ئۈچ بەڭگە
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن، بۇرۇنقى زاماندا بىر يېزىدا ئۈچ بەڭگە بار ئىكەن. ئۇلار بەك ھورۇن ئىكەن. تاپسا يەيدىكەن، تاپمىسا چېكىپ ياتىدىكەن، پەقەت ئەمگەك قىلمايدىكەن.
بىر كۈنى بۇ ئۈچ بەڭگە يېزىنىڭ چېتىدىكى سۆگەت تۈۋىگە يىغىلىپتۇ. ئارىدىن بىرسى:
- ئۆلۈپ تۈگەيدىغان ئالەم، كەڭ جاھانغا چىقىپ قاپتۇق، قېنى ياسىمامسىلەر، شوراپ مەززە قىلمايلىمۇ، - دەپتۇ كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ.
- تاپتىڭ، شۇنداق قىلايلى، - دىيىشىپتۇ قالغان ئىككىسى. شۇنىڭ بىلەن ئۇچى تەڭلا چىلىمنى چىقىرىپ، ئىچىگە چىڭداپ تولدۇرۇپ، تازا ھوزۇر قىلىپ چېكىپتۇ. ئۇلار چەككەنسېرى ئېغىرلىشىپ، ئوزلىرىچە ھوزۇر قىلىشىپ، چىلىمنى بىر - بىرىگە تۇتۇشۇپتۇ. كېيىن راسا مەس بولۇشۇپ، ئۈچى ئۈچ يەردە يېتىپ قاپتۇ. بىر چاغدىن كېىيىن، ئارىدىن بىرسى بېشىنى كۆتىرپ:
- ھەي ئاغىنىلەر، تۇرپان دېگەندە تاۋۇز بەلەن ئوخشايدۇ، يۈز غۇلاچ يەرگە پەلەك تارتىپ، يۇلتۇزدەك چىچەك ئاتىدۇ، - دەپتۇ. مەسلىگى تەڭشىلىپ قالغان يەنە بىرسى بۇنى ئاڭلاپ:
- بىر تاۋۇزنى ئون بەشكە پارچىلاپ، ئونبەش ھارىۋىدا توشارمىش تېخى، - دەپتۇ.
- ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن سېرىق سۇ ئاققۇزماڭلار، شۇ تاۋۇز بولسا، بىركىشى قانچىكى يە، - دەپتۇ يەنە بىر بەڭگە باغرىنى يېقىپ تۇرۇپ، بەڭگىلەرنىڭ پارىڭى راسا قىزىۋاتقاندا، شەھەردىن قايتقان بىر دېھقان كېلىپ قاپتۇ.
- ھەي بوۋا، سايىداپ كەتسىلە، - دەپتۇ بەڭگىلەرنىڭ بىرسى.
- ياق! ماڭا سايە زىيان قىلىدۇ، دەپتۇ. بوۋاي.
بەڭگىلەر بوۋاينىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پاراققىدە كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇلار بىر - بىرىگە قارىشىپ:
- قانداق ئەخمەق بوۋاي بۇ، سايىمۇ ئادەمگە زىيان قىلامدۇ؟ - دىيىشىپتۇ.
بوۋاي ئۇلارنىڭ زاڭلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ:
- ھە! مەن ئەخمەق، - دەپ كېتىپ قاپتۇ. ئۈچ بەڭگە يازنى ئەن شۇنداق جايلاردا سالقىنداپ ئۆتكۈزۈپتۇ.
ياز ئۆتۈپتۇ، كۈز كەپتۇ، قاتتىق سوغاق قىشمۇ كىرىپتۇ. ئەتراپنى قار بېسىپ، يول ئېچىپ مېڭىشمۇ قىيىنلىشىپ كېتىپتۇ. ھېلىقى ئۈچ بەڭگە قەيەردە يېڭى نان ياققان تونۇر بولسا، شۇنىڭدا ئىسىنىپ، يېرىم ئىسىق، يېرىم مۇزلاپ يۈرۈپتۇ. ئۇلار بىر كۈنى كەچتە ھېلىقى دېھقاننىڭ تونۇرىغا يىغىلىپ كەپتۇ. دېھقان تالاغا چىقىپ، تونۇرنىڭ ئىچىگە پۇتىنى، بىرىنىڭ قوينىغا يەنە بىرسى بېشىنى تىقىپ، كاسىلىداپ تىترەپ تۇرغان ئۈچ كىشىنى باشلاپ ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپتۇ. دېھقان بايقىغىنىدا بولسا، سۆگەت سايىسىدىكى ئۈچ بەڭگە ئىكەن. دېھقان ئۇلارنىڭ قوسىغىنى تويغۇزۇپتۇ. ئۇلارنىڭ تېنىگە دەرمان كىرگەندىن كېيىن، دېھقان:
- سىلەر كىم بولىسىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ. يازنى سايىداپ ئۆتكۈزگەن بەڭگىلەر ئۈن چىقارماپتۇ. دېھقان:
- ئاپتاپتا كۆيۈپ - پىشقان «ئەخمەق» دېھقان مەن بولىمەن. سىلەرنى شۇ چاغدا بىر سايىدا ئۇچراتقان ئىدىم، - دەپتۇ. بەڭگىلەر خىجالەت بولۇپ، يەرگە كىرىپ كېتەي دەپ قاپتۇ.