شاھزادە بىلەن بېلىقنىڭ دوستلۇقى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ھەر دائىم >يەر يۈزىدە مەندەك ئادىل پادىشاھ يوق< دەپ ماختىنىدىكەن. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ ئوغلى ئىمىر ئاتىسنى پۇقرالارنىڭمۇ ماختايدىغان ياكى قارغايدىغانلىقىنى بىلمەك بولۇپ، پۇقراچە كىيىنىپ كوچا ئايلانغان ئىكەن، كوچىلار جىمجىت، كىشىلەر غەمكىن كۆرۈنۈپتۇ. شاھزادە ئىچىدە >ئادىل پادىشاھ سورىغان شەھەر مۇشۇنداق مۇڭلۇق بولامدىغاندۇ؟< دەپ ئويلاپ، بىر دۇكانداردىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ. دۇكاندار >دەريا بويىغا بارساڭ بېلىسەن< دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شاھزادە بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ دەريا بويىغا بېرىپ قارىسا، بىر ئالتۇن بېلىق دەريادا گاھ سۇ ئۈستىگە ئوخچۇپ چىقىپ، گاھ سۇ ئاستىغا شۇڭغۇپ تىنىم تاپمايۋاتقىدەك. قىرغاقتا بولسا بىر موماي دەرياغا قاراپ، كۆز يېشى قىلىپ ئولتۇرغىدەك. شاھزادە ھېچ نەرسىنى ئاڭقىرالماي، مومايدىن سوراپتۇ:
- ھامما، نېمىگە يىغلايلا؟
- جېنىم بالام، مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن، - دەپتۇ موماي، - بىچارە بېلىققا چىدىيالمايۋاتىمەن.
شاھزادە گاڭگىراپ قېلىپ:
- بېلىق نېمە بوپتىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ. موماي ئۇلۇق كىچىك تىنىپ:
- بىر زامانلاردا بۇ بېلىق بىر جۈپ ئىدى، ئۇ چاغدا جۈپتى بىلەن ئىرمىشىپ - چىرمىشىپ ئوينايتتى، نەسىل قالدۇراتتى. ئەمدى جۈپتىدىن ئايرىلىپ دەرتمەن بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئوخچۇپ سۇ ئۈستىگە چىقىشى - جۈپتىنى ئىزلىگەنلىكى، سۇغا شۇڭغۇشى - دات - پەريات چەككەنلىكى، - دەپتۇ.
- ھامما، بۇ بېلىقنىڭ جۈپتى نەگە كەتكەن؟ - دەپ قىستاپ سوراپتۇ شاھزادە قىزىقىپ.
- جېنىم بالام، بۇنى پادىشاھدىن سورغىن، - دەپلا كېتىپ قاپتۇ موماي.
شاھزادە ئىمىر دۇكاندارنىڭ گېپىنىڭ مەنىسىگە يەتكەندەك قىلىپتۇ ۋە ئالدىراپ - سالدىراپ ئوردىغا قايتىپتۇ. قايتىۋېتىپ خاسلا پادىشاھ سەيلە قىلىدىغان چارىباغدىكى چۆرىسى رەڭگارەڭ گۈللۈك كۆلچەك يېنىدىن ئۆتۈپتۇ. كۆلچەكتىمۇ بىر ئالتۇن بېلىق خۇددى دەريادىكى بېلىققا ئوخشاش گاھ سۇ ئۈستىگە ئوخچۇپ چىقىپ، گاھ سۇ ئاستىغا شۇڭغۇپ تىنىم تاپمايۋاتقان ئىكەن. شاھزادە گۇمانسىراپ باغۋەندىن سوراپتۇ.
- بوۋا، بۇ بېلىق نېمىشقا سۇ ئۈستىگە سەكرەپ چىقىدۇ؟
- غوجام، - دەپتۇ بوۋاي قول باغلاپ، - پانى ئالەمدە جېنى بارلىكى نەرسىنىڭ جۈپتى بولىدۇ. ئەمما بۇ بىچارە بېلىق جۈپتىدىن ئايرىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئوخچۇپ سۇ ئۈستىگە چىقىشى - جۈپتىنى ئىزلىگەنلىكى، سۇغا شۇڭغۇشى - دات - پەريات چەككەنلىكى.
