بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن بىر بوۋاي بىلەن موماي ئۆتكەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ بىرلا ئوغلى بار ئىكەن. ئوغلىنىڭ ئېتى بەردى ئىكەن. بۇلارنىڭ ئۆيى شەھەرگە كىرىدىغان چوڭ يول ئۈستىدە ئىكەن. ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىر تۈپ بۈك ئۆسكەن سېدە دەرىخى بار ئىكەن. يازنىڭ ئىسىق كۈنلىرى كارۋانلار، سودىگەرلەر، يولۇچىلار سېدە دەرىخى تۈۋىدە سالقىنداپ، ھاردۇق چىقىرىپ ئۆتىدىكەن.
بوۋاي بارغانسېرى قېرىپتۇ. ئۇ: «ئوغلۇم چوڭ بولۇپ قالدى، مەنمۇ قېرىپ قالدىم، ئوغلۇمغا ئاز - تولا پۇل بېرىپ، سودىگەرلەرگە قوشۇپ، سودا - سېتىق قىلىشىنىڭ يولىنى بىلىۋالسا، بىزدىن كېيىن قالسا، يامان كۈندە قالماس» دەپ ئويلاپتۇ. ئۇ بىر كۈنى مومايغا مەسلىھەت سېلىپ، ئۇزۇن يىلدىن بېرى يىققان 30 تىللادىن 10 تىللانى ئوغلىغا بېرىپ، ئۇنىڭ سودا - سېتىقنى ئۆگىنىپ كېلىش ئۈچۈن بىر تونۇش سودىگەرگە قوشۇپ قويۇپتۇ.
بەردى سودىگەر بىلەن بىللە بىر نەچچە كۈن يول يۈرۈپ، بىر چوڭ شەھەرگە بېرىپتۇ. بالا ئايلىنىپ بىر يەرگە كەلسە، بىر چوڭ دەرۋازىنىڭ ئالدىدا كىشىلەر توپلىشىپ تۇرغىدەك. دەرۋازىنىڭ بېشىغا ئالتۇن ھەل بىلەن:
«خوش كېلىڭلار، بۇ، ئىلىم - ھۈنەركانى، ھەر يىگىتكە قىرىق ھۈنەر قىلۇر ئازلىق» دەپ يېزىپ قويۇلغان ئىكەن. بەردى بۇ ئىشقا قىزىقىپ، كىشىلەر بىلەن بىللە دەرۋازىدىن كىرىپتۇ. بۇنىڭ ئىچى گۈل - گىياھلار ئېچىلىپ، خۇش پۇراق چېچىپ تۇرغان، تۈرلۈك قۇشلار خەندەن ئۇرۇپ سايراپ تۇرغان بىر گۈزەل باغ ئىكەن. بەردى باغنى ئارىلاپ يۈرۈپ بىر ئىگىز شىپاڭغا يولۇقۇپتۇ، قارىسا ئۆزىگە ئوخشاش بالىلار تۈرلۈك خەتلەرنى يېزىشنى، رەسىملەرنى سىزىشنى ئۆگىنىۋېتىپتۇ. بەردى بۇنىڭغا قىزىقىپ، خەت ۋە رەسىم ئۆگىنىش تەلۋىنى ئېيتىپتۇ.
- 10 تىللا بېرىسىز، - دەپتۇ. خەت ئۆگەتكۈچى. بەردى 10 تىللاسىنى بېرىپتۇ - دە، ئاچ - توق يۈرۈپ، تۈرلۈك خەتلەرنى يېزىشنى، رەسىملەرنى سىزىشنى ئۆگىنىپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپتۇ.
زور ئۈمىد بىلەن كۈتۈپ تۇرغان بوۋاي بىلەن موماي بەردىنىڭ قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەنلىكىدىن رەنجىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ، بوۋاي يەنە بەردىگە 10 تىللا بېرىپ، يەنە بىر سودىگەر قوشۇپ قويۇپتۇ.
بەردى تىللانى ئالغاندىن كېيىن، ھېچ يەرگە بۇرۇلماي، ئۇدۇل ھېلىقى باغقا كېلىپ، يەنە ئارىلاپتۇ. بىر يەرگە كېلىپ، نۇرغۇن ياشلارنىڭ دۇتار، تەمبۇر، قالۇن چېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. بەردى يېقىملىق ساز ئاۋازىنى زوق بىلەن ئاڭلاپ، 10 تىللانى بېرىپ ساز چېلىشنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپتۇ. بەردى كۆپ ئۆتمەيلا سازنىڭ تىلىنى ئۆگىنىپ، يۇرتىغا قايتىپتۇ.
بوۋاي بىلەن موماي بەردىنىڭ يەنە قۇرۇق قول كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن قاتتىق خاپا بوپتۇ. بوۋاي بىلەن موماي: «بالىلىق قىلغاندۇ، ئەمدى ئوڭشىلىپ قالار» دەپ خاپىلىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ، يەنە 10 تىللا بېرىپ يولغا ساپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بوۋاي بىلەن موماينىڭ مىڭ جاپادا يىققان 30 تىللاسىمۇ تۈگەپتۇ.
بەردى يەنە ئۇتتۇر ھېلىقى باغقا كەپتۇ. باغنى ئارىلاپ كېتىۋېتىپ، توپلىشىپ شاخمات ئويناۋاتقانلارغا كۆزى چۈشۈپتۇ - دە، ئۆگىنىش ھەۋىسى قوزغىلىپ، 10 تىللانى بېرىپ شاخمات ئويناشنى ئۆگىنىپ، يۇرتىغا قايتىپتۇ.
بۇ قېتىم چوڭ ئۈمىد بىلەن ئولتۇرغان ئاتا - ئانا بەردىنىڭ يەنە ئىككى قولىنى بۇرنىغا تىقىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، تېخىمۇ خاپا بولۇپ ۋارقىراپتۇ. لېكىن، بەردى ئۆزىنىڭ 30 تىللانىڭ بەدىلىگە خەت يېزىش، رەسىم سىزىش، سازچېلىش ۋە شاخمات ئويناشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى ئاتا - ئانىسىغا ئېيىتماپتۇ. ئۈچ نۆۋەت قۇرۇق قول كەلگەنلىكىدىن ئۆزىمۇ ئۇيۇلۇپ، پۇل تېپىپ كېلىش ئويىدا ئۆيىدىن چىقىپ كېتىپتۇ.
بەردى ئۆيدىن چىقىپ شۇ يەرنىڭ پادىشاھنىڭ سودا ۋەزىرىگە چاكار بولۇپ ئىشلەپتۇ. بىر كۈنى سودا ۋەزىرى نۇرغۇن كارۋانلارنىڭ باشلاپ سودىگەرلىك قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ. يول مېڭىۋېرىپ ئادەملەر چارچاپتۇ. ئېلىۋالغان سۈيىمۇ تۈگەپتۇ. ئۇلار سۇ ئىزلەپ يۈرۈپ بىر كونا قۇدۇقنى يولۇقتۇرۇپ قاپتۇ، قارىسا، قۇدۇق ئىچىدە بىر نەرسە پارقىراپ تۇرغىدەك. ئۇلار خوش بولۇپ، قۇدۇققا ئىچىگە بەدىنىنى چۈشۈرۈپتۇ. بەردى چوڭقۇر قۇدۇققا چۈشۈپ قارىسا، ھېلىقى پارقىرىغان نەرسە سۇ بولماي، ئالتۇن، مەرۋايىت ئىكەن. بەردى چېلەككە تولدۇرۇپ ئالتۇن قاچىلاپ سىرتقا چىقىرىپتۇ. ۋەزىر چېلەكتىكى ئالتۇننى كۆرۈپ ئۇسسۇزلىقىنى ئۇنتۇپتۇ - دە، چېلەكنى يەنە چۈشۈرۈپتۇ، يەنە تولدۇرۇپ تولدۇرۇپ ئالتۇن قاچىلاپ سىرتقا چىقىرىپتۇ... ئەڭ ئاخىرىدا بەردى ئۆزىنى ئاغامچىغا باغلاپ كۆتىرلىپتۇ. بۇنى بىلگەن ۋەزىر : «ئەگەر بۇ بالا سىرتقا چىقىپ، قۇدۇقتىن ئالتۇن ئالتۇن ئۇسقانلىقىمىزنى پادىشاھقا ئېيتىپ قويسا مەن تۈگىشىمەن، ئۇنىڭدىن ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋېتەي» دەپ ئويلاپ، بالا قۇدۇق ئېغىزىغا يېقىنلاشقاندا، ئاغامچىنى كېسىۋېتىپتۇ - دە، ۋەزىر ئالتۇن، مەرۋايىتلارنى ئېلىپ نەگىدۇ كېتىپ قاپتۇ.
بەردى ھۇشىغا كېلىپ قارىسا، قۇردۇق ئىچىدە ياتقىدەك، ئەتراپىدا تاش شېغىلدىن باشقا نەرسە قالماپتۇ. بەردى قۇدۇقتىن چىقىشنىڭ ئامالىنى ئويلاپ - ئويلاپ، ئاخىرى ئۈگدەپ قاپتۇ - دە، بىر چۈش كۆرۈپتۇ؛ چۈشىدە بىر بوۋاي بەردىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:
- تۇر ئورنىڭدىن ئوڭ يېنىڭنى كولا، - دەپتۇ.
بەردى ئويغىنىپلا ئوڭ يېنىنى كولاپتۇ. بىر ۋاقىتتىن كېيىن، بىر كىچىك يورۇق كۆرۈنۈپتۇ. بالا يەنە كولاپتۇ، تۆشۈك يوغىناپ ئۆزى پاتقۇدەك بوپتۇ. تۆشۈكتىن ئۆمىلەپ كىرىپ قارىسا، ئاجايىپ گۈزەل بىر باغقا چىقىپ قاپتۇ. بىراق باغدا ھېچكىم كۆرۈنمەپتۇ. بالا باغنى ئارىلاپ مېڭىۋېرىپتۇ. بىر يەرگە بارسا ئاجايىپ نەققاشلار ياسالغان بىر شىپاڭ كۆرۈنۈپتۇ، شىپاڭدا بىر دىۋە ئۇخلاپ ياتقۇدەك، بالا ئۇنى كۆرۈپلا قورقۇپ كېتىپتۇ. بالا دىۋىنىڭ ئەتراپىغا زەڭ سېلىپ قارىسا، بىر تەمبۇر تۇرغىدەك، بەردى تەمبۇرنى كۆرۈپلا، قورقىنىچىنى ئېسىدىن چىقىرىپ، شۇنداق بىر مۇڭلۇق پەدىگە چېلىپتۇكى، ئۇخلاپ قالغان دىۋە بىر ئۇھ تارتىپ ئۇيغىنىپتۇ، ئۇ ئالدىدا تەمبۇر چېلىپ ئولتۇرغان بالىنى كۆرۈپ:
- بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. بەردى ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. دىۋە:
- مېنىڭ بىر تاللا ئوغلۇم بار ئىدى، ئۇ ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ تەمبۇرگە بەك ئۇستا ئىدى، سېنىڭ چالغان تەمبۇرۇڭ بالامنى ئەسلەتتى. ھاجىتىڭ بولسا دە، ھاجىتىڭدىن چىقىمەن، - دەپتۇ. بەردى ئۆزىنى ئادىمىزات دۇنياسىغا ئېلىپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىپتۇ. دىۋە بەردىنىڭ ئىلتىماسىنى قوبول قىلىپ «كۆزىڭنى يۇم» دەپتۇ - دە، ئۇنى مۈرۈسىگە ئارتىپ، غاقىراپ ئۇچۇپ، ھېلىقى سودىگەرلەرگە يېقىن بىر جايغا ئاپىرىپ قويۇپتۇ. سودا ۋەزىر بالىنىڭ ئارقىدىن قوغلاپ يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران بوپتۇ. ۋەزىر: «بۇنى ئۇجۇقتۇرغىلى بولمىدى، خەت يېزىپ، قولىغا تۇتقۇزاي، خانىش ئايىم بىر تەرەپ قىلسۇن» دەپ بىر ئىلىك خەت يېزىپ، «دەرھال ئائىلەمگە يەتكۈزۈپ بەرگىن» - دەپتۇ ۋەزىر. بەردى ۋەزىرنىڭ بۇيرۇقىنى قوبۇل قىلىپ يولغا چىقىپتۇ. كېتىۋاتسا، قولىدىكى لېپاپىنى بوران ئۇچۇرۇپ كېتىپ، لىپاپنى يىرتىۋېتىپتۇ. بەردى خەتنى ئېلىپ ئوقۇسا: «بۇ شۇم ئوغرىنى بارغان ھاما ئۆلتۈرۈڭلار» دەپ يېزىلغان ئىكەن.
بەردى ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ دەپتۇ - دە، بىر قەغەزگە سودا ۋەزىرنىڭ خېتىگە ئوخشىتىپ: «بۇ بەك ياخشى بالا ئىكەن، نۇرغۇن دۇنيا تېپىشقا سەۋەپچى بولدى، بالا بارغان ھامان توي قىلىپ، قىزىمىزنى چېتىپ قويۇڭلار» دەپ يېزىپ ۋەزىرنىڭ ئائىلسىگە تاپشۇرۇپتۇ. خان ئايىم خەتنى ئالغاندىن كېيىن، دەرھال توي قىلىپ، ئارزۇلۇق قىزىنى بەردىگە چېتىپ قويۇپتۇ.
بەردى بازارنى ئارىلاپ يۈرسە، پادىشاھنىڭ بىر جاكارچىسى:
- پادىشاھنىڭ باش ۋەزىرى ۋاپات بولدى ، باش ۋەزىر بولغۇچىنى پادىشاھ ئۆزى شاخمات ئويناپ تاللىماقچى، - دەپ ۋارقىراپ يۈرگىدەك. بالا بۇنى ئاڭلاپلا، ئوردىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىپتۇ. پادىشاھ بالىنى كۆرۈپ: «مەن بىلەن ماھارەت سىنىشىشقا قانداق پېتىندىڭ؟» دەپ سوراپتۇ. بەردى نېمە ئۈچۈ سىناشماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ، پادىشاھنى شاخمات تاختىسىغا كېلىشكە مەجبۇرلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن شاخمات تاختىسىغا پىل چىشىدىن ياسالغان ئۇرۇقلار تىزىلىپ، ئويۇن باشلىنىپتۇ.
پادىشاھ شىددەت بىلەن ھۇجۇم باشلاپتۇ. بەردى ناھايىتى سالماق بىلەن مۇداپئە قىپتۇ. ئاخىرى پادىشاھ ھۇجۇمدا نۇرغۇن لەشكەرلىرىنى قۇربان قىلىپ چېكىنىشكە مەجبۇر بوپتۇ. بەردى شىددەت بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، پادىشاھنى بۇلۇڭغا قىستاپ، بىر لەشكىرىنى ئالدىغا چىقىرىپ، پادىشاھنى مات قىپتۇ. بەردىنىڭ ئەقلىگە قايىل بولغان پادىشاھ ۋەدىسىنى ئورۇنلاپ، بەردىنى بەش ۋەزىرلىككە تەيىنلەپتۇ.
بەردى باش ۋەزىرلىكنى ئالغاندىن كېيىن، ئوردىدىكى يامان نىيەتلىك ئادەملەرنى تازىلاپ، خىيانەتچى، ئوغرى ئەمەلدارلارنى جازالاپتۇ. ئىلىم - پەننى گۈللەندۈرۈپ، مەدىنىيەتنى يولغا قويۇپتۇ. خەلقنى شات - خورام قىلىپ، يۇرتنى بارغانسېرى ئاۋاتلاشتۇرۇپتۇ ۋە ئۆز ئاتا - ئانىسىنى يېنىغا ئالدۇرۇپ، خوشال ياشاپتۇ.