UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقكەنجى قالغاچنىڭ ئاقىۋىتى

كەنجى قالغاچنىڭ ئاقىۋىتى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بىر جۈپ قالغاچ پىشايۋانغا پۈتۈن ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ ئەپلىك بىر ئۇۋا ياساپتۇ. ئانا قالغاچ تۇخۇم باستۇرۇپ، خامانلاردا «لاي - لاي» ناخشىسى ياڭراپ تۇرغان ئوما كۈنلىرىدە ئۈچ بالا چىقىرىپتۇ. قالغاچ بالىلىرىنىڭ كەنجىسى تولىمۇ ئاچكۆز ئىكەن. ئوزۇقلۇق ئېلىپ كەلگەن ئاتا - ئانىلىرىنىڭ قارىسىنى كۆرۈش بىلەنلا «ماڭا بېرىڭ» دەپ ۋىچىرلاپ، ئاغزىنى يوغان ئېچىپ تۇرىدىكەن. ئۇنىڭدىن ئاشقان يەمنى ئىككى ئاكىسى يەيدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوڭ ئاكىسى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ: - ئۇكام، سەن بىزنىڭ كىچىگىمىز، ئۆزەڭنىڭ كىچىكلىگە قارىماي نەپسىڭ يوغىناپ كېتىپ بارىدۇ. ئاتا - ئانىمىز ئەپكەلگەن يەمنىڭ كۆپرەگىنى سەنلا يەۋاتىسەن. بىز بولساق ئاچ قېلىۋاتىمىز. ئىنساپ بىلەن ئىش قىلساڭ، تەڭ ئوزۇقلانساق، - دەپتۇ. كەنجى قالغاچ ئاكىسىنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماي: - گالدىن ئۆتكەن غەنىمەت، كىم چاققان بولسا شۇ يەيدۇ، - دەپتۇ، كۈنلەر ئۆتۈپ قالىغاچ بالىلىرى ئۇچما بولۇپ قاپتۇ. بىر كۈنى كەچ ئوزۇقلۇق ئېلىپ كەلگەن ئانىسىنى كۆرگەن كەنجى قالغاچ قوسىغى تويۇپ تومپيىتىپ كەتكىنىگە قارىماي ۋىچىرلاپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپتۇ ۋە ئانىسىنىڭ ئاغزىدىكى يەمنى ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق ئىنتىلگەن ئىكەن، ئۇۋىدىن يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بىر مۈشۈك ئوقتەك ئېتىلىپ كەپتۇ - دە، ۋىچىرلاپ ياتقان كەنجى قالغاچنى «كاپ» قىلىپ ئاغزىغا ئېلىپلا قېچىپتۇ. بىر بۇلۇڭغا ئاپىرىپ بىر دەمدىلا يەپ قويۇپتۇ. «نەپسى بالا جانغا بالا» دىگەن ماقال كەنجى قالغاچنىڭ ئاشۇ ئاقىۋىتىدىن قالغان ئىكەن. ئېيتىپ بەگۈچى: چاۋار يۈسۈپ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
كەنجى قالغاچنىڭ ئاقىۋىتى | UyghurWiki | UyghurWiki