جادۇگەرنىڭ ھالاكىتى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا، قوينىڭ دۈمبىسىدە تورغاي ئۇۋىلايدىغان چاغدا، بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن.
ئۇنىڭ ئارزۇلۇق بىرلا ئوغلى بولۇپ، ئىسمى شاھزادە زار ئىكەن. بىر كۈنى شاھزادە زار ساياھەت قىلىش ئۈچۈن دېڭىز بويىغا بېرىپتۇ. قارىغىدەك بولسا، بىر مۇنچە سودىگەرلەر كېمىگە چىقىش ئۈچۈن تەييارلىنىپ تۇرغان ئىكەن. شاھزادە زارمۇ سودىگەرلەر بىلەن بىرلىكتە كېمىگە چىقىپتۇ. دېڭىز سەپىرى باشلىنىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ، كۈتۈلمىگەندە قاتتىق بوران چىقىپتۇ. دەريادا يالقۇن كۆتۈرۈلۈپتۇ. كېمە پارە - پارە بولۇپ كېتىپتۇ. شاھزادە زار كىمنىڭ بىر تال ياغىچىغا ئېسىلىۋاپتۇ. دەريادا بىر كېچە - كۈندۈز ئېقىپتۇ. ئاقىۋەتتە دولقۇن شاھزادە زارنى دەريانىڭ قىرغىقىغا ئاپىرىپ قويۇپتۇ. شاھزادە زار ئوت - چۆپلەرگە ئېسىلىپ تەسلىكتە قىرغاققا چىقىۋاپتۇ. بەك ھېرىپ - چارچاپ كەتكەنلىكتىن، ئوت - چۆپلەر ئارىسىغا ئۆزىنى تاشلاپ بىر كېچە - كۈندۈز ئۇخلاپتۇ. ئويغىنىپ ئورنىدىن تۇرسا، قورساق ئېچىپ ماغدۇرى قالماپتۇ. قاياققا بېرىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرغان شاھزادە زار دەريادا بىر كېمىنىڭ مۇشۇ ياققا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. شاھزادە زار: >ئەجىبا، بۇ ئادىمىزاتنىڭ قەدىمى يەتمەيدىغان جاي. كېمە ھەجەپ بۇياققا قاراپ كېلىۋاتىدىغۇ؟ كېمىدىكىلەر قاراقچىلار بولۇپ قالمىسۇن< دەپ ئويلاپ، ئوت - چۆپلەر ئارىسىغا يۇشۇرۇنۇۋاپتۇ. كېمە ئۇدۇللا كەپتۇ. كېمىدىكىلەر قىرغاققا چىقىپ ئوت - چۆپنىڭ ئارىسىدىكى يوغان بىر تاشنى كۆتۈرۈپ ئېلىپلا پەسكە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن يېنىپ چىقىپ، يەنە كېمىگە چۈشۈپ قايتىپ كېتىپتۇ. بۇلار كەتكەندىن كېيىن شاھزادە زار بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ، ھېلىقى جايغا كەپتۇ. قارىغىدەك بولسا، ناھايىتى يوغان بىر تاش تۇرغىدەك. شاھزادە زار تاشنى تەسلىكتە كۆتۈرۈپ ئاپتۇ. بىر قۇدۇق كۆرۈنۈپتۇ. قۇدۇق ئىچىگە چۈشۈپتۇ. قۇدۇق ئىچىدە بىر ئىشىك بار ئىكەن، ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ شۇنداق قارىسا، ناھايىتى چىرايلىق ياسالغان بىر ئۆي، ئۆيدە بىر ساھىپجامال ئوغۇل تۇرغىدەك. بۇ بالا شاھزادىنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپتۇ.
شاھزادە زار بۇ بالىغا كۆڭۈل ئېيتىپ:
- قورقماڭ. مەن يامان ئادەملەردىن ئەمەس. سىز بۇ يەردە نېمە قىلىسىز؟ بۇ قانداق جاي؟ بايا كېلىپ كەتكەنلەر نېمە ئادەملەر؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئېيتىپ كەلسەم گەپ جىق. مېنىڭ دادام بىر كاتتا سودىگەر ئىدى. مەن ئارزۇلۇق بىرلا ئوغۇل ئىدىم. دادام مېنى بەكمۇ ئەتىۋارلاپ تەبىيلەيتتى. بىر كۈنى دادام مېنىڭ بەخت - تەلىيىم توغرىسىدا قۇرئاندازلارغا قۇر سالدۇرۇپتۇ. قۇرئاندازلار قۇر سېلىپ كۆرۈپ: >ھەي! ئوغلىڭىز 16 ياشقا كىرگىچىلىك بىر قازاغا يولۇقىدىكەن. پىچاق سانجىلىپ ئۆلىدىكەن. 16 ياشتىن ئۆتۈپ كەتسىلا ھەرگىز ھادىسىگە يولۇقمايدىكەن< دەپتۇ، مېنى ئادىمىزاتنىڭ قەدىمى يەتمەيدىغان بۇ خىلۋەت جايغا ئەكىلىپ يوشۇرۇپ ساقلاۋاتىدۇ، - دەپ، شاھزادە زارغا بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەپ بېرىپتۇ ھېلىقى بالا.
شاھزادە زار بۇ بالا مۇڭدىشىپ، بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈپ ئەتىسى بۇ يەردىن قايتىپ كەتمەكچى بولۇپتۇ. بالىنىڭ شاھزادە زاردىن ئايرىلغۇسى كەلمەي:
- قايتىپ كەتمەڭ. بۇ يەردە يالغۇز تۇرۇپ بەك زېرىكىپ كەتتىم. ئىككىيلەن مۇشۇ جايدا بىرگە ئۆتەيلى. نېمە تاپساق تەڭ يەيلى. ئۆلسەكمۇ، تىرىلسەكمۇ بىللە بولايلى، - دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋاپتۇ. شاھزادە زار بالىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالماي، ئۇنىڭ تەكلىپىگە ماقۇل بولۇپتۇ.
بالىنىڭ دادىسى ھەپتىدە بىر قېتىم ئوزۇق - تۈلۈك ئېلىپ كېلىپ، بالىنى يوقلاپ كېتىدىكەن. بالىنىڭ دادىسى كەلگەندە شاھزادە زار باشقا بىر جايغا بىر قانچە ۋاقىت تۇرۇپ قاپتۇ. بىر قېتىم بالىنىڭ دادىسى بۇ بالىغا تاۋۇز ئالغاچ كەپتۇ. بالىنىڭ دادىسى قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، شاھزادە زار بالىنىڭ قېشىغا كاپتۇ. بالىنىڭ دادىسى ئېلىپ كەلگەن تاۋۇزنى شاھزادە زارغا كۆرسىتىپ، بۇ تاۋۇزنى پىچىپ يەيلى دەپتۇ. شاھزادە زار ئۈستۈنكى ئۆيگە چىقىپ، پىچاقنى ئېلىپ شوتىدىن چۈشۈۋاتقاندا تېيىلىپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ قولىدىكى پىچاق قولىدىن ئاجراپ چۈشۈپ بالىنىڭ كۆكرىكىگە سانجىلىپ قاپتۇ. شاھزادە زار قورقۇپ كېتىپتۇ. بۇ بالا: >قورقماڭ، بۇ ماڭا كەلگەن ئەجەل. بۇ ئەجەلدىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. پىچاقنى تارتىپ ئېلىۋېتىڭ< دەپتۇ. شاھزادە زار پىچاقنى تارتىپ ئېلىشى بىلەنلا قانسىراپ كەتكەن بالا ئۆلۈپ كېتىپتۇ. شاھزادە زار بۇ بالىغا ماتەم تۇتۇپ، يىغلا - يىغلا بالىنىڭ جەسىدىنى بىر جايغا يوشۇرۇپ قويۇپتۇ. ئۇ بۇ جايدىن كەتمەكچى بولۇپتۇ - يۇ، بىراق، قايسى تەرەپكە مېڭىشنى بىلەلمەي غەم - قايغۇدا قاپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە دەريادا كېمە كۆرۈنۈپتۇ. كېمە قىرغاققا كېلىپ توختاپتۇ. شاھزادە زار قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى تاش بىلەن ئېتىپ قويۇپ بىر جايغا يوشۇرۇنۇۋاپتۇ. كېمىدە كەلگەنلەر بۇ تاشنى ئېلىۋېتىپ ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ. شاھزادە زار: >بۇلار مېنى كۆرۈپ قالسا، بالىنى سەن ئۆلتۈرۈۋېتىپسەن دەپ مېنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتمىسۇن، ئۇنىڭدىن كۆرە جېنىمنى ياقىا ئالاي< دەپ دەرھال كېمىگە چىقىپ قېچىپتۇ. بىر كۈن ماڭغاندا، توساتتىنلا شاھزادە زارنىڭ كۆزىگە بىر شەھەر كۆرۈنۈپتۇ. شاھزادە زار: >ھەر نېمە بولسا ئادىمىزات بار يەرگە يېقىنلىشىپتىمەن< دەپ خۇشال بولۇپتۇ. كېمىنى ناھايىتى تېز ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا، كېمە كۈتمىگەندە بىر تاشقا ئۇرۇلۇپ، غەرق بولۇپتۇ. شاھزادە زار كېمىنىڭ بىر پارچە ياغىچىغا ئېسىلىۋېلىپ تەسلىكتە قىرغاققا يېقىنلىشىپتۇ. قارىغىدەك بولسا، دەريا بويىدا بىر مۇنچە ئات - ئېشەكلەر تۇرغىدەك. ئۇلار شاھزادە زارنى چىشلەپ قىرغاققا چىققىلى قويماپتۇ. لېكىن ئۇ ھەر خىل ئامال - چارە قىلىپ، ئاخىر قىرغاققا چىقىپتۇ.
شاھزادە زار كۆرۈنگەن شەھەر تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. شەھەرگە يېقىن تۇرغاندا، يەنە بىر مۇنچە ئات - ئېشەكلەر شاھزادە زارنى قوغلاپ ھەم چىشلەپ، شەھەرگە كىرگىلى قويماپتۇ. شاھزادە مىڭ بىر چارىلەر بىلەن ئاخىر شەھەرگە كىرىپتۇ. شەھەر كوچىلىرىدا ئىت، ئات - ئېشەكلەردىن باشقا نەرسە يوق ئىكەن. شاھزادە زار بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ كېلىۋاتسا، بىر ئۆينىڭ ئالدىدا بىر مويسىپىت ئاقساقال كىشى ئولتۇرغىدەك. ئۇ كىشى شاھزادە زارنى كۆرۈپلا، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قولىدىن تۇتقىنىچە ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپتۇ ۋە شاھزادە زاردىن:
- بالام بۇ يەردە نېمە قىلىسەن؟ قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كېلىپ قالدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ.
شاھزادە زار بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتلىرىنى بۇ كىشىگە سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ بوۋاي:
- ئوغلۇم، بېلىپ قويغۇنكى، بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى پاسىق بىر جادۇگەر ئايال. ئۇ ناھايىتى زالىم، ناھايىتى ۋەھشى. ئۇنىڭ ئەسكى قىلىقلىرىنى ياقتۇرمىغانلارنى ئۇ سېھىر قىلىپ ئىت - ئېشەككە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. سەن كوچىدا كۆرگەن ئىت - ئېشەكلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ زالىم پادىشاھنىڭ سېھىر جادۇسى بىلەن ئىت - ئېشەككە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن ئادەملەردۇر. ئات - ئېشەكلەرنىڭ سېنى دەريادىن چىققىلى، شەھەرگە كىرگىلى قويماسلىقىدىكى سەۋەب، سېنى جادۇگەر پادىشاھنىڭ سېھرىگە ئۇچراپ، ئات - ئېشەك بولۇپ كەتمىسۇن، دەپ ئاسرىغانلىقى. سەن بۇنى چۈشەنمەپسەن. ئەمدى بۇ يەردىن قايتىپ كېتىشىڭ مۇمكىن ئەمەس. بىر قانچە ۋاقىت مېنىڭ قېشىمدا تۇرغىن. كېيىنچە كېتىشنىڭ ئىلاجىنى قىلارمىز، - دەپتۇ.
شاھزادە زار شۇنىڭ بىلەن بوۋاينىڭ قېشىدا تۇرۇپ قاپتۇ. بىر كۈنى ئۇشتۇمتۇتلا كوچىدىكى ئات - ئېشەكلەر ئوپۇر - توپۇر بولۇشۇپ تەرەپ - تەرەپكە قېچىشىپتۇ. شاھزادە بۇ ئەھۋالدىن ھەيران بولۇپ، سەۋەبىنى بوۋايدىن سوراپتۇ. بوۋاي:
- ھازىر ئايال پادىشاھ كوچا ئايلىنىشقا چىقتى. ئۇ ئات - ئېشەكلەرنى كۆرگەن يەردىلا ئۆلە - تىرىلىشىگە قارىماي قاتتىق ئۇرىدۇ. شۇڭلاشقا بۇلار قېچىپ يوشۇرۇۋالىدۇ، - دەپ تۇرۇشىغا، لەشكەرلىرى بىلەن بوۋاينىڭ ئېشىكى ئالدىغا كەلگەن پادىشاھنىڭ كۆزى شاھزادە زارغا چۈشۈپ قاپتۇ. پادىشاھ دەرھال توختاپ، بوۋاينى چاقىرتىپتۇ. بوۋاي پادىشاھنىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ.
- نېمە ئادەم ئۇ؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ.
- ئىنىمنىڭ ئوغلى. ئىنىم ئۆلۈپ كەتكەچكە مېنى يوقلاپ كەپتۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بوۋاي.
پادىشاھ بۇ ئوغۇلنى ئوردىغا ئېلىپ بارغىن، دەپ بۇيرۇق قىلىپ يۈرۈپ كېتىپتۇ. ھايال ئۆتمەي ئوغۇلنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن، بوۋاينىڭ قېشىغا مۇلازىملار كەپتۇ. بوۋاي شاھزادە زارنى بىرگە ئېلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. پادىشاھ بۇ ئوغۇلنى كۆرگەندىن كېيىن، بوۋايغا:
- بۇ بالىنى قويۇپ كەت، مېنىڭ قېشىمدا تۇرسۇن، - دەپتۇ.
