UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقبۆلۈنگەننى بۆرە يەر

بۆلۈنگەننى بۆرە يەر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قويچى، قاسساپ، ئاشپەز ۋە ناۋاينىڭ بىردىن ئىتى بار ئىكەن. بىر كۈنى بۇ تۆت ئىت يولدا ئۇچرىشىپ قاپتۇ - دە، ئايرىلماسلىققا دوست بولۇشۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە جاڭگاللىققا يولۇقۇپتۇ. ئۇلار بۇ جاڭگاللىقتا بۆرە جىقلىقىنى بىلەچكە، >ناۋادا بىرەر بۆرىگە يولۇقۇپ قالساق ھەممىمىز بىرلىكتە ئۇنى يوقىتايلى< دەپ ۋەدىلىشىپ، جاڭگالنىڭ ئىچىگە قاراپ مېڭىشىپتۇ. جاڭگالنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، تويۇقسىز بىر بۆرە پەيدا بولۇپ، ئىتلارغا خىرىس قىپتۇ. ئىتلارنىڭ بىرى: - ئاغىنىلەر، پەخەس بولۇڭلار، ئايرىلماڭلار، كۈچ بىرلىكتە، بۆرىگە يەم بولمايلى دېسەك ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلايلى، - دېگەن ئىكەن، ئىتلار تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ بۆرىنى قورشىۋاپتۇ. ئوتتۇرىغا قاپسىلىپ قالغان بۆرە كۆڭلىدە دەرھال بىر پىلان تۈزۈپتۇ - دە، قورقۇپ ئالاقىزادە بولۇپ كەتكەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئىتلاردىن: - سىلەرمېنى نېمە قىلماقچى؟ - دەپ سوراپتۇ. - سەن، - دەپ بىرىنچى بولۇپ سۆز باشلاپتۇ قويچىنىڭ ئىتى كۆزىدىن غەزەب ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىپ تۇرۇپ، - دائىم مەن بېقىۋاتقان قويلارغا ھۇجۇم قىلىپ، قويلارنى خۇددى ۋابادەك قىرىپ تاشلايسەن، بۈگۈن سەندىن ئاشۇ قويلارنىڭ خۇنىنى ئالىمەن. باشقا ئۈچ ئىتمۇ بۆرىنىڭ ئۆزىگە يەتكۈزگەن زىيان - زەخمىتى، غالجىرلىقى ئۈستىدە ئارقا - ئارقىدىن سۆزلەپ: - سېنىڭ زۇلىمىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، سېنى يوقىتىپ، كۆڭلىمىزنى ئەمىن تاپتۇرىمىز، - دېيىشىپتۇ. - توغرا، - دەپتۇ بۆرە گۇناھىنى بوينىغا ئالغاندەك بولۇپ بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي، - مەن سىلەرگە كۆپ زىيان سالدىم، سىلەر مېنى يىيشكە ھەقلىق، لېكىن مېنىڭ سىلەرگە ئايرىم - ئايرىم ئېيتىدىغان گېپىم بار، ئالدى بىلەن ناۋاينىڭ ئىتى چەتكە چىقىپ تۇرسۇن، گېپىمنى قالغان ئۈچىڭلارغا ئېيتاي، - دەپتۇ. ئۈچ ئىت ناۋاينىڭ ئىتىنى شەرەت قىلغان ئىكەن، ناۋاينىڭ ئىتى نېرىراق بېرىپ تۇرۇپتۇ. بۆرە ئۈچ ئىتقا بىر - بىردىن قارىۋېلىپ، مۇلايىملىق بىلەن سۆز باشلاپ: - مەن قويچىنىڭ نۇرغۇن قويىنى يىدىم، قاسساپنىڭ قېنىنى يالىدىم، ئاشپەزنىڭ يۇندىسىنى ئچتىم، لېكىن ناۋاينىڭ نېمىسىگە زىيان - زەخمەت سالغاندۇرمەن؟ ئۇنىڭ ئىتىنىڭ مېنى يىيىشكە نېمە ھەققى بار؟ سىلەر ئۈچۈڭلار مېنى يىيىشكە ھەقلىق. شۇڭا ناۋاينىڭ ئىتىنى ئۇجۇقتۇرۇۋەتسەڭلار، مېنىڭ گۆشۈم سىلەرگە جىقراقتىن تېگىدۇ، قورسۇقىڭلارمۇ ئوبدان تويىدۇ ئەمەسمۇ؟ - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئۈچ ئىت بىر - بىرىگە قارىشىپ، باش لىڭشىتىپ، بۇ سۆزنىڭ توغرىلىقىنى تەستىقلىشىپ، ناۋاينىڭ ئىتىنى تالىۋېتىپتۇ. - ئەمدى ئاشپەزنىڭ ئىتى چەتكە چىقىپ تۇرسۇن، قالغان ئىككىڭلارغا ئېيتىدىغان سۆزۈم بار، - دەپ ئاشپەزنىڭ ئىتىنىمۇ چەتكە چىقىرىۋېتىپتۇ بۆرە، - سىلەر ئىككىڭلار قوي باقىسىلەر، مېنىڭ زىيىنىم ھەممىدىن بەك ئىككىڭلارغا يەتتى. پەقەت ئىككىڭلارلا مېنى يىيىشكە ھەقلىق. ئاشپەزنىڭ يۇندىسىنى ئىچىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىتىنىڭ مېنى يىيىشكە نېمە ھەققى بار؟ سىلەر ئۇنى يەر چىشلىتىپ، مېنى ئىككىڭلار يىسەڭلار ياخشى ئەمەسمۇ؟ شۇ گەپ بىلەن بۇ ئىككى ئاشپەزنىڭ ئىتىنىمۇ ئۇ دۇنياغا ئەۋەتىۋېتىپتۇ. بۆرە:>ئەمدى قاساپنىڭ ئىتى نېرى تۇرۇپ تۇرسۇن، ساڭا يالغۇز ئېيتدىغان گېپىم بار< دەپ قويچىنىڭ ئىتىنى يېنىغا تارتىپ، قاسساپنىڭ ئىتىنى بىر چەتكە چىقىرىپ قويۇپتۇ. ئاندىن: - ھەي، ئاغىنە، ھەق گەپنى ئېيتسام، مەن سېنىڭ قويۇڭنىلا يىدىم، قاسساپنىڭ قېنىنى ئاندا - ساندا يالاپ قويدۇم، خالاس. شۇڭا ئۇنىڭ ئىتى مېنى سەن بىلەن بىللە يىسە ساڭا ئۇۋال بولىدۇ، مۇنداق قىلىش ھەم ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. سەن ئۇنى يوقات، مېنى ئۆزەڭ يالغۇز يىگىن، - دەپتۇ. - مەن ئۆزەم يالغۇز ئۇنى قانداق يۇقىتالايمەن، - دەپتۇ قويچىنىڭ ئىتى. بۆرە: - مەن ساڭا ياردەملىشىمەن، قېنى بول، چاققان كەل، - دەپتۇ - دە، قويچىنىڭ ئىتىغا ياردەملەشكەن بولۇپ، قاسساپنىڭ ئىتىنى چەيلىۋېتىپتۇ. ئاندىن ئۇ يالغۇز قالغان قويچىنىڭ ئىتىغا قاراپ : - ئەي، ئەخمەق، مېنى يىيىشكە نېمە ھەققىڭ بار؟! ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى، - دەپتۇ - دە، چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ بىر ئېتىلىپلا قويچىنىڭ ئىتىنىمۇ جېنىدىن جۇدا قىپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا >بۆلۈنگەننى بۆرە يەر< دېگەن تەمسىل شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق