تۇردىقارى بىلەن پادىشاھ
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر ئادەم بوپتىكەن. بۇ ئادەمنىڭ بالىلىرى ئۆلۈپ زادى توختىمايدىكەن؛ قىلمىغان ئىرىمى قالماپتۇ. شۇنداق قىلىپ، يۈرۈپ، يەتتىنچى ئوغلى تۇرۇپ قاپتۇ؛ ئۇنىڭ ئېتىنى تۇردىقارى قويۇپتۇ.
تۇردىقارى دادىسىدىن بەك كىچىك يېتىم قاپتۇ. ئۇ دادىسى ئۆلۈپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن، يەتتە ياشقا كىرىپتۇ. بىر كۈنى ئانىسى:
- بالام، ئاتاڭ ئۆلەر ئالدىدا «بالام كىچىك قالدى، مەن پانىدىن باقىغا رەھمەت قىلىدىغان ئوخشايمەن، ناۋادا ئۆلۈپ - تارتىپ قالسام، بۇ دۇنيادا مېنىڭدىن ساڭا قالىدىغان ئامانىتىم مۇشۇ بالا، ياخشى بېقىپ، كۆزىڭنىڭ قارچۇغىدەك ساقلارسەن، ئاتاڭنىڭ ۋەسىيىتى دەپ ئوقۇتارسەن » دىگەن ئىدى. يېشىڭ يەتتىگە يەتتى. ئاتاڭنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، يۇر سېنى موللىغا ئاپىرىپ تاپشۇراي، - دەپتۇ ۋە جۈمە كېچىسى بالىسىنى يۇيۇپ، پاكىز كىيىندۈرۈپ، بىر تاۋاق ئاش قىلىپ، موللىغا ئاپىرىپتۇ.
يىللار ئۆتۈپتۇ. تۇردىقارى موللىدا ئوقۇپ يۈرۈپ بەك ئەخلاقلىق، مېھرى - شەپقەتلىك بالا بوپتۇ؛ ئۇ زادىلا ھارامزادىلىكنى بىلمەيدىكەن. ئىلاجى بولسا، كىشىلەرگە ياخشىلىق ئىزلەيدىكەن. خۇلۇم - خوشنا، يېتىم - يېسىر، تۇل خوتۇنلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدىكەن، ھەتتا جان - جانىۋارلارنىڭ جېنىغا ئازار بەرمەي، ئۇلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇردىقارى مەكتەپكە كەچ قاپتۇ. چايمۇ ئىچىمەي بىر توقاچنى قوينىغا تىقىپ، جىلىتىسىنى كوتىرىپ، يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ، بىر پاقىنى دەسسىۋاپتۇ. پاقا «غۇق» قىلىشى بىلەن تۇردىقارى توختاپ قاپتۇ - دە، ئانچە ئويلانمايلا، پاقىنىڭ قوينىغا سېلىپ، مەكتەپكە كەپتۇ. ئۇ موللىسىنىڭ كىتاپ ساندۇقىنىڭ بىر يىرىغىدىن پاقىنى سېلىۋېتىپ، ئۆزى ئوقۇشقا ئولتۇرپتۇ.
تۇردىقارى ھەر كۈنى دەم ئېلىشتا ۋە دەرىستىن قايىتىش ۋاقىتلىرىدا ئاپارغان نېنىنى چايناپ بېرىپ پاقىنى بېقىپتۇ. بارا - بارا ئۇ ئۆيدىن بىر توقاپ ئورنىغا ئىككى توقاپ ئالىدىغان بوپتۇ. كېيىن ئۈچ توقاچ... شۇنداق قىلىپ، كېيىنكى كۈنلەردە توت توقاچ ئالىدىغان بوپتۇ. باشتا ئاز يەيدىغان پاقىمۇ مانا ئەمدى كۆپ يەيدىغان بوپتۇ. تۇردىقارى ئۇنى ناھايىتى ئېزىزلاپ بېقىپ، سۇ بېرىپتۇ، ئارىلاپ - ئارىلاپ ئۇنى ئەكىلىتىپ قويىدىغان بوپتۇ. بىر كۈنى موللىسى:
- بالىلار، ئەمدى ياز كېلىپ قالدى، باغقا چىقىپ ئىككى ئاي تۇرىمىز، شۇ يەردە ئوقۇيمىز؛ كەم - كۇتىلىرىڭلارنى جايلاپ كېلىڭلار ئەتە ماڭىمىز، - دەپ ئۇقتۇرۇپتۇ. بالىلارنىڭ ھەممىسى يۈگۈرۈشۈپ ئۆيلىرىگە كېتپتۇ. تۇردىقارىمۇ ئۆيىگە كېلىپ كۆپ ئويلاپتۇ، بارماي دىسە، موللىسى بىلەن ئانىسىدىن قورقۇپتۇ؛ باراي دىسە، بېقىۋاتقان پاقىسىنى ئويلاپتۇ. ئىلاجىسىز قېلىپ، ئاخىرى بارىدىغان بوپتۇ، ھەممە ئىشنى ئانىسىغا ئېيتىپتۇ. ئانىسى تەييارلىغىنى قىلىپ بالىسىنى ئۇزىتىپتۇ .
تۇردىقارى يېتىپ كەلگىچە موللىسى بالىلارنى يىغىپ، جابدۇق، كىيىم - كېچەكلەرنى ھارىۋىلارغا بېسىپ، ئاندىن كىتاپ ساندۇغىن ئېلىپ چىقىپتۇ. - دە، كىتاپ ئالماقچى بوپتۇ؛ بالىلار «ۋاي موللام!» دەپ چىقىرىشىپ، قوللىرىدىكى كىتاپلارنى تاشلاپ قېچىپتۇ. موللا قارىسا ساندۇرقتا ئادەم ھەيران قالغىدەك، چاقتەك يوغان پاقا تۇرغان.
- بۇ نىمە ئىش، كىم ئەكىردى بۇنى؟ ! دەپ ۋارقىراپتۇ. - موللا. ھېچكىم ئۇندىمەپتۇ. موللا:
- ئېيتىش، قايسىڭنىڭ قىلغان ئىشى بۇ؟ قايسىڭ ئەكىرگەن بولساڭ ئېلىش، كىم ئەكىرگەن - ھە! - دەپ ۋارقىرىغاندا، تۇردىقارى:
- مەن - دەپتۇ.
- نىمە ئۈچۈن پاقىنى بۇ يەرگە ئەكىلپ يۈرىسەن؟ - دەپتۇ موللا.
- موللا، - دەپتۇ ئۇ، - سىلى چىۋىن، چۈمۈلىگىمۇ ۋابال قىلماڭلار، دىگەن ئىدىلە. بىر كۈنى مەكتەپكە كەچ قېلىپ يۈگۈرۈپ كېلىۋېتىپ، بۇ پاقىنى كۆرمەي دەسسەپ قويۇۋېدىم. ئۇ ناھايىتى قىيلىنىپ كەتتى، مەن ئۇنىڭغا گۇناكار بولۇپ قالدىم: شۇنىڭ بىلەن سىلىنىڭ سۆزلىرى ئېسىمگە كەلدى - دە، ئۇنى ئالغاچ كېلىپ، مۇشۇ يەرگە سېلىپ قويغان ئىدىم، كۈنىگە ئىككى - ئۈچتىن توقاچ بېرىپ بېقىۋاتقىنىمغا توغرا ئۈچ يىل بولدى.
- ھوي ھارامزادە يوقات بۇنى ھازىر، - دەپ ۋارقىراپتۇ. موللىسى. بالىلار قورققىنىدىن قېچىپ تۇرۇشۇپتۇ. تۇردىقارى ئاستا كېلىپ، پاقىنى چاپىنىغا يۆگەپ، ئاران دىگەندە، يەردىن كتىرىۋاپتۇ: كوتەرگەن پېتى ئىنجىقلاپ تۇرۇپ كۆلنىڭ تۈۋىگە ئاپىرىپتۇ. ئۇ پاقىنى يەرگە قويۇپ بىر توقاچنى بەرگەن ئىكەن. «ھاپلا» قىلىپ يۇتۇۋېتىپتۇ. تۇردىقارى ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپتۇ:
- خەير پاقام! سېنى دەسسەپ تېنىڭگە ئازار بەردىم. گۇنايىم ئۈچۈن ئۈچ يىل سېنى باقىتىم؛ يەنە گۇنايىم بولسا، كەچۇرەرسەن، - دەپتۇ. پاقا قولىدىن چىقىپ، سەكرەپلا كۆلگە چۈشۈپ چۆكۈپ كېتىپتۇ. تۇردىقارى كۆزىگە «موللىدە» ياش ئېلىپ، ئارقىسىغا شۇندا قاراپ مېڭىشىغا كۆلدىن بىر ئاۋاز چىقىپتۇ. قارىسا ھېلىقى پاقا سۆزلەۋاتقىدەك:
- ھەي قارى، سەن مېنى باقتىڭ، ياخشىلىق قىلىدىڭ، ۋاقتىدا تائام، ۋاقتىدا ئۇسسۇلۇق بېرىپ كۇتتۇڭ. مېنىڭ ئۈچۈن كوپ ئاۋارچىلىق تارتتىڭ، ئاھانەت ئىشىتتىڭ. مەن بولسام مانا ھازىر ئاتا - ئانام ۋە ئۇرۇق - تۇغقان، قوۋمى - قېرىنداشلىرىم بىلەن كۆرۈشتىم، سېنىڭ قىلغان ياخشىلىقىڭغا رەھمەت. مېنى بىر پەس كۇتۇپ تۇر.