- ئەگەر ئوغلۇمغا زىيان - زەخمەت يېتىپ قالمىسا، يانلىرىدا بىر نەچچە كۈن تۇرسا مەيلى، - دەپتۇ بوۋاي.
پادىشاھ زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەيدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىپتۇ. بوۋاي قايتىش ۋاقتىدا شاھزادە زارغا:
- بالام، سەن بۇ چاغدا بىر نەچچە كۈن تۇرىدىغان بولدۇڭ. ئۈزۈڭگە دىققەت قىل. ئۆز ئىشىڭغا پۇختا بول، - دەپ جىكىلەپ قايتىپ كېتىپتۇ.
بىر كۈنى شاھزادە زار ئۆز يۇرتىنى يادلاپ ئۇيقۇسى كەلمەي ياتقان ئىكەن، ئايال پادىشاھ بۇ بالىنى ئۇخلاپ قالدى دەپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئاستاغىنا سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ. بۇ بالا ئايال پادىشانى قاياققا بارىدىغاندۇ، نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ، دەپ پادىشاھنىڭ ئارقىسىدىن مارىلاپ مېڭىپتۇ. ئايال پادىشاھ ئۇدۇل باغقا كىرىپ كېتىپتۇ. شاھزادە زار مارىلاپ باغقا كىرسە، ئايال پادىشاھ باغ ئىچىدىكى يالغۇز بىر تۈپ ئالما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىپ، بىر يۇمۇلاپ كەپتەرگە ئايلىنىپتۇ. ئاندىن بىر قانات قېقىپلا دەرەخ ئۈستىگە چىقىپتۇ. قارىسا دەرەخ ئۈستىدە بىر قاغا تۇرغىدەكمىش. كەپتەر قاغىنىڭ قېشىغا كېلىشى بىلەنلا، قاغا كەپتەرنى چوقۇپتۇ. كەپتەر قاناتلىرىنى كېرىپ قاغىغا يېلىنىپ ناز قىلىپتۇ ۋە قاغا بىلەن ئويناپتۇ. شاھزادە زار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، بۇ پاسىق جادۇگەردىن نەپرەتلىنىپ، قايتىپ كېلىپ ئۆز ئۇرنىدا يېتىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن جادۇگەر قايتىپ كىرىپتۇ. ئەتىسى شاھزادە زار پادىشاھقا:
- بوۋامنى كۆرمىگىلى بىر نەچچە كۈن بولۇپ قالدى، سېغىنىپ كەتتىم. بېرىپ بوۋامنى يوقلاپ كەلسەم، - دەپ ئىجازەت سوراپتۇ.
پادىشاھ رۇخسەت قىلماپتۇ. شاھزادە زار پادىشاھنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئاستاغىنا قېچىپ چىقىپ، بوۋاينىڭ قېشىغا كەپتۇ. بوۋايغا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بوۋاي شاھزادە زارنىڭ قىلىپ بەرگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ:
- ئوغلۇم، سەن كۆرگەن ھېلىقى قاغىمۇ ئەسلى بىر پادىشاھنىڭ ئوغلى. يول ئېزىقىپ بۇ يەرگە كېلىپ قېلىپ، بۇ جادۇگەرگە يولۇقۇپ قالغان. جادۇگەر ئۇنى قاغىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان، جادۇگەر ئىچى پۇشقاندا ئۇنىڭ قېشىغا چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوينايدۇ. سەن بۇ يەرگە سوراپ كەلدىڭمۇ، قانداق؟ - دەپ سوراپتۇ.
- سورىسام رۇخسەت قىلمىدى، ئۇنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەن پەيتىدىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەلدىم، - دەپتۇ شاھزادە زار.
- ئۇنداق بولسا، دەرھال قايت. قايتىپ بارمىساڭ سەندىن گۇمان قىلىپ زىيانەشلىك قىلىدۇ. مەن ساڭا ئازراق ئۇن بېرىمەن. دائىم يېنىڭدا ساقلا. ئەگەر جادۇگەر ساڭا بىرەر سېھىر ئىشلىتىپ، زىيانكەشلىك قىلاي دېسە، دەرھال ئۇندىن بىر چىمدىم ئېلىپ، جادۇگەرنىڭ بېشىغا چاچساڭ ئۇنىڭ سېھرى ساڭا تەسىر قىلالمايدۇ، - دەپ جېكىلەپ، بىر كىچىك ياغلىققا ئازراق ئۇن چېگىپ بېرىپتۇ. شاھزادە زار بوۋاينىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇننى ئېلىپ پادىشاھنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. ئۆيگە كىرسە، جادۇگەر پادىشاھ ئولتۇرغىدەك. ئۇ شاھزادە زارنى كۆرۈش بىلەن:
- قەيەرگە بادىڭ؟ - دەپ زەردە بىلەن سوراپتۇ.
