UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئالتۇن كەش

ئالتۇن كەش

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇندىن بۇرۇندىكەن، يېتىم بۇلۇڭدىكەن، تېرىق تۇلۇمدىكەن، شۇ زامانلاردا بىر يۇرتتا بىر ئۆگەي ئانا بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئىككى قىزى بولۇپ، چوڭ قىزى ئۆگەي ئىكەن. كىچىك قىزى ئۆز ئىكەن. ئۆگەي قىزىنىڭ ئېتى ھەجەرخان، ئۆز قىزىنىڭ ئېتى پاتمىخان ئىكەن. ھەجەر قىز چىرايلىق، ئىشچان، تىرىشچان ئىكەن. پاتمىخان سەت، ھورۇن، ئۇرۇشقاق ئىكەن؛ غىزاغا، كىيىمگە بۇدۇشقاق ئىكەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئۆگە ئانا ئۆز قىزىنى ئارزۇلاپ، ئۆگەي قىزىنى خارلاپتۇ. قارىما، كۆزۈڭنى ئويۇمەن، سۆزلىمە، تىلىڭنى كېسىمەن، دەپ قىيناپتۇ، غىزا - تاماق، كىيىم - كېچەكلىرىگە قارىماپتۇ، چاچلىرى چۇگۇلسىمۇ تارىماپتۇ. بىچارە قىز ئاشقان - تاشقاننى كىيىپ، ناننىڭ كۆيۈكىنى يەپ، ئاشنىڭ سۇيۇقىنى ئىچىپ، قېقىلىپ - سوقۇلۇپ چوڭ بولۇپتۇ. يەتتە ياشلارغا كىرىپتۇ. بىر كۈنى ئۆگەي ئانا: - ھەن يان قېپى، پىتلىق ... قاچانغىچە كىچىك بولىسەن، ئەمى ساڭا بىكار نان نەدە! ماڭ جۇگۇ، ماۋۇ سېۋەتكە ئوتۇن - چاۋا، تېزەك تەر، ماۋۇ ماللارنى يىتتۈرمەي، خەقنىڭ ماللىرىغا ئارىلاشتۇرماي بېقىپ كەل، مالنىڭ بىرتى - يېرىمىنى يىتتۈرسەڭ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈمەن! - دەپ پاددا باققىلى ساپتۇ. قىز توققۇز يىلغىچە ئەتىگىنى جاڭگالغا چىقىپ، كەچتە ئېغىلدا يۈرۈپ مال بېقىپتۇ. ئاخشىمى ئاش ئېتىپ، كىر يۇيۇپ، ئوتۇن كەسلەپ، نان يېقىپتۇ. شۇنداق تىنماي ئىشلەپ يۈرسىمۇ يەنە تىل دەشنەمدىن قۇتۇلماپتۇ. بىر كۈنى ئۆگەي ئانا ھەجەر قىز مال بېقىۋاتقان يەرگە ئوغرىلىقچە بىرىپ مارىلاپتۇ، شۇ ۋاقىتتا قىز >ئەمدى چۈش بولدى، بىردەم ئارام ئالاي< دەپ ماللارنى بىر يارلىقنىڭ سايىسىغا ھەيدەپ قويۇپ، ئۆزى جىگدىنىڭ ئاستىدا ئۇخلاۋېتىپتىكەن، ئۇنى كۆرۈپ قاپتۇ. - ھە! نېمىشقا ئوتۇن - چاۋانى ئاز تېرىپ كېلىدىكىن دېسەم، ئۇخلايدىكەنسەن ئەمەسمۇ، ۋاي بېشىڭنى يەيدىغان ئەزمە، ھارام تاماق! - دەپ جاڭگالنى غۇدۇر - سۇپۇر قىلىپ، چاچلىرىنى يۇلۇپ، ئۇرۇپ، چەيلەپ يېنىپ كەپتۇ. ئەتىسى قاق سەھەردە ھەجەر قىز ماللارنى ئاچىقىپ كېتىۋاتسا، ئۆگەي ئانا: - ھوي ئەسكى، نېمە بۈگۈن چېچەنلىكىڭ تۇتۇپ كېتىپتۇغۇ، توختا! مال باققان يەردە ئۇخلاپ ياتماي، ماۋۇ ئۇچنى )پىلتە پاختا( ئېگەرگەچ كەل! - دەپ بىر مۇنچە ئۇچ )پىلتە پاختا( بېرىپتۇ. قىز گەپ ياندۇرالماي، ئېلىپ مېڭىپتۇ. ئەمدى مال بېقىپ، تېزەك تېرىشنىڭ ئۈستىگە يىپمۇى ئىگىرىپ كېلىدىغان بوپتۇ. كەچتە ھېرىپ ھالى قالمايدىغان بوپتۇ. ئۆيگە كەلسە يەنە ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆگەي ئانا: >ئۇ يېتىم ئوغلاققا ئارام ئېلىشنى كىم قويۇپتۇ!< دەپ، ئېگىرىپ كېلىدىغان ئۇچنى كۈندىن - كۈنگە كۆپەيتىپتۇ. ئاخشىمى قوشنا ئۇستىغا شاگىرتلىققا سېلىپ، كېيىنچە كەچتىمۇ بىكار قويماي ئەتلەس، شايى توقۇتىدىغان بوپتۇ. بىچارە يېتىم قىزغا ئەمدى ئاخشىمى يېرىم كېچىگىچە ئۇيقۇ يوق، كۈندۈزى مال بېقىش، تېزەك تېرىش ناھايىتى تەس كېلىدىغان بوپتۇ. يىپنى ئېگىرىپ ئۈلگەرتەلمەي، كۈندە پادىدىن قايتقاندا تاياق يەپ ھېچ ھالى قالماپتۇ. كەچتە يەنە ھېلىقىدەك ئىشلار، ئۇيقۇسى كېلىپ يىقىلغاندا، پۇت - قولىنى سۇنغىدەك ئورۇنمۇ يوق، قىينىلىپتۇ . يېشى مۇشۇ كەمگە كەلگۈچە، ياز كۈنلىرى ھالىدا، ھويلىدا پاشا، كۈمۈتىگە يەم بولۇپ، شېغىلدا يېتىپتۇ. قىش كۈنلىرى قوي، كالىلارنىڭ ئارىسىدا زەي بولۇپ، شېغىلدا يېتىپتۇ. كانىغا يەم بولۇپ، ئېغىلدا يېتىپتۇ. جەبرى - زۇلۇم كۆپىيىپ جېنىغا پېتىپتۇ. ئەمدى كېچىلىرى تىنماي ئۈنسىز يىغلاپ چىقىدىغان، كۈندۈزلىرى ھېچكىم يوق جاڭگالدا يىغا بىلەن توۋلاپ ناخشا ئېيتىدىغان بولۇپتۇ: پا، پا، پاشىنىڭ دەردى، سالجا، كانىنىڭ دەردى. ئەجەپمۇ يامان ئىكەن، ئۆگەي ئانىنىڭ دەردى. نان بەرسە كۆيۈك بەردى، ئاش بەرسە سۇيۇق بەردى. ئەجەپمۇ يامان ئىكەن، ئۆگەي ئانىنىڭ دەردى. بىر كۈنى ھەجەر قىز جاڭگالدا ئۇچنى ئېگىرىپ بولالماي: >كەچتە ئۆيگە بارغاندا تاياقتا ئۆلىدىغان بولدۇم< دەپ يىغلاپ، شۇنداق ناخشا ئېيتىپ ئولتۇرسا، تۇيۇقسىز شامال چىقىپ، بىر قويۇپ كەپتۇ - دە، قىزنىڭ يېنىدىكى ئۇچلارنى كۆتۈرۈپ كېتىپتۇ. قىز: >ۋاي ئەمدى ئۆيگە بارغاندا نېمە دەرمەن!...< دەپ يىغلاپتۇ. قۇيۇننىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ: - جېنىم قۇيۇن ئاكا، ئاپام ئۇرىدۇ، ئۇچۇمنى بېرىۋەتسىلە، - دەپ يالۋۇرۇپ بېقىپتۇ. قۇيۇن كېتىۋېرىپتۇ. قىزمۇ قوغلاۋېرىپتۇ. بىر چاغلاردا قارىسا، قۇيۇن چۆرگىلەپ ئۇچقان پېتى بىر يارنىڭ كامىرىغا كىرىپ كېتىپتۇ. قىزمۇ ئارقىسىدىن كىرىپتۇ. كىرىپ قارىسا، بىر بوستانلىق ھويلا، ئوتتۇرىدا ئۆي، يېقىنراق بارسا، ئۆينىڭ ئىچىدە بىر موماي كۆرۈنۈپتۇ. قىز ئاستا بوسۇغىغا كېلىپ: - ئەسسالام، چوڭ ئانا، - دەپتۇ. موماي سالامنى ئېلىك ئېلىپ: - كېلىڭ، يۇقىرى چىقىڭ... بېشىڭىزغا نېمە كۈن چۈشتى، قىزىم؟ - دەپتۇ. قىز قول باغلاپ تۇرۇپ: - كېلىڭ، يۇقىرى چىقىڭ... بېشىڭىزغا نېمە كۈن چۈشتى، قىزىم؟ - دەپتۇ. قىز قول باغلاپ تۇرۇپ: - قۇيۇن ئاكام ئۇچلىرىمىنى ئېلىپ كەتتى. ئارقىسىدىن يۈگۈرسەم، مۇشۇ ھويلىغا كىرىپ كەتتى، - دەپتۇ. موماي: - قورقماڭ بالام، ئۇچىڭىز بار، سىز ئاۋۋال ماڭا توملۇقىنى بېلىڭىزدەك، ئىنچىكلىكىنى بىلىكىڭىزدەك كېسىپ بىر ئاش ئېتىپ بېرىڭ. سۇيۇق ئاش سېغىنىپ قالدىم، قىزىم، - دەپتۇ. قىز: - خوپ، چوڭ ئانا، - دەپ قوللىرىنى يۇيۇپ، ئاشقا تۇتۇش قىلىپتۇ. بىردەمنىڭ ئىچىدىلا خېمىرنى چاچتەك كېسىپ، ناھايىتى مېزىلىك ئۈگرە ئاش ئېتىپ، موماينىڭ ئالدىغا ئەكىلىپتۇ. موماي ئاشنى ئىچىپ بولۇپ: - قىزىم، ئەمدى قازان - قۇمۇچنى يۇيۇپ، يۇندىسىنى مورىغا، ئۆينى سۈپۈرۈپ، ئەخلىتىنى تۈڭلۈككە تۆكۈۋېتىپ، دپتۇ. قىز دەررۇ قازان - قۇمۇچلارنى يۇيۇپ، يۇندىسىنى ئەۋرەزگە، ئۆينى سۈپۈرۈپ، ئەخلەتنى ھويلىدىكى ئورىغا تۆكۈپتۇ. موماي: - قاراڭ قىزىم، تۇرۇپلا بېشىم قىچىشىدىغان بولۇپ قالدى، چېچىمنى يۇلۇۋېتىڭ، - دەپتۇ. قىز موماينىڭ بېشىنى يۇيۇپ، تاراپ، ئوبدان ئۆرۈپ قويۇپتۇ،موماي خۇش بولۇپ: - رەھمەت! ئەمدى، قىزىم، ئاۋۇ بۇلۇڭدىكى كۈپتە ئۇچىڭىز بار. ئېلىپ ئۆيىڭىزگە ئىلدام كېتىڭ، - دەپتۇ. قىز كۈپنىڭ ئىچىگە بېشىنى شۇنداق تىقىپ قارىسا، يوپ - يورۇق بىر ئۆي، ئۈنچە - مارجان، ئالتۇن - كۈمۈش ... دۇنيا تۇرۇپ كەتكەن. قىز ھېچنېمىگە نەزەر كۆزىنى سالماي، ئۆزىنىڭ ئۇچىنى ئېلىپ قارىسا، ئۇچلار چىرايلىق يىپ بولۇپ ئېگىرىلىپ قاپتۇ. قىز كەينىگە يېنىپ شۇنداق ماڭاي دېسە، بېشى ئېغىر تۇرغىدەك. سىلاپ باقسا. بېشىغا ئالتۇن كۇكۇلا ئۈنۈپ قاپتۇ. قىز مومايغا ئېگىلىپ، رەھمەت - تەزىم ئوقۇپ، خوشلىشىپ ئارقسىچە يېنىپتۇ. موماي: - توختاڭ قىزىم، بېرى كېلىڭ، بېشىڭىزغا كۈن چۈشسە، مۇشۇ چېچىمنى ئوتقا سالسىڭىز، مۈشكۈل ئىشىڭىز ئاسان بولىدۇ، - دەپ بېشىدىن ئىككى تال ئاق چېچىنى يۇلۇپ بېرىپتۇ. قىز يەنە بىر تەزىم قىلىپ قايتىپتۇ. يولدا جاڭگالدىن سېۋەت، چاقلىرىنى ئېلىپ ماللىرىنى ئالدىغا سېلىپ، ئۆيىگە يېتىپ بېرىپتۇ. بارسا ئۆگەي ئانا: - ھەي جۇۋاينىمەك، بېشىڭدىكىنى نەدىن تاپتىڭ؟ ساڭا قايسى ئەقىلسىز يىگىت يولۇقتى؟ ھوي، گەپ قىل، ئەر سېغىنىپ قالغان ساراڭ! - دەپ ئالتۇن كۇكۇلىسىنى قىزى بىلەن كېلىپ يۇلغىلى تۇرۇپتۇ. بىچارە قىز قورققىنىدىن يىغلاپ، بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئۆگەي ئانا شۇنچە قىلسىمۇ ئۇنىڭ ئالتۇن كۇكۇلىسىنى يۇلالماپتۇ. قورسىقىغا بىر ئوينى پۈكۈپ، ئوشۇقچە گەپ - سۆز قىلالماپتۇ. ئەتىسى ئۆگەي ئانا ئۆزىنىڭ قىزىنى قولىغا ئۇچ - چاقلارنى تۇتقۇزۇپ، مال باققىلى چىقارتىپتۇ. ھەجەر قىز ھويلا - ئارامنىڭ ئىشىنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ باققان كۈچۈكى بىلەن چۈجىسىنى تويغۇزۇپ، باشلىرىنى سىلاپتۇ. ئاندىن كېيىن ھويلىغا ئۆگىنىپ قالغان بىر جۈپ كەپتەرگە ئوغرىلىقچە دان چېچىپ بېرىپ باغقا چىقىپ يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ كۈنى >ئانىسى< پاتما قىزىنى نېمە بولۇپ كېلەركىن، دەپ يولىغا قاراپ، ئۆيدىمۇ ئولتۇرماپتۇ. ئەمدى گەپنى پاتمىخاندىن ئاڭلايلى: - پاتمەك ماللارنى ھەيدەپ چاقلارنى كۆتۈرۈپ جاڭگالغا بېرىپتۇ. ئىسسىققا چىدىماي ئانىسىنى تىللاپ، ئۇچنى نېمە قىلىشنى بىلمەي، بۇرنىنى تارتىپ يىغلاپ ئولتۇرسا، تۇيۇقسىزدىن قۇيۇن كېلىپ، كۆزلىرىگە توپا چېچىپ، ئېتىكىدىكى ئۇلارنى ئېلىپ كېتىپتۇ. پاتمەك يىغلاپ: - بېشىڭنى يەيدىغان قۇيۇنتاز، ئۇچۇمنى بەر... ئۇچۇمنى بەر... بەر، ئۇچۇمنى بەر! - دەپ ئارقىسىدىن يۈگۈرەپتۇ. قارىسا قۇيۇن بىر يارنىڭ تۈشۈكىگە كىرىپ كېتىپتۇ. ئارقىسىدىن كىرىپ، ئۆينى كۆرۈپ، موماينىڭ يېنىغا بېرىپ چالۋاقاپ: - ھوي قېرى، قۇيۇن تېزىڭ ئۇچۇمنى ئېپكەتتى. ئېلىپ بەر...! - دەپتۇ. موماي بېشىنى بىر - ئىككى چايقاپ قويۇپ: - توختا، چالۋاقىما! ئولتۇر! ئاۋۋال سەن ماڭا بىر ئاش ئېتىپ بېرىپ، ئاندىن ئۇچۇڭنى ئال، - خۇددى تۈنۈگۈن ھەجەر قىزغا بۇيرۇغان ئىشلارنى بۇيرۇپتۇ. پاتىمەك قىلماي دېسە، ئۇچۇمنى بەرمەمدىكىن، دەپ غۇدۇڭشىپ يۈرۈپ، ئەزمىلىك بىلەن ئاشنى ئېتىپتۇ. خېمىرنىڭ توملۇقىنى بېلىدەك، ئەڭ ئىنچىكىسنى بىلىكىدەك قىلىپ پىشۇرۇپتۇ. موماي ئاشنى ئىككى ئوتلاپ نېرى ئىتتىرىپ قويۇپتۇ. ئاندىن پاتمەك قازان - قومۇچنى جاقۇر - جۇقۇر سىلكىپ يۇيۇپ، يۇندىنى مورىدىن، ئۆينى سۈپۈرۈپ، تۈڭلۈكتىن تۆكۈپتۇ. كېلىپ دۈشكەللەپ، موماينىڭ چېچىنى يۇلۇپتۇ... موماي ئىچىدە ئۆگەي ئانا بىلەن پاتىمەككە لەنەت ئوقۇپ: - ئاۋۇ بۇلۇڭدىكى كۈپتە ئۇچۇڭ بار، ئېلىپ كەت! - دەپتۇ. پاتمەك يۈگۈرۈپ بېرىپ كۈپنىڭ ئىچىگە بېشىنى تىقىپ، شۇنداق قارىسا، دۇنيا دېگەن تۇرۇپ كەتكەن. ئاچكۆزلۈك بىلەن يەڭلىرىنىڭ ئىچىگە بىر مۇنچە ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى تىقىۋېلىپ، ئۇچنى ئەپتۇ - دە، ئارقىسىغا قارىماي ئۆيىگە يۈگۈرەپتۇ. يولدا ماللىرىنى ئالدىغا سېلىپ، چاقنى كۆتۈرۈپ كېتىپ بارسا، باشلىرى قىچىشىپتۇ: >ھە راستلا، مېنىڭ بېشىمغىمۇ ئالتۇن كۇكۇلا ئۈندىمىكىن< دەپ بېشىنى سىلاپ باقسا، باشلىرىنى قوماق بېسىپ، چوققىسىدا بىر نېمە پۇلتىيىپ لۆمۈلدەپ تۇرغىدەك. شۇ يەردىن ماللىرىغىمۇ قارىماي يىغلاپ مېڭىپتۇ. ئاڭغىچە ئالدىغا ئانىسى يېتىپ كېلىپ: - ۋاي جېنىم قىزىم، كەچ قالدىڭغۇ! يائاللا، نېمىگە يىغلايسەن؟ نېمە بولدى؟ بېشىڭنى نېمىشقا يۆگۈۋالدىڭ؟! - دەپ، ئالدىراپ قىزىنىڭ بېشىنى ئېچىپتۇ، قارىسا، بېشى كەيمە تازغا ئايلىنىپ، ماڭلاي - چوققىسىغا بىر ئېشەك مەدىكى ئۈنۈپ قاپتۇ. ئۆگەي ئانا: >ۋاي ئۆلەي، قانداق پەس، بالامغا قىلغاندۇ قەست!< دەپ ئاھ ئۇرۇپتۇ، يىغلاپتۇ. قىزىنى ئۆيگە سولاپ پەرۋىش قىلىپتۇ، قىلمىغان داۋا، بارمىغان مازا ھېچنېمە قالماپتۇ، ھەممىسىلا ھېچ كار كەلمەپتۇ. قىزى موماينىڭكىدىن ئوغرىلاپ كەلگەن پۇلدەك نەچچە ھەسسە پۇل چىقىپتۇ، ئورنىغا كەلمەپتۇ. ئاي ئۆتۈپتۇ، يىل ئۆتۈپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى شۇ شەھەردە بىر باي كاتتا توي قىلىپ، يۇرتتا بىرمۇ ئۆي قالدۇرماي تويغا چىللاپتۇ. ئۆگەي ئانىنىڭ توڭيغا بارغىسى كەپتۇ، قاغا قاق دېمەستە، ھەجەر قىز ماللىرىنى ھەيدەپ چىقىپ كېتىۋاتسا، ئۆيدە يېتىپ: - ھوي، ھەجە ...ك! مەيەرگە كەل جۇۋاينىمەك! - دەپ توۋلاپتۇ. ھەجەر قىز كىرسە: - ھوي ئۇيقۇ سارىڭى قاسماق، بۈگۈن ئەجەب بر سەگەكلىكىڭ تۇتۇپ كېتىپتۇغۇ! ... بېرىراق كەل، ما گېپىمنى ئاڭلا، بۈگۈنچۇ، بىز تويغا بارىمىز. سەن ئاۋۇ ماللىرىڭنى بىر ھەقەمسايىنىڭ ماللىرىغا قوشۇپ قويۇپ، ئىلدام كىر، ئەزمە! - دەپتۇ. قىز ماللارنى قوشنىلارنىڭ ماللىرىغا قوشۇپ قويۇپ، يېنىپ كىرىپتۇ. كىرىپ، ھويلا - ئاراملارنى سۈپۈرۈپتۇ. قاپاقتا سۇ ئەكىرىپ، بوش قاچىلارنى تولدۇرۇپتۇ. كۈچىكىگە ئاداپ ئېتىپ بېرىپ، پېشايۋاندا چۈجىسىنىڭ بېشىنى سىلاپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۆينىڭ ئىچىدە ئۆگەي ئانا بىلەن قىزى ياسىنىپتۇ. پاتمەك ياسىنىپ بولۇپ: - ئاپا، بىز كەلگىچە ھەجەك ساراڭ بىكار ئولتۇرامدۇ؟ - دەپتۇ. ئانىسى: - ۋىيەي، نېمە دېگىنىڭ ئۇ، ئۆي ساقلىغانمۇ ئىشمۇ! بىكار تۇرغۇزامدىغان ئۇ تىرىك تاپنى، - دەپ، قازناقتىن بىر چارەك ئاق ئۇششاق بىلەن بىر چارەك تېرىقنى ئاچىقىپ، ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر دۆۋە قۇمنىڭ ئۈستىگە تۆكۈپ ئارىلاشتۇرۇۋېتىپتۇ. ئاندىن كېيىن: - ھەي نان قېپى، بىز كەلگۈچە، ئاق ئۇششاقنى باشقا، تېرىقنى باشقا ئايرىپ، ئىككىسىنى ئىككى خۇرجۇنغا ئېلىپ قوي، بىر تېلىنى زايە قىلساڭ، كۆزۈڭنى ئويۇۋالىمەن. ئاندىنچۇ، گۆرۈڭگە كىرىپ، ئىككى تاقا ئەتلەس توقۇپ قويغىن، ھويلا - ئارامغا ئوبدان قارا، قىل يۈتسە، بوينۇڭنى قۇچقاچنىڭ بوينىنى ئۈزگەندەك ئۈزىمەن. بۇيرىغان ئىشلىرىم چالا قالسۇنچۇ قېنى، مەندىن نېمە كۆرىسەن... دەپ پاتما قىزىنى ئېلىپ تويغا كېتىپتۇ. - قىز >بۇ نېمە دېگەن زۇلۇم!< دەپ قانداق قىلىشنى بىلمەي قېتىپ قاپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ھوشىنى يىغىپ، ھېلىقى مېھرىبان موماينى ئەسلەپتۇ. ئۇنىڭ بەرگەن چېچىنى قانداق بولاركىن دەپ ئوتقا ساپتۇ. شۇ زامانلا ھويلىدىكى دەرەخلەر شالدىرىلاپ، ئالەمنى قۇيۇن قاپلاپتۇ. قىز ھويلىدا بىر پىقىراپتۇ، قالغىنىنى بىلمەپتۇ... بىر ۋاقتىدا كۆزىنى شۇنداق ئاچسا، ئوزا يىلى ئاش ئەتكۈزۈپ، ئىككى تال چېچىنى بەرگەن موماي بېشىنى سىلاپ ئولتۇرغىدەك، قىز چاچراپ قوپۇپ تازىم قىلىپتۇ. يىغلاپ ئۆزىنى موماينىڭ قۇچىقىغا تاشلاپ، دەردى - ھالىنى ئېيتىپتۇ. موماي: - بىلىمەن قىزىم، بىلىمەن، ئۆزىگە قىلىدۇ، ئونىڭىزدىن تۇرۇڭ! - دەپتۇ. - قىز ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ قول باغلاپتۇ. موماي: - يېتىمنىڭ كۆڭلى مېنىڭ كۆڭلۈم. سىزنىڭ غېمىڭىزنى مەن قىلاي قىزىم، مەن ماۋۇ ئاچقۇچنى، ئاۋۇ ئوتتۇرىدىكى ئىشىكنى ئېچىڭ. تارتىنماي ئىچكىرى كىرىپ ئالتۇن كات ئۈستىدىكى بوخچىنى كۆتۈرۈپ چىقىڭ، - دەپتۇ. قىز ئىشىكنى شۇنداق ئېچىپ قارىسا، ئوتتۇرىدىكى يېشىل سىرلىق، ئالتۇن ھەل بېرىلگەن قەۋەتمۇ قەۋەت گۈللۈك ئىشىكلەر ئارقا - ئارقىدىن جاراڭلاپ ئېچىلىپتۇ. قىز موماي دېگەن يەردىن بىر بوخچىنى ئېلىپ، تەن - تېنىگە سىغماي خۇش بولۇپ كۆتۈرۈپ چىقىپتۇ. موماي قىزنى يوغان تەشتەككە چۈشۈرۈپ سوپۇنلاپ يۇيۇپتۇ. ئەزالىرىنى پاكىز سۈرتۈپ، باشلىرىنى تاراپ، ھېلىقى بوخچىدىكى تۈرلۈك كىيىم - كېچەكلەرنى كىيدۈرۈپتۇ. كىيدۈرگەندە ئۈستىگە ھوردەك يۇمشاق، ئەينەكتەك سۈزۈك مەشۇت كۆڭلەك، چىمەن گۈللۈك تاۋار كەمزۇل، چىلتەك پەشلىك، ئوقا ياقىلىق كىمخاپ چاپان، تەيتۇللا دوپپا كىيگۈزۈپتۇ، دوپپىنىڭ ئۈستىگە ئۈنچە، مارجان، ياقۇت چېچىلغان يىپەك رومال ئارتىپتۇ. پۇتىغا ئالتۇن كەشلىك گۈلجاڭ مەسىلەرنى كىيگۈزۈپتۇ. بىلەكلىرىگە قوش ئالتۇن بىلەيزۈك، قوللىرىغا گۆھەر كۆزلۈك ئۈزۈك، قۇلاقلىرىغا زۇمرەت كۆزلۈك ئالتۇن زىرە سېلىپ، ھۈرپەرىلەردەك ياساندۇرۇپتۇ. ئۈستىگە ياغلىق توقاچ، ئەتلەس، جانان چىنىلەر قويۇلغان بىر پەتنۇس ھازىرلاپ، يىپەك داستىخان بىلەن ئوراپ، موماي قولىدا تۇتۇپتۇ - دە، >جۈرۈڭ قىزىم< دەپتۇ. قىز بىر ياقتىن خۇش بولۇپ، بىر ياقتىن ئەنسىرەپ: - نەگە بارىمىز؟ تېرىقلارنى قاچان ئادالاپ بولىمەن، جېنىم موما؟! - دەپ كۆزىگە ياش ئاپتۇ. موماي كۆيۈنۈپ: - بىچارە قىزىم، غېرىب قىزىم ئەنسىرىمەڭ دىدىمغۇ، قىزىم شۇ باغرى تاش، قولى قان ئۆگەي ئانا بارغان تويغا سىزمۇ بارىسىز، بارغاندا ئۇلاردىن ئارتۇق ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن توي كۆرۈپ، كۆڭۈل ئېچىپ كېلىسىز، سىز تويدىن يانغىچە، تېرىق ئايرىش، ئەتلەس توقۇش، ئۆي ساقلاش - جېمى ئىشلىرىڭىز بەجا بولۇپ تۇرىدۇ. قېنى، قېىزىم، مومىڭىزغا ئىشىنىپ، بىسمىللا دەپ بوسۇغىدىن ئاتلاڭ دەپتۇ. قىز بوسۇغىدىن شۇنداق ئاتلىشىغا بىر چوكان كېلىپ، قىزنى قولتۇقلاپ مەپىگە چىقىرىپتۇ. قىز قارىسا، كىمخاپ يوپۇقلۇق قوش ئات قوشۇلغان ئالتۇن مەپە جاراڭلاپ، بىر مەپىكەش بوۋاي ئاتلارنىڭ بۇجىلىرىنى تۇتۇپ تۇرغىدەك، موماي ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: - يېتىمنىڭ ئاھى، موماينىڭ دۇئايى، يولۇڭلار راۋان بولسۇن، دۈشمەنلەر ھەيران بولسۇن! ... ئامىن، ئاللاھۇ ئەكبەر، - دەپ دۇئا قىپتۇ... قىز بىر قۇيۇننىڭ كەلگەنلىكىنى، موماينىڭ ھويلىسىدىكى گۈللەرنىڭ ئۆزىگە تەزىم قىلىپ ئېگىلىپ، دەل - دەرەى يوپۇرماقلىرىنىڭ ئالا - يېشىل كېپىنەك بولۇپ ئۇچقانلىقىنىلا بىلىپتۇ، قالغان ئىشلارنى بىلمەپتۇ... قىز شۇنداق ئېسىنى يىغىپ قارىسا، مەپە ناغرا، كاناي، ناخشا، ئۇسسۇل، داغ - دۇغا بىلەن توي - مەرىكە بولۇۋاتقان ھويلىغا كىرىپ توختاپتۇ. توي ئىلگىرى، ساھىبخانلار: - ۋاي، ئېسىل مېھمان كەلدى، تويىمىزنىڭ ھۆرمىتى! - دەپ، قىزنى پاياندازلارغا دەسسىتىپ، خوتۇن خەقلەر قاينىغان كەڭ سورۇنلۇق ياسىداق سارايغا باشلاپتۇ. چوڭ - كىچىك ھەممە ئورۇنلىرىدىن دۇررىدە قوپۇپ، كۆرۈشۈپ تۆتگە ئۆتكۈزۈپتۇ. تۆردىكى خوتۇنلارنىڭ بىرسى: - بۇ قىز قايسى شەھەرنىڭ مەلىكەزادىسىدۇر؟ - دەپتۇ. يەنە بىرسى: - قايسى باينىڭ ئەركە قىزىدۇر؟ - دەپ ھەيران بولۇشۇپ قاپتۇ. ئاڭغىچە مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇلۇپ، داستىخان سېلىنىپتۇ. يەتمىش ياڭزا يەل - يېمىش، قەنت - گېزەكلەر تىزىلىپ، چاي قۇيۇلۇپتۇ. ئارقىدىن ھالۋا، قايماق، رىشالە، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۈگرە، قورداق - كاۋاپ، قويۇق ئاشلار تارتىلىپتۇ. ھەجەر قىز سورۇنغا شۇنداق سەپ سېلىپ قارىسا، ئۆگەي ئانىسى قىزى بىلەن ئەڭ ئاياغتا - كەش بازىرىدا ئولتۇرغىدەك. ئۇنىڭ بايلىقى، ھال تارتقۇلۇقى بۇ چوڭ توي - تۆكۈنگە كەلگەن نى - نى باي، ھال تارتقۇ خېنىملارنىڭ ئالدىدا نە - نەلىدە قاپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ھەجەر قىز ئالدىغا نېمە كەلسە، >ئاۋۇ مېھمانغا سۇنۇۋەتسىلە، خاپا بولماي...< دەپ، >ئانىسى< بىلەن >سىڭلىسى< غا ئۇزىتىپ تۇرۇپتۇ، >ئالسىلا، قىزلىرىمۇ ئوبدانراق باقسۇن< دەپ تىنماي تەكلىپ قىلىپ تۇرۇپتۇ... كۈن خېلى ئېگىلىپ، توي ئاياغلىشاي دەپ قاپتۇ. قىز ھەممىدىن ئىلگىرى ئۇزاپتۇ. شۇنچە تۇتسا ئۇنىماپتۇ. ھەممە خوتۇن - قىزلار: >ئۆيگە يورۇقى چۈشكىدەك ئەجەپ چىرايلىق قىز ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمگەرچىلىگىچۇ!...< دەپ ئارقىسىدىن قارىشىپ قاپتۇ. قىزنىڭ مەپىسى كەڭ چۆل، جاڭگاللار بىلەن مېڭىپتۇ. بىر يەرگە كەلگەندە چىمەنلىك ئارىسىدا ئېقىۋاتقان چوڭ بىر سۇ بويىغا كەپتۇ. قىز بىردەم ئارام ئېلىۋېلىش ئۈچۈن سۇ بۇيىغا چۈشۈپتۇ. چىمەنلىك قىرغاقتا ئولتۇرۇپ، سۇنى ئۇچۇمى بىلەن ئاسمانغا ئېتىپ، مارجان چاچما قىلىپ ئويناپتۇ سۇنىڭ مارجانلىرىغا قاراپ، تېرىق ئېسىگە چۈشۈپ، كۆڭلىنى ئەندىشە بېسىپتۇ. ئاڭغىچە مەپىكەش: - ھەي قىزىم، يىراقتىن ئاتلىقلارنىڭ قارىسى كۆرۈنۈۋاتىدۇ. بۇ يەردىن ئىتتىكرەك كەتسەك قانداق؟ - دەپتۇ. قىز يۈگۈرۈپ مەپىگە چىقىپتۇ. مەپە يولغا چۈشۈپ، بىر قۇيۇن غايىپ بوپتۇ. شۇ ئالدىراشلىقتا قىزنىڭ بىر پاي ئالتۇن كەشى سۇ بويىدىكى چىمەنلىككە چۈشۈپ قاپتۇ. ئەمدى گەپنى قىزنىڭ ئۆيىدىن ئاڭلايلى: قىز تويغا ماڭغاندىن كېيىنلا، قۇيۇن ئانا - مېھرىبان موماي ئۆگەي ئانىنىڭ ھويلىسىدا يەنە پەيدا بوپتۇ. شۇ زامانلار ھەجەر قىزنىڭ باققان كۈچۈكى، چۈجىسى، پېشايۋاندىكى بىر جۈپ كەپتەر موماينىڭ چۆرىسىگە ئولىشىپ ئەركىلەپ، پۇتلىرىنى چوقۇلىشىپ - سۆيۈشۈپ كېتىپتۇ. موماي ئالقىنىدىن بىر پارچە خېمىرنى چىقىرىپ، كۈچۈككە بىر چىشلەم، خوراز بىلەن كەپتەرلەرگە بىر نەچچە ئۇششاق كۇمۇلاچ قىلىپ ئايرىپ تاشلاپ بېرىپتۇ. كۈچۈك خېمىرنى يەپلا سۆزگە كېلىپ: - ئانا، ھويلىغا ھېچيەردىن ھېچكىمنىڭ كۆز - قىرىنى سالغۇزماي قارانچۇق بولىمەن، دەپ، تام تۆپىلىرى، دەرۋازىلارغا كۆز - قۇلاق بولۇپتۇ. خوراز سۆزگە كېلىپ، ئۆگزىگە ئۇچۇپ چىقىپتۇ. ئۇ تۆت ئەتراپقا قاراپ: - قى - قى - قىق! - ئارىلىشىپ كەتتى تېرىق... ھەممىمىز ئولىشايلى، يېتىم قىزغا بولۇشايلى! قى - قى - قىق! - قى - قى - قىق!
← بارلىق تېمىلار چوچاق