تەدبىرلىك ئوغلان
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، زاماننىڭ زامانىسىدا ئوغلاق، قوزىچاق، بۇقىچاقلار ئىناق دوست بولۇپ ئۆتكەنىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ ئۈچ دوست مەسلىھەتلىشىپ ساياھەتكە چىقاماقچى بوپتۇ. ئۇلار ئۆز ئىچىدىن بىرىنى باشلىق سايلىماقچى بوپتۇ ۋە:>ئالدىمىزدىكى چوڭ ئۆستەڭنىڭ بىر قېشىدىن ئۇ قېشىغا بىر - بىرلەپ سەكرەيلى، قايسىمىز يىراققا سەكرىسەك، شۇ بايلىق بولسۇن< دەپ توختام تۈزۈشۈپتۇ. ئالدى بىلەن قوزىچاق سەكرەپتۇ، ئۇ ئۆستەڭنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپتۇ. ئىككىنچى بولۇپ بۇقىچاق سەكرىگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئارقا ئىككى پۇتى سۇغا چىلىشىپ قاپتۇ. نۆۋەت ئوغلاققا كەپتۇ. ئۇ چاققانلىق بىلەن بىر سەكرەپتىكەن، ئۆستەڭنىڭ ئۇ قېشىدىن خېلى يىراققا چۈشۈپتۇ. شەرت بويىچە ئوغلاق باشلىق بوپتۇ.
ئۇلار سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. يول يۈرۈپتۇ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ. ھەر خىل گىياھلارنىڭ ئۇچىنى، رەڭمۇرەڭ گۈل - چېچەكلەرنىڭ غۇنچە - پورەكلىرىنى يەپ، سۈزۈك بۇلاق سۇلىرىدىن ئىچىپ، سەپرىنى كۆڭۈللۈك داۋاملاشتۇرۇپتۇ. شۇنداق مېڭىپ جاڭگالمۇ جاڭگال ئارىلاپ كېتىۋاتسا بىر تۈپ كونا چاتقالنىڭ قېشىدا بىر دانە بۆرە تېرىسى ئۇچراپتۇ، ئوغلاق قوزىچاققا:
- قوزىچاق ئاداش، بۇ بۆرە تېرىسىنى ئېلىۋال، ئۇ بىزگە كېرەك بولىدۇ، - دەپتۇ. ئۇلار سەپەرنى داۋاملاشتۇرپتۇ. يەنە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارغا يولۋاس تېرىسى ئۇچراپتۇ. ئوغلاق بوقىچاققا:
- بۇقىچاق ئاداش، بۇ يولۋاس تېرىسىنى ئېلىۋال، ئۇ بىزگە كېرەك بولىدۇ، - دەپتۇ. ئۇلار سەپىرىنى داۋام قىپتۇ. ئۇلار ماڭا - ماڭا بىر قويۇق جاڭگالغا يېتىپ كەپتۇ. ئۇلارنىڭئالدىغا بىر ئەسكى تاملىق ئۇچراپتۇ. ئۇلار شۇ تامنىڭ تۈۋىدە ئارام ئالماقچى بولۇشۇپ تامنىڭ ئىچىگە كىرسە، بىر ئاچ بۆرە ياتقۇدەك، بۆرىنى كۆرگەن قوزىچاق بىلەن بوقىچاق قورقۇپ ئارقىسىغا داجىپتۇ. ئاچ بۆرە ئاغزىنى يوغان ئېچىپ بىر ئەسنەپ كېرىلگەندىن كېيىن:
- سەنلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىشكىنىڭ بەك ياخشى بولدى، قوزا ناشتامغا بولىدۇ، ئوغلاق چۈشلۈكۈم، موزاي كەچلىكىم بولىدۇ، - دەپ ھىجىيىپتۇ. بۇقىچاقنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كېتىپتۇ. ئوغلاق شۇئان تام ئۈستىگە سەكرەپ چىقىپ:
- دوستلار، تەييارلىنىڭلار، يولۋاس تېرىسى بوي بولىدۇ، بۆرە تېرىسى پەش بولىدۇ. بۇ قېرى بۆرىنىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويۇپ، ياخشى بىر جۇۋا قىلايلى، - دەپ ۋارقىراپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان بۆرە ئالاقزادە بولۇپ، ئۇلار كۆتۈرۈپ كىرگەن بۆرە تېرىسى، يولۋاس تېرىسىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن تىترەپ كېتىپتۇ ۋە دەرھال قۇيرۇقىنى چاترىقىغا قىسىپ جاڭگالغا قاراپ كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇلار يىنچىلىپ، ئارامخۇدا دەم ئالماقچى بولۇپتۇ. قوزىچاقنى تام ئۈستىدە كۆزەت قىلىشقا قويۇپ، ئوغلاق بىلەن بوقىچاق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.
