پادىچى بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
زامانلارنىڭ زامانىسىدا بىر كەمبەغەل بوۋاي ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ بوۋاينىڭ زېرەك بىر ئوغلى بولغان ئىكەن. ئۇلار ئەسلىدىن بىر قورايلىق ئېتىزغا بۇغداي تېرىپ، ئۇنىڭدىن ئاز - تولا بۇغداي ئېلىپ، جېنىنى جان ئېتىپ كەپتۇ. شۇنداق يىللارنىڭ بىرىدە يىل بويى يامغۇر ياغماي، چاڭ بولۇپ، بىر تالمۇ دان ئالالماپتۇ. ئۇلار جان بېقىش كويىدا بىر مەھەللىنىڭ پادىسىنى بېقىپتۇ. باققاندىمۇ ئەلنى رازى قىلغۇدەك بېقىپتۇ.
شۇ چاغدا بۇ ئەلنىڭ پادىشاھىمۇ ئۆزىنىڭ 41 كالىسىنى باقىدىغان بىر ياخشى پادىچى ئىزلىتىپ يۈرگەن ئىكەن. ئىزلەپ - سۈرۈشتۈرۈپ، بۇ پادىچى بوۋاينىڭ كالىلارنى ياخشى باقىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. ئۇنى چاقىرتىپ، ئۆزىنىڭ كالىلىرىنى بېقىشنى بۇيرۇپتۇ. بوۋاي چارىسىز ماقۇل بولۇپتۇ. پادىشاھنىڭ 41 كالىسىنىڭ ئىچىدە بىر كالىسى 40 چىلەك، قالغان 40 كالىسى 40 چىلەك سۈت بېرىدىكەن. شۇڭا 40 چىلەك سۈت بېرىدىغان كالا پادىشاھ ئۈچۈن بەكمۇ ئەتىۋارلىق ئىكەن، مۇشۇ ۋەجىدىن پادىشاھ ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر قېتىم، كەچتە بىر قېتىم كالىلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئاندىن خاتىرجەم بولىدىكەن.
كۈنلەر كەينىدىن كۈنلەر، ئايلار كەينىدىن ئايلار ئۆتۈپتۇ، كالىلار ياخشى تويۇپ سەمرىپتۇ. پادىشاھ كۆڭلىدە رازى بولۇپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پادىشاھنىڭ 40 چىلەك سۈت بېرىدىغان كالىسى تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپتۇ. بوۋاي يېقىن ئەتراپلارنى ئىزلەپتۇ، زادىلا تاپالماپتۇ. ئاخىرى 40 كالىنى ھەيدەپ قايتىپ كەپتۇ. پادىشاھ ئادىتى بويىچە چىقىپ قارىسا، ئەتىۋارلىق كالىسى كۆرۈنمەپتۇ. سۈرۈشتۈرۈپ يوقالغانلىقىنى بىلىپتۇ. پادىشاھ دەرغەزەپكە كەپتۇ - دە، >جاللات< دەپ ۋارقىراپتۇ. جاللات شۇ ھامان يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ - دە:
- ئۇلۇغ پادىشاھى ئالەم! كىمنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىمەن، - دەپتۇ.
- جانابى شاھىمىز، - دەپتۇ پادىشاھنىڭ بىر ئادىل ۋەزىرى، - بۇ بوۋاينى ئۆلتۈرۈۋەتسەك، كالىنى تاپماق تەس بولارمىكىن، ئۇنىڭغا بىر جۈمە مۆھلەت بېرەيلى. شۇنىڭغىچە كالىنى تاپالمىسا، ئاندىن ئۇنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلساق.
