ئەقىللىق بۈركۈت
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئۆتكەن زاماندا ئوسمان ئىسىملىك بىر ئوۋچى بار ئىكەن. ئۇنىڭ بىر بۈركۈتى بولۇپ، ئۇسمان ئۇنى كۆز قارچۇغىدىن ئەزىز كۆرىدىكەن.
ئوسمان «سەن مېنىڭ دوستۇم، ئائىلە تىرىكچىلىكىمىزنىڭ جاپاكەش ياردەمچىسى»دەپ، بۈركۈتنىڭ پەيلىرىنى سىلايدىكەن. ئائىلىدىكىلىرى بولسا بىلەن ئوينىشىپ، ئەركىلىتىپ زېرىكمەيدىكەن. ئۆزلىرى تويغۇدەك تاماق يېمىسىمۇ، ئالدى بىلەن بۈركۈتنى تويغۇزىدىكەن، ئوسمان قاچان ئوۋغا چىقىدىكەن، بۇ جانىۋار ئائىلىدە ئۆزىنى ئەركىلەتكەن، سۇ ۋە ئوزۇق بەرگەن قىز - ئوغۇلغا جانپىدالىق كۆرسىتىپ ئورمان بويلاپ پەرۋاز قىلىدىكەن.
ئايلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ جاپاكەش ئائىلىنىڭ قەيسەر بۇركۈتى پۈتۈن دۆلەتكە داڭ كېتىپتۇ؛ تەرىپى ئېغىزدىن - ئىغىزغا كۆچۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ خەۋەر پادىشاھقا يېتىپتۇ - دە، بۈركۈتنى قولىغا كىرگۈزۈۋېلىش نىيىتىگە كېلىپ، ئوسماننى چاقىرتىپ:
_ مەن كىم؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ سىز شەھرىمىزنىڭ شاھى، - دەپتۇ ئوسمان.
پادىشاھ تېخىمۇ قاتتىق تىكىلىپ:
_ بۇ دۆلەتتىكى ھەممە نەرسە مېنىڭكى ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟! - دەپ سوراپتۇ.
_ بۇنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن، - دەپتۇ ئوسمان، - بىراق . . . .
ھەممە نەرسىنى ئادەملەرنىڭ ئىشلەپ تېپىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن شۇلارنىڭكى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ كەپتىمەن.
پادىشاھ بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەپتۇ ۋە جىددىيلەشكەن ھالدا:
_ ئوۋ قىلىۋاتقان بۈركۈتۈڭنى ماڭا بەر، - دەپ بۇيرۇپتۇ.
_ ياق، بۇ مېنىڭ بۈركۈتۈم، سىزگە بەرمەيمەن، ئەگەر مەن بۇ ئەقىللىق قۇشۇمدىن ئايرىلىپ قالسام، قۇياشسىز كۈندۈز، ئاسمانسىز يۇلتۇز بولۇپ قالىمەن، - دەپتۇ ئوسمان.
بۈركۈتنى ئالالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان پادىشاھ سېتىپ بېرىشكە زورلاپتۇ.
_ بۈركۈت، - دەپتۇ، - ئوسمان، - مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم، مەن دوستۇمنى ھېچ كىشىگە سېتىشنى خالىمايمەن. دۇنيادا دوستلىرىمنىڭ ئۆلگىنىنى كۆردۈم، ئۆلگەن دوستلىرىمنى ئۆز قولۇم بىلەن كۆمدۈم. خەيرىيەتكى، دوستلىرىمنى ساتمىدىم. ئۆز دوستۇمنى سېتىشقا ئەسلا ۋىجدانىم چىدىمايدۇ.
پادىشاھ ئىلاجسىزلىقتىن تىترەپ كېتىپتۇ؛ ئىچىدە «خەپ، قېنى سېنى بىر جايلىمىسام» دەپ ئويلاپتۇ. كۆڭلىگە بىر پارچە زەھەرنى تۈگۈپ: «ماڭ! كەت» - دەپتۇ.
ئوسمان ئوۋغا مېڭىش ۋاقتىدا، پادىشاھ دەرەخزارلىق ئارىسىغا مۈكۈۋېلىپ، ئوسماننى كۈزىتىپ تۇرۇپتۇ. ئوسمان ئوۋ ئوۋلاپ قايتقاندا پادىشاھ ئوق - يا ئېتىپ يىقىتىپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئەقىللىق بۈركۈت قاتتىق غەزەپكە كېلىپ ئىگىسى ئۈچۈن قىساس ئېلىشقا بەل باغلاپتۇ. بۈركۈت ئېگىسىنىڭ جان تالىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يېنىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي قاراپ تۇرغاندا، پادىشاھ بۈركۈتنى تۇتۇۋېلىشقا چاڭ ساپتۇ. بۈركۈت قەيسەرلىك بىلەن پادىشاھنىڭ يۈز - كۆزىگە چاڭگال سېلىپ، بېشىنى يۇلۇپ ئاسمانغا كۆتىرىپتۇ. پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرى «ھاي - ھۇي» دېگۈچە كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. پادىشاھنىڭ مۇردىسىدا، باش ئورنىدا بويۇن سۆڭىكى قانغا بويىلىپ تۇرغان جەسىدى تۇرغان ئىمىش.