نىمە بولسا بولسۇن
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا، بىر پادىشاھ ئوۋدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ قاتتىق ئۇسساپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ كۆزى بىر كونا تامنىڭ ئالدىدىكى ئېتىزلىقتا سوزۇلۇپ ياتقان ئىككى تۈپ قوغۇن پىلەككە چۈشۈپتۇ. پادىشاھ ئاتتىن چۈشمەيلا:
- ئۆيدە ئادەم بارمۇ؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ. ئۆيدىن بىر بوۋاي چىقىپ:
- خوش پادىشاھىم، - دەپ سالام قىپتۇ. پادىشاھ سالامنىڭ ئورنىغا:
- قوغۇنىڭ پىشتىمۇ؟ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرغۇدەك قوغۇن ئېلىپ چىق! - دەپ ۋارقىراپتۇ. دېھقان:
- ئىككى تۈپ پىلەككە بار يوقى تۆت سويما چۈشۈپتۇ ئۇ ئۇسسۇزلۇقلىرىنى قاندۇرغۇدەك پىشقان ئەمەس، - دەپتۇ. پادىشاھ:
- نېمە بولسا بولسۇن، ئېلىپ چىق! - دەپ بۇيرۇپتۇ. دېھقان ئىككى سويمىنى ئۈزۈپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئەكەپتۇ. پادىشاھ گويا ئاچ قالغان بۆرىدەك، سويمىنى ئاتنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپلا ئىگەرنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ، يېرىپ يىيىشكە باشلاپتۇ. پادىشاھ ئاندىن ئاتنىڭ ئارقىسىدىكى خۇرجۇننى ئېلىپ دېھقانغا سويما بىلەن تولدۇرۇپ بېرىشنى بۇيرۇپتۇ. دېھقان:
- خۇرجۇن توشقۇدەك سويما يوق، - دەپتۇ. پادىشاھ:
نېمە بولسا بولسۇن، خۇرجۇننى توشقازغىن! - دەپتۇ. دېھقان خۇرجۇننى ئېلىپ قالغان ئىككى سويمىنى ئۈزۈپتۇ. بىر ئويلىنىپ، خۇرجۇننىڭ ئىككى بېشىغا ئاۋال چالما توشقۇزۇپ ئاندىن بىردىن سويمىنى سېلىپ، خۇرجۇننىڭ ئىزمىسىنى ئېتىپ پادىشاھنىڭ ئېتىنىڭ ئارقىسىغا ئارتىپ بېرىپتۇ. پادىشاھ ئۆيگە كەلسە، پادىشاھنى كۈتۈپ تۇرغان بايلار:
- پادىشاھىم، بۈگۈنكى ئوۋلىرى قانداق؟ دەپ سوراپتۇ. پادىشا:
- بۇگۈن يالغۇز چىقىپتىمەن. بىر نەرسە تاپالمىدىم. ئۇسساپ كېلىۋاتسام، بىر گاداي قوغۇن تېرىپتىكەن، راسا يەپتىمەن. قالغىنىنى خۇرجۇننىڭ ئىككى كۆزىگە قاچىلاپ ئېلىپ كەلدىم، - دەپتۇ.
پادىشاھنىڭ خوتۇنى بايلارغا نان چاي ئېلىپ كەپتۇ. پادىشاھنىڭ خوتۇنى ئەكەلگەن قوغۇندىن ئەكىرىشنى، بايلارنىڭ ئالىدىغا تىلىپ قويۇشنى ئېيتىپتۇ. پادىشاھ خۇرجۇننى بايلارنىڭ قېشىغا كۆتىرىپ كىرىپ ئاغزىنى ئېچىپتۇ. پادىشاھ خۇرجۇنغا قارىسا ئىككى بېشىدا بىردىن ئىككى سويما، قالغىنى چالما تۇرغۇدەك. پادىشاھنىڭ غەزىۋى كېلىپ، دېھقاننى ئوردىغا ھەيدەپ كېلىشكە بويرۇپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ. دېھقان كەپتۇ. پادىشاھ دېھقاندىن:
- سەن نېمە ئۈچۈن قوغۇن قاچلىماي چالما قاچلايسەن ؟ سەن مېنى ئالداپسەن. ئەمدى مەن سېنى قاتتىق جازالايمەن، - دەپتۇ. دېھقان پادىشاھنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ:
- ھۆرمەتلىك پادىشاھىم، ئىشىگىمنىڭ ئالدىدىكى قوغۇن ئىككى تۈپ پىلەك، پىلەككە چۈشكەن سويما تۆت. مەن سىلىنىڭ خۇرجۇننى تولدۇرغۇدەك قوغۇن بولمىغىنى ئۈچۈن، خۇرجۇننى تولدۇرالمايدىغانلىقىمىنى دىگەن ئىدىم. سىلە «نىمە بولسا بولسۇن، تولدۇر» دىدىلە. پىلەكنىڭ ئارىسىدا ئىككى سويما بىلەن چالما كۆرۈندى. خۇرجۇننى تولدۇردۇم، - دەپتۇ. بايلار ھەيران قېلىپ:
- ھەي سەن راستىڭنى ئېيت، پادىشاھنى ئەخمەق قىلىپسەن، - دەپتۇ. دېھقان:
- مەن راستىمنى ئېيىتتىم. ئىشەنمىسىلە بېرىپ تەكشۈرۈپ كۆرسىلە، ئېتىزلىقتا ئىككى تۈپ قوغۇن پىلىگى بار ئىدى. ئۇنىڭدا تۆت سويما بولۇپ، ئىككى سويمىنى پادىشاھىمغا ئۈزۈپ بەردىم. پادىشاھىم ئات ئۈستىدە تۇرۇپلا ئىگەرنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ يېرىپ يىدى. قالغىنىنى خۇرجۇننىڭ ئىككى بېشىغا سېلىپ بەردىم. پادىشاھىم «نېمە بولسا بولسۇن، خۇرجۇننى توشقاز» دېگەن ئىدى، - دەپتۇ.
بايلار كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ. پادىشاھ خۇرجۇننى ئىككى سويما بىلەن تولدۇرۇش تەلۋىنى قويۇش ئەخمەقنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، دېھقاننى جازالىيالماي ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: چاۋار يۈسۈپ