UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپەشنىڭ رولى

پەشنىڭ رولى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنىسىدا بىر پادىشاھنىڭ مەدرىستە ئوقۇيدىغان بىر ئۆگەي بالىسى بار ئىكەن، بۇ بالا كۆيۈنۈپ بىلىم بېرىدىغان، خۇش مۇئامىلىلىك بىر خەلپەتنىڭ قولىدا ئوقۇيدىكەن. ئۇ ئۇستازىنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيدىكەن. ئوغۇل بىر كۈنى مەدرىستىن قايتىپ كېلىپ، ئادىتى بويىچە شۇ كۈنى ئۆگەنگەن خەتلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن دەپتىرىنى ئاتىسىغا سۇنۇپتۇ. پادىشاھ خەتكە كۆز يۈگۈرتۈپتۇ، بىردىنلا ئۇنىڭ كەيپىياتى ئۆزگىرىپتۇ. ئۇ رەڭگى ئۆچكەن، ساقاللىرى تىترىگەن، كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقنىغان ھالدا: - جاللات! - دەپ ۋارقىراپتۇ، - بۇ ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان يېتىم ئوغلاقنىڭ ۋە ئۇستازىنىڭ كاللىسىنى ئېلىڭلار! بالا ۋە ئوردا ئەھلى پادىشاھنى غەزەپلەندۈرگەن خەتنىڭ مەزمۇنىنى بىلمىگەچكە ھەيران قاپتۇ. - پادىشاھ ئالىيلىرى، - دەپتۇ ۋەزىر ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ، - قىلىنغان ھۆكۈمنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي قالدۇق، ئېيتىپ بېرشىكە بولارمۇ؟ پادىشاھ ئۆگەي بالىسىنىڭ يازغان خېتىنى ئوقۇپ بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ۋەزىر پادىشاھقا مۇنداق دەپتۇ: - پادىشاھ ئالىيلىرى، پەرزەنتسىزلىكتىن بۇ بالىنى بېقىۋېلىپ توققۇز يىلدىن بويان نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈردىلە، بىلىملىك بولۇپ تەختى - سەلتەنەتكە ئىگىدارچىلىق قىلىشى ئۈچۈن ئوقۇشقا بەردىلە، مېنىڭچە بالىدا گۇناھ بولمىسا كېرەك. چۈنكى ئۇستازى نېمىنى يېزىپ بەرسە، ئۇ شۇنى يازىدۇ. شۇڭا بالىنى جازالىماي ئۇنىڭ ئۇستازىنى جازالىساق قانداق؟ پادىشاھ بۇ گەپكە قوشۇلۇپتۇ. ياساۋۇللار ھېلىقى بالىنىڭ ئۇستازىنى ئوردىغا ئېلىپ كەپتۇ. -سەن بالىغا ماڭا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان خەتنى يېزىپ بەرگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندىڭ، بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ. - ئۇنداق خەتنى يېزىپ بەرگىنىم يوق، - دەپتۇ خەلپەت. -يالغان سۆزلىمە، مانا، يېزىپ بېرىپسەنغۇ؟ - پادىشاھ قولىدىكى دەپتەرنى ئېچىپ، خەتنى خەلپەتكە كۆرسىتىپتۇ. خەلپەت قارىسا، دەرسخانىدا بالىلارغا يېزىپ بەرگەن: >ئۆگەن ئوغلۇم، داداڭغا ئوخشاش ئېشەك بولما .... < دېگەن جۈملە ئىكەن. - مەن بۇنداق يېزىپ بەرمىگەن ئىدىم، - دەپتۇ خەلپەت، - بالىڭىز بۇ خەتنى كۆچۈرۈپ يېزىشتا >ئوخشاش< دېگەن سۆزدىن كېيىن قويىدىغان پەش)،( نى >ئوغلۇم< نىڭ ئاخىرىغا يۆتكەپ قويۇپ، جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىۋېتىپتۇ. ئىشەنمىسىڭىز مەكتەپكە ئادەم ئەۋەتىپ، باشقا بالىلارنىڭ دەپتىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. پادىشاھ تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن خەلپەتنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. ئوغۇل بولسا ئۇستازىغا يەتكەن پىشكەللىككتىن خىجىل بوپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن خەت يازغاندا بىر پەشنىمۇ چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىپتۇ، خەتنى توغرا يازىدىغان بوپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: خوتەن لايقا يېزىسىدىن ئابلا مەتتوختى.
← بارلىق تېمىلار چوچاق