- بوۋا، بۇ بېلىقنىڭ جۈپتى نەدە؟ - دەپ سوراپ تۇرۇۋاپتۇ شاھزادە.
بوۋاي ئۇلۇق - كىچىك تىنىپ:
- غوجام، بۇنى سىلە سورىمىسىلا، مەن ئېيتمىسام بولاتتى. سوراپ قاللا، خەير، بوپتۇ، نامەرتلىك قىلماي ئېيتىپ بېرەي، - دەپتۇ سۆز باشلاپ، - بىر زامانلاردا بۇ بېلىق بىر جۈپ ئىدى، ئۇ چاغدا جۈپتى بىلەن ئىرمىشىپ - چىرمىشىپ ئوينايتتى، نەسىل قالدۇراتتى. ئاتىلىرى شەھىرىمىزگە پادىشاھ بولغاندىن باشلاپ، بېلىققىمۇ ئامانلىق نېسىپ بولمىدى. مانا بۇ بىچارە بېلىقنى تۇتقۇزۇپ كېلىپ كۆلچەككە سۇلاپ قويدى. ھەر كۈنى پەقەت بىر ۋاخ كېلىپ بېلىق تاماشىسىنى كۆرۈپ كېتىدۇ. مۈشۈككە ئويۇن، چاشقانغا قىيىن دېگەن مۇشۇدۇر بەلكىم.
شاھزادە ئىمىر بۇ بېلىقنىڭ دەريادىكى بېلىقنىڭ جۈپتى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپتۇ ۋە بېلىقنى تۇتۇپ، كوزىغا سېلىپ ئېلىپ مېڭىپتۇ. بوۋاي شاھزادىنىڭ ئالدىنى توساپ يالۋۇرۇپتۇ:
- جېنىم غوجام، - دەپتۇ بوۋاي تىزلىنىپ - تۇرمۇشۇم مۇشۇ باغقا، بېلىققا قاراش بىلەن ئۆتىدۇ، بېلىقنى ئېلىپ كەتسىلە شاھ كاللامنى ئېلىشتىن يانمايدۇ. خۇش بولاي، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەي، ئالتە بالامنى باققىلى قويسىلا.
بوۋاينىڭ ئېيتقانلىرى شاھزادە ئىمىرنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى چكىپ ئۆتۈپتۇ. ئۇ غەزنىدىن بوۋايغا ئەۋلادىدىن ئەۋلادىغا يەتكۈدەك دەببى - دۇنيا بېرىپ، ئائىلىسىگە قايتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، دەريا بويىغا قاراپ كېتپتۇ. شاھزادە قايتىپ كېلىپ قارىسا، ئانىسى بىر بۇلۇڭدا يىغلاپ ئولتۇرغىدەك. شاھزادە ھەيران بولۇپ، يىغلاشنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ئىكەن، ئانا ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ:
- بالام، كۆلچەكتىكى بېلىقنى دەرياغا قويۇۋېتىپ يامان قىلىپسەن. ئاتاڭ ئاچچىقلاپ: >شۇم بەدبىغىڭنى بۈگۈنلا كۆزۈمدىن يوقات، بولمىسا ئالدىڭدا كاللىسنى ئالىمەن، گۆشىنى چەيلەپ، سۆڭىكىنى سەيلەيمەن< دېدى. جېىڭنى ئالمىساڭ ئەپلەشمىگۈدەك، - جېنىم قوزام، - دەپتۇ.
- بوپتۇ ئانا، ئاتام مېنى بىر بېلىقچىلىك كۆرمىگەن بولسا كېتەي! - دەپتۇ شاھزادە. ئانا ئوغلىنى توختىتىپ:
- بالام، يالغۇز كېتىۋاتىسەن، كۆرگەنلىكى ئادەمنى دوست تۇتما، بۇنىڭ ئۈچۈن سىناپ باق: دوست بولغۇچىنى ئۆزۈڭ خالىغان يەردە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، باشقا يەرگە بېرىپ ئۇزۇندىراق كەل. ساقلاپ تۇرالىغىنى ۋاپالىق دوست چىقىدۇ؛ كېتىپ قالغىنى ئەسقاتمايدۇ، ئۇقتۇڭمۇ؟ - دەپتۇ.
- ئۇقتۇم، جان ئانا، نەسىھەتلىرىنى قۇلىقىمدا تۇتىمەن، - دەپتۇ شاھزادە ۋە بىر خۇرجۇنغا نان، بىر قاپاققا سۇ قاچىلاپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ.
شاھزادە يول يۈرۈپتۇ، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ، بىر كۈنى دەشت - باياۋان ئىچىدە مىڭ بىر جاپادا كېتىۋاتسا، ئارقىسىدىن ئىككى يىگىت يېتىپ كەپتۇ ۋە ئىمىردىن نەگە بېرىپ نەدە تۇرىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئىمىر سەپەرنىڭ مەقسىدىنى ئېيتىپتۇ. يىگىتلەر ئىچ ئاغرىىتپ، دوست بولۇشنى تەلەپ قىلىپتۇ. ئىمىر ئانىسىنىڭ نەسىھىتىنى ئېسىگە ئېلىپ:
- ئىككىڭلار مۇشۇ يەردە جىم تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن تاھارەت قىلىۋېلىپ كېلەي، - دەپتۇ.
يىگىتلەر قوشۇلۇپتۇ. ئىمىر تامبىلىنىڭ بېغىنى تۇتقان ھالدا ئۇلاردىن يىراقلىشىپتۇ ۋە بىر ئازگالغا چۈشۈپ بىر پەس ئولتۇرۇپتۇ. يىگىتلەر بولسا، ئىمىرنىڭ خۇرجۇنىدىكى ناننى راسا يەپ، قورسىقىنى تويغۇزۇپ كېتىپ قاپتۇ. ئىمىر قايتىپ كېلىپ، قۇرۇق خۇرجۇننى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ، بوينى ئۈزۈۋېتىلگەن قاپىقىنى قالدۇرۇپ يولىنى داۋاملاشۇرۇپتۇ. يەنە بەش كۈن مېڭىپتۇ، دەشتتىن چىقىپ بولالماپتۇ. ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، پىژ - پىژ ئاپتاپ، بوران ئازابىدىن جېنى ئاز قاپتۇ. لېكىن، ئارقىسىغا يېنىشنى راۋا كۆرمەپتۇ. ئۇ شۇ تەرىقىدە كېتىۋاتسا، ياندىكى چىغىر يولدىن ياش - قۇرامى، بوي - تۇرقى ئۆزىدىن سەل وڭراق، كېلىشكەن بىر يىگىت چىقىپ قوشۇلۇپتۇ. يىگىت ئىمىرنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ، تائام يېيىشكە، سۇ ئىچىشكە تەكلىپ قىلىپتۇ. ئىمىر خۇش بولۇپ، غىزالىنىپتۇ ۋە يىگىتنىڭ دوست بولۇش تەلىپىنى سىناپ كۆرمەك بولۇپ، >ۋاي قورساق!< دەپ قورسىقىنى چاڭگاللاپ يەردە يۇمۇلىنىپتۇ. يىگىت ئۇنى يۈدۈپ، ئون پوتەي يول يۈرۈپتۇ، >غىڭ< دېمەپتۇ. بىر چاغدا ئىمىر تاھارەت قىلغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ، يىگىتنى بىر قاقاس تۆپىلىكتە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، تاھارەتكە مېڭىپتۇ. بىر ئازگالنى تېپىپ، خېلى ئۇزاق ئولتۇرۇپتۇ. قايتىپ كەلسە ھېلىقى يىگىت جايىدىن مىدىرلىماپتۇ. ئىمىر ئىچىدە: >ئانام ئېيتقان ۋاپادار دوستنى تېپىپتىمەن< دەپ ئويلاپ، چەندان خۇش بولۇپتۇ - دە، دوست بولۇشقا قول بېرىپتۇ.
- ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ يىگىت شەرت قويۇپ، - بىرىنچىدىن مەن ئاكا، سەن ئۇكا بولىسەن؛ ئىككىنچىدىن، مەن نېمە دېسەم ياق دېمەيسەن؛ ئۈچىنچىدىن، تاپقاننى تەڭ ئۈلۈشىمىز؛ تۆتىنچىدىن، بىزنىڭ دوستلۇقىمىز چايان بىلەن پاقىنىڭ دوستلۇقىدەك بولۇپ قالمىسۇن.
- خۇش ئاكا، ئۆزلىرى نېمە دېسىلە شۇ، - دەپتۇ ئىمىرمۇ بېشىنى ئېگىپ.
ئۇلار يولغا چۈشۈپ، مۇڭدىشا - مۇڭدىشا بىر شەھەرگە بېرىپ قاپتۇ. بۇ شەھەردىكى چوڭ - كىچىك ئەركەكلەر بېلىگە ئاق باغلاپ، ئاياللار رومال ئارتىپ يۈرۈشىدىكەن، ئويۇن - تاماشا، نەغمە - بەزمە ئەسلا بولمايدىكەن. شاھزادە ئىمىر بىلەن يىگىت ھەيران بولۇپ، كوچا ئارىلاپ كېتىۋاتسا، بېشىغا ئالتۇن كۇلا، ئۇچىسىغا زەنجىر چاپان كىيگەن تۆت لەشكەر ئات ئوينىتىپ، قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ يېتىپ كەپتۇ - دە، ئۇلارنىڭ ئالدىدا توختاپ سوراپتۇ:
- ھەي ھاڭۋاقتى يىگىتلەر، پادىشاھ ھەزرەتلىرى مۇسىبەتتە، پۈتۈن شەھەر ئەھلى ھەسرەت - نادامەتتە، سىلەر نېمە ئۈچۈن قىزىل كىيىم كىيىۋالدىڭلار؟ يۈرۈڭلار، ئوردىغا بارىمىز.
ئىمىر تىزلىنىپ، يالۋۇرۇپ گۇناھىنى تىلەپتۇ. يىگىت ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەرگە يېڭىلا كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، تۆت تىللا تەڭلەپتۇ، لەشكەرلەر تىللانى ئېلىپ، ئاتلىرىنى قامچىلاپ، تامغاقلىرىنى تامچىلاپ كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ. ئىمىر بىلەن يىگىت كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، بەللىرىگە ئاق قارىلىق باغلاپ شەھەردە تۇرۇپ قاپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ، كىشىلەر قارىلىقلىرىنى يېشىۋەتمەپتۇ. ئۇ كۈنى ئۇلار مەدىكار بازىرىدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ قېشىدىكى بىرسىدىن:
- پادىشاھ كۈنىگە بىر ئۆلۈم ئۇزىتامدۇ؟ -دەپ سورىغان ئىكەن، ئۇ كىشى:
ھەي ئۇكىلار، ئېيتىپ كەلسەم گەپ تولا، - دەپ گېپىنى باشلاپتۇ، - پادىشاھنىڭ ئايىقى قۇرغاق بىر قىزى بار، ئۇنى ھەر قېتىمدا قىرىق كېچە - كۈندۈز توي ئۆتكۈزۈپ ياتلىق قىلىدۇ. قىرىقىنچى كۈنى ئاخشامدا قىزنىڭ قېشىدا ساپمۇ - ساق قالغان يىگىت قىرىق بىرىنچى كۈنى سەھەردە يەرلىكىدە ياتىدۇ. پۈتۈن شەھەر خەلقى يىگىتنىڭ ھازىسىنى تۇتۇپ كۈننى ھەپتىگە، ھەپتىنى ئايغا، ئاينى - يىلغا ئۇلايدۇ ھازا تۇتمىغانلار قىلىچ ئالدىدا >ۋاي دات< دەپ توۋلايدۇ.
يىگىت بۇ گەپتىن كېيىن شاھزادە ئىمىرگە:
- ئىنىم، سەن بولساڭ داڭقى چىققان، ھەددى - ھېساپسىز دۇنيا يىغقان شاھ ئوغلى. كىشىنىڭ شەھىرىدە بوينىڭنى قىسىپ، مۇساپىر كوچىسىغا كىرىپ يۈرسەڭ ئۆزۈڭگىمۇ نومۇس، شاھقىمۇ ئاھانەت. شۇڭا، مۇشۇ شەھەر پادىشاھىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ ئوردىدا بولساڭ دەيمەن، - دەپ مەسلىھەت ساپتۇ.
يىگىتنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ئىمىرنىڭ پۇت - قولىدا جان قالماپتۇ. >ئاكام مەندىن زېرىككەن ئوخشايدۇ، بولمىسا بىلىپ - ئاڭلاپ تۇرۇپ، شۇمپەن ئېغىزلىق قىلاتتىمۇ؟ بولدى، ئۇنداق دوستۇم يوق، ئاستا كېتىۋالاي< دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ - يۇ، ئاكا - ئۇكا بولۇشقان چاغدا پۈتۈشكەن شەرتلىرى ئېسىگە كېلىپ، بويىنى قىسىپ جىم تۇرۇپتۇ. يىگىت ئىمىرگە بىرىنچى قاتاردىكى شاھزادە كىيىمى كىيدۈرۈپ، ئۆزىمۇ قېلىشمىغىدەك ياسىنىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ.
- كەمىنىلىرى، - دەپتۇ يىگىت بېشىنى ئېگىپ، - كۈنگەي شەھىرى پادىشاھىنىڭ شاھزادىلىرى بولىمىز. بۇ مېنىڭ ئېنىم، ئاتامنىڭ ئەركە بالىسى. ئۇ چۈشىدە ئالىيلىرىنىڭ قىزىغا كۆيۈپ قاپتىكەن، ئاتىمىز تويلاپ بەرمەك بولۇپ سەپەر تەييارلىقىغا كىرىشىۋىدى. ئىنىم تاقەت قىلماي بالدۇرراق يولغا چىقىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. ئاتام ئىنىمنىڭ تەقەززاسىغا چىدىماي بىزنى ئالدىن ھوزۇرلىرىغا ئەۋەتتى. نېمە دەرلىكىن؟
- ئىككى قۇلۇم كۆكسۈمدە، بىراق قىزىمنىڭ بىر چوڭ ئەيىپى بار: ئۇنىڭغا ئۆيلەنگەن يىگىت تىرىك كىرىپ، ئۆلۈك چىقىدۇ. شاھزادە قاۋۇل - كېلىشىملىك، ئازادە يىگىت ئىكەن. ئۆلۈپ قالسا، پادىشاھ ھەزرەتلىرىگە جاۋاب بەرمىكىم بەسى مۈشكۈل، - دەپتۇ شاھ ھۆزرە ئېيتىپ.
يىگىت >ھەر نېمە بولسا مەيلى< دەپ تەلىپىدىن يانماي، لەۋزىدىن تانماي تۇرۇۋاپتۇ. ئىلاجىسىز قالغان پادىشاھ قىزىنى شاھزادە ئىمىرگە بەرمەك بولۇپتۇ. غەزىنىدىن پۇل چىقىرىپ، قىرىق كېچە - كۈندۈز توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئىككىسىنىڭ بېشىنى قېتىپ قويۇپتۇ. شاھزادە بىلەن مەلىكە ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتىدىغان چاغدا، يىگىت شاھزادە ئىمىرنى توختىتىپ، بىر خۇمۇر شاراپنى تەڭلەپ تۇرۇپ، قۇلىقىغا پىچىرلاپتۇ:
- ئىنىم، ھەر كۈنى ياتار ۋاقتىدا مەلىكىگە بۇنىڭدىن بىر ئوتلام ئىچۈرسەڭ، ئۇ بىخۇت بولۇپ بىر كېچە ئۇخلايدۇ. ئۆزۈڭ ئىچمەي باشقا ئورۇندا يات، مەن ئىجازەت بەرمىگىچە ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتقۇچى بولما، بىقارار قوشۇلۇپ قالساڭ جېنىڭدىن ئايرىلغىنىڭ شۇ. ئەمىسە خۇداغا تاپشۇردۇم، ماڭ!
ئىمىر ۋەدە بېرىپ شەرتلەرنى ئورۇنلاپتۇ. لېكىن، پادىشاھ ئەنسىرەپ ئۇخلىيالماپتۇ؛ كېچىچە ۋەزىر، ئوردا مۇلازىملىرىنى غەزنىگە چاپتۇرۇپ كۈيئوغلىنىڭ ئۆلۈمىگە تەييارلىق قىلدۇرۇپتۇ. ئۆزى ھازا كىيىملىرىنى كىيىپ تەق بولۇپتۇ؛ شەھەر قازى - كالاملىرى، ئىمام - مەزىنلەر سۈبھى يورۇش بىلەن تەڭ جامەگە يىغىلىپ شاھزادە ئىمىرنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە ھازىرلىنىپتۇ؛ ھۆكۈمالار پۇقرالارغا ئالتۇن جازىلىق، كىمخاپ يوپۇغلۇق جىنازىنى كۆتەرتىپ، ئوردا ئالدىدا كۈتۈپ تۇرۇپتۇ؛ گۆركارلار پادىشاھ قەبرىستانلىقىدىن تاش گۈمبەزلىك شامگو ياساپتۇ؛ ئاياللار، بالىلار پەرمانغا ئىتائەت قىلىپ، مورىلىرىدىن تۈتۈن چىقارماي ئوردىغا بېقىپ غەمكىن ئولتۇرۇپتۇ. ئاڭغىچە تاڭمۇ ئېتىپتۇ، ھېچگەپ بولماپتۇ؛ كۈن چىقىپتۇ، ھېچگەپ بولماپتۇ، ئاشۋاقتى بولۇپتۇ، ھېچ خەۋەر تارالماپتۇ. قوزا چۈش بىلەن خالايىق دىلغۇلدا بولۇشۇپ ماكانلىرىغا قايتىشىپتۇ. پادىشاھ ھازا كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ، مەلىكە بىلەن شاھزادە ئىمىر ياتقان ھوجرىغا دەر گۇماندا كىرىپ قاراپتىكەن، ئىككىسى بىر ئوبدان، قەدىناس ئەر - خوتۇنلاردەك مۇڭدىشىپ ئولتۇرغىدەك. پادىشاھ >بۇ ئوڭۇممۇ، چۈشۈممۇ؟< دەپ ھەيران بولۇپ ئارقىسىغا يېنىپتۇ. ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كەچ بولۇپتۇ. پادىشاھ يەنە غەم غۇسسىغا پېتىپ تورۇسقا قاراپ يېتىپ كېچىنى تاڭغا ئۇلاپتۇ، پۇقرالارمۇ شۇ تەرىقىدە تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ. ئەمما، ئۇ كېچىمۇ تېچ - ئامان ئۆتۈپ كېتىپتۇ. شاھزادە بىلەن مەلىكە سەھەر تۇرۇپ، چارىباغلىرىنى سەيلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۇزۇن كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئىمىر ئۆلمەپتۇ. ئوردىدىكىلەردىن تارتىپ پۇقرالارغىچە قانغىدەك ئۇخلاپ ھاردۇقىنى چىقىرىپتۇ. نەغمە - ناۋا قىلىپ دىشىۋا كۆڭۈللىرىنى راسا ئېچىپتۇ. پادىشاھ خۇش بولۇپ، شاھزادە ئىمىرنى بېشىدا كۆتۈرۈپتۇ ۋە ئۇنىڭ نېمە خىسلىتى بارلىقىنى بىلىشكە قىزىقىپ، كىنىزەكلەردىن پايلاقچى قويۇپتۇ. ۋەزىرلەر قىزغىنىپ ئىمىرنىڭ پېيىگە چۈشۈپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يىگىت پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ:
- ئېھ پادىشاھى ئالەم، ئۆيىمىزدىن ئايرىلغىلى يەتتە - سەككىز ئاي بولۇپتۇ، ئاتىمىز شۇ چاققىچە يېتىپ كېلەلمىدى، بىرەر پېشكەللىك بولدىمىكىن، دەپ كۆڭلىمىز ئەنسىرەپ تۇرالماي قالدۇق، بېرىپ يوقلاپ كەلسەك دەۋاتىمىز. ئىشەنسىلە مەلىكەمنى بىزگە قېتىپ قويسىلا، ئىسەنمىسىلە ئەپ قالسىلىمۇ ئاغرىنمايمىز، - دەپتىكەن، پادىشاھ:
- قىز ئەردە ياخشى، ئەردە بولمىسا يەردە ياخشى. ئۇنى ئالغاچ كېتىڭلار، قۇداممۇ كۆرسۇن، - دەپتۇ - دە، غەزنىچىگە ئېيتىپ قىرىق ئاتلىق دەببى - دۇنيا، مال - مۈلۈك جابدۇتۇپ، كىنىزەكلەردىن قىرىقنى ھەمراھ قىلىپ ئۇزىتىپ قويۇپتۇ.
يىگىت بىلەن شاھزادە ئىمىر مەلىكىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ، كىنىزكلەرنى ئارقىسىغا سېلىپ شەھەردىن ئايرىلىپتۇ. مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، يەتتە كېچە - كۈندۈز يول يۈرگەندىن كېيىن، كىنىزەكلەرنى قايتۇرۇۋېتىپ، بىر بوستانلىقتا توختاپتۇ. يىگىت يۈك - تاقلارنى يېشىندۈرمەي تۇرۇپ ئىمىردىن:
- مېنىڭمۇ شەھىرى دەريادا ماكانىم، بالا - چاقىلىرىم بار، مەن مۇشۇ يەردە سەندىن ئايرىلىمەن. ئىنىم، ئات - ئۇلاق، مال - مۈلۈكنى قانداق ئۈلۈشىمىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- باشتا شەرتلەشكىنىمىز، تەڭ ئۈلۈشەرمىز، - دەپتۇ شاھزادە.
- ئۇنداق بولسا مەن تەقسىم قىلاي، مەلىكە شاھىد بولسۇن، سەن قاراپ تۇرغىن، - دەپتۇ يىگىت ۋەقىلىچنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، ئاتلارنى قۇلىقىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىن چەنلەپ، قۇيرۇقىنىمۇ پەملەپ چېپىپ تاشلاپتۇ. يىگىت ھەر بىر ئاتنىڭ يوتىسىنى ئوڭ تەرەپكە، بىر يوتىسىنى سول تەرەپكە ئايرىپ، >ماۋۇ سېنىڭ، ماۋۇ مېنىڭ< دەپ ئۈلەشتۈرۈپتۇ. يىگىتنىڭ قىلىقىدىن ھەيران قالغان شاھزادە رەنجىپ سوراپتۇ:
- ئاكا، ئاتلارنى نېمىشقا ئۆلتۈرۈۋېتىلا؟ نەرسىلەرنى ئەمدى قانداق ئېلىپ كېتەلەيمىز؟
- بىلسەڭ ئىنىم، ئاتلارنىڭ ئورۇق - سېمىزلىكى، چوڭ - كىچىكلىكى، ئۇ ئات بىلەن بۇ ئاتقا ئارتىلغان مال - مۈلۈك ئوخشىمايدۇ، ئۇنى ئات بويىچە تەقسىملىۋالساق >نېمە تاپساق تەڭ< دېگەن شەرت ئادا بولىدۇ. شۇڭا ئاشۇ چارىنى قوللاندىم، - دەپتۇ يىگىت.
قورققىنىدن بىللە كەلگىنىگە پۇشايمان ئەيلەپ، ياش تۆكۈۋاتقان مەلىكە يىگىتنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ ئۆز - ئۆزىگە >بۇ ئادەم ئەجەپ پىت ئۈچەي< ئىكەن دەپ قاپتۇ. شاھزادە ئىمىر >ئات تۈگەشتى، ئەمدى مەلىكىنى تەڭ ئالىمىز دېسە قانداق قىلارمەن< دەپ غەمگە پېتىپ تۇرسا، دېگەندەك يىگىت:
- ئىنىم، مەلىكىنى قانداق ئۈلۈشىمىز؟ - دەپ سوراپ قاپتۇ.
شاھزادە ئىمىرنىڭ تىرىك تۇرۇپ جېنى چىقىپتۇ، چىرايلىرى سارغىيىپ، لەۋلىرى كۆكىرىپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ چاندۇرماي دەپتۇ:
- ئىلتىپات ئۆزلىرىدە ئاكا.
- خۇش، شۇ گېپىڭ راست بولسا، مەلىكىنىمۇ ئىككى كاسا قىلىپ، يېرىمىدىن ئۈلۈشىمىز، - دەپتۇ يىگىت ۋە مەلىكىنىڭ پۇت - قولىنى چەمبەرچەس قىلىپ باغلاپ، ئوڭ قولى بىلەن ئوڭ پۇتىنى بىر تۈپ دەرەخكە، سول قولى بىلەن سول پۇتىنى يەنە بىر تۈپ دەرەخكە ئېسىپتۇ. مەلىكە ئاھ ئۇرۇپ سىلكىنىپ باقسىمۇ قىمىرلىيالماپتۇ.
شاھزادە يىگىتنىڭ ئايىقىغا ئۆزىنى ئېتىپ، مەلىكىنىڭ بىر قوشۇق قېنىنى تىلەپتۇ. >تېگىشلىكىمدىن ئۆتۈنەي، مەلىكىنى ئۆزلىرى ئېلىپ كەتسىلە ئاكا< دەپ يالۋۇرۇپتۇ. يىگىت ئۇنىماي قىلىچنىڭ سېپىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ، بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ مەلىكىگە قاراپ ئېتىلىپتۇ. مەلىكە كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، بار كۈچى بىلەن چىقىراپ سىلكىنىپتىكەن، ئىچىدىن بىر ئاق يىلان ئېتىلىپ چىقىپ يەرگە ئۇرۇلۇپ ئۆلۈپتۇ. يىگىت مەلىكىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، يېشىپ دەسسىتىپتۇ ۋە كەۋسەر سۈيى ئىچىرىپ ماغدۇرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپتۇ. شاھزادە ئىمىرنىمۇ سۇ ئۇسۇلدا ھۇشىغا كەلتۈرۈپتۇ، شاھزادە كۆزىنى ئېچىپ قارىسا، مەلىكە كۈلۈمسىرەپ، باغرىنى ئېچىپ تۇرغىدەك. شاھزادە نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي، سوراي دەۋاتسا، يىگىت يىلاننى كۆرسىتىپ دەپتۇ:
- ئىنىم، بۇ زەھەرلىك چاققاق يىلان مەلىكەم تۆرلگەندە بىللە تۆرەلگەن، تۇغۇلغاندا مەلىكەمنىڭ قورسىقىغاكىرىۋالغان. مەلىكەم ياتلىق بولغاندا، ئېرىنىڭ زەكىرىنى چېقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. بىلسەڭ ئىنىم، مېنىڭ سېنى مەلىكەم بىلەن بىر ئورۇنغا قوشۇلغىلى قويمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدى. ئەمدى ئۇنى ئۆزەڭ ئېلىپ كەت! ئامراق، ئۆمۈرلۈك ئەر - خوتۇن بولۇڭلار!
شاھزادە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردىن يىگىتنىڭ ئاق نىيەتلىكىگە قايىل بولۇپ، ئويلىغانلىرىغا پۇشايمان قىلىپتۇ ۋە تىزلىنىپ رەھمەت ئېيتىپتۇ. يىگىت ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ:
- گېپىمگە قۇلاق سال ئىنىم: مۇندىن ئون يىل بۇرۇن ئاتاڭ مېنى دەرياغا قارماق تاشلاپ تۇتۇپ، جۈپتۈمدىن ئايرىپ، چارىباغدىكى كۆلچەككە قاماپ قويغان ئىدى. سەن قۇتقۇزۇپ جۈپتۈمگە قوشۇپ قويدۇڭ. شۇ سەۋەبتىن ئاتاڭ سېنى ھەيدەپ چىقاردى. مەن ساڭا بىر ئۆمۈر ياخشىلىق قىلساممۇ قىلغان ياخشىلىقىڭنى ياندۇرۇپ بولالمايمەن. بېشىڭغا كۈن كەلسە مېنى مېنى دەريا بويىدىن تاپقىن، >بېلىقىم - بېلىقىم، شاھزادە كەلدى< دەپ چاقىرساڭ قېشىڭدا ھازىر بولىمەن. خەير! - دەپتۇ - دە، ئالتۇن بېلىققا ئايلىنىپ ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپتۇ.
شاھزادە ئىمىر بىلەن مەلىكە ئاسمانغا قاراپ، بىر ھازا خۇشاللىق يېشى تۆككەندىن كېيىن، دالىغا قارىغان ئىكەن، ئاتلار ئەسلىگە كېلىپ، كىشنەپ تۇرغۇدەك، يۈك - تاقلارمۇ ئارتىغلىق پېتى تۇرۇپتۇ. شاھزادە بىلەن مەلىكە ئۆز ئارغىماقلىرىغا مىنىپ، قىرىق ئاتنى ئالدىغا سېلىپ، مەلىكىنىڭ ئاتىسىغا خەۋەر يەتكۈزمەك بولۇپ، كەلگەن يولىغا قايتىپتۇ.