پادىشاھ ئويلىنىپ بوۋايغا بىر جۈمە مۆھلەت بېرىپتۇ. پادىچى بوۋاي تايىقىنى تۇتقىنىچە كالىنى ئىزلەپتۇ، چۆللەرنى كېزىپتۇ، جاڭگاللارغا كىرىپتۇ، ھېچنەدىن تاپالماپتۇ، جۈمە كۈنىمۇ يېتىپ كەپتۇ، ئۇ كالىنى تاپالمىغاندىن كېيىن ئۆلۈم كۆزىگە كۆرۈنۈشكە باشلاپتۇ. يالغۇز بالىسىنى ئويلاپتۇ. ئۇ شۇنداق خىياللار بىلەن مېڭىۋېرىپ، بىر تاغقا بېرىپ قاپتۇ. ئۇ تاغدا بىر چوڭ غار بار ئىكەن. بوۋاي >كالا مۇشۇ غارغا كىرىپ قامىلىپ قالمىغاندۇ< دېگەن ئوي بىلەن غارغا يېقىنلاپ بېرىپتۇ. شۇ چاغدا بىر دھشەتلىك سادا بىلەن تەڭ قاتتىق بوران چىقىپ، بوۋاينى بىر يەرلەرگە ئاپىرىپ تاشلاپتۇ. بوۋاي تىرىشىپ - تىرمىشىپ يەنە غارنىڭ ئاغزىغا يېقىنلاپ بېرىپتۇ. بۇ قېتىم يەنە شۇنداق سادا بىلەن ئوتيالقۇنى كۆتۈرۈلۈپتۇ. بوۋاي دەرھال ئۆزىنى بىر دالدىغا ئېلىۋاپتۇ. ئوت يالقۇنى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، بوۋاي غار ئاغزىغا قارىغىدەك بولسا بىر ئادىمىزات تۇرغىدەك ئۇ بوۋايدىن:
- ھەي بوۋاي، سېنى بۇ يەرگە كېلىشكە نېمە مەجبۇر قىلدى، - دەپ سوراپتۇ.
- مەن پادىشاھنىڭ 41 كالىسىنى باقاتتىم، - دەپتۇ بوۋاي، - 40 چىلەك سۈت چىقىدىغان بىر ئارزۇلۇق كالىسى يوقاپ كەتتى. بىر جۈمەدىن بېرى ئىزلەۋاتىمەن، ھېچ تاپالمىدىم، ئىزلەپ كېلىپ قارىسام بۇ غار كۆرۈندى. مۇشۇ غاردا قامىلىپ قالمىغاندۇ، دېگەن ئوي بىلەن بۇ يەرگە كەلدىم.
سېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىڭنى بىلەتتىم. بۇ غار سېھىرگەرلەر ماكانى، سەن بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقساڭ، كالىنى ئۆز ئۆيۈڭگە يەتكۈزىمىز، - دەپتۇ ھېلىقى سېھىرگەر.
- قولۇمدىن كەلسە، ھاجىتىڭلاردىن چىقاي، - دەپتۇ بوۋاي.
- سېنىڭ يالغۇز بىر ئوغلۇڭ بار، - دەپتۇ سېھىرگەر، - شۇ ئوغلۇڭنى بېرىسەن - دە، كالىنى ئەتە پادىشاھغا ئاپىرىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلىسەن.
بوۋاي ياق دېسە، پادىشاھ ئۆلتۈرىدۇ، ماقۇل دەي دېسە، يالغۇز بالىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. سېھىرگەر بوۋاينىڭ تەڭ قىسلىقتا قالغانلىقىنى كۆرۈپ:
- سەن بالاڭ بىلەن مەسلىھەتلەش، - دەپتۇ سېھىرگەر، - كۆزۈڭنى يۇم، مەن >ئاچ< دېگەندە كۆزۈڭنى ئاچىسەن.
بوۋاي كۆزىنى يۇمۇپتۇ، بىر ھازادىن كېيىن >ئاچ< دېگەن سادا بىلەن كۆزىنى ئېچىپتۇ. قارىسا ئۆز ئۆيىدە تۇرغىدەك. ئاتىسىنىڭ غەم - قايغۇدا قالغانلىقىنى بىلگەن ئوغۇل:
- ئاتا! كالا تېپىلمىغان بولسا، سېنىڭ ئورنىڭغا پادىشاھنىڭ ئالدىغا مەن بارىمەن، - دەپتۇ.
بوۋاي ئوغلىغا سېھىرگەر بىلەن بولغان ئەھۋالنى دەپ بېرىپتۇ. زېرەك ئوغۇل ئاتىسىدىن رازىلىق دۇئاسىنى ئېلىپ، سېھىرگەرلەر ماكانىغا بارماقچى بولۇپتۇ. ھەممىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرغان سېھىرگەر شۇ ھامان پەيدا بولۇپ، كالىنى بوۋاينىڭ ھويلىسىغا يەتكۈزۈپتۇ - دە بىر دومىلاپ چوڭ بىر قۇشقا ئايلىنىپ، بوۋاينىڭ ئوغلىنى ئېلىپ كېتىپتۇ. بوۋاي ئوغلىنىڭ دەردىدە زار قاقشاپ قاپتۇ. يىگىت بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىرسە، بىر موماينىڭ تەنھا تەسۋىرى تارتىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە سالام بېرىپتۇ. موماي:
- كەلگىن بالام، يۇقىرى ئۆتكىن، - دەپتۇ - دە، دەرھال مېۋە، قەن - گېزەكلەر بىلەن چاي تەييارلاپ يىگىتنى مېھمان قىلىپتۇ. يىگىت چاي ئىچىۋېتىپ ئشىك تەرەپكە شۇنداق قارىغان ئىكەن، تالادىن بىر چوڭ يىلاننىڭ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئەيمىنىپ قاپتۇ.
- بالام، قورقمىغىن، - دەپتۇ موماي چىقىپ كېتىۋېتىپ، - زىيىنى يوق، ئىختىيارىغا قويۇپ بەر.
موماي ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، يىلان يىگىتنىڭ قۇچىقىغا چىقىپتۇ - دە، بىر دومىلاپ ئاي دېسە ئاغزى بار، كۈن دېسە كۆزى بار، قەلەم قاشلىق، سۇمبۇل چاچلىق، زىلۋا بويلۇق بىر گۈزەل قىزغا ئايلىنىپتۇ. قىز يىگىتكە قارام تازىم بىجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، خۇش تەبەسسۇم بىلەن ھال - ئەھۋاللىشىپتۇ. يىگىتنىڭ قەلبىدە بىر ئوت كۆيگەندەك بولۇپتۇ، ئۇنىڭ پۈتۈن مېھرىنى قىز تارتىۋاپتۇ.
- بۇ جاي - ئىمارەتلەر بىزنىڭكى، - دەپتۇ قىز، - چارىباغلارنى سەيلە قىلىڭ، بىللە چىقايلى!
- قىز بۇ قەددى قامەتلىك، زېرەك يىگىتنى ئەگەشتۈرۈپ، چارىباغنى 40 كۈن ئايلىنىپتۇ. ئاندىن سېھىرگەر چوڭ توي - مەرىكە ئۆتكۈزۈپ، قىزنى يىگىتكە نىكاھلاپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى يىگىتنىڭ ئاتىسىنى يوقلاپ كېلىش ئارزۇسى قوزغىلىپتۇ. بۇ ئارزۇسىنى خوتۇنىغا ئېيتىپتۇ. خوتۇنى مۇنداق دەپتۇ:
- سېھىرگەر مېنىڭ ئاتام بولىدۇ. سىز ئۇنىڭ ئالدىغا بارغاندا بىرىنچى كۈنى بىر تۇلپار بار، شۇنى سوراڭ، ئىككىنچى كۈنى بىر خىسلەتلىك ئۈزۈك بار، شۇنى سوراڭ، ئۈچىنچى كۈنى رۇخسەت سوراڭ.
يىگىت خوتۇنىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە بىرىنچى كۈنى تۇلپارنى سوراپتۇ، ئىككىنچى كۈنى خىسلەتلىك ئۈزۈكنى سوراپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى ئاتىسىنى يوقلاش ئارزۇسىنى ئېيتىپ، رۇخسەت سوراپتۇ. سېھىرگەر سورىغانلىرىنى يەتكۈزۈپ، رۇخسەت بېرىپتۇ. ئەر - خوتۇن ئىككىسى يولغا تەييارلىق قىلىپتۇ، يولغا ئاتلانغان كۈنى قىز بىر دومىلاپلا يىلان قىياپىتىگە كېلىپ، ئاتنىڭ پۇتىغا يۆگىشىۋاپتۇ. ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە ئۇچقاندەكلا بېرىپتۇ.
ئاتىسى ئوغلىنىڭ پىراقىدا ئازاپلىنىپ يېتىپ قالغان ئىكەن.
- ئاتا مەن قايتىپ كەلدىم، - دەپتۇ يىگىت.
بالىسىنىڭ تىرىكلىكىدىن ئۈمىت ئۈزگەن بوۋاي دەسلەپتە ئىشەنمەپتۇ. شۇنداقتىمۇ، ئىشىكىم ئالدىغا كەلگەن ئىكەن، دىدارىنى كۆرۈشۈم كېرەك، دەپ ئىشىكنى ئېچىپتۇ - دە، بالىسىنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئېتىپتۇ.
- سەن ئۆز بالاممۇ ياكى بالامنىڭ روھىمۇ؟ - دەپتۇ بواي، - سېنىڭ بىلەن دىدار كۆرۈشۈشكە خۇدا ئۆزى نېسىپ قىلغان ئوخشايدۇ، ئۆيگە كىر.
بوۋاي ئوغلى بىلەن ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، باغلاپ قويغان تۇلپارغا كۆزى چۈشۈپتۇ ۋە ئۇنىڭ پۇتىدىكى يىلاننى كۆرۈپ، قورقۇنچ بېسىپتۇ.
- ئاتا، سەن ئەندىشە قىلما، ئۆيگە كىرەيلى، - دەپتۇ يىگىت.
ئاتا - بالا ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، يىگىت ھەممە ئەھۋالنى ئاتىسىغا دەپ بېرىپتۇ. شۇ چاغدا يىلان بىر دومىلاپ ئەسلىگە كېلىپ، ئۆيگە كىرىپتۇ. بوۋايغا تازىم قىلىپ، ھال - ئەھۋاللىشىپتۇ. بوۋاي كېلىنىنى كۈتۈۋالغۇدەك ھېچ نەرسىسى بولمىغاچقا، بەكمۇ خىجالەت بولۇپتۇ.
ئاتا، خىجالەت بولما، ھېلىمۇ قورايلىق ئېتىزىمىز ئۆزىمىزدە ئىكەن، ھەممە نەرسە تەل بولىدۇ، - دەپتۇ يىگىت.
يىگىت خىسلەتلىك ئۈزۈكنى قولىغا ئېلىپ، >قېنى خىسلەتلىك ئۈزۈك، ئۆزۈڭ كارامىتىڭنى كۆرسەت< دەپتىكەن، دەرۋازىسى ياقۇتتىن، تۈۋرۈكلىرى ئالتۇندىن، تەكتى مەرمەردىن ياسالغان بىر چوڭ ئوردا پەيدا بولۇپتۇ. ئۇنىڭ نۇرىدا كېچە كۈندۈزگە ئايلىنىپتۇ. يىگىت بىلەن كېلىن بوۋاينى قولتۇقلاپ، زىلچە - گىلەملەر بىلەن ئورالغان بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، ئېسىل تائاملار بىلەن مېھمان قىلىپتۇ.
ئەمدىكى گەپنى شۇ ئەلنىڭ پادىشاھىدىن ئاڭلايلى:
بۇ ئوردىنىڭ داڭقى تېزلا پادىشاھ ئوردىسىدىن ھالقىپ، يىراق چەتلەرگىچە يېتىپتۇ، پادىشاھ ئۆز تەۋەسىدە ئوردا سالغان >پادىشاھ< نىڭ كارامەتلىك سىرىنى بىلەلمەپتۇ، بىر نەچچە كۈنگىچە كۈتۈپتۇ. بىر جۈمە ئۆتكەندىن كېيىن يىگىت تۇلپارنى مىنىپ، شىكارغا ئاتلىنىپتۇ. پايلاقچىلار بۇ خەۋەرنى دەرھال پادىشاھقا يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ ئەھۋالنى كۆزىتىپ بېقىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ۋەزىرنى ئەۋەتىپتۇ. ۋەزىر داغدۇغا بىلەن بۇ ئوردىغا كىرىپ كەپتۇ. ئوردا شۇنچىلىك ھەشەمەتلىك بولغان بىلەن بىرمۇ لەشكەر كۆرۈنمەپتۇ. ئۇ قايسى ئىشىكنى ئېچىپ كىرىشىنى بىلەلمەي تۇرغاند، جاھاندا تەڭدىشى يوق بىر قىز چىقىپ، ۋەزىرگە سالام بېرىپتۇ. قىز پەلەمپەيدىن چاققانلىق بىلەن چۈشۈپ، ياشىنىپ قالغان ۋەزىرنىڭ قولتۇغىدىن يۆلەپ، ئۆيگە تەكلىپ قىلىپتۇ. تۈرلۈك - تۈمەن نازۇ - نېمەتلەر بىلەن ۋەزىرنى مېھمان قىلىپتۇ. ۋەزىر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پادىشاھقا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە >ئۇلۇغ پادىشاھىمىز، بۇ قىز گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى ئىكەن، ئۇنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن شەربەتلەر، زەمزەملەر خىجىل ئىكەن، سۇ ئىچكەندە گېلىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. بۇ گۈزەل پەقەت شەۋكەتلىك پادىشاھىمىزغا مەنسۇپ< دەپتۇ.
پادىشاھ بۇ قىزنىڭ تەرىپىنى ئاڭلاپ، >ماڭا تەۋە ئەلدە مۇنداق بىر گۈزەل ساھىبجامالنىڭ مېنىڭ ئوردامدا بولماي، ئۇ يەردە تۇرۇشى مەن ئۈچۈن ھاقارەت، ئۇ گۈلنىڭ خۇش پۇرىقىدىن مەنلا ھۇزۇرلىنىشىم كېرەك< دەپ ئويلاپتۇ. بىراق، ئۇ بىر پادىشاھ ياكى شاھزادە بولۇپ، يوشۇرۇپ قويغان ئەسكەرلىرى باردۇر، دېگەن ئوي بىلەن يەنە پايلاقچى ئەۋەتىپ، تىڭ - تىڭلاپ كۆرۈپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ 500 ئاتلىق لەشكەر ئەۋەتىپتۇ. ئاتلىق لەشكەرلەر ئۈچ قېتىم چۇقان كۆتۈرۈپتۇ، لېكىن بۇ ئوردىدىن بىرمۇ لەشكەر چىقماپتۇ. ئاخىرىدا لەشكەرلەر 30 ئاتلىقتىن سەپ تۈزۈپ، ياقۇت دەرۋازىدىن باستۇرۇپ كىرىپتۇ. بۇ ھېكىمەتلىك ياقۇت دەرۋازىنىڭ ئىككى قانىتى ئۆزلۈكىدىن شۇنداق بىر ئېچىلىپ يېپىلىپتىكەن، لەشكەرلەر شۇ يەردىلا ئاتلىرىدىن موللاق ئېتىپ، ھەممىسى ھالاك بولۇپتۇ. پادىشاھ بۇ قىزنى قولغا چۈشۈرەلمەي، باشقىچە ھىيلە ئىشلىتىپ، يىگىتنى ئۆلتۈرۈپ، قىزنى قولغا چۈشۈرمەكچى بولۇپتۇ. ئارىدىن بىر مەھەل ئۆتۈپ، يىگىت شىكەردىن قايتىپ كەلگەندە، بولغان ۋەقەنى خوتۇنىدىن بىرمۇ - بىر ئاڭلاپتۇ. ئۇنىڭ خوتۇنىغا بولغان مېھرى تېخىمۇ ئېشىپتۇ. ئۇلار پادىشاھنىڭ يەنە ھىيلە ئىشلىتىپ، بىر پالاكەت كەلتۈرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپتۇ. پادىشاھمۇ يىگىتنى چاقىرتىپ، تۇلپارنى قولغا چۈشۈرۈپ، يىگىتكە بىر تۆھمەتنى ئارتىپ زىندانغا تاشلاش ئارقىلىق قىزنى ئوردىغا ئەكىلىۋالماقچى بولۇپتۇ - دە، ئەتىسى يىگىتنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا چاقىرتىپتۇ. يىگىت پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا تۇلپارنى مېىنىپ بېرىپتۇ. تۇلپارنى بىر يەرگە باغلاپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. پايلاقچىلار يوشۇرۇنچە تۇلپارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى ئېلىپ قاچماقچى بولۇپتۇ. تۇلپار ئالدىغا كەلگەنلەرنى چىشلەپتۇ، ئارقىسىدىن كەلگەنلەرنى تېپىپتۇ، ھېكىمگە تۇتۇق بەرمەپتۇ، يىگىت بۇنى تۇيۇپ قاپتۇ. پادىشاھ ئۆزىنىڭ بۇ ھېكمەتكە قۇدرىتى يەتمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپتۇ. يىگىت قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ ئاتىسىنىڭ ۋاقتىىدمۇ ۋەزىر بولغان، چاچ - ساقاللىرى ئاقارغان قېرى ۋەزىر پادىشاھقا مۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ:
- ئەي شەۋكەتلىك شاھىمىز، مەرھۇم ئاتىمىز بىر تىلسىماتقا بەكمۇ قىزىققان ئىدى. بىراق مەقسىدىگە يېتەلمىگەن. مەرھۇم بوۋىلىرىمۇ بۇ يولدا ئۇرۇنۇن باققان ئىكەن. بىز بۇ يىگىتنى مۇشۇ يولغا سالساق، ئۇ بۇ ئىشنى ھەرگىز ئورۇنلىيالمايدۇ. سىلى مەرھۇم ئاتا - بوۋىلىرىغا ئوخشاش: >بۇنى ئورۇنلايسەن، ئورۇنلىساڭ پادىشاھلىقىمنى بېرىمەن، ئورۇنلىيالمىساڭ كاللاڭنى ئالىمەن< دەيدىلا. مانا بۇ مەقسەتلىرىگە يېتىشنىڭ چارىسى.
- خوش، بۇ تىلسىمات نېمىكەن، - دەپتۇ پادىشاھ.
- ئىككى تىلسىمات بارمىش، - دەپتۇ ۋەزىر، - بىرى، شۇنداق بىر سازمىش. ئۇنىڭغا ئېرىشكەندە، ئالەمدىكى جىمى نەغمە - ناۋادىن خالىغىنىنى ئۆزى چېلىپ بېرەرمىش، كۆڭۈلنى بەكمۇ خۇش قىلارمىش. يەنە بىرسى، ئىپار كىيىكمىش. ئۇنىڭغا ئېرىشكەندە، ئەتراپ خۇش پۇراققا ئايلىنارمىش، شۇ ئەتراپتىكى پۇقرالارغىچە كېسەل بولغانلار ساقىيارمىش، زادى كېسەل بولماي ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ساغلام ئۆتەرمىش.
پادىشاھ بىر ئاز ئويلىنىپ، تۇرۇپ قاپتۇ - دە:
- يا شۇ قىزغا ئېرىشەي، يا بۇ تىلسىماتقا ئېرىشەي. بۇ تىلسىماتقا ئېرىشەلىسەملا، پادىشاھلىقىمدىن ۋاز كېچەي، - دەپتۇ.
پادىشاھنىڭ رازىمەنلىكى بىلەن يىگىت قايتا پادىشاھ ھوزۇرىغا چاقىرتىلىپتۇ.
- ھەي يىگىت، - دەپتۇ پادىشاھ، - مەن سېنىڭ زېرەك ۋە ئەقىللىقلىقىڭغا قايىل بولدۇم. مېنىڭ ئىككى نەرسىگىلا ھاجىتىم بار. شۇنى ئورۇنلىساڭ، پادىشاھلىقىمنى ساڭا ئۆتۈنىمەن، ھاجىتىمدىن چىقالمىساڭ، مېنىڭدىن رەنجىمە.
- قولۇمدىن كەلسىلا ھاجەتلىرىدىن چىقىشقا تەييارمەن، - دەپتۇ يىگىت.
پادىشاھ تىلسىمات قىلىنغان ساز بىلەن ئىپار كىيىكنى نەدىن بولمىسا، شۇ يەردىن تېپىپ يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ. يىگىت:
- خوپ، مەن ئەزەلدە كىشىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش يولىدا ئۆزۈمنى ئاتىغان، ئۆلمىسەملا تەلەپلىرىنى ئورۇنلايمەن، - دەپتۇ. يىگىت قايتىپ بارغاندىن كېيىن بولغان ۋەقەنى، پادىشاھنىڭ ھاجىتىنى خوتۇنىغا دەپ بېرىپتۇ. خوتۇنى مۇنداق دەپتۇ:
- ئاتام تۇرۇۋاتقان غاردىن 41 كۈنلۈك يىراق بىر تاغنىڭ يېنىدا يەنە بىر غار بار. غارنىڭ ئىچىدە دىۋىلەر ئۇخلايدۇ. دىۋىلەر ئۇخلاپ قالغان بولسا، ئەتراپ تىمتاس، جىمجىتلىققا ئايلىنىدۇ. ئۇچار قۇشلارمۇ سايرىمايدۇ. بۇ چاغدا سىز يېتەرلىك ئوزۇق - ئۇسسۇزلۇق ئېلىپ، نېرىدىكى بىر كامادا بىر جۈمەدىن بىر ئايغىچە يېتىڭ. قاچان ئۇچار قۇشلار سايرىغان، يېقىملىق ساز - نەغمە ئاڭلانغان چاغدىلا غارغا كىرىڭ. ئۇ چاغدا دىۋىلەر بىر يىللىق يەرگە سەپەر قىلغان بولىدۇ. سىز غارنىڭ بىرىنچى ئىشىكىنى ئاچقاندىن كېيىن، بىرىنچى ئويۇقتا ئالتۇن تاۋاقتا دانلاپ تۇرغان بىر دەندەن كەپتەر بار. بۇ، دىۋىلەرنىڭ جېنى، سىز ناھايىتى چاققانلىق بىلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭ بوينىنى ئۈزۈۋېتىڭ، بولمىسا، دىۋىلەر يېتىپ كېلىدۇ - دە، سىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. بوينىنى ئۈزگەندىن كېيىن، ئىككىنچى ئويۇقتىكى ئالتۇن ساندۇق ئىچىدە 40 ئاچقۇچ بار. ئۇنى ئېلىپ ئۆيلەرنى بىر - بىرلەپ ئىچكىرىلەپ ئاچسىڭىز، قىرىقىنچى ئۆينىڭ ئىچىدە نۇر چاقناپ تۇرغان بىر گۆھەردىن ياسالغان ھاسا بار. ئۇنى ئېلىپلا قېچىڭ! سىزنى بىر توپ ئاتلىقلار قوغلايدۇ. يېتىشەلمىسە، شۇ بويىچە يېنىپ كېلىڭ، يېتىشىۋېلىپ ئارىغا ئېلىۋالسا، >ھەي ئەزىز تۇلپارىم< دەپ، تۇلپارنىڭ بېشىنى بىرلا سىلاپ قويۇڭ، مۇشكۈلىڭىز ئاسان بولىدۇ. پادىشاھنىڭ يەنە بىر ھاجىتىنىڭ سىرىنى سىز سالامەت قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دەپ بېرىمەن.
يىگىت خوتۇنىنىڭ دېگىنى بويىچە سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. تاغنىڭ كامىرىدا ئىككى جۈمە يېتىپتۇ. خوتۇنىنىڭ دېگىنىنى بىرمۇبىر ئورۇنلاپ، تىلسىمات ھاسىنى ئالغان پېتى قېچىپتۇ. ئارقىسىدىن قوغلىغان بىر توپ ئاتلىقلار يىگىتنى ئارىغا ئېلىۋاپتۇ. شۇ چاغدا ئۇ >ھەي ئەزىز تۇلپارىم< دەپ تۇلپارنىڭ بېشىنى بىرلا سىلاپ قويغان ئىكەن، تۇلپار تۈگۈلىنىپ تۇرۇپ بىر سەكرەپ، ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. قوغلىغانلار ئاسمانغا قارىغىنىچە چۆل - جەزىرىدە قاپتۇ. يىگىت سالامەت قايتىپ كېلىپ، پادىشاھقا تىلسىماتلىق گۆھەر ھاسا شەكىللىك سازنى ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپتۇ. پادىشاھ سازنىڭ نەچچە مىڭ خىل نەغمە - ناۋاسىغا مەپتۇن بولۇپتۇ. ئۇ پۈتۈن تاجۇتەختىدىن ۋاز كەچمەكچى بولۇپتۇ - يۇ، لېكىن يەنە بىر ترتىلسىمات ھەققىدىكى سۆزىنى ئەسلەپ ئىپار كىيىكنى تېپىپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ. يىگىت خوتۇنىدىن بۇنى تېپىپ كېلىش توغرىسىدىكى سىرنى دەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. خوتۇنى مۇنداق دەپتۇ:
- ھەي زېرەك باتۇرۇم، سىزنىڭ ئۆز جېنىڭىزنى كىشىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقا ئاتىغانلىقىڭىزغا قايىلمەن. سىز ئەڭ قىيىن ئىشنى ئورۇنلىدىڭىز. ئىپار كىيىكنىڭ جاپالىق يولىنى سىز ئاللىقاچان بېسىپ بولغان. ئەسلىدە ئىپار كىيىك مېنىڭ ئىدى. سىز سورىمىغاندىن كېيىن مەن ئېلىپ كەلمىگەن. خەير، بولۇپتۇ. پادىشاھقا ھاجەتلىك بولسا بېرەيلى. سىز ئاتامنىڭ ماكانىغا بېرىڭ، چارىباغدا كىيىك بار، ئۇ ياتقان بولسا، زادى تۇتماڭ، ئوتلاۋاتقان بولسا تۇتۇڭ.
يىگىت خوتۇنىنىڭ مەسلىھىتى بويىچە غارغا بېرىپ، چارىباغقا كىرىپتۇ. ئۇ ئىزلەپ بارسا، ئىپار كىيىك ياتقۇدەك. يىگىت يېرىم كۈن قاراپ تۇرۇپتۇ، كىيىك ئوتلاشقا باشلىغاندىلا قوغلاپتۇ. ئىپار كىيىك تۇتۇق بەرمەي ئويناقلاپ قېچىپتۇ. قوغلاۋەرگەندىن كېيىن، بىر تاغنى ئاتلاپ، بىر ئۆيگە قېچىپ كىرىپ كېتىپتۇ. يىگىت تۇلپارنى بىر ياغاچقا باغلاپ، ئىپار كىيىكنىڭ ئارقىسىدىن ئۇ ئۆيگە كىرىپتۇ. قارىسا، قىزنىڭ ئاتىسى ناماز ئۆتەۋېتىپتۇ، كىيىك سەل بېرىسىدا كۆشەپ يېتىپتۇ. يىگىت قېيىنئاتىسىنىڭ ناماز ئۆتەپ بولۇشىغىلا سالام بېرىپ ئەھۋاللىشىپتۇ. ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىپار كىيىكنى ئالغىلى كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
- ئوغلۇم، - دەپتۇ قىزنىڭ ئاتىسى، - بۇ ئىپار كىيىكنى بۇرۇنلا سورىماي، خېلى ئاۋارە بولۇپسەن، بۇنچىلىك ئاۋارە بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. سەن دېمىڭنى ئېلىپ، ئاندىن قايتقىن، ئىپار كىيىك سېنىڭدىن بۇرۇن يېتىپ بارىدۇ.
يىگىت دېمىنى ئېلىپ، تۇلپارىغا مىنىپ، ئۆيىگە كەلسە، دېگەندەك ئىپار كىيىك خوتۇنىنىڭ يېنىدا يېتىپتۇ. ئەتىسى يىگىت ئىپار كىيىكنى يېتىلەپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېرىپتۇ، راست دېگەندەك ئوردىنى خۇش پۇراق قاپلاپتۇ. كېسەل بولغانلار ساقىيىپتۇ. ھەممە خالايىق كۈچكە تولغان بولۇپتۇ.
پادىشاھ بۇ تىلسىماتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆز تەۋەسىدىكى جىمى ئادىمىزاتنى توپلاپ، ئالدى بىلەن ئاتا - بوۋىسىنىڭ تىلسىمات يولىدا مەقسىدىگە يېتەلمىگەنلىكىنى سۆزلەپتۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ روھىغا ئۈچ كېچە - كۈندۈز نەزىر - چىراق ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۆزىنى بۇ تىلسىماتقا ئېرىشتۈرگەن زېرەك، ئەقىللىق، باتۇر يىگىتكە ۋەدىسى بويىچە پادىشاھلىقىدىن ۋاز كېچىپ، تاجۇتەختىنى ئۆتۈنۈپتۇ. يىگىت پۈتۈن ئەلگە 40 كېچە - كۈندۈز مەرىكە ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. يۇرت ئىچىدە يىگىت ۋە ئايالى ئابروي تېپىپتۇ، ئەل باياشاتلىققا ئېرىشىپتۇ. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ زامانلاردا تورغايلار قوينىڭ دۈمبىسىدە ئۇۋىلىغانىكەن.