ئىبرەت
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر يېزىدا زاكىر، شاكىر دېگەن ئىككى دوست بار ئىكەن. ئۇلار كىچىكىدىن بىللە ئۆسۈپ، بىر كۈندىلا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىپتۇ.
شاكىر ئىدراكلىق، گەپ ئاڭلاپدىغان، ۋاقتنى قولدىن بەرمەيدىغان بالا ئىكەن. شۇڭا ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن تىرىشىپ، كۈندىن - كۈنگە ياخشى ئۆگىنىپتۇ. زاكىر بولسا ئويۇن قېپى ئىكەن. ئۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنمۇ بۇ قىلىغىنى تاشلىماي، ئويۇن - تاماشىغا بىرىلىپ كېتىپتۇ.
ئارىدىن بىر قانچە ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. شاكىر مەكتەپتە «ئەقىللىق بالا» دېگەن شۆھرەتكە ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشىپتۇ. زاكىر بولسا كۈندىن - كۈنگە ئارقىدا قېلىپ «ئويۇن قېپى» دېگەن نام ئاپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە زاكىر شاكىردىن:
- ئاداش، ئىككىمىز مەكتەپكە تەڭ كىرگەن، سەن مەندىن جىق ئۈزۈپ كەتتىڭ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە، - دەپ سوراپتۇ.
- بۇنىڭ باشقا سەۋەبى يوق، پەقەت مەن سەندىن ئۆگەندىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شاكىر.
زاكىر شاكىرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ: «مېنى زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ» دەپ رەنجىپ، شاكىرغا زادىلا قارىماس بوپتۇ.
شاكىر بىلەن شاكىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئەھۋالنى بىلگەن ئۇستازى ئۇ ئىككىسىنى چاقىرىپ، شاكىرنىڭ ھېلىقى گېپىنىڭ مەنىسىنى سوراپتۇ.
سىلى بىزگە، - دەپتۇ شاكىر ئۇستازىغا، - «ئەقىللىق بولاي دىسەڭ، ئەقىلسزدىن ئۆگەن» دىۋىدىلە. مەن شۇ تەلىملىرىنى ئېسىمدە چىڭ تۇتۇپ، زاكىرنىڭ ئەقىلسىزلىق قىلىپ، ئويۇنغا بېرىلىپ، تىرىشىپ ئۆگەنمىگەنلىكىنى ئىبرەت قىلدىم. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم شۇ ئىدى، - دەپتۇ. زاكىر شاكىرنىڭ گېپىنىڭ مەنىسىگە چۈشىنىپ، رەنجىشنى تاشلاپ، ئۇنىڭ بىلەن قايتا دوست بولۇپ، ئىككىسى بىرلىكتە ئالغا بېسىپتۇ.