- بوۋامنىڭكىگە باردىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ شاھزادە زار.
جادىگەر شۇ ھامانلا >مېنى بوۋىسىغا چېقىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن< دەپ، شاھزادە زاردىن گۇمانلىنىپ، بىر قاچا سۈتكە ئەپسۇن ئوقۇپ، سۈتنى شاھزادە زارغا چېچىپ >ئېشەك بول< دېگەن ئىكەن، شاھزادە زار بوۋاينىڭ بەرگەن ئۇنىنى ئىشلىتىشكە ئۈلگۈرەلمەي شۇئانلا ئېشەككە ئايلىنىپ قاپتۇ. پادىشاھ >ئېشەكنى ئېغىلغا سولىۋەت!< دەپ خىزمەتكارىغا بۇيرۇپتۇ. خىزمەتكار ئېشەكنى ئېغىلغا سولاپتۇ، ئەمما خىزمەتكارنىڭ شاھزادىگە رەھمى كېلىپ، ئىچىنى ئاغرىتىپ، ئەتىسى ئېشەكنى ئېغىلدىن چىقىرىۋېتىپتۇ. ئېشەك ئېغىلدىن چىققانچە قېچىپ بوۋاينىڭ قېشىغا كېلىپ، بوۋاينىڭ ئالدىغا ئۆزىنى تاشلاپ يىغلاپتۇ. بوۋاي دەرغەزەپ بولۇپ >خەپ! سەن جادۇگەرنىڭ ئەدىبىنى بەرمىسەم!< دەپ، شاھزادە زارنى ئۆيدە قالدۇرۇپ پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ:
- ئوغلۇم قېنى؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئوغلۇڭ باغدا، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ پادىشاھ. بوۋاي:
- ئوغلۇمنى چاقىرىپ بەرگىن، كۆرۈشۈۋالاي، - دەپلا بىر چىمدىم ئۇن ئېلىپ، پادىشاھنىڭ بېشىغا چېچىپ >ئىت بول< دەپتۇ. پادىشاھ شۇئانلا بىر قانجۇق ئىتقا ئايلىنىپ قاپتۇ.
نائىلاج قالغان جادۇگەر بوۋايغا يىلىنىپ - يالۋۇرۇپ:
- مەن ئەمدى قولۇڭغا چۈشتۈم. نېمە قىلساڭ قىلىسەن، مۇندىن كېيىن ھەرگىز ئوغلۇڭغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەي. مېنى ئەسلىمگە كەلتۈرۈپ قوي. مەن ئوغلۇڭنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرەي، - دەپتۇ. بوۋاي جادىگەردىن قاتتىق ۋەدە ئېلىپ، جادىگەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپتۇ ۋە بوۋايغا:
- ئوغلىڭىز يەنىلا مېنىڭ يېنىمدا تۇرۇۋەرسە، مۇندىن كېيىن ھەرگىز زىيان - زەخمەت يەتكۈزمىسەم، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ.
بوۋاي ئۇنىڭ ۋەدىسىگە بىنائەن، شاھزادە زارنى قالدۇرۇپ ئۆز ئۆيىگە قايتىتپۇ، ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى كېچىدە جادۇگەر تۇيۇقسىزلا يوق بولۇپ كېتىتپۇ. شاھزادە زار ئاستا مارىلاپ چىقسا، جادۇگەر بىر خالى ئۆينىڭ ئىچىدە ئەپسۇن ئوقۇپ سېھىر قىلىۋاتقىدەك. بىر دانە بۇغداينى تاشلىغان ئىكەن، بىر ئېتىز پەيدا بولۇپتۇ. يەنە بىر بۇغداينى تاشلىغان ئىكەن، بىر دەريا ھاسىل بولۇپتۇ. يەنە بىر بۇغداينى تاشلىغان ئىكەن، دەريادا كېمە ھاسىل بولۇپتۇ. كېمىدە بىر ساھىپجامال ئوغۇل ئولتۇرغىدەك. جادۇگەر دەرھال كېمىگە چىقىپ، ھەر خىل ناز - كەرەشمە قىلىپ، ئوغۇل بىلەن ئويناپتۇ. شاھزادە زار بۇ سىر - ئەسنالارنى كۆرۈپ، بۇ پاسسىق جادۇگەرگە يۈز مىڭ نەپرەت ئېيتىپ، قايتىپ بېرىپ، ئۆز جايىدا يېتىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن جادۇگەرمۇ كېلىپ ئۆز ئورنىدا يېتىپتۇ. تاڭ ئېتىپ كۈن يورۇپتۇ. شاھزادە زار ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇ پاسسىق جادۇگەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇدۇللا بوۋاينىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۆتكەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بوۋاي شاھزادە زارنى جادۇگەرنىڭ قېشىغا باشلاپ بېرىپتۇ. بوۋاي ئەسلىدە دانشمەن بوۋاينىڭ ماھارىىتنى بىلىدىغان بولغاچقا، بوۋاينىڭ غەزەپ بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى قورقۇپتۇ. بوۋايغا يېلىنىپ - يالۋۇرۇپتۇ. بوۋاي بىر دانە قوناقنى جادىگەرنىڭ يۈزىگە ئېتىپ >ئات بول< دېگەن ئىكەن، جادۇگەر دەرھال بىر بايتال ئاتقا ئايلىنىپتۇ. بوۋاي شاھزادە زارغا:
- سەن ئەمدى بۇ ئاتقا مىنىپ يۇرتۇڭغا قايت. يۈگەننىڭ چۇلۋۇرىنى قولۇڭدا مەھكەم تۇت. چۇلۋۇرنى ھەرگىز باشقا كىشىگە تۇتقۇزما. ئەگەر ئات ماڭغىلى ئۇنىمىسا قامچا بىلەن بۇلۇشىغا ئۇر. زادى رەھىم قىلما، - دەپ شاھزادە زارنى ئاتقا مىندۈرۈپ، چۇلۋۇرنى قولىغا تۇتقۇزۇپ، بىر قامچا بېرىپ، يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. شاھزادە زار بوۋاينىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىغا، مېھىر - شەپقىتىگە يۈزمىڭ رەھمەت ئېيتىپتۇ.
شاھزادە زار بوۋاي بىلەن خۇشلىشىپ، ئاتقا مىنىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ. بىر جايغا يەتكەندە ئات پەقەت ماڭغىلى ئۇنىماي تۇرۇۋاپتۇ. شاھزادە زار ئاتنى ھەر قانچە ئۇرسىمۇ ماڭماپتۇ. شۇ پەيتتە بىر يىگىت پەيدا بولۇپتۇ ۋە شاھزادە زارغا:
- ئات ماڭالمىغاندىن كېيىن بۇنداق ئۇرۇۋەتمەڭ. ھەر قانچە ئۇرسىڭىزمۇ ماڭمايدۇ. سىز يولۇچى ئىكەنسىز، ئاتنى ماڭدۇرالماي كۆپ ئاۋارە بولۇپ كەتتىڭىز. سىزگە ئىچىم ئاغرىپ قالدى. مەن سىزگە بىر ياخشى ئات بېرەي، يولىڭىزغا مېڭىۋېرىڭ. بۇ ئاتنى تاشلىۋېتىڭ، - دەپتۇ.
- ياق، ماڭا باشقا ئاتنىڭ كېرىكى يوق. ئۆز ئېتىمدا كېتىۋېرىمەن، - دەپ، ئېتىنى راسا قامچىلاپتۇ شاھزادە زار. قامچا زەربىسىدىن ئات مېڭىشقا باشلاپتۇ. يەنە بىر يەرگە يەتكەندە چىرايلىق بىر ئىمارەت ئۇچراپتۇ. بۇ ئۆيدىن سالاپەتلىك بىر كىشى چىقىپ شاھزادىگە سالام بېرىپ:
- بالام قاياققا كېتىۋاتىسىز؟ ھازىر كەچ بولدى. قاراڭغۇدا يول يۈرەلمەيسىز. بۈگۈن كېچە بىزنىڭكىدە يېتىپ، ئەتىلىككە يۈرۈپ كېتىڭ، - دەپ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپتۇ. شاھزادە زار رەت قىلىپ، ئېتىنى قامچىلاپ ئۆز يولىغا مېڭىۋېرىپتۇ. ماڭا - ماڭا بىر يەرگە يەتكەندە، يول ئۈستىدە بىر قېرى خوتۇن يىغلاپ ئولتۇرغىدەك. شاھزادە زار بۇ قېرىغا پىسەنت قىلماي ئۆز يولىغا كېتىۋېرىپتۇ. قېرى شاھزادىنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام بېرىپ:
- بالام! مەن قىزىمنىڭ ئۆيىگە بارماقچى ئىدىم. پۇتۇمغا تىكەن كىرىپ كەتتى. ماڭالماي مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ قالدىم. مېنى ئېتىڭىزغا مېىندۈرۈپ ئالغاچ كەتسىڭىز، سىزدىن مىننەتدار بولسام، - دەپ يالۋۇرۇپ نالە قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ. شاھزادە زارنىڭ رەھىمى كېلىپ:
- ئانا، ئارقامغا مىنەلەمسىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ۋاي بالام، ئاتقا مىنەلمەيمەن. ئاۋارە بولسىڭىزمۇ ئۆزىڭىز ئاتتىن چۈشۈپ، مېنى يۆلەپ مىندۈرۈپ قويسىڭىز، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ. شاھزادە زار ئاتتىن چۈشۈپ، كەمپىرنى يۆلەپ ئاتقا مىندۈرەي دەپ تۇرۇشىغا، ئاتنىڭ چۇلۋۇرى قولىدىن چىقىپ كېتىپتۇ، جادۇگەر پادىشاھ شۇئانلا ئۆز ئەسلىگە كېلىۋاپتۇ. شاھزادە زارنى قاتتىق ئۇرۇپ، تۈرلۈك ئازابلار بىلەن قىيناپتۇ.
ھېلىقى يولدا يىغلاپ ئولتۇرغان كەمپىر، ئەسلى ئايال پادىشاھنىڭ تاغىسى بولۇپ، بىر يىگىت سۈرىتىدە بولۇپ، باشقا بىر ئات يەڭگۈشلەپ بەرمەكچى بولغان، سالاپەتلىك بىر كىشى سۈرىتىدە بولۇپ شاھزادە زارنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلغانمۇ شۇ ئىكەن. جادۇگەر پادىشاھ بۇ ئىبلىس تاغىسى بىلەن خۇشلىشىپ، شاھزادە زارنى بىر قۇشقاچقا ئايلاندۇرۇپ قەپەزگە سولاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپتۇ.
- پادىشاھ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شاھزادە زارنى قەپەز بىلەن ئاپتاپلىققا ئېسىپ قويۇپ قاتتىق ئازاپلاپتۇ. پادىشاھنىڭ بىر خىزمەتكارىنىڭ شاھزادە زارنىڭ تارتقان بۇ ئازابلىرىنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىپتۇ. ئۇ پادىشاھقا بىلدۈرمەي، خۇپىيانە ھالدا نان، سۇ بېرىپ، شاھزادىدىن خەۋەر ئاپتۇ.
بىر كۈنى قۇشقاچ خىزمەتكارغا قاراپ، كۆزلىرىنىڭ يېشىنى ئېقىتىپ:
- سىز ماڭا كۆپ ياخشىلىق قىلدىڭىز، سىزنىڭ قىلغان بۇ ياخشىلىقىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن. ئەمدى سىزگە بىر ئىلتىماسىم بار. مالال كۆرمىسىڭىز، مېنىڭ ھازىرقى ھال - ئەھۋالىمنى بوۋامغا خەۋەر قىلىپ قويسىڭىز، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ.
خىزمەتكار پادىشاھنىڭ يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، دەرھال بوۋاينىڭ قېشىغا بېرىپ، قۇشقاچنىڭ ئەھۋالىنى بوۋايغا مەلۇم قىلىپ قويۇپتۇ. بوۋاي خىزمەتكارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىپتۇ ۋە خىزمەتكارغا:
- ئەگەر قوبۇل كۆرسىڭىز، سىزگە ئۈچ ئادەم قوشۇپ بەرسەم، شاھزادە زارنىڭ يۇرتىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئانىسىغا يەتكۈزۈپ قويسىڭىز ھەمدە شاھزادە زارنىڭ ئانىسىنى بىرگە ئېلىپ كەلسىڭىز، - دەپتۇ.
- پادىشاھ ئەشەددى ياۋۇز جادۇگەر. ئەگەر تېزدىن قايتىپ بارمىسام، بىلىپ قالسا ئارقامدىن قوغلاپ بېرىپ تۇتۇۋالىدۇ. ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلماق بەسى مۈشكۈل، - دەپتۇ خىزمەتكار.
- خاتىرجەم بولۇڭ. مەن بار تۇرۇپ سىزنى تۇتۇۋالالمايدۇ. ئەگەر پادىشاھ بىلىپ قېلىپ، ئارقىڭىزدىن قوغلايدىغان بولسا، مېنىڭ ياراملىق ئۈچ ئادىمىم بار. ئۇلار سىزنى قۇتۇلدۇرىدۇ، - دە، دەپتۇ بوۋاي.
خىزمەتكار ماقۇل بولۇپتۇ. بۇلار بىر يۇمۇلاپلا كەپتەرگە ئايلىنىپتۇ. ئۇچۇپتۇ - ئۇچۇپتۇ، نۇرغۇن تاغ - داۋان، دېڭىز - دەريالاردىن ئېشىپ، ئاخىرى شاھزادە زارنىڭ يۇرتىغا يېتىپ بېرىپتۇ. شاھزادە زارنىڭ ئەھۋالىنى ئانىسىغا يەتكۈزۈپتۇ. ئانىسى ئوغلىنىڭ دۇنيادا ھايات ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ خۇشلۇقتا يىقىلىپ ھوشىدىن كېتىپتۇ. كېيىن يەنە ھوشىغا كەپتۇ:
- سىلەرگە كۆپ رەھمەت. ئوغلۇم غايىپ بولۇپ كەتكەندىن بېرى، ھەممە ياقنى ئىزلەپ، ھېچيەردىن ئوغلۇمنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالالماي، ئۆلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ، يىغلاپ ھازا ئېچىپ ئولتۇرغان ئىدىم. مانا بۈگۈن ئوغلۇمنىڭ بۇ ئالامدە ھايات ئىكەنلىكىدىن خەۋەر ئېلىپ كەپسىلەر، - دەپ خۇرسەن بولۇپ، بۇلارنى ياخشى مېھمان قىلىپ كۈتۈۋاپتۇ ۋە بۇلار بىلەن بىللە يولغا چىقىپ بوۋاينىڭ قېشىغا كەپتۇ. بوۋاي شاھزادە زارنىڭ بارلىق ئەھۋالىنى ئانىسىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. شاھزادە زارنىڭ ئانىسى يىغلاپ، ئۆزىنى بوۋاينىڭ ئانىسىنى جادۇگەر پادىشاھنىڭ قېشىغا باشلاپ بېرىپتۇ. پادىشاھ شاھزادە زارنىڭ ئانىسىنى كۆرۈپ قورقۇپتۇ. بۇلار شاھزادىنى سوراپتۇ.
- ساياھەتكە چىقىپ كەتكەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ جادۇگەر. بوۋاي دەرغەزەپ بولۇپ:
- ھەي لەنىتى بەدبەخ! شاھزادە زارغا قىلمىغان زىيانكەشلىكىڭ قالمىدى. يەنە شاھزادە زارنى يوق دەمسەن؟! - دەپ، بىر چىمدىم ئۇننى ئېلىپ، >ئېشەك بول< دەپ جادۇگەرنىڭ يۈزىگە چېچىپتۇ، جادۇگەر شۇ ھامان ئېشەككە ئايلىنىپ قاپتۇ. خىزمەتكار قەپەزنى ئېلىپ كەپتۇ. شاھزادە زارنىڭ ئانىسى: >ئوغلۇمنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈر< دەپ ئېشەكنى ئۇرۇشقا باشلاپتۇ. ئېشەك:
- ئاۋۋال مېنى ئەسلىمگە كەلتۈرۈڭلار، ئاندىن شاھزادە زارنى ئەسلىگە كەلتۈرەي، دەپ تۇرۇۋاپتۇ. جادۇگەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپتۇ. جادىگەر بالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپتۇ. ئانا - بالا كۆرۈشۈپ، بىر - بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپتۇ. بوۋاي بۇلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ، تەسىرلىنىپ، ئۆزىنى توختىتىۋالالماي قاپتۇ ۋە جادۇگەرگە:
- سەن سېھىر قىلىپ ئات - ئېشەك، ئىت قىلىۋەتكەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ كەل، - دەپتۇ. جادۇگەر ھەممىسىنى يىغىدۇرۇپ كەپتۇ. بوۋاي جادۇگەرگە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بۇيرۇپتۇ. بىر قانچە يىل - ئېشەككە ئايلىنىپ ئازاپ - ئوقۇبەتكە دۇچار بولغانلار ئۆز ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، بىر - بىرسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. جادۇگەرگە لەنەت - نەپرەت ياغدۇرۇپتۇ ۋە بوۋاينىڭ بۇ جادۇگەر ئەبلەخنى جازالاپ، ئىنتىقام ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ. بوۋاي بۇلارنىڭ يىغا - زارىسىغا تاقەت قىلىپ تۇرالماي، جادۇگەرنى ئىتقا ئايلاندۇرۇپ، تۆمۈر زەنجىردە ئاپتاپلىققا باغلاپ قويۇپتۇ. خانىۋەيرانچىلىققا دۇچار بولغان خەلقلەر ئىنتايىن خۇشال بولۇشۇپتۇ. خالايىقلار بوۋاينى پادىشاھلىققا كۆرسىتىپ تۇرۇۋاپتۇ. بوۋاي ئۆزرە بايان قىلىپ، پادىشاھ بولغىلى ئۇنىماپتۇ. ھەممىنىڭ مەسلىھەتى ۋە رازىلىقى بويىچە شاھزادە زارنى قۇتقۇزۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن خىزمەتكارنى پادىشاھلىققا سايلاپتۇ. زالىم جادۇگەردىن قۇتۇلۇپ ھەممە ئەل خاتىرجەم بولۇپتۇ.