شەمشىنۇر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
داقىيانۇسىنىڭ زامانىسىدا يەتتە ئىقلىم پادىشاھى ھۆكۈم سۈرگەن ئىكەن، شۇكۈنلەرنىڭ بىرىدە يەتتە ئىقلىم پادىشاھلىرىدىن بىرى بولغان خەلەپ پادىشاھىدىن پادىشاھ خۇجا ۋاپاغا ھەم گېردەنشا نامىچىغا بىر مەكتۇپ كەپتۇ. ئۇلار خەتنى ئېچىپ ئوقۇسا، مۇنداق دەپ يېزىلغان ئىكەن: «جانابى ئۇلۇغ پادىشاھ خۇجا ۋاپا ۋە دانىشمەن گېردەنشا نامچى، سىلەرنىڭ يۇرتىڭلارغا ۋەزىرىم بىلەن ئوغلۇم سەپەر قىلدى، ئۇلارنىڭ تەشرىبىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەمدەم بولۇشۇڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. پادىشاھلار ئارىسىدىكى مۇنداق مۇناسىۋەتلەر ئەللىرىمىزنى گۈللىنىشكە ئېلىپ كېلىدۇ، مۇشۇنداق مۇتەپەككۇر ئۈمىد ۋە ياخشىلىقلار بىز پادىشاھلارنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ، دەپ ئۈمىد باغلاپ، ئېھتىرام بىلەن پادىشاھى خەلەپ».
بۇ خەتنى ئوقۇپ پادىشاھ خۇجاۋاپا ئانچە ئويلانمايلا مۇنداق دەپتۇ:
- ئاتا، مېنىڭمۇ بۇ تۇغرىلىق ئويلىغىنىم بار ئىدى. پادىشاھلارنىڭ ئۆزئارا مېھمان بولۇپ، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلىشى تەڭدىشى يوق ئىشلاردىن بولىدۇ. بۇلۇپمۇ ئەلنى باشقۇرۇپ، پۇقراغا ئاتىدارچىلىق قىلىۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن بۇ پەرز ھەم قەرز. شۇڭا مەن ئويلايمەنكى، خەلەپنىڭ ۋەكىللىرى كەلگىچە يەتتە ئىقلىم پادىشاھلىرىغا مەكتۇپ ئەۋەتسەك، بارلىقىنى ۋەزىر، ئۈلىمالىرى بىلەن مېھمانغا چاقىرساق، چوڭ بىر ئەشرىكەت قىلساق، مۇتەپەككۇرلەرنىڭ شۇ ئولتۇرۇشىدا ئۆزئارا سۆھبەتلىشىپ، سىر ئېلىشىپ، كۆرگەن - بىلگەنلىرىمىزنى بايا ئەيلىسەك، خۇدا ئالدىدا ۋە بەندىلەر ئالدىدا تەڭدىشى يوق - ساۋاپ ئىش قىلىغان بولاتتى. سىز قانداق قارايسىز؟
- بولىدۇ، ئوغلۇم، سىز پەيغەمبەردەك سۆز قىلدىڭىز، مۇبادا نىسىپ بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرەرمىز، - دەپتۇ. گېردەنشا.
پادىشاھ خۇجا ۋاپا شۇ كۈندىن باشلاپ ۋەزىر، ئولىما، لەشكەر ۋە خىزمەتچىلىرى بىلەن ئىككى ئاي تەييارلىق قىپتۇ. پادىشاھنىڭ چوڭ چار بېغىدا مىڭلاپ قوي سويۇلۇپ، يۈزلەپ داشقازانلار ئورنىتىلىپ، تۈرلۈك - تۈرلۈك تائاملار ھازىرلىنىپتۇ. تەييارلانغان مەخسۇس ئورۇنلارغا داستىخانلار سېلىنىپ، يەتمىش ئىككى تۈرلۈك نازۇ - نېمەت توكۈلۈپتۇ. ھەر خىل شاراپلار ھازىرلىنىپتۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭۇللىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتە نەغمە - ناۋا، داپ - دۇمباق قىزىپتۇ؛ بىر تەرەپتىن داۋازلار، ئۇسۇللار ئوينىلىپتۇ.
يەتتە ئىقلىم بويىچە، بۇ كەمگىچە ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ ئاجايىپ ئولتۇرۇش تارىخقا يېزىلىپتۇ. ئويۇن - تاماشا ئون ئىككى كۈن داۋام قىلىپ ئاياقلىشىپتۇ.
قىرىق يىلدىن بېرى گېردەنشانىڭ زۇلمىدىن باشقىنى كۆرمىگەن پۇقرا خوجا ۋاپا پادىشاھ بولۇپ، تەختكە ئولتۇرغاندىن بېرى زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ، راھەت كۆرۈۋاتقانلىقىغا خوشال بولۇشۇپ، خۇجا ۋاپاغا تۈگىمەس تەشەككۇرلەر ئېيتىشىپتۇ، كېچە - كۈندۈز ئوردىدىن كەتمەي، خوجا ۋاپانىڭ ئومرىگە دۇئا قىلىشىپتۇ. بۇنى كۆرگەن يەتتە ئىقلىم پادىشاھلىرى، ۋەزىرلىرى، ئولىمالىرى ھەيران بوپتۇ. خوجا ۋاپاغا كۆپ ئاپىرىن ئوقۇپتۇ.
ئولتۇرۇشنىڭ ئاخىرىقى كېچىسى ھېكايە ئاڭلاش غەرىزى بىلەن پادىشاھ، ۋەزىر، ئولىما، خەلپىلەر مەخسۇس تەييارلانغان ئايرىم بىناغا تەكلىپ قىلىنپتۇ. خۇجا ۋاپا بۇ سۆھبەتتە ئەگەر ۋاقىت بولسا، خەلەپ پادىشاھنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ئەۋەتكەن مەكتۇبىنىڭ نېمە ۋەجىدىن ئەۋەتكەنلىكىنى ۋە ئوغلى بىلەن ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ بۇ يۇرتقا سەپەر قىلىشىدىكى سەۋەپلىرىنى كۆپچىلىك ئالدىدا ئاڭلاپ كۆرمەكچى بوپتۇ. - ئەي ئوغلۇم خۇجا ۋاپا، مېھمانلار جەم بولۇپ قالدى، قىزىق پاراڭ قىلىدىغان، يا بولمىسا ھېكايە - پىكايە ئېيتىدىغان كىشىلەر بولسا چاقىرتىسڭىزچۇ؟ - دەپتۇ گېردەنشا. خوجا ۋاپانىڭ بۇيرۇقى بىلەن مىڭ بېشى بەش - ئالتە كىشىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ، قىزىقارلىق ھېكايە ئېيتىدىغان بىرەر ھېكايىچىنى ئىزلەپتۇ. ئەمما، تۈزۈكرەك بىر ئادەم تېپىلماپتۇ. ئاخىرى ئوردىغا قايتىپ كېلىپ ئەھۋالنى ئىزھار قىپتۇ.
خۇجا ۋاپا:
- يەتتە يىلدىن بېرى مال بېقىپ، يېڭىدىن ئوردىغا كەلگەن بىر يېتىم بالا بار، ئۇنى ھېكايىگە ئۇستا، دەپ ئاڭلىغان ئىدى، ئەڭ بولمىغاندا شۇنى بولسىمۇ ئېلىپ كېلىڭ، - دەپتۇ.
مىڭ بېشى ئۇدۇل بالىنىڭ يېنىغا بېرىپ:
- ئەي يېتىم! پادىشاھنىڭ ئەمىرى: سېنى ھازىر يېتىپ كەلسۇن دەيدۇ، - دەپتۇ - دە، پادىچى بالىنى ئولتۇرغان موتىۋەرلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپتۇ.
بالا سالام قىلىپ، بوسۇغىدىلا ئولتۇرۇپتۇ.
يەتتە ئىقلىم پادىشاھلىرى بۇنى كۆرۈپ، بىر - بىرىگە قارىشىپ، پىچىرلىشىپ، بالىنىڭ ھۆسنىنىڭ چىرايلىقلىغىدىن گەپ ئېچىپتۇ. خەلپىنىڭ شاھزادىسى بالىنىڭ جامالىدىن ھېچ كۆز ئۈزەلمەپتۇ. شۇ چاغدا ئۇنىڭغا:
- ھەي، كىتاپ ئوقۇغانمۇ سەن؟ - دەپتۇ نەپرەت كۆزى بىلەن قاراپ گېردەنشانىڭ بىر ئولىماسى.
- يۇغسۇ تەقسىر، كىتاپ كۆرمىگەنمەن، - دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ مۇلايىملىق بىلەن جاۋاپ بېرىپ قول قوشتۇرۇپ تۇرۇپتۇ بالا.
- بولمىسا، نېمە يوغان باشلىق قىلىپ كەلدىڭ بۇ يەرگە! - دەپتۇ ھېلىقى ئولىما.
گېردەنشا ئاستا ئاغزىنى خوجاۋاپانىڭ قۇلىقىغا يېقىن ئەكىلىپ: «بۇ، ئۇلۇغلار ئالدىدا ھېچنىمە سۆزلەپ بېرەلمەي، بىزنى رەسۋا قىلمىغىدى» دەپ پىچىرلاپتۇ.
- ئېيتىپ كۆرسۇن ئاتا، - دەپتۇ. خوجا ۋاپا، - كۆپ يىللار مال بېقىپ، ئېغىرچىلىقنى كۆرگەن كىشى، كۆپ نەرسە بىلىشى مۇمكىن.
- ئەي يېتىم قۇل، قىزىق ھېكايە بىلەمسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. گېردەنشا.
- ھەممىنى بىلىمەن، - دەپتۇ بالا.
- نېمىنى ئېيتىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ گېردەنشا.
بالا ھېچ ھودۇقماي ۋە ئەيمەنمەي:
- ئاڭلىغاننى ئېيتايمۇ، بىلگەننى ياكى بولغاننى ئېيتايمۇ؟ - دەپتۇ.
- ئاڭلىغاندىن، بىلگەندىن، بولغان ئارتۇق. شۇنى ئېيىت، - دەپتۇ خەلەپ پادىشاھنىڭ ئوغلى.
شۇنىڭ بىلەن بالا ھېكايىسىنى مۇنداق باشلاپتۇ: «بۇرۇندىن بۇرۇن، قەدىمىي زاماندىن كېيىن، ئاتام زامانسىدا بىر پادىشاھ ئۆتۈپتۇ. ئۇنىڭ نۇر جاماللىق بىر قىزى بار ئىكەن. بۇ قىزنىڭ چىرايىلىقلىقىغا دۇنيادا ھېچ نەرسە تەڭ كېلەلمەيدىكەن، ئاي دىسە ئاي ئەمەس، كۈن دىسە كۈن ئەمەس، بىر ھۆسنىلىك قىز ئىكەن. كېچىسى تالاغا چىقسا، يۈزىدىن توكۇلىگەن نۇر ئۈچ كۈنلۈك يەرگە چۈشىدىكەن. ئادىمىزات ئىچىدىن ئەمەس، پەرىلەرنىڭ ئىچىدىنمۇ مۇنداق چىرايلىق قىز تېپىلمايدىكەن.
پادىشاھ بۇ قىز ئۈچۈن شەھەردىن يەتتە چاقىرىم نېرى بىر مەنزىرىلىك يەرگە مەخسۇس چارىباغ ياسىتىپتۇ. باغنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىرىق قەۋەتلىك راۋاق ياسىتىپ، تاملىرىنى مەرمەردىن قىلدۇرۇپتۇ. باغقا يەتمىش ئىككى تۈرلۈك گۈل، يەتمىش ئىككى تۈرلۈك مېۋە تىككۈزۈپ، ئېرىق - كۆللىرىدە مەرۋايىتتەك سۇلارنى ئاققۇزۇپتۇ.
چارىباغ تەييار بولغاندا، بەش يۈز كىنىزەك، قىرىق ئاشپەز ۋە بىر ئېمىل ئانىسى بىلەن مەلىكىنى ھېلىقى باغقا كۆچۈرۈپ چىقىپتۇ. مەلىكە ئۈچۈن كۈندە بۇ باغدا نەچچە مىڭ تۈرلۈك نەغمە - ناۋالار چېلىنىپ، كۈندە نەچچە تۈرلۈك تائاملار تەييارلىنىپ تۇرۇپتۇ.
پادىشاھنىڭ 12 ياشقا كىرگەن مەلىكىسىنىڭ داڭقى يەتتە ئىقلىم پادىشاھلىرىغا يېتىپتۇ، تەرەپ - تەرەپلەردىن ئەلچىلەر كېلىشىكە باشلاپتۇ.
پادىشاھ كەلگەن ئەلچىلەرگە:
- قىزىمنىڭ ئەركى ئۆز قولىدا، قىزىم كىمنى ياقتۇرسا شۇنىڭغا بېرىمەن، - دەيدىكەن.
قىز بولسا، كەلگەن ئەلچىلەرنى:
- بولىدۇ، بىراق يېشىم كىچىك، چوڭ بولغاندا ئۆزەم خەۋەر قىلاي... - دەپ قايتۇرۇپ تۇرۇپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى بۇ شەھەرگە قەشقەرىيە مەملىكىتىدىن بىر كەمبەغەلنىڭ بالىسى ئىش ئىزلەپ كېلىپ قاپتۇ. بالا بىر نەچچە كۈن شەھەرنى ئايلىنىپتۇ. بىر يېمىش بازىرىنىڭ ئالدىدا يېراقتىن:
«پوش - پوش! ھاي - ھاي، ئەركەك بولساڭ ئۆرەڭنى تارت!» دېگەن ئاۋاز چىقىشقا باشلاپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان خەلق دۇكانلىرىنى تاراقلىتىپ ئېتىشىپ، ھەر تەرەپكە قېچىشىپتۇ. بىردەمدىلا بازاردا ئەركەك جان قالماپتۇ. بۇ بالا ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرسا، يىراقتىكى داپ - دۇمباق، نەغمە - ناۋانىڭ ئاۋازى يېقىنلىشىپتۇ. شۇ چاغدا ھېلىقى بالا ئۆزىنى ئاستا بىر قاپاق تېرەكنىڭ ئارقىسىغا ئالغىنىچە تۇرۇپلا قاپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئاجايىپ زىننەتلەنگەن مەپىگە پادىشاھنىڭ قىزى مەلىكە ئولتۇرۇپ، ئاتىسىنىڭ ئوردىسىدىن ئۆزىنىڭ راۋىقىغا كېتىپ بارغىنىنى كۆرۈپتۇ. بالا: «پادىشاھنىڭ قىزىنىڭ دۇنياغا داڭقى تارىلىپ كەتتى، ئۇنىڭ قانچىلىك چىرايلىقلىقىنى بىر كۆرەي» دەپ مەلىكە چۈشكەن مەپە تاق ئۇدۇلىغا كەلگەندە، شۇنداق قارىشى بىلەن تەڭلا، پادىشاھنىڭ قىزىمۇ بالىنى كۆرۈپ قاپتۇ. بالا «ئاھ!...» دەپلا شۇ يەرگىلا يېقىلىپتۇ. پادىشاھنىڭ قىزىمۇ بالىدىن كۆزىنى زادىلا ئۈزەلمەپتۇ.
پادىشاھنىڭ قىزى ئوردىسىغا كەلگەندىن كېيىن، چىرايى سارغىيىپ ھالى ناچارلىشىپتۇ. بۇنى سەزگەن ئېمىل ئانىسى مەلىكىنىڭ بېشىنى تۇتۇپ، زادى يېنىدىن كەتمەپتۇ. قىز بولسا، ھېلىدىن - ھېلىغا ئوساللىشىشقا باشلاپتۇ.
- قىزىم، نېمە بولدىڭىز؟ - بىردەمدىلا بىر قىسما بولۇپ قالدىڭىزغۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئېمىل ئانا.
- ئانا، مېھرىبان ئانا، يالغۇز ياغاچتا يېقىلغان بالىغا ئاشىق بولدۇم. ئانا، تېزرەك بېرىپ، شۇ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسىڭىز؟ - دەپتۇ.
ئېمىل ئانىسى ھېچكىمگە تۇيغۇزماي، مەلىكىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆىدىغان قىزلىرىدىن ئىككىنى ئېلىپ، مەپىگە چۈشۈپ، ھېلىقى بالىنىڭ يېنىغا كەپتۇ. قارىسا، بالا ئەمدىلەتىن ھۇشىغا كېلىپ، بېشىنى كۆتىرىپ تۇرۇشى ئىكەن. بالىنى مەپىگە سېلىپ، قىزچە كىيىملەرنى كېيدۈرۈپ، قاراۋۇللارغا تۇيغۇزماي، يەتتە دەرۋازىدىن قۇل سۈپەتلىك ياساپ، چارىباغقا ئەكىرىپ قۇيۇپتۇ.
بالا شۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك ئاشىغى مەلىكە بىلەن كۆرۈشۈپ، سۆزلىشىپ تۇرۇپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. ئايلار ئۆتۈپتۇ، ئارىدىن بىر يىلمۇ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى مەلىكە ئاشىغىنى چاقىرىپ، ئون تىللا ئالتۇننى تۇتقۇزۇپ:
- سىز مۇشۇ ئون تىللا ئالتۇننى ئېلىپ، ئۆز شەھىرىڭىزگە بېرىڭ، شۇ يەردە ياخشى ئىمارەت سېلىپ، ئۆي - بىسات، مال - ۋاران قىلىڭ، ئۆزىڭىز ياخشى كېيىنىڭ. شۇنىڭ بىلەن ئاتامغا ئەلچى ئەۋەتىڭ، سىز پادىشاھنىڭ ئوغلى بولمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن، ئاتام سىزگە رازىلىق بىلدۈرمەسلكى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇنۇ، مۇنۇ كىشىلەرنى چاقىرىپ، ئۆيىڭىزدە مېھمان قىلىڭ؛ ئۇلار بولسا ئاتامنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرى، ئاتام ئۇلارنىڭ سۆزىدىن چىقمايدۇ... ئارىدىن بىر ئاينى ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن ئاتامغا ئەلچى ئەۋەتىڭ، - دەپ ئاشىغىنى يولغا سالماقچى بوپتۇ. ئاشىغى يىغلايدىكەن، بىر - بىرى بىلەن خوشلىشىدىكەن. خوشلىشىش ئالدىدا ئۇلار بىر - بىرىگە «ۋەدىمىز بىر، ئۆلسەكمۇ - تىرىلسەكمۇ قوشۇلىمىز» دېگەن سۆزلەرنى قىلىشىدىكەن.
ئاشىغى ئۈچ ئاي يول يۈرۈپ، ئۆز يۇرتىغا كېلىپ، ئاتا - ئانلىرى، قوۋمى - قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. يىغلىشىپتۇ، قاخشىشىپتۇ. قارىسا، ئاتا - ئانىسى پادىشاھلارنىڭ دەردىنى ۋە زۇلىمىنى تولا تارتىپ، ئۆي - ماكانىلىرىدىن ئايرىلىپ، ھىچ نەرسىسى قالماي، شەھەر سىرتىدا گەمە كولاپ، يولدىن ئۆتكەن كارۋانلاردىن تىلەمچىلىك قىلىپ، تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان ئىكەن. بۇنى كۆرگەن بالا ئاتا - ئانىسىنى پايتەختكە كۆچۈرۈپ كەپتۇ. شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر ياخشى جاي سېتىۋېلىپ، ئاجايىپ بىر بىنا تۇرغۇزۇپتۇ.
ئاندىن كېيىن بالا مەلىكىنىڭ ئېيىتقىنى بويىچە شۇ قەرەلدە يۇرتقا چاي بېرىپتۇ. شۇنىڭغا يەتتە ئىقلىمدىن سازچى، ئۇسسۇلچى، ئويۇنلارنى يېقىن كۆرگەن بىلگەنلىرى بىلەن چاقىرتىپتۇ. مەلىكە كۆرسەتمكەن ئۈچ كىشىنى دېگەندەك ياخشى مېھمان قىپتۇ.
چاي تۈگەپتۇ، يۇرت ئاھلى تارقىلار ئالدىدا بالا مەلىكىنىڭ يۇرتىدىن كەلگەن كىشىلەرگە نۇرغۇنلىغان ئالتۇن قويۇپتۇ ۋە باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن ،مېھمان، سازەندە ئۇسۇلچى ۋە ئويۇنچىلارنىمۇ تۇلۇق رازى قىپتۇ. ھەممىسى بالىدىن رازى بولۇشۇپ، ئۆز يۇرتلىرىغا كېتىشىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ يەتتە ئىقلىمغا داڭقى كېتىپتۇ.
بالا ئارىدىن بىر ئاينى ئۆتكۈزۈپ، مەلىكىنىڭ دادىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. پادىشاھ ئەلچىلەرنى قۇبۇل قىلىپ، ئۇلاردىن بالىنىڭ ئەھۋالنى بىر قۇر سوراشتۇرۇپ قويۇپ: «قىزىم خالىسا، مېنىڭ قارشىلىقىم يوق» دېگەندىن باشقىنى ئېيىتماپتۇ. ئىچىدە بولسا: «ھەي،... يەتتە ئىقلىمنىڭ مەن مەن دېگەن شاھزادىلىرىنى ياراتمىغاندا سېنى نېمە قىللار...» دەپ ئويلاپتۇ. ئەلچىلەر پادىشاھنىڭ قىلۋاتقان مۇئامىلىسىدىنلا، ئۆزلىرىنىڭ كەلگەنلىكىگە پۇشايما يەپتۇ. سىرتقا چىققاندىن كېيىن ئەلچىلەرندىن بىرى :
- ئاۋارە بولمايلى مۇشۇ يەردىنلا قايتىپ كېتەيلى، - دەپتۇ.
- ياق شۇنچە يىراق يەردىن كەلگەن ئادەم ئېغىر ئالماي، مەلىكىگە بىر يولۇقۇپ، سۆزىنى ئاڭلاپ كېتەيلى، - دەپتۇ. يەنە بىرى.
«ئەلچىگە ئۈلۈم يوق» دېگەن گەپ بار، بىز ئەلچى، بىز نى ھېچكىم قولىۋىتەلمەيدۇ. ياخشىسى، مەلكىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن جاۋابنى ئېلىپ كېتەيلى، - دەپتۇ ئايال ئەلچى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇنى ماقۇل كۆرۈشۈپ، ئەتىسى ئايال ئەلچىنى مەلىكىنىڭ ھۇجۇرسىغا كىرگۈزۈپتۇ. ئەلچى ئايال دەككە - دۈككىدە، مەلىكىنىڭ ئېمىل ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا نېمە ۋەجىدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەردار ئېمىل ئانا مەلىكىنىڭ ئاشىغىدىن ئەلچى كەلگەنلىكىنى دەررۇ مەلىكىگە يەتكۈزۈپتۇ.
- كىرسۇن، - دەپتۇ مەلىكە ئەلچى ئايالنى. ئەلچى كىرىپ، مەلىكىنىڭ ھۆسنى - جامالىنى كۆرۈپ: «ئادەممۇ - پەرىمۇ!... بۇ قىز ھەرگىز ئۇنىڭغا تەگمەيدۇ؟! خاتا قىلغان ئىكەنمەن.. » دېگەن تەشۋىشلەر ئىچىدە تۇرغاندا، مەلىكە:
- ئانا، سىز ئۇنداق قورقماڭ، مەن سىزنى خوشاللىق بىلەن قارشى ئالىمەن. سىزنىڭ كەلگىنىڭىز مېنىڭ خىزمىتىم ئۈچۈن ماڭغانلىقىڭىز بولىدۇ، - دەپ خوش مۇئامىلە بىلەن قارىشى ئاپتۇ. ئېمىل ئانا مەلىكىنىڭ يىگىتىنىڭ بولغان رازىلىق بەلگىسىنى پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا يوللاپتۇ. پادىشاھ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولۇپ، بىر پەس دىمى ئىچىگە چۈشۈپتۇ.
شۇ زامان پادىشاھ ۋەزىر، ئولىما ۋە يېقىنلىرىنى چاقىرى، قىزىنىڭ ھېلىقى يىگىتكە تېگىشكە رازى بولۇپ، بەلگىسىنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. بۇ ئىشقا ھەممەيلەن ھەيران بولۇپ، ھەر خىل مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپتۇ.
ئاخىرى پادىشاھ رازىلىق بىلدۈرۈپتۇ. يەتتە ئىقلىمغا چاي قويۇپ قىرىق كېچە - كۈندۈز توي - تاماشا قىلىپتۇ. مەلىكە بالىنىڭ نىكاھىدا بوپتۇ.
ئارىدىن ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ. بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر قىز پەرزەنت دۇنياغا كەپتۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى شەمشىنۇر قويۇپتۇ. قىز يەتتە ياشقا كىرىپتۇ. قىزىنىڭ ئەقىللىقلىقىغا ئاتا - ئانىلىرى، ھەتتا بوۋىلىرىمۇ ھەيران قاپتۇ. شەمشىنۇر ئاتا - ئانا ۋە بوۋىلىرىنىڭ يۇرتنى سوراشتىكى ناھەقىقەت ئىشلىرى ئۈچۈن كىچىكىدىنلا قايغۇرىدىغان، ھەقىقەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ تۇرىدىغان بولۇپ ئوسۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئانىسى مەلىكە دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ. شەمشىنۇرنىڭ بەختسىزلىككە يۈزلىنىشى شۇنىڭدىن باشلىنىپتۇ. ئاتا - بالا ئىككىسى يىغلاپتۇ، قاخشاپتۇ، ئانىسىنى دەپنە قىپتۇ. ئانىسىنىڭ يىلىنىمۇ بېرىپتۇ...
كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى شەمشىنۇرنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ:
- ئاتا مەن سىلىگە ئون نەچچە يىل كۈيئوغۇل بولدۇم، ياخشى - يامان بولسىمۇ، ئالدىلىرىدا تۇردۇم، خۇدانىڭ تەقدىرى بىلەن مەلىكە دۇنيادىن ئۆتتى؛ مانا يىلمۇ ئۆتتى؛ ئەمدى مەن ئۆز يۇرتۇمغا بېرىپ، ئاتا - ئانىلىرىمنى، يۇرتۇمنى، قوۋمى - قىرىنداشلىرىمنى كۆرۈپ كېلەي. شەمشىنۇر سىلىنىڭ يانلىرىدا تۇرسۇن، - دەپتۇ.
پادىشاھ بىر پەس قايغۇغا چۆمۈپ، بىر ھازادىن كېيىن بېشىنى كۆتىرىپ: «خەير، ئامالىم يوق» دەپتۇ -دە، رازىلىق بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۈيئوغۇلى تەييارلىق قىلىپ، ئۆز يۇرتىغا راۋان بوپتۇ. ئۇ ماڭار ئالدىدا پادىشاھ:
- ئوغلۇم، سىز ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ كەتكەن ئىدىڭىز؛ مەن بولسام قېرىدىم؛ سىز بولمىسىڭىز مېنىڭ يۇرتنى باشقۇرۇشۇممۇ تەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا - ئانىلىرىڭىزنى ئېلىپ كەلسىڭىز، مۇشۇ يەردە بىللە مۇڭدىشىپ، بىللە ئۆتسەك، سىز كەلگەندە پادىشاھلىقنى سىزگە بەرسەم، يۇرتنىڭ پىكىرىمۇ شۇنداق، - دەپتۇ.
ئاتىسى ئۆز يۇرتىغا كېتىپ، ئارىدىن 4 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، شەمشىنۇر 12 ياشقا كېرپتۇ. بۇ قىز شۇنداق چىرايلىق قىز بوپتىكى ، ئۇنى كۆرگەن ئادەملەر ھوشىدىن كېتىدىكەن. بۇ قىزنىڭ گۈزەللىكىگە ئاي بىلەن كۈنمۇ خىجىل بولىدىكەن. «ئادىمىزاتتىن بۇنداق ھۆسۈندار قىز تۇغۇلىدىكەن!» دەپ يۇرتنىڭ ھەممىسى ھەيران بوپتۇ.
شەمشىنۇر 13 ياشقا كىرگىنىگە قارىماي، پادىشاھلارنىڭ ئەلچىلىرى كېلىشكە باشلاپتۇ. پادىشاھ نەۋرىسىنىڭ ئۆز دادىسى كەلمىگىچە بىر نېمە دېيەلمەيدىغىنىنى ئېيتىپ، بارلىق ئەلچىلەرنى قايتۇرۇپ تۇرۇپتۇ. پادىشاھ جامائەتنىڭ نەزىرى چۈشكەن نەۋرىسىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزىنىڭ پىر ئۇستازى خەلپىگە تاپشۇرماقچى بوپتۇ.
بۇ خەلىپە بولسا ناھايىتى موللا، تەقۋادار ھەم ئولىما ئادەم بولۇپ، ئۆزىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن، يەتتە ئىقلىم بويىچە مۇرىدى يەتتە مىڭغا يەتكەن ئىكەن، پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى بۇ كىشىنىڭ مۇرىدى ئىكەن. يەتتە ئىقلىمنىڭ ئاتاقلىق پادىشاھى ھېلىقى مەلىكىنىڭ ئاتىسىمۇ ئۇ خەلپىگە مۇرىت بولۇپ قول بەرگەن ئىكەن.
ئۇ ھەر جۈمە كۈنى خەلىپىنى مەپە بىلەن ئۆز يېنىغا ئەكىلىپ، ئۇنىڭدىن دەرىس ئاڭلايدىكەن ۋە ئەقىل ئۆگىنىدىكەن.
