UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقبۆرە بىلەن تۈلكە

بۆرە بىلەن تۈلكە

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا بۆرە بىلەن تۈلكە دوست بوپتۇ. لېكىن كۈنلەرنى ئۆتۈپ، يىللار ئۆتۈپتۇ، بۆرە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، تۈلكىنى بىر خىزمەتكار ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغىلى باشلاپتۇ. بىر كۈنى تۈلكە بۆرىگە: - بۇ خۇيۇقنى تاشلا! يوغانچىلىق قىلما! ئەگەر سەن شۇ خۇيۇڭنى تاشلىمىساڭ ئاقىۋىتىڭ ياخشى بولمايدۇ، - دەپ نەسىھەت قىپتۇ. بۆرە بۇ سۆزدىن دەرغەزەپ بولۇپ، بىر مۇشت سالغان ئىكەن. تۈلكە تىك موللاق چۈشۈپ، ھۇشىدىن كېتىپتۇ. ئۇ ھۇشىغا كەلگەندە، بۆرىنىڭ كۆزىگە قاراپ،كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆزرە ئېيتىپتۇ. - جانابى بۆرە تۆرەم، مەن مۇندىن كېيىن ساڭا مۇنداق چاقچاق قىلمايمەن. ھۆكۈمالار «سورىمىغان سۇئالغا جاۋاب بەرمە» دېگەن، مەن بۇ ھېكىمەتلىك سۆزگە ئەمەل قىلمىغانلىقتىن تېگىشلىك جازاغا ئۇچرىدىم. گۇنا ئۆزەمدە، مەن كۆڭۈللىرىنى چېگىپ قويدۇم. ناھايىتى پۇشايماندىمەن. تۆۋە قىلدىم، _ دەپتۇ. بۆرە كۈلۈپ، ئاچچىغىدىن يېنىپ، تۈلكىنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىپتۇ. تۈلكە كۆڭلىدە بۆرىگە ئاداۋەت ساقلاپ، ئىنتقام ئېلىش پۇرسىتىنى كۈتۈپ يۈرۈپتۇ. تۈلكە قانداق ئۆچ ئېلىش خىيالى بىلەن يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، باغنىڭ تېمىدىكى بىر تۆۈكنى كۆرۈپتۇ. ئۇ، «ئادەملەر بۇ تۆشۈكنى بىھۇدە قويمىغان بولسا كېرەك، بۇ يەردە بىر ھېلە بولسا ئېھتىمال» دەپ ئويلاپتۇ. ئاستا تۆشۈكىنىڭ ئاغزىغا بېرىپ قارىسا، ئۇياقتا بىر ئورىنىڭ بارلىقى مەلۇم بوپتۇ. «مانا بۇ يەرگە بۆرىنى ئالداپ كېلىپ ئۇجۇقتۇرۇش مۇمكىن» دەپ ئويلاپتۇ تۈلكە ۋە كۆڭلى خۇشاللىققا تولۇپتۇ. تۈلكە دەرھال بۆرىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: _ جېنىم ئاغىنە، مەن بىر باققا كىرىدىغان ئەپلىك يول تاپتىم. باغدا مېۋىلەر پىشىپ مەي بولۇپ كېتىپتۇ. بىرگە بېرىپ باغ سەيلىسى قىلىش پەيتى كەلدى، _ دەپتۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان بۆرىنىڭ ئېغىزىدىن سېرىق سۇ ئېقىپتۇ _ دە، تۈلكىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ مېڭىپتۇ. تۈلكە ئۇنى باشلاپ ھېلىقى تۆشۈككە ئېلىپ كەپتۇ. بۆرى تۆشۈككە قەدەم قويۇپتۇ _ دە، ئورىغا چۈشۈپتۇ. تۈلكە قاتتىق بىر ۋاقىراپ قېچىپ كېتىپتۇ. دېھقانلار تۈلكىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، تەرەپ _ تەرەپتىن تاياق _ كالتەك كۆتىرىپ يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ بۆرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: خەلچەم تۇردى.
← بارلىق تېمىلار چوچاق