مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ساياھىتى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى ناھايىتى بىلىملىك چاغلايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭغا خۇدادىن ساياھەتكە چىقىش توغرىلىق ۋەھى كەپتۇ. ئۇ سەپەرگە چىقىپتۇ. ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ كۆل بويىدا تۇرغان يېشىل تونلۇق بىر ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ. ئۇ ئادەم مۇسا ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈش بىلەن تەڭ:
- ھوي مۇسا، سەپىرىڭ قاياق؟ - دەپ سوراپتۇ. ئەسلىدە بۇ ئادەم خېزىر ئىكەن. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆمرىدە زىنھار كۆرۈپ باقمىغان بۇ كىشىنىڭ ئۆز ئىسمىنى مۇنداق چاقىرغانلىقىدىن ھەيران قاپتۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىنتايىن بىلىملىك زات ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەزۋەيلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. بىراق ھېلىقى ئادەم قولى بىلەن ئىشارە قىلىپ بىر قۇچقاچنى كۆرسىتىپتۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام بېشىنى كۆتىرىپ قارىسا، ھېلىقى قۇشقاچ كۆلدىكى سۇنى تۇمشۇقى بىلەن سۈمۈرۈپ تامچىتىپ تۇرغۇدەك. ئۇ قۇشقا ئۇزاق تىكىلىپ قاراپتۇ. شۇ چاغدا خېزىر:
- ھەي مۇسا، سەن ئۆزەڭنى ئۇنىچىۋالا بىلىملىك چاغلىما، سېنىڭ بىلىمىڭ ئاۋۇ قۇشقاچنىڭ تۇمشۇقىدىن تامچىلاپ تۇرغان سۇ بولسا، مېنىڭ بىلىمىم ئەنە ئاۋۇ تۇرغان كۆل، - دەپتۇ.
بۇ ئىككىيلەن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۇلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن مۇنۇ نەرسىگە كېلىشىپتۇ: خېزىر سەپەر ئۈستىدە ئۇستاز. مۇسا ئەلەيھىسسالام شاگىرت بولىدىكەن. ھەممە ئىشتا مۇسا ئەلەيھىسسالام خېزىرغا بويسۇنىدىكەن.
ئىككىسى مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ. ماڭغاندىمۇ مول مېڭىپ، كەچ بولغاندا يول بويىدىكى بىر باينىڭ ئۆيىگە كىرىپتۇ. ئۇلار قانچە يالۋۇرسىمۇ، باي ئۇلارنى قوندۇرۇپ قېلىشقا ئۇنىماپتۇ. ماڭار چاغدا خېزىر ئىككى قولىنى كەڭ يېيىپ >ئون قويۇڭ يۈز، يۈز قويۇڭ مىڭ، مىڭ قويۇڭ ئۇنمىڭ بولۇپ كەتسۇن، ئاللاھۇ ئەكبەر< دەپ دۇئا قىلىپتۇ. ئۇلار بۇ ئۆيدىن چىقىپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۇلار ماڭا - ماڭا بىر تۇل خوتۇننىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەپتۇ. تۇل خوتۇن ئۇلارنى ئوچۇق چىراي بىلەن قىزغىن قارشى ئاپتۇ ۋە مېھمانلارنى ئۆيىگە باشلاپ، ئىككى ئۆچكىنىڭ بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ ئۇلارنى مېھمان قىلىپ قوندۇرۇپتۇ. ئەتىگەندە ماڭار چاغدا خېزىر : >بىر ئۆچكەڭنى بىز يىدۇق، قالغان بىرىنى بۆرە يىسۇن. ئاللاھۇ ئەكبەر< دەپ دۇئا قىلىپ ئۆز يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. يەنە مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ. كۈن چۈش بولغان مەزگىلدە بىر كۆل بويىغا يېتىپ كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا بۇ كۆلدە بەش ئوماق بالا سۇغا چۆمۈلۈپ ئويناپ يۈرگۈدەك. خېزىر ئۇلاردىن بىرىنى تۇتۇۋېلىپ، سۇغا چۆكتۈرۈپ تىنجىقتۇرۇپ، ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. دەل مۇشۇ ئىشقا كەلگەندە مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇنىڭ خېزىر ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ئەگەشمەي، ئارقىسىغا قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ خېزىر كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش بېرىپتۇ:
- مېنىڭ بىرىنچى قېتىم ئۇچرىغان بېخىل بايغا >ئون قويۇڭ يۈز، يۈز قويۇڭ مىڭ بولسۇن...< دەپ دۇئا قىلغىنىم، ئۇ بەكمۇ پىخسىق - پىششىق ئىكەن. ئۇنىڭ قويلىرى ئاخىرەتكە بارغان چاغدا يىلان - چايان بولۇپ، ئۇنى چاقسۇن دىگىنىمدۇر. ھېلىقى تۇل ئايالنىڭ ئىككى ئۆچكىسى بولۇپ، بىرىنى بىزگە ئۆلتۈرۈپ بەردى. يەنە بىرسىنى بۆرە يىسۇن دەپ دۇئا قىلدىم. مۇنداق قىلغىنىم - ئۇ ئايال ئىككى ئۆچكىسى بىلەن بولۇپ بەش ۋاق نامازنى ياخشى ئۆتىمەيدىكەن. شۇڭا ئىككى ئۆچكىسىنى بىراقلا يوق قىلىۋەتتىم. ئۇ ئەمدى خاتىرجەم بولۇپ، نامىزىنى قازا قىلماي ئوقۇيدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ بارار جايى جەننەتتۇر. ئاۋۇ بالا چوڭ بولغاندا بەش ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ. شۇڭا ئۇنى كىچىك چېغىدىلا ئۆلتۈرۈۋەتتىم، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان مۇسا ئەلەيھىسسالام ئىككى قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ سالام بەرگىچە، خېزىر كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇرغان يېرىدە داڭ قېتىپ، قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قاپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: قاسىم ئابلا