UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقغەۋغا

غەۋغا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن بۇرۇنكەن، تۈلكە يالاقچىكەن، سېغىزخان ھاراقچىكەن، قاغا قاراقچىكەن، ئېيىق پادىشاھ، يولۋاس خىزىركەن، مايمۇن ۋەزىركەن، گۆش دەپ ئالغىنى ئۆپكە - بېغىركەن، گادايغا كۈن يوق، دۈمبە يېغىركەن. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاغلارنىڭ دامىنى بىلەن، بايلارنىڭ خامىنى بىلەن ئارغامچىنى مۈرەمگە سېلىپ، ئايپالتىنى قۇلۇمغا ئېلىپ، ئوتۇن ئەكىلەي دەپ جاڭگاللىققا قاراپ، خىيالىمغا كەلگەن ناخشىنى ئېيتىپ كېتىۋاتاتتىم. دەريا بويىغا يېتىپ بېرىشىمغا قېيىقچى كەلدى. قېيىقچىغا: _ ئاكا، مېنى قېيىقىڭغا سېلىپ ئۇ قاتقا ئۆتكۈزۈپ قويساڭچۇ، _ دېۋىدىم. _ بەش تەڭگە بەرسەڭ ئۆتكۈزۈپ قوياي، _ دېدى. يانچۇقتا بەش تەڭگە تۆگۈل بىر تەڭگىمۇ يوق ئىدى، بار پۇلنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ غەزىنىسىدە ئىدى. كەمبەغەلنىڭ كۈنى ئىتنىڭ كۈنىدىنمۇ تەس، قېيىقچى بۇنى بىلمەيدۇ ئەمەس، شۇڭا مەنمۇ تەۋەككۇل قىلدىم: _ بولىدۇ، ئەمما بەش تەڭگىنى ئۇ ياققا چىققاندا ئالىسەن، _ دېدىم. قېيىقچى: _ ماقۇل، بىراق دەريادىن ئۆتۈۋېلىپ پۇلۇمنى بەرمىسەڭ قۇلىقىڭنى كېسىۋالىمەن، _ دەپ پىچىقىنى قارس قىلىپ قېيىقنىڭ بېشىغا سانجىپ قويدى. مەن قېيىقنىڭ تۇمشۇقىغا چىقىپ ئولتۇردۇم. ئۇ پالاقنى قولىغا ئالدى. ھەيدەپ دەريانىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتكۈزدى. قېيىقنىڭ تۇمشۇقى قىرغاققا تېگىشى بىلەن بىرلا تاخلاپ قىرغاققا چىقتىم. پىچاقنى تارتىپ ئېلىۋېلىپ ئارقىسىغا ئىتتىرىۋېتىپ، بەدەر قاچتىم. قېيىقچى «توختا، ھاي ھارامزادە!» دەپ ۋارقىراپ قوغلىدى. مەن ئارقامغا قارىماي قېچىۋەردىم. قېچىپ كېتىپ بارسام ئالدىمدىكى چۆپلۈكنىڭ ئىچىدىن بىر ئادەم چىقتى: «ۋاي جېنىم ئۇكام، ئېغىر ئالماي ئاۋۇ تۆگەمنى توسىۋەتسەڭچۇ» دېدى. ئۇنىڭ تۆگىسى نېرىدا ااتاتتى. يەرگە ئېڭىشىپ بىر تاشنى ئېلىپ تۆگىگە ئاتتىم. ئارقامدىن يەنە بىر غەۋغا كۆتۈرۈلدى، «ۋاي ھارامزادە قاچقۇن، تۆگەمنىڭ كۆزىنى قۇيۇۋەتتىڭ، تۆگەمنى تۆلە!» دەپ تۆگىچى قوغلىدى. ئارقامدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان ئادەم ئىككى بولدى. مەن قېچىپ بۇ ئىشنى ھەل قىلغىلى قازىخانىغا قاراپ كېتىپ باراتتىم. قازىخانىنىڭ دەرۋازىسىنى يىراق كۆرۈپ، ئارقا تېمىدىن