روزى ئېيىنىڭ بىر كۈنى پادىشاھ خەلىپىنى ئېلپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئەقىل سوراپ ئۆگەنگەندىن كېيىن:
- پىر ئۇستازىم، ئۆلۈپ كەتكەن قىزىمدىن بىر قىز نەۋرە قالغان ئىدى، بالىنىڭ ئاتىسى قىزىم ئۆلگەندىن كېيىن، ئۆز يۇرتىغا سەپەر قىلىپ، كۆپ يىل بولدى كەلمىدى، كۈيئوغلۇم كېتەر ئالدىدا قىزىنى ماڭا ئامانەت قويغان ئىدى، يەتتە ئىقلىمدىن ئەلچى كېلىپ، قۇلىقىمنى خوپ ئاغرىتتى. بالىنى ساقلاشتىنمۇ قورقۇپ قالدىم. نەۋردەمنى سىلىگە تاپشۇرسام، دادىسى كەلگىچە سىلىنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرسا، تاھارەتلىرىگە سۇ بەرسە، دېگەن ئويدا بولىۋاتىمەن...
- خوپ، - دەپتۇ ئۆلىما، - بىر بالىنىڭ ھېچ ئارتۇقچىلىقى يوق، سىلىنىڭ نەۋرىلىرى مېنىڭ نەۋرەم، كىشىنىڭ ئامانىتىنى ياخشى ساقلاپ، ئاسراپ ئىگىسىگە تاپشۇرۇش - ناھايىتى ئۇلۇغ ۋە ساۋاپ ئىشتۇر...
شەمشىنۇر خەلپىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، خەلپە ئۇنى «نامەھرەم» دەپ چەكلەپ، تالا - تۈزىگىمۇ چىقارماپتۇ. بارا - بارا قىزنى قورۇپ، قورادىن چىقماس قىلىپ قويۇپتۇ. ئايلا ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ قىزنى قوراغا كىرگەن خوتۇنلادىنمۇ قاچۇرۇپتۇ. ئاخىرى بېرىپ ئۇنى قورانىڭ ئەڭ ئىچىدىكىسدىكى بىر ئۆيگە بەنت قىپتۇ. ئۈچ كۈندە بىر يوقلايدىغان خەلپە ئەمدى كۈندە بىر قېتىم قىزنىڭ ھال - ئەھۋالىنى سورايدىغان بولۇپتۇ، قىزنى كۆرمىسە يۈرىگى چىدىمايدىغان ئەھۋالدا قاپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى كەچقۇرۇپ خەلپە باغدىن قايتىپ چىقىپ كېلىۋېتىپ، شەمشىنۇرنى غۇۋا كۆرۈپ قاپتۇ، بىراق تونۇيالماپتۇ. شۇنداق بىر قاراپلا:
- «ئاھ، پەرىمىدۇ، ئادەممىدۇ؟! نېمە بولساڭمۇ مەن ساڭا ئاشىق بولدۇم! - دەپلا ھوشىدىن كېتىپ، يەرگە يېقىلىپتۇ...» پادىچى بالا ھېكايىگە كىرىشىپ، راسا قىزىپ، مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، سول تەرەپتە ئولتۇرغان خەلپە ئوڭۈپ - تاتىرىپ، ئۆز - ئۆزىدىن ئورنىدا تىنىچ ئولتۇرالماي:
- ھاي ئەخمەق، شۇم كاززاپ، قوي، يوق نېمىنى بىلجىرلىما! - دەپ ۋارقىرىۋېتىپتۇ. بالا جىم بولۇپ قاپتۇ. مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ھەيران بولۇشۇپ، بىر - بىرىگە قارىشىپتۇ.
- ئېيتىسۇن، ئىيت ئوغلۇم،- دەپ ئەمىر قىپتۇ پادىشاھ خۇجا ۋاپا.
- ئېيتسۇن ، ئېيتسۇن،- دەپ تەرەپ - تەرەپتىن ۋارقىرىشىپتۇ ھەممەيلەن.
بالا يەنە پادىشاھ خۇجاۋاپانىڭ بۇيرۇقىدىن روھلىنىپ، ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
«بىر ھازادىن كېيىن خەلپە ھوشىغا كېلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆيگە كىرىپتۇ، ھېچنىمە كۆرمىگەن ئادەم بولۇپ، خوتۇنلىرىدىن:
- بايا، باغدىن سۈپۈرگە ئېلىپ ماڭغان قايسىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- شەمشىنۇر سۈپۈرگە كۆتۈرۈپ يۈرەتتى، بەلكىم شۇدۇر، - دەپتۇ چوڭ خوتۇنى.
- ھە... - دەپ قويۇپتۇ خەلپە.
خەلپە شۇ كۈندىن باشلاپ، شەمشىنۇرغا ئاشىق بوپتۇ. قىزنىڭ ئەھۋالىنى كۈندە ئىككى - ئۈچ قېتىم سوراپ، جامالىنى كۆرۈپ چىقىدىغان بوپتۇ. شەمشىنۇر خەلپىنىڭ مۇنداق يېقىنچىلىق قىلىشىدىن، پېشانىسىدىن تۆۋەنلەپ سۆيۈشكە باشلىغانلىقىدىن گۇمان قىلىشقا باشلاپتۇ. خەلپە كۈندىن - كۈنگە قىزنىڭ ئىشقىدا كۆيۈپ مىچتكىمۇ ۋە چاقىرغان يەرلەرگىمۇ بارمايدىغان بوپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن خەلپە خالى پۇرسەت ئىزلەشكە كىرىشىپتۇ. بىر كۈنى خەلپە بىر ئويغا كەپتۇ - دە، خوتۇنلىرىنى چاقىرىپ:
- بۈگۈن مېنىڭ چۈشۈمگە تېرەك مازاردىكى ئىنىم رەخمىدىنلەر كىرىپ قاپتۇ. سىلەرگە بۈگۈن رۇخسەت، شۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ھال - ئەھۋاللىرىنى سوراپ، مېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىمنى ئېيتىپ، مېھمان بولۇپ كېلىڭلار. يولدا ئۆتكەن - كەچكەنلەرگە ئارتۇقچە قارىماڭلار. يۈزۈڭلەر يەردە بولسۇن. ئانچە كەچ قالماي، دېگەرنى ئۆتكۈزۈپلا قايتىپ كېلىڭلار، - دەپ، ئۇلارنى يولغا ساپتۇ.
خوتۇنلىرى خەلپىنىڭ بۇ كەڭچىلىكىگە ھەيران بولۇشۇپ، خۇشاللىقىدا ھېچنىمىنى ئويلىماي، ئوپۇر - توپۇر ياسىنىپتۇ، ئادىمەتچىلىكنى تەييارلاپ، مەپە بىلەن يولغا راۋان بوپتۇ. خەلپە بولسا، ئاستا خوتۇنلىرىنىڭ كەينىدىن چىقىپ، دەرۋازىنى مەھكەم تاقاپتۇ - دە، توغرا شەمشىنۇرنىڭ يېنىغا كىرىپ:
- قىزىم، - دەپ ئەنسىز ئاۋازدا چاقىرىپتۇ.
- لەببەي، - دەپ ھېچنېمە بىلمىگەن قىز ئورنىدىن تۇرۇپتۇ.
- ناماز ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپ بارىدۇ، ئاپتۇۋىنى ئېلىڭ، - دەپتۇ خەلپە.
شەمشىنۇر ئاپتۇۋىنى ناھايىتى چاققانلىق بىلەن ئېلىپ، شۇنداق سۇنۇشىغا خەلپە قىزنىڭ بىلىكىنى كاپلا تۇتۇپ قۇچاقلاپ، سۆيۈشكە تەمشىلىپتۇ. قىز بىرلا سىلكىنىپ ئۇنىڭ قولىدىن چىقىپتۇ. - دە، بىر قەدەم نېرى قېچىپ، خەلپىنىڭ يۈزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ:
- ھەي، قايسى يۈزۈڭ بىلەن ماڭا خىيانەت قىلىۋاتىسەن، قېرى دەللە! - دەپ ۋارقىراپتۇ. ئىشنىڭ مۇنداق تۈس ئالغىنىنى كۆرگەن خەلپە:
- سۈپ، سۈپ، سۈپ! توۋا قىل، ھازىر توۋا قىل! كاپىر بولدۇڭ، دىنىڭدىن چىقتىڭ، ماڭا ھاقارەت قىلتىنىڭ ئۈچۈن، توۋا قىل! ... - دەپتۇ. توۋا قىلمايمەن، سېنىڭدەك قارا يۈزلەر ئۈچۈن گۇناھكار بولسام بولاي، - دەپ ئۈن سېلىپ ۋارقىراپتۇ شەمشىنۇر.
- ئەخمەق، ئۈنىڭنى چىقارما! - دېگىنىچە خەلپە قىزنى بىر كاچات ئۇرۇۋېتىپتۇ. قىز:
- مۇناپىق پوق ساقال، يوقال كۆزۈمدىن، - دەپلا قولىدىكى ئاپتۇۋىنى خەلپىگە ئېتىپتۇ. ئاپتۇۋا خەلپىنىڭ پىشانىسىگە تېگىپ ئويۇۋېتىپتۇ. خەلپە شۇ يەردىلا ھۇشىسىزلىنىپ يېتىپ قاپتۇ. شەمشىنۇر بولسا، بېشىغا پۇركەنجىسىنى ئارتىپ، دەرۋازىدىن چىققان پېتى كېچىلەپ، بوۋىسىنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇ - دە، ھېچنىمە كۆرمىگەندەك بولۇپ يۈرۈۋېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ:
- قىزىم، نېمىشقا كېچىلەپ يېنىپ كەلدىڭ؟ - دەپ سورىغاندا، قىز ئۇنىڭغا:
- سىلەر چۈشۈمگە كىرىپ قاپسىلەر، زادى كۆرگم كېلىپ، تۇرالماي يېنىپ كەلدىم، - دەپ قويۇپتۇ.
- ھە، - دەپتۇ پادىشاھ، - قىزىم مۇنداق كېچىلىرى ھېچ ۋاقىتتا ماڭما، بالا - قازالارغا ئۇچراپ قالما، پەخەس بول! - دەپتۇ.