بۆرە شۇ قاچقان پېتى يۈگۈرە - يۈگۈرە، تىلى بىر غېرىچ ساڭگىلاپ، ئون جېنىدىن بىرى قالمىغاندا ئۇنىڭغا بىر تۈلكە ئۇچراپتۇ. تۈلكە:
- ھەي بۆرە چوڭ، ئۆزۈڭگە ھېچنەرسىنى تەڭ قىلمايتتىڭ، بۈگۈن نېمە بولدى، تىلىڭ ئۇزىراپ ساڭگىلاپ كېتىپتىغۇ؟ - دەپ ئەھۋال سوراپتۇ. بۆرە:
- جاڭگال ئىچىدىكى بىر كونا تامدا قورسىقىم ئاچ ياتسام قوزىچاق، ئوغلاق، بۇقىچاق كىرىپ كەلدى، كۆڭلۈم خۇش بولۇپ، قوزىنى ناشتىلىق، ئوغلاقنى چۈشلۈك، موزاينى كەچلىك تاماق قىلاي دېسەم، ئوغلاق دېگەن نەرسە تام ئۈستىگە سەكرەپ چىقىپ:>يولۋاس تېرىسى بوي، بۆرە تېرىسى پەش بولىدۇ...< دەيدۇ. قارىسام، ئۇلار ھەقىقەتەن يولۋاس، بۆرە تېرىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كەلگەنىكەن. مېنىمۇ سويۇپ جۇۋىغا پەش قىلىۋەتمىسۇن دەپ قېچىپ كەلدىم، - دەپتۇ.
تۈلكە ھىجىيىپ مەسخىرە قىلىپ:
- ئېسىت، بۆرە چوڭ، شۇنداق نېمىلەردىن قورققىنىڭ نېمىسى. ھاسىراپ - ھۆمىدەپ جان - پېنىڭ چىقىپ كەتكىلى تاس قاپتۇ. بىز بىرلىككە كېلىۋېلىپ، ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئەدىبىنى بېرەيلى، - دەپتۇ. بۆرە ئارىسالدا بولۇپ:
- ھەي تۈلكە، سەن ئاتا - بوۋاڭدىن تارتىپ ھەييار، مېنى ئالداپ تۇتۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتىسىەن؟ - دەپتۇ. تۈلكە:
- بۆرە چوڭ، سەن ماڭا ئىشەن. ئەگەر ئىشەنمىسەڭ بىز ئىككىمىز قۇيرۇقىمىزنى بىر - بىرىگە چاتايلى، ھەر ئىش بولسا تەڭ كۆرەيلى، - دەپتۇ. بۆرە ماقۇل بوپتۇ. ئۇلار ئىككىسى قۇيرۇقىنى بىر - بىرىگە مەھكەم باغلاپ، ئارقىسىغا يېنىپ، ھېلىقى كونا تاملىققا قاراپ يولغا چىقىپتۇ.
تامدا كۈزەت قىلىۋاتقان قوزىچاق يىراقتىن كېلىۋاتقان بۆرە بىلەن تۈلكىنى كۆرۈپ، دەرھال ئوغلاقنى ئويغىتىپتۇ. ئوغلاق تام ئۈستىگە چىقىپ قارىسا، بۆرە بىلەن تۈلكە يېقىنلاپ كېلىۋاتقۇدەك، ئوغلاق:
- ئىې - ئىې - ئىې .... ھەييار تۈلكە، سەن ھەر كۈنى بىر بۆرە ئېلىپ كەلمەكچى ئەمەسمىدىڭ، نېمىشقا ئۈچ كۈندىن بېرى ئاران بىر بۆرە ئېلىپ كەلدىڭ؟ تېزرەك بولمامسەن؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان بۆرە:>تۈلكە مېنى راستىنلا ئالداپتۇ< دەپ ئويلاپ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس قاپتۇ ۋە شۇ ھامان ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ، تۈلكىنى سۆرەپ قېچىپتۇ. ئوغلاق تام ئۈستىدە يەنىلا چوقان - سۈرەن سېلىپ:
- نەگە قاچماقچىسەن؟ توختاپ تۇر! - دەپ ۋارقىرىغىلى تۇرۇپتۇ. بۆرە تېخىمۇ قورقۇپ جېدەللىشىپ، ئۆلەر - تىرىلىشىگە قارىماي بەدەر قېچىپتۇ. ئۇ تەرلەپ - پىشىپ، ھاسىراپ - ھۆمىدەپ بىر يەرگە بېرىپ قارىسا، تۈلكە ئوڭدىسىغا يېتىۋېلىپ، ھىجىيىپ تۇرغۇدەك، بۇنى كۆرگەن بۆرە تۈلكىنىڭ ئاللىقاچان تاشتىن - تاشقا ئۇرۇلۇپ ئۆلۈپ قالغانلىقىدىن خەۋىرى يوق. >مېنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈۋاتىدۇ< دەپ ئويلاپ دەرغەزەپكە كەپتۇ - دە، ئۆلۈك تۈلكىنى يېرىپ پارە - پارە قىلىپ تاشلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ تەدبىرلىك ئوغلاق قالغان ئىككى دوستىنى ئەگەشتۈرۈپ پەم - پاراسەت بىلەن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ساياھىتىنى غەلبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ.
)>تارىم< ژۇرنىلىنىڭ 1974 - يىللىق 9 - سانىدىن ئېلىندى(.