پاقا شۇ گەپنى قىلىپ بولۇپ سۇغا كىرىپ كېتىپتۇ.
ھايال قىلماي پاقا يەنە چىقىپ، ئاغزىدىن بىر ئەڭگۈشتەرنى چىقىرىپ بېرىپتۇ. تۇردىقارى ئەڭگۈشتەرنى قولىغا ئېلىپ:
- بۇنى نېمە قىلىمەن، - دەپ سوراپتۇ.
- ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن بەردىم، - دەپتۇ. پاقا، - بۇ ئەڭگۈشتەر بېشىڭغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدۇ، ئۇنىڭ بىرىنچى خىسلىتى، ئۆلگەننى تىرىلدىرىدۇ؛ ئىككىنچى، باغۇ - بوستان، ئىمارەت پەيدا قىلىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، نازۇ - نېمەت تەييار قىلىدۇ. بۇنى يوقاتما، جېنىڭدىن ئەزىز كۆرۈپ ساقلىغايسەن؛ خوش ئەمسە، قىيامەتتە كۆرۈشەرمىز.
تۇردىقارى ئەڭگۈشتەرنى قوينىغا سېلىپ، مەكتەپكە قايتىپ كەلسە، موللىسى بالىلارنى ئېلىپ، ئاللىقاچان كېتىپ قاپتۇ. تۇردىقارى ئويلا - ئويلا «ماڭا بىلىم دىگەن ھەر زامان كېرەك» دەپتۇ - دە، موللىسىنىڭ ئارقىسىدىن يولغا راۋان بوپتۇ. تۇردىقارى مۇشۇ يەردە كىچىككىنە دەم ئېلىۋالاي دىگەن ئوي بىلەن بېدىلىكنىڭ يېنىدىكى بىر قارىياغاچنىڭ سايىگە كەپتۇ. چاپىنىنى بېشىغا قويۇپ، «ئۇھ» دەپ يېتىشىغا يېنىدىن بىر ئۆلۈك يىلان پەيدا بوپتۇ. تۇردىقارى ئەڭگۈشتەرنى قولىغا ئېلىپ: «ئەگەر ئەڭگۈشتەر ئۆلۈكنى تىرىلدۇرىدىغان بولسا، مۇشۇ يىلاننى تىرىلدۇرىدۇ» دىگەن ئوي بىلەن شۇنداقلا سۈركىگەن ئىكە. ھېلىقى يىلانغا جان كىرىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ تازىم قىپتۇ:
- ھەي ئادىمىزاتنىڭ ياخشىسى، سەن مېنى تىرىلدۇردۇڭ، ماڭ ياخشىلىق قىلدىڭ. مەن بالىلىرىمغا ئوزۇق تېپىپ كېلەي دەپ، يولىدا كېتىۋاتسام قارا باش نىمىلەر يۈگۈرۈشىپ كېلىپ، مېنى تاياق - توقماق بىلەن بىگۈناھ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، مۇشۇ يەرگە تاشلىۋەتكىنگە بۈگۈن ئۈچ كۈن بولغان ئىدى. سەن ماڭىلا ئەمەس، ئىككى بالام بىلەن بىز بىر ئۆيلۇكنى ئولۈمدىن قۇتقۇزدىڭ، ساڭا رەھمەت، قاچان بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە، مېنى ئەسلىسەڭ، مەن تەييار بولىمەن، - دەپتۇ - دە، يەر بېغىرلاپ كېتىپ قاپتۇ.
