مىراس
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن ئاتام زامانىسىدا، بىر دېھقان ئۆتكەن ئىكەن. يوقسۇزلۇقتىن داق يەرنى كۆرپە، بورىنى يوتقان قىلىپ ياتىدىكەن. ئۈچ كۈندە بىر ۋاخ تاماق كۆرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، چوڭنىڭ ئىسىمى سايىت، ئوتتۇرانچىسىنىڭ ئىسىمى گايىت، كىچىكىنىڭ ئىسىمى ۋايىت ئىكەن. بالىلار قېقىلىپ - سوقۇلۇپ چوڭ بوپتۇ. قولىدا يەر - زىمىن، مال - مۈلۈك بولمىغاچ بايلارغا چاكار ئىشلەپ دادىسىنى بېقىپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دېھقانغا قېرىلىق يېتىپتۇ، كېسەل بولۇپ، تېكىر تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. ئوغۇللىرى نۆۋەت بىلەن كېلىپ، تاپقىنىنى بېرىپ كېتىدىكەن.
بىر كۈنى سايىت بېلىگە بىر ناننى تۈگۈپ، دادىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۆيىگە كەلسە، دادىسى ئىڭراپ ياتقۇدەك. سايىت تېكىر بېشىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، كۆزىنى ياشقا تولدۇرۇپ:
_ دادا، ياخشىراق باقالمىدىم، رازى بولۇڭ، - دەپتۇ. دېھقان:
_ ئوبدان بالام، مېنى دەپ كۆپ جاپا چەڭتىڭ، رەھمەت. مېنىڭ تاپقىنىم تۆشۈك تەرەپ بولۇڭدا، مەن ئۆلگەندىن كېيىن قېزىۋالغىن، ئاللا ئىگەم بەركىتىنى بەرسۇن، ئىلاھە ئامىن! - دەپ دۇئا قىپتۇ.
سايىت دادىسى بىلەن خوشلىشىپ، تىرىكچىككە مېڭىپتۇ. گايىت كىرىپ كەپتۇ.
_دادا، - دەپتۇ ئۇ دادىسىنىڭ مەڭزىگە سۈيۈپ، - يۈزىڭىز يۇتىقىپ قاپتۇ، قارىغاندا كېسەل ئۆز قەتىگە ئاپتۇ. ياخشىراق باقالمىدىم، رازى بولۇڭ . . . .
_ئوبدان بالام، مېنى دەپ كۆپ جاپا چەكتىڭ، رەھمەت. مېنىڭ تاپقىنىم تۆر تەرەپ بولۇڭدا ، مەن ئۆلگەندىن كېيىن قېزىۋالغىن. ئاللا ئېگەم بەركىتىنى بەرسۇن،ئىلاھە ئامىن، - دەپتۇ دېھقان.
گايىت تاپقان بىر ئامۇتىنى دادىسىغا بېرىپ، كەتمىنىنى مۈرىسىگە سېلىپ باينىڭكىگە كېتىپتۇ. نۆۋەت ۋايىتقا كەپتۇ. ئۇمۇ ئالتە كۈن ئىشلەپ تاپقان پۇلىغا ئالغان ئىككى سەر گۆشنى دادىسىغا تەڭلەپ:
_ جېنىم دادا، تاپقىنىمنى باي غوجام ئېلىپ قالدى، قولۇم قىسقا كېلىپ قالدى. ياخشىراق باقالمىدىم، رازى بولۇڭ، - دەپتىكەن، دېھقان ئاغزىنى چاكىلدىتىپ:
_ ئوبدان بالام، مېنى دەپ كۆپ جاپا چەكتىڭ، رەھمەت. مېنىڭ تاپقىنىم پەگا تەرەپ ئوڭ بولۇڭدا، مەن ئۆلگەندىن كېيىن قېزىۋالغىن. ئاللا ئىگەم بەرىكىتىنى بەرسۇن، ئىلاھە ئامىن، - دەپ قولىنى كۆتىرىپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپ دېھقان قازا قىپتۇ، ئۈچ ئوغۇل دادىسىنى يەرلىكىدە قويۇپ بولۇپ، بىر - بىرىگە باقماي بۇلۇڭلارنى قېزىشقا باشلاپتۇ. قازا، قازا، تامنىڭ ئۇلىغىچە قېزىپ قارىسا، سايىتقا بىر پارچە ياغۇنچاق،گايىتقا بىر داپ، ۋايىتقا بىر شوتا ئۇچراپتۇ. ئوغۇللار خاپا بولۇپ:« دادام بىزنى ئەخمەق قىپتۇ، مۇشۇنىمۇ مىراس دېگىلى بولامدۇ؟ » دىيىشىپ، قولىغا چىققاننى ئېلىشىپ ھەرياقلارغا كېتىپتۇ.
سايىت سەھرادىن شەھەرگە قاراپ مېڭىپتۇ. ماڭا - ماڭا بىر چۆل جەزىرگە بېرىپ قاپتۇ. ھېرىپ - ئېچىپ ئۇيقۇ بېسىپتۇ. ئاخىرى بىر تۈپ دەرەخ تۈۋىدە توختاپ، تېنى ئەيمىنىپ، دەرەخ ئۈستىدە ئۇخلاش نىيىتىگە كەپتۇ. چىقىپ شاخنىڭ ئارىسىغا جايلىشىپتۇ. ئۇ، ئەمدى پۇت - قولىنى سوزۇپ، ئۇخلاي دەۋاتسا، تۆت ئادەم تاغار - قاپلارنى يۈدۈشۈپ، دەرەخ تۈۋىگە كېلىشىپتۇ.
_ بۇرادەرلەر، - دەپتۇ بىرى، - نېمە ئېلىپ، نېمە قويدۇق، كۆرۈپ باقساق بوپتىكەن.
_ ئوبدان گەپ بولدى، - دىيشىپتۇ قالغان ئۈچى.
شۇنداق قىلىپ تۆتىلىسى تاغار - قاپلىرىنى دۈم قىلىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئېلىپ كەلگىنى ئالتۇن - كۆمۈش، يامبۇ - تىللا ئىكەن.
ئارىدىن بىرسى:
_ باينىڭ تاپقان تەرگىنىنى بىرلام كۆتىرىپتۇق، ئۆمۈر بويى يېتىپ يىسەكمۇ تۈگىتەلمىگۈدەكمىز. ئەمما، بۇنچىۋالا مالنى شەھەردە كۆتۈرۈپ يۈرسەك تۇتۇلۇپ قالىمىز. مۇشۇ دەرەخ تۈۋىگە كۆمۈپ قويۇپ، ئۇدۇللۇق ئېلىپ خەجلىمىسەك بولمىغۇدەك، - دەپتۇ.
باشقىلار بۇ پىكىرگە قوشۇلۇپتۇ. ئۇلار ئورا كولاشقا تۇتۇش قىپتۇ. سايىت ئۇلارنىڭ ئوغرى ئىكەنلىكىنى پەملەپ، بېشىنى چەنلەپ ياغۇنچاقنى تاشلاپتۇ. تاش گۈلدۈرلەپ چۈشۈپ، ئوغرىلارنىڭ بىرىنىڭ مىجىقىنى چىقىرىپتۇ. قالغانلىرى «ۋاي، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشتى! پىمانىمىز ئەمدى توشتى» دىيىشىپ، ئالدى - كەينىگە قارىماي بەدەر قېچىشىپتۇ. شۇ قاچقانچە يەتتە كېچە - كۈندۈزلۈك يەرگە بېرىپ توختاپتۇ. سايىت ئوغىرىلار تاشلاپ قاچقان دەببى - دۇنيانى ئېلىپ، كاتتا باي بولۇپ كېتىپتۇ.
گايىت داپنى قولتۇقىغا قىسىپ، دەرتمەن قەدىمىنى ئالدىرىماي بېسىپ، دەشت - باياۋاندا كېتىۋېتىپتىكەن، ۋەيرانە بىر ئۆي ئۇچراپتۇ. بۇ، ئەسكى تۈگمەن ئىكەن. گايىت بىر كېچە ئۇخلاپ ئۆتمەك بولۇپ، تۈگمەنگە كىرىپتۇ. تېنى ئەيمىنىپ، سۇ كەنگە كىرىپ، بىر پەس يېتىپ بېقىپتۇ. ئويقۇسى كەلمەپتۇ. داپنى داراڭلىتىپ ئۆز كۆڭلىنى ياسىماق بولۇپ تۇرسا، تەرەپ - تەرەپتىن جىن - شاياتۇنلار يىغىلىپ ساماغا چۈشۈپتۇ. شۇ ئەسنادا، تۈگمەن قېشىدا بىر سودىگەر كېلىپ قالغانىكەن. ئۇمۇ داپ ئاۋازىغا خۇشتار بولۇپ، ئات - ئۇلاقلىرىنى يولدا قويۇپ، تۈگمەنگە بېشىنى تىقىشىغا، جىن - شاياتۇنلار ئۈركۈپ، سودىگەرنىڭ چاتراقلىرىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ قېچىپ كېتىپتۇ. گايىت سودىگەرگە ئېسىلىۋاپتۇ؛
_ ئەسكىرىمنى قاچۇرۋەتتىڭ، يىغىپ بەر! بولمىسا، پادىشاھقا ئەرز سۇنۇپ، توققۇز پۇشتۇڭنى قۇرىتىمەن . . .
سودىگەر «ماقۇل» دەپ سىرتقا چىقىپتۇ، توۋلاپ بېقىپتۇ. جىن - شاياتۇنلاردىن بىرسىمۇ كەلمەپتۇ. سودىگەر يالۋۇرۇپ:
_ ئۇكام، بەش ئات - خېچىرلىق مال بېرەي، گۇناھىمدىن ئۆتكىن، - دەپتۇ.
_ ئۇ نېمەڭگە ئەسكەر كەلمەيدۇ، جۈر پادىشاھنىڭ ئالدىغا ، - دەپتۇ گايىت ۋە سودىگەرنى سۆرەپتۇ.
_ ئون ئات - خېچىر بېرەي . . .
_ ياق . . .
_ يىگىرمە ئات - خېچىر بېرەي. . .
_ ياق. . .
_ ئەمىسە بىرنى ئۆزەم ئېلىپ قېلىپ، ئوتتۇز تۇققۇزنىڭ ھەممىسىنى بېرەي . . .
_ ياق.
سودىگەر يىغلاپتۇ، خىزمەتچىلەر ئارىغا چۈشۈپتۇ. ئۇدېمەڭ - بۇ دېمەڭ سودىگەر قىرىق ئات - خېچىرلىق يۈك - تاقنى ئۇلىغى، خىزمەتكارى بىلەن گايىنە شۇندىن باشلاپ گايىت چوڭ سودىگەر بولۇپ قاپتۇ.
ۋايىت يۇرت ئارىلاپ، قۇنالغۇ مارىلاپ ماڭغان ئىكەن. كېتىۋېتىپ، بىر پىخسىق باينىڭ ئۆيىنىڭ ئارقىسىغا بېرىپ قاپتۇ. «ھە، مانا تاپتىم!» دەپ، دادىسىدىن مىراس قالغان شوتىنى تامغا قويۇپ ئۆگىزىگە چىقىپتۇ. ئۆيدە بىر ئايال بىلەن بىر ئەركىشى ئىشقى - مۇھەببەت ئوتىدا كۈيۈپ ئولتۇرغان ئىكەن. ۋايىت تۈڭلۈكتىن قارىسا، ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس بىر ئايال يارمىغان كۆتەكتەك قوپال، يۈزلىرى كۆمەچتەك قاپ - قارا بىر ئەر كىشىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرغۇدەك. داستىخاندا پىشۇرۇلغان ئۆپكە - زاسۇي، بەتتە پولۇ، قاتلىما - كىزەك تۇرغۇدەك.
_ باي كېلىپ قالسا رەسۋا بولىمىز، ھەددى - ھېسابسىز تاياق يەيمىز، مەن كېتىۋالاي خېنىم، - دەپتۇ ئەركىشى بىر ھازا كۆڭۈل ئېچىشقاندىن كېيىن.
ئايال بەللىرىنى تولغاپ ئەركىلەپ، رابىتنىڭ بوينىنى قايرىپ پەپىلەپ:
_ ئەي قاياشىم، يۈرىكىمدىكى ئويناشىم، ساقلايدۇ ئوتنى پاختا ئارىسىدا خۇدايىم. گەر كېلىپ قالسا باي، راسلاپ قويدۇم پانا جاي، كەتمىسىلە، - دەپتىكەن، ئەركىشى رابتىنىڭ رايىغا بېقىپتۇ.
ئەسلىدە باي خوتۇنىدىن گۇمانلىدىكەن. بۇ كېچىسى ئۇ«شەھەرگە كىرىپ چىقاي » دەپ قويۇپ، يېرىم يولدىن قايتىپ كەپتۇ. خوتۇنى داستىخاننى ئالدىراپ - تىنەپ يىغىشتۇرۇپ، رابىتنى قازناققا يۇشۇرۇپتۇ. ئىشىكنى ئېچىپتۇ. باي ئۆيگە كىرىپ سىناش ئۈچۈن قورسىقى ئاچقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. خوتۇنى«يەيدىغان ھېچنەرسە يوقتى، غىزا ئىتەي» دەپ تۆشۈككە ئۆتۈپتۇ. باي پۇشۇلداپ يېتىپتۇ.
ۋايىت يول ئۈستىدە سۆگەتنىڭ پورىدىن بىر ھۆپۈپ تۇتۇۋالغان ئىكەن. ئۇنى قوينىغا سېلىپ، ئۆگزىدىن چۈشۈپ باينىڭ ئىشكىنى قېقىپتۇ. يىتىملىكىنى ئېيتىپ، قوندۇرۇۋېلىشنى مۇراجەت قىلىپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋاپتۇ. باي نائىلاج «ماقۇل» دەپتۇ. بىر دەم ئولتۇرغاندىن كېيىن، ۋايىت ھۆپۈپنى مىجىغان ئىكەن، ھۆپۈپ «ھوپ، ھوپ »دەپ سايراپتۇ. باي ھەيران بولۇپ:
_ نېمە دەۋاتىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ ساندۇقتا يەيدىغان نېمە بار دەيدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋايىت.
باي پايپاسلاپ بېرىپ، ساندۇقنىڭ ئاغزىنى ئاچسا، دېگەندەك لېگەن - لېگەندە قاتلىما، ھورنان، بەتتە - پولۇ، قەنت - گېزەك چىقىپتۇ. باي خوتۇنىغا ھومىيىپ، گەپ سوراي دېگۈچە ھۆپۈپ«ھوپ، ھوپ» دەپ يەنە سايراپتۇ، باي ۋايىتنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ سوراپتۇ.
_ ئەي يېتىمچى، يەنە نېمە دەيدۇ ئۇ؟
ۋايىت:
_ نېمە دەيتتى باي ئاكا، ياخشى پىشۇرۇلغان ئۆپكە - زاسۇيمۇ بار دەيدۇ، - دەپتۇ چاندۇرماي.
باي «ئەستاغپۇرۇللا، بۇ نېمە گەپ؟» دەپ ساقىلىنى سىلاپ كاتنىڭ ئاغزىنى ئېچىپتۇ. ئوخشىتىپ قۇيۇلغان ئۆپكە، ھېسىپ، ئوبدان پىشۇرۇلغان كاللا - پاقالچاقنى كۆرۈپ، خوتۇنىنىڭ بۇغدىيىكىدىن ئاپتۇ، ئاچ بېقىنىغا راسا ساپتۇ. خوتۇنى ئاللا - كاللا سېلىپ «ئىللا - تاۋارا، خەۋرىم يوق» دەپ قەسەم ئىچىپتۇ، ۋايىتنى تىللاپ، ئۆيدىن قوغلاپ چىقارماقچى بوپتۇ. ۋايىت ھۆپۈپنى قاتتىق مىجىپتۇ. ھۆپۈپ «ھوپ، ھوپ، ھوپ - ھوپ . . . » دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ. باي ئۇرۇشنى توختىتىپ سوراپتىكەن، ۋايىت:
_ غوجىكا، خېنىمنىڭ رابىتى قازناقتا دەيدۇ، - دەپتۇ.
باي پالتىنى ئېلىپ قازناققا چېپىپتۇ. ئاچچىقىغا پايلىماي خوتۇنىنىڭ يىگىتىنى چاناپ ئۆلتۈرۈپتۇ. ۋايىت ئۆلگۈچە سەپسېلىپ:
_ ۋاي ئاكام، ۋاي ئاكام! . . . دەپ ئۆزىنى تام - تامغا ئۇرۇپتۇ.
باي ھەيران بولۇپ:
_ نېمە بولدۇڭ يېتىمچى؟ - دەپ سوراپتىكەن، ۋايىت:
_ ئاكامنى ئۆلتۈرۈۋەتتىڭ، تۆلەپ بەر، بولمىسا، جۈر پادىشاھ ئالدىغا بارىمىز، - دەپ ئېسىلىۋاپتۇ.
باي ئۇنى بېرەي - بۇنى بېرەي دېسىمۇ ئۇنىماپتۇ. ئاخىرى ئۆي - پۆي، باغ - ھويلا، بارلىق مال - مۈلۈكىنى ۋايىتقا قالدۇرۇپ، خوتۇنىنى ئالدىغا سېلىپ يۇرتىنى تاشلاپ كېتىپتۇ. ۋايىت ئويناپ - كۈلۈپ قاپتۇ.
دېھقاننىڭ مىراسى ئوغۇللىرىنى ئەنە شۇنداق باي قىلىۋەتكەن ئىكەن.