خەلپە ھوشىغا كېلىپ قارىسا، يېنىدا ھېچ كېشى يوق. ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، باش - كۆزلىرىنى يۇيۇپ، يوغان ئاق لاتا بىلەن بېشىنى تېڭىپ، كېچىنى «ۋاي - ۋاي» بىلەن ئۆتكۈزۈپتۇ. تاڭ ئاتماي ئورنىدىن تۇرۇپ، ھاسىسىغا تايىنىپ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا قاراپ مېڭىپتۇ.
پادىشاھ ئەمدىلا تەخىتكە چىققاندا، خەلپە تەمتىلەپ كىرىپ كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ:
- ۋاي نېمە بولدىلا، كەلسىلە، ئولتۇرسىلا، ئولتۇرسىلا، - دەپ يېنىغا ئولتۇرغۇزغاندا، ۋەزىر، ئولىمالار ئولىشىپ كېتىپتۇ. خەلپە گەپنى نېمىدىن باشلىشىنى بىلمەي، بىر پەس تۇرۇپ قاپتۇ.
- ئېيتسىلا خەلپەم، دەپ پادىشاھ غەزەپلىنىپ سوزلەپتۇ، - ئېيتسىلا، مېنىڭ زامانىمدا سىلىنى چاك ئېتىدىغان قانداق مەخلۇقكەن ئۇ؟!
خەلپە بېشىنى تۇتقان ھالدا:
- ئېيىتسام سەت بولىدۇ، ئېيتمىسام دەرت بولىدۇ. بۇ ئىشقا... - دەپتۇ.
- قانداق ئىش - دەپ سوراپتۇ. يەنە پادىشاھ.
- ئەل ياتار ئالدىدا تەرەتكە چىقسام، باغنىڭ ئارىسىسا ئىككى نەرسىنىڭ قارىسى كۆرۈندى. ۋاي، ئامانەتنى ئوغرىلاشقا كەلگەن بىر نېمىلەر بولمىسۇن يەنە، دەپ، ئاستا ماراپ بارسام، نەۋرىڭىز بىر يىگىت بىلەن ئوينىشىپ تۇرغان ئىكەن. مېنى كۆرۈپ ئۇ مەخلۇق تاش بىلەن بېشىمغا بىرنى ئۇرۇۋىدى ھوشۇمنى يوقىتىپ، شۇ يەردىلا يېقىلىپتىمەن. بىر ھازادىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇرسام، ئىنسىجىن يوق، مانا بولغان ئىش، - دەپتۇ. خەلپە.
- جاللات! - دەپتىكەن پادىشاھ، دەررۇ ئىككى جاللات پەيدا بوپتۇ، پادىشاھ:
- ئاۋۇشۇمنى ئېلىپ چىقىپ، كاللىسىنى ئېلىڭلار! - دەپ ئەمىر قىپتۇ»
ھېكايە مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئاڭلاۋاتقانلاردىن گېدەنشا:
- قوي، ئەخمەق! ھەممىسى يالغان، يالغاننى ئېيتىپ بىزنى مەسخىرە قىلما! - دەپ ۋارقىراپتۇ. مەسىلىنىڭ يېشىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، يۈرىگى ئويناپ كېتىپ بارغان پادىشاھ خوجا ۋاپا:
ئېيىتسۇن ئاتا بۇ چۆچەك، - دەپ ئاتىسىنى بېسىپتۇ. پادىچى بالا ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
ئىككى جاللات قېلىچلىرىنى يالاڭاشلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، قەدەملىرىنى راسلاپ مېڭىشقا تەمشەلگەندە، پادىشاھنىڭ ئەقىلدارى مۇنداق دەپتۇ:
- پادىشاھى ئالەم، ئۇنى ئۆلتۈرۈش سىز ئۈچۈن ئابىروي ئەمەس. ئۇنداق قىلىش ئامانەتكە خىيانەت بولىدۇ. ياخشىسى، قىزنى بىر جاڭگالغا ئاپىرىپ تاشلىۋېتەيلى، شۇ يەردە ئۇنى يىرتقۇچلار تالاپ - يەپ تۈگەتسۇن. ھايۋانلىق قىلغان بەندىنىڭ ئازاۋىنى ھايۋانلار بەرسۇن.
پادىشاھ باشقىدىن ئەمىر قىپتۇ. لەشكەرلەر شەمشىنۇرنى يەتتە كۈنلۈك يول يۈرۈپ، بارسا - كەلمەس بىر جاڭگالغا ئاپىرىپ تاشلىۋېتىپتۇ. قىز بىر غارنىڭ ئىچىگە كىرىپ، شۇ يەردە ئۆتكۈزۈپتۇ، تاڭ ئاتقاندا بېشى قايغان، پۇتى تايغان ياققا مېڭىپتۇ. قاڭغىر قاقشال، گىياھلارنىڭ يىلتىزلىرىنى يەپ، ئۈچ ئاي چۆل - جەزىرىدە ئاچ - توق يۈرۈپتۇ.
بىر كۈنى كۆيۈپ تۇرغان كۈن ئىسىغىدا دەش چۆلنى كېزىپ، بىر بېسىپ - ئىككى بېسىپ كېتىپ بارسا، يىراقتىن بىر تۈپ چىنار كۆرۈنۈپتۇ. چىنار ئۈستىدىن قاغىلار يەرگە چۈشۈپ، يەن ئۇچۇپ جىنارغا قونغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. قىز مۇشۇ يەردە سۇ بولىسا كېرەك دېگەن ئويغا كەپتۇ. ئاندىن خۇدا دەپ شۇ تەرەپكە مېڭىپتۇ. يىراقتىن بۇلاقنىڭ سۇيى پارقىراپ كۆرۈنۈپتۇ. ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ، سۇغا قىرىق چامدام قالغاندا شەمشىنۇر يىقىلىپتۇ. قانچە غەيرەت قىلسىمۇ ھېچ بولالماي يېتىپ قاپتۇ.
ئەمدى گەپنى شەمشىنۇرنىڭ ئاتىسىدىن باشلايلى، - دەپ ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. پادىچى بالا، - ئاتىسى ئۈچۈ ئاي يول يۈرۈپ ئۆز يۇرتىغا بېرىپتۇ. نەق چۈش مەزگىلىدە شەھەرگە كىرىپ، شۇنداق قارىسا، شەھەر پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەن؛ كوچا - كوچىلاردا يۈزلىگەن - مىڭلىغان ئادەملەر ماكانىسىز، كىيىمسىز، ئاچ زاردىن ياتقان.
«ئاھ، بۇ نېمە دېگەن زامان! زامانەڭگە نالەت!» دەپتۇ. شەمشىنۇرنىڭ ئاتىسى. ئاندىن ئۇ ئۆز ئاتا - ئانىسىنىڭ مەھەللىسىگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۆزى سالدۇرغان دەرۋازىغا كېلىپ، كىرەي دىسە قاراۋۇل.
- جان كېرەك بولسا، قايت ئارقاڭغا! - دەپ ۋارقىراپتۇ. ئۇ ئارقىغا قايتىپ:
- بۇ كىمنىڭ جايى؟ - دەپ سوراپتۇ.
- پادىشاھنىڭ، - دەپتۇ قاراۋۇل.
- بۇرۇن كىمنىڭ جايى ئىدى؟
- بىلمەيمەن، يوقال! ...
- شەمشىنۇرنىڭ ئاتىسى بىر نەچچە يىل ئاتا - ئانىسىنى ئىزلەپ، ئۇلارنىڭ تەمتىرەپ يۈرۈپ ئاچتىن ئۆلۈپ كەتكەن يەرلىرىنى تېپىپتۇ، يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ، ئاتا - ئانىسىغا گۈمبەز تۇرغۇزۇپ، نەزىر - چىراق بېرىپ، تۇغۇلغان يېرى بىلەن خوشلىشىپ، قىزىنىڭ يېنىغا قايتىپتۇ. بىر نەچچە ئاي يول يۈرۈپ، قېيناتىسىنى يۇرتىغا كەپتۇ. ئۇلار بىلەن سالامەت كۆرۈشۈپتۇ. ئۇ قېيناتىسىدىن:
- ئاتا، قىزىم قېنى؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئوغلۇم، سىز ئۇ مۇناپىقنى قىزىم دېمەڭ، ھايۋانغا ئوخشاش قىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن خۇدا ئۇنىڭ جاجىسىنى بەردى، - دەپتۇ پادىشاھ.
ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى ئۇقمىغان كۈيئوغۇل يالغۇز ئۆيگە كىرىپ يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ، ھېچ ئورنىغا كەلمەپتۇ. لېكىن شۇنداق ئەقىللىق قىزىنىڭ قانداقلارچە ھايۋان ئوخشاش قىلىق قىلىغانلىقىغا ئەجەپلىنىپتۇ. ئۆز ئىچىدە مۇتلەق ئىشەنمەپتۇ. «خەپ!» دىمەكتىن باشقىنى ئېيتالماپتۇ. ئاتىنىڭ ئىچىگە دەرت - ئەلەم توشۇپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى پادىشاھ قاتتىق كېسەلگە مۇپتىلا بوپتۇ. ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە داۋا بولماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شاھ ۋەزىر، ئولىما ۋە لەشكەرلەر باشلىقلىرىنى چاقىرىپ، شۇلارنىڭ ئالدىدا پادىشاھلىقنى كۈيئوغلىغا تاپشۇرۇپتۇ. كۈيئوغلى شۇ كۈندىن باشلاپ پادىشاھ بولۇپ، تەختتە ئولتۇرۇپتۇ...
شۇ كۈنلەردە خەلپ پادىشاھنىڭ ئوغلى ئون سەككىز ياشقا كىرىپ، ئۆز تەۋەسىدە پالۋان بوپتۇ. بىر كۈنى شاھزادە ئاتىسىدىن رۇخسەت ئېلىپ، ئىككى يۈز يىگىتى بىلەن شىكارغا چىقىپتۇ. ئۇلار چول - جەزىرلەرنى كېزىپتۇ، ھېچ ئولجا ئالالماپتۇ. تۈزۈكرەك ئولجىنى قولغا چۈشۈرەلمىگىنىگە بەك خاپا بولغان شاھزادە يىگتلىرىگە مۇنداق دەپتۇ:
- ھاي يىگىتلىرىم، چول - باياۋاننى ئاختۇرغىنىمىزغا بىر ئايدىن ئارتۇق بولدى. كۆزگە چۈشكىدەك بىرەر نەرسە ئالالمىدۇق. ئاتلىرىمىز ھاردى. تايغاقلىرىمىز چارچىدى. ئۆزىمىزمۇ بىر يەرگە باردۇق. بۇ ياخشىلىق بولمسا كېرەك. خۇدا ئالدىدا كۈپۈرۈپ سۆزلەپ قويۇۋېتىدۇقمىكىن، شۇنچە يۈرۈپ قۇرۇقتىن - قۇرۇق شەھەرگە كىرىپ بېرىش ئوۋچىنىڭ ئىشى ئەمەس، خەلقى - ئالەم ئالدىدا ئۇياتقا قالغانلىق.
- ئېيىتقانلىرى بىردىن بىر توغرا، شەھەرگە ئادەم ئەۋەتىپ ئوزۇق ئالدۇرۇپ، يەنە بىر نەچچە كۈن ئوۋ ئوۋلاپ كۆرەيلى، - دېگەن مەسلىھەتنى بېرىپتۇ يىگىتلىرى.
شۇ ھازادا شاھزادىنىڭ قولىدىكى بۈركىتى يىراققا قاراپ تەلپۈنۈپتۇ. شاھزادە دەررۇ قۇشنى قويۇۋېتىپتۇ. قۇش ئۇزۇلۇپ چىقىپ، ناھايىتى چاپسان ئاسمانغا كوتىرىلىپ، ئاندىن توغرا بىر جىراغا قاراپ ئوقتەك ئېتىلىپ چۈشۈپ كېتىپتۇ. يىگىتلەر ئارقىسىدىن ئات چېپىپتۇ. ھېچيەردىن ئۇنىڭ قارىسىنى كۆرەلمەپتۇ. بىر ۋاقىتتا يىگىتلەردىن بىرسى يىراقتا بىر تۈپ چىنار ئۈستىدە قۇشنىڭ قانىتىنى كېرىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇلار ئىتتىك بېرىپ قارىسا، قۇش قانىتىنى ساڭگىلىتىپ،ئاغزىنى يوغان ئېچىپ تۇرغان، لېكىن يىگىتلەر قانچە ئامال قىلسىمۇ، قۇشنى ھېچ چۈشۈرەلمەپتۇ. بولمىغاندىن كېيىن، ھەممىسى شاھزادىنىڭ قېشىغا بېرىپ، بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىپتۇ. شاھزادە يالغۇز چىنارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئاتتىن چۈشۈپتۇ. قالىغا گۆشنى ئېلىپ:
- گاھ، گاھ! - دەپ بىر پەس ئاۋارە بوپتۇ. لېكىن قۇش زادىلا چۈشمەپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن، قۇش جىناردىن كۆتىرىلىپ، قىرىق قەدم نېرىغا چۈشۈپتۇ. شۇ چاغدا شاھزادە ئۇياققا قاراپ، ئادىمىزاتنىڭ بالىقىنى كۆرۈپتۇ. بارسا، بىر پەرى ياتقان، شاھزادە ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ،قىزنىڭ يېنىغا كەپتۇ - دە:
- ھەي، سىز ئادەممۇ، پەرىمۇ؟ ! - دەپ ۋارقىراپتۇ.
- ئاھ! سۇ... سۇ... سۇ...، - دەپتۇ شەمشىنۇر ئارتۇق سۆز قىلىشقا مادارى يەتمەي.
شاھزادە قىزنىڭ بېشىنى يۆلەپ، ئاغزىغا سۇ تېمىتىپتۇ. قىز سۇنى ئىچىكەندىن كېيىن، كۆزىنى ئېچىپ ھوشىغا كەپتۇ. ئاستا ئۆزىنى يىگىتتىن نېرى تارتىپ، تازىم قىلىپ، يەرگە قارىغان پېتى تۇرۇپ قاپتۇ.
- ھەي قىز! سىز قايسى باغنىڭ گۈلىسىز، قايسى بوستاننىڭ بۇلبۇلىسىز؟ نېمە ۋەجىدىن چول - باياۋانلارغا تاشلاندىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئۆتكەننى سىز سورىماڭ، بولغاننى مەن ئېيىتماي، ئەگەر خالىسىڭىز ئېلىپ كېتىڭ، بولمىسا، سىزنى مەن كۆرمىدىم، مېنى سىز كۆرمدىڭىز؟ - دەپتۇ شەمشىنۇر.
شاھزادە شەمشىنۇرنى ئېلىپ، يىگىتلىرىنىڭ يېنىغا كەپتۇ. يىگتلەر ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ شاھزادىگە قايىتىپ كېتىشنى تەكلىپ قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەھەرگە قايتىپتۇ. شاھزادە ئوردىغا كېلىپ، ئىككى يېقىن ئاغىنىسىگە قىزنى ئانىسىغا ئەكىرىپ بېرىشنى ۋە ياخشى كېيىندۈرۈپ، ياخشى كۈتۈشنى تاپشۇرۇپتۇ. ئانىسى شەمشىنۇرنى ئىشەنچىلىك ئىككى كېنىزەككە تاپشۇرۇپتۇ. كېنىزەكلەر ياخشى كىيىندۈرۈپ، ياخشى كۈتۈپ، قىزنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپتۇ.
بۇ ۋەقەدىن خەلپىنىڭ پادىشاھى خەۋەر تېپىپ، خوتۇنىدىن سوراپتۇ:
- ھەي خوتۇن، بىر ۋەقە ئاڭلايمەن راسىتمۇ؟
- ئېيتىشقا تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ، ئۇ شۇنداق چىرايلىق قىزكەنكى، ھۆرلەرنىڭ قىزلىرى بىر ياقتا قالسۇن. بىر كۆرپلا مېنىڭمۇ ئۇنىڭغا مېھرىم چۈشۈپ قالدى.
- پادىشاھ خەلەپ ئەتىسى ئوغلىنى چاقىرىپ:
- ئوغلۇم، ئاناڭدىن ئاڭلىسام، ئوۋدىن قىز ئېلىپ كەپسەن. راستمۇ شۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- راست ئاتا، شۇنداق بولدى، - دەپتۇ ئوغلى.
- ھىم! ... - دەپتۇ. پادىشاھ، - ئۇ كىمنىڭ بالا - ۋاقىسىكەن، قانداق سەۋەپلەر بىلەن ئۇنى ئېلىپ كەلدىڭ؟
شاھزادە ئۇ قىزنى چول - جەزىردىن تېپىۋالغانلىغىنىنىلا ئېيتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ نىكاھىغا ئېلىش خاھىشىنى ئىزھار قىپتۇ.
- ھەي سەن دېگەن يەتتە ئىقلىمنىڭ ئەڭ ئابرۇيلۇق پادىشاھىنىڭ ئوغلى تۇرۇپ، باياۋاندىن تېپىۋلغان قىزنى ئالماقچىمۇ؟ ياق، ئوغلۇم، سەن بالىلىق قىلما! - دەپتۇ. پادىشاھ.
- ئاتا، راستىنى ئېيتسام، مەن چۈشۈمدە مۇشۇ قىزغا ئاشىق بولغان ئىدىم، مانا توغرا ئۈچ ئاي ئۆتكەندە، شۇ چۈشۈمدىكى قىزغا داخىل بولدۇم. شۇڭا بۇ ئاشىغىمدىن ئايرىلىپ چىدالمايمەن...
پادىشاھ خەلەپ بۇ سۆزدىن كېيىن لام - جىم دېمەپتۇ. ئەتىسى خوتۇنى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، شەمشىنۇرنى چاقىرتىپتۇ. قىز يۈزىگە چۈمپەردە تارتىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ تارىم بەجا كەلتۇرۇپتۇ. بۇنداق چىرايلىق قىزنىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە پادىشاھنىڭ ئۆزىمۇ ھەيران بولۇپ، ئاخىرى قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ، قىزنى ئوغلىغا ئېلىپ بېرىپتۇ.
ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە، شەمشىنۇر توققۇز ئاي، تۇققۇز كۈن، توققۇز دەقىقە قورساق كۆتىرىپ بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپتۇ. يىل ئۆتۈپ، بالىنىڭ«دادا، ئانا» دەپ تىلى چىقىپتۇ. بالا بەش ياشقا كىرگەندە، چوڭ ئالىملارنىڭ سۆزىنى قىلىدىغان ئەقىللىق، چىرايلىق بىر بالا بوپتۇ.
شاھزادە ئوۋغا چىقىپ كەتكەندە، ئوغلى ئانىسىغا ھەمرا بولۇپ قالىدىكەن. شۇنداق كۈنلەردە ئانىسى ئولتۇرۇپ، ئۆز - ئۆزىدىن يىغلايدىكەن، قاقشايدىكەن. كۆزى ياشتىن قۇرۇمايدىكەن. بىر كۈنى ئوغلى مەكتەپتىن كېلىپ ئانىسىنىڭ: «خۇدايىم، مۇشۇنداق كۈنلەردە ئاتا - ئانام يېنىمدا بولسا نېمە دەر ئىدى، ئانامغۇ ئۆلۈپ كەتكەن. كاشكى دادام يېنىمدا بولسچۇ...» دەپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. مانا شۇنداق يىغلاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە شاھزادە ئوۋدىن كېلىپ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە:
- ھەي خوتۇن، بېشىڭغا نېمە دەرت كەلدى؟ ئېيت، ساڭا زۇلۇم قىلغان كىم؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ياق، ھېچكىم ماڭا زۇلۇم قىلغىنى يوق! لېكىن مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەنلەرگە يىغلايمەن! - دەپتۇ شەمشىنۇر.
- ئېيت، ئەنتىڭ بولسا ئالارمەن، ئارمىنىڭ بولسا يەتكۈزەرمەن، - دەپتۇ شاھزادە.
- ئېيتسام تىلىم ئاغرىيدۇ، ئېيتمىسام دىلىم... - دەپتۇ. خوتۇنى.
- ئېيت، تارتىنما، سېنىڭ دىلىڭنىڭ ئاغرىماسلىغى ئۈچۈ نەپسىمنىڭ ئاخىرىغىچە كۈرىشەرمەن! بولمىسا ئۇنىڭ ئامالىنى تاپارمەن، - دەپتۇ شاھزادە.
- دادام بارئىدى مېنىڭ، بوۋام بارئىدى مېنىڭ، ئانامدىن ئايرىلغان چاغدا، يەتتىدە ئىدى يېشىم: ئەمدى بار كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا دادامنى ۋە قوۋمى - قېرىنداشلىرىمنى بىر كۆرسەم، دېگەن ئارمىنىم، - دەپتۇ. خوتۇنى.
- نېمىشقا ئېيتمىدىڭ بۇ چاققا. ئەگەر بولسا داداڭ، بىر ئايغا قالماي يەتكۈزەرمەن ئۇياققا، - دەپ خوتۇنىنى بەزلەپتۇ ئېرى. ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا شاھزادە ئاتىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ:
- ھەي ئاتا، كېلىنىڭىزدىن ئېچىلىمىغان سىر بۈگۈن ئېچىلىدى. ئۇ يەتتە ئىقلىمنىڭ داڭلىق پادىشاھىنىڭ نەۋرىسى ئىكەن. ئانىسى يەتتە يېشىدا دۇنيادىن ئۆتكەن ئىكەن. ئاتا - بوۋىسى ھايات ئىكەن. شۇلارنى كۆرسەم دەپ يىغلايدىكەن، - دەپتۇ.
پادىشاھ خەلپە بىر پەس ئويلاپ:
- رىۋايەتلەر بويىچە بۇ ئېيىتقانلىرىڭنىڭ ھەممىسى توغرا. بۇ چاققىچە تۇغقانلىرىغا خەۋىرنى بەرمىگەلىكىمىز ئۇيات ئىش بوپتۇ. ئەمدى بىز ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىشىمىز ھەقلىق، - دەپتۇ خەلەپ پادىشاھى.
- ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، خەلەپ پادىشاھى ناھايىتى كاتتا تەييارلىقلار قىلىپ، نۇرغۇن سوغا - سالاملارنى ئېلىپ، خوتۇنى ۋە ئوڭ قول ۋەزىرىنى باش قىلىپ، بەش يۈزلەشكەر، ئۈچ قىز بىلەن كېلىنىنى ئاتىسىنىڭ ۋە بوۋىسىنىڭ يۇرتىغا ئەۋەتىپتۇ. ئۇلار ئىككى ئاي يول يۈرۈپتۇ، دەشت - باياۋانلارنى كېزىپتۇ. بىر كۈنى چىڭقى چۈش مەزگىلى بولغاندا، ئۇلار ھېلىقى بىر تۈپ چىنار تۈۋىگە كېلىپ، ئاتمىشىنچى كېچىنى ئۆتكۈۈزۈپتۇ.
شەمشىنۇر ئادەتتىكىچە ئالاھىدە تىكىلگەن چېدىرغا كىرگۈزۈلۈپتۇ. ئەتراپىغا قىزلار، قاراۋۇللا قويۇلۇپتۇ. شەمشىنۇر چېدىردا يالغۇز يېتىپتۇ. يېرىم كېچە بولغاندا، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇنداق نەچچە يىللار بۇرۇن چىنار تۈۋىدە تارتقان ئازاپ - ئوقۇبەتلىرىنى ئەسلەپ يىغلاپتۇ. شۇ چاغدا ئۇلار بىلەن بىللە كېلىۋاتقان خەلەپ پادىشاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى يامان نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەركەتلىنىپ، شەمشىنۇرنىڭ ئەتراپىغا قويۇلغان ئون قاراۋۇلنى يۆتكەپ، پادىشاھنىڭ خوتۇنى ياتقان چىدىرنىڭ ئەتراپىغا قويۇپتۇ. قاراۋۇللارنىڭ بارلىق دىققىتىنى شۇ يەرگە بۇراپ قويۇپ، ئۆزى ئۇخلىماي، ئەتراپقا كۆز سالغان بولۇپ يۈرۈپتۇ. ئىككى ئايدىن بېرى يول ئازابىنى تارتقان لەشكەر، كېنىزەك ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. پادىشاھنىڭ خۇتۇنىمۇ ئۆزىنى بىلمەي ئۇخلاپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا ۋەزىر ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەتراپنى بىر قۇر كۆزىتىپ چىقىپتۇ دە، دەرھال ئۆز چېدىرىغا كىرىپ، يېشىنىپ، ئاق ئىشتان، ئاق كۆينەك كېيىپ، پېرىجىنى يېپىنىپتۇ. ئۇ بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ خەلەپ پادىشاھنىڭ كېلىنىنىڭ چېدىرىغا كېلىپ، ئۇياق - بۇياققا بىر قارىۋېلىپ، چېدىرنىڭ بىر چېتىنى ئاستا قايرىپ، يەر بېغىرلاپ ئېڭىشىپ شەمشىنۇرنىڭ يېنىغا كېرىپتۇ...
پادىچى بالىنىڭ ھېكايىسى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، تۆردە ئولتۇرغانلارنىڭ بىرى:
- ھەي، يالغان جويلىمە! - دەپ ۋارقىراپتۇ.
- ئېيتسۇن، سىزنىڭ بالىنى چەكلەشكە ھېچ ھەققىڭىز يوق، جانابى ۋەزىر، ئېيتقىنى يالغان ئەمەس، - دەپ دەرغەزەپ بوپتۇ خەلەپ پادىشاھنىڭ ئوغلى.
ئېيت ئوغلۇم، ئېيىۋەر! - دەپتۇ مېھمان چاقىرغان پادىشاھ خوجا ۋاپا.
بالا يەنە ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
چېدىر ئىچىدە، خەلەپ پادىشاھنىڭ كېلىنى شەمشىنۇرنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ ئالتە ياشلىق ئوغلى تولۇن ئايدەك ياتقان ئىكەن. شەمشىنۇر بولسا، ئوتمۇشتىكى كۈنلىرىنى ۋە ئاتا - بوۋىسىنىڭ يېشىغا بارغاندا، بولىدىغان ئىشلارنى ئويلاپ، ئاللىقانداق خىياللارنى قىلىپ، تېخى ئۇخلىمىغان ئىكەن. ئۇ ئوڭ يېنىغا ئۆرۈلۈپ ياتاي دېگەندە، بېشىدىن ئايىغىىچە ئاق ئادەم كۆرۈپتۇ - دە، «ۋاي ئانام!» دەپ ۋارقىرىۋېتىپتۇ. شەمشىنۇر يەنە بىر تۇرۇپ: «خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن ماڭا كەلگەن خىزىر بولسا كېرەك» دېگەن ئويغا كەپتۇ. دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، تازىم بىجا كەلتۈرۈپتۇ. ئاندىن كېيىن:
- كىم سىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- مەن جېنىم! ... مەن ۋەزىرمەن... مەن سىزنىڭ ئوت پىراقىڭىزدا كۆيۈپ يۈرگىنىمگە ئۈچ يىلدىن ئاشتى. بۈگۈن ئاران پۇرسەن تاپتىم، جېنىم، مېنى قۇبۇل قىلىڭ، - دەپ شۇمشىنۇرنى قۇچاقلاپ، خىيانەت قىلىشقا ئۇرۇنۇپتۇ. شۇ زامان ئىشنىڭ باشقىچە بولۇپ چىققىنىنى كۆرگەن شەمشىنۇر:
- بەس سىز مېنىڭ ئاتامدەك ئادەم، بۇ نېمە دېگەن ئىپلاسلىق! ... - دەپ ۋارقىراپتۇ.
ئۈنىڭنى چىقارما! ھازىر كاللاڭنى ئالمەن. ياخشىلىقچە قوبۇل قىل! - دەپ ھەيۋە قىپتۇ. ۋەزىر قىلىچىنى يالىڭاچلاپ، - ئۇنداق بولسا، ئالدى بىلەن بالامنى ئۆلتۈر، ئاندىن كېيىن مېنى...
شەمشىنۇر ئۆزىچە بالىغا قول تەككۈزەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئاتىسنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ نىيىتىدىن يانار، دەپ ئويلىغان ئىكەن، ئەمما، ۋەزىر ھېچ ئويلانمايلا بالىنىڭ كاللىسىنى چېپىپ تاشلاپتۇ. چېدىرنىڭ ئىچى قانغا بويىلىپتۇ.
پادىچى بالا مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۆزىچىلا ھېكايىسىنى توختىتىپ، يەرگە قارىغان پېتى جىم تۇرۇپ قاپتۇ. ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپچىلىكى ھاڭقېتىپ بالىنىڭ ئاغزىغا قاراپلا قاپتۇ. سارايدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈپتۇ. بالا بېشىنى كۆتۈرۈپ، ساھىپخاندىن بىر پىيالە سۇ سوراپتۇ. شۇ چاغدا خەلەپ پادىشاھنىڭ ئوغلى شاھزادە دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، قولىدىكى پىيالىنى ئېلىپ، دەم ئالماي ئىچىۋېتىپتۇ. ۋە «ئۇھ...» دەپ، چوڭقۇر بىر تىنىپتۇ. - دە، پىيالىنى شاھزادىگە قايتۇرۇپ تۇتۇپتۇ. شاھزادىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، كۆزىدىن مونچاقتەك تۆكىلىۋاتقان يېشىنى پېشى بىلەن سۈرتىۋېتىپ، يەنە ھېكايىسىنى داۋام قىپتۇ:
«ۋەزىر چىدىردا بىگۇناھ ئۆلگەن بالىنىڭ ئانىسىنىڭ پەريادىدىن چۆچۈپ، قۇيۇندەك يۈگۈرۈپ ئۆز چىدىرىغا كىرىپ، ھېچنېمە كۆرمىگەن ئادەم بولۇپ يېتىۋاپتۇ. شەمشىنۇر بىر پەس ھوشسىز يېتىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، دەررۇ كېيىنىپ، سىرتقا چىقىپتۇ - دە، ئوغلىنىڭ ئالتۇن -كۈمۈش بىلەن ئىگەرلەنگەن تۇلپارىنى مىنىپ ھەممىنى تاشلاپ، يولغا راۋان بوپتۇ. ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ، ئاتىسىنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ. شەھەرنىڭ سىرتىدا كۈننى ئۆتكۈزۈپ، شام ئارىلاپ، قوي بېقىپ تۇرغان بىر قۇل بالىنىڭ قېشىغا كېلىپ:
- ھەي بالا! مەن سېنى بۈگۈن ئازات قىلغىلى كەلدىم، - دەپتۇ.
- ۋاھ! سىز قانداق قىلىپ مېنى ئازات قىلىسىز؟ - دەپتۇ بايقى پادىچى بالا.
- قۇلۇڭغا پۇل ئۈستۈڭگە كىيىم، ئاستىڭغا ئات بېرىمەن - دە، سېنى يولغا سالىمەن. ئۆزۈم سېنىڭ ئورنۇڭدا قۇل بولۇپ ئىشلەيمەن، - دەپتۇ شەمشىنۇر. قويچى بالا غايىپتىن كەلگەن بۇ نېمە ئىش؟ خۇدايىتائالانىڭ ماڭا ئەۋەتكەن رەھمىتى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ:
- ماقۇل، ئەگەر لايىق كۆرسىڭىز، - دەپتۇ.
شەمشىنۇر ئۈستىدىكى كىيىم -كېچىكىنى، ئاستىدىكى ئېتىنى، يېنىدىكى بار پۇلىنى بېرىپ، ھېلىقى قۇلنى ئازاد قىلىپ، ئۆزى قۇلنىڭ سىياقىدا ياسىنىپ، شۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ قويلىرىنى بېقىپ يۈرۈپتۇ. ئۇ كەچكچە قوي بېقىپ، كېچىسى پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى تازىلاپ، سۇ چېچىپ، كېچە - كۈندۈز تىنماي ئىشلەپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى بۇ ئىشلەمچان، چېۋەر قۇلنى پادىشاھ ئۆز ئوردىسىغا ئەمىر قىلىپ ئېلىپ كىرىپتۇ. ئۇ ئوردىغا كەلگەندىن كېيىن پادىشاھنىڭ تامىغىنى ئېتىپ، سۈيىنى توشۇپ، كىيمىنى يۇيۇپ، ھويلىنى سۈپۈرۈپ پادىشاھقا ياراپ قاپتۇ. پادىشاھ بۇ قۇلنىڭ ئەقىللىقلىقىدىن، ئەر تۇرۇپ ئاياللارنىڭ ئىشىنى ئاياللاردىن ياخشى قىلىپ يۈرگىنىدىن ئەجەبلىنىپ يۈرۈپتۇ. پادىشاھ ئۇنى ئۆزىنىڭ بالىسىدەك ياخشى كۆرۈپ، ياخشى كېيىنىپ، ياخشى كۈتۈپتۇ. ئۇنىڭ گۈزەللىكى پادىشاھنىمۇ ھەيران قالدۇرۇپتۇ.
ئەمدى گەپنى خەلەپ پادىشاھدىن ئاڭلايلى: خەلەپ پادىشاھى كېلىنىنىڭ نېمە ۋەجىدىن بالىسىنى ئۆلتۈرۈپ، چىنار تۈۋىدىن قاچقانلىقىنى ھېچ بىلمەي يۈرۈپتۇ. ئۇ ئۆز ئوغلىنىڭ نالىسىگە چىدالماي، نەچچە مىڭلاپ لەشكەر چىقىرىپ، ھېلىقى كېلىنىنى ئىزلەپ بارمىغان جاڭگاللىرى، ئاختۇرمىغان سەھرالىرى ۋ كىرمىگەن غار - تاغلىرى قالماپتۇ. ھېچ يەردىن كېلىنىنىڭ دېرىكىنى ئالالماپتۇ؛ يۈزمىڭ تۈرلۈك ئاماللارنى قىپتۇ؛ ئوغلى ئوغلى شاھزادىنىڭ كۆڭلىنى ياسالماپتۇ؛ ئۇ يەر باغرىلاپ يىغلاپ، كۈندىن - كۈنگە ساماندەك سارغىيىپ، پەيدەك توزۇشقا باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلەپ پادىشاھى يەتتە ئىقلىم پادىشاھلىرىغا مەكتۇپ ئەۋەتىپتۇ. ئوغلىغا ئوڭ قول ۋەزىرىنى قوشۇپ، كېلىنىنىڭ ئاتىسىنىڭ شەھىرىگە ئۇزىتىپتۇ. بۇ ئىككىسى ئاتا - ئانا، قوۋم - قېرىنداشلىرى بىلەن قىيامەتلىك خوشلىشىپ يولغا چىقىپتۇ. نەچچە ئاي يول يۈرۈپ، كېلىنىنىڭ ئاتىسىنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ.
ئاڭغىچە شەمشىنۇرنىڭ پادىشاھ بولغان ئۆز ئاتىسى كاتتا زىياپەت قىلىپ، يەتتە ئىقلىمنىڭ پادىشاھ، ۋەزىر، ئۆلىمالىرىنى قارشى ئاپتۇ...
ھېكايىچى بالا مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، تۆردە ئولتۇرغان خەلپە خەلپە پادىشاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى خۇجا ۋاپاغا تەرەپ - تەرەپتىن شىكايەت قىلىپ، بالىنى بۇ ئولتۇرۇشتىن چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇپتۇ. لېكىن شۇ چاغدا خۇجاۋاپا دەرغەزەپ بىلەن:
- پادىشاھدىن ئەمىر، ئوغلۇم، ئەگەر ئېيقانلىرىڭ راست، ھەقىقەت بولسا سۆزلە! ئۇچۇغاراق ئېيت! - دەپتۇ تاقەتسىزلىك بىلەن.
خەلەپ پادىشاھنىڭ ئوغلىمۇ ئونىدىن تۇرۇپ كېتىپ، ئۆزىنى تۇتالماي ۋارقىراپتۇ:
- ئېيت ئايىماي ئېيت! كىملەر ئۇلار! ئوچۇق ئېيت! - دېگەندە، ئولتۇرغانلا ۋە لەشكەرلەرمۇ ۋارقىرىشىپ قۇۋۋەتلەپتۇ.
بالا ھالسىرىغان، ھەسرەتلەنگەن ھالدا تېلىقىپ يىغلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ:
- ئوچۇغىنى ئېيتسام بۇ، ھەقىقى بولغان ئىش. مانا بۇ كىشى بولسا، خۇجاۋاپانىڭ ئاتا - ئانىسىنى تەقىپ قىلىپ ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆي - جايىنى زورلاپ تارتىۋېلىپ، ئوردا قىلىۋالغان قەشقەرىيە مەملىكىتىنىڭ پادىشاھى بولىدۇ؛ مۇنۇ كىشى بولسا، قىزغا خىيانەت قىلماقچى بولغان جانابى خەلپە بولىدۇ؛ ئاۋۇ كىشى بولسا، نەۋرىسى شەمشىنۇرنى جاڭگالغا پالىغان بۇنقى پادىشاھ كېردەنىشا بولىدۇ؛ بۇ بولسا، خەلەپنىڭ كېلىنىنى ئاتىسىغا ئېلىپ كېلىۋېتىپ، چىنار تۈۋىدە بالىسىنى ئۆلتۈرۈپ، كېلىنىگە زورلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان خەلەپ پادىشاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى بولىدۇ؛ ئەمدى بۇ كىشى بولسا، چولگە پالانغان شەمشىنۇرنى قۇتۇلدۇرۇپ، چول - باياۋاندىن ئېلىپ كېتىپ، ياخشى كۈتۈپ، ئۆز نىكاھىغا ئالغان ئومۇرلۈك يولدىشى بولىدۇ؛ ھە، بۇ كىشى بولسا، قىزى شەمشىنۇرنى يەتتە يېشىدا ئاۋۇ گېدەنشاغا ئامانەت قويۇپ، ئۆز ئاتا - ئانىلىرىنىڭ يېنىغا سەپەر قىلغان قىزنىڭ ئاتىسى خوجاۋاپا بولىدۇ.
مەن بولسام خوجاۋاپانىڭ شەمشىنۇر دېگەن بىر تال ئارزۇلۇق قىزى بولىمەن! ... » دەپتۇ - دە، ئۈستىدىكى ئوغۇلچە كىيىمىنى يېشىپ تاشلاپ، ئۆزىنى قىز كىيىمىدە كۆرسىتىپتۇ. ۋە ئېتىلغان بويى ئاتىسى خۇجاۋاپانىڭ بوينىغا ئېسىلىپ، ھۇشىدىن كېتىپتۇ، ئېرىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ، بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغان بالىق خەلق يىغىلىپتۇ. غەزەپلىك سادالار ياڭراپتۇ...
پادىشاھ خۇجاۋاپا شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا ئەمىر بېرىپ، ئەلنى يىغىپ، يەتتە ئىقلىم پادىشاھلىرىنىڭ ئالدىدا خەلپە، گېردەنشا، قەشقەرىيە مەملىكىتى پادىشاھىنىڭ ۋە خەلەپ پادىشاھىنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىشقا بۇيرۇپتۇ. شۇ يەردىلا ھۆكۈم ئىجرا بوپتۇ... يەتتە ئىقلىم پادىشاھلىرىمۇ بۇنى ھېكايە قىلىپ سۆزلىشىپ، ئۆز يۇرتلىرىغا مېڭىشىپتۇ.
شۇندىن كېيىن ئاتا - بالا، ئەر - خوتۇن يېڭىباشتىن كۆرۈشۈپ، يۇرت سائادىتىدە مېھىر - شەپقەت ئىچىدە ئومۇر كەچۈرۈپتۇ.