باغنىڭ ئىچىگە تاخلاپ چۈشتۈم. بىر تازنىڭ ئاتىسى كېسەل بولۇپ يا ئۆلمەي، يا ساقايماي ياتقىنى 30 يىل بوپتىكەن. مەن ئاتىسىنىڭ تۆپىسىگىلا سەكرەپتىمەن. ئۇ تازنىڭ ئاتىسى شۇ يەردىلا جان بەردى. «ھۇ ئالىقانات، ئاتامنى تۆلە!» دەپ ئۇ قوغلىدى. ئارقامدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان ئادەم ئۈچ بولدى. ھويلىدىكى ئادەملەر «بۇ نېمە غەۋغا؟» دەپ ھەيرانلىقتا قالدى. يۈگۈرگەن پېتى قازىخانىغا كىرىۋالدىم: _ ۋاي قازاخۇنۇم، _ دېۋىدىم _ ھە، ئەرزىڭ بولسا ئېيتىۋەر، _ دېدى قازى. بولغان ئىشنى بايان قىلدىم. ئاڭغىچە ھېلىقى ئۈچى ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ كىرىشىپ كەلدى. ئۇلار مېنى كۆرۈپ تۇراتتى، مەن ئەرزىمنى يىغلاپ تۇرۇپ بايان قىلاتتىم. قازاخۇنۇم ئۇلارغا قارىدى، بۇرۇتىنى تولغاپ سورىدى: _ ھە، نېمە ئەھۋال بولدى؟ ئالدى بىلەن قېيىقچى گەپ ئېلىپ: _ بەش تەڭگىگە ۋەدىلىشىپ قېيىق بىلەن دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويسام، پۇلۇمنى بەرەي قاچتى، پۇلۇمنى ئالاي دەپ قوغلاپ كەلدىم، _ دېدى. _ ھەي، سېنىڭ نېمە دەردىڭ بار؟ _ دېدى قازى تۆگىچىگە. _ يولدا يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپتىكەن، تۆگەمنى توسىۋەتسەڭچۇ دېسەم، تاش بىلەن بىرنى قويۇپ كۆزىنى قويۇۋەتتى. يا تۆگەمنى تۆلەيدۇ، يا بولمىسا كۆزىنى قۇيۇۋېتىمەن، _ دېدى تۆگىچى. ھېلىقى تاز قار - يامغۇر يىغلاپ تۇراتتى. _ ھە، ساڭا نېمە بولدى؟ _ بۇ مېنىڭ ئاتامنىڭ تۆپىسىگە سەكرەپ چۈشۈپ، كېسەل ياتقان ئاتامنى ئۆلتۈرۈپ قويدى، مېنىڭ بۇ دۇنيادا بارى - يوقى بىرلا ئاتام بار ئىدى. مەن بۇنىڭدىن ئاتامنىڭ خۇنىنى تۆلىتىمەن، _ دېدى تاز يىغلاپ تۇرۇپ. قازاخۇنۇم بۇلارنىڭ دەۋاسىنى ئاڭلاپ بولۇپ، قېيىقچىغا قاراپ: _ سەن بەش تەڭگە پۇل ئالساڭلار بولدىغان ئىش ئىكەنغۇ، مە! _ دەپ بەش تەڭگە بەردى، قېيىقچىنىڭ ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى. غىڭ قىلمايلا پۇلنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. _ ساڭا ئازراق ئەجىر پۇلى بېرەيلى، رازى بولۇپ كەتكىن، - دېدى قازى تۆگىچىگە. _ ياق، تۆگەمنى تۆلىتىمەن، _ دېدى تۆگىچى. قازى دەرھال ئەمىر قىلىۋېدى، ياساۋۇللاردىن بىرى كام ئون بەشى پەيدا بولدى. قازى ياساۋۇللارغا مۇنداق پەرمان چۈشۈردى: _ ماۋۇ ئوتۇنچى بالا ئالدىدا قاچىدۇ، تۆگىچى قولغا تاش ئېلىپ قوغلايدۇ ، ئەگەر تۆگىچى تاشنى ئېتىپ بالىنىڭ كۆزىنى قۇيۇۋېتەلىسە، ئوبدان تۆگىدىن ئىككىنى بېرىڭلار، تاشنى ئوتۇنچىنىڭ كۆزىگە تەككۈزەلمىسە نەگە يېتىپ بارغان بولسا شۇ يەردىن تۇتۇپ قايتۇرۇپ كېلىڭلار كاللىسىنى ئالىمىز! _ خوپ! _ دېدى ياساۋۇللار. تۆگىچى تۇرالماي قالدى. قورقۇپ كېتىپ قازىنىڭ پۇتىغا باش قويدى، يىغلاپ تۇرۇپ: _ كاللىمۇ يىمىدىم، چىشمۇ چاقمىدىم. بولدى ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئۆتتۈم، _ دېدى - دە، بېشىنى ساڭگىلاتقان پېتى قازىخانىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭغا بىر تەڭگىمۇ بېرىلمىدى. تازچاق مىشىلداپ يىغلاپ تۇراتتى. قازى: _ بولدى سەۋرى قىل. ئاتاڭمۇ 30 يىل كېسەل تارتىپ بەك قىينىلىپ كەتكەن ئىدى. خۇدادىن ئەجەل كەپتۇ. ئۇنىڭغا ھېچ ئامالىمىز يوق. ئىككى سەر كۈمۈش بېرەي ئاتاڭنىڭ نەزىر - چىرىقىنى چىرايلىق ئۇزىتىۋالغىن، قانداق دەيسەن؟ _ دېدى. _ ئاتام خېلى ياخشى بولۇپ قالغان، ساقىيىپ ئورنىدىن تۇرغان، مەن بۇنىڭدىن قانغا- قان، جانغا - جان ئالىمەن! _ دېدى تازچاق. قازى ياساۋۇللارغاقاراپ: _ سىلەر ماۋۇ بالىنى باغنىڭ تېمىغا يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇڭلار، ئاندىن بۇ تاز يىراقتىن يۈگۈرۈپ كېلىپ تامدىن سەكرىسۇن. بۇ تاز سەكرەپ مۇشۇ بالىنىڭ تۆپىسىگە چۈشەلىسە، بالىنى شۇ يەردىلا ئۇرۇپ ئۆلتۈرسۇن، قانغا - قان، جانغا - جان ئالسۇن. ئەگەر سەكرەپ ئۈستىگە چۈشەلمىسە مانا ماۋۇ قىلىچ بىلەن تازچاقنى شۇ يەردىلا چاناپ تاشلاڭلار! _ دېدى. _ خوپ! _ دېدى پەرمان كۈتۈپ تۇرغان ياساۋۇللار، ئۇلار تېخى ئورنىدىن قوزغالماي تۇرۇپلا تازچاق ۋارقىرىدى: _ ۋاي قازاخۇنۇم، ئارقامدىن ياساۋۇللار قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ قوغلاپ كېلىۋاتسا، بۇ ئادەمنىڭ تامنىڭ قەيېرىدە تۇرغانلىقىنى مەن بىلمىسەم، قانداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەكرەپ چۈشەلەيمەن؟ _ ھە، بۇ بالىمۇ سەنلەرنىڭ تام تۈۋىدە ياتقانلىقىڭلارنى نەدىن بىلسۇن؟ - دېدى قازاخۇنۇم، _ ھەيدەڭلار! _ بولدى، بولدى، _ دېدى تازچاق، _ دادامنىڭ ئۆلگىنىمۇ يېتەر، مەنمۇ بىكاردىن - بىكار ئۆلۈپ كەتمەي يەنە. سىلىنىڭ دېگەنلىرىچە بولسۇن، قازىكا. شۇنىڭ بىلەن بۇ تازمۇ بىر قوي، ئىككى گەز ماتا، ئىككى سەر كۈمۈشنى ئېلىپ راۋان بولدى. بۇ غەۋغا مۇشۇنداق تامام بولدى.
← بارلىق تېمىلار چوچاق