قاينا چۆگۈن
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇرۇنقى زاماندا بىر قېرى دېھمان ياشايدىكەن، ئۇنىڭ مايسىخان دېگەن ئەمگەكچان ھەم چىرايلىق بىر قىزى بار ئىكەن. مەھەللىدىكى ياش يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى مايسىخاننى ياخشى كۆرىدىكەن، ئەمما مايسىخان زېمىندار مامۇتنىڭكىدە يىللىقچى بولۇپ ئىشلەيدىغان قۇرباننى يارىتىدىكەن. قىز ھەر دائىم قۇرباننىڭ قوي باققان يېرىگە بېرىپ ياردەملىشىدىكەن ھەم ئۇنىڭغا نەي چالدۇرىدىكەن. قۇربانمۇ >توي قىلغۇدەك پۇل تاپساملا سېنىڭ بىلەن توي قىلاتتىم< دەيدىكەن.
بىر كۈنى قۇربان ئىشلىگەن ئىشى ئۈچۈن زېمىندار مامۇتتىن پۇل سورىغانىكەن، ئۇ >مەندە تېخى ھېسابلاشقۇدەك پۇلۇڭ يوق< دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاخىر قۇربان يۇرتىدىن ۋە مايسىخاندىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ، پۇل تېپىشنىڭ باشقا ئامالىنى ئىستەشكە قارار قىپتۇ، لېكىن ئۇ زامانلاردا ھەممە نەرسە ئەمەلدارلار بىلەن زېمىندارلار قولىدائىكەن. كەمبەغەللەرنىڭ پۇل تېپىشىغا ئامال يوق ئىكەن. شۇڭا قۇربان ئۈچ يىل مۇساپىر بولۇپ يۈرۈپ پۇل تۇرماق ئىشمۇ تاپالماپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قۇربان سەپەردە كېتىۋېتىپ، بىر ئاقساقال بوۋايغا ئۇچرۇشۇپ قاپتۇ. بوۋاي تاماق يېمىگەنلىكىنى، قورسىقى ئېچىپ ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن نان سوراپتۇ. قۇربان ئۆزىگە ئوخشاش جاپا - مۇشەققەت چەككەن كىشىنى كۆرسە چىداپ تۇرالماي غەمخورلۇق قىلىدىكەن. شۇڭا خۇرجۇنىدىكى ناندىن بىر ئاز ئېلىپ بوۋايغا بېرىپتۇ. بوۋاي يەپ بولۇپ يەنە سوراپتىكەن، قۇربان ئۆزىنىڭ ياش ئىكەنلىكىنى، بوۋايغا قارىغاندا چىداملىقراق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ناننىڭ ھەممىسىنى بوۋايغا بېرىۋېتىپتۇ. بوۋاي قورسىقىنى تويغۇزۇۋالغاندىن كېيىن قۇربانغا چۆگۈننى بېرىپ، سۇ ئەكىلىشكە بۇيرۇپتۇ ۋە:
- يىگىت، سۇ ئېلىشتا چۆگۈننىڭ قاپقىغىنى ئېچىشنى، ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئەمگەك قىلىشنى ئۇنۇتما، - دەپتۇ.
قۇربان ئېرىنمەستىن ھەم يىراق دېمەستىن بىر چۆگۈن سۇ ئەكىلىپ بېرىپتۇ. بوۋاي سۇنى ئىچىپ بولۇپ يەنە بۇيرۇپتۇ، قوربان قورسىقىنىڭ ئاچىلىقىغا قارىماستىن يەنە مېڭىپتۇ، بۇ چاغدا بوۋاي چاقىرىۋېلىپ:
- ئاق كۆڭۈل يىگىت، سېنىڭ نېمىگە ھاجىتىڭ چۈشسە، شۇنى چۆگۈندىن >قاينا چۆگۈن< دەپ سورىساڭ بېرىدۇ، ھاجەت بولمىغان نەرسىنى سورىما - دەپتۇ.
قۇربان سۇنى ئەكەلسە بوۋاي يوق. >بۇ ئەجەپ ئىشقۇ؟!< دەپ ھاڭ - تاڭ بولۇپ قاپتۇ قۇربان. شۇنىڭ بىلەن ئەتراپنى ئىستەپتۇ، ۋارقىراپتۇ، لېكىن بوۋاينى ھېچقانداق يەردىن تاپالماپتۇ. ئۇ ھە، بۇ خىزىر ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپتۇ. قورسىقى ئېچىپ كەتكەن قۇربان بوۋاينىڭ سۆزىنى يادىغا كەلتۈرۈپ >قاينا چۆگۈن< دەپ نان سورىغانىكەن، چۆگۈننىڭ ئىچىدىن پۇرقىراپ ھور چىقىپ تۇرغان ئىسسىق نان چىقىپتۇ. قۇربان خۇشال بولغىنىدىن ناخشىسىنى ئېيتىپ، چۆگۈننى كۆتۈرگىنىچە يۇرتىغا راۋان بوپتۇ. كېتىۋېتىپ >مايسىخاننى ئەمدى ئالىدىغان بولدۇم< دەپ ئويلاپتۇ.
