تادان بىلەن گول
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
زامانى ئاۋۋالدا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىرلا ئوغلى بولۇپ، شىكارنى ياخشى كۆرىدىكەن. شاھزادە بىر كۈنى 40 قاراۋۇل مۇلازىم ۋە كىنىزەكنىڭ ھەمراھلىقىدا شىكارغا چىقىپتۇ. ئۇلار قەيەردە قارىغايلىق تاغ، مېۋىلىك باغ يولۇقسا، شۇ يەرگە چۈشۈپ سەيلە قىلىپتۇ، ئوۋ ئوۋلاپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە شاھزادە ئوۋ مىلتىقىنى ئېلىپ، باش مۇلازىمنى ئارقىسىغا سېلىپ، بىر قارىغايزارلىقنى ئارىلاپ كېتىۋاتسا يىراقتىن بىر توشقان كۆرۈنۈپتۇ. شاھزادە مىلتىقىنى بەتلەپ، توشقاننى چەنلەپ ئېتىپتىكەن، ئوق توشقاننىڭ سۆڭگىچىنى سىيپاپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. كۆڭلى يېرىم بولغان شاھزادە بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ شۇ تەرەپكە بېرىپ قارىسا، ئاتقىنى توشقان ئەمەس، زىلچىدەك رەڭدار بىر پۇچقاق مۈشۈك ئىكەن. مۈشۈك دىڭگۇسلاپ شاھزادىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپتۇ، پۇتىغا ئۆزىنى سۈركەپ مىياڭلاپتۇ. شاھزادە پۇشايمان قىلىپ، مۈشۈكنىڭ يانپىشىنى سىيلاپتۇ. بىراق ئوق ئىزى ئەسلىگە كەلمەپتۇ.
- ھەي مۇلازىم، - دەپتۇ شاھزادە، - يېقىن ئەتراپتا ئۆي باردەك قىلىدۇ، مۈشۈككە ئۇۋال، مۈشۈك باققۇچىنى تېپىپ، بوسۇغىسىدا يېتىپ، ئەپۇ سورايلى.
- خوپ تەقسىر! دەپتۇ باش مۇلازىم، توققۇز تازىم قىلىپ.
ئىككىيلەن قونالغۇغا قايتىپ، يەنە بىر مۇلازىمنى ئېلىپ، ئۈچەيلەن دېھقانچە ياسىنىپ، ئۈچ كۈنلۈك ئوزۇق - تۈلۈك ئېلىپ، مۈشۈككە ئەگىشىپ دەشتكە قاراپ قەدەم بېسىپتۇ. قۇم بارخانلىرى ئېشىپتۇ.
مۈشۈك تاملىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، ۋەيرانە بىر ئۆينىڭ ئالدىدا توختاپتۇ. شاھزادە سەپسېلىپ قارىغىدەك بولسا، ئۆينىڭ ئىشىكى ھەم باردەك، ھەم يوقتەك، شاھزادە ھەيران بولۇپ، مۇلازىملىرىغا:
- چۈشەك سېلىڭلار، كۈتۈپ تۇرساق ئۆي ئىگىسى چىقىپ قالار، - دەۋاتسا، مۈشۈك بىر شوخىلىق چىتنىڭ ئارىسىدىن ھويلىغا كىرىپ كېتىپتۇ. ھويلىنى بىر ئايلىنىپ مىياڭلاپتۇ. شاھزادە >ئىشىك مۇشۇ بولسا كېرەك< دەپ ئويلاپ، چىتنى قايرىپ ھويلىغا كىرسە، ئۆي ئىچىدە ئىككى خوتۇن كىشى سۆز تالىشىۋاتقىدەك. ئۇلار پاتىمە - زۆھرە ئىسىملىك قوشكېزەك ئاچا - سىڭىل ئىكەن.
- ئەگەر ئەرگە تەگسەم، - دەپتۇ پاتىمە جاۋىلداپ، - ناۋايغا تېگىمەن. شۇ چاغدا سېنىمۇ ئېلىپ كېتىپ، كۆزۈڭنى نانغا تويغۇزۇپ قويمىسام ھېساب ئەمەس.
- بەرىكەت تاپقىن، ماڭىمۇ خۇدايىم بېرەر، - دەپتۇ زۆھرە ئۇلۇق - كىچىك تىنىپ.
- مەن تېخى ناۋايغا تەگدىم - يۇ، سەن پىتلىق ئارقامدىن بارمىغىدىڭ! خەپ توختا، باي ناۋايدىن بىرنى تېپىپ، پەشخوننى كەڭرى ئېچىپ، كۆزۈڭدىن ئوت چىقىرىۋەتمىسەم، - دەپتۇ پاتىمە كايىپ.
- سەنمۇ قاراپ تۇر، - دەپتۇ زۆھرە ئاچچىقىغا پايلىماي، - مەنمۇ پادىشاھنىڭ شاھزادىسىگە تېگىپ كۆز - كۆز قىلمىسام.
پاتىمە زاڭلىق قىلىپ، تىزىغا كاچاتلاپ قاقاقلار كۈلۈپتۇ ۋە:
- ۋاي نەپسى بالا يىتىمەك، تۇرقۇڭ خۇددى يىلىم چۆچەك، گەر سالساڭ بازارغا ئۆزۈڭنى، بېرەرمۇ بىراۋ ھەققىڭ ئۈچۈن نېمشەك كېپەك؟ ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارت جۇمۇ؟! - دەپتۇ.
زۆھرە ئەلەمدىن بوغۇلۇپ، كۆز يېشىنى تۆكۈپتۇ. پاتىمە ئەزۋەيلىگىلى تۇرۇپتۇ. شۇ ئەسنادا شاھزادە مۇلازىملىرىنى باشلاپ ئۆيگە كىرىپ كەپتۇ.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، - دەپ تازىم قىلىپتۇ شاھزادە بېشىنى ئېگىپ ۋە ئەھۋالنى بايان قىلىپ ئەپۇ سوراپتۇ.
پاتىمە مۈشۈكىنى كۆرۈپ ئاللا - چۇقان كۆتۈرۈپتۇ. زۆھرە شاھزادىلەرنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىۋېتىپ:
- ئاچا ئاتا - ئانىمىزدىن ئايرىلىپ، قانات - قۇيرۇقىمىز قايرىلىپ، ئۆيىمىزگە كەلگەن مېھمان ئاران مۇشۇ. بۇلارمۇ مۇساپىرلاردەك قىلىدۇ. بىر مۈشۈك ئۈچۈن مۇنچە كايىپ، نامىمىزنى بۇلىغىمايلى، - دەپتۇ.
پاتىمە جىمىپتۇ. مۈشۈك ئۇنىڭ قولىنى تاتىلاپ بوشىنىپ، زۆھرەنىڭ ئاياقلىرىغا ئۆزىنى سۈركەپتۇ. ئاندىن شاھزادىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپتۇ. شاھزادىنىڭ زۆھرە بىلەن مۈشۈككە ئىچى ئاغرىپتۇ، پاتىمەگە شەپقەت قىلغۇسى كەپتۇ - دە:
- ھالىڭلار خاراپ، باغرىڭلار كاۋاپ ئىكەن، ئىككىڭلارنىڭ ھەۋىسى ھەم بۆلەكچە ئىكەن. بىز بىلەن بىرگە كەتسەڭلار قانداق؟ - دەپتۇ. پاتىمە بوينىنى تولغاپ ۋە:
- بىللە كېتىمىزمىش تېخى! مال تۈرى بىلەن، ئادەم خىلى بىلەن، سىلەر بىزنىڭ، بىز سىلەرنىڭ خلىڭلار ئەمەس. مەرھەمەت يول بولسۇن، كېتىشىۋالاملا كايىماي!؟ - دەپتۇ.
- ئاكا، بىز نامرات سەھرا بالىلىرى، سىلەرگە ئارتۇق يۈك بولۇشنى راۋا كۆرمەيمىز، رەھمەت، بىزگىمۇ خۇدايىم بار. كىتىشىۋەرسىلە، - دەپتۇ زۆھرە ئىككى قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ.
شاھزادە زۆھرەگە ئىچىكىپ قالغاندەك بولۇپتۇ - دە، ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپتۇ. مۇلازىملار سالا قىلىپتۇ. ئاچا - سىڭىل نائىلاج بىللە كېتىشكە كۆنۈپتۇ ۋە ئۆيدىكى بارى - يوق بىساتى - مۈشۈكىنى ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، شاھزادىلەر چۈشكەن يېرىگە قايتىپ كەپتۇ ۋە كىيىمىنى يەڭگۈشلەپ ھەمراھلىرى ئارىسىغا بېرىپتۇ.
- ھەزرەت ئالىيلىرى، - دەپتۇ كىنىزەكلەر بىلەن مۇلازىملار گۈل - تاجىلىرىنى قولىغا ئېلىپ، باشلىرىنى ئېگىپ، - ئېلىپ كەپلا ئىككى گۈل - غۇنچە، مۇبارەك بولسۇن دەيلىمۇ ياكى غەملىرىنى يەيلىمۇ؟ جاۋاب بەرسىلە شاھزادە، بولسۇن كۆڭلىمىز ئازادە.
- تونۇمايمىز دېمەڭلار، غېمىمنىمۇ يېمەڭلار. مىسكىن ئىكەن تۇرمۇشى، ساقايسۇن دېدىم بېشى، پاتىمە كىيسۇن دىدەكلىك كىيىمى، زۆھرە تاقىسۇن كىنىزەكلىك گۈل - تاجى، - دەپتۇ شاھزادە.
ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن بولۇۋاتقان ئىشلاردىن، ئىشتىۋاتقان گەپلەردىن ھەم ھەيران بولۇپ قېلىپ ھەم ئۆيدە شاھزادىگە قىلغان - ئەتكەنلىرىدىن ئۇيۇلۇپ تۇرغىنىدا، كىنىزەكلەر ئېلىپ مېڭىپتۇ. يۇيۇندۇرۇپ، چاچلىرىنى تاراپ، شاھزادىنىڭ ئەمرى بويىچە كىيىندۈرۈپتۇ. زۆھرە كىنىزەكلەر قاتارىغا قىرىق بىرىنچى بولۇپ قېتىلىپتۇ.
ئەتىسى تاڭ سەھەردە يەنە شىكارغا ماڭماقچى بولۇپ، كېنىزەكلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئىكەن، زۆھرە پەرىزاتتەك كۆزگە تاشلىنىپتۇ. شاھزادىنىڭ يۈرىكىگە ئىشىق ئوتى تۇتىشىپ، ئۇنى ئەمرىگە ئېلىشنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ ۋە شىكار قىلىش نىيىتىدىن يېنىپ، چېدىر - بارگاھلىرىنى يىغىشتۇرۇپتۇ - دە، دەرھال ئوردىغا قايتىپتۇ. ئوغلىنىڭ مۇددىئاسىدىن خەۋەر تاپقان شاھ قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ، شاھزادىنى زۆھرەگە ئۆيلەپ قويۇپتۇ. پاتىمىنى ناۋايغا ياتلىق قىلىپتۇ.
زۆھرە شاھزادە بىلەن ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن، مەرتىۋىسى چەندان ئۆسۈپ، دۆلىتى زىيادە بولۇپتۇ. سىڭلىسىنىڭ مەئىشەتلىرىنى كۆرگەن پاتىمە تۇرالماي قاپتۇ. >توۋا، - دەپتۇ ئۇ ياقىسىنى تۇتۇپ، - مەن ئاچا، ئۇ سىڭىل تۇرۇپ، مەن ناۋايغا، ئۇ شاھزادىگە تەككەن نادە بار؟ بالدۇرراق پادىشاھنىڭ ئوغلىغا تېگىمەن دەۋالسام بوپتىكەن. ھەي شۇم ئاغزىم! ھېلىمۇ كېچىكمەسمەن...< ئۇ ئەنە شۇنداق ئىچىنى ئۇۋاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، زۆھرە ھامىلدار بولۇپتۇ. شاھزادە خۇش بولۇپ، يېمەي يىدۈرۈپ، كىيمەي كىيدۈرۈپ خوتۇنىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ. زۆھرەنىڭ ئاي - كۈنى يېقىنلاشقانسېرى، پاتىمەنىڭ ئايىقى قويۇقلىشىپ، كۈندە دېگىدەك سىڭلىسىنى يوقلاپ تۇرىدىغان بولۇپتۇ، شاھزادىنىڭ بۇرنىدىن كىرىپ، ئاغزىدىن چىقىپ، شەپقەتلىك قىينى - ئىگىچە بولۇۋاپتۇ. بىر كۈنى ئۇ شاھزادىنىڭ ھوزۇرىغا كىرىپ:
- مەلىكە كىيىك گۆشىگە سېزىك بولۇپتۇ. يەنە كېلىپ، شاھزادە ئۆز قولى بىلەن ئوۋلاپ، سويۇپ بەرمىسە يىمەيمەن، دەيدۇ. خوتۇن كىشى سېزىككە قانمىسا، بالا كەمتۈك تۇغۇلۇپ قالىدۇ ياكى ھايۋانغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، - دەپتۇ.
شاھزادە ۋەھىمىگە چۈشۈپ، شىكار تەييارلىقىغا كىرىشىپتۇ. يولغا چىقىدىغان چاغدا، مۈشۈك مىياڭشىپ ئوردىنى بېشىغا كىيىپتۇ. شاھزادىنىڭ ئاياقلىرىغا ئۆزىنى سۈركەپ، ئۆتۈكىنىڭ پۆپۈكىنى چىشلەپ ئۆي تەرەپكە تارتىپتۇ. شاھزادە مۈشۈكنىڭ قىلىقىدىن ئەنسىزلىككە پېتىپ، چارىباغ تەرەپكە مېڭىپتۇ - يۇ، پاتىمىنىڭ >شىكارغا چىقىدىغانلىقلىرىنى ھېكىم ئۇقمىسۇن، مەلىكىمۇ بىلمىسۇن، بولمىسا ئىش چاتاق< دېگىنىنى ئەسلەپ، زۆھرە تۇرۇشلۇق چارىباغدىن چەتنەپ مېڭىپ كېتىپتۇ.
شاھزادە يولغا چىقىپ ئەتىسى كېچىدە، زۆھرە پاخلاندەك بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. پاتىمە بالىنى يۆگەككە يۆگەپ، سېۋەتكە سېلىپ، ئوردىنىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان دەرياغا تاشلىۋېتىپتۇ - دە، ئالدىن يوشۇرۇپ قويغان مايمۇننىڭ بالىسىنى ئەپلىك زاكىلاپ، سىڭلىسىنىڭ بېقىنىدا بىر چىرايلىق ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ. زۆھرە ھوشىغا كېلىپ قارىسا، تۇغقىنى بىر تۈكلۈك مايمۇن بالىسى! ئۇ ئاھ - پەريات ئۇرۇپتۇ، يېشى قار - يامغۇردەك تۆكۈلۈپتۇ. پاتىمە يالغاندىن تەسەللى بېرىپ:
- يىغلىما سىڭلىم، خۇدانىڭ بەرگىنى شۇ، ھېلىھەم جېنىڭ تېىڭدە ئىسەن قالدى، شۈكرى قىل! ئېرىڭ تاشلىۋەتسە بارغۇ مەن خەۋەر ئالىمەن، غەم يېمە، ئۇنى - بۇنى ئويلاپ يۈرمەم، ئېرىڭدىن شىكارغا چىقىشنىڭ سەۋەبىنى سورايمەن دېمە - دەپتۇ.
- ماقۇل، جېنىم ئاچا، نېمە دېسەڭ ماقۇل، - دەپتۇ زۆھرە ياستۇققا يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ، كۆز يېشى بىلەن سەۋرى قاچىسىنى تولدۇرۇپ.
شاھزادىنى ئىشقى - مۇھەببەتتىن قايدۇرۇپ، مەلىكە زۆھرادىن چاندۇرۇپ، ئۆزىگە رام قىلىشنى قەستلەپ يۈرگەن پاتىمە: >ھېلىھەم جايىدىن چىقتى، شاھزادە ئالقىنىمغا چۈشتى< دەپ ئويلاپتۇ. يۈزىگە ئۇپا - ئەڭلىك سۈرتۈپ، قېشىغا ئوسما قويۇپ، كىرپىكلىرىگە سۈرمە تارتىپ، سەكسەن ياڭزا كىيىنىپ، شاھزادىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنىڭ ئامالىنى ئىزلەپتۇ.
پاتىمەنىڭ كۈتكەن چاغلىرى يېتىپ كەپتۇ. شاھزادە ئوۋ كىيىكلىرىنى ئېتىغا غانجۇغلاپ، شىكاردىن قايتىپتۇ. پاتىمە ئوردا ئالدىغا چىقىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپتۇ.
- مەلىكە ئالىيلىرىنىڭ كۆزى يورىدى! مۇبارەك بولسۇن شاھزادەم!
- مۇبارەك بولسۇن! پەرزەنت قاشقىرمۇ، تۈلكىمۇ؟
- سىلە سورىمىسىلا، مەن ئېيتماي، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ پاتىمە.
شاھزادە گۇماسىراپ ئوردىغا كىرىپتۇ. قارىسا مەلىكە زۆھرە چىرايى سۇنۇق، قاپاقلىرى تۇتۇق، چاچلىرى چۇۋۇق ئولتۇرغىدەك. مۈشۈك مەلىكىنىڭ ئەتراپىنى پەرۋانىدەك ئايلىنىپ يۈرگىدەك. شاھزادە تازىم قىلىپ، مەلىكدىن ھال سوراي دەۋاتسا، پاتىمە يوتقاننى شاپپىدە قايرىپ، تەتىللا - كىمخاپتا زاكىلاقلىق >بوۋاق< نى ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. شاھزادە >بوۋاق< نىڭ يۈزىدىكى پەرەڭ ياغلىقنى قايرىپلا ۋارقىراپ تاشلاپتۇ.
پاتىمە ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپتۇ:
- سۆيۈملۈگۈم شاھزادەم، كۈيۈملۈگۈم شاھزادەم، - دەپتۇ ئۇ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، قاپاقلىرىنى سۈزۈپ، - سىڭلىمنىڭ رەڭگى تازا، ئىچى قارا ئىكەن، مانا تۇغۇپ بىر مايمۇن كۈچۈكى كەلتۈردى ئالەمچە بالا قازا.
ئاچىسىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن ئىچى كۆيۈپ، يۈرەك - باغرى پارە - پارە بولۇۋاتقان مەلىكە شاھزادىگە تاشلىنىپ يالۋۇرۇپتۇ.
- ھېچ بىلمىدىم شاھزادە، نەدىن پەيدا بولدى بۇ مايمۇ بالا، يۈرەك باغرىم بولدى يارا. ئەمدى قانداق قىلاي، نەگە بېرىپ نەدە تۇراي، رەھىم قىلسىلا شاھزادەم!
شاھزادىنىڭ دىلى يۇمشاپتۇ. >بۇمۇ ئۆزلۈكىدىن ئەمەستۇ، خەير، بوپتۇ< دەپتۇ - دە، مەلىكىنى باغرىغا ئاپتۇ. تەسەللى بېرىپ، كۆڭلىنى ياساپتۇ. پاتىمە بولسا، قولىنى چىشلەپ، يېڭى تاپان - توزاققا ئىشلەپ يۈرۈپتۇ. شاھزادە بولسا سىڭلىسىنىڭ پوستىغا كىرىپ، ئامراق بىر تۇغقان - قېرىنداشلاردىن بولۇۋاپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. ئۈچ ياز، ئۈچ قىش ئۇزاپ كېتىپتۇ. مەلىكە زۆھرەنىڭ بويىدا قاپتۇ. شاھزادە شىكارغا چىقماي بېقىپ يېتىپتۇ. پاتىمە بىر چارە تېپىپتۇ.
- كۆز نۇرۇم سىڭلىمم، ۋاپارادىم سىڭلىم، شاھزادە ئالدىدا قالمىدى ئىككىلىك تىلىم، بۇ قېتىم، ئادەم بالىسى غۇڭساڭكەن جېنىم، - دپتۇ گەپ تېشىپ پاتىمە.
زۆھرەمۇ ئاي - كۈنى يېقىنلاشقانسىرى بېشى قېتىپ، غەمگە پېتىپ يۈرگەن ئىكەن، ئاچىسىنىڭ گېپنى ئاڭلاپ سوراپتۇ:
- جېنىم ئاچا، قانداق قىلسام ئادەم بالىسى تۇغىمەن؟
- بۇنىڭ چارىسى ئاسان. ئەۋلەم باشتا بۇيرۇغان دورامنى رەت قىلماي يىيىش ھەققىدە ۋەدە بېرىسەن، ئاندىن دورا بۇيرۇيمەن. بولمىسا، نېمە تۇغساڭ تۇغ، - دەپتۇ پاتىمە. زۆھرە تىزلىنىپ، يالۋۇرۇپ ۋەدە بېرىپتۇ.
- ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ پاتىمە مەلىكىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ، - كەلگۈلۈك ئۆيدىكى پۇچقاق مۈشۈككە كەلگەندەك. مۈشۈك ئادەم مىسەللىك نەرسە، ئۇنىڭ بېشىنى يىسەڭ، جەزمەن ئادەم بالىسى تۇغىسەن. ئەمما، مۈشۈكنى ئېرىڭ ئۆز قۇلى بىلەن ئۆلتۈرۈپ، يۇيۇپ بېرىشى شەرت. قالغىنىنى ئۆزۈم توغرىلايمەن.
