ۋىجدانلىق ئايال
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئۆتكەن زاماندا قەھرىمۇ بار، زەھرىمۇ بار بىر پادىشاھ ياشىغان ئىكەن. ئۇ چوڭ ئىشلارنى ئادالەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىكەن. ئەمما مىجەزى كەسكىن ۋە شەپقەتسىز ئىكەن. شاھنىڭ ئوڭ قولى ۋەزىرى بولسا، ئىچى تار، كۆزى كىچىك، قارا نىيەت ئادەم ئىكەن. گەرچە ئۇنىڭ ئايالى ياش چاغلىرىدا تەڭداشسىز گۈزەل مەلىكىلەردىن بولسىمۇ، يىللار ئۆتكەنسېرى رەڭگى سۇلۇپ ئايدەك يۈزلىرىگە قورۇق چۈشۈپ، ۋەزىرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. شاھنىڭ سول قول ۋەزىرى دانىشمەن، مەردانە ئادەم ئىكەن. ئۇ ئوۋچىلىق بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىدىكەن، ئۆزى ماھىر مەرگەنلەردىن ئىكەن. سول قول ۋەزىر مۇشۇ شەھەرلىك بولسىمۇ، قولىنى قاياققا سوزسا شۇ ياققا يېتىدىغان ھالەتتە بولسىمۇ، بۆلەك شەھەردىن، بىر نامرات ئادەمنىڭ يالغۇز قىزىنى ئەمرىگە ئالغان ئىكەن. بۇ ئايال شۇنچە چىرايلىق، كېلىشكەن بولۇپ قالماستىن، ۋىجدانلىق ئىكەن. بۇ ئايال شۇنچە چىرايلىق، كېلشكەن بولۇپ قالماستىن، ۋىجدانلىق ئىكەن. بۇ خىل پەزىلىتى بىلەن تىللاردا داستان ئىكەن. ئەمما ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ كۆزى بۇ ئايالغا چۈشكەن ئىكەن. شۇڭا خېلى ئوزۇندىب بېرى بۇ چىرايلىق ئايالنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش نىيىتىدە ئىكەن. ئۇ ئاخىرى سول قول ۋەزىرنى جىمىقتۇرۇۋېتىپ، بۇ ئايالنىڭ ۋىسالىغا يېتىش كويىغا چۈشۈپتۇ. بىراق، ھېچبىر ئەپلىك چارە تاپالماي خېلى ئاۋارە بولۇپتۇ. دەل شۇ كۈنلەردە پادىشاھ ئىگىز راۋاققا چىقىپ پۈتكۈل شەھەرگە نەزەر تاشلاپتۇ. يىراقتىكى ياپ - يېشىل تاغلار، تاغ ھاۋاسى شاھقا ھوزۇر بېغىشلاپتۇ. كۆڭلى كىيىك گۆشى تارتىپ قاپتۇ، راۋاقتىن چۈشكەندىن كېيىن سول قول ۋەزىرنى چاقىرتىپ، كىيىك تۇتۇپ ئەپكېلىشكە بۇيرۇپتۇ. سول قول ۋەزىر بۇ ۋەزىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىرمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپتۇ، ئۇنىڭمۇ بىللە بارغىسى كەپتۇ. پادىشاھنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ تۇرۇۋاپتۇ. ئاقىۋەت ئىككى ۋەزىر بىر مۇنچە چەۋەندازلارنى ئەگەشتۈرۈپ، كىيىك تۇتۇپ كېلىش ئۈچۈن ئوۋغا چىقىپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ خىيالى كىيىك تۇتۇشتا ئەمەس، مۇشۇ ئەپلىك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سول قول ۋەزىرنى كۆزدىن يوقىتىشتا ئىكەن. ئۇلار يىراقلاپ ماڭغانسېرى، ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ بۇ نىيىتى كۈچىيىپ بېرىپتۇ. ئۇلار جىلغا ئىچىدە كېتىۋاتسا، تاغ ئارىسىدا بىر جۈپ كىيىك ئوتلاپ يۈرگىدەك. سول قول ۋەزىر ئوقيانى كىيىككە چەنلەپتۇ، ئوڭ قول ۋەزىر بولسا بېرىراق تۇرۇپ، ئوقيانى سول قول ۋەزىرگە چەنلەپتۇ. سول قول ۋەزىر ئوقنى كىيىككە قارىتىپ ئۇزىشى بىلەن تەڭلا، ئوڭ قول ۋەزىر سول قول ۋەزىرنى ئېتىپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ دۈمبىسىدىن كىرىپ، مەيدىسىدىن چىقىپتۇ. باتۇر، مەردانە سول قول ۋەزىر شۇ يەردىلا يېقىلىپ جان تەسلىم قىپتۇ. چەۋەندازلىرى ئۇنى قۇچاقلاپ يىغلىشىپ كېتىپتۇ. تاغلارنىڭ ئىچىنى مۇسىبەت قاپلاپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر ئۆز قىلمىشىنى يوشۇرۇپ: >مەنمۇ بىر كىيىككە قارىتىپ ئاتقان ئىدىم، ئوق ئېزىپ كېتىپ سول قول ۋەزىرگە تېگىپ كەتتى. ئامال قانچە، بۇمۇ خۇدادىن كەلگەن ئەجەل. تەقدىرگە تەن بەرمەي ئىلاجىمىز يوق< دەپ، سول قول ۋەزىرنىڭ جەسىدىنى شۇ يەرگە قويغۇزۇپتۇ. ئوۋدىن قايتىپ كېلىپ، بۇ شۇم خەۋەرنى سول قول ۋەزىرنىڭ ئايالىغا يەتكۈزۈپتۇ. بۇ ئايال شۇ چاغدا تۇغۇتتىن ئەمدى قوپقان ئىكەن. گۈزەل ئايال يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ، ئىلاجىسىز داغۇ - ھەسرەتتە ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە ئول قول ۋەزىر، پادىشاھنىڭ سەمىگە سالمايلا پەرمان چۈشۈرۈپ بۇ ئايالنى ئورىدىن كۆچۈرۈۋېتىپتۇ. ئايال چەت بىر كوچىدىكى ئەسكى ئۆينى ماكان قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ۋەزىر بۇ ئايالنىڭ بىرەر ئايلىق ئوزۇقى بىلەن بىرەر قۇر ئۆي سايمانلىرىنى بېرىپلا قالغان مۈلۈكلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەرمەپتۇ. كېيىنرەك ئوردىدىن بېرىلىدىغان نەپەقىلەرنى توختىتىپ قويۇپتۇ. ئەمما بۇ ئايالنىڭ قولى چىۋەر ئىكەن. يېڭى ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن تۇرمۇشنىڭ ھەر خىل ئېغىرچىلىقىلىرىغا بوزەك بولماي تاقابىل تۇرۇپتۇ. كۈنىگە ئۈچ يىك يىپ ئىگىرىدىكەن. بىر يىك يىپنى بىر ياچەنگە سېتىپ، نان، چاي، تۇز ئالىدىكەن، قالغىنىنى بىر خالتىغا سېلىپ يىغىدىكەن. ئۇنىڭ كۈنى مانا مۇشۇنداق يىپ ئىگىرىپ سېتىش بىلەن ئۆتىدىكەن. يىغلاپ، قاقشاپ يۈرۈپ ئارىدىن سەككىز ئاي ئۆتۈپتۇ. ئايال نامرات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئېرىنىڭ قارىسىنى تۇتۇپ، بالىسى بىلەن ئەمەك بولۇپ ئۆتىدىكەن.
ئوڭ قول ۋەزىر بولسا، بۇ ئايالنى كۆرۈپ تۇرىدىكەن. ھەر كۈندە ئۆزىنى بىر يوقىتىپ قويىدىكەن. شۇنداق داغۇ - ھەسرەت ئىچىدە سەككىز ئاينى ئاران توشقۇزۇپتۇ. تاقىتى تاق بولۇپ سەۋرى تۈگەپتۇ. ئاخىر بۇ گۈزەلنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈپتۇ. سول قول ۋەزىرنىڭ ئايالى قۇندۇزدەك قاپ - قارا چاچلىرىنى ھەر يانغا تاشلاپ، شىرىن ئۇيقۇدا يېتىپ بىر چۈش كۆرۈپتۇ: گۇگۇم ۋاقتىدا ئىككى تەرىپى ئىگىز دەرەخزارلىق بىر كوچىدا ئالدىراپ ئۆزى يالغۇز كېلىۋاتقۇدەكمىش. كوچىدا ئۇنىڭدىن بۆلەك بىرەرمۇ ئادەم كۆرۈنمەپتىمىش.بىردىن ئۇنى سەل سۇر بېسىپتۇ. چېكىلىرىدىن چىپىلداپ تەر چىقىپتۇ. دەرەخلەرنىڭ كەينىدىن يوغان ھەم يۇڭلۇق ئۈچ يولۋاس سەكرەپلا چىقىپتىمىش. يولۋاسلار ئۈچ تەرەپتىن ئاغزىلىرىنى يوغان ئېچىپ خىرىس قىلىپ، كۆزلىرىدىن ئوت چاچرىتىپ كېلىۋاتقىدەك. ئايال ئارقىسىغا داجىشىغا ئۈچ يولۋاس بىراقلا سەكرەپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپتۇ... ئايال >ۋا< دەپ چىرقىراپ ئويغىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئەنسىز ئاۋازىدىن قورقۇپ كەتكەن بالىسى چۆچۈپ يىغلاپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئەنسىز ئاۋازىدىن قورقۇپ كەتكەن بالىسى چۆچۈپ يىغلاپ كېتىپتۇ. ئايالنىڭ چىرايى ساماندەك سارغىيىپتۇ. يۈرىكى گۈپۈلدەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. ئايالنىڭ چىرايى ساماندەك سارغىيىپتۇ. يۈرىكى گۈپۈلدەپ ئۇرۇپ ئاغزىغا تىقىلىپتۇ. ئۆينىڭ تۆت تېمى، بۇلۇڭ - تورۇسلىرى كۆزىگە سۈرلۈك، ئەندىشىلىك كۆرۈنۈپ كېتىپتۇ. ئەتراپقا نەزەر سالسا، قورقۇنچلۇق تۇيۇلۇپتۇ. بالىسىنى باغرىغا بېسىپ يىغلاپ ئىسەدەپ كېتىپتۇ. بالىسى ئۇنىڭغا قاراپ تېخىمۇ قاتتىق يىغلاپتۇ. شۇ كېچە بۇ غۇربەتچىلىك باسقان ئۆيدە قىيامەت قايىم بوپتۇ. پەقەت سۈبھى ۋاقتىدا، بالا يىغلاپ ھېرىپ، ئۈنلىرى بوغۇلۇپ يىغىدىن توختاپتۇ. ئايال يالغۇز ئۆيدە بالىسىنى كۆتۈرۈپ ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپ، دەھشەتلىك خىياللار ۋەھىمىسى ئاستىدا تاڭنى ئاتقۇزۇپتۇ. سەھەردە بەش سەر ياچەن بىلەن ئىككى ناننى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ سەدىقە بېرىۋېتەي دەپ مېڭىپتۇ. بىر تۇل خوتۇننىڭ ئۆيىگە كىرىپ بېرىپتۇ. تۇل خوتۇن ئۇنى قىزغىن قارشى ئاپتۇ. چاي راسلاپ، ئالدىغا داستىخان ساپتۇ. چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ ۋەزىرنىڭ ئايالى گەپنى باشلاپتۇ. كۆرگەن چۈشىنى ۋە كېچە تارتقان ئازاب ئوقۇبەتلىرىنى بىر - بىرىدىن بايان قىپتۇ. تۇل خۇتۇن ئۇنىڭ گېپىنى زەڭ سېلىپ ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن:
- ئاپلاھۇ ئەكبەر، يامان چۈش كۆرۈپ قاپسەن، قىزىم، بۇ چۈشۈڭدىن قارىغاندا، قارا نىيەتلىك بىلەن قىلىنغان بىر چوڭ سۈيىقەتس جېنىڭغا قاتتىق تىكىلىپ تۇرۇپتۇ، - دەپ تەبىر بېرىپتۇ ۋە ئايالنى ھوشيار بولۇشقا، قورقماسلىققا دەۋەت قىپتۇ. ئايال بولسا ئۆز چۈشىنىڭ تەبىرىنى ئاڭلاپ چوڭقۇر غەمگە پېتىپتۇ. چۈشىنى ئيېقىنىغا مىڭ بىر پۇشايمان قىپتۇ. قالايمىقان، ئەندىشىلىك پىكىر - خىياللار ئىلىكىدە ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. ئاشۇ ئېغىر كۈنلەردىمۇ يىپ ئىگىرىشنى توختاتماپتۇ. بازارغا يىپ ئىگىرىپ ئەپچىقىپ سېتىپ تۇرۇپتۇ. بىر كۈنى ئالتە يىك يىپنى كۆتۈرۈپ بازارغا چىقىپتۇ. يىپ بازىرىغا بېرىپ ئالدىغا قويۇپ ئولتۇرسا، ئوڭ قول ۋەزىر بىر توپ نۆكەرلەر بىلەن ئېتىنى ئوينىتىپ كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئاز ئۆتمەي ۋەزىر ئۆزى يالغۇز پىيادە مېڭىپ قايتىپ كەپتۇ. بازار ئارىلاپ بۇ ئايالنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرۇپتۇ. ئۇنى كەمسىتكەن ۋە بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ:
- سىز بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىپ يۈرۈيسىز؟ - دەپتۇ. ئايال ئەدەب بىلەن تازىم بېجا كەلتۈرگەندىن كېيىن:
- ئات ئۆلگەن بىلەن تاي قالدى، ۋەزىرىم، جان باقماق ئۈچۈن ئوقەت قىلىۋاتىمەن، - دەپتۇ.
ۋەزىر ئىڭىشىپ يىكنى قولىغا ئاپتۇ. دەڭسەپ كۆرۈپ:
- بىر يىك يىپىڭىز نەچچە پۇل؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بىر ياچەن، تەقسىر.
- باشقىلاردىن قىممەت سېتىپسىز، شۇنداقتىمۇ مەيلى، مەن ئالدىم. پۇلىڭىزنى ئەتىگەنلىككە ئۆيدىن ئېلىڭ، - دەپ ئالتە يىك يىپنى كۆتۈرۈپ مېڭىپتۇ. ئايال بولسا يا لام، يا جىم دېيەلمەي ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قاپتۇ.
ئايال ئەتىسى سەھەر تۇرۇپتۇ. >بالا ئويغانغىچە ۋەزىردىكى پۇلنى ئەپكېلىۋالاي< دېگەن ئوي بىلەن ئىشىكنى تاقاپتۇ - دە، بالىنى ئۆيگە سولاپ قويۇپ، ئۆزى ئوردىغا قاراپ مېڭىپتۇ.
بىنانىڭ بالىخانىسىدا سۇمبۇل چاچ ئايالنىڭ كىرىپ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرغان ۋەزىرنىڭ يۈرىكى >شۇۋ< قىلىپ قاپتۇ. كۆزى لاپ قىلىپ دەرۋازىدىن كىرىپ كېلىۋاتقان ئايالغا چۈشۈپتۇ. دەرھال ئۆز ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ. ئايال ۋەزىرنىڭ خانىسىغا ئۇدۇل كىرىپ بېرىپتۇ. ۋەزىر نەچچە قەۋەت كۆرپە ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئايالنى قوبۇل قىپتۇ ۋە يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىپتۇ. لېكىن ئايال پەگادىلا ئولتۇرۇپ، ئىش ھەققىنى تەلەپ قىپتۇ. ئەمما ۋەزىر نۇرغۇن قۇرۇق تەكەللۇپلاردىن كېيىن راست گېپىگە چۈشۈپ:
- سىز مېنىڭ تارتىۋاتقان دەردىمنى بىلمەيۋاتامسىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بىلمەيدىكەنمەن. سىلىنىڭ دەرتلىرى مېنىڭ دەردىمگە ياماقچىمۇ بولالماس، - دەپتۇ ئايال ئاچچىقلاپ.
- دۇرۇس، دەپتۇ ۋەزىر، - بالدۇرراق شۇنداق دېگەن بولسىڭىز مەنمۇ كۆيۈك ئوتىدا پۇچۇلانماس ئىدىم. دەردىڭىزگە دەرمان بولاتتىم ئەمەسمۇ.
ئايالنىڭ ئاچچىقى كەپتۇ. قاپىقى تۈرۈلۈپتۇ:
- مەن ئۆزۈم ئىگىرگەن يىپنىڭ پۇلىنى ئالغىلى كەلدىم. بېرىۋەتسىلە، ئاستا كېتىۋالاي، ئۆيدە بالام يالغۇز قالدى، - دەپتۇ.
- كېتىۋالاي؟ نەگە كېتىسەن؟ - ۋەزىرنىڭ پەيلى بۇزۇلۇپتۇ. ئورنىدىن دەس تۇرۇپتۇ. ئايالنىڭ ئالدىغا كېلىپ زەھەرلىك ھېجىيىپ سۆزلەشكە باشلاپتۇ، - ئېرىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەرنىڭ قەدرى ئۆتۈلگەندۇ؟ ئەر قەدرى ئۆتۈلسۇن دەپ سېنى ئاشۇ ئۆيگە كۆچۈرۈپ قويدۇم. ئەمدى ئىككىمىز بىر ئۆيدە بولساق قانداق دەيسەن؟
- تەخسىر، بۇ قانداق گەپ؟ سول قول ۋەزىرلىرى دۇنيادىن ئۆتكىلى بىر يىلمۇ بولمىدى. بۇنى بىلىپ تۇرۇپ، ئورۇنسىز گەپنى قىلىش نومۇس ئەمەسمۇ؟
- مېنىڭدەك ئادەمنى تاپمىقىڭ قىيىن. قوينۇڭنى كۆك ياڭاق بىلەن تولدۇرماي ئارقا - ئالدىڭنى ئوبدان ئويلان!
- بۇ گەپنى ئويلىغىچىلىكىممۇ يوق، ئاۋارە بولمىسىلا.
ۋەزىر ئايالنى گەپ بىلەن ئىندەككە كەلتۈرەلمىگەندىن كېيىن، يامان نىيىتىنى زورلۇق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇپ ئايالغا تاشلىنىپتۇ. ئايال بولسا پاك ۋىجدانىنى قوغداش يولىدا قاتتىق ئېلىشىپتۇ. ئايال جان ئاچچىقىدا يانچۇقىدىكى قەلەمتۇراچنى ئېلىپ ۋەزىرنىڭ قولىغا ئۇرۇپتىكەن، قان ئۇرغۇپ چىقىپتۇ. ۋەزىر >ۋاي< دەپ ۋارقىراپ قولىنى تۇتۇشى بىلەن ئايال ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ بۇسۇغىدىن ئاتلاپ، تالاغا چىقىۋاپتۇ. ۋەزىر جېنىنىڭ بارىچە توۋلاپ، مۇلازىملارنى چاقىرىپتۇ. ئۇلار خوتۇننى قورشاپ تۇتۇۋاپتۇ. جاللاتلار ۋەزىرنىڭ ئەمىرىگە بىنائەن ئايالنىڭ پۇت - قوللىرىغا كويزا - كىشەن سېلىپ زىندانغا تاشلاپتۇ. ئايال زىنداندا يېتىپ ئۆيدە يالغۇز قالغان بالىسىنى ئەسلەپتۇ. كۆكسىگە سۈت يىغىلىپ بارغانچە قاتتىق ئاغرىپ كېتىپتۇ. بۇ ئازاپ ھەممىنى بېسىپ چۈشۈپتۇ. بۇيى قىزىپ، تىترەك ئولىشىپ، بەدىنىگە مىڭلىغان يىڭنە سانجىلغاندەك تۇيۇلۇپتۇ. چاچلىرى چۇۋۇلغان، ياشلىرى تۆكۈلگەن ھالدا تالاغا تۆت كۆزى بىلەن تەلمۈرۈپ تۇرۇپتۇ.
ئۆيدە قالغان بالا بولسا ئويغىنىپ ئاپىسىنى ئىزلەپتۇ. ئىشىككە تەلمۈرۈپ >ئانا< دەپ توۋلاپتۇ. ئاپىسى كىرمىگەندىن كېيىن ئۆمىلەپ بوسۇغىنىڭ تۈۋىگە كەپتۇ. قورسىقى ئېچىپ >نان< دەپ يىغلاپتۇ. يىغلاۋېرىپ ئۈنى بۇغۇلۇپ كېتىپتۇ. ئۇيقۇسى كېلىپ، تۈگۈلگەن پېتى بوسۇغىنىڭ تۈۋىدە يېتىپ ئۇخلاپتۇ. ۋەزىر ئايالدىن زەربە يەپ قان چىقىپ تۇرغان قولىنى چىڭ تۇتقان پېتى پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ.
- دات پادىشاھى ئالەم، - دپتۇ.
- خۇش، سىلىگە نېمە دەرت كەلدى؟ ئېيتسىلا، - دپتۇ. پادىشاھ ھەيران بولۇپ:
- سول قول ۋەزىر قازا قىلىپ كەتكەندىن كېيىن، - دەپتۇ ئوڭ قول ۋەزىر، - ئۇنىڭ ئايالى ھەر خىل كويلاردا يۈرۈپ، بىر پاھىشۋاز بولۇپ كەتتى. ئۇنداق قىلماسلىق ھەققىدە كۆپ نەسىھەت بەردىم، ئاڭلىمىدى، داۋاملىق جانابلىرىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى، شانۇ - شۆھرىتىنى يەرگە ئۇرىدىغان ئىش بىلەن مەشغۇل بولدى. يامان نىيەتلىك ئادەملەر بىلەن بىرلىشىۋېلىپ، ماڭاقەست قىلدى. ھېلىمۇ ياخشى، خۇدا مېنى بۇ بالاردىن بىر ساقلىدى. بولمىسا شۇ ئايالنىڭ زەربىسىدە قۇربان بۇلار ئىدىم. بۇ نېمىدىگەن ھەددىدىن ئېشىش، نېمە دېگەن ۋەھشىيلىك...
پادىشاھ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن غەزەپكە كەپتۇ. ئايالغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى ھۆكۈم قىپتۇ. بۇ شەھەردە جازاغا تارتىلغانلارنى دومىلىتىپ ئۆلتۈرىدىغان بىر ئېگىز تاغ بار ئىكەن. جاكارچىلار كوچا - كوچىلاردا سول قول ۋەزىرنىڭ ئايالىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى، خالايىقنىڭ >جازا تېغى< غا بېرىشنى جاكارلاپتۇ. ئەمما شەھەر خەلقى سابىق سول قول ۋەزىرنىڭ ئايالىنى ئۆزىنى تۇتۇۋالغان تىرىشچان، ۋىجدانلىق ئايال، دەپ تونۇيدىكەن. شۇڭلاشقا پەرماننى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەممە كىشى ھەيران بوپتۇ. ئايالغا ھېسداشلىق قىپتۇ ۋە ئىچ ئاغرىتىپتۇ. تۇشمۇ - تۇشتىن جازا مەيدانىغا قاراپ مېڭىشىپتۇ.
زىنداننىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، جاللاتلار كىرىپ كەپتۇ. ئايالنى زىنداندىن ئېلىپ چىقىپ، >جازا تېغى< غا ھەيدەپ مېڭىپتۇ. ئايال قولىغا كىشەن، پۇتىغا كويزا سېلىنغان، چاچلىرى چۇۋۇلغان ھالدا مېڭىپ كېتىۋاتقاندا، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە سانجاق - سانجاق تۇرغان شەھەر خەلقى ئارىسىدىن: >بۇ بىچارىگە بىگۇناھ ھۆكۈم قىلدى، ئۇۋال بولدى<، >بۇ سەۋرى - تاقەتلىك ئايال ئىدى، ئەجەپ بوپتا< دېگەن سۆزلەر ئاڭلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئايال پۇتلىشىپ، يىقىلىپ - قوپۇپ تاققا چىقىشقا باشلاپتۇ. تاغنىڭ قاپ بېلىگە كەلگەن چاغدا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ پادىشاھقا تەلمۈرۈپ قاراپ:
- دات پادىشاھى ئالەم، بىر ئېغىز گېپىم بار ئىدى، - دەپ توۋلاپتۇ.
- ھە، گېپىڭنى ئېيتىۋال، - دەپتۇ پادىشاھ.
- تېخى يېشىغا توشمىغان بالام بار ئىدى، ئۇ ئۆيدە قالدى. ئىجازەت بولسا مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ شۇ بالامنى بىر كۆرۈۋالسام، - دەپتۇ ئايال.
پادىشاھ ئايالغا ئىجازەت بېرىپتۇ. بىراق تېزدىن قايتىپ كېلىشنى جېكىپتۇ. ئايالنىڭ پۇت - قولىنى بوشىتىپ قويۇپ بېرىپتۇ. ئايال ياغلىقىنى تېڭىپتۇ. تاغدىن پەسكە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. ئوقتەك ئۇچۇپ كەلگەن پېتى ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئېتىلىپ كىرىپتۇ. قارىسا بالىسى كۆرۈنمەپتۇ، ئۇياقنى ئاقتۇرۇپتۇ، بۇياقنى ئاقتۇرۇپتۇ، ئاقتىمۇ يوق، كۆكتىمۇ يوق، ئىككى بىلەن بېشىنى قىسىپ، تۈڭلۈكتىن كۆك ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ قاپتۇ. پۇتلىرىدا ماغدۇر قالماي لاسسىدە بوشىشىپ يەرگە يىقىلىپتۇ. ئوڭ قولى ئىشىك ئارقىسىدىكى ئازگالدا ياتقان بالىسىنىڭ ئىسسىق بەدىنىگە تېگىپتۇ. ئايالغا بىردىن جان كىرىپتۇ. ئىرغىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، بىھۇش ياتقان بالىسىنى باغرىغا چىڭ بېسىپتۇ. ئۇنىڭ ئاغزىغا سۇ تېمىتىپ يۈرۈپ ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ. بالا كۆزىنى ئاچقاندا ئانىنىڭمۇ كۆڭلى يورۇپتۇ. ئەندىشىسى كۆتۈرۈلۈپ، سەل يېنىكلەپتۇ. بالىسىنى ئېمىتىپ بولۇپ قارىسا يىغقان پۇللىرى يېرىم خالتا بولغان قالغان ئىكەن، ئۇنى ئاپتۇ، بالىسىنى كۆتۈرۈپتۇ. جازا تېغى تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ، بالىسىنى كۆتۈرگەن ھالدا جازا مەيدانىغا كىرىپ كەپتۇ. ئۇدۇل پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
- ئىجازەت بولسا ئىككى كەلىمە سۆزۈم بار ئىدى، - دەپتۇ.
- ئىجازەت، - دەپتۇ يەنە پادىشاھ.
- بىرسى، مۇشۇ نارسىدە، بەختسىز ئوغلۇمنى قوشنامغا تاپشۇرۇپ بەرسەم. يەنە بىرسى، ھالال ئەمگىكىم بىلەن يىغقان يېرىم خالتا يارچىنىم بار ئىدى، شۇنى خالايىققا سەدىقە قىلسام.
پادىشاھ رۇخسەت قىپتۇ. ئايال بالىسىنى قوشنىسىغا تاپشۇرۇپتۇ. لېكىن بالا ئانىسىغا چىڭ چاپلىشىۋېلىپ، چىقىراپ يىغلاپ، ئاجرىغىلى ئۇنىماپتۇ. ئانا - بالىنىڭ نالىسى جىمى ئادەمنى يىغلىتىپ تاشلاپتۇ. ئۇلارنىڭ زارىغا تەبىئەتمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي، كىرپىكىدىن كۈمۈش رەڭلىك ياش ياغدۇرۇپتۇ. پادىشاھ بۇ ھالەتنى كۆرۈپ سەل تەسىرلىنىپتۇ، ئەمما >چىقىرىلغان ھۆكۈمنى بىكار قىلسام نامەرتلىك بولۇپ، شەنىمگە داغ تېگىدۇ< دەپ ئويلاپتۇ.
