UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقبىر كېسەك ئالتۇن

بىر كېسەك ئالتۇن

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا ناھايىتى ئادىل بىر پادىشاھ بار ئىكەن. خەلقنىڭ يىڭنىچىلىك مۈلكىگىمۇ زىيان يەتكۈزمەيدىكەن. شۇڭا خەلقلەر ئۇ پادىشاھنى ياخشى كۆرىدىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى شۇ ئەلدە ياشاۋاتقان بىر كىشى باشقا ھۈنەر قىلماقچى بولۇپ، بىر پارچە يېرىنى دېھقان خوشنىسىغا سېتىۋېتىپتۇ. ئەتىياز كىرىشى بىلەنلا يەر سېتىۋالغۇچى دېھقان قوش ھەيدەشكە كىرىشىپتۇ. چۈش مەزگىللىرىگە كەلگەندە، قوشنىڭ چىشى بىر نەرسىگە تاقىلىپ قاپتۇ. دېھقان قارىغۇدەك بولسا، بىر كېسەك چىقىپتۇ. كېسەكمۇ شۇندق قاتتىق بولارمۇ، دەپ يەرگە بىر ئۇرسا، ئۈستىدىن لاي ۋە توپىلا ئۇۋۇلۇپ چۈشۈپ، ئىچىدىن كۆزنى چېقىپ تۇرىدىغان بىر كېسەك ئالتۇن چىقىپتۇ. دېھقان شۇ يەردىلا ئۇيلارنى قوشتىن چىقىرىپ ھېلىقى يەر ساتقان كىشىنى ئىزلەپ تېپىپتۇ: - سېنىڭ ساتقان يېرىڭنى بۈگۈن ھەيدەۋاتقىنىمدا بىر كېسەك ئالتۇن چىقتى، بۇ يەر ئەسلى سېنىڭ بولغىنى ئۈچۈن ئالتۇننى ساڭا ئەكەلدىم، - دەپ ئالتۇننى يەر ساتقۇچىغا ئۇزىتىپتۇ. ھېلىقى دېھقان. يەر ساتقۇچى ئادەم بىر دەم ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قېلىپ، دېھقانغا قاراپ مۇنداق دەپتۇ: - ئۇ يەر مەندە نەچچە يىللاپ تۇردى، نەچچە ئون قېتىملاپ مەنمۇ شۇ يەرنى ھەيدىدىم. لېكىن بۇ ئالتۇن ماڭا يولۇقمىغان، مەن يەرنى ساتقاندىن كېيىن ساڭا يولۇقۇپتۇ. بۇنى ساڭا بۇيرۇغان ئىكەن، سەن ئېلشىڭ كېرەك. بۇ ئادەم شۇنداق دەپ ئالتۇننى دېھقانغا قايتۇرۇپتۇ. دېھقان باشتىكى سۆزىدە چىڭ تۇرۇپ ئالتۇننى ئالغىلى ئۇنماپتۇ. يەر ساتقۇچى: سەن يەرنى ھەيدەۋاتقىنىڭدا چىققان تۇرسا، بۇ ئالتۇننى سەن ئېلىشىڭ كېرەك، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ. ئاخىرى بۇلار مەسلىھەتلىشىپ، «بۇنى پادىشاھقا بېرەيلى، غەزنىگە سالسۇن» دىيىشىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ قويۇپتۇ ۋە بولغان ۋەقەنى بايان قىپتۇ. پادىشاھ بۇ ئىككى ساپ كۆڭۈل كىشىنىڭ ئىشدىن بەكمۇ تەسىرلىنىپ كېتىپ: بۇنى مەن ئالمايمەن، چۈنكى بۇ، سىلەرنىڭ ھەققىڭلار، ئەمما بۇ ئىككىڭلارنىڭ گېپىگە قارىغاندا، ھەر ئىككىڭلارمۇ ئالمىغۇدەكسىلەر، بۇنى ئەمسە مۇنداق ھەل قىلايلى، - دەپتۇ. ئاندىن پادىشاھ ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ بار يوقلىقىنى سوراپتۇ. - دۇنيالىقتا بەش ياشقا كىرگەن بىر قىزىم بار، - دەپتۇ يەر ساتقۇچى. - يەتتە ياشقا كىرگەن بىر ئوغلۇم بار، - دەپتۇ يەر ئالغۇچى. - ئۇنداق بولسا ئىككىڭلار قۇدا بولۇڭلار ۋە ھازىردىن باشلاپ توختام قىلىپ قويۇڭلار، بالىلىرىڭلار كېيىن چوڭ بولۇپ، بىللە ياشىغاندىن كېيىن، بۇ ئالتۇننى شۇلار ئېشلەتسۇن، بۇ توختام بىلەن ئالتۇننى مەلەڭلەردىكى دىيانەتلىك بىر كىشىگە تاپشۇرۇڭلار، شۇ ساقلاپ قويسۇن، - دەپتۇ پادىشاھ. شۇنىڭ بىلەن بۇلارمۇ پادىشاھنىڭ ئېيىتقانلىرىغا رازى بولۇپ قايتىپتۇ ۋە پادىشاھنىڭ دېگەنلىرىنى ئورۇنلاپتۇ. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، قىز بىلەن ئوغۇلنىڭ دادىلىرى كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بالىلىرى دادىلىرىنىڭ توختامى بويىچە ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇشۇپتۇ. بىر كۈنى مەلىدىكى بىر مويىسپىت كىشى بۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، دادىلىرىنىڭ ۋاقتىدا بولغان ۋەقەنى بۇلارغا ئېيتىپ بېرىپ، بىر كېسەك ئالتۇننى ئىككىسىگە تاپشۇرۇپ، ئۆزى «قەرزىمنى ئادا قىلىدىم» دەپ كېتىپتۇ. قىز بىلەن ئوغول بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ ئويغا كېتىپتۇ. بىر چاغدىن كېيىن يىگىت خوتۇنىغا: دادىلىرىمىز قېرىغىنىغا قارىماي تەييار دۇنيان ئىشلەتمەپتىكەن، بىز ياش تۇرۇپ تەييارغا ئىگە بولىمىزمۇ؟ - دېگەن ئىكەن، خوتۇنىمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇلۇپتۇ. ئىككىسى بىر كېسەك ئالتۇننى ئېلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. پادىشاھ ئۆلۈپ كېتىپ، ئوغلى پادىشاھلىق قىلىۋاتقان ئىكەن. ئۇ قېرى ۋزىر پادىشاھنىڭ ئوغلىغا ئۆتكەن ۋەقەنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئەر - خوتۇن ئىكككىسى بۇ كېسەك ئالتۇننى پادىشالىققا تۇتىمىز دېگەندىن كېيىن، ياش پادىشاھ ئويلىنىپ: - داداممۇ بۇنى ئېلىشنى لايىق كۆرمەي، سىلەرگە قالدۇرۇپتىكەن، - دەپتۇ. ئۇ، - سىلەرنىڭ ساپ كوڭۇللۈكىڭلار ماڭىمۇ تەسىر قىلدى. ئەمدى بۇنى مۇشۇنداق تالاش بىلەن ئىشلەتمىسەك ھېچنىمىگە پايدىسى تەگمەيدۇ. ئۇنى قانداق ئىشلىتىش توغرىلىق قېرى ۋەزىر مەسلىھەت بەرسۇن. ئاندىن بۇ كېسەك ئالتۇننى بىر ياقلىق قىلايلى. ئىككەيلەن بۇ سۆزگە رازى بولۇپتۇ. - بىزنىڭ پادىشاھىمىزدىن تارتىپ، - دەپ گەپ باشلاپتۇ. ۋەزىر كۆزىگە ياش ئېلىپ، - يۇرتتىكى ھەممە خەلق ئادىل، توغرا بولغانلىقتىن، يۇرتىمىز پاراۋان، باي بولۇپ كەلدى. مەن ئۆمرۈم بويى بۇ ئاتا - بالا تۆت كىشىنىڭ ساپ كۆڭۈللۈكىدىن رازى، پادىشاھنىڭ ئادىللىقىدىن رازى. ئەمدى بۇ كېسەك ئالتۇنغا بىر باغ سالدۇرايلى، ئۇنىڭدا دۇنيادىكى ھەممە مېۋە بار بولسۇن، بۇ باغ خەلقنىڭ بولسۇن، بۇ غنىڭ مېۋىلىرىنى خەلق يىسۇن. بۇگەپكە پادىشاھمۇ. ئە - خوتۇنمۇ رازى بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كېسەك ئالتۇنغا شۇنداق چوڭ باغ ياساپتىكى، يۇرتنىڭ پۈتۈن خەلقى ئۇ باغنىڭ مېۋىلىرىنى يىسمۇ تۈگىمەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق