UyghurWiki
UyghurWikiچوچاققەشقەر بۇلبۇلى

قەشقەر بۇلبۇلى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا ئالتە كىشى كۇچار شەھىرىگە كەپتۇ. ئۇلار شەھەرنىڭ چېتىگە جايلاشقان بىر سارايغا چۈشۈپتۇ. بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سەلىياخۇن سارايدىن چىقىپ بازارغا كېتىپ بارسا ھاجىتى قىستاپ قاپتۇ - دە، يول بويىدىكى گۈللۈككە كىرىپ ھاجەت قىلىپتۇ. دەل شۇ چاغدا گۈلچى كېلىپ قاپتۇ. سەلىياخۇن دەرھال تۇمىقىنى ئېلىپ نىجاسەت ئۈستىگە قويۇپتۇ. گۈل باققۇچى: - ھەي ئادەم، تۇمىقىڭدا باسۇرۋالغىنىڭ نىمە؟ - دەپ سورىغان ئىكەن، سەلىياخۇن: - بىز قەشقەردىن بۇلبۇل ئېلىپ چىققان ئىدۇق. بىر بۇلبۇل ئۇچۇپ كېتىپ مۇشۇ گۈللۈككە چۈشكەن ئىدى، مەن تۇمىقىم بىلەن باسۇرۋالدىم، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان گۈلچى: - سەن بۇلبۇل سودىگىرى ئىكەنسەن - دە، قېنى قەشقەر بۇلبۇلىنى بىر كۆرۈپ باقاي، تۇماقنى ئاستا ئېلىپ كۆرسىتىپ باققىنا - دەپتۇ. سەلىياخۇن: - مۇنداق قىلايلى. مەن سارايغا بېرىپ قەپەز ئېلىپ كېلەي. بولمىسا بۇلبۇل يەنە ئۇچۇپ كېتىپ قالىدۇ. مەن كەلگۈچە بۇ بۇلبۇلغا قاراپ تۇرسىلا. ئەگەر مەن كەلگىچە تاقەت قىلماي، تۇماقنى ئېچىپ قويۇپ، بۇلبۇل ئۇچۇپ كەتسە بۇلبۇلنىڭ نەرقىگە ئۆمۈر بويى ئىشلەپ تاپقانلىرى يېتىشمەي قالىدۇ، - دەپتۇ. گۈلچىنىڭ تېخىمۇ ھەۋىسى كەپتۇ - دە، ماقۇل كەپتۇ. سەلىياخۇن قۇتۇلغىنىغا خوشال بولۇپ، دەرھال ئۆز يولىغا كېتىپتۇ. گۈلچى توماققا قاراپ ئولتۇرۇپ، باشقا يەردىكى گۈللۈكنى يوقلىماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن گۈللۈكلەرنى ئات - ئۇلاق، ئۇششاق بالىلار ۋەيران قىلىپتۇ. بۇ ئەھۋالنى ئۇققان شەھەر ھاكىمىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قاپاقلىرىنى بۇقىنىڭ بوينىدەك تۈرۈپ، غەزەب بىلەن ئىزلەپ كەلسە، گۈلچى بىر كونا تۇماققا قاراپ ئولتۇرغۇدەك. - سەن نىمىشقا گۈلنى باقماي بۇ يەردە ئولتۇرۇسەن؟ - دەپتۇ ھاكىم - قەشقەرلىك بۇلبۇل سودىگەرلىرى شەھىرىمىزگە بۇلبۇل ئەكەلگەن ئىكەن، بىر بۇلبۇل ئۇچۇپ كېتىپ مۇشۇ گۈللۈككە چۈشۈپتىكەن. ئىگىسى ئىزلەپ كېلىپ تۇماقتا باسۇرۇپ قويۇپ قەپەزگە كەتتى. قەپەزنى ئەكەلگەندىن كېيىن بۇلبۇلنى بىر كۆرۈپ باقاي دەپ تۇرۇۋاتىمەن، - دەپتۇ گۈلچى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھاكىمنىڭ ئاچچىقى يېنىپتۇ. ئۇنىڭمۇ قەشقەر بۇلبۇلىنى كۆرگۈسى كەپتۇ - دە، قەپەزگە كەتكەن بۇلبۇل سودىگىرىنى كۈتۈپ، تۇماققا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. لېكىن سەلىياخۇن كەلمەپتۇ. بۇلارنىڭ تاقىتى - تاق بولۇپتۇ. تۇماقنى ئاچاي دىسە بۇلبۇلنىڭ ئۇچۇپ كېتىشىدىن قورقۇپتۇ. ئاچماي دىسە كەچ بولۇپ قاپتۇ. شۇ تەرىقىدە يەنە بىر ھازا ساقلاپتۇ. سەلىياخۇن كەلمىگەندىن كېيىن ئۇلار تۇماقنى ئېچىش قارارىغا كەپتۇ. ھاكىم >ئەگەر بۇلبۇل ئۇچۇپ كەتسە، ئۇلار دەۋا قىلسا، مەن شەھەر ھاكىمى بولغاندىن كېيىن بىر چارىسىنى قىلمامدىمەن< دەپ ئويلاپ، تۇماقنى ناھايىتى پەم بىلەن ئازراق ئېچىپلا قولىنى تىقپتۇ - دە، ئاندىن ئۆزىنى >گۈپ< قىلىپ توماقنىڭ ئۈستىگە تاشلاپتۇ - دە، ساقال - بۇرت ۋە كىيىم - كېچەكلىرى نىجاسەت بولۇپ كېتىپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: مەخمۇت مۇھەممەت.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
قەشقەر بۇلبۇلى | UyghurWiki | UyghurWiki