- رەھمەت جان ئاچا! دېگىنىڭنى قىلاي. بىر قىز تۇغۇپ باغرىمغا باساي، شاھزادىنىڭ قالغان كۆڭلىنى ئالاي، - دەپتۇ مەلىكە زۆھرە ۋە شاھزادىگە مۈشۈكنى ئۆلتۈرۈپ بېرىشنى ئىلتىجا قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ. شاھزادە نائىلاج ماقۇلغا كەپتۇ.
پاتىمە مۈشۈكنى ئۇرۇپ ئۆيدىن تازدۇرۇۋەتكەن، مۈشۈك ئۆزىنى ياقىغا ئالغان ئىكەن. شاھزادە مۈشۈكنى تاپالماي جىلى بولۇپتۇ. باشقىلارغا ئېيتىشتىن ئۇيۇلۇپتۇ. ئاخىرى پاتىمەنىڭ مەسلىھەتنى ئاپتۇ.
- مۈشۈكنىڭ جېنى تۇيغان ئوخشايدۇ، بىلسەم - بىلمىسەم قەدىم جايىمىزغا بېرىۋالدى. كاتنىڭ ئاستىغا مۆكۈۋالدى. تۇتۇپ كەلمىسىلە، مەلىكىنىڭ ئىشى چاتاق. خەلقى ئالەم ئىچىدە تۈگەيدۇ نامۇ ئاتاق، - دەپ ئەقىل كۆرسىتىپتۇ پاتىمە.
شاھزادە پاتىمەگە رەھمەت ئېيتىپ، مەلىكسىى بىلەن خۇشلىشىپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇ يولغا چىققان كېچىسى مەلىكە زۆھرەمۇ كۆزى يورۇپ تولۇن ئايدەك بىر قىز تۇغۇپتۇ. پاتىمە بۇ بالىنىمۇ جاڭگالغا تاشلىۋېتىپتۇ - دە، ئالدىن تەييارلاپ قويغان ياۋا تۇڭگۇزنىڭ بالىسىنى چىرايلىق زاكىلاپ، سىڭلىسىنىڭ بېقىنىدا ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ. زۆھرە ھوشىغا كېلىپ قارىسا، نەدىكىنى، ئىچىدە ياتقىنى سالپاڭ قۇلاق تۇڭگۇز كۈچۈكى! زۆھرە ئاھ ئۇرۇپ، نالە قىلىپ، ھوشىدىن كېتىپتۇ. پاتىمە ئەل ئىچىگە سۆز - چۆچەك تارقىتىپ، ھەر قەدەمدە قىچى ئۇرىقى چېچىپتۇ. بوينى كالا سۈتىدە يۇيۇپ، ئىشىك يوچۇقىدىن ماراپ، كۈندە يۈز ۋاق ئەينەككە قاراپ، يۈز - كۆزلىرىنى تاراشقا باشلاپتۇ. مىڭ ياڭزا ياسىنىپ، شاھزادىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپتۇ. شاھزادە قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ. كىنىزەكلەر، مۇلازىملار ئوردا ئالدىدا ئۇنى كۈتۈۋاپتۇ، پاتىمە ئوردا ئىشىكىدىن نايناقلاپ چىقىپ، شاھزادىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپتۇ.
- شاھزادەم، - دەپتۇ ئۇ قولىدىكى زاكىلاقلىق >بوۋاق< نى تەڭلەپ، - پەرزەنتلىرىنى كۆرۈۋالسىلا، ئارزۇلۇق مەلىكەمنىڭ كارامىتىنى بىلىۋالسىلا.
شاھزادە بوۋاقنى كۆرۈپلا نۇمۇستىن ئېسىنى يوقىتىپتۇ. كىنىزەكلەر بۇ يەردە غىڭشىپ تىپىرلاۋاتقان توڭگۇز كۈچىكىگە قاراپ، كۈلۈپ زاڭلىق قىلىشىپتۇ. مۇلازىملار ياقىلىرىنى چىشلەپ، توۋا - ئىستىخپار ئېيتىشىپتۇ. ياساۋۇللار شاھقا مەلىكە ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ بېرىپتۇ. پاتىمە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپتۇ. شاھ توپان بالاسى كەلسە ھۇشۇقىغا ئالمايدىغان، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە تېگىدە مانتا يەيدىغان ئادەم ئىكەن. پاتىمە: >بۇ ئاھانەت ئۈچۈن شاھ زوھرانى دارغا ئاسماي قالمايدۇ، ئەمدىغۇ شاھزادە مېنىڭ بۇلار< دەپ ئاغزىنى تاتلىق، كۆڭلىنى خۇش قىلىپ يۈرگەندە، شاھ شەھەردىكى ئۆلىما، ھۆكىما، دانىشمەن، قۇرئاندازلارنى مەسلھەتكە چاقىرتىپتۇ. تالاش - تارتىش قىزىپ كېتىپتۇ.
- مەلىكە زۆھرەنى دارغا ئاسقۇلۇق، - دەپتۇ بەزىلەر.
- ھايۋان تۇغقان مەزلۇمنى ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا سۆرىتىپ ئۆلتۈرگۈلۈك، - دەپتۇ يەنە بەزىلەر.
- دەشتۇ - باياۋان، چۆل - جەزىرىلەرگە پالاپ، نەسلىنى تۈگەتكۈلۈك، - دەپتۇ بەزىلەر.
- يالىڭاچلاپ، كوچىدا سازايى قىلىپ، خالايىقنى ئىبرەت ئالدۇرغۇلۇق، - دەپتۇ بىراۋلار.
ئۇ دېمەڭ، بۇ دېمەڭ، كۆپچىلىك بىر كۈن تالىشىپتۇ. ئىككى كۈن تالىشىپتۇ، بىر توختامغا كېلەلمەپتۇ. شۇ ئەسنادا سورۇنغا يېڭىلا كىرىپ كەلگەن دانىشمەن:
- ئۇلۇغ شاھى ئالەم، مەلىكە زۆھرەنىڭ ئۇدا ھايۋان تۇغۇشى شاھزادىدىنمۇ ياكى ئۆزىدىنمۇ ياكى باشقا بىرسىنىڭ شەيتانلىقىدىنمۇ بىلىپ بولمايدۇ. مەلىكىنى زىندانغا تاشلاپ ئوبدان بايقاپ باقساق بولارمىكىن، - دەپتىكەن، ئۇنىڭ مەسلىھەتى ھەممىگە يېقىپتۇ. شاھ مەلىكە زۆھرانى زىندانغا بۇيرۇپتۇ. زىندان ئىشىكىدە پايلاقچى قويۇپتۇ.
ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپتۇ. مەلىكە ئۆلمەپتۇ. پاتىمىمۇ شاھزادىگە تېگەلمەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە شاھزادە چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە ئىككى ھايۋان بالىسىنىڭ تۇرۇپلا بىر جۈپ ئوغۇل - قىزغا ئايلىنىپ، ئەركىلەپ مەلىكە زۆھرەنىڭ قۇچىقىغا چىقىۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ قولىنى سوزۇپ بالىلارنى قېشىغا چاقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئويغانسا يۈرىكىگە بىر پارچە ئوت تۇتاشقاندەك بولۇپ، زىندانغا يېتىپ بېرىپتۇ ۋە شام يېقىپ قارىسا، يەتتە قات يەر ئاستىغا كولانغان زىنداندا بىلىنىڭ تۆۋىنى قان - زەردابقا چىلىنىپ تۇرغان زۆھرە ۋە ئۇنىڭ قېشىدىكى تەكچىدە دۆۋىلىنىپ كەتكەن سۆڭەك ۋە نازۇ - نېمەتلەردىن كۆزىگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەپتۇ. مەلىكە بولسا كۈنىگە يېرىم ھىجىر ئوماچ بېرىلگىنىگە قارىماي ئايدەك جامالىدىن قالماپتۇ. شاھزادە ھەيران بولۇپ سوراپتۇ.
- ئەي مەلىكە، ئېيتە، ساڭا گۆش بىلەن نازۇ- نېمەتنى كىم بەردى؟
مەلىكە زۆھرە يۈزىنى ئۆرۈپ جىم تۇرۇۋاپتۇ. شاھزادە گۇندىپايغا كايىپتۇ.
- ھاڭۋاقتى! نېمىنى باقتىڭ سەن؟ نېمىگە قارىدىڭ سەن؟ مەلىكىنىڭ شىرىكىنى تۇتۇپ كۆزۈمگە كۆرسەتمەيدىكەنسەن، كاللاڭنى قولتۇقۇڭغا قىسىپ قويىمەن!
- خوپ تەقسىر! - دەپ تىك تۇرۇپتۇ گۇندىپاي ۋە كېچىس بىر بۇلۇڭغا پۇختا جايلىشىپ، كۆزىنى ئۈزمەي پايلاپ ئولتۇرۇپتۇ. يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە، بىر پۇچقاق مۈشۈك غىمىسىدا كېلىپ، مەلىكە زۆھرە ياتقان زىندان ئىشىكى زەگۇندىسىنىڭ تېگىدىكى كامارغا بېشىنى تىقىپتۇ. مۈشۈكنىڭ ئاغزىدا بىر بولاق چىشلەكلىك ئىكەن. گۇندىپاي مۈشۈكنى كاپ تۇتۇپتۇ - دە، بولاقتىكى گۆش، نازۇ - نېمەتلەر بىلەن قوشۇپ شاھزادىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. شاھزادە بىر قاراپلا مۈشۈكنىڭ بەش يىل ئىلگىرى يوقاپ كەتكەن ئۆز مۈشۈكى ئىكەنلىكىنى تونۇپتۇ - دە:
- سەن ھارامزادىگە يولۇقمىغان بولسام، بېشىمغا مۇنچە دىشىۋارچىلىقمۇ كەلمەس ئىدى. ھەممە بالانى ئۆزۈڭ تېرىپ، يەنە مەلىكىگە ئوغرىلىقچە تاماق توشۇپ بەرگىنىڭ نېمىسى؟! سېنىڭ بېرىڭدىن يوقالغىنىڭ خوپ، - دەپلا مۈشۈكنى گۇندىپاينىڭ قولىدىن ئېلىپ يەرگە ئۇرۇپتۇ. مۈشۈك ماقىراپ - ۋارقىراپ كۆز يېشى تۆكۈپتۇ. گۈلدۈر - كالاپنى ئىشىكتىن پادىشاھ يېتىپ كېلىپ ئەھۋالنى سۈرۈشتە قىلىپتۇ.
- بۇ مۈشۈكتە بىر خىسلەت باردەك قىلىدۇ، قويۇپ بېرىڭلار، - دەپتۇ شاھ شاھزادە بىلەن گۇندىپاينىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ بولۇپ.
