UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئىككى كۆزلۈك بىلەن بىر كۆزلۈك...

ئىككى كۆزلۈك بىلەن بىر كۆزلۈك...

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا، مەلۇم شەھەردە كېچە - كۈندۈز قانداق قىلىپ باي بولۇشنىڭ يولىنى ئىزلەپلا يۈرىدىغان بىر كىشى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ بىر كۈنى «پالان يەردىكى دېڭىز ئوتتۇرىسىدا بىر ئارال بار. ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى بىر كۆزلۈك» دىگەن سۆزنى ئاڭلاپتۇ. ئۇ دەرھاللا: «ئاشۇ بىر كۆزلۈكلەر يۇرتىغا بېرىپ، بىر كۆزلۈكتىن بىرنى تۇتۇپ كېلىپ قەپەزگە سولاپ كۆرگەزمە قىلسام باي بولۇپ كېتىمەن» دەپ ئويلاپتۇ. ئۇ دەرھال كېمە تەييارلاپ بىر كۆزلۈكلەر ياشايدىغان ئارالغا بېرىپتۇ. ئەمما. قىرغاققا ئەمدىلا پۇت قويۇشىغا ئۇنى چىگرا ساقلاۋاتقان بىر كۆزلۈك ئەسكەرلەر تۇتۇۋاپتۇ - دە، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. بىر كۆزلۈكلەرگە ئىككى كۆزى بار بۇ ئادەم غەلىتە مەخلۇق بولۇپ كۆرۈنۈپتۇ. بىر كۆزلۈكلەرنىڭ پادىشاھى ۋەزىرلىرىنىڭ مەسلىھىتى بىلەن ئۇنى ھازىرچە قاماپ قويۇپ، كېيىنرەك قەپەزگە سولاپ كۆرگەزمە قىلىپ دۆلەتكە پۇل كىرىم قىلىشقا بۇيرۇپتۇ. ئۇلارغا قاراش ئۈچۈن بىر كۆزلۈك بىر ساقچىنى بەلگىلەپتۇ. كەچ كىرگەندە ئىككى كۆزلۈك بىر كۆزلۈك ساقچىدىن: - مېنى قەپەزگە سولاپ نېمە قىلماقچىسىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ. - سەن ئىككى كۆزلۈك، غەلىتە مەخلۇق ئىكەنسەن، - دەپتۇ ساقچى، - شۇڭا پادىشايىمىز ئەتە سېنى باغچىغا كۆرگەزمىگە قويۇپ پۇل تاپماقچى. ئىككى كۆز پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي: «ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، نىمە ئۈچۈن باشقىلارنى ئاجايىپ مەخلۇق دەپ ئويلىغاندىمەن؟ ئەمدىلىكتە ئۆزەم <ئاجايىپ مەخلۇق> دەپ قارىغانلارنىڭ ئالدىدا <ئاجايىپ مەخلۇق> بولۇپ قالدىم» دەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. بىر كۆزلۈك ئۇنىڭ سۆرلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇپ: - سەن نىمىشقا يىغلايسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. ئۆزەمنىڭ قەپەزگە سولىنىپ قالغىنمغا ئىچىم پۇشۇپ يىلىدىم، - دەپتۇ ئىككى كۆزلۈك ۋە ئارقىدىنلا خىرىلداپ كۈلۈشكە باشلاپتۇ. بىر كۆزلۈك «بۇ مەخلۇق راستىنلا ئاجايىپ ئىكەن؟» دەپ ھەيران قاپتۇ - دە يەنە: - ئەمدى نىمىشقا كۈلۈسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. - سېنىڭ ۋە سىلەر بىر كۆزلۈكلەرنىڭ ئاخماقلىقىغا كۈلۈۋاتىمەن. چۈنكى، مېنى سولاپ قويۇۋەرسەڭلار، مەن يىغلاۋەرسەم بىر كۆزۈمنىڭ گۆھىرى ئېقىپ كېتىپ قارغۇ بولۇپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ. شۇڭا مېنى ھازىر قويۇپ بەرسەك، مېنىڭ بىر ئاكام بار، ئۇ ئۈچ كۆزلۈك، شۇنى باشلاپ كەلسەم، ئۇ يىغىلاش جەريانىدا بىر كۆزىدىن ئايرىلغان تەغدىردىمۇ يەنە ئىككى كۆزى ساق قالىدۇ. سىلەر ئۇنى كۆرگەزمىگە قويساڭلار پۇل تاپالايسىلەر، - دەپتۇ. - شۇ سۆزۈڭ راستمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ بىر كۆزلۈك ساقچى ئىشەنمەي. - راسىت، سەن مېنى ھازىر قويۇپ بەرسەڭ تېزدىن يۇرۇتۇمغا قايتىپ ئاشۇ ئۈچ كۆزلۈك ئاكامنى جەزمەن باشلاپ كېلىمەن. ئۇنى كۆرگەزمە قىلىپ ئاجايىپ نۇرغۇن كىرىم قىلىسىلەر! بىر كۆزلۈك ساقچى ئىشىنىپتۇ - دە، ھېلىقى ئىككى كۆزلۈك ئادەمنى قەپەزدىن بۇشىتىپ قويۇپ بېرىپتۇ. ئىككى كۆزلۈك دەرھال كېمىسىگە چىقىپ تىكىۋېتىپتۇ ۋە كېتىپ بىرىپ، مۇندىن كېيىن باشقىلارنى زادىلا مەسخىرە قىلىپ «ئاجايىپ مەخلۇق» دەپ قاراپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خام خىيالىدا بولمايمەن، دەپ قەسەم قىلىپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: زورىخان.
← بارلىق تېمىلار چوچاق