UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقسىرلىق چۈش

سىرلىق چۈش

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قەدىمكى زاماندا، مەغرىپتىكى كاتتا مەملىكەتلەرنىڭ بىرىدە زىمىرشاھ ئىسىملىك بىر پادىشاھ بولغانىكەن. ئالىم ۋە ھۈنەرۋەنلەر بىلەن تولغان نەچچە ئون شەھەر ئۇنىڭ پەرمانىدا ئىكەن. لېكىن تاجۇ تەخت، سەلتەنەتكە شۇنچە سېخىيلىق قىلغان تەقدىر ئۇنىڭ جېنىغا پەيۋەندە تەختىگە ۋارىس بولغۇدەك بىر پەرزەنتكە بېخىللىق قىپتۇ. شاھ كېچىلىرى ئەلەم جاينامازلىرىغا يۈكۈنۈپ بىر ئوغۇل پەرزەنتنىڭ پىراقىدا شامدەك ئېرىپ خۇداغا يىغلايدىكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھۆسىن جامالىغا تولغان كىچىك خوتۇنى ئۇنىڭغا بىر قىز پەرزەنت تۇغۇپ بېرىپتۇ. قىز بولسىمۇ زىمىرشاھ خۇداغا شۈكرانە رەھمەتلەرنى ئېيتىپ، قىزىغا ئۇزاق ئۆمۈر ۋە بەخت تىلەپتۇ. قىزىغا «مەلىكە دىلنەۋاز» دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. مەلىكە دىلنەۋاز ئويناپ كۈلگۈدەك بولغاندا زىمىرشاھ تۆت يۈز كېنىزەكنى قىزىنىڭ ئىتائىتىگە، قىزىنى كېنىزەكلەرنىڭ مۇھاپىزىتىگە تاپشۇرۇپتۇ. مەلىكە دىلنەۋاز ئون يەتتە - ئون سەككىز ياشلارغا كىرگەندە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ كېنىزەكلەرنىڭ راھەت - بەخش يەلپۈگۈچلىرى ئاستىدا پەرىزاتتەك ئۇخلاپتۇ. ئۇيقۇسىدا چۈش كۆرۈپتۇ. ئۇ كۆرگەن چۈشىدىن قورقۇپ كېتىپ شۇنچىلىك ئەنسىز ۋارقىراپ ئويغىنىپتىكى، نالە - پەريادىدىن باغ ئىچىدىكى دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلار سىلكىنىپ، ياپراقلىرى تۆكۈلۈپتۇ. مەلىكە ئۆز نامىدىن پەرمان چىقىرىپ يۇرت - ئىچىدىن ئەڭ مۇنەججىم بىر ئايالنى تاپقۇزۇپ، ئايالنى ئەڭ ئىچكىرى، پۇختا خانىلارنىڭ بىرىگە يالغۇز ئېلىپ كېرىپ، ئىشىك - تۈڭلۈكلەرنى مەھكەم تاقاپ كۆرگەن چۈشىنى ئېيتىپ، ھەقىقىي تەبىرىنى سوراپتۇ. بىر چاغدا بۇ ھۇجرىدىن ھېلىقى مۇنەججىم خوتۇننىڭ تېنى بىلەن بېشى باشقا - باشقا بولۇپ چىقىپتۇ. زىمىر شاھ قىزىنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ دىلى شىكەستە بولۇپتۇ. ئۇ مەلىكە دىلنەۋازنى ئالدىغا چاقىرتىپ، كۆرگەن ئەنسىز چۈشىنى ئاتىلىق ھەق - ھۆرمىتى بىلەن ئاڭلاپ بېقىشنى ئېيتىپتۇ. - ئى كېرەملىك ئاتا، - دەپتۇ مەلىكە دىلنەۋاز، - ئەدەبسىزلىكىمنى كەچۈرۈڭ، ئىپتىخارىمنى مەسخىرە قىلىپ، بەختىمگە سايە تاشلىغان بۇ لەنىتى چۈشۈمنى سىزگىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيمەن. مەلىكە دادىسىنى تاڭ قالدۇرۇپ كېنىزەكلىرىگە شۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ: - ھەممىڭلار بىردىن ئات مىنىپ، قىلىچ بىلەن قوراللىنىڭلار، شەھەر كوچىسىغا چىقىڭلار - دە، كۆزۈڭلار كۆرگەنلا ئەركەك كىشىنى قىلىچىڭلارنىڭ بىسىدىن ئۆتكۈزۈڭلار! قېنى ئەمىسە، ئارقامدىن مېڭىڭلار! مەلىكە شۇنى دەپلا قىلىچىنى يالاڭداپ ئوردىدىن ئات چاپتۇرۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. تۆت يۈز كېنىزەكمۇ دەرھال ئات مىنىپ، قىلىچلىرىنى يالاڭداپ مەلىكىنىڭ ئارقىسىدىن شەھەر كوچىسىغا چىقىپتۇ، شەھەردە قىرغىنچلىق باشلىنىپتۇ. كوچىلاردا قان دەريا بولۇپ، قاچ - قاچ ئاھۇزار پەلەككە يېتىپتۇ. ئالتە ئايغىچە ئەرلەر ئۆيدىن بېشىنى چىقىرالماي، دېھقانچىلىق، سودا - سېتىق ئاياللارغا قاپتۇ. زىمىرشاھ قىزىغا يالۋۇرۇپ: - ئەي ئەزىزىم، سەن خۇددى قارىغۇنىڭ كۆزىدىن ياش تامغاندەك مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدىن تامغان بىرلا قىز. پۈتۈن ئۈمىدىم، سەن نېمە دېسەڭ شۇنى قىلاي، لېكىن ئەر كىشىلەرنى چانىمىغىن، پۇقرالار بولمىسا بىز كىمگە پادىشاھ بولىمىز. ئۇلار يات ئەللەرگە قېچىپ كەتسە تاج - تەختىمىزگە، ھەتتا ئۆز جېنىمىزغىمۇ ئىگە بولالمايمىز. يۇرتىمىز دۈشمەنلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا چەيلىنىدۇ، - دەپتۇ. دادىسىنىڭ مۇراجىتىنى ئاڭلىغان دىلنەۋاز: - ئۇنداق بولسا پۇقرالىرىڭغا ئەمىر قىل، مەن ھەرجۈمە كۈنى بىر كۈن كوچىغا چىقىمەن. شۇ كۈنى ئەر كىشىلەر كوچىغا چىقمىسۇن، باشقا كۈنلىرى ھايات ئەندىشىسى قىلماي ئۆز ھەرىكەتلىرىنى قىلىشسۇن، - دەپتۇ. ئەركەكلەر ھەپتىنىڭ يەتتە كۈنى كوچا - رەستىلەردە ئۆز ئوقەتلىرىنى قىلىپ تىرىكچىلىك قەدىر - ئەھۋال قىنىغا چۈشۈپتۇ. شۇ زامانلاردا، مەشرىقتە زىمىرشاھنىڭ پەرمانىغا بويسۇنمايدىغان يەنە بىر كاتتا شەھەر بولۇپ، ئۇ شەھەردە نۇركامال ئىسىملىك بىر شاھزادە بار ئىكەن. نۇركامال قەددى - قامەت، ئەقىل - پاراسەتتە يېگانە ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەغرىپلىك مەلىكە دىلنەۋازنىڭ يۇرت ئىچىدە ئەھلىگە سالغان تالاپەتلىرىنى ئاڭلاپتۇ ۋە شۇ مەملىكەتكە بېرىپ ئۇ تەلۋە مەلىكىنى ئىنساپقا كەلتۈرۈپ شۇ يۇرتقا خەلقىگە ئاسايىشلىق يارىتىش نىيىتى بارلىقىنى دادىسىغا ئېيتىپتۇ. - ئەي كۆزۈمنىڭ نۇرى، تۈنلىرىمنىڭ چىرىقى بالام، بۇ نىيىتىڭدىن قايت. سەنمۇ ئۇنىڭ قىلىچىغا يەم بولۇپ مېنى داغدا قويىسەن. - خاتىرجەم بولۇڭ، - دەپتۇ نۇركامال، - مەن ئۇ مەلىكىنى جىنايەتتىن تو ختىتىپلا قالماي، بەلكى ئىتائەتلىك كېلىنىڭىز قىلىپ ئەرلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن نۇركامال دادىسىنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ، نۇرغۇن ئالتۇن - كۈمۈشلەر بىلەن مەلىكە دىلنەۋازنىڭ مەملىكىتىگە كەپتۇ. بىر كۈنى نۇركامال شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىنىڭ بىرىدە كېتىپ بېرىپ مۇنداق بىر ئىشنى كۆرۈپتۇ: چىرايلىق ياسالغان بىر دۇكاندا سالاپەتلىك بىر باي سودىگەر ئولتۇرۇپتۇ. سېۋەت كۈتۈرۈۋالغان بىر قېرى خوتۇن دۇكاندىن سودىلىق قىلىۋېتىپتۇ. بۇ چاغدا بۇ سودىگەر ئۇ خوتۇنغا قايتا - قايتا سالام بېرىپتۇ، ئىلتىپات كۆرسىتىپتۇ. - ئاتا ھازىر كەلگەن مەزلۇم كىم بولىدۇ؟ دەپ سوراپتۇ يىگىت - ئوغلۇم، - دەپتۇ دۇكاندار، - قارىسام باشقا يۇرتلاردىن كەلگەندەك تۇرىسەن. ھازىر سەن كۆرگەن مەزلۇم مەلىكە دىلنەۋازنىڭ ئىنىكئانىسى بولىدۇ. مەلىكە ئەتە ئۇنىڭ ئۆيىگە باش تارىتىش ئۈچۈن بارغۇدەك. ھازىر قولىدىكى نەرسىلەرنى ئۆيىگە قويۇپ كېلىپ، يەنە ئاپتۇۋا، چىلاپچا ئالغىلى كېلىدۇ. نۇركامال ساقلاپ تۇرۇپتۇ. مەلىكىنىڭ ئىنىكئانىسى كۆپ ئۆتمەي كەپتۇ - دە، ئاپتۇۋا، چىلاپچا ئېلىپ يېنىپتۇ. نۇركامال ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كوچا - رەستىلەردىكى مىغ - مىغ ئادەملەرنى ئارىلاپ ئىز بېسىپ مېڭىپتۇ. ئۇ ئايال بىر تار كوچىدىن قايرىلىپ ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە ئارقىسىدىن كېلىۋاتقان نۇركامال تويۇقسىز ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ يىغلاپ يالۋۇرۇپ: - ۋاي ئانا،مەن دۇنيادا ئانامغا شۇنچىلىك ئوخشايدىغان ئۆزلىرىدەك ئايالنى كۆرۈپ خۇددى ئۆز ئانام تىرىلگەندەك دىلىم سۆيۈنىۋاتىدۇ. مەن سىلىنى ئالتە ئاي سەرگەردان بولۇپ، دەريا تەكتىدىن گۆھەر تاپقاندەك ئاران تاپتىم. مېنى ھەيدىمەي بىر ئىتنىڭ ئورنىدا ئېلىپ قالسىلا، دەپتۇ. قۇچىقىدىن نەچچە بالىنى ئەجەل قۇشلىرى ئېلىپ كەتكەن بۇ خوتۇن نۇركامالنىڭ ئىسسىق كۆز ياشلىرىدا ئېرىپتۇ. بوپتۇ قالساڭمۇ قال دەپتۇ. لېكىن بۈگۈن ئەمەس. سەن بىلمەيسەن، بۇ شەھەردە مەلىكە دىلنەۋاز ئىسىملىك بىر مەلىكە بار. ئۇ ئەركەك مەخلۇقنى يامان كۆرىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئىنىكئانىسى بولىمەن. ئۇ ئەتە ئۆيۈمگە كېلىپ ماڭا چېچىنى تارىتىپ كېتىدۇ. سەن ياشاشنى خالىساڭ بۈگۈن، ئەتە، ئۆگۈنمۇ ئۆيۈمگە كەلمە، شەنبە كۈنى كەلسەڭ بولىدۇ دەپتۇ. نۇركامال بۇ خوتۇن بىلەن خوشلىشىپ بازارغا چىقىپتۇ - دە، ئۇنىڭغا ئاتاپ نۇرغ ۇن قىممەت باھالىق كىيىم - كېچەكلەرنى ئېلىپ گىلەم خۇرجۇنغا سېلىپ ھېلىقى ئۆيگە ئېلىپ كەپتۇ. موماي ئۇ بۇ قېتىم ئىززەت - ئېكرام بىلەن قارشى ئاپتۇ. نۇركامال گىلەم خۇرجۇندىكى كىيىملەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئىككىيلەن يېقىن ئانا - بالىلاردىن بولۇپ قاپتۇ. نۇركامال ھەر جۈمە كۈنىدىن باشقا كۈنلىرى مۇشۇ ئۆيدە يېتىپ - قوپۇپتۇ. بىر كۈنى نۇركامال ئانىسىغا «خەج - خىراجەت قىل» دەپ بىراقلا ئون مىڭ تىللا بېرىۋېتىپتۇ. ئانىسى شادلىقىدىن كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، ئۇنىڭغا ھەرقانداق مۈشكىلىگە ياردەم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ ۋەدىلەرنى بېرىپتۇ. نۇركامال ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي بىر كۈنى ئانىسىدىن سوراپتۇ: - ئەي ئانا، مەلىكە دىلنەۋاز نېمە ئۈچۈن ئەركەك مەخلۇقلارغا شۇ قەدەر ئۆچ بولۇپ كەتتى؟ - ئەي بالام دەپتۇ ئۇ ئايال، - بۇ سىرنى مەلىكىنىڭ دادىسىمۇ بىلمەيدۇ، پۇقرالار سۈرۈشتە قىلىشقا ھەددى ئەمەس. بۇنى پەقەت بىر ئاللا بىلىدۇ. نۇركامال يالۋۇرۇپ يەنە سوراشقا باشلاپتۇ: - ئەي ئانا، مېنىڭ پۈتۈن ئۆمرۈمنىڭ مەنىسى مۇشۇ سىرنى بىلىشتە قالدى. ئادەمنىڭ ئىنىكئانىسى ئۆز ئانىسىدىنمۇ ئۇلۇغ ۋە مۆھتىرەمدۇر. سىلى ئۇنىڭدىن قانداق بولۇپ مۇشۇ ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى سوراپ باقسىلا، ئۇ ھەرقانچە ۋەھشىي بولغاندىمۇ، ئېمىتكەن ئاق سۈتلىرىنىڭ يۈز - خاتىرىسىنى قىلار. - ئەي بالام، ماڭا كۆپ ياخشىلىقلارنىڭ قىلدىڭ. خەير ياشايدىغىنىمنى ياشاپ بولدۇم، ئۇ بۇ قېتىم كەلگىنىدە سوراپ باقاي، - دەپتۇ ئانا. مەلىكە كېيىنكى ھەپتىدە باش تارىتىش ئۈچۈن كەپتۇ. ئەي قىزىم دەپتۇ ئۇ، - سېنىڭدىن بىر گەپ سورىماقچى ئىدىم، ئۈچ يىلدىن بېرى سورىيالماي يۈرىكىمدە قاداق بولۇپ كەتمەكتە. - رۇخسەت! - دەپتۇ مەلىكە دىلنەۋاز. - بىر قوشۇق قېنىمنى تىلەيمەن، - دەپتۇ ئىنىكئانا ئۇنىڭغا تىزلىنىپ تۇرۇپ. - ئېيت! - دەپتۇ مەلىكە، - سۈتۈڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن كەچتىم. - قىزىم سەن ئەر كىشىنى چانىغىلى ئۈچ يىلدىن ئېشىپتۇ. ھەتتا سېنىڭ ھۆسىن - جامالىڭغا بىقارار بولۇپ يۈرگەن يىگىتلەرنى چانىدىڭ، شۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ مەلىكە شۇ ھامان قىلىچىنى يالاڭداپ، ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپتۇ: - ئەي قېرى، ساڭا بۇ گەپنى كىم ئۆگەتتى؟ سەن ماڭا ھىيلە ئىشلەتمەكچىمۇ؟ - ئەي قىزىم، مەن ساڭا قىزىل قانلىرىمنىڭ ئارىسىدىن ئاق سۈتۈمنى ئايرىپ بەردىم. شۇ ھالال سۈت ھەققىم ئۈچۈن قىلىچىڭنى قىنىغا سال! مەلىكە قىلىچىنى قىنىغا سېلىپ ئىنىكئانىسىغا: - خەير، سۆزۈڭنىڭ شىرنىسى بار ئىكەن، « قىزىل قانلىرىمنىڭ ئارىسىدىن ئاق سۈتۈمنى ئايرىپ بەردىم» دېگەن سۆزۈڭ تاش بولۇپ قاتقان يۈرىكىمنى ئېرىتتى. ئاتامغا ئېيتىپ بەرمىگەن بۇ سىرىمنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي، بىراق ئىككىمىزدىن باشقا ھەرقانداق بىر ئىنسى - جىن ئاڭلاپ قالىدىغان بولسا، سۈتۈڭنى ئەمەس، قىزىل قېنىڭنى، كۆزۈڭنىڭ گۆھىرىنى ئىمىتكەن بولساڭمۇ يۈر خاتىرە - قىلالمايمەن. باشلىرىڭغا زەيتۇن يېغى چېچىپ ئوت قويۇۋېتىمەن! - دەپتۇ. ئىنىكئانا يۈزلىرىگە توپا - تۇپراق چېچىپ قەسەم قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەلىكە دىلنەۋاز كۆرگەن چۈشى ھەققىدە مۇنداق دەپ ھەسرەت ئۈنچىلىرىنى تۆكۈپتۇ: - مەن چۈشۈمدە جاڭگىلى مازاندىرانغا بېرىپ چىرايلىق بىر كىيىككە ئايلاندىم، چۆپلەرنىڭ ئۇچىنى يەپ، پاكىز بۇلاقلاردىن سۇ ئىچىپ يايرىدىم. يېنىمدا بىردىنلا كېلىشكەن ياش بىر ئەركەك كىيىك پەيدا بولدى. بىچارە تىلسىز بولغىنى ئۈچۈن ماڭا كۆزلىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلدى. بىللە ئوينىدۇق. ئاخىرى ئۇنى دىلىم تارتىپ قوشۇلدۇق. شۇنىڭ بىلەنلا ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلغىم كەلمەي خۇددى سايىسىدەك ئەگىشىپ يۈردۈم. بىر چاغدا نازۇك ئاياغلىرىم قاپقان زەربىسىدە قالدى. جانلىرىم قاقشاپ ئاچچىق پەرياد قىلدىم، ئىشەنگەن جۈپتۈمگە ياردەم تىلەپ تەلمۈردۈم. بىراق جۈپتۈم بېشىمغا چۈشكەن تۇتقۇنلۇق ئازابىنى ئاز كۆرۈپ، يۈرىكىمگە يەنە ۋاپاسىزلىق خەنجىرى قاداپ قويۇپ، قارىماي كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىق ئەلەم بىلەن نالە قىلىپ ئويغاندىم. كۆڭلۈمگە چۈشكەن بۇ چۈشنىڭ سايىسى مېنى ئازابلىدى. دەرھال مۇنەججىم چاقىرتتىم، بەختى قارا مۇنەججىم چۈشۈمگە: «سىز بولغۇسى كۈيۆسىڭىزنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى كۆرۈپسىز. ئۇ يىگىت سىزگە خۇددى شۇ كىيىكتەك ۋاپاسىزلىق قىلىدىكەن....» دېگەن تەبىرنى بەردى. بۇ سۆزنى ئاڭلاپ غەزەپ ئۇچقۇنلىرىم كۆز چاناقلىرىمدىن، ئەلەم زەردابلىرى تىل - تاماقلىرىمدىن ئېتىلىپ چىقتى. شۇڭا مۇنەججىمنىڭ بېشىنى كەستىم. توي قىلماسلىققا ئەھدى قىلدىم. لېكىن ئىنسان ئىكەنمەن، بىللە ئۇچقان بىر جۈپ تۇرنىنى كۆرسەممۇ يۈرەكلىرىم رەشىك ئاتەشلىرىدە ئۆرتەندى، - دەپتۇ. ئەتىسى نۇركامال كەلگەندە ئىنىكئانا جېنىغا تەۋەككۇل قىپتۇ - دە، مەلىكە دىلنەۋازنىڭ ئېيتمىشلىرىنى زىر - زەۋەرلىرىگىچە تۆكۈپ بېرىپتۇ. نۇركامال دەرھال تۇتۇش قىلىپ زىمىرشاھنىڭ ئوردىسىغا يېقىن بولغان دوقمۇشتىن نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئىمارەتلىك جاي سېتىۋاپتۇ. ئوردا سىياقىدا بېزەپ قىرىق ئېغىزلىق مۇنچا سالدۇرۇپ، مۇنچىنىڭ ئالدىغا پۇختا ماتېرىياللار بىلەن بىر تام تاختا ياسىتىپ، ئۇنىڭغا نۇردىمۇ تېپىلمايدىغان يارقىن رەڭلەر بىلەن مۇنداق بىر تەسۋىرىي رەسىم سىزىپتۇ: ئوت - چۆپلەر يەلپۈنۈپ، سۈزۈك بۇلاق سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان جاڭگىلى مازاندىران. قاپقان زەربىسىدە سىلكىنىپ، كۆزلىرىدىن ئەلەم ياشلىرىنى تۆكۈۋاتقان بىر ئەركەك كىيىك، ئۇنىڭ بىلەن بىر جۈپلۈكى ناھايىتى ئېنىق، لېكىن جۈپتىنىڭ پەريادىغا پىسەنت قىلماي كېتىۋاتقان بىر چىشى كىيىك. نۇركامال بۇ رەسىمنى شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن سىزىپتۇكى، رەسىمدىكى ئەركەك كىيىك كۆزلىرىدىكى مىسكىنلىك، ھايات مۇھەببىتى، جۈپتىگە بولغان تەلمۈرۈش ۋە ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ئاغرىنىش تەسۋىرلىرى بىلەن كىشىنىڭ كۆزىگە خۇددى شۇ قارا كۈن بېشىغا چۈشكەن بىر ھايات كىيىك كۆرۈنۈپتۇ. قېچىپ كېتىۋاتقان چىشى پۈتۈن قىياپەتلىرىدە، بولۇپمۇ كۆزلىرىدە ۋاپاسىزلىق، نادانلىق ئەكس ئېتىپ كۆرۈنۈپتۇ. بۇ رەسىمنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى، ھەتتا ئۆز ئەرلىرىگە ۋاپاسىزلىق قىلغان ئاياللارمۇ ئەركەك كىيىككە ئىچ ئاغرىتىپ، جۈپتىگە قارىمىغان چىشى كىيىككە لەنەت ئوقۇپتۇ. بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا بۇ مۇنچىنىڭ داڭقى ئازادە ۋە پاكىزلىقى بىلەن پۈتۈن شەھەرگە تارىلىپتۇ. مەلىكە دىلنەۋاز جۈمە كۈنى كېنىزەكلىرى بىلەن يەنە ئەرلەرنى چېپىش ئۈچۈن كوچىغا چىقىپتۇ. ئۇ يىراقتىنلا بۇ رەسىمنى كۆرۈپ ئات چاپتۇرۇپ كەپتۇ - دە، رەسىمگە قاراپ تاڭ قېلىپ، رەسىمدىكى مەنزىرىگە ۋە ئۇنى كۆرۈۋاتقان ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قاپتۇ. ئاتتىن چۈشۈپمۇ كۆرۈپتۇ. ھاياتتا ئەرلەرگە ئاياللارنىڭمۇ ۋاپاسىزلىق قىلىدىغانلىقىنى، ۋاپاسىزلار ئەرلەردىلا بولۇپ قالماي، ئاياللاردىمۇ بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپتۇ. مەلىكە دەرھال كېنىزەكلىرى ئارقىلىق مۇنچىنىڭ خوجايىنىنى چاقىرغۇزۇپتۇ. لېكىن مۇنچا خوجايىنى نۇركامال كېنىزەكلەرگە ئىشىكنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ شۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ: - كەچۈرۈڭلار كېنىزەكلەر، مەن ئايال بەندىلەر بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلەشمەيمەن. مەلىكەڭلار خاپا بولمىسۇن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان مەلىكىنىڭ قانلىرى قايناپ، قەھرى ئۆرلەپتۇ. مۇنچا ئىشىكلىرىنى بۇزۇپ باستۇرۇپ كىرىپتۇ، نۇركامالنى ئۆزلەۋزى بىلەن چاقىرىپتۇ. نۇركامال مەلىكىنىڭ ئالدىغا بېشىغا چاپان ئارتىپ چىقىپتۇ. - چاپىنىڭنى ئال! سەن سۆزلىشىدىغان گېپىم بار، - دەپتۇ مەلىكە. - يوقسۇ مەلىكە، - دەپتۇ نۇركامال، - مەن ئايال كىشىلەرگە ئۆزۈمنى كۆرسەتمەسلىككە ئەھدى قىلغانمەن. مەلىكە تېخىمۇ تاقەتسىزلىنىپتۇ: - نېمە ئۈچۈن؟ - مۇنچىنىڭ ئالدىدىكى رەسىمنى ئۆز قۇلۇم بىلەن سىزغانمەن، - دەپتۇ نۇركامال، - بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن بىر چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە جاڭگىلى مازاندىرانغا بېرىپ چۈشنىڭ كارامىتى بىلەن بىر كىيىككە ئايلاندىم. كېيىن ئەنە شۇ رەسىمدىكى چىشى كىيىككە بىلەن جۈپلەشتىم. بىراق، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۈش بولسىمۇ بېشىمغا قارا قىسمەت چۈشتى. چۈشۈمنى ئاڭلىغان مۇنەججىملەر بەختسىزلىكىمگە بىشارەتلەرنى بەردى. مەن يۇرتۇمدا شاھزادە ئىدىم. بۇ قارا چۈشنىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن يۇرتۇمدىن كۆڭلۈم قالدى، تەركى جاھان بولدۇم.... مەلىكە شۇ ھامان نۇركامالنىڭ بېشىدىكى چاپاننى چۆرۈپ تاشلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ كېلىشكەن بەستىنى كۆرۈپ، قىلىچىغا پۇشايمان بىلەن قاراپتۇ. نۇركامالدىنمۇ سۇباتلىق تالاي يىگىتلەرنىڭ بېشىنى كەسكەن مەلىكە قىلىچنىڭ خۇن تېمىپ تۇرغان بىسلىرىنى مۇنچىنىڭ تاش تۈۋرۈكلىرىگە ئۇرۇپ قايرىپتۇ. مەلىكىنىڭ غورۇرى ۋە قىزلىق ئاجىزلىقى بىلەن نۇركامالغا شۇنداق دەپتۇ: - دىلىمنىڭ قۇلۇپىنى ئاچقان ئەي يىگىت، سېنىڭ بۇ سېھرلىك رەسىمىڭ مېنىڭ سېنىڭدىنمۇ قاتتىق ئېتىقادىمنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئىرادە تاغلىرىمنى غۇلاتتى. بىھۇدە تۆككەن قانلىرىم مانا شۇ دەمدە ۋىجدان ئەينەكلىرىمگە چاچراۋاتىدۇ. نامۇ - ئەمەلىڭنى كېيىن سورايمەن. مېنى ھازىرلا ئەمرىڭگە ئال! - ھەر ئىككىمىز ئېتىقادىمىزدىن، قىلغان ئەھدىمىزدىن كەچكەن بولىمىز، - دەپتۇ نۇركامال، - دادىڭىزنىڭ رايى قانداقكىن؟ مەلىكە دىلنەۋازنىڭ بۇيرۇقى بىلەن زىمىر شاھنىڭ ئالدىغا خەۋەرچىلەر بېرىپتۇ. بۇخەۋەرنى ئاڭلىغان زىمىر شاھ ئەلنىڭ كەلگۈسى تىنچلىقى ئۈچۈن قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي قاپتۇ. خۇددى قوينىدىن ئاي چىققاندەك خۇشال بوپتۇ. نۇركامال ئوردىغا چاقىرتىلىپ شاھانە زىياپەتلەرگە داخىل بوپتۇ. پۈتۈن يۇرت خەلقى بۇ ئاجايىپ يىگىتكە تەشەككۇر ئېيتىپتۇ. دىمى ئۆتكۈر كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆمرىگە ۋە بەختىگە يىغلاپ تۇرۇپ دۇئا قىلىشىپتۇ. زىمىر شاھ ئۆز يۇرتىدا قىرىق كۈن توي قىلىپ خەلققە ئاش بېرىپتۇ. كۈيئوغۇلنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن پۈتۈن نۆكەرلىرى بىلەن قۇدا يۇرتىغا تەنتەنە قىلىپ قىزنى ئەۋەتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق