UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقسەپەر قۇل

سەپەر قۇل

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ بويىغا يېتىپ قالغان جەمىلە دەپ بىر قىزى بار ئىكەن. ھەرتەرەپتىن ئەلچىلەر كېلىشكە باشلاپتۇ. لېكىن، جەمىلە ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ماقۇل بولماي كەلگەنلەرنى ئۆزرىخالىق ئېيتىپ قايتۇرۋېتىپتۇ. ئارىدىن بىرقانچە يىللار ئۆتۈپ، قىزنىڭ يېشىمۇ چوڭىيىپ قاپتۇ. پادىشاھ ئايالى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، قىزنى ياتلىق قىلىۋېتىش قارارىغا كەپتۇ. ئاندىن جەمىلىگە كىشى قويۇپ، ئۇنىڭدىن كىمنى لايىق كۆرىدىغانلىقىنى سورىغان ئىكەن. قىز: «ئەگەر ئاتا - ئانام مېنى راستىنلا ياتلىق قىلماقچى بولغان بولسا، بۇنىڭغا كۆنمەي مېنىڭ نېمە ئامالىم بولسۇن، لېكىن شاھزادە، بەگزادىلەرگە بېرىمەن دەپ باش قاتۇرمىسۇن، مەن ئۆزەمگە لايىق تاللىدىم، ئۇ بولسىمۇ دادامنىڭ قول ئاستىدىكى خىزمەتكاراى سەپەر قۇل...» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ: «مەن بۇ يۇرتنىڭ پادىشاھى بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۆزەمگە بىر مەينەت قۇلنى كۈيئوغۇل قىلامدىمەن؟ ئۇ قانداقمۇ قىزىمنىڭ خىلى بولسۇن.» دەپ غەزەپلىنىپ، بەڭباش قىزنىڭ كۆڭلىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن، دەرھال سەپەر قۇلنى كۆزدىن يوقۇتۇش قارارىغا كەپتۇ. پادىشاھ قول ئاستىدىكى بارلىق قۇللارنى يىغىپ مۇنداق دەپتۇ. - جىنايەتچى سەپەر قۇل ھوزۇرىمدا زور گۇناھ سادىر قىلغانلىقتىن، ئۇنى ئاتقا سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈشكە ھوكۈم قىلدۇق، ئۇنى ھېچكىم ئىزلەپ سۈرۈشتۈرمەسلىكى لازىم. بۇندىن كېيىن كىم ئۆز پەرزەنتلىرىگە «سەپەرقۇل» دەپ ئىسىم قويىدىكەن، ئاتا - بالا ئىككىسىنىڭ بېشى تېنىدىن جۇدا قىلىنىدۇ. سەپەر قۇلنى ئاتقا سۆرىتىپ ماڭغانلار بىر چۆل - جەزىرىگە كېلىپ توختاپتۇ، قارىسا، ئۇنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى يىرتىلىپ جۇل - جۇل بولۇپ كەتكەن، بەدەنلىرى قىيما - چىيما قىلىنغان ھالدا ھۇشىدىن كېتىپ قالغان ئىكەن. ئۇلار سەپەر قۇلنى ئۆلگەنگە چىقىرىپ، شۇ يەرگە قالدۇرۇپ قايتىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى تاڭ يۇرۇغاندا، مەيدىسىگە توككىدە قىلىپ بىر نەرسە چۈشكەنلىكىنى سەزگەندەك قىلغان سەپەرقۇل بىر ئاز ھۇشىغا كېلىپ قارىسا، ئالدىدا قىپ - قىزىل بىر دانە ئانار تۇرغىدەك، ئۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدىغا ساپ قان يۈگۈرگەندەك بولۇپ، سەللىمازا ساقىيىپ كېتىپتۇ. ئەتراپقا سەپسېلىپ قارىسا، پەقەت بىر تاللا شېخى ياشىرىپ تۇرغان بىر تۈپ قاخشال ئانار دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ياتقان ئىكەن. بۇ ئەھۋالدىن ھەيران بولۇپ تۇرسا، ئاپئاق ساقال بىر بوۋاي تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ قاپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە ئولتۇرغانلىقىنى سوراپتىكەن، سەپەر قۇل بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بوۋاي: «- ئېھ، يىگىت، مەن ساڭا ياردەم قۇلۇمنى سۇناي، بۇ ئانارنى ئېرغىتتىم، سەن ئۇنى يەپ ھۇشىڭغا كەلدىڭ، بۇ ئانارنىڭ نېمە ئۈچۈن قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ بۇ چول -جەزىرىگە سەندىن باشقا تىرىك جاننىڭ قەدىمى يەتكەن ئەمەس. سەن سۇ كەلتۈرۈپ بۇ جاينى كۆكەرتىشىڭ كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئانار بىلەن ئاۋۇ كۆرۈنگەن دوڭنىڭ ئاستىنى كولا، شۇ چاغدا ئۆز مەقسىتىڭگە يېتەلەيسەن. -...» دەپتۇ. دە، كۆزىدىن غايىپ بولۇپتۇ. سەپەرقۇل قولى بىلەن ئانارنىڭ تۈۋىنى كولاشقا باشلاپتۇ. بىر دەمدىن كېيىن ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدىكى يەر لومۈلدەپ، توپىلار قوزغلىش بىلەن يەر ئاستىدىن يۈك ئارتىلغان ئات، تۆگىلەر چىقىشقا باشلاپتۇ. تاغار - قاچىغا ئالتۇن - كۈمۈش ۋە ھەرخىل قىممەتلىك نەرسىلەر قاچلانغان ئىكەن. سەپەر قۇل بۇ نەرسە - كېرەكلەرنى ئالغاندىن كېيىن، بوۋاي كۆرسەتكەن ھېلىقى دوڭنى كولاپتىكەن، ئىككى دانە بېلىق چىقىپتۇ. سەپەر قۇل: - سىلەر قانداق بېلىقلار؟ نېمە ئۈچۈن سۇدا ھايات كەچۈرمەي، بۇ دوڭنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇندۇڭلار؟ دەپ سورۈپتىكەن، بېلىقلار تىلغا كىرىپتۇ: - بۇ يەردە بىر ئامانەتنى ساقلاپ ياتىمىز. كىمكى بۇ جەزىرىگە كېلىپ مۇشۇ دۆڭنى ئاچسا، بىز ساقلاپ كەلگەن ئامەتنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ، ئاندىن سۇدا ئۈزۈپ ئوينايمىز، بىراق، بۇ يەردە نەدە سۇ بولسۇن؟ بارلىق دەل - دەرەخلەر سۇسىزلىقتىن قۇرۇپ كەتتى. سەن بايا يېگەن ئانارمۇ ماۋۇ قاقشال بولۇپ قالغان ئانار دەرىخىنىڭ مېۋىسى ئەمەس، ئۇنى كىشىلەر ئېلىپ كەلگەن. كۆكىرىپ تۇرغان بىر تال شاخمۇ ھەقىقىي شاخ ئەمەس، قارىغىنا ھازىر ئانار دەرىخى قانداق بولۇپ قاپتۇ؟ سەپەرقۇل قارىسا، ئانارنىڭ ياشىرىپ تۇرغان بايىقى شېخىدىن ئەسەرمۇ يوق، ھەممە شاخ ئوخشاشلا قاقشال ھالەتتە سۇسىراپ تۇرغىدەك. بېلىقلارنىڭ ئىلتىماسى بىلەن سەپەرقۇل ئۇلارنىڭ قارنىنى يارغان ئىكەن، ھەددى - ھېسابسىز ئالتۇن - كۈمۈش چىقىپتۇ. ئۇ ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئانار بىلەن بېلىقلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇزۇن يول يۈرۈپ بىر چوڭ شەھەرگە يېتىپ بېرىپتۇ. تۇرمۇش قايغۇسىدا تەمتىرەپ يۈرگەن ئىشسىز بىچارىلەرنى ئەتراپىغا توپلاپ، قورسىقىنى تويغۇزۇپ، يېڭى كېيىم - كېيىدۇرۇپ بايىقى چول - جەزىرىگە باشلاپ كەپتۇ. كىشىلەر سەپەر قۇلنىڭ باشچىلىقىدا ئىشقا كىرىشىپ، دۆڭلەرنى كېسىپ ئۆستەڭ ئېلىپتۇ، ئۆستەڭنىڭ ئاخىرىنى چوڭ دەرياغا تۇتاشتۇرۇپتۇ. سۇ باشلاپتۇ. زۇمرەت سۇ چول - جەزىرىگە ھايات بېغىشلاپ، ئانار كۆكلەپتۇ. بېلىقلار سۇدا ئۈزۈپ ئويناپتۇ. ئوت - چۆپلەر كۆكىرىپ، ئەتراپنى باھار مەنزىرسى قاپلاپتۇ. ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ، بۇ يەردە كاتتا بىر شەھەر بىنا بوپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پادىشاھ ۋەزىرلىرى بىلەن شىكارغا چىقىپ قارىسا، بۇرۇنقى چول - جەزىرە باغۇ - بوستانلىققا ئايلىنىپ كەتكەن، يىراقتا گۈزەل بىر شەھەر قەد كۆتىرىپ تۇرغان پادىشاھ ھەيران بولۇپ، كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇپ: - مېنىڭ كۆزۈمگە نېمىلەر كۆرۈنىۋاتىدۇ، سىلەر بىر قاراپ بېقىڭلارچۇ، ئاۋۇ كۆرۈنگەنلەر دەريا بىلەن بۇلۇتمۇ نېمە؟ - دەپتىكەن، ۋەزىرلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا: - ئېھ شاھىم، سىزنىڭ يەر ئۈستىدە كۆرگىنىڭىز دەريا ئەمەس، ئېتىزلاردۇر، ئۈستىدە كۆرۈنگىنى بۇلۇت ئەمەس، ئېگىز بىنالاردۇر، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ تېخىمۇ ھەيران بولۇپ: - بۇ، چۆل - جەزىرىگە قانداق باتۇر مۇنچىۋالا ھۆسۈن كىرگۈزگەندۇ، يۈرۈڭلار بېرىپ كۆرەيلى، - دەپ شۇ تەرەپكە ئات چاپتۇرۇپتۇ. سەپەرقۇل «پادىشاھ ۋەزىرلىرى بىلەن زىيارەتكە كېلىۋاتىدۇ» دېگەننى ئاڭلاپ، ئۇلارنى ئالاھىدە كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مەخسۇس كېشىلەرنى تەيىنلەپتۇ. پادىشاھ بۇ يەردە بىر قانچە كۈن سەيلە - تاماشا قىلغاندىن كېيىن، خوشلىشىپ قايتىپ كەتمەكچى بوپتۇ. يولغا چىقىش ئالدىدا پادىشاھ: - بۇ يەرنى بۇنداق ئاۋات قىلغان باتۇر كىم بولىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. كىشىلەر توپى: - بىزنىڭ پادىشاھىمىز سەپەرقۇل، - دەپتۇ. پادىشاھ: - ئۇنداق بولسا، مەن سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلارغا قىزىمنى بېرىپ، ئاتا - بالا بولىشايلى، - دەپ قايتىپ كېتىپتۇ. ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن پادىشاھ، كۆرگەنلىرىنى خوتۇنى بىلەن قىزىغا سۆزلەپ بەرگەن ئىكەن، بۇنى ئاڭلىغان جەمىلە: - ئەمدى مۇرادىمغا يەتتىم، - دەپ كۆز يېشىنى ئاققۇزۇپ، توي قىلىشقا رازىلىق بېرىپتۇ. ھەممە تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن، پادىشاھ 40 كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ قىزىنى سەپەر قۇلغا بېرىپتۇ. سەپەر قۇل باغدا ئىشلەۋاتقان چېغىدا كۆرۈپ قېلىپ يۈرىكىگە ئىشقى ئوتى تۇتاشقان جەمىلە تا ھازىرغىچە ئۆتكەن ئىشلاردىن خەۋەرسىز بولۇپ، ئۇنى كۈتۈپ كېلىۋاتقان ئىكەن. قىز سەپەر قۇلغا: - ئۆلۈشكە رازى ئىدىمكى، سىزدىن باشقا كىشىگە تېگىشكە رازىلىقىم يوق ئىدى. دادام مېنى قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويۇپ زورلىغادىمۇ 20 - 30 يىل ئوتسىمۇ مەيلى، دەپ سىزنى كۈتۈشكە ئەھدى قىلىپ، دادامنىڭ گېپىگە كۆنمىگەن ئىدىم،مانا ئەمدى مۇرادىمغا يەتتىم، - دەپ كۆز يېشى توكۈپتۇ. سەپەرقۇل بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپتۇ. ئۇلار ئىككى بالىغا ئاتا - ئانا بوپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە جەمىلە ئاتا - ئانىسىنى يوقلاپ كېلىش مەقسىتىدە ئېرى بىلەن يولغا چىقىپتۇ. شەھەرگە يىقىنلاپ كەلگەندە، سەپەرقۇل ئۈستىدىكى كىيىم - كېچىكىنى يەڭگۈشلەپ، بۇرۇنقى جۇل - جۇل ئۈستىباشلىرىنى كىيىۋاپتۇ. جەمىلە ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇنداق قىلغانلىقىنى سورىغان ئىكەن، سەپەرقۇل: - ئاتىڭىز كۆرسۇن! مېنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىم مانا مۇشۇنداق ئىدى، - دەپتۇ. كۈيئوغۇل بىلەن قىزىنىڭ ئۆزىنى يوقلاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان پادىشاھ ئۇلارنى چوڭ داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋاپتۇ. قارىسا، ئاتقا سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىنغان بۇرۇنقى خىزمەتكارى سەپەر قۇل قىزىنى ئارقىسىغا سېلىپ كىرىپ كېلىۋاتقىدەك. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ ھاڭ - تاڭ بولۇپ تىلى سۆزگە كەلمەي قېتىپ قاپتۇ. ئۆيگە كېلىپ ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن، سەپەر قۇل ئۇنىڭغا بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. پۇشايمان ۋە خىجىللىق ئىچىدە قالغان پادىشاھ ساراي ئەھلىنى يىغىپ، ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى سەپەر قۇلغا ئۆتۈنۈپ بېرىپتۇ. سەپەرقۇل پادىشاھلىقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىككى شەھەرنى بىرلەشتۈرۈپ يۇرتنى ئادىللىق بىلەن سوراپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق