دانىشمەن پادىچى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ ھەددى - ھېسابسىز مال - دۇنياسى ۋە ئۆز ئوردىسىنىڭ ھەشەمەتلىكلىكىدىن ماختىنىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇ يۇرتتىكى ئەل - جامائەت بىر يەڭدىن قول، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ناھايىتى كۆركەم بىر مەسچىت ياساپ چىقىپتۇ. ئۆتكەن - كەچكەنلەر:>پاھ، بۇ مەسچىت خان ئوردىسىنى بېسىپ چۈشىدىكەن< دەپ تەرىپلىشىپتۇ. بۇ تەرىپلەرپادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ، پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ مەسچىتنىڭ ئىمامىنى ئوردىغا چاقىرىپتۇ - دە:
- مېنىڭ ئەمىر - پەرمانىمسىز مەسچىت سېلىپ، ئىمام بولۇپ جېنىڭدىن ئايرىلغىڭ كەلدىمۇ؟ - دەپ ئىمامغا تەھدىت ساپتۇ.
- پادىشاھ ئالىيلىرى، بىز ئۆزلىرىنىڭ ئەمىر - مەرۇپلىرىغا خىلاپلىق قىلمىدۇق ياكى ئۆزلىرىگە، ئەلگە بىرەر زىيان - زەخمەت سالمىدۇق، رەھىم قىلغايلا، - دەپ يېلىنىپتۇ ئىمام.
- ھازىر سەندىن ئۈچ سۇئال سورايمەن، مۇبادا جاۋاب بېرەلىسەڭ مال - دۇنيالىرىڭنى مۇسادىرە قىلىپ كاللاڭنى ئالىمەن. بىرىنچى، مەن نەچچە تىللاغا يارايمەن؟ ئىككىنچى، ئات مىنىپ كېزىشىم ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ مەن ھازىر نېمە ئويلاۋاتىمەن؟ - دەپتۇ پادىشاھ.
ئىمام ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ جاۋاب تاپالماي، پادىشاھتىن ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت سوراپتۇ. پادىشاھ بۇنىڭغا ماقۇل بوپتۇ. ئىمام غەم دەرياسىغا غەرق بولۇپ ئوردىدىن ئايرىلىپتۇ. ئۇ يولدا بىر پادىچى بىلەن ئوچرىشىپتۇ. پادىچى ئىمامنىڭ تۇرقىغا قاراپ:
- تەقسىر، بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدىلىمۇ نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ. ئىمام ناھايىتى مەيۇس ھالدا ئوردىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىچى:
- ئۇنداق بولسا كىيىملىرىنى سالسىلا، ئاتلىرىنى بەرسىلە، مەن ئۆزلىرىنىڭ سىياقىدا ياسىنىپ، پادىشاھنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرەي، - دەپتۇ. ئۇ ئىمامنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى كېيىپ ئۇنىڭ ئېتىغا مىنىپ ئورىدىغا بېرىپتۇ.
- پادىشاھى ئالەم، سوئاللىرىغا ئەمدى جاۋاب بېرەي دەپ كەلدىم، - دەپتۇ پادىچى.
- قېنى جاۋاب بەر، مەن قانچە تىللاغا يارايمەن؟
- يۈسۈپ پەيغەمبەر ئۆز ۋاقتىدا ئوتتۇز تىللاغا ياراپتىكەن، ئۆزلىرى پەيغەمبەردىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىلا، شۇڭا يىگىرمە توققۇز تىللاغا يارايلا، - دەپتۇ پادىچى. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ خۇشال بولۇپ، ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپتۇ ۋە يەنە سوراپتۇ:
- ئات مىنىپ ئالەمنى كېزىشىم ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟
- پادىشاھى ئالەم، سىلى ئەتىگەندە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، قۇياش بىلەن سەپەرداش بولۇپ ئايلانسىلا، يىگىرمە تۆت سائەت ئىچىدە پۈتۈن ئالەمنى ئايلىنىپ چىقىلا، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ پادىچى. پادىشاھ ئۇنى ماختاپ:
- سەن تازىمۇ دانىشمەن ئىكەنسەن، قېنى ئاخىرقى سوئالىمغا جاۋاب بەر. مەن ھازىر نېمە ئويلاۋاتىمەن؟
- ئۆزلىرى ھازىر مېنى ھېلىقى مەسچىتنىڭ ئىمامى دەپ ئويلاۋاتىلا. لېكىن مەن ئىمام ئەمەس، پادىچى. ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ ئىمامنى ۋە مېنىڭ ئىمام ئۈچۈن جاۋاب بەرگەنلىكىمنى كۈچۈرۈشلىرىنى ئۆتۈنىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ پادىچى.
پادىشاھ پادىچىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە ۋە دانىشمەنلىكىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭ تەلىپىنى بەجا كەلتۈرۈپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: مەتتوختى ئەخمەت.