تۇردىقارى ئەڭگۈشتەرنىڭ خاسىيىتىگە شۇندىن كېيىن ئىشىنىپتۇ. ئۇ شۇ يەردە بىرئاز دەم ئالغاندىن كېيىن، يەنە يولغا چۈشۈپتۇ. بىر يەرلەرگە كەلگەندە ئۆلۈك بىر گۈل ھەرىسىگە ئۇچراپتۇ. تۇردىقارى «بۇنى تىرلدۇرەلەمدىكىن» دىگەن ئوي بىلەن ئەڭگۈتەرنى ئۇنىڭغا سۈركىگەن ئىكەن. ئۇمۇ تىرىلىپ غىڭلداپتۇ - دە:
- قاچان بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە مەن تەييار! - دەپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
ئۇ يەنە يولىنى داۋام قىپتۇ. بىر ھازا يول يۈرگەندىن كېيىن، بىر بۇلاق تۈۋىگە كېلىپ پوتىسىدىن بىر توقاچنى ئېلىپ ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ، يېرىمىنى بۇلاق سۈيىگە چىلاپ يەپ دەم ئېلىپ ئولتۇرسا، يىراقتىن بىر نەرسە كۆزگە چېلىقىپتۇ. بېرىپ قارىسا، بىر مۇشۇك ۋە بىر نەچچە چاشقانلار تۇرغان. مۇشۇكمۇ ئۆلۈك،چاشقانلارمۇ ئۆلۈك، تۇردىقارى: «مۇشۇك دىگەننىڭ يامانلىقى يوق، بۇنى كىم ئولتۇرگەندۇ؟ بۇنىڭغا بىر ياخشىلىق قىلىپ قوياي» دەپ ئەڭگۈشتەرنى ئۇنىڭ بوينىغا شۇنداقلا سۇركىگەن ئىكەن. ئۇ تىرىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنى بىر سىلكىپ، ئالدى ئىككى پۇتىنى ئىگىز كۆتەرگەن ھالدا سالام قىپتۇ.
- ھەي ئادىمىزات، - دەپتۇ مۈشۈك، - مېنى تىرىلدۇردۇڭ، ئېتىزدىكى ئاشلىقلار تازا پىشقان چاغدا، ئاشلىقنى چاشقان بېسىپ، زىيان كەلتۇرۇشكە باشلىدى. ئادەملەرنىڭ ھەممىسى چاشقانغا قارىشى قوزغالدى. بىزنىڭ ئائىلىمۇ ئېتىزغا كۆچۈپ چىقىپ،چاشقانلارنى ئۆلتۇرۇشكە كىرىشىتى. مەنمۇ تىنچ ياتمىدىم: كېچە - كۈندۈز چاشقانلارنى قىرىۋاتقسام، پادىشاھنىڭ ئوغلى ئوۋدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ، مېنى بىگۇناھ ھالدا ئاتقا دەسىتىپ ئۆلتۇرۋەتتى. قانچە نالە قىلساممۇ، يالۋۇرساممۇ كارى بولمىدى...
مانا مەن بۈگۈن يورۇق دۇنياغا قايتىپ كەلدىم، سېنىڭ قىلغان ياخشىلىقىڭنى ئۆلسەممۇ ئۇنتۇمايمەن.
كەچ كىرىپ قالغاچقا تۇردىقارى شۇ يەردە بىر ئەسكى كەپىگە كىرىپ يېتىپ قاپتۇ. مۇشۇكمۇ ئۇنىڭ قوينىغا كىرىپ يېتىپتۇ. ئۇلار كېچىنى شۇ كەپىدە ئۆتكۈزۇپتۇ. - دە، تاڭ ئاتقاندا، بىر - بىرلىرى بىلەن خوشلىشىپ، ئىككىسى ئىككى ياققا قاراپ راۋان بوپتۇ. ئۇلار ئايرىلىش ئالدىدا مۇشۇك:
- قاچان بېشىڭغا كۈن چۈشسە، مېنى ئەسلە، شۇ ۋاقىتتا ئالدىڭدا ھازىر بولىمە، - دەپتۇ.
تۇردىقارى كەچكىچە يول يۈرۈپتۇ. شام ئارىلىغىدا بىر شەھەرگە كىرىپتۇ. موللىسى بالىلارنى ئېلىپ كەلگەن شەھەر مۇشۇ ئىكەن.
