UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقتەبىرلىك پاق

تەبىرلىك پاق

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئاسماندا ئەگىپ ئۇچۇپ، يەم ئىزلەپ يۈرگەن سا ھېچنەسە تاپالماي، ئاخىرى سازلىققا سەكرەپ ئويناۋاتقان بىر پاقىنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ يەر بېغىرلاپ چۈشۈپ، پاقىنى چاڭگالىغىنىچە ئاسمانغا كۆتىرىلىپتۇ - دە، تاغدىكى ئۇۋىسىغا قاراپ ئۇچۇپتۇ. پاقا سانىڭ چاڭگىلىدا تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئەمدى دۇنيادىن خۇشلىشىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ مۇڭلىنىپتۇ ۋە ھاياتلىققا بولغان ئىنتىلىشى كۈچىيىپتۇ. «قانداق ئامال بار؟ - دەپ سانىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇرلۇشنىڭ ئامالىنى ئويلاپتۇ پاقا، - ھەر ھالدا قۇتۇلۇش - ھايات كەچۈرۈش كېرەك.» بىردىنلا ئۇنىڭ خىيالىغا بىر چارە كەپتۇ. ئۇ ساغا يېلىنىپ: - سا ئاكا، ساڭا كۆپ رەھمەت. مېنىڭ ئۆمرۈم سېسىپ، يۈزىنى لەش قالاپ كەتكەن تار - كىچىك كۆلدە ھېچنىمىنى كۆرەلمەي ئۆتكەن ئىدى. سىزنىڭ بانىڭىز بىلەن ئاسماننى كۆردۈم ئۇچۇپمۇ باقتىم. ئىگىزدە تۇرۇپ يەردىكى بالىق گۈزەللىكىنى كۆرۈۋالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزدەك بىر ئالىجاناپقا يەم بولۇشقا يارىغانلىقىم ئۈچۈن تولىمۇ بەختلىكمەن، - دەپتۇ. سا بۇ ماختاشلاردىن كېرىلىپ، كۆڭلى يۇمشاپ قاپتۇ. - لېكىن، - دەپتۇ پاقا، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - بىر نەرسىدىن تولىمۇ خىجىلمەن. مەن ئۆزەممۇ سېسىق، مەن ياشىغان كۆلمۇ سېسىق. جانابىڭىز مېنى مۇشۇ پېتىم يىسىڭىز كۆڭلىڭىز ئېلىشىپ قالىدۇ. شۇڭا ئالدىڭىزدا خىجالەت بولۇۋاتىمەن. - بۇنىڭ چارىسىنى قىلالمامسەن؟ دەپ سوراپتۇ سا پاقىدىن - تاپىمەن، - دەپتۇ پاقا، - مېنى ئاشۇ كۆرۈنگەن دەريانىڭ بويىغا چۈشۈرۈپ قويسىڭىز، دەريا سۈيىدە تازا ياخشى يۇيۇنسام، بارلىق سېسىقچىلىقلىرم تۈگەيدۇ. ئاندىن مېنى يىسىڭىز، مەززە قىلىسىز. پاقىنىڭ ماختاش - تەكەللۇپلىرى ۋە شېرىن سۆزلىرىگە مەس بولغان سا ئۇنىڭ سۆزىگە ماقۇل بولۇپتۇ. پاقىنى دەريانىڭ لېۋىگە چۈشۈرۈپتۇ، ئۆزى ئۇنىڭ يۇيۇنۇپ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. پاقا پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، دەرياغا كىرىپ كېتىپتۇ. سا پاقىنى كۈتۈپتۇ، پاقا چىقماپتۇ. ئۇ ئاخىر پاقىنى چاقىرىپتۇ. پاقا سۇدىن بېشىنى چىقىرىپ، سانى زاڭلىق قىلىپ: - خەير - خوش ھاماقەت ، ئەخمەق سا، شۇ ئولتۇرغانچە ئولتۇرۇۋەرگىن! - دەپتۇ - دە، پۈتۈن ئەتراپنى بېشىغا كېيىپ قوۋزىنى كۆپتۈرۈپ كۇرۇلداپ كېتىپتۇ. («قۇمۇل ئەدەبىياتى» نىڭ 1982 - يىل 3 - 4 - قوشما سانىدىن ئېلىندى ) رەتلىگۈچى: ئىسمائىل ئىراھىم.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
تەبىرلىك پاق | UyghurWiki | UyghurWiki