UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقشاراپنىڭ كارامىتى

شاراپنىڭ كارامىتى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قەدىمكى زاماندا، يىراق ماكاندا، ھەشەمەتلىك بىر شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى ئۆز شەھىرىدىكى پۇقرالارنىڭ شاراب ئىچىشىنى مەنئى قىلغان ئىكەن. بىر كۈنى چەت مەملىكەتتىن كەلگەن بىر سودىگەر پادىشاھنىڭ قانۇنىدىن خەۋەرسىز، ھېلىقى شەھەرگە شاراب ئېلىپ كېلىپ كىرىپ سېتىپتۇ. پادىشاھنىڭ ئادەملىرى سودىگەرنى دەرھاللا تۇتۇپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. - سەن مېنىڭ شەھىرىمدە بۇ زەھەرلىك نەرسىنى سېتىشقا قانداق جۈرئەت قىلدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ، سودىگەردىن. - يوقسۇ تەقسىر، بۇ زەھەرلىك نەرسە ئەمەس، شارابنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق كارامىتى بار، - دەپتۇ سودىگەر، - قېنى سۆزلە نېمە كارامىتى بار؟ - دەپتۇ پادىشاھ غەزەپلىنىپ. - بىرىنچىدىن، قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچىدۇ، - دەپتۇ سودىگەر تىترەپ تۇرۇپ، - ئىككىنچىدىن، قورقۇنچاقنى باتۇر قىلىدۇ، ئۈچىنچىدىن، بېخىلنى مەرت قىلىدۇ. - ئەگەر سۆزۈڭ راست بولسا ساڭا ئازاتلىق بېرىمەن، بولمىسا كاللاڭنى ئالىمەن، - دەپتۇ پادىشاھ. پادىشاھ ئوردىدىكى بىر ئۆينى نازۇ - نېمەت، مۇسەللەس - شاراب بىلەن تولدۇرۇپ، شەھەردىن بىر قارىغۇ، بىر قورقۇنچاق ۋە بىر بېخىل كىشىنى تېپىپ كېلىپ، بۇ ئۆيدە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىپتۇ. ئۆزى بولسا ئۇلارنى سىرتتىن كۆزىتىپ تۇرۇپتۇ. پادىشاھنىڭ مۇنداق ئىلتىپاتىدىن خۇشال بولغان ھېلىقى ئۈچ كىشى تاماقلاردىن خالىغانچە يەپ، مۇسەللەس - شارابتىن يېتەرلىك ئىچىشىپتۇ، ئىچىپ تازا قىزىغاندا ھېلىقى قارىغۇ قوپۇپ: - ئاغىنىلەر، نېمە كارامەت بۇ؟ جاھان ماڭا يوپ - يورۇق بولۇپ كېتىۋاتىدىغۇ. پادىشاھنىڭ بۇ سارىيىدىكى گىلەملەر، چىنە - قاچىلار نېمە دېگەن گۈزەل - ھە! - دەپتۇ. ھېلىقى قورقۇنچاق ئورنىدىن تۇرۇپ: - مۇشۇ دۇنيالارنىڭ ھەممىسى بىزدەك گادايلارنىڭ قان - تەرىدىن كەلگەن، ئۇرۇپ - چېقىپ، كۇكۇم - تالقان قىلىۋېتەيلى! - دەپ گىلەملەرنى يىرتىپ، چىنە - قاچىلارنى دەستىلەپ چاققىلى تۇرۇپتۇ. قىزىپ كەتكەن بېخىلمۇ چىداپ تۇرالماي: - چاقە - چاق! يامىنى كەلسە، پۇلىنى ئۆزەم تۆلەيمەن! - دەپ ۋارقىراپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پادىشاھ شارابنىڭ كارامىتىگە قايىل بولۇپ، سودىگەرنى ئۆلۈمدىن ئازات قىلىۋەتكەن ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق