شەبنەم كۆزلۈك ئۈزۈك
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا ئۆتكەن بىر پادىشاھنىڭ تەكەببۇر ۋە خىيالپەرەس بىر قىزى بار ئىكەن. قىز ئۆمرىنى كۈن بويى چارىباغدا سەيلى قىلىپ ئۆتكۈزىدىكەن. ئۇنىڭ ھۆسنى - جامالى تولىمۇ گۈزەل ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ سەھەرنىڭ ھاۋاسىدا، بۇلبۇلنىڭ ناۋاسىنى ئاڭلاپ سەيلە قىلماق بولۇپتۇ. باغدىكى رەڭمۇرەڭ گۈللەرنى ئارىلاپ سەيلى قىلىپ يۈرۈپ، گۈللەرنىڭ ياپراقلىرىدا پارقىراپ تۇرغان سۈپ - سۈزۈك شەبنەم تامچىلىرىغا كۆزى چۈشۈپتۇ - دە، دادىسىغا ئەنە شۇنداق شەبنەم تامچىسىدەك يالتىراپ ۋە لىغىلداپ تۇرىدىغان مەرۋايىت كۆزلۈك ئۈزۈك ياسىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كىشى قويۇپتۇ.
قىز يالغۇز بولغىنى ئۈچۈن شاھ ئۇنىڭ ھەرقانداق تەلىۋىنى ئورۇنداپ بېرىدىكەن. شاھ قول ئاستىدىكى شەھەرلەرنىڭ بالىق زەرگارلىرىغا ئەنە شۇنداق شەبنەم كۆزلۈك ئۈزۈك ياساش، ئەگەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ياساپ كەلتۈرۈپ بەرمىسە، ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا پەرمان چىقىرىپتۇ.
مەملىكەت تەۋەلىگىدىكى پۈتكۈل زەرگالار بۇنداق كۆزنى ياساش ئۈچۈن بارلىق ھۈنەرلىرىنى ئىشلىتىپ تىرىشىپ كۆرگەن بولسىمۇ ياسىيالغاپتۇ. شاھ ئۇلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلماقچى بولغىنىدا، ئۇشتۇمتۇت بىر كېلىشكەن ياش يىگىت پەيدا بولۇپتۇ - دە:
- مان مەن ياسىيالايمەن. مېنى قىز بىلەن كۆرۈشتۈرۈڭلار، دەپتۇ، - يىگىتنى قىزنىڭ قېشىغا باشلاپ ئېلىپ بېرىپتۇ.
- ئەي مەلىكە، - دەپتۇ يىگىت چوڭقۇر تازىم قىلىپ تۇرۇپ، - ياسىماقچى بولغان ئۈزۈك كۆزىنىڭ نۇسخىسىنى نىمىدىن ئالىمەنكى؟
- گۈللە بەرگىدىكى شەبنەمدىن ! - دەپتۇ مەلىكە ھاكاۋۇرلۇق بىلەن.
- ئۇنداق بولسا، ئاشۇ شەبنەم تامچىسىنى ئۆز قولىڭىز بىلەن ئېلىپ بەرسىڭىز، ئاندىن ياسىغىلى بولىدۇ، - دەپتۇ يىگىت.
مەلىكە گۈللەر بەرگىدە سىماپتەك تىتىرەپ، پارقىراپ تۇرغان شەبنەم تامچىلىرىنى قولىغا ئالماقچى بولۇ قانچە تىرىشقان بولسىمۇ ئالالماپتۇ. شەبنەملەر قولىغا چىقماي چېچىلىپ كېتىپتۇ. ئاخىرى ئۇ ئىلاجىسىزلىقتىن بولمايدىكەن ئەمەسمۇ! - دەپ تاشلاپتۇ.
- قول بىلەن تۇتقىلى بولمىغان نەرسىنى يەنە قول بىلەن قانداق ياسىغىلى بولىدۇ مەلىكەم؟ - دەپتۇ يىگىت كۈلۈپ، مەلىكە ھېچنىمە دىيەلمەي قاپتۇ - دە، يىگىتنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆڭلى چۈشۈپ قاپتۇ. ھاكاۋۇرلۇغىمۇ ئاللىقاياقلارغا يوقاپتۇ، يىگىتكە مۇلايىملىق بىلەن ئىلتىپاتلا كۆرسىتىپتۇ.
تەلۋە قىزىنىڭ مۇنچىلىك تېزلىكتە ئۆزگىرىپ، مۇلايىملىشىپ كەتكىنىدىن مەمنۇن بولغان شاھ، بىرمۇنچە كىشىلەرنىڭ قېنىنىڭ ناھەق تۆكۈلۈشىنى توساپ قالغان بۇ گۈزەل، ئەقىللىق، باتۇر يىگىتنى ياقتۇرۇپ قاپتۇ - دە، چوڭ توي قىلىپ، قىزىنى ئۇنىڭغا نىكالاپ قويۇپتۇ، بىرقانچە ۋاقىتلاردىن كېيىن پادىشاھ قېرىپ، ئورنىنى كۈيئوغلىغا بېرىپتۇ. يىگىت بىلەن مەلىكە بەخىتلىك ئۆمۈر كەچۈرۈپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.
ئېيتىپ بىرگۈچى: چاۋار يۈسۈپ