مەككارنىڭ ئاقىۋىتى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئۆتكەن زاماندا، بىزگە كۆپ يېقىنمۇ ۋە كۆپ يىراقمۇ ئەمەس بىر جايدا بىر دېھقان ئۆتكەنىكەن. بۇ دېھقان ئۆمۈر بويى ھالال مېھنىتىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرۈپتۇ. ئۇنىڭدىن ئاتا - ئانىسىدىن ئۈچ گۆھەر مىراس قالغانىكەن، بۇ دېھقان ئۆز ھاياتىدا كۆپ يوقسۇزلۇق - غۇربەتچىلىك تارتقان بولسىمۇ، بۇ گۆھەرلەرنى ئۆز ئەجدادىنىڭ قىممەتلىك «تەۋەرۈكى» دەپ بىلىپ، ئۇنى ئەۋلادلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك يادىكارلىقىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەتىۋارلاپ چىڭ ساقلاپ كەپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ. بوۋاينىڭ ئۆمرىگە ھاردۇق يېتىپتۇ. بوۋاي ئۆز ئۆمرىنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ «ئاتا - ئانامدىن قالغان بۇ ئۈچ گۆھەرنى كۆزۈمنىڭ يورۇقىدا ئۈچ ئوغلۇمغا تەۋەررۈك قىلىپ بېرىۋېتەي، قازارا ئەجەل يېتىپ قالسا گەپ - سۆزۈمنى دېيەلمەي ئارماندا كېتىپ قالماي» دەپ ئويلاپتۇ.
بوۋاي شۇ كۈنى كەچتە ئۈچ ئوغلىنى خانىسىغا جەم قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:
- بالىلىرىم، مەن ياشىنىپ، بىر پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىدى. بۇرنۇمغا ئەجەل پۇراۋاتقاندەك قىلىۋاتىدۇ. جان دېگەن تەندە ئامانەت، كۆزۈمنىڭ يورۇقىدا سىلەرگە قىلىدىغان مۇنداق ۋەسىيىتىم بار.
بوۋاي سۆزىنى داۋاملاشتۇرغاچ يانچۇقىنى كولاپ بىر پارچە لاتىغا چىرايلىق ئورالغان بىر تۈگۈننى ئېلىپتۇ. ئۈچ ئوغۇل ئاتىسىنىڭ نەسىھىتىگە تەقەززا بولۇپ، قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتقىنىچە بوۋاينىڭ قولىدىكى ھېلىقى تۈگۈندىن كۆزىنى ئۈزۈشمەي جىم ئولتۇرۇشۇپتۇ. بوۋاي تۈگۈننى ئاۋايلاپ تۇتۇپ ئولتۇرۇپ سۆزلەپتۇ:
- مېنىڭ بۇ دۇنياغا قالدۇرۇپ كەتكۈدەك ئۆز ئەجرىمدىن پۈتكەن سىلەرنىڭ باشقا ھېچنىمەم يوق. بۇ ھەقتە پەقەت سىلەر بىلەنلا كۆڭلۈم قانائەت قىلىدۇ. بۇنىسى سىلەرگىمۇ ئايان. پەقەت قولۇمدا ئاتامدىن قالغان ئۈچ گۆھەر بار، بۇ گۆھەرلەرنى ئاتامغا بوۋام، بوۋامغا بوۋىسى، بوۋامنىڭ بوۋىسىغا ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭ بوۋىسى مىراس قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەنىكەن، قىسقىسى، بۇ گۆھەرلەرنى بىزنىڭ ئەڭ مۇقەددەمدىكى ئاتىمىز ئەۋلادىغا ئەبەدىيلىك يادىكار قىلىش ئۈچۈن قالدۇرۇپ كەتكەنىكەن. تا شۇنىڭدىن بېرى بۇ ئۈچ گۆھەر قولدىن قولغا، بالىدىن بالىغا، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تەۋەررۈك ۋە يالداما بولۇپ ساقلىنىپ كەپتۇدەك. ئاتام ماڭا يۇقىرىقى ئەھۋالنى ئېيتىپ، بىر مۇنچە ۋەسىيەت ۋە نەسىھەت بىلەن بۇ گۆھەرلەرنى قالدۇرغانىدى. ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي. رەھمىتى ئاتام جان ھەلقۇمىغا كەلگەن چېغىدا سەكراتتا يېتىپمۇ: «بالام، ھېلىقى ئۈچ گۆھەرنى بۇزۇپ - چېچىۋەتمە! ئۇ ئاتا مىراس، ئۇنى چىڭ ساقلاپ، كۆز قارچۇقىڭدەك ئەتىۋار بىل، ئۇ نەسلىمىزنىڭ تەۋەررۈكى ۋە شۇنداق بولغاي. تەقدىرى ئالەم كۈنلەردە بىر كۈن سەنمۇ مەندەك قېرىپ، ھايات بېغىڭغا قىراۋ چۈشىدىغان كۈنلەر يېتىپ كەلسە، ئۇنى ئۆز ئوغۇللىرىڭغا مىراس قىلىپ قالدۇر ۋە ئۇلارغا مەن ساڭا قىلغان نەسىھەتنى قىلىپ بەرگىن، نەۋرەم ئۇنى ئۆز بالىلىرىغا ھەدىيە قىلغاي. شۇنداق قىلساڭ مەن سەندىن ئاۋۋىلى - ئاخىرى رازى بولىمەن» دەپ كۆز يۇمغانىدى. مانا مەنمۇ سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئاتا - ئانىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش پەرزەنتنىڭ قەرزى، بالىلىرىم. بۇ گۆھەرنى سىلەرگە قالدۇرۇپ كېتەي، ھەرگىز زايا قىلماي، مەندەك ياخشى ساقلاپ بالىلىرىڭلارغا مىراس قالدۇرۇپ كەتكەيسىلەر، ئۇلارمۇ بالىلىرىغا قالدۇرغاي.
بوۋاي نۇرغۇن نەسىھەت ۋە ۋەسىيەت قىلىپ ئۈچ ئوغلىغا ھېلىقى ئۈچ گۆھەرنى بېرىپتۇ. راست دېگەندەك بىر قانچە كۈن ئۆتە - ئۆتمەي بوۋاي باقى ئالەمگە سەپەر قىپتۇ.
ئۈچ ئوغۇل دادىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى قەدرى - ئەھۋال ئۆتكۈزۈپ، بوۋاينىڭ بۇ دۇنيادىكى رەسمىيەتلىرىنى بىر - بىرلەپ بېجىرىپتۇ. ئۇلار دادىسىنىڭ نەسىھىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاش ھەققىدە بىر - بىرىگە ۋەدە ۋە نەسىھەت قىلىشىپ يۈرۈپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ.
بۇ بوۋاينىڭ ئۆمرى ئاخىرقى يىللىرىغا يېقىن قالغان كۈنلەردە بۇ مەھەللىگە يىراق يۇرتتىن پايتىمىسىنى تەتۈر يۆگەپ بىر سەرگەردان كەلگەنىكەن. بوۋاي ئاق دىل، مېھرىبان، ساخاۋەتلىك ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ماكانسىز پالاندىغا ئىچى ئاغرىپ، ئۇنىڭغا ئۆي - يەر بۆلۈپ بېرىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەنىكەن. بۇ مەككار پالاندى ساددا بوۋايغا تۈرلۈك - تۈمەن خۇشامەتلەرنى قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە قارىتىپ ئالغانىكەن. ئاق كۆڭۈل بوۋاي ھەممە كىشىنى «ئۆزىدەك» دەپ ئويلايدىغان ئادەم بولغاچقا، كۆڭۈل سىرلىرىنى بۇ پالاندىغا يوشۇرماي ئېيتىپ يۈرىدىكەن. نىيىتى يامان، ئالا كۆڭۈل پالاندى ئۆچ گۆھەر ھەققىدىكى گەپنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كۆپ ئۇرۇنۇپتۇ. لېكىن گۆھەرنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمىگەچكە، پەيت كۈتۈپ، ھەسرەت يۇتۇپ يۈرگەنىكەن. بوۋاي ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ تېخىمۇ ئالدىراپ قاپتۇ. ئۇ ئۆز مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرتۇغقان قېرىنداشنىڭ كۆڭۈل خامىنىغا ھەسەت ئوتىنى تۇتاشتۇرۇشقا تۇتۇش قىپتۇ.
بۇ ئۈچ ئوغۇلنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئىسمى داۋۇت، ئوتتۇرانچىسىنىڭ ئىسمى بەھرام، كەنجىسىنىڭ ئىسمى خەمىت ئىكەن. بىر كۈنى ھېلىقى پالاندى داۋۇتنى ئۆز ئۆيىگە چاقىرىپ ئەكىرىپ تازا مېھمان قىلىپتۇ ۋە داستىخان ئۈستىدە مۇنداق دەپتۇ:
- ئوغلۇم، سەن ئاتاڭنىڭ تۇنجى ئوغلىسەن، ئاتاڭنىڭ بىردىنبىر ۋارىسى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
ئەلۋەتتە شۇنداقتە، - داۋۇت تەمكىنلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپتۇ،
- ھەببەللى، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم دەل ئەنە شۇ. ئاتاڭنىڭ ھېلىقى ئۈچ گۆھەرنى ساڭىلا قالدۇرۇپ كەتكىنى تۈزۈك ئىدى. ئۇنىڭغا سەنلا ئىگىدارچىلىق قىلساڭ ھەقىقىي مۇناسىپ ۋە بەلەن ئىش بولاتتى. بىر چاغلاردا ئۇ ماڭا «ئاتا - بوۋامدىن مىراس قالغان ئۈچ گۆھىرىم بار، ئۇنى تۇنجى ئوغلۇم داۋۇتقا مىراس قالدۇرۇپ كېتىمەن، بۇ ئىشقا ئۆزلىرى شاھىت بولارلا» دېگەنىدى، كېيىن نېمە بولدىكىن - تاڭ، ئاتاڭ بۇرۇنقى ۋەدىسىدىن يېنىپ ئۇ گۆھەرلەرنى ساڭىلا بەرمەي ھەممىڭلارغا تەڭ بۆلۈپ تۇتقۇزدى. مېنىڭ كۆيۈنۈپ دېمەكچى بولغىنىم ئەنە شۇ. ھېلىمۇ ھېچقىسى يوق. ئادەم قېرىغاندا ئەقلىمۇ تەڭ قېرىيدىكەن. ئاتاڭمۇ شۇنداق بولغان بولسا كېرەك. قېنى كېيىنچە بىر ئامالىنى قىلارمىز.
داۋۇت بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ: «راست، دادام نېمىشقا شۇنداق قىلدى؟ نېمىشقا ئۇ ئەسلىدىكى ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى؟ بۇنىڭدا چوقۇم ئىنىلىرىمنىڭ (مەسلىھىتى) بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە مەن چوڭ ئوغۇل بولغاندىكىن ماڭا مىراس قالدۇرۇشى كېرەك ئىدىغۇ؟» دەپ ئويلاپ قاپتۇ. داۋۇتنىڭ ئويىنى پەملىگەن مەككار پالاندى دەرھال سۆز قېتىپ:
- شۇنداقمۇ - شۇنداق ئەمەسمۇ، ئوغلۇم داۋۇت، ئۆزۈڭ ئەقلىڭنى ئىشقا سېلىپ بىر گەپ قىلىپ باقە قېنى؟ - دەپتۇ.
- ئەلۋەتتە شۇنداق بولمامدىغان! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ داۋۇت.
- ئۇنداق ئىكەن، بۇ گۆھەرلەرگە ھېلىمۇ سەن ئىگىدارچىلىق قىلىشىڭ لازىم، قانداق؟
داۋۇت ئىككىلىنىپ تۇرۇپ:
- شۇنداق قىلسامغۇ نۇر ئەلا ئىش بولغان بولاتتى. بىراق ئىنىلىرىم نېمە دەركىن - تاڭ، بىلەلمىدىم.
- ئۇلارغا ئېيتماقچىمۇ سەن؟ تېخى نادانسەن- دە، ئۇلارغا ئېيتساڭ بەلكىم ئۇلار سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن يانمايدۇ. كىم بىلىدۇ، تېخى ئۇلار ئاللىقاچان سېنى يىغىشتۇرىۋېتىپ گۆھەرلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشنىڭ يوشۇرۇن يولىنى تېپىپ بولدىمۇ! - پالاندى داۋۇتنىڭ كۆزىگە مىختەك قادىلىپتۇ.
ئۇلار شۇنداق قىلىپ يول تېپىپ بولدى. قايسى كۈنى، ئىشقىلىپ بۇندىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ شۇ ھەقتە قىلىشقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. شۇڭا ساڭا ئىچىم ئاغرىپ، بۈگۈن ئاتايىن بۇ يەرگە چاقىرىپ بۇ سۆزلەرنى قىلىپ ئولتۇرماقتىمەن.
- ئۇلار نېمىلەرنى دېدى، ئىلدام ئېيتسىلا، ئاتا؟ - داۋۇت ئالدىراپ سوراپتۇ.
- ھەي، تۈن يېرىمى بىلەن تەرىتىم قىستاپ سىرتقا چىققانىدىم. قارىسام بەھرەمنىڭ ئۆيىدە چىراق ئۆچمەپتۇ. يېقىن بېرىپ ئىشىك يوچۇقىدىن قارىسام، بەھرەم بىلەن خەمىت بىر نېمىلەرنى پىچىرلىشىپ ئولتۇرغانىكەن، كۆڭلۈمگە «گۈپپىدە» بىر گۇمان كەلدى - دە، قۇلاق سېلىپ تىڭشىدىم. ھەي! ئۇلارنىڭ نىيىتى نېمىدېگەن يامان، نېمىدېگەن ۋەھشىي! خۇدا ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ يامان نىيىتدىن پاناھ بەرگەيسەن!
- تېز ئېيتسىلىچۇ، ئاتا، ئۇلار زادى نېمە دېيىشتى؟
- ئۇلار: «بىز ۋاقىتنى ئۇزۇنغا سوزماي ئاكامنى يىغىشتۇرۇۋېتىپ، گۆھەرنى ئىككىمىز تەڭ تەسەررۇپ قىلايلى» دېيىشتى.
- ۋۇ مۇناپىقلار، مەن سەنلەرنى بوغۇزلاپ تاشلىمايدىغان بولسام! - داۋۇت شۇنداق غەزەپلىنىپتۇ.
- ئالدىرىما ئوغلۇم، «ئويناپ قىلساڭمۇ ئويلاپ قىل» دېگەن سۆز بار. قاراملىق قىلساڭ چوقۇم ئورىغا چۈشىسەن.
- ئۇنداقتا قانداق قىلسام بولار؟ - سوراپتۇ داۋۇت.
- توختاپ تۇر، - پالاندى بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن داۋۇتنىڭ قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى پىچىرلاپتۇ. بۇ ئەقىلدىن ھەر ئىككىسى رازى بولۇشۇپتۇ.
داۋۇت پالاندىنىڭ ئەقلىگە يۈزمىڭ مەرتە تەھسىن ۋە تەشەككۈر بىلدۈرۈپ چىقىپ كېتىپتۇ. داۋۇت چىقىپ كەتكەندىن كېيىن پالاندى «ھوي ئاناڭنى، ئاشۇنداق داغدا قويمايدىغان بولسام!» دەپ پىچىرلاپتۇ قاپتۇ.
ئارىدىن بىر كۈن ئۆتۈپ، ئۆگۈنىسى گۈگۈم چۈشكەن پەيتتە كەنجى ئوغۇل خەمىت پالاندىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پەيدا بولۇپتۇ.
خەمىت ساددا ۋە سەمىمىي ھالدا ئىگىلىپ سالام بېرىپتۇ. كۆپ تەكەللۇپتىن كېيىن خەمىت تۆردىن ئورۇن ئېلىپتۇ.
- ئوغلۇم، مېنىڭ سېنى نېمىگە چاقىرغانلىقىمنى بىلمەيۋاتىسەنمۇ، دەيمەن. سەن مېنىڭ ئۆز بالام بولمىساڭمۇ، ئۆز بالامدىن چارىسەن - دەپتۇ پالاندى.
- مېنىڭ ھېچ چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. تېزراق بولسىلا، مېنىڭ ھاياتىمغا مۇناسىۋەتلىك قانداق مۇھىم ئىش بار ئىدىكىن؟
- ھەي! - پالاندى چوڭقۇر خۇرسىنىپ سۆزىنى باشلاپتۇ، - سەن تېخى گۆدەك. بۇ دۇنيادا يات ئادەملەر ساڭا قەست قىلسىغۇ مەيلى، ئادەمنىڭ ئەڭ ئېچىندىغىنى ئۆز قېرىندىشىڭنىڭ ۋەھشىي غەرەزلىرى ۋە مۇدىھىش قەستى. قارىمامسەن ئوغلۇم، سېنىڭ ئىككى ئاكاڭ دادڭدىن قالغان ئۈچ گۆھەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش يولىدا سېنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاشتىن يانمايدىغاندەك تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟
خەمىت چۆچۈگەن ھالدا سوراپتۇ:
- بۇ زادى قانداق گەپ؟ ھېچ چۈشىنەلمەيۋاتىمەن. مېنىڭ گۆھەر تامايىم يوق، ئاكامنىڭ مۇنداق قارا نىيەتلىك قىلىشىغا زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. لېكىن ئىنسانچلىقتا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن ئازغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭ يولى ئاسان. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم كۆرۈشۈپ گۆھەرلەرنى ئۇنىڭغا بېرىۋېتىشنى ۋەدە قىلسام ۋە ئىككىلى ئالەم دەۋاسىز ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرسەم بولمىدىمۇ؟
- تېخى كىچىك سەندە، ئوغلۇم، - پالاندى ۋالاقلاشقا باشلاپتۇ. ناۋادا سەن ئۆزۈڭنىڭ گۆھەردىن تاماسىز ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرسەڭ ئۇ شۇنىڭ بىلەن يامان نىيىتىدىن يانسىغۇ مەيلى، مۇبادا ئۆزىنىڭ يامان غەرىزىدىن سېنىڭ خەۋەردار بولۇپ قالغىنىڭنى ئۇقۇپ قالسا بىكاردىن - بىكار ئۇخلاپ ياتقان يىلاننىڭ بېشىنى سىيلاپ ئويغىتىپ ئۆز ئەجىلىڭنى تېزلەتكەن بولمامسەن؟ مەككار پالاندى شۇ سۆزنى قىلىپ بىر پەس ئويلىنىپ قالغاندىن كېيىن خەمىتنىڭ قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى دەپ پىچىرلاپتۇ. ئېھتىمال ئۇنىڭ سۆزلىرى خەمىتكە ياققان بولسا كېرەك، چىرايىدا ھەم شادلىق ھەم ئېچىنىش ئارىلاش تەبەسسۇم پەيدا بولۇپتۇ ۋە تەكرار سوراپتۇ:
- شۇنداق قىلساق بولارمۇ - ھە، ئاتا؟
- ئەلۋەتتە، تەقدىرى ئىلاھى بىلەن شۇنداق قىلساق، ئىنشائاللا رەببىم ئۆزى نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ!
شۇنىڭدىن كېيىن خەمىت خۇشلىشىپ چىقىپ كېتىپتۇ. پالانىدى ئۆز ئەقلىدىن مەمنۇن بولۇپ ھېجىيىپ، يەنە بىر مەككار خىيالغا غەرق بولۇپتۇ.
ئەتىسى ناماز خۇپتەن بىلەن ئوتتۇرانچى ئوغۇل بەھرام پالاندىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەپتۇ. پالاندى ئۇنى قىزغىن مېھمان قىپتۇ ۋە داۋۇت بىلەن خەمىتكە قىلغانغا ئوخشاش بىر مۇنچە سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنى ئاكىسى بىلەن ئىنىسىنىڭ يامان نىيىتىدىن پەخەس بولۇشقا ئاگاھلاندۇرۇپتۇ. بەھرام دەسلىپىدە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي تۇرۇپ قاپتۇ. كېيىن پالاندىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنچ ھاسىل قىلىپ، بۇ ئىشتا ئۆزى دەررۇ بىر ئەقىل تاپالماي پالاندىدىن مەسلىھەت سوراپتۇ. پالاندى داۋۇت بىلەن خەمتنى قانداق يول بىلەن رام قىلغان بولسام، بەھرامنىمۇ ئۆزىگە شۇنداق رام قىلىپ، ئۇنىڭغا يەنە بىر تۈرلۈك پىنھان مەسلىھەت بېرىپ يولغا ساپتۇ. شۇنداق قىلىپ پالاندى بىر قاتار نەيرەڭلەرنى ئىشقا سېلىپ بولغاندىن كېيىن ئىشنىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈشكە باشلاپتۇ.
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى ئۈچ بىر تۇغقان داستىخاندا ئولتۇرۇپ خۇددى دېيىشىپ قويغاندەك شىكارغا چىقىشنى دېيىشىپتۇ ۋە دەرھال سەپەرگە تەرەددۇت قىپتۇ. ئۇلار راۋرۇس ئىككى كۈن تەييارلىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن يولغا راۋان بوپتۇ. ئۇلار ئۇزاق يوللارنى بېسىپ بىر جەزىرىگە كەپتۇ ۋە بىر يەرنى قونالغۇ قىلىپ، ئەپلىك بىر يەرگە ئورۇن راسلاپ تۈنەپتۇ.
ئەتىسى تاڭ ئېتىپ قۇياش يەرۇ _ جاھاننى ئالتۇن نۇر بىلەن كۆمۈپتۇ. ئۇلار مۇشۇ يەرنى شىكاردىن ئۆيگە قايتقىچە بولغان ئارىلىقتا تۇرار جاي قىلىشنى قارار قىلىشىپتۇ. داۋۇت ئوۋ ئوۋلاپ گۆش تېپىپ كېلىدىغان، بەھرام سۇ ۋە تۇز تېپىپ كېلىدىغان، خەمىت گۆھەرلەر بىلەن ئات _ ئۇلاغلارغا قاراپ قونالغۇدا قالىدىغان بولۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ داۋۇت بىلەن بەھرام ئۆز ۋەزىپىسىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يۈرۈپ كېتىپتۇ. خەمىت قونالغۇدا قاپتۇ.
خەمىت ئۆزى كىچىك ئوغۇل بولۇشىغا قارىماي ئىككى ئاكىسىغا قارىغاندا قاۋۇل، قۇۋۋەتلىك ئىكەن. ئۇ ئاكىلىرىنى يولغا سېلىۋېتىپ قونالغۇ جاينىڭ ئىشىك ئالدىغا بىر قۇدۇق كولاشقا باشلاپتۇ. يېرىم كۈن شۇنداق قاتتىق ئىشلەپ بىر نەچچە گەز چوڭقۇرلۇقتا بىر قۇدۇق قېزىپتۇ. قۇدۇقنىڭ تېگىگە بىلەكتەك _ بىلەكتەك قوزۇقلارنى ئۇچلاپ قېقىپ، قۇدۇقنىڭ ئۈستىنى شاخ _ پاخاللارنى بىلەن يېپىپ قويۇپتۇ. ئۇ بۇ ئىشنى پۇختا، كىشى بىلمەيدىغان قىلىپ پۈتتۈرۈپ، كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ پۇرسەت كۈتۈپتۇ ۋە كۆڭلىدە پالاندىنىڭ پاراسىتىگە تەشەككۇر بىلدۈرۈپ، ئاكىلىرى كەتكەن تەرەپكە يۈرۈپتۇ.
داۋۇت بىر كۈن يۈرۈپ بىر كېيىكنى ئوۋلاپ، تولۇمچە قىلىپ سويۇپتۇ _ دە، گۆشكە پۈتۈنلەي زەھەر سېپىپ قونالغۇغا قاراپ يول ئاپتۇ. ئىچىدە:«ئەمدى بۇ ئىككى ھارامزادىنى مۇشۇ گۆش بىلەن ئۇ دۇنياغا ئۇزىتىمەن» دەپ ئويلاپتۇ ۋە بۇ ئەقىلنى كۆرسەتكەن پالاندىغا نېمە دەپ رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەي، تېز قەدەم بىلەن گۆھەرنى پاتراق قولغا چۈشۈرۈشكە ئالدىراپ نەپسىنى تاقىلدىتىپ مېڭىپتۇ. ئۇ چاتقاللىقلارنى ئارىلاپ كېلىۋاتقاندا بوينىغا «گاچ» قىلىپ پالتا تېگىپتۇ _ دە، بېشىنىڭ تېنىدىن قانداق جۇدا بولغانلىقىنى ئۇقمايلا قاپتۇ. بەھرام ئۆتكۈر پالتىسى بىلەن ئاكىسىنى قەتلى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاكىسى ئېلىپ كەلگەن گۆشنى ئېلىپ چۈشكەن يېرىگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇ كېتىۋېتىپ كۆڭلىدە پالاندىنىڭ كۆسەتكەن ئەقلىدىن خۇرسەن بولۇپ، «ئۇنى چوقۇم رازى قىلىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا بۇ ئىشنى ئېيتمىغان بولسا مەن ئاللىقاچان ئاللانىڭ دەرگاھىغا كەتكەن بولاتتىم. ئاكامنىغۇ ئوبدان يولغا سالدىم. ئەمدى خەمىت قالدى، ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىپ بەس كېلەلمەيمەن.ئەڭ ياخشىسى تۇيدۇرماي جايلاي. ھازىر بەك ھېرىپ كەتتىم، يا ئۇ غىزالىنىپ بولۇپ ئۇخلىغاندا ياكى كېچىگىچە بىر تەرەپ قىلاي» دېگەنلەرنى ئويلاپ چۈشكەن يېرىگە قايتماپتۇ. بەھرام «خەمىت» دەپ ئىنىسىنى چاقىرغانىكەن، كۆرۈنمەپتۇ. ئۇ ئېلىپ كەلگەن گۆشنى يەردە قويۇپ كەپىگە قاراپ ئالدىراپ قەدەم باسقانىكەن، خەمىت كولاپ قويغان قۇدۇقنىڭ پاخاللىرى بىلەن قوشۇلۇپ جەھەننەمگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇ ئەھۋالنى يىراقتا كۆرۈپ تۇرغان خەمىت خۇشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي، يۈگۈرۈپ كەلگۈدەك بولسا بەھرام قۇدۇقنىڭ تېگىدىكى قوزۇقلارغا سانجىلىپ ئۆتمە _ تۆشۈك بولۇپ كەتكەن.
ئۇ بايا داۋۇتنىڭ بەھرام تەرىپىدىن قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى چاتقاللىقتا مۈكۈپ تۇرۇپ كۆرۈپ تۇرغانىكەن، شادلانغان ھالدا گۆھەرنى قولىغا ئېلىپ يۈرىكىگە تېڭىپتۇ ۋە دەرھال يۈك - تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ يولغا راۋان بولماقچى بولۇپتۇ. شۇ چاغدا قورسىقىنىڭ ئاچ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ بىر ئاز غىزالىنىپ ئاندىن يۈرۈشنى ئويلاپ ئاكىسى ئەكەلگەن كىيىك گۆشىنى شورپا قىلىپ تويغۇچە يەپ شورپىسىنى قانغۇچە ئىچىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ بېشى قېيىشقا باشلاپتۇ. يۈرەكلىرى ئېچىشىپ، تىللىرى ساڭگىلاپ، داد - پەرياد كۆتۈرۈپ ئاچچىق ئىڭراشقا چۈشۈپتۇ. ئۇنىڭ ئاھۇ - زارلىرىدىن يەر - زېمىن ۋە كۆك لەرزىگە كەپتۇ. زەھەرلەنگەن خەمىت ئاچچىق - ئاچچىق چىرقىراپ، تولغىنىپ - تولغىنىپ كۆزىنى يۇمۇپتۇ. دەل شۇ چاغدا بۇ يەرگە ھېلىقى مەككار پالاندى پەيدا بولۇپ گۆھەرنى باغرىغا تېڭىپ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا يولغا راۋان بولۇپتۇ.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئوغۇللارنىڭ باقى ئالەمدىكى ئاتا - بوۋىسى خۇدانىڭ دەرگاھىدا غەليان كۆتۈرۈپ ئىنتىقام ئېلىشقا ئىجازەت سوراپتۇ. تەڭرى ئۇلارغا ئىجازەت بېرىپتۇ.
پالاندى گۆھەرلەرنى قولىغا چۈشۈرگەنلىكىدىن مەمنۇن بولۇپ، ئۆز ئەقلى - كارامىتىدىن سۆيۈنۈپ، گۆھەرلەرنى ئالقىنىدا سىيلاپ، ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي ئالدىراپ ئۆيىگە كېلىۋاتقانىكەن. ئالقىنىدىكى ھېلىقى ئۈچ گۆھەر «پۇررىدە» ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپتۇ ۋە ئۈچ ئاقساقال بوۋايغا ئۆزگىرىپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پالاندى ھەيران - ھەس بولۇپ ئەقلى - ھوشىنى يوقىتىپ قويغىلى تاس قاپتۇ. بوۋايلار چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقان ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ كەپتۇ. ئۇلار بارغانچە يوغىناپ باشلىرى ئەرشىئەلاغا تاقىشىپتۇ. پالاندى قورقۇپ تۇرغاندا بۇ ئۈچ قاۋۇل بوۋاي مۇنداق نىدا قىلىپتۇ:
- ھەي يۈزسىز، قارا يۈز مەككار، سەرگەردان پالاندى! سەن نېمىشقا ۋاپاغا جاپا قىلىسەن؟ سەن ماكانسىز قالغاندا ماكان بەردۇق. قىسقىسى بىز سېنىڭ ھاياتىڭغا كېپىل بولدۇق. ئەپسۇسكى سەن خىلمۇ خىل رەزىل ئويۇن ئويناپ، گۇناھسىز نەسلىمىزنى قەست بىلەن ئۆلتۈردۈڭ. بۇ پاك زېمىننى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قېنى بىلەن بويىدىڭ، خۇدا سېنى ۋەيلۇن سېنى دوزاخقا بۇيرىدى!
بۇ نىدا شۇنداق ياڭراپتۇكى، دەريالار داۋالغۇپ، تاغۇ تاشلار بىر - بىرىگە ئۇرۇلۇپ، ئورمانلار شاۋقۇن كۆتۈرۈپتۇ. پالاندى ئالاق - جالاق بولۇپ كېتىپتۇ. شۇ ئەسنادا ھېلىقى گۆھەردىن ھاسىل بولغان ئۈچ بوۋاي كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۈچ بۈيۈك تاغقا ئايلىنىپتۇ ۋە پالاندىنى ئۈچ تەرەپتىن قىستاپ كەپتۇ. ئۇنى قەھرۇ غەزەپتە قىسىپ، ئىزىپ مىجىقىنى چىقىرىپ تاشلاپتۇ.
رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ سۆزىچە كوئېنلۇن، تىيانشان ۋە ئالتاي تاغلىرى شۇ ئۈچ بوۋايدىن ھاسىل بولغانىكەن.