UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقمۈشۈك باتۇر

مۈشۈك باتۇر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن بۇرۇندىكەن، تېرىق تۇلۇمدىكەن، توخۇ داڭگالچىكەن، ئۆچكە جاڭگالچىكەن. قىرغاۋۇل جەدىكەن، قۇيرۇقى يەردىكەن، بىر جاڭگالنىڭ بويىدا بىر دېھقان بولۇپ، ئۇ ئەتىيازدا بۇغداي تېرىپ، كۈزدە يىغىپ جېنىنى جان ئېتىدىكەن. بىر يىلى دېھقان بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئاپتۇ. ئاشلىقى كات - تاغارلارغا سىغماي قاپتۇ. دېھقاننىڭ ئۆيىگە ئامەت يىغىپ قازىنىمۇ، چۆمۈچىمۇ ماي بولۇپتۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ئامەت ئۈستىگە ئاپەت يوپۇرۇلۇپتۇ. جاڭگالدىن بىر توپ چاشقان كېلىپ، دېھقاننىڭ ئۆيىنى ماكان قىلىشىپتۇ. بۇغداينى يىگەننى ئاز دەپ، دېھقاننىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى قىرقىپ، يېمەك - ئىچمەكلىرىنى بۇلغاپ ئارام بەرمەپتۇ. دېھقان تاختامۈشۈك قۇرۇپتۇ، كوچۇلا تاشلاپتۇ، ئەمما چاشقانلار كۈندىن - كۈنگە ئەدەپ كېتىپتۇ. دېھقان ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىرى يىرقتىكى مەھەللىگە بېرىپ:>تونۇش - بىلىشلىرىگە يالۋۇرۇپ يۈرۈپ بىر تاغىل مۈشۈك تېپىپ كەپتۇ. ئۇ كەلگىچە چاشقانلار دېھقاننىڭ بىر خالتا بۇغدىيىغا زىيان ساپتۇ. تاغىل مۈشۈك دېھقاننىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن، چاشقانلارنى بىر - بىرلەپ بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ تانابىنى تارتىپتۇ. ئەمما تاغىل مۈشۈك ئېغىرئاياق ئىكەن. ۋاقتى - قەرەلى كېلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش تۆت تاغىل ئاسلان تۇغۇپتۇ. بۇ ئارىلىقتا چاشقانلار مۈشۈكتىن خېلىلا ئارام تېپىپ قاپتۇ. ئەمما تۇغۇتتىن تۇرغاندىن كېيىن باشلىرىغا يەنە ئاپەت ياغىدىغانلىقىنى ئەسلىشىپ غەمگە پېتىشىپتۇ. بىر يەرگە جەم بولۇشۇپ كېڭىشىپتۇ. ئاخىرى >ئاسلانلارغا كۇچۇلا بېرىپ، مۈشۈكنىڭ نەسىلىنى قۇرۇتساق بۇ بالا - قازادىن قۇتۇلىمىز< دېيىشىپتۇ ۋە مەسلىھەت بويىچە مۈشۈكنىڭ ئۇۋىسىنىڭ يېنىغا بىر نەچچە تال كۇچۇلىنى تاشلاپ قويۇپتۇ. گۆدەك ئاسلانلار دۇنيادىن بىخەۋەر بولغاچقا، ئۈچ ئاسلان ئارقا - ئارقىدىن ئۆلۈپ كېتىپتۇ. تاغىل مۈشۈك قالغان بىر بالىسىنى يېنىدىن ئايرىماي بېقىپتۇ ۋە ئۆز ھۆنىرىنى ئۈگىتىپتۇ. ئاي ئۆتۈپتۇ، يىل ئۆتۈپتۇ. ئاسلان ئانىسىغا ئوخشاش يوغان، قاۋۇل مۈشۈك بولۇپتۇ. ئانا - بالا مۈشۈكلەر بىرلىكتە چاشقان تۇتۇپ، ئۆيدىكى چاشقانلارنى تۈگىتىپ قويۇپتۇ. چاشقان تۈگىگەندىن كېيىن دېھقان ئۇلارنى ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ. ئانا - بالا مۈشۈكلەر جاڭگالغا قاراپ يول ئاپتۇ. ئەمما يېرىم يولدا تاغىل مۈشۈكنى بۈركۈت كۆتىرىپ كېتىپتۇ. ئانىسىدىن ئايرىلغان مۈشۈك يىغلاپتۇ. قاقشاپتۇ. ئاخىرى بېشى قايغان، پۇتى تايغان تەرەپكە قاراپ كېتىۋېرىپتۇ. بىر ئورمانلىققا كەلگەندە ئۇنىڭ ئالدىدىن بىر تۈلكە چىقىپ قاپتۇ. ئۇ زامانلاردا مۈشۈك نەسلى ھايۋانلار تائىپىسىدىن بىر تۈلكە چىقىپ قاپتۇ. ئۇ زامانلاردا مۈشۈك نەسلى ھايۋانلار تائىپىسىگە تېخى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. مۈشۈك تۈلكىنى كۆرۈشى بىلەنلا تۈگۈلۈپ ھۈرپىيىپتۇ. بۇرۇتلىرىنى دڭگايتىپ، كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ خىرىس قىلىپ تۇرۇپتۇ. مۈشۈكنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرگەن تۈلكە چۆچۈپ كېتىپتۇ. تازا سەپسېلىپ قاراپ، تېرىسى يولۋاسنىڭكىدەك تاغىل، كۆرۈنۈشنى يولۋاستەك بۇ مەخلۇقنى كۆرۈپ ئىچىدە:>يولۋاسنىڭ بالىسىدەك بىر نەرسىگە ئۇچراپ قاپتىمەن، بۇنىڭدىن بىر ئامال قىلىپ قۇتۇلمىسام تۈگەشكىنىم شۇ< دەپ ئويلاپتۇ - دە، كۆڭلىگە بىر ھىيلە پۈكۈپ قۇيرۇقىنى شپاڭشىتىپ، نايناقلاپ مۈشۈكنىڭ ئالدىغا مېڭىپتۇ. ئۆز نۆۋىتىدە مۈشۈك تۈلكىدىن قورقۇپ تۇرغان ئىكەن. تۈلكىنىڭ ئۆزىگە ئويناقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن مۈشۈك مىياۋلىغان پېتى قاچىمەن دەپ تەمتىرەپ كېتىپ، تۈلكىگە ئۆزىنى ئېتىپتۇ. يۈرىگى پوكۇلداپ تۇرغان تۈلكە بۇنى كۆرۈپ ئاللا - توۋا كۆتىرىپ بەدەر قېچىپتۇ. شۇ قاچقان پېتى ئوينى ئوي دېمەي، دۆڭنى دۆڭ دېمەي كېلىۋاتسا، ئالدىدىن بىر ئېيىق چىقىپ قاپتۇ. - يول بولسۇن تۈلكىۋاي، - دەپتۇ ئېيىق ئۇنىڭغا، - نېمىگە شۇنچە قورقۇپ كېتىۋاتىسەن؟ - سەن سورىما، مەن ئېيتماي، - دەپتۇ تۈلكە ئېيققا، - ھۇشۇڭنىڭ بارىدا سەنمۇ جېنىڭنى دالدىغا ئال! تۈلكىنىڭ ئالدى - كەينىگە قورقۇپ - قورقۇپ قاراشلىرى ۋە باش - ئايىقى يوق سۆزىدىن ھەيران قالغان ئېيىق بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلگۈسى كېلىپ، تۈلكىنىڭ كەينىدىن پايپاسلاپ يۈگۈرەپتۇ. بىردەمدىن كېيىن بىر ئېرىق بويىغا كېلىپ دەملىرىنى ئېلىپ ئولتۇرغان ئىكەن، قاياقتىندۇر بىر بۆرە پەيدا بولۇپ، بۇلارنىڭ يېنىغا كەپتۇ ۋە تۈلكە، ئېيىقتىن ئەھۋال سوراپتۇ. - ھەي قاشقىرۋاي! - دەپتۇ تۈلكە ئاران - ئاران نەپەس ئېلىپ، - مەندىن تولا گەپ سورىما. ئېسىڭنىڭ بارىدا ئۆزەڭنى دالدىغا ئال! ئېيىق بىلەن بۆرە تۈلكىدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراپ تۇرۇۋاپتۇ. تۈلكە جاڭگالدا مىياۋلاپ يۈرگەن مەخلۇقنى كۆرگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىپ، ئېيىق بىلەن بۆرىنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. بۇ ئىككىسى ئۆزلىرىنى جاڭگالنىڭ خوجىسى، ھايۋانلارنىڭ باتۇرى ھېسابلاپ يۈرگەن ئىكەن. تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بۇ مەخلۇق ئۇلارنى بەكمۇ قىزىقتۇرۇپتۇ. شۇڭا تۈلكىدىن ئۆزلىرىنى بۇ مەخلۇقنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. - ياق، - دەپتۇ بۆرە، - سەن نېرىدىن كۆرسىتىپ قويساڭلا بولدى. قالغىنىنى ئۆزىمىزگە قويۇپ بەر. - شۇنداق قىل، ئۇ مەخلۇقنىڭ كارامىتىنى بىر كۆرۈپ باقايلى، - دەپتۇ ئېيىق، - ئەگەر ئۇ سېنىڭ دېگىنىڭدەك بولسا، تاقابىل تۇرۇش چارىسىنى قىلمىساق بولمايدۇ... - بوپتۇ، باشلاپ باراي، - دەپتۇ تۈلكە تەسلىكتە، - ئەمما ئۇنىڭ قېشىغا قۇرۇق قول بارساق، ئۆزىمىز يەم بولۇپ كېتىشىمىز تۇرغان گەپ، شۇڭا ئانچە - مۇنچە سوۋغا - سالام ئېلىپ بارايلى، سوۋغا - سالامنى كۆرۈپ يۇمشاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. تۈلكىنىڭ مەسلىھەتى ئېيىق بىلەن بۆرىگە موك يېقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇلار ئۈچ تەرەپكە بۆلۈنۈپ ئوۋغا ئاتلىنىپتۇ. ئېيىق تاققا چىقىپ بىرقوتازنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆشنىسىگە ئارتىپ كەپتۇ. بۆرىمۇ بىر قىرغاۋۇلنى غىققىدە بۇغۇپ، تەييارلاپ تۇرۇپتۇ. بۇ ئۈچەيلەن جەم بولغاندىن كېيىن، مۈشۈكنى ئىزلەپ يولغا چىقىپتۇ. بىر ئورمانلىققا كەلگەندە تۈلكىنىڭ خىيالىغا بىر ئوي كەپتۇ ۋە ئېيىق بىلەن بۆرىنى توختىتىپ: - ئاغىنىلەر، بىز مۇنداق ئوچۇق - ئاشكارا بارساق زىيان تارتىمىز، شۇڭا يېقىن قالغاندا تەييارلانغان سوۋغاتلارنى بىر يەرگە قويۇپ، ئۆزىمىز مۆكۈۋالايلى. ئۇ مەخلۇقنىڭ كارامىتىنىڭ قانداقلىقىنى گۆشنى يىگىنىدىن بىلىمىز، - دەپتۇ. - كاتتا ئەقىل بولدى، - دەپتۇ ئېيىق تۈلكىنىڭ تەدبىرىنى قۇۋۋەتلەپ. - قېنى، بۇ چارىنى سىناپ باقايلى، - دەپتۇ بۆرە. ئۇ تۈلكىنىڭ كاززاپلىقىنى بىلىدىكەن. ئالداۋاتامدىكىن، دەپ گۇمان قىلىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئۈچ يىرتقۇچ يوشۇرۇنماقچى بولۇپتۇ. ئېيىق ئىتتىك يۈگۈرەلەيدىغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئالىمادىس بىرەر خەۋپ تۇغۇلۇپ قالسا، قاچالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بىر قارىغاي ئۈستىگە چىقىپ، شاخنىڭ دالدىسىغا ئۆزىنى ئاپتۇ. بۆرە ئۇيان - بۇياننى ئىزلەپ، قارىغاينىڭ تۈۋىدىكى ئازگالغا چۈشۈپ، ئۈستىگە شاخ - غازاڭلارنى يېپىۋاپتۇ. تۈلكىمۇ ھەر ئېھتىمالغا دەپ يوغان بىر قۇرام تاشنىڭ ئارىسىدىكى قىسىلچاققا كىرىپ يوشۇرۇنۇپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن مۈشۈك بىردەسسەپ، ئىككى دەسسەپ جاڭگالدىن چىقىپ كەپتۇ ۋە مەيداندا تۇرغان قوتاز، قوي، قىرغاۋۇللارنى كۆرۈپ، ئاغزىغا سېرىق سۇ يىغىلىپ، يېقىنلاپ كەپتۇ - دە، قوتازنىڭ گۆشىنى چىشلەپ ئۈزەلمەي تۇرغىنىدا، ئازگالدا ياتقان بۆرىنىڭ ئىچى پۇشۇپ، مۈشۈكنى كۆرۈش ئۈچۈن بېشىنى كۆتەرگەن ئىكەن. غازاڭلار شالدىرلاپ كېتىپتۇ. غازاڭلارنىڭ مىدىرلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن مۈشۈك:>غازاڭنىڭ ئاستىدا چاشقان بار ئوخشايدۇ، چىش ئۆتمىگەن گۆش بىلەن ھەپىلەشكىچە چاشقىنىمنى تۇتمايمەنمۇ< دەپ ئويلاپتۇ - دە، ئازگالغا ئېتىلىپتۇ. >قوتاز بىلەن قوينىڭ گۆشلىرىگە قانائەت قىلماي، مېنىمۇ قوشۇپ يەۋېتىدىغان ئوخشايدۇ< دەپ ئويلىغان بۆرە قورققىنىدىن چىقىراپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ ۋە ئۆلە - تىرىلىشىگە باقماي ئۆزىنى جاڭگالغا ئېتىپتۇ. بۆرىنىڭ تۇيۇقسىز سەكرەپ چىققىنىدىن قورقۇپ كەتكەن مۈشۈك:>ئاپلا، توزاققا چۈشۈپ قالغان ئوخشايمەن< دەپ ئويلاپ، جان ھەلقۇمىدا ئۆزىنى كەينىگە بىر ئاتقانىكەن، ئۇدۇل بېرىپ تۈلكە ياتقان قىسىلچاقنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپتۇ. بۇ ئاجايىپ مەخلۇقنىڭ ئېيىق بىلەن بۆرىنىڭ ئالدىدىكى تاماشاسىنى كۆرىمەن، دەپ شېرىن خىيال سۈرۈپ ياتقان تۈلكە مۈشۈكنىڭ ئۆزىنىڭ ئۈستىگە چۈشكىنىنى كۆرۈپ، جان - پېنى چىققىدەك قورقۇپ، يۇلۇنۇپ بىر سەكرەپتىكەن، قىسىلچاقتىن چىقىپ كېتىپتۇ. تۈلكە >پىنھان پانا نەدىسەن!< دەپ نالە قىلغىنىچە قۇيرۇقىنى چاترىقىغا قىستۇرۇپ شۇنداق يۈگۈرۈپتىكى، ھاي - ھۇي دېگۈچە كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ. ئىككىنچى قېتىم ئالدىدىن تۇيۇقسىز سەكرەپ چىققان مەخلۇقنى كۆرگەن مۈشۈك ئۇجۇقۇپ كېتىپتۇ ۋە جان ساقلاش مەقسىتىدە ئاخىرقى ئامالىنى ئىشقا سېلىپ، قارىغايغا يامىشىپتۇ. يۇپۇرماقلار ئارىسىدىن ھەممە ئەھۋالنى كۈزىتىپ تۇرغان ئېيىق تۈلكە بىلەن بۆرىنى قورقىتىپ قاچۇرغان بۇ ئاجايىپ مەخلۇقنىڭ ئەمدى ئۆزىگە قاراپ ئۇچقاندەك كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، قورققىنىدىن دەھشەتلىك ھۆكىرەپتۇ - دە، نېرى - بېرى ئويلاپ ئولتۇرمايلا ئۆزىنى قارىغايدىن يەرگە تاشلاپتۇ ۋە ئاران دېگەندە ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ، >باتۇر بولساڭ قېچىشنى بىل!< دەپ ئەرسات كۆتىرىپ، ئالدى - كەينىگە قارىماي تىكىۋېتىپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ ئۈچ زوراۋان بۇ جاڭگالغا يولىماپتۇ. جاڭگال يۇۋاش - مەسۈم كىچىك ھايۋانلارغا قاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق