شورى قۇرىغان شۇم تۈلكە
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بىر توپ توخۇ يالاڭ تاجا خورازغا ئەگىشىپ، تۈلكىنىڭ ئۈستىدىن ئەرىز قىلىپ ئېيىقنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ:
- ئېيىق پالۋان، - دەپتۇ ئۇلار، - شۇم تۈلكە بىزگە كۈن بەرمەس بولدى. ھېچقايسىڭلاردىن ئەيمەنمەستىن،بىز توخۇلارنى قىرغىنى قىرغان.
- تۈلكىما؟! ئۇ مۇتەھەمنىڭ جاجىسىنى ئۆزەم بېرەي، - دەپتۇ ئېيىق، ئاندىن تۈلكىنى چاقىرتىپ كەپتۇ.
تۈلكە قۇيرۇغىنى شىپاڭلىتىپ:
- ئېيىقباي، مەن سىزنىڭ بېقىنىڭىزغا تاش پاتمىسۇن دەپ، پەي ياستۇق تەييارلاشنىڭ غېمىدە بولدۇم، - دەپ قولتۇغىدىكى بىر ياستۇقنى ئېيىققا ئۇزىتىپتۇ، - مەن سىزنىڭ غېمىڭىزدە يۈرسەم، بۇلار مېنى يامان دەپ سىزگە ئەرز قىلىشىپتۇ. ..
ئېيىق يۇمشاق تەكىيگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ توخولارغا:
- يوقىلىڭلار ئەخمەقلەر! ئىككىنچى مۇنداق بىمەنە سۆزلەرنى كوتىرىپ مېنىڭ ئالدىمغا ئەرز قىلىپ كەلمەڭلار! - دەپ توخولارنى قوغلىۋېتىپتۇ.
شۇ كېچە يەنە ئىككى توخونىڭ شورى قۇرۇپتۇ. توخولار ئەمدى بۆرىگە ئەرز قىپتۇ:
- تۈلكىنىڭ دەستىدىن قىينالدۇق، - دېيىشىپتۇ ئۇلار بۆرە تۈلكىنى ھەيدىشىپ كەپتۇ.
- بۆرە جاناپلىرى، مەن بېقىنىڭىزنى يەرگە پاتمىسۇن دەپ، ياستۇق ئەكەلدىم، ئۇ پوپۇكلۇك ئەخمەقلەر سىزنىڭ غېمىڭىزدە يۈرگىنىمنى بىلمەيدۇ، - دەپتۇ تۈلكە قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ، بۆرە پەي ياستۇققا يۆلىنىپ، راھەتلىنىپتۇ - دە، توخۇلارغا ۋارقىراپ:
- كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، پايپاقلىق پوپۈچەكلەر! تۈلكە ئىشىنى بىلىپ قىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن خەيرىخاھلىق قىلغانلارنىڭ ئۈستىدىن ماڭا ئەرز قىلىپ كەلمەڭلار! - دەپتۇ.
توخۇلار بۇ قېتىممۇ دەرت - ئەلەم چېكىپ قايتىپ كېتىپتۇ، شۇ كېچىسى يەن ئۈچ توخو تۈلكىگە يەم بوپتۇ. ئەتىسى توخۇلار تايغانغا بېرىپ ئەرز قىپتۇ. تۈلكە تايغانغىمۇ ياستۇق بېرىپ:
- سىزنىڭ غېمىڭىزنى قىلىپ يۈرگەن ئىدىم، - دەپتۇ. تايغان ياستۇققا قارىماپتۇ. ئۇ:
- بۇ شۇم تۈلكىنىڭ شورىسىنى قۇرۇتۇڭلار! - دەپ تۆت كۆز، ئاق توش بويناقلارغا بۇيۇپتۇ. ئىتلار تۈلكىنىڭ ئوتتۇرىغا ئېلىپ راسا تالاپتۇ.
- ئەمدى تۈلكىنى چولگە قوغلاڭلار! - دەپتۇ تايغان، - بولمىسا، توخۇلارنىڭ گوشىنى ئۆزى يەپ، پېيىنى «ئۇلۇغ» لارغا تەغدىم قىلىپ، يەنە خېلىسىنى ئالدايدۇ بۇ ھېلىگەر!
شۇنىڭدىن كېيىن شۇم تۈلكىنىڭ شورى قۇرۇپ، چولدە يۈرىدىغان بوپتۇ. بىچارە توخۇلار تايغاننىڭ ئادالىتى بىلەن خاتىرجەم تۇخۇملىرىنى تۇغۇپ، چوجلىرىنى ئاسراپتۇ.