لېكىن، ئوڭ قول ۋەزىر يۈگۈرۈپ كېلىپ بالىنى ئانىنىڭ باغرىدىن يۇلۇپ ئاپتۇ، ئايالنىڭ قوشنىسىغا ئاسلاننى تاشلىغاندەك تاشلاپ بېرىپتۇ، ئاندىن ياساۋۇللار ئايالنى يالاپ >جازا تېغى< نىڭ ئۈستىگە ئەپچىقىپتۇ. ئايال تاغ ئۈستىدە تۇرۇپ ھېلىقى يىغقان ياچەنلىرىنى خەلققە قارىتىپ چېچىپتۇ. ياچەن كۈمۈش تامچىلار بىلەن قوشۇلۇپ يەرگە چۈشۈپتۇ. خەلق بۆلۈشۈپ ئېلىپ ئايالغا رەھمەت ئېيتىپتۇ ۋە دۇئا ئوقۇپتۇ. جاللاتلار ئايالنىڭ پۇتىنى باغلاپتۇ. چەمبەرچەس باغلانغاندىن كېيىن ئوڭ قول ۋەزىر كېلىپ، ئايالغا مۇنداق دەپتۇ:
- ھەي بەغەرەز خوتۇن، شۇنى بىلىپ قويكى، بەگ بىلەن ئېلىشىپ بولمايدۇ، باتۇر بىلەن چېلىشىپ. سەن جاھىللىق قىلماي، ماڭا تەگسەڭ، مۇشۇ دەردى - بالامۇ يوق ئىدى. مانا ئەمدى تېرەڭدە داپ كېرىپ، ئۇستىخىنىڭدا ساپ ياسايمەن، - دەپتۇ ۋە ئۆز قولى بىلەن تىك تاغ چوققىسىدىن ئىتتىرىۋېتىپتۇ. لېكىن كۆپچىلىككە بەرگەن سەدىقىنىڭ ساۋابىدىنمۇ ياكى بۇ ئىشنىڭ ناھەق بولغانلىقىدىنمۇ ئايال يەرگە ساق - سالامەت چۈشۈپتۇ. بىرەر جايىمۇ زەخمىلەنمەپتۇ. >ئايال يەرگە چۈشۈپتۇ بىراق ئۆلمەپتۇ< دېگەن خەۋەر شۇ ھامان پادىشاھقا يېتىپ بېرىپتۇ. پادىشاھ >بۇ قانداق ھېكمەت؟< دەپ ئۆزى تاغ تاپىنىغا مېڭىپ بېرىپتۇ.قارىغۇدەك بولسا، ئايال تەمكىنلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرغىدەك. شاھ بۇ خاسىيەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئويلىنىپ قاپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر يەنە قۇتراشقا باشلاپتۇ. لېكىن شاھ ئايالنىڭ گۇناھىدىن ئۆتۈپتۇ. ئايالنى بوشىتىپ قويۇپ بېرىشنى جاكارلاپتۇ. ئايال بالىسىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. كىشىلەر تارقاپتۇ، پادىشاھ مەپىگە چۈشۈپ ئوردىغا قايتىپتۇ. لېكىن، بۇ ئاجايىپ ئىش ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرمىۋاپتۇ. كېلىۋېتىپ بۇ ئايالنىڭ ئوردىغا كىرمەي، باشقا ياققا كەتكىنىنى كۆرۈپ قاپتۇ. پادىشاھ شۇ كۈنگىچە بۇ ئايالنى ئوردىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇۋاتىدۇ، دەپ يۈرگەن ئىكەن، ئوردىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىكەن. شۇڭلاشقا باشقىلاردىن:
- بۇ ئايال نەگە بارىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئۆزىنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ، - دەپتۇ باشقىلار. بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەپىدىن چۈشۈپتۇ. باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى كەتكۈزۈۋېتىپ، ئۆزى ئايال ماڭغان تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇ ئايالنىڭ بىر چەت خالتا كوچىدىكى تاملىرى قىڭغىيىپ ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان ئەسكى ئۆيگەكىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە ئايالنىڭ كەينىدىن كىرىپتۇ. ئۆينىڭ ئىچىنى سەپسېلىپ كۈزىتىپتۇ. بۇ يەردە سول قول ۋەزىرنىڭ ۋاقتىدىكى بىساتلاردىن بىرىمۇ يوق ئىكەن. پەقەت ئەسكى پالاز، پۇچۇق قازان، بىر كىشىلىك يوتقان - كۆرپىلا بار ئىكەن، ئايال بولسا بالىسىنى قۇچاقلاپ سۇپىدا ئولتۇرۇپتۇ. پادىشاھ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھەيران بوپتۇ ۋە ئايالدىن سوراپتۇ:
- سېنىڭ ئۆيۈڭ ئوردىنىڭ ئىچىدە ئىدى، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىپ يۈرىسەن؟
- شۇنداق، پادىشاھى ئالەم. بۇ ئىشلاردىن جانابلىرىنىڭ خەۋىرى يوق. پەدەر قازا قىلىپ بىرەر ئايدىن كېيىن ئوڭ قول ۋەزىرلىرى مېنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويغان، - ئايال گەپنى شۇنداق باشلاپ ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ ئۆز ئېرىگە قانداق سۈيىقەسىت قىلغانلىقى، ئۆزىنى ئالىمەن دەپ زورلۇق ئىشلەتكەنلىكى، جان بېقىش ئۈچۈن يىپ ساتقانلىقى ۋە دەھشەتلىك چۈشلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى يىغلاپ تۇرۇپ بايان قىپتۇ. پادىشاھ ئاڭلاپ چىداپ تۇرالماپتۇ. ئۆز - ئۆزىگە >مەن ئەلنى ئادىللىق بىلەن سورايمەن، دەپ زالىملىق قىپتىمەن - دە!< دەپتۇ. شۇ كۈنىلا ئايالنى ئوردىدىكى ئۆز ئۆيىگە كۆچۈرۈپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە چىقىپ، جاللاتلارغا ئوڭ قول ۋەزىرنى تۇتۇپ كېلىش پەرمانى چۈشۈرۈپتۇ. جاللاتلار ھايال ئۆتكۈزمەي، ئوڭ قول ۋەزىرنى تۇتۇپ ئەپكەپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىرگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىپتۇ. بۇ پەرمان پۈتكۈل شەھەرگە جاكارلىنىپتۇ. شەھەردە بىرمۇ ئادەم قالماي، >جازا تېغى< ئالدىغا بېرىپتۇ. جاللاتلار ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ قوللىرىنى چەمبەرچەس باغلاپ جازا مەيدانىغا ھەيدەپ كەپتۇ. ۋەزىرگە خەلقنىڭ نەپرىتى قار - يامغۇر بولۇپ يېغىپتۇ.
پادىشاھ ئوڭ قول ۋەزىرنى تاغدىن دومىلىتىشقا ھېلىقى ئايالنى تەيىنلەپتۇ. جاللاتلار ۋەزىرنى تىك چوققىغا ئەپچىقىپ تۇرغۇزۇپتۇ. ئايال ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:
- ھەي ۋىجدانسىز، جاڭگالدىكى بۆرە چېغىدا ئۆز ئۇيرىسىگە قەست قىلمايدۇ، سەن بۆرىدىنمۇ رەھىمسىز، سەن ماڭا قىلمىدىڭ، ئاقىۋەت ئۆزۈڭگە قىلدىڭ، ماڭا كولىغان ئورىغا ئۆزۈڭ چۈشتۈڭ. مانا ئەمدى خەلقى - ئالەم سېنىڭ رەسۋاچىلىقىڭنى كۆردى. سەندەك قارا نىيەتتىن بىرى يوقالسا جاھاندا يامانلاردىن بىرى كېمىيىدۇ، يوقال! - دەپ تاغدىن دومىلىتىۋېتىپتۇ. ۋەزىر يەرگە چۈشۈپ بولغىچە لەختە - لەختە بولۇپ كېتىپتۇ. خەلق بۇنىڭدىن قارا نىيەتلىك كىشىنىڭ ھامان كۇكۇم - تالقان بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. پادىشاھمۇ جىمى ئەسكىلىكنى ئۆز ۋەزىرى قىلغانلىقىنى، گۇنا ۋەزىردە ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. بېرىپ ئايالدىن ئەپۇ سوراپتۇ. ئايال پادىشاھنىڭ ۋە پۈتكۈل شەھەر خەلقىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە مەدھىيىسىگە سازاۋەر بوپتۇ. ئابروي - ئىناۋىتى يۈز ھەسسىلەپ كۆتۈرۈلۈپتۇ. پادىشاھ ئۇنى سول قول ۋەزىرلىككە تەكلىپ قىپتۇ. ئەمما ئايال پادىشاھنىڭ بۇ ھىممەتلىرىگە كۆپتىن - كۆپ رەھمەتلەر ئېيتىپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە ئىجازەت سوراپتۇ. ئاخىر رۇخسەت ئاپتۇ. بۇ ئەلنىڭ خەلقى بىلەن خۇشلىشىپ، >بۇ ئەلگە سۇلتان بولغىچە، ئۆز يۇرتۇمغا ئۇلتاڭ بولاي< دەپ، بالىسىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ كېتىپتۇ. >كىشىنىڭ يۇرتىغا سۇلتان بولغىچە، ئۆز يۇرتۇڭغا ئۇلتاڭ بولغىنىڭ ياخشى< دېگەن ماقال ئەنە شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.