UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقتۇغقانلىق رىشتى

تۇغقانلىق رىشتى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا يېڭسۇدا كاتتا بىر باي ياشىغانىكەن. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، چوڭىنىڭ ئېتى موچۇنباي، كىچىكىنىڭ ئېتى قاغىباي ئىكەن. ئۇنىڭ ئەجەل ۋاقتى - سائىتى تولۇپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئۇنىڭ ئۆمۈر بويى تىرىشىپ - تىرمىشىپ توپلىغان مال - دۇنيالىرى ئىككى ئوغلىغا مىراس قاپتۇ. بۇ ئوغۇللار بىر مەزگىلگىچە ئاتىسىدىن قالغان مال - دۇنياغا تەڭ ۋارىسلىق قىلىپ ئۆتۈشۈپتۇ. كۈنلەر، ئايلار، يىللار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كارۋان تۆگىسىدەك تىزىلىپ ئۆتكەنسېرى بۇ ئاكا - ئۇكىلارنىڭ كاللىسىنى >ئايرىم تىرىكچىلىك قىلىپ باقمايمىزمۇ؟ ياكى بېيىپ قالارمىز ياكى كەمبەغەللىشىپ خاراب بولارمىز، پىشانىمىزدىن كۆرمەيمىزمۇ؟< دېگەن خىياللار چۇلغاشقا باشلاپتۇ. بۇ خىيالنىڭ كەينىگە كىرگەن ئاكا - ئۇكا ئىككىسى ئۆز ئۆيلىرىنى بىر - بىرىگە چىرايلىقچە ئولتۇرۇپ ئېيتىشىپ، ئايرىلىپ تىرىكچىلىك قىلىش قارارىغا كەپتۇ. ئۇلار ئاتىسىدىن قالغان مال - دۇنيالارنى دەسلىپىدە تالاشسىز بۆلۈشۈپ، نۆۋەت قويغا كەلگەندە ئىككى ئارىدا بىر تۇياق قوي ئېشىپ قاپتۇ. ئېشىپ قالغان بۇ بىر تۇياق قوي ئاكا - ئۇكا بۇرادەرلەرنىڭ ئارىسىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بوپتۇ. موچۇنباي ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ: - ئۇكام، مەن چوڭ بولغاندىكىن بۇ قوينى مەن ئالاي، - دەپتۇ. قاغىبايمۇ بوش كەلمەي: - ئاكا، مەن ساڭا قارىغاندا ئاتا - ئانامنىڭ مېھرى - مۇھەببىتىنى ئاز كۆردۈم، سەن قانائەت قىل، بۇ قوينى مەن ئالاي، - دەپتۇ. ئىككىسى بىر قوينى ئەنە شۇنداق تالىشىپ، بىر - بىرىگە پەقەت يول قويماپتۇ. ئاخىرى ئۇلار كېلىشەلمەي قازىنىڭ ئالدىغا دەۋالىشىپ بېرىپتۇ. قازى دەۋا ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىپتۇ: - شەرىئەت ھۆكۈمىدە ئوغۇللار ئاتىدىن قالغان مال - دۇنياغا تەڭ ۋارىسلىق قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بۇ قوينى سىلەرگە يا سېتىپ پۇلنى، ياكى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى تەڭ ئۈلەشتۈرۈپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن سىلەر قازىخانغا دەۋالىشىپ كەلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قوي دەۋا ھەققى ئۈچۈن قازىخاندا قالىدۇ. ئاكا - ئۇكا بۇ ھۆكۈمنى ئاڭلاپ ئەلەم ئىچىدە بىر - بىرىگە قارىشىپتۇ. بۇنىڭغا نېمە ئامال بار دەيسىز؟! ئاخىر ئۇلار دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ >ماڭىمۇ يوق، ساڭىمۇ يوق دېگەن مۇشۇ< دېيىشىپ، قازىخانىدىن روھى چۈشكەن ھالدا قايتىپ چىقىشىپتۇ. بۇنىڭ بىلەنلا ئاكا - ئۇكا ئوتتۇرسىدىكى ماجرا تۈگەپ كەتمەپتۇ، ئۇلار غۇم ساقلىشىپ، ئەپ تاپسىلا بىر - بىرىنىڭ ئۈستىدىن غەيۋەت - شىكايەت قىلىدىغان، كىچىك ئىشلار ئۈچۈن سۈركىلىدىغان ھەتتا >سەن - پەن< دېيىشىپ ئۇرىشىدىغان دەرىجىگە يېتىپتۇ. ئەل - جامائەت ئوتتۇرىغا چۈشۈپ پەندى - نەسىھەت،سالا - سۈلھ قىلسىمۇ ياخشى بولۇش بۇياقتا تۇرسۇن، ئۇرۇش - ماجرالار تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىپتۇ. يۇرت ئىچىنى ئەنسىزلىك قاپلاشقا باشلاپتۇ. بۇ ئىككى ئاكا - ئۇكىنىڭ ئىشى بارغانسېرى پېتىرلىشىپ، ئاخىرىدا ئىككى قوشقارنىڭ بېشى بىر قازاندا قاينىمىغاندەك، بۇلارنىڭ بىر مەھەللىدە تۇرۇشىغا زادىلا ئىمكان قالماپتۇ. ئاخىرى قاغىباي: >مۇشۇ يۇرتتىن مەنلا چىقىپ كەتسەم بولغۇدەك< دەپ ئانا يۇرتنى تاشلاپ، بالا - چاقىلىرىنى باشلاپ، كۆزلىرىنى ياشلاپ، مال - ۋارانلىىرنى ھەيدەپ دۆڭقۇتانغا كۆچۈپ كېتىپتۇ. يىللار ئۆتۈۋېرىپتۇ. بۇ ئاكا - ئۇكىلار بىر - بىرىنى ئىزدەشمەي تۇرغان يەرلىرىدە ياشاۋېرىپتۇ. مال - ۋارانلىرى ئاينىپ بارالجىۋېرىپتۇ. ئۇلار ھەتتا بىر - بىرىنى ئۇنتۇپ كېتەر ھالغا كېلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارغا قېرىلىق يېتىپ، ساقال بۇرۇتلىرىنى، باشلىرىنى قىراۋ قاپلاپ، بەللىرى مۈكچىيىشكە باشلاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى موچۇنباي ئاغرىپ قېلىپ ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. ئەھۋال كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇ. ئەل - جامائەت ئەھۋال سوراپ، يوقلاپ تۇرسىمۇ، كۆڭلى بىر نەرسىنى ئىزدىگەندەك بولارمىش. ئۇنى ئويلاپتۇ، بۇنى ئويلاپتۇ، ئەمما كۆڭلى ئىزدىگەن نەرسىنى زادىلا تاپالماپتۇ. ئاخىرى ئۇنتۇپ كەتكەن ئۇكىسىنى - قاغىباينى يادىغا كەلتۈرۈپتۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆڭلى يورۇقلۇقىغا چىقىپ، جان تالىشىۋاتقان بېلىق سۇغا ئېرىشىپ قايتىدىن جان تاپقاندەك يايراپ كېتىپتۇ. كۆڭلى - كۆكسىگە قاغىباينىڭ پىراقى ئوت بولۇپ تۇتىشىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ موچۇنباي >ئۇكام قاغىباي بىلەن كۆرۈشمىسەم زادى بولمايدىكەن< دېگەن ئويغا كەپتۇ. لېكىن بۇنىڭغا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، يۇرت كاتتىلىرىنى ئۆيىگە چاقىرغۇزۇپتۇ، ئۇلارغا مۇنداق دەپتۇ: - ھەي، يۇرت كاتتىلىرى، سىلەر بىلەن گاھىدا ياخشى دېيىشىپ، گاھىدا يامان دېيىشىپ مۇشۇ يۇرتتا بىرگە ياشاپ كەلدۇق. مېنىڭ ھال - كۈنۈم مۇشۇ ھالغا چۈشتى. سىلەردىن بىر يادەم كۈتمەكچىمەن. يۇرت كاتتىلىرى: - موچۇنباي، بىزدىن كۈتىدىغان تەلىپىڭنى ئېيت، بىز ئورۇندايلى. بولمىسا بىزدە قىيامتلىك قەرز بولۇپ قالمىسۇن، - دەپتۇ. بۇرادەرلىرىم، مېنى ئۇكام قاغىباي بىلەن بىر كۆرۈشتۈرۈپ قويساڭلار، ئۇكامنىڭ دىدارىنى بىر كۆرسەم، ئۆلسەم جېنىمدىن رازى ئىدىم ھەم سىلەردىنمۇ ئۇ ئالەم - بۇ ئالەم رازى بولاتتىم، - دەپ موچۇنباي نۇرسىز كۆزلىرىگە ياش ئاپتۇ. - بولىدۇ، - دەپ رازىلىق بىلدۈرۈپتۇ يۇرت كاتتىلىرى. موچۇنباي بىلەن خۇشلىشىپ قايتىپتۇ. موچۇنباي مېھمانلار قايتقاندىن كېيىن ئۆز يېنىغا بىر موللىنى چاقىرغۇزۇپتۇ. ئۇنىڭغا ئۇكىسى قاغىبايغا قىلغان - ئەتكىنىگە پۇشايمان يېگەنلىك مەزمۇنىدا بىر پارچە نامە يەتكۈزۈپتۇ. نامىنى يۇرت كاتتىلىرى ئارقىلىق قاغىبايغا ئەۋەتىپتۇ. شۇ كۈنلەردە قاغىباي ئاكىسىدەك ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغىمۇ قېرىلىق يېتىپ، كۆزلىرىنىڭ نۇرى سۇسلىشىشقا باشلاپتۇ. ئۆزىگە يۇرت دېگەن بەرىبىر ئۆزگە يۇرت - تە! يېڭسۇنى سېغىنىدىغان ئاكىسىنى، يۇرت قەۋملىرىنى پات - پات ئويلايدىغان بولۇپ قاپتۇ. بىر كىمگە دەردىنى ئېيتىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشقا ئامالسىز ئىكەن. مانا شۇنداق قىيىن ئەھۋالدا يۈرگەن چېغىدا ئاكىسى ئەۋەتكەن كىشىلەر يېتىپ كەپتۇ. قاغىباي ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئاپتۇ، قىزغىن مېھمان قىلىپ ياخشى كۈتۈۋاپتۇ. كەلگۈچىلەر ئۆز مەقسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىلگىرى موچۇنباي ئەۋەتكەن نامىنى قاغىبايغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. قاغىباي نامىنى كۆزىگە سۈرتۈپتۇ. خۇشاللىقتىن يۈرەكلىرى يېرىلىپ كېتەي دەپ قاپتۇ. موللا چاقىرغۇزۇپ نامىنى ئوقۇتۇپتۇ. موچۇنباينىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يۇم - يۇم يىغلاپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدىلا كەلگۈچىلەردىن بىرى سۆز ئېلىپ: - قاغىباي، بولدى، كۆز يېشى قىلمىسىلا، ئۆتكەن ئىشلارغا سالاۋات دەيلى، بىز سىلىنى ئېلىپ كەتكىلى كەلدۇق. بۇنىڭغا ئۆزلىرى نېمە دەيلىكىن؟ - دەپتۇ. - ئۇھ... نېمە دەيتىم، - دەپتۇ قاغىبا ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ، - ئاكام مېنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن سىلەرنى ئەۋەتكەن بولسا مەن باراي. قاغىباينىڭ بۇ سۆزلىرىدىن كەلگۈچىلەر خۇش بوپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يول تەييارلىقىنى قىلىشىپ سەپەرگە ئاتلىنىشىپتۇ. ئۇلار ئۇزاق يوللارنى بېسىپ نۇرغۇن جاپالارنى يېڭىپ ئاخىرىدا يېڭىسۇغا يېتىپ كېلىشىپتۇ. بۇلارنى موچۇنباينىڭ بالىلىرى ئىشىك ئالدىغا چىقىپ كۈتۈپ ئاپتۇ. قاغىباي ئاكىسى ياتقان ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم قويۇشىغا، ئۆي ئىچىدىن ھەسرەت - نادامەتلىك، نالە - پەريادلىق مۇنداق بىر گەپ ئاڭلىنىپتۇ: ئاش تېپىلۇر، سۇ تېپىلۇر، تۇغقان تېپىلماس، بىر تۇتام پاختا بىلەن بويۇڭ يېپىلماس. بۇنى ئاكىسى موچۇنباينىڭ دەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان قاغىباي ئۆي ئىچىگە ئېتىلىپ كىرىپتۇ. ئاكىسىنىڭ ھالىنى كۆرۈپ، يۈرىكى قىزدۇرۇلغان زىخ سانجىلغاندەك يۇلقۇنۇپ، ئېچىشىپ كېتىپتۇ. ئاكىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ >ئاكا!...<، دەپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇشىغا، موچۇنباي نۇرسىز كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇكىسىنى كۆرۈپ: - ئۇكام... كەلدىڭ... ىمۇ! - دەپتۇ ئارانلا ۋە شۇئان ئۇنىڭ ئورۇق چىرايىغا كۈلگە يۈگۈرگەندەك بوپتۇ - دە، بۇ ئالەم بىلەن خۇشلىشىپتۇ. ئاكا - ئۇكىنىڭ دىدار كۆرۈشۈشى شۇ يەرگىچە بوپتۇ. قاغىباي ئۆزىنى ئاكىسىنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ پەرياد ئۇرۇپ ھازا - يىغا باشلاپتۇ، ئۇنىڭ يىغا - زارىدىن ئالەم تىترىگەندەك بولۇپتۇ. يۇرت - جامائەت سەۋرى قىلىش توغرىسىدا كۆپ نەسىھەت قىلىپتۇ، ئەمما قاغىباينىڭ يىغىسى بېسىقماي، كۆز يېشى سەل بولۇپ ئېقىپتۇ. قاغىباي ھەر قانچە يىغلىغان بىلەن مىيىتنى ساقلاپ تۇرغىلى بولمىغاچقا، جامائەت مۇردىنى يۇيۇپ تاراپ يەرلىككە تاپشۇرغىلى مېڭىپتۇ. قاغىباي بېلىگە ئاق باغلاپ، ھاسا تايىنىپ، تاۋۇت ئالدىدا مۇنۇ بېيىتنى ئوقۇپ يىغلاپ مېڭىپتۇ: تېپىلدى ئاش، تېپىلدى سۇ، تېپىلدى كەڭ يەر، يار - بۇرادەر بولۇش ئۈچۈن تېپىلدى كۆپ ئەر. لېكىن كۆڭۈل ئۈچۈن ئۇلار بولسىمۇ ئەمەك، بولمايدىكەن ئۆز تۇغقاندەك تىرەنچۈك - يۆلەك. تۇغقان دېگەن تۇغقان ئۈچۈن بەكمۇ ئېزىزكەن، بىر - بىرىگە كۆيۈپ ئۆتسە ئۆمۈر لەزىزكەن. ئۇرۇق - تۇغقان ئىناق ئۆتۈڭ، بىزدىن پەندىيات، ئىناقلىقتا گۈللەيدىكەن ئوقەت ھەم ھايات. قاغىباينىڭ ئوقۇغان بۇ بېيىتى موچۇنباينىڭ نامىزىغا قاتناشقان ھەممە كىشىلەرگە قاتتىق تەسىر قىلىپتۇ. ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ ئىناق ئۆتۈشىگە ئىبرەت بولۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يېڭىسۇلۇقلار ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا ئىناق - كۆيۈمچان بولۇپ ياشايدىغان بولغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق