ھۈۋەي باتۇر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇنىڭدىن ناھايىتى كۆپ زامانلار ئىلگىرى بىر يېزا بولغانىكەن. بىر كۈنى بۇ يېزىدا چوڭ ئويۇن - تاماشا بوپتۇ. يېزىنىڭ چوڭ - كىچىك بارلىق ئاھالىسى راسا تاماشا قىلىپ ھارغاندىن كېيىن كېچىسى قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. شۇ چاغدا بۇ يېزىغا باسقۇنچىلار باستۇرۇپ كىرىپتۇ - دە،بارلىق ئاتلارنىڭ ھەيدەپ كېتىپتۇ،«ياۋ تەگدى، ياۋ تەگدى» دېگەن قىقاس - چۇقان بىلەن كۆتۈرۈلگەن كىشىلەر ياۋغا قارشى ئاتلىنىپ چىقايلى دەپ قارىسا يېزىدا ھېچكىمگە ئات قالمىغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار باسقۇنچىلارنىڭ نەدىن كېلىپ، نەگە كەتكەنلىكىنى بىلەلمەي قىقاس - چۇقان بىلەن تاڭنى ئاتقۇزۇپتۇ.
ئەتىسى پۈتۈن يېزا ئاھالىسى بىر جايغا توپلىنىپ باسقۇنچىلاردىن ئاتنى قۇتۇلدۇرۇپ كېلىش توغرىسدا مەسلىھەتلىشىپتۇ. شۇ چاغدا ياشلارنىڭ ئارىسىدىن ھۈۋەي دېگەن بىر يىگىت:
_ ئەگەر جامائەت لايىق كۆرسە، باسقۇنچىلارنىڭ كەينىدىن بىز ياشلار قوغلاپ بارايلى، بۇنىڭغا بىرىنچى بولۇپ مانا مەن تەييار. قېنى يىگىتلەر، مېنىڭ بىلەن يەنە كىملەر بارىدۇ؟ - دەپتۇ.
كۈچ - قۇۋۋىتى ئېشىپ، باسقۇنچىلارغا غەزىپى قايناپ تۇرغان ياش يېگىتلەر: «مەنمۇ بارىمەن، مەنمۇ بارىمەن» دەپ كەينى - كەينىدىن ئۆز خاھىشلىرىنى ئىزھار قىپتۇ - دە، شۇ زامان بەزىلەر قىلىچ، بەزىلەر ئوقيا، بەزىلەر پالتا ۋە تاياق - توقماقلار بىلەن قوراللىنىپتۇ، بىر نەچچە كۈنلۈك ئوزۇق ئاپتۇ ۋە باسقۇنچىلارنىڭ كەينىدىن ئىز قوغلاپ كېتىپتۇ. ئارىدىن ئۈچ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يېرىمى چىدىماستىن: «ئۈچ كۈندىن باسقۇنچىلار يەرنىڭ ئۇچېتىگىمۇ يېتىپ بارغاندۇ، بىز پىيادە ئۇنىڭغا قانداق يېتىمىز؟! قويۇڭلار، شۇنچىۋالا بىزگە نېمە ئالۋان ئىدى!» دەپ قايتىپ كېتىپتۇ، شۇنداق قىلىپ، ئەڭ ئاخىر يەتتە كىشى قاپتۇ. بۇ يەتتىسى ئوزۇقلىرى تۈگەپ ئاچلىقتىن، سۇسىز چۆللەردە تەشنالىقتىن قىينالسىمۇ يولىنى چىدام بىلەن داۋام قىپتۇ. يولدا ئۇچرىغان جەرەن ۋە باشقا ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئېتىپ كاۋاپ قىلىپ يەپ يۈرۈپ، ئاخىر ئېگىز بىر تاغقا يېتىپ كەپتۇ. ئۇلار ئەنە شۇ تاغقا كەلگەندە، باسقۇنچىلارنىڭ ئىزىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ.
ئۇلار :«ئاۋۋال بىرەر نەرسە ئوۋلاپ قورساقنى تويدۇرۇۋالىلى، ئۇنىڭدىن نېمە قىلىشىمىز توغرىسدا مەسلىھەت قىلارمىز» دەپ ئۇياق - بۇياققا قارىسا، بىر ھاڭ تاشنىڭ ئۈستىدە بىر كىيىك ئويلاپ يۈرۈپتۇ. ھۈۋەي قورۇلغا ئېلىپ بىر ئاتقانىكەن، ھېلىقى كىيىك دومىلاپ چۈشۈپتۇ. بۇلار چاقمىقىنى چىقىپ ئوت يېقىپتۇ - دە، كىيىك گۆشىنى راسا كاۋاپ قىلىپ يەپ، قورساقلىرىنى تويدۇرۇپتۇ ۋە بىر ئاز دەم ئېلىپ يېتىپ، ھاردۇقلىرىنى چىقارغاندىن كېيىن، ئەمدى نېمە قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىشكە باشلاپتۇ. بەزىلەر:«بۇنىڭ بۇياقىغا ئىزسىز بېرىشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە قايتىپ كېتىلى» دەپتۇ، بەزىلەر: «تەۋەككۈلىگە شۇ تاغنى ياقىلاپ مېڭىۋېرىلى، ھېچبولمىغاندا بىرەر ئادەم بار يەرگە چىقىپ قالارمىز» دەپتۇ. بۇلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ھۈۋەي:
_ بولمىسا، بۇنداق قلايلى،سىلەر مەشەدە تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن شۇ تاغنىڭ بېشىغا چىقىپ، تاغنىڭ ئۇ تەرىپىگە قاراپ كۆرەي، ئەگەر تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدەبىرەر ئەل يۇرت كۆرۈنگۈدەك بولسا، قالپىقىمىنى ئوڭ قۇلۇمغا ئېلىپ ئوڭغا ئايلاندۇرىمەن، ئۇچاغدا سىلەرمۇ مېنىڭ يېنىمغا چىقىسىلەر. ئەگەر ھېچنەرسە كۆرۈنمىگۈدەك بولسا، قالپىمىمنى سول قولۇمغائېلىپ سولغا ئايلاندۇرىمەن، ئۇ چاغدا سېلەر تۇرۇپ تۇرىسىلەر ، مەن ئۆزۈم قايتىپ چۈشىمەن، ئۇنىڭىدىن كېيىن كېتىمىز، - دەپ تاغنىڭ بېشىغا چىقىپ كېتىپتۇ.
ئەڭ ئېگىز بىر چوققىغا چىقىپ قارىسا، تاغنىڭ ئۇ تەرىپى ئاجايىپ چىرايلىق، تۈپتۈز چىمەنلىك ئىكەن، ئۇنىڭ بىر چېتىدە بىر يېزا بولۇپ، ئەتراپتا سان - ساناقسىز يىلقىلار، كالىلار، قويلار ئوتلاپ يۈرگۈدەك. بۇنى كۆرگەن ھۈۋەي بېشىدىكى قالپىقىنى ئوڭ قولىغا ئېلىپ ئوڭغا ئايلاندۇرۇپتۇ.
تاغنىڭ ئېتىكىدە تۇرۇپ، ھۈۋەينىڭ ھەربىر ھەركىتىنى كۆزىتىپ كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرغان ئالتە دوستى ئۇنىڭ قالپىقىنى ئوڭ قولىغا ئېلىپ ئوڭغا ئايلاندۇرۇۋاتقانىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولۇشۇپتۇ ۋە شۇ زامان ھۈۋەينىڭ ئالدىغا يېتىپ چىقىپتۇ. ئۇ يەردىن توپتوغرا ھېلىقى يېزىغا قاراپ قاراپ مېڭىپتۇ. يېزىنىڭ ئىچىدە بىر تۇل موماينىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ، شۇ يەردە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قاپتۇ. بۇ مومايدىن سوراشتۇرۇپ بىلسە، بۇ يېزا بىر چوڭ ئەمەلدار بايغا قاراشلىق بولۇپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى شۇ باينىڭ قۇل ۋە چاكارلىرى ئىكەن، ئەتراپتا يۈزى كۆرۈنمەي ئوتلاپ يۈرگەن ماللارمۇ شۇ باينىڭ بولۇپ، قۇل ۋە چاكارلىرىنىڭ ماڭلاي تەرى بىلەن توپلانغانىكەن. ئۇنى ئازدەپ ئۆزىنىڭ چاپارمەنلىرىنى يىراق يېزىلارغا ئەۋەتىپ ھىمايىسىز ئاھالىنىڭ ماللىرىنى بۇلاپ - تالىتىپ كېلىدىكەن. ھۈۋەي باتۇرنىڭ يېزىسىنىڭ مېلىنىمۇ ئەنە شۇ باي ئەمەلدار باي ئۆزىنىڭ چاپارمەنلىرى ئارقىلىق بۇلاپ ئەكەلگەنىكەن. بىر كۈنى ھۈۋەي ئەتراپنى ئارىلالپ يۈرۈپ، بىر بۇلاقنىڭ بويىدا گۈل تېرىپ يۈرگەن چىرايلىق بىر قىزنى كۆرۈپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئاستاغىنا قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ گۈل تېرىشكە باشلاپتۇ، تەرگەن گۈللىرىنى قىزغا تەقدىم قىپتۇ ۋە ئۇياقتىن - بۇياقتىن گەپلىشىپ ئىككىسى تۇنۇشۇپتۇ. ھۈۋەيمۇ چىرايلىق يىگىت ئىكەن، قىزمۇ ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. بۇ، ھېلىقى ئەمەلدار باينىڭ قىزى ئىكەن.
شۇنداق قىلىپ، بۇ ئىككىسى بىر نەچچە كۈن خالىدا تېپىشىپ يۈرۈپتۇ. قىزنىڭ ئاتىسى ھەرجۈمە كۈنى ئوۋ ئوۋلاپ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ چاپارمەن ۋە ئۈلپەتلىرىنى ئېلىپ تاغقا كېتىدىكەن. كەچقۇرۇنلۇقى ھېرىپ -ئېچىپ كەلگەندىن كېيىن ھاراق - شارابلارنى ئىچىپ ئوزاق تاماشا قىلىپ ئولتۇرىدىكەن - دە، كېيىن قاتتىق ئۇخلاپ قالىدىكەن. قىز ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھۈۋەي بىلەن قېچىپ كەتمەكچى بوپتۇ.
كۈتكەن جۈمە كۈنىمۇ كېلىپ ئەمەلدار باي ئوۋغا چىقىپتۇ، كەچقۇرۇنلۇقى ھېرىپ - ئېچىپ كېلىپ ئۇزاققىچە ئۈلپەتچىلىك قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ ۋە كۆپ ئىچىپ مەست بولغاندىن كېيىن قاتتىق ئويقۇغا كېتىپتۇ.
تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ ياتقان ھۈۋەي، قىزنىڭ ئىشارىسى بويىچە، ۋاقىتنىڭ يەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپتۇ.
يولداشلىرى بىلەن يىلقىنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، ئەڭ ياخشى سەككىز ئاتنى تۇتۇپ ئېگەرلەپتۇ، ئالتە ئاتقا ئالتە يولدىشىنى مىندۈرۈپ، ناھايىتى كۆپ ئاتلارنى ھەيدىتىپ يولغا ساپتۇ - دە:
_ سىلەر توختىماستىن مېڭىۋىرىڭلار، مەن قىزنى ئېلىپ ئارقاڭلاردىن كۆزىتىپ ماڭىمەن، چۈنكى كەينىمىزدىن لەشكەرلەر قوغلاپ كېلىشى مۇمكىن، - دەپ ئۆزى بىر ئاتنى مىنى، بىر ئاتنى يىتىلەپ قىزنىڭ ئالدىغا كەپتۇ.
قىز بىر بېشنى لىققىدە كېيىم - كېچەك ۋە بىر بېشىنى لىققىدە ئالتۇن بىلەن تولدۇرۇپ تەييارلاپ قويغان خورجۇننى ئاتقا ئارتىپتۇ - دە، ئاندىن ئۆزى مىنىپتۇ ۋە ئىككىسى يولغا راۋان بوپتۇ. تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئالدى تەرەپتە يىراق بىر يەردە قاپقارا چاڭ توزۇپ كېتىپ بارغان ئاتلارنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ:
_ ئاۋۇ ئالدىمىزدىكى كېتىپ بارغان نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ قىز.
_ بىر ياققا كېتىپ بارغان كارۋان بولسا كېرەك، - دەپ قويۇپتۇ ھۈۋەي. چۈنكى قىز بۇلارنى باسقۇنچىلار ئىكەن دەپ ئويلاپ قالمىسۇن دەپ، يولداشلىرىنىڭ بارلىقى ۋە قىلغان ئىشلىرى توغىرىسىدا قىزغا ئېيتىماپتۇ.
_ ئۇنداق بولسا شۇلارغا يېتىشىۋېلىپ بىللە ماڭساق بولىدىكەن، - دەپتۇ قىز.
_ ئۇلار بىلەن ھەمراھ بولۇپ ماڭساق ياخشى بولاتتى، بىراق ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇنۇشلىرى بار سىزنى تۇنۇپ قالسا قانداق بولىدۇ! - دەپتۇ ھۈۋەي.
_ بۇ گېپىڭىز توغرا، ئۇنىڭدىن كۆرە ئۇلارنىڭ كەينىدىن قارىسىنى كۆرۈپ ماڭغىنىمىز ياخشى؟ - دەپتۇ قىز. ئىككىسى ئالدىدىكى ئاتلارنىڭ قارىسىنى كۆرۈپلا ئەگىشىپ مېڭىپتۇ. بۇلار خېلى يول ماڭغاندىن كېيىن«بىر ئاز دەم ئېلىۋالايلى» دەپ بىر بۇلاقنىڭ بويىدا ئاتتىن چۈشۈپ ئولتۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا قىز بۇ جاينىڭ گۈزەللىكىگە ھەۋەس قىلىپ قاراۋېتىپ، ئارقا تەرەپتە ئاسمانغا كۆتۈرۈلىۋاتقان چاڭ - توپىنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ھۈۋەيگە:
_ ئاۋۇ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان چاڭ - توپىنى قاراڭا، ئېھتىمال، ئاتامنىڭ لەشكەرلىرى قوغلاپ كېلىۋاتسا كېرەك. بولۇڭ، چاپسانراق قاچىلى! - دەپتۇ.
لېكىن، ھۈۋەي ھەر قانداق قىلىپ بولمىسۇن ئالدىدا كېتىپ بارغان ئاتلارنى تارتقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن،دۈشمەننىڭ يولىنى شۇ يەردە تۇسۇپ زەربە بەرمەكچى بوپتۇ ۋە قىزنى ئىلگىرى ماڭغۇزۇۋېتىپ، ئۆزى بىر تاشلىنىڭ دالدىسىغا كىرىپ يول توساپ يېتىپتۇ.
ئەمەلدار ئۆلگۈچە ئىچىپ مەست بولۇپ قاتتىق ئۇخلاپ قالغان جۈمە ئاخشىمىنىڭ ئەتىسى ئۆزىگە كەلگەندىن كېيىن، قىزىنىڭ قاچقانلىقى ۋە كۆپ ئاتلىرىنىڭ بىرىنىڭ ھەيدەپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ بارلىق ئارارمەن - چاپارمەلىرىنى ئېلىپ ئىز قوغلاپ چىققانىكەن. ئۇلار چاڭ - توپىنى توزىتىپ ماڭغىنىچە، ھۈۋەي ماراپ ياتقان تاشقا يېقىن كەپتۇ. ھۈۋەي بىر ئاتقىلى تۇرغانىكەن، لەشكەرلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى قىرىلىپ كېتىپتۇ. قالغانلىرى ئۆزلىرىنى تاشلارنىڭ دالدىلىرىغا ئېلىپ ئېتىشقا باشلاپتۇ، ئۇزاق ئېتىشقاندىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئوق - دورىسى تۈگەپتۇ. ئۇنىڭىدىن كېيىن قېلىچۋازلىققا كىرىشىپتۇ.ئۇزاق ئېلىشىشتىن كېيىن باينىڭ لەشكەرلىرى قىرىلىپ ئۆزىمۇ يارىدار بوپتۇ. ئۆزىنىڭمۇ ھالاك بۇلۇشىغا كۆزى يەتكەن باي قىلىچىنى تاشلاپ، تەسلىم بوپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ھۈۋەت ئۇ بايدىن، ئىككىنچى بۇ تەرەپلەرگە ئاياغ باسماسلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمنىڭ مېلىنى تالىماسلىقى توغرىسدا تىلخەت ئېلىپ قايتۇرۇۋېتىپتۇ، ئۆزى بولسا يولغا چىقىپ قىزغا يېتىشىۋاپتۇ، ئۇنىڭغا بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. كېيىن ئىككىسى ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ، ئالدىدا ئات ھەيدەپ كېتىپ بارغانلارغا يېتىشىپتۇ.
شۇ چاغدىلا قىزغا ئۆز يولداشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ھەممە گەپنى ئېيتىپتۇ. يولداشلىرىغىمۇ يولدا بولغان قانلىق جەڭ توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، بۇلار بىر ھەپتە يول ماڭغاندىن كېيىن ئۆز يېزىسىغا يېتىپ كەپتۇ. بۇلارنىڭ تەقدىرىدىن خەۋەرسىز قايغۇرۇپ تۇرغان جامائەت ناھايىتى خوشال بولۇپ قارشى ئاپتۇ.
ھۈۋەي باتۇر ئىلگىرى ئۆزلىرى ئالدۇرۇپ قويغان ئاتلىرىدىن نەچچە باراۋەت ئېلىپ كەلگەن ئاتلارنى يېزىنىڭ بارلىق ئاھالىسىگە بۆلۈپ بېرىپتۇ. ئۆزى چوڭ توي - مەرىكە قىلىپ ھېلىقى قىزغا ئۆيلىنىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ھۈۋەي باتۇر دېگەن نام ئېلىپ، داڭقى ئەتراپقا تارقىلىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يېزىنىڭ ئاھالىسى خاتېرجەم بولۇپ، بەختىيار ھايات كەچۈرۈشكە باشلىغانىكەن.