UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقدانىشمەن ئانا

دانىشمەن ئانا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، ئاتنىڭ ساغىسىدا تورغاي ئۇۋىلايدىغان زاماندا بىر ياش زەرگەر ئۆتكەن ئىكەن. زىبۇ - زىننەت ياساشتا ئۇنىڭ ئالىدىغا ئۆتىدىغان ھۈنەرۋەن يوق ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئۇزاقتىن بېرى تاللاپ، ساندۇقىدا ساقلاپ كەلگەن لەئىل - ياقۇتلاردىن كۆز قۇيۇپ، بىر جۈپ گۇلاپكا ئىشلەپ، دۇكىنىنىڭ ئالدىغا ئېسىپ قويۇپ ئولتۇرغاندا، بىر مۇنچە مەپە كېلىپ، دۇكاننىڭ ئۇدۇلىدا توختاپتۇ. ئوتتۇرىدىكى مەپىدە پادىشاھنىڭ قىزى - مەلىكە گۈل جەمىلە بار ئىكەن. مەلىكە يۇپۇقنى قايرىپ، بېشىنى مەپىدىن چىقىرىپ، گۇلاپكىغا قارىغاندا، كۆزى زەرگەر يىگىتكە چۈشۈپ قاپتۇ. يىگىت يىگىتلەرنىڭ كۆزى، ئىزلەپ يۈرگەننىڭ دەل ئۆزى چىقىپتۇ. مەلىكە ئاتىسىدىن بىسوراق ئەركەك چىۋىن بىلەنمۇ ئۇچرىشالمايدىكەن. ئىلاجسىز يىگىتكە قاراپ، لىپپىدە كۆز تاشلاپ، مۇھەببىتىنى ئىزھار قىپتۇ - دە، مەپىسىنى چاپتۇرۇپ كېتىپ قاپتۇ. مەلىكىمۇ ئاي دېسە ئايدىن ئارتۇق، كۈن دېسە كۈندىن نۇرلۇق، بىر يۇتۇم سۇ بىلەن يۇتۇۋەتكۈدەك ئازادە قىز ئىكەن. ئۇنىڭ قېشىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۇچقان بىر پارچە ئوت يىگىتنىڭ يۈرىكىدە ئىشىق ئوتى ياندۇرۇپتۇ. يىگىت بولالماي دۇكاننى تاقاپ قايتىپتۇ. ئانا ئۆيگە كىرىپ قارىسا، ئوغلى مەيدىسىنى نەم يەرگە يېقىپ، گۇلاپكىغا بېقىپ، يىلاندەك تولغىنىپ ياتقۇدەك. ئانا ئەنسىرەپ: _ جېنىم بالام، بىر يېرىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. _ ياق . . . مەپە . . . قىز. . . - دەپ ئىڭراپتۇ يىگىت. _ ۋاي، تۈزۈكرەك سۆزلىگىنە بالام، نىمە دەۋاتىسەن زادى؟ - دەپتۇ ئانا يېقىنراق كېلىپ، ئوغۇل بېشىنى كۆتۈرۈپ، بولغان ۋەقەنى بايان قىلىپ بېرىپتۇ. ئانا پېشانىسىنى تۇتقىنىچە ئولتۇرۇپ بىر ھازا ئويلىنىپتۇ - دە، ئاندىن: _ بالام، گېپىڭگە سەڭگە سەم، شاھىمىزنىڭ قىزى مەلىكە گۈل جەمىلىگە كۈيۈپ قاپسەن. بۇ - ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلىغاندەك بىر ئىش بوپتۇ. مەيدەڭگە مۇز، دۈمبەڭگە تۇز يېقىپ يۈرۈۋەرمەي، نىيىتىڭدىن يانغىن، - دەپتۇ. يىگىت بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ھۇشىدىن كېتىپ، ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا يېقىلىپتۇ. ئانا ئوغلىنىڭ بېشىنى يۈلەپ، ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپتۇ. ئاغزىغا ئابى كەۋسەر تېمىتىپ ھۇشىغا كەلتۈرۈپتۇ. _ ئوبدان بالام، كۆزۈڭنى ئاچقىن، ئىلاجىنى مەن قىلاي، مۇرادىڭغا يەتكىن، - دەپتۇ ئانا، - مەلىكە ھەر ھەپتىنىڭ جۈپ كۈنلىرى ئويناپ - كۈلگىلى چارىبېغىغا كىرىدۇ. كېچىسى باغنى ئارىلايدۇ، شۇ چاغدا سەنمۇ بېرىپ ماراپ تۇرغىن. مەلىكىنىڭ ساڭا راستىنلا مەيلى بولسا، سېنى كۆرگەندىن كېيىن بەلگە بېرىدۇ. ئېسىڭدە ساقلاپ ماڭا كېلىن دىگىن. زەرگەر يىگىت جۈپ كۈننى كۈتۈپ، چارىباغنىڭ ئارقىسىدا يېتىپتۇ. بىر پەيشەنبە كۈنلىكى ئىكەن، مەلىكە باغقا كېرىپ، كىنىزەكلىرى بىلەن سۇ چېچىشىپ ئويناپتۇ. كۆلچەك بويىدىكى شىپاڭغا چىقىپ، ئالدىنى زەرگەر يىگىتنىڭ دۇكىنى تەرەپكە قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن يىگىت شۇ ياقتىن تامغا يامىشىپ، بېشىنى كۆرسىتىپتۇ. مەلىكە ئۇنى كۆرۈپ ئورنىدىن قوپۇپتۇ، يانچۇغىدىكى ئەينەكنى ئېلىپ، ئاۋۋال ئەينەكنىڭ ئالدىنى، كېيىن كەينىنى كۆرسىتىپتۇ؛ بېشىدىكى تاغاقنىڭ چىشلرىنى سۇندۇرۇپ كۆلچەككە تاشلاپتۇ - دە، شىپاڭدىن چۈشۈپ گۈللۈك ئارىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ. يىگىت مەلىكىنىڭ بىرەر ئېغىز لەۋزىنى ئاڭلاشقا بەكمۇ ئىنتىزار ئىكەن. تامغا مىنىپ، باققا تەلمۈرۈپ كۈننى كەچ قىپتۇ. مەلىكە قايتا كۆرۈنمەپتۇ. يىگىت سەرسان كۆڭلىنى باغدا قويۇپ، ئۆزى قايتىپتۇ. ئانا مەلىكىنىڭ بىشارىتىنى ئوغلىدىن ئاڭلاپ خوش بوپتۇ. _ جان بالام، گېپىمگە قۇلاق سال! - دەپتۇ ئانا، - ئىشىڭ ئوڭغا تارتىپتۇ؛ مەلىكىنىڭ ئەينەكنىڭ ئالدى - ئارقىسىنى كۆرسەتكىنى - كۈندۈزدە كەلمەي، كېچىدە كەل دېگىنى؛ تاغىقىنىڭ چىشلىرىنى سۇندۇرۇپ كۆلچەككە تاشلىغىنى - باغنىڭ كۆلچەككە سۇ كىرىدىغان سۈنگۈچىنىڭ ۋادەكلىرىنى سۇندۇرۇپ، شۇ يەر بىلەن كىر دېگىنى؛ گۈللۈككە كىرىپ كەتكىنى - ئاشۇ گۈللۈكتە ئۇچرىشىمىز دېگىنى. ئوبدان بالام، بۈگۈن كېچە، ئەتە كۈندۈزى قانغۇچە ئۇخلىۋېلىپ، كەچتە بارغىن. يىگىت شېرىن خىياللارغا چۈمۈپ، سوك كۆكسىنى مۇجۇقلاپ، پىغان ئىچىدە چولپان يولتۇزغا قاراپ ئۆگزىدە يېتىپتۇ. تاڭنى كۈتۈپتۇ. تاڭمۇ ئېتىپتۇ، كەچمۇ بوپتۇ. يىگىت پىچىقىنى ئۆتۈگىنىڭ قونجىغا تىقىپ، ئاي قاراڭغۇسىدا يولغا چىقىپتۇ، كۆزلىگەن يەرگە بېرىپتۇ. سۇنگۈچنىڭ ۋادەكلىرىنى كېسىپ تاشلاپ باغقا كېرىپتۇ. گۈللۈكتە مەلىكە يوق ئىكەن. يىگىت بىر دوقمۇشنى تاللاپ، مەلىكىنى ماراپ ئولتۇرۇپتۇ. ئولتۇرا - ئولتۇرا گۈل پۇرىقىغا مەس بولۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ. مەلىكىنى سۆيگەن يىگىت زېرىكمەي - تېرىكمەي كۈتۈشى، كىرپىك قاقماي تۈننى تاڭغا ئۇلىشى شەرت ئىكەن. شۇنداق قىلالىغانلار سىناقتىن ئۆتكەن بولىدىكەن. ئىلگىرى كۈرمىڭ يىگىتلەر شەرتنى بىجا كەلتۈرەلمەي داغدا قالغانىكەن داغدا قاپتىكەن. مەلىكە زەرگەر يىگىتنىڭ ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تىبودا بىزار بوپتۇ، كېيىن، ئۇنىڭ ھۆسىن جامالىغا قاراپ، ئۆز يۈرىگىنى سىلاپ بېقىپتۇ. «مەرتەم، مەرتەم ئۈچ مەرتەم دەپتىكەن، خەير، يەنە بىر مەرتىۋە سىناپ باقاي» دېگەن يەرگەكېلىپ، يىگىتنىڭ قېشىدا بىردەمگە تۇرۇپتۇ - دە، كېتىپ قاپتۇ. خوراز چىللاپتۇ. تاڭ يورۇپ قالسا، يىگىتكە خۇۋلۇق بولمايدىكەن، مەلىكىگىمۇ باغقا كىرىش بەسى مۈشكۈل ئىكەن. يىگىت لېۋىنى چىشلەپ، ئېڭىكىنى ئۇۋلاپ، چارىباغدىن ئايرىلىپتۇ. زار قاقشاپتۇ. ئانا ئوغلىنىڭ پەرىشان ھالىغا ئېچىنىپ سوراپتۇ: _ بالام، بىرەر شەپە بولدىمۇ؟ _ ياق، ئانا. _ يانچۇغۇڭ دۇمباق تۇرىدۇ بالام، قاراپ باققىنا . . . . يىگىت يانچۇقىغا قولىنى سېلىپ بىر تال چالا كۆيگەن كۆمۈرنى ئاپتۇ ۋە ھەيران بولۇپ: _ ئانا، بۇ نېمە ئىش؟ - دەپ سوراپتۇ. ئانا كۆلۈپ كېتىپ دەپتۇ: _ بىلسەڭ ئوغلۇم، ئۇخلاپ يېتىپ، مەلىكىنى دېگەن يېرىدىن چىقالماپسەن. ئۇنىڭ كۆمۈرنى يانچۇقۇڭغا سېلىپ قويغانلىقى - سەن ماڭ چالا - پۇلا كۆيگەنمىدىڭ، ئوتۇڭ ھېلىتتىن ئۆچۈپتۇ، دېگەنلىكى. خەيرىيەت بەختىڭ بار ئىكەن. يول قويۇپتۇ. ئەتە كېچە لايغەزەللىك قىلماي، كۆزلىرىڭنى يۇمماي ئولتۇرغى. قوپ، ئوبدان ئۇخلىۋال بالام. يىگىت «ماقۇل » دەپ بېشىنى چۈمكەپ يېتىپتۇ. ياتقاندىمۇ كۆزىنى تېڭىپ، كۆمۈرنى قوينىغا سېلىپ، كۆڭلى باغدا، تىنى كاڭدا يېىپتۇ. كۈن پېتىپ، خەلقى ئالەم جىمىپتۇ. يىگىت يولغا چىقىپتۇ. ئانا ئاق يول تىلەپ دۇئا قىپتۇ. «ئۇخلاپ قالمىغىن» دەپ جېكىلەپتۇ. يىگىت يول بويى «ئۇخلىمايمەن، ئۇخلىمايمەن! ئۇخلاپ قالىدىغان بولسام . . . . . » دەپ قەسەم ئىچىپتۇ. گۈل تۈۋىدە ئولتۇرۇپ مەلىكىنى كۈتۈپتۇ. بىردەم كۈتۈپ، گۈل پۇرىقىغامەست بولۇپ ئۇخلاپ يېتىتۇ. مەلىكە قاش - كىرپىكلىرىنى ياساپ، ياش كۆڭلىنى زەرگەر يىگىتكە ئاتاپ، گۈل تۈۋىگە كېلىپ قارىسا، يىگىت خورەك تارتىپ ياتقۇدەك. مەلىكە ئاچچىقىغا پايلىماي، ئالدى - ئارقىسىغا قارىماي، يىگىتنىڭ ئالقىنىغا بىرتال ياڭاق تاشلاپ قويۇپ، كەلگەن يولىغا قايتىپتۇ. خوراز چىللاپتۇ. يىگىت كۆزىنى ئېچىپ، يۇرۇقتىن قېچىپ، يىغلىغان پېتى ئۇتتۇر ئۆيىگە كەپتۇ. ئانا ياڭاقنى قولىغا ئېلىپ خاپا بوپتۇ: _ ئۇيقۇ سۈيىدىغۇ يۇغۇرماپتىم بالام، يەنە ئۇخلاپ قاپسەن. مەلىكە: پادا باققاندا دوست بوپتۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق، دەپتۇ. پېشانەڭدىن كۆر، ئەمدى بولدى قىل. يىگىت پۇشايماننى ئالغىلى قاچا، ئۆزىنى يۆلىگىلى ئاچا تاپالماي، يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ. ئانا ئوغلىنىڭ نالىسىغا چىدىماي دەپتۇ: _ بوپتۇ، يەنە بىر قېتىم بارغىن. بۇدا مۇنداق قىلارسەن : ئۇيقۇڭ قىستىغاندا ، بىر بارمىقىڭنى كېسىۋال، بولمىغان ۋاقىتتا كېسىلگەن قولۇڭنى تۇزغا چىلا، ئۇيقۇڭ قاچىدۇ. ئېيتقانلىرىمنى قولىقىڭدا چىڭ تۇت، بولمىسا ئامالىم يوق. يىگىت ئانىسىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرۈپتۇ. مەلىكە ئاشىقىنى ئويغاق ھالدا ئۇچرىتىپ، باغرىغا ئاپتۇ. ئىككى ياش يۈرەك مۈڭلىرىنى تۆكۈپ، كۆڭلىگە شېرىن خىياللارنى پۈكۈپ مۇڭدىشا - مۇڭدىشا ئۇخلاپ قېلىشىپتۇ. خوراز چىللاپتۇ. گۈللۈككە قارايدىغان قېرى ئۇلارنىڭ گىرە سېلىشىپ يېتىشقانلىقىنى كۆرۈپ پادىشاھقا مەلۇم قىپتۇ. _ داد پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ ئۇ تىزلىنىپ، مەلىكەم نامەھرەمگە قاراپتۇ، يىگىتنىڭ مەڭزىگە مەڭزىنى يېقىپ تىنىغىنى پۇراپتۇ. _ جاللات! - دەپتۇ پادىشاھ دەرغەزەپكە كېلىپ. _ خوش تەقسىر، - دەپ تىك تۇرۇپتۇ ئىككى جاللات. _ گۈللۈكتە يېتىپتۇ ئىككى نائەھلى، بىرى ئەر، بىرى جەمىلە. تاشلاڭلار بەدبەخنى زىندانغا، قانسۇن ئۆلگۈچە ئارزۇ - ئارمانغا، - دەپتۇ پادىشاھ. جاللاتلار مەلىكە بىلەن يىگىتنى داقىرىتىپ سۆرىگەن پېتى زىندانغا ئەكىرىپ، ئايرىم - ئايرىم خانىغا سولاپتۇ. كۈنلەردىن ئايلار، ئايلاردىن يىللار تۇشۇپتۇ. مەلىكە بىلەن يىگىت ئوتتۇرىدىكى تامنى تېشىپ بىر تۈشۈك ئېچىپ، بىر - بىرىنىڭ دىدارىنى كۆرۈشۈپ تۇرۇپتۇ. بىر كۈنى مەلىكە ئارا تامدىكى تۈشۈككە بېشىنى تىقىپ، يىگىتتىن ئۆزىنىڭ ئىشارەت - بىشارەتلىرىنىڭ مەنىسىگە قانداق يەتكەنلىكىنى سورىغان ئىكەن، يىگىت ئانىسى ئارقىلىق يەتكەنلىكىنى ئېتىپ بېرىپتۇ. مەلىكە خوش بۇلۇپ: _ ئانىڭىز دانىشمەن ئىكەن. ئۇ بىزنى زىنداندىن قۇتقۇزۇپ چىقالايدۇ، - دەپتۇ ۋە ئىككى دانە ئاق قاش تېشىنى ئىككى پارچە قارا لاتىغا ئوراپ، گۇندىپاي ئارقىلىق يىگىتنىڭ ئانىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىپتۇ. دانىشمەن ئانا تاش بىلەن قارا لاتىنى كۆرۈپ ئەھۋالنى چۈشىنىپتۇ. ئىككى لېگەن پولۇ ئىتىپ، بىرى بىلەن گۇندىپاينىڭ ئاغزىنى ياغلاپتۇ، بىرىنى زىندانغا ئېلىپ كىرىپ، ئىككى ياشقا زورلاپ يىگۈزۈپتۇ. ئاندىن مەسلىھەت بېرىپ: _ ئوغلۇم ئايالچە ياسىنىپ چىقىپ كەتكىن، مەلىكىنىڭ ئىشىنى ئۆزۈم توغرىلايمەن، - دەپتۇ. يىگىت خوش بولۇپ ئانىنىڭ قولىغا سۈيۈپتۇ ۋە ئانىسىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، داستىخاننى قولتۇقىغا قىسىپ، خىنىملاردەك يورغىلاپ، گۇندىپاينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپتۇ. دانىشمەن ئانا مەلىكىگە گۈلچى قېرى ئۈستىدىن ئەرىز قىلدۇرۇپتۇ. ئەرىزنى كۆرۈپ ھەيران قالغان شاھ زىندانغا كىشى ئەۋەتىپ تەكشۈرتۈپتىكەن، مەلىكىنىڭ يارىمۇ ئايال بولۇپ چىقىپتۇ. پادىشاھ ئۆز قىلمىشغا پۇشايمان قىپتۇ ۋە جاللاتلارغا گۈلچى قېرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، شەھەر دەرۋازىسىغا مىخلاشنى، مەلىكە بىلەن يىگىتنىڭ ئانىسىنى ئازات قىلىشنى بۇيرۇپتۇ. پادىشاھ ئەمرى ھايالسىزلا بىجا كەلتۈرۈلۈپتۇ. پادىشاھ بۇ ئىشتىن ھەيران ئىكەن، سىر ئۇقالماي ھەيران ئىكەن. ئاخىرى بىر كۈنى مەلىكىدىن سوراپتۇ: _ قىزىم، سەن بىلەن ياتقان ئايال كىشى كىم بولىدۇ؟ مەلىكە كۈلۈپ تۇرۇپ؛ _ ئۆزىدىن سوراڭ، جېنىم دادا، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. پادىشاھ قىزى ئارقىلىق يىگىتنىڭ ئانىسىنى قەسىرىگە چاقىرتىپتۇ. دانىشمەن ئانا: _ پىقىرنى سورىسىلا پادىشاھى ئالەم خۇدانىڭ ئەلچىسى بولىمەن. بالاغەتكە يەتكەن قىز - يىگىتنىڭ ھالىغا يېتىمەن. ئۆز قىزى، ئۆز ئوغلىنىڭ بەختىگە ئولتۇرغان ھەزرەتلىرىدەك ئاتا - ئانىلارنىڭ جېنىنى ئېلىپ، ئەزرائىلغا ئېلىشىغا ساتىمەن، - دەپتىكەن، پادىشاھ قورقۇپ تىترەپ كېتىپتۇ. ئايالنىڭ ئالدىغا تاشلىنىپ يالۋۇرۇپتۇ: _ ئەي خۇدانىڭ ئەلچىسى، بېشىمنى ئۆزەڭ ئوڭشىغايسەن. _ بۇنىڭ چارىسى ئاسان، شەھرىڭىزدە مەلىكە گۈل جەمىلە بىلەن كىچىكىدىن ئاشىق - مەشۇق بولۇشقان قاۋۇل بىر زەرگەر يىگىت بار. ئىككىسىنىڭ بېشىنى قېتىپ قويسىلا جانلىرى ئامان قالىدۇ. شاھ دانىشمەن ئانىغا رەھمەت ئېيتىپ توققۇز تازىم قىپتۇ. خەزىنىسىنىڭ ئىشكىنى ئاچتۇرۇپ، ئالدىدا بىرلېگەن تىللا قويۇپتۇ. زەرگەر يىگىتنى چاقىرتىپ كېلىپ، قىرىق كېچە - كۈندۈز ئويۇن - تاماشا ئۆتكۈزۈپ، مەلىكىنى نىكاھىغا بىرىپتۇ. زەرگەر يىگىت بىلەن مەلىكە گۈل جەمىلە مۇراد - مەقسىتىگە يېتىپتۇ
← بارلىق تېمىلار چوچاق