تۇردىقارى «خۇدايا شۈكرى، ئەمدى يېتىپ كەلدىم، بالىلارنى تېپىۋالسام بولغىنى» دېگەن ئوي بىلەن كەچ بولسىمۇ، ئۇلارنى ئىزلەپ، شەھەر چېتىدىكى بىر باغنىڭ تۈۋىگە كەلسە، بىر ئادەم خارتىلداپ قانغا بويىلىپ يېتىپتۇ. «ھەي بىچارە» دەپ ئىچى ئاغرىغان تۇردىقارى ئەڭگۈشتەرنى سۈركىگەن ئىكەن. ھېلىقى ئادەم ساپ - ساق بولۇپلا، ئورنىدىن تۇرغان زامان ئېسىلپتۇ:
- ھە، مېنى ئۇرۇپ يىقىتقان سەن ئەمەسمۇ، ئەمدى قولۇمغا چۈشىڭمۇ؟ ھەي خالايىق! ... قاتىلنى تۇتتۇم! - دەپ ۋاقىراپتۇ. خۇپتۇن نامىزىدىن چىققان جامائەت يىغىلىپتۇ. تەرەپ - تەرەپتىن يولۇچىلار توپلىنىتۇ، قورا - قورالاردىن ئادەملەر يۈگۈرۈشۇپ چىقىشىپتۇ. بىرلىرى «ئالدىنقى كۈنى ئۆلتۈرگەن ئادەمنى مۇشۇ ئۆلتۇرگەن ئىكەن» دىسە، بەزىلەر «ئاخشام كوچىغا توكۈلگەن ئادەمنىڭ قېنىنىمۇ مۇشۇ بىرنىمە تۆككەن بولسا كېرەك» دىيىشىپتۇ. يەنە بەزىلەر بولسا بۇنى: «ئۇرۇپ ئولتۇرۇش كېرەك» دىيىشىپتۇ. يەنە بەزىلەر بولسا بۇنى: «ئۇرۇپ ئۆلتۇرۈش كېرەك» دەپ دىۋەيلەپتۇ.شۇنداق قىلىپ، «ئۇر، تارت!» بىلەن تۇردىقارىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا سۆرەپ مېڭىپتۇ.
- دات، پادىشاھى ئالەم، دات! - دەپتۇ ھېلىقى ساقايغان ئادەم.
- نېمە دادىڭ بار، دادىڭ بولسا ئېيىت، - دەپتۇ پادىشاھ.
- ئادەم ئۆلتۈرگەن قانخورنى تۇتتۇق، - دىيىشىپتۇ كۆپچىلىك.
بىر كىشى پادىشاھنىڭ ئالدىغا چىقىپ:
- پادىشاھى ئالەم، بۇرناكۈن ئۆلگەن ئادەمنى ئۆلتۈرگەن مۇشۇ، تۈنۈگۈنكى كوچىدا توكۈلگەن قانمۇ مۇشۇ شۇمنىڭ ئىشى، بۈگۈن بولسا مۇنۇ كىشىنى ئۆلتۇرۇشكە ئاز قالغان ئىكەن، تۇتۇۋالدۇق، - دەپتۇ.
پادىشاھ تۇردىقارىدىن سۆزمۇ سورىماي:
- ئاپار بۇ بەدبەخنى زىندانغا! - دەپتۇ ئەمىر قىپتۇ.
پادىشاھنىڭ جاللىتى ئۇنى يەتتە قات زىنداننىڭ ئاستىغا سولاپ قويۇپتۇ. نانمۇ بەرمەپتۇ، سۇمۇ بەرمەپتۇ. تۇردىقارى ئاچ - زېرىن داق يەرگە كۆكىسىنى بېسىپ يەتتە كۈن يېتىپتۇ.
ئۇ بېشىغا شۇنداق قاتتىق كۈن چۈشكەندە، ئۆزى يولدا تىرىلدۈرگەن يىلان، مۈشۈك ۋە ھەرىنى ئەسلەپ، كۆزىگە ياش ئاپتۇ. ئۇنىڭ ئاھ - زارى ئۇلارغا يېتىپ، شۇ زامان مۈشۈك توڭلىكتىن، ھەرە دەرىزىدىن، يىلان يەر ئاستىدىن كىرىپ كەپتۇ، - ئۇلار بۇنىڭ خىزمىتىگە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، چىقىپ كېتىپتۇ.
مۈشۈك نان ، يىلان گۆش، ھەرە ھەسەل بىلەن سۇ توشۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار يەتتە يىل تۇردىقارىنى بېقىپتۇ. تۇردىقارىنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاشقاندا، ھەرە دورا گىيالىرىنى ئەكىلىپ ئۇنى ساقايتىپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى پادىشاھ ئاغرىپ قاپتۇ. ئاغرىغى سوزۇلۇپ يەتتە يىل ئورۇن تۇتۇپ يېتىپتۇ. ئۇنىڭغا يەتتە ئىقلىمدىن چاقىرمىغان تىۋىپ، قىلمىغان دورا قالماپتۇ. ھېچ داۋا بولماپتۇ. ئۇ پادىشاھنىڭ ئاي دىسە ئاي ئەمەس، كۈن دىسە كۈن ئەمەس، نۇرجاماللىق، بويىغا يەتكەن بىرلا قىزى بار ئىكەن، بىر كۈنى پادىشاھ يېقىن ۋەزىرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا:
- ھەي ۋەزىرىم! مەن ھېچ ياخشى بولالمىدىم، خەلقى - ئالەمگە جاكار قىلىڭ، ئەگەر كىمكى مېنى ساقايتىسا، پادىشاھلىغىمنى ھەم قىزىمنى بېرىمەن! - دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلاپ، دۇنيادا داڭقى چىققان ھارۇللا دېگەن ئاتمىش ياشلىق موللا پادىشاھقا خەۋەر يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ ئالدۇرۇپتۇ. ھارۇللا يەتتە كېچە - كۈندۈز ئوقۇپ ھېچ ساقايتالماپتۇ. شۇ ئارىدا قىزغا نەپسى تاقىلداپ، ئۆزىمۇ ئاشىقلىق كېسلىگە مۇپتىلا بولۇپ، كېسەل پېتى قايتىپ كېتىپتۇ. ئاڭغىچە تۇردىقارىمۇ تېنىچ ياتماپتۇ. يىلان، مۈشۈك ھەرىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن يەر ئاستىدىن يول ئېچىپ، پادىشاھ ياتقان ئۆينىڭ ئاستىغا يېتىپ كەپتۇ.
پادىشاھ ئۆلەر ھالغا كەپتۇ. جۈمە ئاخشىمى ئۇ سەكرەتقا چۈشۈپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئۇرۇق - تۇغقان، خۇلۇم - خوشنا، قوۋمى - قېرىنداش، ۋەزىرلىرى بېشىدا قادىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. خوتۇنى بىلەن قىزى يىغا - زارە قىلىپ تۇرغاندا، يەر ئاستىدىن:
- ئۆلگەننى تىرىلدۈرىمەن، ئاغرىقنى ساقايتىمەن! - دىگەن ئاۋاز چىقىپتۇ.
ھەممەيلەن جىم بولۇشۇپ قاپتۇ. يەر ئاستىدىن يەنە ئاۋاز كەپتۇ:
- ئۆلگەننى تىرىلدۇرىمەن... ئاغرىقنى ساقايتىمەن! ئەگەر پادىشاھ پادىشالىغى بىلەن قىزىنى بەرسە، دېگەن ۋەدىسگە ۋاپا قىلسا، پادىشاھنى ساقايتىمەن!
ۋاي بولىدۇ!... ۋاي بولىدۇ!... - دەپ ۋارقىراپتۇ باش ۋەزىر.
- راستمۇ، راستمۇ؟ - دەپ تەكرارلاپتۇ. تۇردىقارى.
- ۋاي بولىدۇ، ۋاي راست! - دەپ ۋارقىراپتۇ باش ۋەزىر.
- ئۇنداق بولسا، مېنىڭ ئىسمىم تۇردىقارى... يەتتە قات زىنداندىن مېنى بوشىتىڭلار... - دىگەندە، بۇلار ھەيران قېلىشىپتۇ.
ۋەزىر بىلەن پادىشاھنىڭ قىزى يۈگۈرۈپ چىقىپ، زىندان بېگىگە بۇيرۇق بېرىپتۇ. زىندان بېگى تېزدىن زىنداننى ئېچىپتۇ. پادىشاھنىڭ قىزى يۈگۈرۈپ كىرىسە، يالىڭاياق، يالاڭتوش، ئۇچىسىدا ئەسكى بىر ماتا ئىشتاندىن باشقا نەرسە قالمىغان، تېنىنى توپا باسقان، چېچى ئوسۇپ يۈزىنى ياپقان، كۆزى بىلەن چىشىلىرى پارقىراپ قالغان بىر بالا ئولتۇرغان.
بۇنى كۆرگەن پادىشاھنىڭ قىزى ھەم ۋەزىرلەر ھەيران بولۇشۇپتۇ. باش ۋەزىر:
- پادىشاھنى ساقايتىدىغان سەنمۇ؟ - دەپتۇ.
- ھە، مەن، - دەپتۇ تۇردىقارى.
- ئۇنداق بولسا چىق بوياققا!
تۇردىقارىنى پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا ئېلىپ كەپتۇ.
توپلانغان ۋەزىر - ۋۇزىرا، ئۆلىمالار... بالىغا ئىشەنمەپتۇ. شۇ چاغدا ۋەزىر:
- ساقايتالامسەن؟ - دەپتۇ.
- ساقايىمەن! - دەپتۇ تۇردىقارى
- ھەي، گۇناھكار! ئەگەر پادىشاھنى ساقايتالمىساڭ، كاللاڭ ئېلىنىدۇ، رازىمۇسەن؟ - دەپ سوراپتۇ يەنە ۋەزىر.
- خوپ، ئەگەر ساقايتسام، پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋاجىپ بولغايمۇ؟ - دەپتۇ تۇردىقارى.
- بولىدۇ، - دىيىشىپتۇ ئۇلار. تۇردىقارى:
- پۇتۇم يېزىپ موھۇر يېزىڭلا! - دىگەندە، ۋەزىر پۇتۇم يېزىپ پادىشاھنىڭ موھۇرىنى بېسىپتۇ.
تۇردىقارى ئىشتان قىرىغىقىدىكى ئەڭگۈشتەرنى تۇيغۇزماي ئېلىپ، پادىشاھنىڭ بۇرنىغا شۇنداق تەككۇزۇپ، گەجىگىگە سۇركىگەن ئىكەن. پادىشاھ پادىشاھ دەررۇ كۆزىنى ئېچىپ، ياتقان ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ. قاراپ تۇرغان بارلىق خالايىق ھەيران قاپتۇ. پادىشاھ ھۇشىغا كېلىپ:
- ھەي قۇل، سەن قاچاندىن بېرى سولاقتا بولدۇڭ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- سىلى ئاغرىغاندىن باشلاپ. بۇ يىل توغرا يەتتە يىل بولدى، - دەپتۇ تۇردىقارى.
- قانداق سولانغان ئىدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. پادىشاھ.
تۇردىقارى چالا ئۆلۈك ياتقان ئادەمگە ياخشىلىق قىلمەن دەپ، بىگۇنا سولاققا چۈشۇپ كەتكىنىنى ئېيتىپتۇ. پادىشاھ: «مېنى بىگۇناھ سولىدىڭ» دىگەن سۆزىگە ئاچچىقلىنىپ ھەم «ئۆزەم سولىغان ئادەمگە ئۆزەم قىزىمنى بەرسەم، خەلقى - ئالەم ئالدىدا نۇمۇس ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى قارا!» دەپ ئويلاپ، دەرھال جاللاتلىرىنى چاقىرىپ بۇيرۇپتۇ:
- ھازىر بۇنىڭ كاللىسىنى ئال!
جاللاتلار ئۇنى ئېلىپ ماڭغاندا ۋەزىرى:
- ئەي پادىشاھى ئالەم، بۇنى ئۆلتۈرۇش نامەرتلىك، بۇنىڭ قىلغىنىنى بارلىق خەلق ئاڭلاپ كەتتى؛ ئۇنىڭدىن كۆرە بۇنىڭغا بىر ئېغىر ۋەزىپە تاپشۇرايلى، شۇنى ئورۇنلىسۇن، ناۋادا ئورۇنلىيالمىسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇنىڭ كاللىسىنى ئالايلى، - دەپتۇ. بۇنىڭغا پادىشاھ رازى بوپتۇ:
- ھەي قۇل، سەن ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشنى ئويلىساڭ، ئۇزۇنلۇغى سەكسەن غۇلاچ، كەڭلىكى يىگرىمە غۇلاپ، ئوتتۇرىسىدا ئىككى يول، ئۆيلىرى يەتتە قەۋەت، گۈل چېكلگەن، تاملىرى مەر - مەردىن ئىشلەنگەن، يوللىرىغا تاش يېيىتىلغا، ئەتراپغا گۈل تىكىلگەن، ئوڭ تەرىپى باغ - ۋاران، يەتمىش ئىككى تۈلۈك مېۋە پىشقان، ئېرىقلىرىدا زۇمرەت سۇ ۋە شەۋەت ئېقىپ تۇرغان، تۇرلۈك جانۇ - جانىۋار سايرىشىپ تۇرغان ساراي تەييار قىلسەن، ئەگەر مۇشۇنى ياساپ چىقىساڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قىزنى ئالىسەن، - دەپتۇ.
- خوپ، تەقسىر، - دەپتۇ تۇردىقارى.
- ئۇنداق بولسا، ئىشلىتىش ئۈچۈن بەش مىڭ ئادەم، قورال - جابدۇق، يەتكىچە ئوزۇق - تۈلۈك ئېلىپ ئۈچ ئايدا تەييار قىل! - دەپتۇ پادىشاھ.
تۇردىقارى كۈلكىسىنى زورىغا بېسىپ پادىشاھغا قاراپ:
- پادىشاھ ئالەم، ئۇنچە ئاۋارە بولماڭ، سىزنىڭ ھېچنەرسىڭىز كېرەك ئەمەس ئەتە سىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ غىزالانغىچە، مەن بارلىغىنى تەييارلاپ قوياي، - دەپتۇ.
