UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقيامان تەربىينىڭ يامان ئاقىۋىتى

يامان تەربىينىڭ يامان ئاقىۋىتى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بىر زامانلاردا مەلۇم بىر شەھەردە بىر خوتۇننىڭ ئېرى ئۆلۈپ كېتىپ، ئوغلى دادىسىدىن كىچىك قاپتۇ. بۇ خوتۇن يىپ ئىگىرىپ سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىدىكەن. ئوغلى بىلەن كارى بولمايدىكەن. ئۇ ئاستا - ئاستا ئەسكى قىلىقلارنى ئۆگىنىپتۇ: ئۈرۈك ئوغرىلاپتۇ، نان ئوغرىلاپتۇ، ئوغرىلىغان نەرسىلىرىنى ئانىسىغا ئەكىرىپ بېرىپتۇ، ئانىسى نېرى - بېرىسىنى سورىماي يەۋىرىپتۇ. بالىسىنى ئوغرىلىقتىن توسماپتۇ؛ ئۇ بارا - بارا كۆزگە كۈرۈنگەن نەرسىنى ئوغرىلايدىغان بوپتۇ. ئەمدى كىچىك ئوغرىلىق يانچۇقچىلىققا تەرەققى قىلىپ، كىشىلەرنىڭ يېنىنى كوچىلاپ پۇل ئوغرىلايدىغان بوپتۇ. ئائىلە تۇرمۇشى بارا - بارا ئوغرىلىقتىن كەلگەن كىرىم بىلەن ئۆتۈپتۇ. ئەمدى يەنە يانچۇقچىلىقتىن تەرەققى قىلىپ چوڭ - كىچىك ئوغرىلىقنىڭ ھەممىسىنى قىلىدىغان بوپتۇ. ئۇنىڭ يۈرىگى تېخىمۇ يوغىناپ، پادىشاھنىڭ خەزىنىسىگە ئوغرىلىققا كىرىپتۇ. بىرىنچى قېتىم ئوغرىلىققا كىرىپ نۇرغۇنلىغان نۇرغۇنلىغان دۇنيا - دەپنە ئوغرىلاپ چىقىپتۇ. بۇنىڭغا قانائەت قىلماستىن، ئىككىنچى قېتىم يەنە خەزىنىگە ئوغرىلىققا كىرىپتۇ. بۇ قېتىم تۇتۇلۇپ قاپتۇ. بۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپتۇ. پادىشاھ ئۇنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. جاللاتلار پادىشاھنىڭ ھۆكۈمى بويىچە بۇ ئوغۇلنى دارغا ئاسماق بولۇشۇپتۇ. جازا مەيدانىغا تەختنى قۇرۇپ، پادىشاھ تەخىتكە چىقىپ قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. دارغا يېقىن كەلگەندە بۇ ئوغۇل: «ئانام بىلەن ۋىدالىشىۋالسام، دەيدىغان گېپىمنى دەۋالسام» دەپ پادىشاھتىن تىلەپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈۋېلىشىغا ئىجازەت قىپتۇ. _ ئانا! ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدىن سەن بىلەن رازىلىشىۋالاي. تىلىڭنى چىقارساڭ، تىلىڭنى بىر شورىۋالاي،- دەپتۇ بالا. ئانىسى ئوغلىنىڭ تەلىپى بويىچە، تىلىنى شۇنداق چىقارغان ئىكەن، ئوغلى گاچ قىلىپ چىشلەپ ئۈزۈۋاپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پادىشاھ ھەيران بولۇپ: _ دەرھال بالىنى ئالدىمغا كەلتۈرۈڭلار، - دەپ جاللاتلارغا ھۆكۈم قىپتۇ. جاللاتلار بالىنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. _ سەن نېمە ئۈچۈن دارغا ئېسىلىش ئالدىدىن ئاناڭنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ رازىلاشماستىن، ئەكسچە سېنى كىچىكىڭدىن باققان ئاناڭنىڭ تىلىنى چىشلەپ ئۈزۈۋالىسەن، - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ. _ مېنىڭ بۈگۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىم، ئانامنىڭ سەۋەبكارلىقىدىن بولغان. مەن ئاۋۋال باشلاپ ئۈرۈك ئوغرىلاپ ئەكىردىم، نان ئوغرىلاپ ئەكىردىم، كېيىن پۇل ئوغرىلاپ ئەكىردىم.ئانام مېنى ئوغرىلىق قىلىشتىن توسمىدى. بەلكى خوش بولدى. مەن ئانامنى خوش قىلدىم دەپ، ئوغرىلىقنى داۋاملاشتۇردۇم، بارا - بارا يۈرىكىم يۇغىناپ، تېخىمۇ چوڭ - چوڭ ئوغرىلىققا كىردىم. ئاخىرى تۇتۇلۇپ بۈگۈنكى ئاقىۋەتكە قالدىم. ئەگەر كىچىك ۋاقتىمدا ئانام مېنى ئوغرىلىق قىلىشتىن توسقان بولسا، ئوغرىلىقتىن قۇلۇمنى يىغقان بولاتتىم. شۇڭا ئانامنىڭ ئوغرىلىققا ئۈگەتكەن تىلىنى چىشلەپ ئۈزۈۋالدىم، - دەپتۇ بالا. _ بۇ راست سۆزىنى قىلدى. بۇنىڭ ئېيتقانلىرى ھەممىسى توغرا. ئانىسى ئۇنى بېقىشنى بىلىپ، يامان يولدىن توسمىغانلىقتىن، جىنايەت يولىغا كىرىپ قالغان. كىچىك بالا دىگەن بىر گىياھنىڭ نوتىسىغا ئوخشاش يۇمران كېلىدۇ، قايسى ياققا ئەگسە شۇ ياققا ئۆسىدۇ. بۇنىڭ جىنايى يولغا كىرىپ قالغانلىقىغا ئانىسى سەۋەبچى بولغان. بۇنى ئۆلۈم جازاسىدىن كەچۈرۈم قىلىدىم، قويۇپ بېرىڭلار، - دەپتۇ پادىشاھ. شۇنىڭ بىلەن بالا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ. قاتتىق توۋا قىلىپ ئوغرىلىقتىن قولىنى يىغىپتۇ. خالايىقلار بۇ ۋەقەدىن ئىبرەت ئاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق