بولدىمۇ؟
ئۆيگە ئۆتكەن تامچىدىن بولدىمۇ؟
ساغراڭغا تەگكەن قامچىدىن بولدىمۇ؟
ئوغلىغا سۈكۈت بېرىپ ئۇرغۇزغان،
باينىڭ خوتۇنى - غالچىدىن بولدىمۇ؟!
تېز كەلتۈرۈڭلار، قايماق، قاتلىما،
دەردىڭنى تاپتىم ئەمدى داتلىما.
بىزمو يول يۈرۈپ قالغانىدۇق ئاچ،
بېرەرىڭنى بەر، باشنى قاشلىما!
دەپ بىر چىنە قايماق بىلەن بىر جۈپ يۇمشاق توقاچ ئالغۇزۇپتۇ. قايماقنى >دېمىدە< دەپ بىر - ئىككى قوشۇق ئىچكۈزۈپ قويۇپ، تېخىمۇ ھۈرۈپ، >سۈپ - كۆچ< قىلىشقا باشلاپتۇ:
ئاق دېگەنمۇ - كۆك دېگەن.
>خوجايىن قىز - مەن< دېگەن.
سەن بىچارە ئەركىنى
ئۇرۇۋېرىپ ئەپلىگەن؛
ئۆز بېشىدىن قورققاچقا
داخان، تېۋىپ سەپلىگەن.
كۈنۈڭ شۇنداق ئۆتەمدۇ،
ئۇرسام كۆزدىن يۈتەمدۇ؟!
دەپ ئۆيدە ئولتۇرغانلارغا دوق قىلىپ قويۇپ، باينىڭ ئوغلىنى قامچىلاپ ساۋاشقا باشلاپتۇ، ئېرىدىن تاياق يەپ، خاپىلىقتا ئاغرىپ يېتىۋالغان كېلىن، بۇ ھالنى كۆرۈپ، >دەرتىن خارىج تېپىپ< يېنىكلىشىپ قاپتۇ. يوتقانغا كېلىننى قايتىدىن يۆگەپ قويغان >داخان<:
- كەلتۈردى يۇمشاق نان، قايماق ۋە قۇرت، ھەرگىز ئېشىپ قالمىسۇن ھەممىسىنى يۇت، باي ئاكا، سېمىزرەك بىر پاقلاننى تۇت، پۇتلاپ كىرگەن ئاغرىق مىسقاللاپ چىقىدۇ، دېگەنىدى يۇرت! - دەپ دۇئاغا قولىنى ئېچىپتۇ.
باي مېھمانلاردىن مەمنۇن بولۇپ، ئۇلارنى يېڭى باشتىن كۈتۈشكە باشلاپتۇ ۋە يولۇچىلاردىن:
- >مىڭنىڭ رەڭگىنى تونىغۇچە، بىرنىڭ ئىسمىنى بىل< دېگەن گەپ بار، ئىسمىڭلار نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ.
- مېنىڭ ئىسمىم ھەمراھ، بۇنىڭ ئىسمى - سەپەر، - دەپتۇ >داخان<.
شۇنداق قىلىپ، رۇسۇل بېخىل مېھمانلارنى نۇرغۇن سوۋغا - سالام يولغا سېلىپ، كېلىنىنىڭ >ئاغرىقى< نى سوراپ كەلگەنلەرگە >داخان< نى ماختاپ بېرىدىغان بولغانىكەن.