ساۋۇت بىلەن ساھىپجامال
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا ساۋۇت ئاتلىق بىر كەمبەغەل يىگىت بىلەن ساھىپجامال ئاتلىق بىر قىز ئۆتكەن ئىكەن. ساھىپجامال رەسسام ئىكەن.
كۈنلەردىن بىر كۈنى ساۋۇت نەقىش ئويۇلغان قاش تېشىدىن بىر قانچىنى تەييار قىپتۇ - دە، ئۇنى ساتماق بولۇپ شەھەرگە كىرىپتۇ. قارىسا شەھەر دەرۋازىسىدا بىر قىزنىڭ سىزما سۈرىتى تۇرغۇدەك. ساۋۇت قاراپ ھەيران قاپتۇ. ئۇنىڭ پۇت قولىدا جان قالماپتۇ.
شۇ ئارىدا پادىشاھ ئوردىسىدىن بىر كېنىزەك چىقىپتۇ - دە، ساۋۇتنىڭ قاشتېشى ئويمىلىرىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ ۋە ئۇنىڭ باھاسىنى سوراپتۇ.
- چاغلاپ بېرىڭ، - دەپتۇ ساۋۇت.
قىز بەش تىللا بېرىپ قاشتېشى ئويمىلىرىنى ئېلىپ ئوردىغا كىرىپ كېتىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ساۋۇتنى ئوردىغا چاقىرتىشپتۇ. ساۋۇت ئوردىغا كىرىپ ساھىپجامالنىڭ گۈزەل جامالىنى كۆرۈپتۇ. ساھىپجامال ساۋۇتقا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. ساۋۇتمۇ ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغان بوپتۇ.
ئەمدى گەپنى خوشنا دۆلەت خاقانى نەبىدىن ئاڭلايمىز:
نەبى خاقاننىڭ قىرىق خوتۇنى بولۇپ، ئۇلار ھۆسنى لاتاپەتتە ھېچكىمدىن قېلىشمايدىكەن. ئەمما خاقان يەنە بىر قىز ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن پۇقرالار بىلەن كارى بولمايدىغان بۇ شۆھرەتپەرەس خاقانغا ساھىپجامالنىڭ نامى - شەرىپى ئاڭلىنىپتۇ. ئۇ كۆرمەي تۇرۇپ ساھىپجامالغا ئاشىق بوپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى نەبى خاقان ساھىپجامال قىزنىڭ ئوردىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپتۇ، لېكىن پادىشاھ - ساھىپجامالنىڭ ئاتىسى ئىختىيارنى قىزىغا قويۇپتۇ. ساھىپجامال نەبى خاقانغا خوتۇن بولۇشقا كۆنمەپتۇ. بۇنىڭدىن غەزەپكە كەلگەن نەبى خاقان لەشكەر تارتىپ شەھەر بوسۇغىسىغا كەپتۇ.
قىز دۆلەت ۋە خەلققە بالايى - ئاپەت كەلتۈرمەسلىك ساۋۇت بىلەن ئۆمۈرلۈك جۈپ بولۇش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ساۋۇت بىلەن نەبى خاقاننى چاقىرىپ ئۇلارغا:
- ئىككىڭلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا يۆنۈلۈشى بىر - بىرىگە تامامەن قارىمۇ - قارشى بولغان ئىككى ئۆستەڭ قېزىڭلار! قازغان ئۆستەڭ تۆت ياشلىق ناز تۆگىنى ئېقىتىپ كېتەلەيدىغان بولسۇن، قايسىڭلار مۇشۇنداق ئۆستەڭنى باللدۇر تەييار قىلساڭلار شۇنداق تەلىۋىنى ئورۇندايمەن، - دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن نەبى خاقان شەھەرنىڭ غەرىبىدىن شەرقىچە، ساۋۇت شەھەرنىڭ شەرقىدىن غەربىگە ئۆستەڭ قېزىشقا چۈشۈپتۇ.
ساۋۇت مىڭبىر جاپا - مۇشەققەت بىلەن ئۆستەڭنى قېزىپ سۇ باشلاپتۇ. تۆت ياشلىق بىر نار تۆگىنى سۇغا ساغان ئىكەن، سۇ تۆگىنى ئېقىتالماپتۇ. ساۋۇت تازا تەڭلىكتە قالغان چاغدا ساھىپجامال كېلىپ:
- ساۋوت سەن كۆپ جاپا - مۇشەققەتلەر بىلەن ئۆستەڭ قازدىڭ ئەمما، بىلگىنكى تۆگە ئۆستەڭ سۈيىدە ئەمەس. بىر دەريانىڭ سۈيىدىمۇ ئاقمايدۇ. شۇڭا سەن بۇ تۆگىنى تۇلۇمچە سويۇپ ئىچىگە سامان تىق، ئاندىن ماڭا ئۆستەڭنى تاماشا قىلىش توغرىسىدا خەۋەر يەتكۈز، - دەپتۇ.
ساۋۇتنىڭ ئۆستەڭنى قېزىپ بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تېزلىك بىلەن نەبى خاقاننىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. ئۇ غەزەپكە كەپتۇ. - دە، ساۋوتنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپتۇ. پۈتۈن شەھەر خەلقىنى قىرىپ تاشلاپ ساھىپجامالنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇپتۇ. شۇ چاغدا بىر جادىگەر كەمپىر كېلىپ نەبى خاقانغا:
- ئەي خاقان، سەن لەشكەر كۈچى بىلەن ساھىپجامالنى تارتىۋالماقچى بولساڭ، ئەبىدىل - ئەبەت «ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان نامەرت» دىگەن نامغا قېلىشتىن ئۇيالمامسەن؟ ئۇنىڭ چارىسىنى مەندىن سورا! - دەپتۇ.
بۇ گەپ نەبى خاقاننىڭ كۆڭلىگە بەك يېقىپتۇ. ئۇ خۇشالىغىدىن جادىگەر كەمپىرگە نۇغۇن ئالتۇن - كۈمۈش ئىنئام قىپتۇ.
جادىگەر كەمپىر ساۋۇتنڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا ناھايىتى ئېچىنغان قىياپەتتە ئۇھ تارتىپ يىغلاپتۇ. ساۋۇتنىڭ مومايغا ئېچى ئاغرىپتۇ، ئۇنىڭ نېمە سەۋەپتىن ئۇنداق ئاھ ئۇرۇپ يىغلايدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ:
- ئەي بالام، سېنىڭ ئەخمەقلىغىڭغا ئېچىنىپ ئاھ ئۇرۇۋاتىمەن، ساھىپجامال نەبى خاقاننىڭ قۇچىقىدا يايراۋاتسا، سەن بۇ يەردە ئۆستەڭ چېپىۋاتقىنىڭ نىمىسى؟ دەپتۇ ۋە ئاھ ۋاھ ئۇرۇپ يىغلاپتۇ.
جادىگەر كەمپىرنڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ساۋۇت شۇنداق غەزەپلىنىپتۇكى، بېشىنى تاشقا بىر ئۇرۇپتىكەن، بېشى يېرىلىپ جان ئۈزۈپتۇ.
ساھىپجامال ئۆزىنىڭ ۋاپادار يارىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ نالە - پەريات قىلىپ ساۋۇتنىڭ ئۆلىگىنىڭ يېنىغا كەپتۇ ۋە:
- ئى ۋاپادارىم، غەمگۈزارىم، مېنى دەپ شۇنچە ئازاپلارنى چەكتىڭ، ئاخىر زالىم نەبى خاقاننىڭ ئالدامچىلىغى بىلەن ھەسرەت ئىچىدە جان ئۈزدۇڭ. ئەمدى بۇ زالىم مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مېنى ئەمرىگە ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ. مەن ھەرگىزمۇ ئۇنى راۋا كۆرمەيمەن. ئۆز ئەقىدەمگە خىلاپلىق قىلمايمەن! ئەمدى بۇ دۇنيادا روھىمىز بولسىمۇ تىپىشسۇن! - دەپتۇ - دە، يۈرىگىگە خەنجەر ئۇرۇپ، ئۆزىنى ساۋۇتنىڭ ئۈستىگە تاشلاپتۇ.
ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ قەۋرىسىدە گۈل ئېچىلىپ تۇرغۇدەكمىش. بۇلبۇللار قوشاق قېتىپ نەزمە قىزىتارمىش:
بېشىدىن دەرت كەتمىگەن،
راھەت باغاش ئەتمىگەن،
ۋىسالىغا يەتمىگەن،
ئاشىق - مەشۇق قايدىسەن؟