مۈشۈك ئۈچ يۇمۇلىنىپ، يان پىشىنى سۆرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، شاھزادىنىڭ ئاياقلىرىغا ئۆزىنى سۈركەپتۇ. شاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، زوڭ ئولتۇرۇپ بېشىنى ئۈچ قېتىم ئىگىپتۇ. شاھ ھەيران بولۇپ:
- ھەي مۈشۈك، قورسىقىڭدا باردەك قىلىدۇ لەكمىڭ سۆزۈڭ، تىلىڭ بولسىمۇ ئېيتار ئىدىڭ، - دەپتۇ. مۈشۈك بىر تولغۇنۇپلا تىك تۇرۇپ زۇۋانغا كەپتۇ:
ھەي ئۇلۇغ شاھىن - شاھىم،
ئېيتاي مەن ھالۇ - ئەرزىم.
ساقىت بولسۇن بوينۇمدىن،
يۈكلىۋالغان ئۇ قەرزىم.
دەپ ئادەمگە ئوخشاش نەزمە ئوقۇپتۇ ۋە شاھزادە بىلەن پاتىمە - زۆھرەلەر تېپىشقاندىن بۇيانقى ئۆي ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن سەرگۈزەشتىلىرىنى بىر - بىرلەپ بايان قىلىپ كېلىپ:
- مەلىكەم تۇغقان ئوغۇل دەريانىڭ ئايىقىدىكى بېلىقچى بوۋاينىڭكىدە، قىز جاڭگالدا ئولتۇرۇشلۇق موماينىڭكىدە، ئوغۇل سەككىز، قىز بەش ياشقا توشتى، - دەپتۇ ۋە گېپىنى مۇنۇ نەزمە بىلەن ئاياقلاشتۇرۇپتۇ:
بولمىغاچقا ئۇ چاغ زۇۋان،
ئەيلەلمىدىم ئەرزىم بايان.
پەرق ئەتكەي دەپ كۈتتۈم يەنە،
كىم ياخشىدۇر ۋە كىم يامان.
شاھزادە مۈشۈكنىڭ باش - كۆزىنى سىلاپ ئەپۇ سوراپتۇ. شاھ تۆت ياساۋۇلنى بېلىقچى بوۋاي بىلەن ئوتۇنچى موماينى چاقىرىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. ياساۋۇللار بوۋايغا ئوغلىنى، مويامغا قىزىنى يېتلىتىپ، پۇتىنى يەرگە تەككۈزمەي، زەررە ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي شاھنىڭ ئالدىغا ھەيدەپ كەپتۇ.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پادىشاھ ئالىيلىرى، - دەپتۇ بوۋاي بىلەن موماي شاھ ئالدىدا تىزلىنىپ، بېشىنى ئېگىپ، - گۇناھىمىزنى بىلمىدۇق، چاقىرتىپتىكەنلا خوپ دېدۇق. نېمە پەرمانلىرى باركىن، ئاڭلاپ كەتسەك ئىدۇق.
شاھ ئۇلارنى كۆرپىدە بەھۇزۇر ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىۋېتىپ ئوغۇل بىلەن قىزغا سىنچىلاپ قاراپتىكەن، ئوغۇل شاھزادىگە، قىز مەلىكە زۆھرەگە قۇيۇپ قويغاندەك، ئوپمۇ - ئوخشاش چىقىپتۇ. شاھ ئىچىدە خۇش بولۇپ، تېشىدا دەر - گۇمانغا تولۇپ سوراپتۇ:
- بالىلار ئۆزۈڭلارنىڭمۇ؟
- بوۋاي بىلەن موماي:
- يوقسۇ، ھەزرەتلىرى، بالىلارنى تېپىۋالغان بىز، - دەپ جاۋاب بېرىشىپتۇ.
- قېنى، قانداق تېپىۋالغان، سۆزلەڭلار! - دەپتۇ ئىجازەت بېرىپ.
بوۋاي سۆز ئاپتۇ:
- پېقىر، - دەپتۇ ئۇ ئوغلىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، - ئەتىگەنلىكىم چۈشكە، چۈشلۈكۈم كەچكە يەتمەيدىغان، دەرياغا تور سېلىپ جان باقىدىغان بويتاق ئادەم ئىدىم. مۇندىن سەككىز يىل بۇرۇن، تازا مۇشۇ كۈنلەردە بېلىق تۇتقىلى دەريا بويىغا بارسام، سۇدا بىر نېمە بىر چۆكۈپ، بىر لەيلەپ ئېقىپ كېلىۋاتىدۇ. سۈزۈپ قارىسام، سېۋەتكە قاچىلانغان ئوغۇل بالا ئىكەن. ئوغۇل بولغاندىمۇ تولۇن ئايدەك چىرايلىق، پاخلاندەك سېمىز، تىمەن بوۋاق ئىكەن. بالىنى سۇغا تاشلىۋەتكەن تاش يۈرەك ئانىغا يۈز مىڭ لەنەت ئوقۇپ، بالىنى قوينۇمغا سولاپ ئۆيۈمگە قايتۇرۇپ كەلدىم. ئۆيۈمدە تۆت بۇلۇڭ، بىر كولۇڭدىن باشقا بىسات يوق ئىدى. ئوقىتىم ئاققان كۈنلىرى بىرەر توغرام نان تاپسام بالا بىلەن بىرگە روزانە قىلىپ، تاپالمىغان كۈنلىرى شۈكرى قانائەت قىلىپ، ئۇنى مۇشۇنچىلىك چوڭ قىلدىم. قازارا، جان ئۈزۈپ كەتسەم، بىچارە بالا نەلەردە تېنەپ، كىملەرنىڭ ئىشىكىدە دوقۇرۇپ يۈرەر دەيتتىم، ھەزرەتلىرىنى خۇدا يەتكۈزدى. خۇش بولاي، بالىنىڭ ئىگىسىنى تاپتۇرۇپ بەرسىلە، جېنىم - تېنىمدا ئامانەت چېغىدا ئاتا - ئانىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇۋېتەي.
بوۋاي دەيدىغىنىنى دەپ بولۇپ، نۆۋەت مومايغا كەپتۇ.
- پېقىر، - دەپتۇ موماي قىزنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، - جاڭگالدىن چاۋار تېرىپ سېتىپ جان باقىدىغان تۇل خوتۇن ئىدىم. مۇندىن بەش يىل بۇرۇن، تازا مۇشۇ كۈنلەردە، چاۋار تەرگىلى جاڭگالغا بارسام، ئالەمگە يېڭىلا كۆز ئاچقان مۇشۇ بالا داق يەردە يىغلاپ ياتىدۇ. بالا بولغاندىمۇ تولۇن ئايدەك چىرايلىق، پاخلاندەك سېمىز، تىمەن بوۋاق ئىكەن. بالىنى جاڭگالغا تاشلىۋەتكەن تاش يۈرەك ئانىغا يۈز مىڭ لەنەت ئوقۇپ، بالىنى ئىتىكىمگە يۆگەپ، ئۆيۈمگە قايتۇرۇپ كەلدىم. ئۆيۈمدە تۆت بۇلۇڭ، بىر كولۇڭدىن باشقا بىسات يوق ئىدى. ئوقىتىم ئاققان كۈنلىرى بىرەر توغرام نان تاپسام بالا بىلەن بىرگە روزانە قىلىپ تاپالمىغان كۈنلىرىم شۈكرى قانائەت قىلىپ، مۇشۇنچىلىك چوڭ قىلدىم. قازارا، جان ئۈزۈپ كەتسەم، بىچارە بالا نەلەردە تېنەپ، كىمنىڭ ئىشكىدە دوقۇرۇپ يۈرەر دەيتتىم. ھەزرەتلىرىنى خۇدا يەتكۈزدى، خۇش بولاي، بالىنىڭ ئىگىسىنى تاپتۇرۇپ بەرسىلە، جېنىم تېنىمدا ئامانەت چېغىدا ئاتا - ئانىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇۋېتەي.
موماينىڭ دىگۈلۈكى تۈگەپتۇ. شۇ ئارىدا مەلىكە زوھرا زىنداندىن ئازاد قىلىنىپ، ھاممامدا يۇيۇندۇرۇلۇپ، مەلىكە كىيىمى كىيدۈرۈلۈپ، ياساندۇرۇپ قويۇلغان ئىكەن. شاھ ئۇنى چاقىرىپ كىرىپ بوۋاي بىلەن مومايغا:
- بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى شاھزادە بىلەن مەلىكە زۆھرە، - دەپتۇ.
بوۋاي بىلەن موماي ھاڭ - تاڭ قېلىپ، شاھقا رەھمەت ئېيتىۋاتقاندا، شاھزادە بىلەن مەلىكە زۆھرە ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئېتىپ يۈز مىڭ رەھمەت ئېيتىپتۇ. بالىلىرىنى باغرىغا بېسىپ، كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپتۇ. مۈشۈك بارىكاللا ئەيلەپ، چاۋاك چېلىپ، ئالقىشلاپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان پاتىمەگە ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق كەپتۇ.
سىر ئېچىلغاندىن كېيىن، شاھ شەھەر خەلقىنى يىغىپ، ئۈچ كېچە - كۈندۈز مەلىكىنىڭ تۇغۇت تويىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. بوۋاي بىلەن موماينى چارىباغدىكى مەخسۇس قورۇغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلار قازا تاپقىچە ھالىدىن خەۋەر ئالماق بولۇپتۇ. موللا - ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋاسىغا ئاساسەن، پاتىمەنى دارغا ئېسىپ، كاللىسىنى شەھەر دەرۋازىسىغا مىقلاش يارلىقى چۈشۈرۈپتۇ. ئىككى جاللات ئۇنى داقىرتىپ سۆرىگىنىچە دار ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. پاتىمە تىزلىنىپ، بىر ئاغزىدا مىڭ قېتىم تۆۋە قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، پادىشاھدىن بىر قوشۇق قېنىنى تىلەپتۇ.
- بولۇپتۇ، ئاچام قىلغاننى مەن قىلماي، ئۇنى قويۇۋەتسىلە، ئادەم بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، - دەپتۇ مەلىكە شاھقا مۇراجىئەت قىلىپ.
- خەير، بوپتۇ. ئۇنى قويۇۋېتىڭلار، لېكىن پاتىمە ھوزۇرۇمىزدىن كەتسۇن، باشقا شەھەرگە بېرىپ كۈن ئەتسۇن! - دەپتۇ شاھ.
شاھزادە بىلەن مەلىكە زۆھرە پاتىمەگە ئون خېچىر دۇنيا - دەپنە، مال - مۈلۈك، ئوزۇق - تۈلۈك جابدۇپ، ناۋاي ئېرىنى قوشۇپ ئۇزىتىپ قويۇپتۇ