UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقدانا، نادان ۋە قاسساپ

دانا، نادان ۋە قاسساپ

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر شەھەردە ئۈچ كىشى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ بىرى دانا، بىرى نادان، يەنە بىرى قاسساپ ئىكەن. بۇلار گويا بىر تۇققاندەك يېقىن ئىكەن. بۇلار ھەر قېتىم ئۇچراشقاندا دانا مەرتلىك بىلەن تاماق ئېلىپ مېھمان قىلىدىكەن. قاسساپ بىلەن نادان تۇرمۇشتا ئازىراقلا قىينىلىپ قالسا دانا ئۇلارغا ياردەم قىلىدىكەن. ئايلار، يىللار ئۆتۈپتۇ. قاسساپ بىلەن ناداننىڭ ھال - ئوقىتى ياخشىلىنىپ قاپتۇ. دانانىڭ بولسا كۈن ئۆتكۈزمىكى تەسكە چۈشۈشكە باشلاپتۇ. دانا بىر كۈنى قاسساپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ: - ئاداش، ئازراق گۆش ئۆتنە بېرىپ تۇرساڭ، - دەپتۇ. قاسساپ: - يوق! - دەپ قاپقىنىمۇ ئاچماستىن، ئۇنى يولغا ساپتۇ. دانا ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، خوتۇنىنى ئۆيىگە ئەۋەتىپتۇ. ئايال قاسساپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ: - ئۇستام، ئوبدانراق گۆشتىن بەرسىلە! - دەپتىكەن، قاسساپ ئالدىدىكى بۇ ساھىبجامال ئايالغا ھىجىيىپ، گۆشنىڭ ئوبدان يېرىدىن بېرىپتۇ ۋە: - ئېرىڭىز بارمۇ؟ ئۆيىڭىز نەدە؟ - دەپ سوراپتۇ. - ئېرىم بار. ئەمما ئالتە ئايچە بولدى، تاغ كەينىگە سودىگەرچىلىك قىلىپ كەتكەن. تېخىچە قايتىپ كەلمىدى. ئۆيۈم. شەھەرنىڭ چېتىدە، - دەپتۇ ئايال. - ئۆيىڭىزنى بىر كۆرۈپ كەلسەمكەن، - دەپتۇ. قاسساپ. - ئىختىيارلىرى، - دەپ قاش - كۆزلىرىنى ئوينىتىپتۇ ئايال. بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاسساپنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىپتۇ ۋە كەچتە ھىچقاچان كىيىپ باقمىغان ئىسىل كىيىملىرىنى كىيىپ، ئايالنىڭ ئۈستىگە بېرىپتۇ. دانا ئايالى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۆزى يوشۇرۇنۇپتۇ. ئايال ئىشىككە چىقىپ قاسساپنى غەمزە - ناز بىلەن كۆتۈۋاپتۇ. ئۇلار ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن پاراڭلىشىپ چاي - پاي ئىچىپ ئولتۇرۇشۇپتۇ. تۇيۇقسىز بىرسى ئىشىكنى قېقىپتۇ. ئايال چىقىپ كېتىپ ھايال ئۆتمەي ئۆيگە ئالدىراش قايتىپ كىرىپتۇ ۋە قاسساپقا: - ۋاي، بولمىدى! ئېرىم كېلىپ قالدى. سىلە دەرھال ماۋۇ سېۋەتنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالسىلا، - دەپ ئۇنى ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىكى چوڭ بىر سېۋەتنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويۇپ. دەرۋازىنى ئاچقىلى چىقىپ كېتىپتۇ. دانا ئۆيگە كىرىپلا: - يولدا بەك ھېرىپ كەتتىم خوتۇن، ئوبدانراق بىر تاماق ئەتكىن. ھە،راست، ھېلىقى بىر پاقلان بار ئىدىغۇ. شۇنى سويايلى! - دەپتۇ. ئۇلار پاقلاننى سويۇپتۇ. دانا: - قرساق، ئۈچەي، قېرىنلىرىنى ئاۋۇ سېۋەتكە تۆكۈۋېتەيلى! - دەپ، سېۋەتكە تاشلاپتۇ. قاسساپنىڭ ئىسىل كىيىملىرى بۇلغىنىپ كېتىپتۇ. سېسىقچىلىقتا ئۆلگۈدەك بولۇپتۇ. لېكىن قورقۇنچ ئىچىدە چوڭراق تىنىشقىمۇ پېتىنالماي جىم ئولتۇرۇۋاپتۇ، ئۇلار تاماقلىرىنى يەپ بولۇپ، سېۋەتتىكى ئۈچەي - قېرىنلارنى ئازگالغا تۆكۈۋېتەيلى دەپ، سېۋەتنى كۆتەرگەن پېتى >قاچ! قاچ!< دەپ توۋلاپ ئاپىرىپ يۇندا ئازگىلىغا تۆكۈۋېتىپتۇ. ئۈستى - بېشى پۈتۈنلەي يۇندىغا بۇلغىنىپ كەتكەن قاسساپ ئازگالدىن مىڭ تەسلىكتە چىقىپ، ئۆلە - تىرىلىشىگە قارىماي تىكىۋېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن دانا ئۇنىڭ كەينىدىن ئەتەي: - مانا، مانا، قاچ دىسەم يۇندا ئازگىلىدا نىمە بار ساڭا؟ - دەپ قويۇپ ئۆيىگە كۈلۈپ كىرىپ كېتىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ، بىر كۈنى دانا ئازىراق ئۇن سوراپ ناداننىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. ئۇمۇ قاسساپقا ئۇخشاش قاپىقىنىمۇ ئاچماستىن >يوق!< دەپ دانانى يولغا ساپتۇ. بۇ قېتىممۇ دانا ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئايالىنى ئەۋەتىپتۇ. ئايالىنىڭ ھۆسنى - جامالىغا مەپتۇن بولغان نادان قىلغىلى قىلىق تاپالماي قاپتۇ. ئۇ ئايالغا بىر خالتا ئۇن بېرىپتۇ ۋە: - ئېرىڭىز بارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - ئېرىم بار. ئەمما ئالتە ئاي بولدى. تاغ كەينىگە ئۆتۈپ كەتكەن. تېخىچە كەلمەيۋاتىۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئايال. بۇ گەپنى ئاڭلىغان نادان: - كەچتە بارسام قانداق؟ - دەپتۇ. - ئىختىيارلىرى، - دەپتۇ ئايال. نادان كەچتە ئايالنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. دانا ئالدىنقى قېتىمقىدەك سىرتقا چىقىپ يوشۇرۇنۇۋاپتۇ. ئايال نادان بىلەن ئۆيدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشىغا ئىشىك چېكىلىپتۇ. ئايال سىرتقا چىقىپ كېتىپ، ھايال ئۆتمەي، ھودۇققان ھالدا كىرىپ: - بولمىدى، ئېرىم كېلىپ قالدى. سىلى دەرھال يوشۇرۇنۇۋالسىلا، ھە، توغرا، كەلسىلە، مەنسىلىنى بۆشۈككە بۆلەپ قوياي، - دەپ ئۇنى بۆشۈككە بۆلەپ قويۇپ، سىرتقا چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىپتۇ. دانا ئۆيگە كىرىپ: - چاي بارمۇ؟ ئۇسساپ كەتتىم، - دەپتۇ. چايدىن كېيىن، ئۆينىڭ ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىگە قاراپ كۆزى بۆشۈككە چۈشۈپتۇ: - بۆشۈكتىكى كىم؟ - دەپتۇ دانا. - سىلى كەتكەندىن كېيىن تۇققان بالام، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئايال. دانا بۆشۈكتىكى چاپاننى قايرىپ قارىسا، بۆشۈكتە ساقاللىق بىر كىشى ياتقان. - ھوي خوتۇن، بالا بۆشۈكتە تۇرۇپلا ساقال چىقىپتىغۇ؟ - دەپتۇ دانا. - ئاپپاق قوزامنىڭ يۈزلىرىنى پاكىزە يۇيۇپ قوياي. بالام، يىغلىما جۇمۇ! - دەپ، ناداننىڭ يۈزىدىكى ساقاللىرىنى بىرمۇ - بىردىن يۇلۇشقا باشلاپتۇ ئايال، - بالام، مۇشتەك تۇرۇپ ساڭا ساقال چىققاندىكىن، ئاغرىسا چىدا، جۇمۇ بالام! ئاغرىق ئازاۋى جېنىغا يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما نادان قورقۇپ غىڭ قىلماپتۇ. دانا بۆشۈكنىڭ ئاخىرىغا قاراپ: - ھوي خوتۇن، بۇ بالىنىڭ پۇتى نىمانداق ئۇزۇن؟ دەرھال ھەرە ئېلىپ چىق. ئۆزىدىن بالدۇر ئۆسكەن بۇ پۇتنى ئازىراق كېسىپ تاشلايلى! - دەپتۇ. نادان شۇ ھامان ئاللا - توۋا قىلىپ، چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ ۋە يۈگۈرگىنىچە قېچىپ چىقىپ كېتىپتۇ. دانا ئۇنىڭغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ: - ھەي! خەيرىيەت، ئادەم بولۇپ قايتىپ كېلەرسەن، - دەپ كۈلۈپتۇ. دانا ئەنە شۇنداق ئۇسۇل بىلەن نادوستلۇقنىڭ قەدىرىگە يەتمىگەن، دوستى قىيىن كۈنگە قالغاندا ياردەم قولىنى سۈنغان قارا يۈز قاسساپ بىلەن ناداننىڭ ئەدىپىنى بېرىپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: ياقا گۇڭشې ياقا دادۈيدىن: قارى مەخمۇت.
← بارلىق تېمىلار چوچاق