قۇربان كەتكەندىن كېيىن زېمىندار مامۇت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار مايسىخاننى ئېلىشنىڭ قەستىگە چۈشۈپتۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماپتۇ. مايسىخان بولسا قۇرباننىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.
بىر كۈنى قۇربان ئاسماندىن چۈشكەندەكلا كېلىپ قاپتۇ. قولۇم - قوشنىلىرى ناھايىتى خوشال بوپتۇ. مامۇت بايلار بولسا >بىر چۆگۈنلا ئەكەپتۇ، باشقا ھېچنىمە تاپالماپتۇ< دېيىشىپ زاڭلىق قىلىشىپتۇ.
قۇرباننىڭ ھەقىقەتەن چۆگۈندىن باشقا ھېچنېمىسى يوق ئىكەن. ئۇ چۆگۈندىن بىر نەرسە سورىماقچى بولۇپ، >پۇل سورايمۇ ياكى باشقا نەرسىمۇ؟< دەپ ئويلاپتۇ، ئاخىر بىر كەتمەن بىلەن ئۇرۇق سوراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بوز يەر ئېچىپ، دېھقانچىلىق قىلىپتۇ، مايسىخان ئۇنىڭغا ياردەملىشىپتۇ. كۈزلۈكى مول ھوسۇل ئاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك ۋە توي جابدۇق تەييارلاپ ئىككىسى توي قىلىشىپتۇ.
قۇرباننىڭ ھېكمەتلىك چۆگۈنى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، مامۇت ئۇنى قولغا چۈشۈرۈشنى قەستلەپ، قۇرباننىڭ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ.
قۇرباننىڭ مامۇتقا چۆگۈننى بېرىشكە كۆڭلى ئۇنىمىسىمۇ، ھامان ئۇنىڭ تارتىۋالىدىغانلىقىنى سېزىپ، دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىدىغان قوراللارغا تېگىشىشنى ئويلاپتۇ. مايسىخان قۇرباننى چاقىرىۋېلىپ:
- مامۇتنىڭ كۆك ئېتىغا تېگىشىڭ، يەر تېرىغاندا ئىشلىتىمىز، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ.
بۇ ئىشنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان جامائەت قۇربانغا ئەگىشىپ مېڭىپتىكەن، يېرىم يولدا چۆگۈننى ئېلىش ئۈچۈن كېلىۋاتقان مامۇتقا ئۇچراپتۇ.
- چۆگۈنۈمنى سېنىڭ كۆك ئېتىڭغا تېگىشىمەن، - دەپتۇ قۇربان.
- چۆگۈننىڭ سىرىنى كۆرسەت، - دەپتۇ مامۇت.
قۇربان جامائەت ئالدىدا >قاينا چۆگۈن< دەپتىكەن، خىلمۇخىل نەرسىلەر چىققىلى تۇرۇپتۇ، بارغانسېرى كۆپ چىقىپتۇ. مامۇت ھوشىنى يوقىتاي دەپ قاپتۇ. قۇربان چۆگۈندىن چىققان نەرسە - كېرەكلەرنى بىللە كەلگەن كۆپچىلىككە بۆلۈپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئاپتۇ.
مامۇت ۋەدە بويىچە كۆك ئېتىنى چۆگۈنگە تېگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىراپ ئۆيىگە مېڭىپتۇ. ئۆيىگە كېلىپ، قولۇم - قوشنا ۋە ئۆيىدىكىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپ، ئىشىكنى تاقاپ ئالتۇنلارنى يىغىۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىنىپتۇ.
قوشنىلىرى خېلى ۋاقىت تىڭ - تىڭلاپ كۆرسىمۇ، مامۇتتىن ھېچ دېرەك بولماپتۇ. كىشىلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ غۇلغۇلا قىلىشىپتۇ، ئاقىۋەت ئۇلار ئۆيىگە كىرىپ قارىسا، چۆگۈندىن ئالتۇن ئەمەس، ئەكسىچە، ناھايىتى نۇرغۇن كېسەك چىقىپ، ياۋۇز مامۇتنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.
شۇندىن باشلاپ مامۇتنىڭ قولىدا ئېزىلىۋاتقانلار ھەم قۇربان بىلەن مايسىخانلار ئازاد بولۇپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.