UyghurWiki
UyghurWikiچوچاققارلىغاچنىڭ دانالىقى

قارلىغاچنىڭ دانالىقى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زامانلارنىڭ بىرىدە، ھەزرىتى سۇلايمان پەيغەمبەر پۈتۈن دۇنيادىكى تىرىك مەخلۇقلارغا پادىشاھ بولغان ئىكەن. قارلىغاچ ۋەزىر ئىكەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۈرگە «ئادەملەر مېنى ئوۋىلاپمۇ ئۆلتۈرىدۇ، بېسىپمۇ ئۆلتۈرىدۇ، بۇ زادى قانداق گەپ؟ يا بېسىپ ئۆلتۈرۈشكە تۇرسۇن، ياكى ئوۋلاپ ئۆلتۈرۈشكە تۇرسۇن» دەپ ئويلاپ ھەزرىتى سۇلايمانغا ئەرز قىلماقچى بوپتۇ. لېكىن بۈرگە قارلىغاچ ۋەزىردىن بەكمۇ قورقىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن بىر قانچە كۈن پۇرسەت كۈتۈپتۇ. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان قارلىغاچ بىر مەھەل ئۆزىنى پىنھان تۇتۇپتۇ. بۈرگە سۇلايمان شاھنىڭ ئالدىدا قارلىغاچنىڭ بار يوقلۇقىنى بىېلىپ كېلىشكە بىرىنى ئەۋەتىپتۇ، ئۇ بېرىپ قارىغۇدەك بولسا، شاھنىڭ ھۇزۇرىدا قارلىغاچ كۆرۈنمەپتۇ. دەرھال قايتىپ بېرىپ ئەھۋالنى بۈرگىگە مەلۇم قىپتۇ. خۇش خەۋەردىن خۇشاللانغان بۈرگە ئىككى سەكرەپ، ئالتە كۆكلەپ سۇلايمان شاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ _ دە: _ دات پادىشاھى ئالەم، _ دەپتۇ. _ ئېيت ئەرزىڭنى، ھەممە گۇناھلىرىڭدىن كەچتىم، _ دەپتۇ سۇلايمان شاھ. _ ئادەملەر، _ دەپ سۆز باشلاپتۇ بۈرگە، _ مېنى بېسىپمۇ ئۆلتۈرىدۇ، ئوۋلاپمۇ ئۆلتۈرىدۇ، بۇنىڭ بىرسىگە تۇرسۇن. سۇلايمان شاھ بىر نېمە دەپ بولغىچە تەخت ئاستىغا مۆكۈپ تۇرغان قارلىغاچ دەرھاللا سەكرەپ چىقىپ، بۈرگىگە: _ سەن يا ئۆمىلەشكە تۇر ياكى سەكرەشكە تۇر، _ دەپتۇ. تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ ئۆزىنى مات قىلىپ قويغان قارلىغاچنى كۆرگەن بۈرگە شاھ ھوزىرىدىن غىڭ قىلالماي چىقىپ كېتىپتۇ. («مۇزات دولقۇنلىرى» نىڭ 1981 - يىلى 1 - سانىدىن ئېلىندى.) رەتلىگۈچى : ئۆمەر ساۋۇت.
← بارلىق تېمىلار چوچاق