- سەن، ساراڭمۇ، ئوڭمۇ؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ. پادىشاھ. بەزىلەر كۈلۈشۈپتۇ.
- پادىشاھى ئالەم، ئۆلۈكتىن تىرىلدۈرگەن يەردە ساراي سېلىش دېگەن نىمتتى، ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلماي، ماڭا ساراي سالىدىغان مەيداننى كۆرسەتسىلە، - دەپتۇ تۇردىقارى.
پادىشاھ ئۇنىڭغا زادىلا ئىشەنمەپتۇ. ئىچىدە: «بۇ مېنى ئالداپ قېچىپ كەتمەكچى» دەپ ئويلاپتۇ. ۋەزىر:
- پادىشاھى ئالەم، بوپتۇ دىمەمدىلا، كەينىگە قاراۋۇل قويايلى، يەرنى كۆرسىتەيلى، ئەگەر قىلالمىسا، كاللىسىنى ئالايلى، - دەپتۇ.
ۋەزىر ئۇنى ئېلىپ چىقىپ ئوردا سالىدىغان ئورۇننى كۆرسىتىپتۇ. تۇردىقارى مەيدانغا كېلىپ، ئوتتۇرىسىغا بېرىپ، ئۇياققا مېڭىپتۇ، بۇياققا مېڭىپتۇ، ئاخىرى بىر يەردە ئولتۇرۇپ، چاپىنىنى بېشىغا قويۇپ بىغەم ئوخلاپتۇ. قاراۋۇللار بۇنى كۆرۇپ: «ۋاي، بۇ، بەرىبىر ئەتە ئۆلىدۇ» دىيىشىپ، كېچىسى تۈن يېرىمىغىچە ئۇنى ساقلاپ، ئۇلارمۇ تۇرغان يېرىدە ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. بارلىغىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، تۇردىقارى ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئەڭگۈشتەرنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، تۇردىقارى ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئەڭگۈشتەرنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا ئىگىز تاشلاپ، «ئىھ ئاللا، مېنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن!» دەپتىكەن، ئەڭگۈشتەر يەرگە چۈشۈشى بىلەن تەڭ تۇتۇپ كوتىرىلىپ، تۇمان بېسىپتۇ. كېيىن تۇمان ئاستا - ئاستا ئاسمانغا كۆتىرىلىپ، تۇمان بېسىپتۇ. كېيىن تۇمان ئاستا - ئاستا ئاسمانغا كۆتىرىلىپ، ھېلىقى مەيداندا پادىشاھنىڭ بويرۇغىدىن مىڭ ھەسسە ئارتۇق بىر ئوردا پەيدا بوپتۇ. پادىشاھنىڭ قىزى ئۈچۈن ئالايىتەن چارىباغ پەيدا قىپتۇ. بۇ چاغدا ھېلىقى قاراۋۇللار ئويغىنىپ قارىسا، باشقا بىر دۇنياغا كېلىپ قالغان!
ھوي، بۇ شەھەرگە بىزنى كىم ئەپلېپ قويدى؟! ئوڭىمىزمۇ - چۈشىمىزمۇ؟! - دىيىشىپ ھاڭ - تاڭ قاپتۇ.
تۇردىقارى ئەڭگۈشتەرنى ئىشتان قىرغىغىغا قىستۇرۇپ، ئەتىسى سەھەر پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كېلىپ، دەرۋازىنى ئۇرۇپتۇ. ۋەزىر چىقىپ، تۇردىقارىنى پادىشاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ كىرىپتۇ. تۇردىقارى پادىشاھنىڭ يېڭى ئوردىغا چىقىشىنى تەكلىپ قىپتۇ. ھېچكىم ئىشەنمەپتۇ. پادىشاھ ئۆزىنىڭ ۋەزىر - ۋۇزىرالىرى، ئالىم - ئولىمالىرى بىلەن چىقىسا، راست. ئۆزىنىڭ دىگىنىدىنمۇ ئارتۇق بىر بىنا بارلىققا كەلگەن. بىنانىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاسمان پەلەك ئىگىزلىكتە ئالتۇندىن ياسالغان تەخت ۋالىلداپ تۇرغان. پادىشاھ ھەيران قاپتۇ.
پادىشاھ ئەمىر قىلىپ ئوردىنى كۆچۈرۈپ چىقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ تۇرىقارىغا قىزىنى بېرىشكە مەجبۇر بوپتۇ.