UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقمەلىكە ئايتىللا - شاھزادە رەۋەيدۇللا

مەلىكە ئايتىللا - شاھزادە رەۋەيدۇللا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى زاماننىڭ زامانىسىدا قاراخان ئىسىملىك بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ تارىم دەرياسىنىڭ ۋادىسىدىكى كەڭ يۇرتلارغا شاھلىق قىلىدىكەن. يۇرت سوراشتا قاتتىق ئىكەن. قاراخان بىر كۈنى تەختتە ئولتۇرسا، ساقىلى قىچىشقاندەك بوپتۇ. ئۇ ساقاللىرىنى سىيپاپ تاتلاپتۇ. بىراق قىچىشىش تاتلىغانسىرى ئەدەپ كېتىپتۇ. ئۇ ئىلاجىسىز ساقال تارغىقىنى ئېلىپ تاراپتۇ. تارغاقنىڭ تىللىرى ئارىسىغا بىر نىمجان بۈرگە بالىسى ئىلىشىپ چىقىپتۇ. پادىشاھ ئۇنى تۇتۇۋېلىپ مۇنداق ئويلاپتۇ: >شۇنچىلىك بىر كىچىك جانىۋارنىڭ چېقىشى نېمىدېگەن زەھەرلىك - ھە؟! ئۇ كالىچىلىك ياكى تۆگىچىلىك بولسا، قانچىلىك ئازابلىغان بولار ئىدى؟!< شۇ چاغدا بىر ئىش بىلەن ئوڭ قول ۋەزىرى ئوردىغا كىرىپ كەپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭ سالام - تازىمىنى قوبۇل قىلىپ، ئاندىن مۇنداق دەپتۇ: - سەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مېنىڭ پادىشاھلىق سەلتەنىتىمدە بەخت - سائادەتكە، ئىززەت - ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتىسەن. بۈگۈن مەن ساڭا بىر نەرسىنى ئامانەت قويىمەن، ئۇنى ئوبدان ساقلىشىڭ، قاچان لازىم دېسەم دەرھال قولۇمغا ساق - سالامەت تاپشۇرۇپ بېرىشىڭ كېرەك. ئىش مېنىڭ كۈتكۈنۈمدەك بولسا سېنى كۆپلەپ مال - دۇنيا بىلەن تارتۇقلايمەن. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا قاتتىق جازالايمەن. ئوڭ قول ۋەزىر: - بولىدۇ، پادىشاھى ئالەم! - دەپ تىزلىنىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرگە ھېلىقى تۇتۇۋالغان بۈرگە بالىسىنى بېرىپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىدىن ھۆرمەت بىلەن تاپشۇرۇۋېلىپ، ئوردىدىن كەينىچە چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇنى قانداق ساقلاشنى بىلەلمەي ئويغا پېتىپتۇ. ئويلىغانسېرى بېشى قېتىپتۇ. بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا پادىشاھنىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ، قورققىنىدىن بەدەنلىرى بەزگەكتەك تىترەپ كېتىپتۇ. ئۇ غەمگە پېتىپ ئولتۇرغاندا، تالادىن كىچىك قىزى يۈگۈرۈپ كىرىپ كەپتۇ. قىز دادىسىنىڭ پەرىشان ھالىنى كۆرۈپ: - دادا، سىزگە نېمە بولدى؟ - دەپ سوراپتۇ. - بالام، سەن سورىما، مەن ئېيتماي، - دەپتۇ ۋەزىر. - دادا، نېمە ئىش بولسا ماڭا ئېيتىڭ، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ قىز. - ئېيتساممۇ سەن مېنىڭ ھالىمغا يېتەلمەيسەن. - دادا، مەن چوقۇم سىزنىڭ ھالىڭىزغا يېتىمەن. ۋەزىر بۇ قىزنىڭ چىڭ تۇرۋالغانلىقىغا قاراپ، بۈرگىنى كۆرسىتىپ: - قىزىم، پادىشاھ بۇنى ماڭا مۇددەتسىز ئامان - ئېسەن ساقلاپ بېرىشىم ئۈچۈن بەردى. چىڭ تۇتسا ئۆلۈپ قالىدۇ، بوش تۇتسا قېچىپ كېتىدۇ. ئۇنى قانداق ساقلاشنىڭ ئامالىنى بىلەلمەي باش قاتۇرۇۋاتىمەن، - دەپتۇ. - ۋاي دادا، بۇ ئىشقىمۇ باش قاتۇرۇپ ئاۋارە بولامسىز، - دەپتۇ قىز كۈلۈپ، - ئۇنى ساقلاش بەكمۇ ئاسان، بىر دانە چوڭ ساندۇق ياسىتىمىز، ئۇنى تېرىق ئۇنى بىلەن توشقۇزىسىز، بۈرگىنى شۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ بېرىپ، ئاغزىنى ھىم بېكىتىپ قويسىڭىز ياشاۋېرىدۇ. ۋەزىر قىزنىڭ كۆرسەتكەن ئەقلىگە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. خىزمەتچىلىرى ئارقىلىق بىر ياغاچچىنى چاقىرىپ كېلىپ ساندۇق ياسىتىپتۇ، ئۇنى تېرىق ئۇنى بىلەن تولدۇرۇپتۇ. ئىچىگە بۈرگىنى قويۇپ بېرىپ ئاغزىنى ھىم بېكىتىپتۇ. ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپتۇ. بۈرگە پادىشاھنىڭمۇ، ۋەزىرنىڭمۇ يادىدىن چىقىپ قاپتۇ. بىر كۈنى قاراخان تەختتە ئولتۇرۇپ دۆلەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانىكەن، ساقىلى قىچىشقاندەك بوپتۇ. ساقىلىنى سىيپاپ تاتلاپتىكەن، قىچىشىش تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىپتۇ. ئۇ چىدىيالماي تارغىقىنى ئېلىپ تاراپتۇ. تارغاقنىڭ تىللىرى ئارىسىغا بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بۈرگىنىڭ نىمجان بالىسى ئىلىشىپ چىقىپتۇ. پادىشاھ بۇنى كۆرگەندە ئوڭ قول ۋەزىرگە بېرىپ قويغان بۈرگىسى دەرھال يادىغا كەپتۇ. ئۇ يېنىدا ئولتۇرغان ئوڭ قول ۋەزىردىن ئامانەتنى سوراپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر پادىشاھنىڭ نېمىنى ئامانەت قويغانلىقىنى يادىغا ئالالماي تەمتىرەپ قاپتۇ. بۇنى كۆرۈپ پادىشاھنىڭ رەڭگى بىدىنلا ئۆڭۈپ، مۇنداق دەپتۇ: - ئامانەتنى دەرھال تاپشۇر، بولمىسا... ئوڭ قول ۋەزىر نائىلاج ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت سوراپتۇ، پادىشاھ ماقۇل بوپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۇزاق ئويلىنىپتۇ. لېكىن ھېچ نەرسە يادىغا كەلمەپتۇ. >ئەمدى ئەجىلىم توشقان ئوخشايدۇ< دەپ يىراق - يېقىن، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يىغىپ، ئۇلار بىلەن رازىلىق ئېلىشىپ، پادىشاھنىڭ جازاسىنى كۈتۈپتۇ. بۇ جەرياندا گېلىدىن غىزامۇ ئۆتمەي، بىر ئەت - بىر سۆڭەك بولۇپ قاپتۇ. دادىسىنىڭ بۇنداق ئېچىنىشلىق ھالىنى كۆرگەن كىچىك قىزى: - دادا بېشىڭىزغا نېمە كۈن چۈشتى؟ - دەپ سوراپتۇ ۋەزىر: - قىزىم سەن سورىما، مەن ئېيتماي. ئاخىرقى ئۆمرۈمدە مېنى ئۆز مەيلىمگە قويغىنا! - دەپتۇ. قىز دادىسىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي كوچىلاپ سوراۋېرىپتۇ. ۋەزىر ئاخىرى بولالماي، پادىشاھ قويغان ئامانەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەلمەي، شۇ كۈنگە قېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. قىز دادىسىنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، قاقاقلاپ كۈلۈپتۇ. ئاخىرىدا: - دادا، ئېسىڭىز نەگە كەتتى. پادىشاھنىڭ قويغان ئامانىتى ھېلىقى بۈرگە ئەمەسمۇ؟ - دەپتۇ. بۈرگە ۋەزىرنىڭ يادىغا شۇ چاغدىلا كەپتۇ. قىزىنىڭ ئەقلىگە يەنە بىر قېتىم ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. پادىشاھنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلغانلىقىدىن خۇشال بولۇپتۇ. ئۇ دەرھال ساندۇقنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئاغزىنى ئېچىپ قارىسا بۈرگە تېرىق ئۇنىنى يەپ شۇنچىلىك چوڭىيىپتۇكى، گۇيا بىر قويچىلىك بولۇپ كېتىپتۇ، بۇنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ. ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەپتۇ. ۋەزىر پادىشاھ بەرگەن مۆھلەت توشقاندىن كېيىن، ساندۇقنى خىزمەتچىلىرىگە كۆتۈرگۈزۈپ ئوردىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. ئامانەتنى پادىشاھقا ئامان - ئېسەن تاپشۇرۇپتۇ. پادىشاھ بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ، ئوڭ قول ۋەزىرگە يېڭى تون، ئالتۇن - كۈمۈش سوۋغا قىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە بىر جىن كىرىپتۇ. ئۇ ئوردا قاسساپلىرىنى چاقىرغۇزۇپ، بۈرگىنىڭ تېرىسىنى سويغۇزۇپتۇ. كاتىپلىرىغا تۆۋەندىكى بىر ئېلاننى يازغۇزۇپتۇ: >تامغا چاپلانغان بۇ تېرىنىڭ قايسى ھايۋاننىڭ ئىكەنلىكىنى كىم تونۇپ ئېيتىپ بەرسە، ئۇنى كۈيئوغۇل قىلىۋالىمەن، كىمكى تونۇيمەن دەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېيتىپ بېرەلمىسە جازالىنىدۇ، مال - دۇنياسى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.< قاراخان بۈرگە تېرىسى بىلەن ئېلاننى تۆت كچىنىڭ ئاغزىغا چاپلاتقۇزۇپتۇ. بۇ خەۋەر ھەش - پەش دېگۈچە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تارقىلىپتۇ. قاراخاننىڭ بىر مەلىكىسى بار ئىكەن. ئۇنىڭ چىرايىنى ئايغا، ئەتىۋارلىقىنى تىللاغا ئوخشىتىپ، ئايتىللا دەپ ئىسىم قويغانىكەن، ئۇ كۈندۈزى يە كېچىسى سەيلە قىلىپ راۋاققا چىقسا، كۈن بىلەن ئاي ئۇنىڭ جامالىدىن خىجىل بولۇپ، بۇلۇتلار ئارىسىغا كىرىپ كېتىدىكەن. مەلىكىنىڭ تەرىپىنى ئاڭلىغان نۇرغۇن شاھزادىلەر، بەگزادىلەر، بايۋەچچىلەر غايىبانە ئاشىق بولۇپ يۈرۈپتۇ. ئەتراپتىكى پادىشاھلارنىڭ شاھزادىلىرى ئەلچى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، مەلىكە ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئۇنىماپتۇ. مەلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەن شاھزادىلەر، بەگزادىلەر، بايۋەچچىلەر ۋە ئادەتتىكى يىگىتلەر ئېلان بىلەن بۈرگە تېرىسى چاپلانغان جايغا سۇدەك ئېقىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، تېرىنى كۆزىتىشكە باشلاپتۇ. لېكىن بۇلاردىن ھېچكىم تونۇپ بېرەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن زىندانغا تاشلىنىپتۇ. بىر جۈمە كۈنى پادىشاھ بىلەن مەملىكەت تۆت كوچا ئاغزىدىكى راۋاققا تاماشا كۆرگىلى كەپتۇ. ئاق تون كىيگەن يىگىتلەر مەسچىتتىن يېنىپ بۇ يەرگە قاراپ كېلىشكە باشلاپتۇ. بۇلارنى كۆرگەن ئەھلى جامائەت ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ: - ھاي يىگىتلەر، ياش تۇرۇپ بىھۇدە ئازاپ چەكمەڭلار، ئارقاڭلارغا قايتىپ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈڭلار، - دەپ نەسىھەت قىپتۇ. يىگىتلەر بىردەكلا: - جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولمايدۇ. بىز بۈگۈن يا بۇ تېرىنى تونۇپ بېرىپ مەلىكىنى ئالىمىز، ياكى تونۇپ بېرەلمەي، پادىشاھنىڭ زىندانىدا ئارام تاپىمىز، - دەپ ئۇناشماپتۇ. بەختكە قارشى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنى تونۇپ بېرەلمەپتۇ. ھەممىسى زىندانغا تاشلىنىپتۇ. مەلىكە ئايتىللا بۇ ھالنى كۆرۈپ قاتتىق ئېچىنىپتۇ. ئۇ دادىسىنىڭ بۇ قىلمىشىدىن يىرگىنىپتۇ. بۇنداق ئىشنى كۆزۈم كۆرمىسۇن، دەپ راۋاقتىن چۈشۈپ ھەرەمگە قايتىپ كېتىپتۇ، ھەرمدە غەزىپىگە پايلىماي: - ئى خۇدا، مېنى نىمىشقىمۇ تۆرەلدۈرگەنسەن؟! ئاتام مېنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ قويۇپ، شۇ بۈرگىنىڭ تېرىسىنى تونۇپ بېرىش - بېرەلمەسلىكنى شەرت قىلىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ جانلارنى قىيناۋاتىدۇ. سەن قۇدرىتىڭنى ئىشقا سېلىپ، مېنى رىزقىم قوشۇلغان بىر يىگىتكە ئاتا قىلىپ، بۇ شەرمەندە ئويۇنغا خاتىمە بەرگىن! - دەپ تىلەپتۇ. ئەمدى گەپنى باشقا جايدىن ئاڭلاڭ. بۇ شەھەردە ھىم ئاتلىق بىر جادۇگەر بولۇپ، ئۇمۇ مەلىكە ئايتىللانىڭ پىراقىدا كۆيۈپ يۈرگەنىكەن. لېكىن ئۆز جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا پەقەت چىقالماپتۇ. شۇنداقتىمۇ كېچە - كۈندۈز يوشۇرۇن ھالدا مەلىكە ئايتىللانىڭ ھەرىمى ئەتراپىغا كېچە - كۈندۈز يوشۇرۇن ھالدا مەلىكە ئايتىللانىڭ ھەرىمى ئەتراپىغا كېلىپ تىڭ - تىڭلاپ يۈرۈپتۇ. مەلىكە ئايتىللانىڭ ھەرەم ئىچىدە غەزەپ بىلەن سۆزلەۋاتقان ۋاقتى جادۇگەر ھىمنىڭ تىڭ - تىڭلاۋاتقان ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قاپتۇ. ئۇ مەلىكىنىڭ ئاغزىدىن بۈرگە تېرىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىۋېلىپ، خۇشاللىقىدىن ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپتۇ. ئۇ دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ ھېلىقى تېرىنى تونۇپ دەپ بەرمەكچى ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا: - نېمىنىڭ تېرىسى، قېنى ئېيتىپ باق! - دەپتۇ. جادۇگەر ھىم: - پادىشاھى ئالەم، بۇ بۈرگىنىڭ تېرىسى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. قارا خان پادىشاھ ۋەدىسىدىن يانالماي، خەلقى ئالەم ئالدىدا مەلىكىنى جادۇگەر ھىمغا بەرمەكچى بوپتۇ. توي كۈنلىرى يېقىنلاپ قاپتۇ. مەلىكە ئايتىللا جادۇگەرگە تېگىشكە رازى بولماي، نېمە قىلىشنى بىلەلمەي بېشى قېتىپتۇ. قاراخاننىڭ بىر دۇلدۇلى بار ئىكەن ئۇ گەپ ئۇقىدىكەن، ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىگە يېقىندىن ياردەم قىلىدىكەن. مەلىكە ئايتىللا ئاتنىڭ قېشىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراپتۇ. ئات: - بۈگۈن كەچتە كىشىلەرنىڭ ئايىغى بېسىلغاندا مېنى مىنىپ قاچ، مەن سېنى چوقۇم ئۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرىمەن. شەرتىم شۇكى، ماڭا قامچا سالمايسەن، يانچۇقىڭغا بىر دانە تارغاق، سۈزگۈچ، ئەينەك سېلىۋالىسەن، - دەپتۇ. مەلىكە ئايتىللا ماقۇل بوپتۇ. ئۇ تۈن يېرىمىدا ئاتنى ئېغىلدىن يېشىپ چىقىپ مىنىپ، يادىدا يوق ئالدىراپ كېتىپ بىر قامچا ئۇرغانىكەن، ئات ئۇچقاندەك چېپىپ كېتىپتۇ. ئەگەر قامچا ئۇرۇلمىغان بولسا، ئات ھاۋادا ئۇچىدىكەن. جادۇگەر ھىم مەلىكە ئايتىللانىڭ قاچقانلىقىنى بىلىپ دەرھال ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. تاڭ يورۇي دېگەن چاغدا يېتىشىۋاپتۇ. مەلىكە ئايتىللا ئارقىسىغا قاراپ، جادۇگەر ھىمنىڭ يېتىشىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئاتقا ئېيتىپتۇ. ئات مەلىكىگە: - دەرھال تارغاقنى ئېلىپ يەرگە تاشلا! - دەپ بۇيرۇق قىپتۇ. مەلىكە تارغاقنى ئېلىپ يەرگە تاشلاپتۇ. ئات بىلەن مەلىكە شۇ ماڭغانچە قوش چوققا دېگەن گۈزەل شەھەر دائىرىسىگە يېتىپ كەپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى قەمتۇر شاھنىڭ رەۋەيدۇللا دېگەن بىر شاھزادىسى بار ئىكەن. ئۇ چىراي ۋە قەددى - قامەتتە بۇ يۇرتتا بىر ئىكەن. ئەقىل - پاراسەتتە يېتىلگەن، بىلىملىك ۋە ئەقىللىق مۇلاھىم يىگىت ئىكەن. شۇ كۈنلەردە پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرى، شاھزادىنىڭ ياساۋۇللىرى شاھزادىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا يىگىت تاللاپ يۈرگەنىكەن. مەلىكە ئايتىللا يىگىتچە ياسىنىپ شەھەرگە كىرىپتۇ. پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرى ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا: - مۇشۇ يىگىت شاھزادىمىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا لايىق ئىكەن، - دەپ تاللاپ، شاھزادىنىڭ ئالدىغا باشلاپ كەپتۇ، شاھزادە ئۇنى ماقۇل كۆرۈپتۇ. مەلىكە ئايتىللا شاھزادىنىڭ قىرىق خىزمەتچىسىنىڭ بىرى بولۇپ خىزمەت قىلىپ يۈرۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە شاھزادە رەۋەيدۇللا مەلىكە ئايتىللاغا كۆيۈپ قاپتۇ. شاھزادە ئۆز كۆڭلىدە: >ئوغۇل بالىغا كۆيۈپ قالغىنىم قانداق بولغىنى؟!< دەپ ھەيران قېلىپ، كىشىلەرگە سىرىنى ئېيتىشتىن ئۇيىلىپ يۈرۈپتۇ. كۈيۈك ئوتى بارغانسېرى ئۇلغىيىپ گېلىدىن ھېچ نەرسە ئۆتمەي، سارغىيىپ دەرمانىدىن كېتىشكە باشلاپتۇ. پادىشاھ شاھزادىنىڭ ھالىنى كۆرۈپ ئەنسىرەپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق تېۋىپلارنى ئەكەلدۈرۈپ داۋالىتىپتۇ. لېكىن شاھزادە پەقەت شىپا تاپالماپتۇ. ئۇ تېخىمۇ ئاجىزلاپ، باغرىنى نەم يەرگە يېقىپ ياتىدىغان ھالغا كېلىپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ تېخىمۇ غەمگە چۈشۈپ يەنە تېۋىپ ئىزدەش بىلەن ئاۋارە بولۇپتۇ. شاھزادىنىڭ خوجا باقى ئىسىملىك ئەڭ يېقىن بىر دوستى بار ئىكەن. شاھزادە دادىسىغا ئوشۇقچە ئاۋارىچىلىق سالغانلىقى ئۈچۈن دوستىنى بىر پىنھان جايغا چاقىرىپ مۇنداق دەپتۇ: - ئى دوستۇم، دادام مېنى ئاغرىپ قالدى دەپ داۋالىتىپ بىكار ئاۋەر بولۇۋاتىدۇ. مەن ئاغرىپ قالمىدىم... - ئۇنداق بولسا، شاھزادەم، ساڭا نېمە بولدى؟ - ھېچ نەرسە بولمىدى. - نېمە سىرىڭ بولسا يوشۇرماي ئېيت، بىز تەييار! شاھزادە قايتا گەپ قىلماي ئىككىلىنىپ جىم بولۇپ قاپتۇ، خوجا باقى ئارىدىكى جىملىقنى بۇزۇپ: - ئى شاھزادىمىز، بىز ئىككىمىز قىيامەتلىك دوستلارمىز، دوستلار بىر - بىرىدىن سىرىنى يوشۇرسا، خۇدا راۋا كۆرەرمۇ؟ - دەپتۇ. - ئى دوستۇم، - دەپتۇ شاھزادە، - سېنىڭ دېگىنىڭمۇ توغرا، شۇنداق بولسىمۇ ئېيتىشتىن خىجىل بولۇۋاتىمەن... - خىجىل بولىدىغان نېمىسى بار، تارتىنماي ئېيت! شاھزادە دوستىغا يۈز كىلەلمەي سىرىنى ئېيتىشقا مەجبۇر بولۇپ مۇنداق دەپتۇ: - مېنى شۇ ھالغا كەلتۈرگەن بىر ئىش بار. مەن ساڭا ئېيتاي، ھازىرچە ئىككىمىزنىڭلا ئارىسىدا قالسۇن، بولامدۇ؟ - بولىدۇ، شاھزادەم. شاھزادە دوستىنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، بىر قىزىرىپ، بىر تاتىرىپ، سىرىنى سۆزلىگىلى باشلاپتۇ: - دوستۇم، ئوغۇل بالىغا كۆيۈپ قاپتۇ دەپ، مېنىڭدىن كۈلمىگىن، مەن خىزمەتچىلىرىم ئىچىدىكى ھېلىقى يىگىتكە كۆيۈپ قالدىم... دەپ مەلىكە ئايتىللانى ئىشارە بىلەن كۆرسىتىپتۇ. - شاھزادەم، - دەپتۇ خوجا باقى، - بۇنى ئەيىب دېگىلى بولمايدۇ، ئۇ يىگىت ئەرەنچە ياسىنىۋالغان بىر قىز بولۇشى مۇمكىن. بۇنى بەلكىم سېنىڭ يۈرىكىڭ تۇيغاندۇ، مېنىڭچە سىناپ باقساق، قىز ياكى يىگىتلىكى بىردەمدە ئايان بولىدۇ. قانداق سىناپ باقىمىز؟ - سىنايدىغان ئامال كۆپ، پەقەت سەنلا رۇخسەت قىلساڭ. - ئۇنداق بولسا، سەن ھازىردىن باشلاپ سىناپ كۆرگىن! - بولىدۇ. خوجا باقى بىر خىزمەتچى يىگىتنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ قولىغا پۇل تۇتقۇزۇپ، بازاردىن ھەر خىل يىپ، ئاق رەخت، يىڭنە سېتىۋېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. يىگىت بۇيرۇلغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كەپتۇ. خوجا باقى خىزمەتچى يىگىتلەرنى يىغىپ ئوتتۇرىغا پورەكلەپ ئېچىلغان بىر قىزىل گۈلنى قويۇپ مۇنداق دەپتۇ: - ھازىر سىلەر مۇشۇ گۈلنى بىر پارچە رەختكە كەشتىلەپ چىقىسىلەر. كىم ئەينەن كەشتىلەپ چىقسا مۇكاپات بېرىلىدۇ. خوجا باقى ئۆز قولى بىلەن خىزمەتچى يىگىتلەرگە ئاق رەخت، ھەر خىل يىپ، يىڭنە تارقىتىپ بېرىپتۇ. خىزمەتچى يىگىتلەر گۈلنى كەشتىلەشكە كىرىشىپتۇ. مەلىكە ئايتىللا بىر ئىشنى باھانە قىلىپ، ئاتنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن قانداق قىلىشنى سوراپتۇ. - ئۇلار سېنى سىنىماقچى بولۇۋاتىدۇ، - دەپتۇ ئات، - گۈلنى سەت كەشتىلە، يىڭنە ئىشىنى قوپال قىل، شۇنداق قىلساڭ ئۆزۈڭنى يوشۇرۇپ قالالايسەن. مەلىكە ئايتىللا ئاتنىڭ مەسلىھىتىنى ئاڭلاپ، يىگىتلەرنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىپ، ئىشنى ئات دېگەندەك قىپتۇ. بۇنى كۆرگەن شاھزادە دوستىغا: - يىڭنىنى تۇتۇشىغا، قىلغان ئىشلىرىغا قارىغاندا بۇ قىز ئەمەس، زادى ئوغۇل بالىكەن، - دەپتۇ. >مەقسىتىمگە يېتەلمەيدىغان بولدۇم< دەپ ئويلاپ، روھى ئاۋۋالقىدىنمۇ بەك سۇنۇپتۇ. مۇھەببەت پىراقى ھەددىدىن ئېشىپ، ئۆزىنى باسالماي ھوشىدىن كېتىپتۇ. خوجا باقى شاھزادىنىڭ بېشىنى يۆلەپ، يۈزىگە مۇزدەك بۇلاق سۈيى سېپىپ، بۇرنىغا خۇش بۇي نەرسىلەرنى پۇرىتىپ، تەسلىكتە ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ. - ئى دوستۇم، ھازىرچە كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما! ئۆزۈڭنى چىڭ تۇت، ئايال زاتىنىڭ قىرىق تۆگىگە يۈك بولىدىغان ھىيلىسىنى بىلمەمسەن، ئۇ بەلكىم ئۆزىنى يوشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتقاندۇ. بىزمۇ بوش كەلمەي يەنە سىناپ كۆرۈپ باقايلى. - يەنە قانداق سىنايمىز؟ - سوراپتۇ شاھزادە. - بۈگۈن كېچە، - دەپتۇ خوجا باقى، - يىگىتلەرنى شاراب ئىچىپ كۆڭۈل ئېچىشقا ئۇيۇشتۇرىمىز، تاكى ئۇ مەست بولغىچە شاراب ئىچىشنى توختىتىپ قويمايمىز، مەست بولغاندىن كېيىن كىيىمىنى يېشىپ كۆرسەكلا ئاشكارا بولمامدۇ؟ شاھزادە دوستىنىڭ ئەقلىگە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. مۇلازىملار كۆڭۈل ئېچىش تەييارلىقىغا كىرىشىپتۇ، تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن كۆڭۈل ئېچىش باشلىنىپتۇ، مەلىكە ئايتىللا يەنە بۇ سورۇندىن چىقىپ، ئاتنىڭ قېشىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراپتۇ. ئات: - ئېتىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن دەپلا ئىچسەڭ مەست بولمايسەن، - دەپتۇ. مەلىكە ئايتىللا خاتىرجەم بولۇپ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا قايتىپ كىرىپتۇ. شارابلار پىيالىلەرگە قويۇلۇپ، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كەلگىلى تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ كۈچى بىلەن يىگىتلەر بارغانچە قىزىشىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىپ، مەيداننى بىر ئاپتۇ. شاراب قۇيۇش توختىماپتۇ، يىگىتلەر مەست بولۇشۇپ، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يىقىلىشقا باشلاپتۇ. ئارىدا پەقەت مەلىكە ئايتىللا ئاتنىڭ دېگىنىدەك ئىچىپ مەست بولماپتۇ، قارىسا شاھزادە بىلەن خوجاباقى ئۇنىڭغا يەنە ھاراق قۇيغىلى تەمشىلىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئايتىللا تالاغا چىقىشنى باھانە قىلىپ سورۇندىن ئايرىلىپ، ئاتنىڭ قېشىغا كەپتۇ، قارىغۇدەك بولسا ئات سۇغا چۆمۈلگەندەك بولۇپ، تۈكلىرىدىن تەر تامچىلاپ تۇرۇپتۇ. ئايتىللا بۇ ھالنى كۆرۈپ، ئاتقا ئىچى ئاغرىپ نېمە بولغانلىقىنى سوراپتۇ. ئات: - ساڭا بېرىۋاتقان شارابنى مەنلا ئىچتىم، ئەمدى مەن بولالمايۋاتىمەن. ساڭا يەنە شاراب بېرىشسە >يالغۇز ئىچكەن شاراب، بولار جانغا ئازاپ< دەپ ئۇلارنىمۇ ئىچىشكە تەكلىپ قىلغىن، - دەپتۇ. مەلىكە ئايتىللا >بولىدۇ< دەپ سورۇنغا قايتىپ كىرىپتۇ. شاھزادە بىلەن خوقاباقى ئۇنىڭغا پىيالىنى توشقۇزۇپ شاراب تۇتۇپتۇ. مەلىكە پىيالىنى ئەدەب بىلەن قولىغا ئېلىپ، ئات ئۆگەتكەن گەپلەرنى ئېيتىپ بولۇپ، ئاندىن كېيىن مۇنۇ بېيىتنى ئوقۇپتۇ: بۇلبۇل سايرار نەدە چىمەنسىز؟ دۇلدۇل مىنەر نەدە يۈگەنسىز؟ ئى شاھزادەم ئېيتىپ بېقىڭچۇ، شاراب ئىچىلەر نەدە يارەنسىز؟ شاھزادە مەلىكە ئايتىللا ئوقۇغان بۇ بېيىتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چۆلدە قالغان كىشى سۇ تېپىپ ئىچكەندەك، تاڭ سەھەردە بۇلبۇل ئۇنى ئاڭلىغاندەك خۇشال بولۇپ، روھى كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. ئۆزىنىڭمۇ پىيالىنى توشقۇزۇپ شاراب ئىچكۈسى كېلىپتۇ، دوستىغا پىيالىلەرگە توشقۇزۇپ شاراب قۇيۇشنى بۇيرۇپتۇ، بۇ ئۈچەيلەن پىيالىلەردىن سۈمۈرۈپ ئىچكىلى باشلاپتۇ. شاھزادە قىزىپ روھى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن قولىغا شاراب توشقۇزۇلغان پىيالىنى ئېلىپ مەلىكە ئايتىللاغا قاراپ، مۇنۇ بېيىتنى ئوقۇپتۇ: بۇ كېچە جان راھىتى، ئىچتىم سەن بىلەن شاراب. ھۆرلەر بىلەن ئوينىغاندەك، دەردلىرىم كەتتى تاراپ. سەن بىلەن ئىچسەم شاراب، مەست بولمىسام ئۇيقۇسىراپ. بۇ كېچە تاڭ ئاتمىسا، ھەم چىقمىسا كۈن ئالدىراپ. شاھزادىنىڭ يۈرىكىدىن بېيىت ئەمەس، مۇھەببەت يالقۇنى چىقىپتۇ، مەلىكە ئايتىللا بۇنى سېزىپ، شاھزادىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن مۇنۇ بېيىتنى ئوقۇپتۇ: ھەر كېچىنىڭ كەينى تاڭدۇر، قۇياش چىقار كەڭ ئۇپۇقتا. دائىم شۇنداق خۇشال ئويناڭ، قىينالماستىن ئىچ پۇشۇقتا. بۇنى ئاڭلاپ شاھزادىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى قوغۇشۇندەك ئېرىپ كېتىپتۇ، قولىدىكى شارابنى مەلىكە ۋە خوجاباقى بىلەن سوقۇشتۇرۇپ ئىچىۋېتىپتۇ، شارابنىڭ تەسىرىدىن شاھزادە، خوقا باقى دەرھاللا مەست بولۇپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ، مەلىكە ئايتىللا ساق قېلىپ ئورۇن ھازىرلاپ ئۇلارنى ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ، سىناق شۇنىڭ بىلەن بەربات بولۇپتۇ. ئەتىسى كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە شاھزادە بىلەن خوجا باقى مەستلىكتىن تەسلىكتە يېشىلىپ، ئورنىدىن ئارانلا تۇرۇپتۇ. شاھزادە ئۆزىنىڭ شاراب ئىچىپ مەست بولغىنىغا تولىمۇ پۇشايمان يەپتۇ، مۇھەببەت پىراقى ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپتۇ. خوجا باقى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تەسەللى بېرىپ: - ئەي شاھزادەم، كۆڭلۈكنى بۇزما! بىز ئۇنى تېخى ئىككى قېتىملا سىنىدۇق. يەنە بىر قېتىم سىناپ باقايلى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ سىرىنى ئاشكارا قىلىشىمىزغا كۆزۈم يېتىپ تۇرىدۇ، - دەپتۇ. شاھزادە دوستىنىڭ تەسەللىسى بىلەن ئۆزىنى يىغىدىن توختىتىپ: - يەنە قانداق سىنايمىز، - دەپتۇ. - بۇ قېتىم يىگىتلەرنى يالىڭاچلاپ سۇ ئويۇنىغا سالىمىز، ئۇنىڭ سىرى شۇ چاغدىمۇ ئاشكارا بولماسمۇ؟! شاھزادە دوستىنىڭ بۇ ئەقلىگە ئاپىرىن ئوقۇپ، ئىشنى دەرھال باشلاشنى بۇيرۇپتۇ. خوجاباقى يىگىتلەرنى چاھار باغدىكى كۆل بويىغا يىغىپتۇ، - ئۇلارغا: - شاھزادىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئېچىش ئۈچۈن سۇ ئويۇنى قىلىمىز، ھەممىڭلار ئانىدىن تۇغما بولۇپ سۇغا سەكرەيسىلەر، - دەپتۇ. مەلىكە كۆزنى غەلەت قىلىپ، ئاتنىڭ قېشىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراپتۇ. ئات: - ئەمدى سىرىڭنى يوشۇرمىساڭمۇ بولىدۇ، ئۆزۈڭنىڭ قىز ئىكەنلىكىڭنى ئاشكارا قىل، - دەپتۇ. مەلىكە ئاتنىڭ قېشىدىن كۆل بويىغا قايتىپ كەلسە باشقا ھەمراھلىرى سۇغا چۈشۈشكە ھازىرلىنىپ بوپتۇ، مەلىكە ئۇلارنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ يان تەرەپكە قارىۋاپتۇ، سۇغا سەكرەش بۇيرۇقى بېرىلىپتۇ، يىگىتلەر ئۆزلىرىنى سۇغا ئېتىپتۇ. مەلىكە ئايتىللا قاشتا يالغۇز قاپتۇ. شاھزادە ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ: - ئى خىزمەتچىم! سەن نېمىشقا مېنىڭ بۇيرۇقىمنى ئورۇندىمايسەن؟! - دەپ سوراپتۇ. مەلىكە ئايتىللا جاۋاب بەرمەي تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرۇۋېرىپتۇ. - مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن، - دەپتۇ شاھزادە. مەلىكە ئايتىللا شۇندىلا بېشىنى كۆتۈرۈپ، شاھزادىگە: - ئى ھۆرمەتلىك شاھزادەم، مېنى سۇغا چۈشۈرۈپ نېمە قىلاتتىڭىز؟ مەندىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى سۇغا چۈشتىغۇ؟ شۇلارنىڭ كۆرسەتكەن ئويۇنى سىزگە يەتمەمدۇ؟ مەن ھازىر بولۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن بەكمۇ خىجىل بولۇۋاتىمەن، - دەپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان خوجاباقى شاھزادىنى ياقىغا تارتىپ مۇنداق دەپ شىۋىرلاپتۇ: - شاھزادەم، ئۈمىدنىڭ يۇلتۇزى يېنىش ئالدىدا، سەن ئۇنىڭ بىلەن ئېيتىشماي، قالغانلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈپ تۇر. مەن خىلۋەتتە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ باقاي. - بولىدۇ، شۇنداق قىل. خوجاباقى مەلىكە ئايتىللانى خالىي جايغا ئېلىپ بېرىپتۇ. سىرنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە باشلاپتۇ: - سىزگە شاھزادەم بەكمۇ ئېتىبار بېرىۋاتىدۇ. سىز ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلماي نېمىشقا قوپاللىق قىلىسىز؟ - مەن قوپاللىق قىلمىدىم، ئىززەت - ھۆرمەت، ھايا - نومۇس بىلەن ئىش قىلدىم. - بىر قۇلنىڭ ئۆز خوجايىنىنىڭ دېگىنىنى قىلماي بىشەملىك قىلىشى، ئىززەت - ھۆرمەت، ھايا - نومۇس بىلەن ئىش قىلغانلىق بولامدۇ؟ - ... - سىزنى شاھزادەم ئېغىر جازاغا تارتماقچى. - نېمە قىلغىنىمغا جازاغا تارتىدىكەن؟ - دېگىنىنى قىلمىغىنڭىز ئۈچۈن. مەلىكە ئايتىللا ھېچنېمە دېيەلمەپتۇ. بۇ چاغدا خوجاباقى مۇنداق دەپتۇ: - سىز خاتىرجەم بولۇڭ، مەن سىزنىڭ گۇناھىڭىزنى تىلەپ ئالىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرلا ئاددىي شەرتىم بار. ئۇ بولسىمۇ، بۈگۈنكى ئىشنىڭ سىرىنى ماڭا دەپ بەرسىڭىز بولىدۇ. مەلىكە يەنىلا جىم تۇرۇۋاپتۇ. خوجاباقى كوچىلاپ قىستاۋېرىپتۇ. مەلىكە ئاخىرى >نېمە بولسا بولار، بېشىمغان كەلگەننى كۆرەرمەن< دەپ ئويلاپتۇ. - مەن قىز تۇرسام، - دەپ ئالمىدەك قىزىرىپ يەرگە قاراىۋاپتۇ. خوجاباقى سىرنىڭ ئاشكارا بولغانلىقىدىن بېشى كۆككە يەتكۈدەك خۇشال بولۇپتۇ. سۆھبەتنى شۇ يەردىلا توختىتىپ، مەلىكىنى ئۆز خانىسىغا ماڭغۇزۇۋېتىپ، شاھزادىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپتۇ. بۇ ھالدىن ياخشىلىق سەزگەن شاھزادە دوستىنىڭ ئاغزىغا تەلمۈرۈپ قاراپتۇ. خوجاباقى ئۆزىنى باسالماي: - سۆيۈنچە! - دەپ ۋارقىرىۋېتىپتۇ. - سېنىڭدىن پۈتۈن مال - دۇنيايىم ئايلانسۇن. گېپىڭنى تېز ئېيت! - قىز ئىكەن!... بۇنى ئاڭلاپ شاھزادىنىڭ خۇشاللىقتىن يۈرىكى يېرىلغۇدەك بوپتۇ ۋە ئورنىدا جىم تۇرالماي، كىچىك بالىدەك تۇمىقىنى ئاسمانغا ئېتىپ سەكرەپ كېتىپتۇ. ئۇ دەرھال سۇ ئويۇنىنى يىغىشتۇرۇپ، مەلىكىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپتۇ. مەلىكە ھەيران قېلىپ، ئۇنى يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ قويۇپتۇ. شاھزادە مەلىكىنىڭ پاختىدىن ئاق، يىپەكتىن يۇمشاق بۇدرۇق قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، يېلىنغان تەلەپپۇز بىلەن مۇنداق دەپتۇ: - ھەي مەلىكىزادە، سەن بۇ يەرگە پەيدا بولغىنىڭدىن تارتىپ، يۈرىكىمگە شۇنداق يالقۇنلۇق بىر ئوت تۇتاشتى، مەن ئۇنى كىشىلەردىن پىنھان تۇتۇپ ھاياتىمدىن تۈگەشكىلى تاس قالغانىدىم. بۈگۈن سىرىڭنى بىلىش بىلەن خازان بولۇشقا ئاز قالغان ھاياتىم تەشنالىقتىن نابۇت بولاي دېگەن مايسىلار سۇ ئىچىپ ياشارغاندەك ياشاردى. ھازىر ئايىغىڭدا جان بەرسەم جېنىمغا رازى... مەلىكە ئايتىللا شاھزادىنىڭ سۆزىدىن تەسىرلىنىپتۇ. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ يۈرىكىگە غايىبتىن بىر ئوت كېلىپ تۇتىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇلارنىڭ مۇھەببەت رىشتىسى باغلىنىپتۇ. - ئى ھۆرمەتلىك شاھزادەم، - دەپتۇ مەلىكە ئايتىللا، مەن ئۈچۈن مۇھەببەت ئوتىدا كۆيگەنلىكىڭىزدىن بىخەۋەر بولۇپتىمەن، ئەمدى مۇھەببەت گۈللىرى ئېچىلىپ، ياشنايدىغان چاغ يېتىپ كەلدى. مەن سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدا... شاھزادەم مەلىكىنىڭ بۇ سۆزىدىن تەسىرلىنىپ، يۈرىكىدىن مۇھەببەت ھېسلىرى فونتاندەك ئېتىلىپتۇ. ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي مەلىكىنى باغرىغا چىڭ بېسىپتۇ. ھېقىقتەك سۈزۈك، ھەسەلدەك تاتلىق لەۋلەر بىر - بىرىگە مەھكەم جۈپلىشىپتۇ. ئەمدى گەپنى قەمتۇر شاھتىن ئاڭلايلى: - پادىشاھ شاھزادە رەۋەيدۇللا بىلەن مەلىكە ئايتىللانىڭ مۇھەببىتىدىن خەۋەر تېپىپ، خۇشاللىقىدىن بېشى كۆككە يېتىپتۇ. ۋەزىرلەرنى، دانىشمەنلەرنى، ئەمىر - بەگلەرنى يىغىپ، ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ توي ھازىرلىقىغا كىرىشىپتۇ. تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن، پادىشاھ پۈتۈن شەھەر خەلقىغە ئاش تارتىپ، قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شاھزادە رەۋەيدۇللا بىلەن مەلىكە ئايتىللا بەخت - سائادەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ. كۈنلەر، ئايلار ئۆتۈپتۇ، مەلىكە ئايتىللانىڭ ئاي - كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، شاھزادە رەۋەيدۇللا مەلىكە ئايتىللانىڭ ئارغىمىقىنى مىنىپ، قىرىق يىگىت بىلەن ئوۋغا چىقىپ كېتىپتۇ. ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي مەلىكىنىڭ ۋاقتى سائىتى توشۇپ كۆزى يورۇپتۇ، ئۇ شۇنداق قوشكېزەك پەرزەنت كۆرۈپتۇكى، بىرى ئالتۇن باشلىق ئوغۇل، بىرى ئۈنچە چىشلىق قىز ئىكەن. قەمتۇر شاھ نەۋرىلىرىدىن سۆيۈنۈپتۇ، ئوغلىنى ئايالنىڭ تۇغقانلىقىدىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن، قولىغا قەلەم ئېلىپ تۆۋەندىكى خەتنى يېزىپتۇ: >ئوغلۇم رەۋەيدۇللا، ئوۋ قىلىپ ھېرىپ - چارچاپ يۈرگەن چېغىڭدا ساڭا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ سېنى خۇشال قىلاي: ئايالىڭ سەن سەپەرگە ئاتلىنىپ ئارىدىن ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئالتۇن باشلىق بىر ئوغۇل، ئۈنچە چىشلىق بىر قىز تۇغدى. ئادەم ئاتام، ھاۋا ئانامدىن تارتىپ ھازىرغىچە بۇنداق ساھىپجامال پەرزەنتلەر يەر يۈزىدە ھېچقانداق ئانىدىن تۇغۇلغان ئەمەس ئىدى. خۇدايىم بىزگە شۇنداق پەرزەنتنى ئاتا قىلدى. ئەمدى بىز ئۆلۈپ كەتسەكمۇ، چىرىغىمىز ئۆچمەيدىغان بولدى. سېنىڭ ئوۋدىن دەرھال قايتىپ كېلىپ، پەرزەنتلىرىڭنىڭ مۇبارەك دىدارىنى كۆرۈشۈڭنى ئەمىد قىلىمەن!< پادىشاھ خەتنى يېزىپ بولۇپ، ئۆز ئىسمىنىڭ ئۈستىگە مۆھۈرىنى بېسىپ، ۋەزىر خوجاباقى ئارقىلىق شاھزادە رەۋەيدۇللاغا ئەۋەتىپتۇ. ئەمدى گەپنى جادۇگەر ھىمدىن ئاڭلايلى: جادۇگەر ھىم دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدا قالغاندىن كېيىن، بىر كېمە ياساشقا كىرىشىپتۇ. كېمىسى پۈتكەندىن كېيىن، دېڭىزنىڭ بۇ قېتىغا ئۆتۈپتۇ. مەلىكە ئايتىللانىڭ قايسى تەرەپكە كەتكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن قۇرئىسىگە قاراپتۇ. قۇرئىدە مەلىكە ئايتىللانىڭ شاھزادە رەۋەيدۇللا بىلەن توي قىلغانلىقى، ھازىرقى پەيتتە ئالتۇن باشلىق ئوغۇل بىلەن ئۈنچە چىشلىق قىز تۇغقانلىقى كۆرۈنۈپتۇ. بۇنىڭدىن جادۇگەر ھىم قاتتىق غەزەپلىنىپ چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقانىكەن، ئاغزىدىن ئوت ئۇچقۇنلىرى چاقناپ چىقىپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئۆزىگە ھاي بېرىپ، قۇرئىسىگە يەنە قاراپتۇ. قۇرئىدە مەلىكە ئايتىللانىڭ تەۋەللۇت قىلغانلىق خەۋىرىنى ئېلىپ بىر كىشىنىڭ ئۆزى تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپتۇ. بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ، قاقاھلاپ كۈلگىنىدە ئۇنىڭ سەت ئاۋازى ئەتراپقا ئەنسىزلىك سېلىپ تاراپ كېتىپتۇ. جادۇگەر ھىم خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتقان كىشىنى قىلتاققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھىيلە - مىكىر ئويلاشقا كىرىشىپتۇ. كۆپ ئۆتمەي ۋەزىر خوجاباقى بۇ يەرگە يېتىپ كەپتۇ. جادۇگەر ھىم ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا ياۋاش، مۇلايىم بىر دېھقان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئەھۋال سوراپتۇ: - سىز كىم بولىسىز؟ قايسى تەرەپتىن كېلىۋاتىسىز؟ خوجاباقى بۇ يالغان ئىلتىپاتتىن ئېرىپ كېتىپ: - مەن قەمتۇر شاھنىڭ ۋەزىرى خوجاباقى بولىمەن. قوش چوققا شەھىرىدىن كېلىۋاتىمەن، - دەپتۇ. - مۇبارەت قەدىمىڭىز نەگە ئىكىن؟ - قەمتۇر شاھنىڭ شاھزادىسى رەۋەيدۇللانى ئىزدەپ كېلىۋاتىمەن. - ئۇ شاھزادە نەدىكىن؟ - ئۇ شاھزادە قىرىق كۈنلۈك ئوۋغا چىقىپ كەتكەنىدى. - ئۇنى ئىزدەپ ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ ئوۋنى تۈگىتىپ قايتىپ بارمامدۇ؟ - ئۇغۇ شۇنداق بولاتتى. ھازىر ئۇنىڭغا يەتكۈزىدىغان مۇھىم خەۋەر بار ئىدى. - خەۋەرنى كەمىنىلىرى ئۇقسىمۇ بولامدۇ؟ - بولىدۇ. باشقا ئىش ئەمەس. ئۇ جانابنىڭ مەلىكىسى ئالتۇن باشلىق ئوغۇل، ئۈنچە چىشلىق قىز تۇغقانىدى. پادىشاھىمىز ئۇنىڭغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن خەت ئەۋەتتى. جادۇگەر ھىم تۈلكىدەك ھىجىيىپ: - خاسىيەتلىك خۇش خەۋەر ئىكەن. شاھزادىنىڭ ئالتۇن باشلىق ئوغۇل، ئۈنچە چىشلىق قىز پەرزەنت كۆرگەنلىكى مۇبارەك بولسۇن! - دەپتۇ. - قۇللۇق! - دەپتۇ خوجاباقى. - كۆپ يول يۈرۈپ، ھېرىپ كېتىپسىز، - دەپتۇ جادۇگەر ھىم ۋەزىرگە، - ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتتى. ئۆيۈمگە چۈشۈپ چاي - پاي ئىچىپ، ئارام ئېلىپ ئۆتەرسىزمىكىن؟! - بولىدۇ، - دەپ ماقۇللۇق بىلدۈرۈپتۇ جوجاباقى. جادۇگەر ھىم خوجاباقىنى ئۆيگە باشلاپتۇ. خوجاباقىمۇ شۇ چۆلدە مۇشۇنداق بىر كىشىگە يولۇققانلىقىدىن خۇشال بوپتۇ. جادۇگەر ھىم ئالدى بىلەن مۇزدەك سوغۇق قوغۇن - تاۋۇزلارنى پىچىپتۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن تاماق ھازىرلاپ كىرىپتۇ. ئۇنىڭغا ئۇخلىتىدىغان دورا ئارىلاشتۇرۇپ قويغانىكەن. خوجاباقى بۇنى ئۇقماي تاماقنى راھەتلىنىپ تويغۇچە يەپتۇ. ئارقىدىنلا مەست بولغان كىشىدەك بېشىنى كۆتۈرەلمەي ئۇخلاپ كېتىپتۇ. جادۇگەر ھىم خوقاباقىنىڭ خەتدانىدىن پادىشاھ يازغان خەتنى ئېلىپ ئۇقۇپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ جادۇگەرلىك ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ خەتنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئەكسىچە قىلىپ تۆۋەندىكى خەتنى يېزىپتۇ: >ئوغلۇم رەۋەيدۇللا! چۆل - جەزىرىلەردە، ئورمانلاردا ئوۋ قىلىپ يۈرۈپ ھېرىپ - چارچىغانسەن. بۇ خەت ئارقىلىق سېنىڭدىن ھال سورايمەن ۋە ساڭا بىر خەۋەرنى يەتكۈزمەكچىمەن. ئۇ بولسىمۇ، سەن كېتىپ ئون كۈندىن كېيىن، مەلىكەڭنىڭ كۆزى يورىدى. ساڭا مالال كەلمىسۇن، راستىنى ئېيتسام مەلىكەڭ توڭگۇز باشلىق بىر ئوغۇل، ئىت باشلىق بىر قىز تۇغدى. بۇنداق پەرزەنتلەر ئادەم ئاتام، ھاۋا ئانامدىن بېرى دۇنيا يۈزىگە تۇغۇلۇپ باققان ئەمەس. مەلىكەڭ بىزنىڭ پادىشاھلىق سەلتەنىتىمىزنىڭ ئار - نومۇسىنى يەرگە ئۇردى. بۇنى ئەل - جامائەتتىن شۇنچە پىنھان تۇتۇشقا ھەرىكەت قىلساقمۇ، شەھەرگە پۇر بولۇپ تاراپ كەتتى. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك، ھەر كۈنى شەھەر خەلقىدىن پادىشاھىمىزنىڭ بۇ نەۋرىلىرىدىن خەلققە بالايى - ئاپەت كېلىدۇ، پادىشاھ ئۇلارنى دەرھال ئۆلتۈرۈۋەتمىسە بۇ شەھەردە تۇرمايمىز، دېگەن ئەرز ۋە تەلەپلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي كەلمەكتە. خەت قولۇڭغا تەگكەن ھامان قانداق قىلىش توغرىسىدا تېز خەۋەر بەرگەيسەن!< جادۇگەر ھىم خەتنى قاتلاپ، پەم بىلەن خوجاباقىنىڭ خەتدانىغا سېلىپ قويۇپتۇ. خوجاباقى بىر ھازا ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن، جادۇگەر ھىمگە رەھمەت ئېيتىپ يولىغا راۋان بوپتۇ. ئۇ ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ شاھزادە رەۋەيدۇللا بارىگاھ قۇرۇپ ئارام ئېلىۋاتقان جايغا كەپتۇ. خوجاباقى شاھزادە بىلەن سالاملىشىپ، تىنچ - ئامانلىق سورىشىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى يەتكۈزۈپ شاھزادىنى خاتىرجەملەندۈرگەندىن كېيىن، خەتنى بېرىپتۇ. شاھزادە خەتنى ئېلىپ ئوقۇپ، ئۆز كۆزىگە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەپتۇ. شۇ ۋەجىدىن قايتا - قايتا ئوقۇپتۇ. بۇ خەتتىن گۇمانلانغۇدەك ھېچ نەرسىنى سېزەلمەي قاپتۇ. >خۇدايىم ئۆز قۇدرىتى بىلەن ماڭا ئاشۇ پەرزەنتلىرىنى ئاتا قىلغان ئوخشايدۇ< دەپ كۆڭلى يېرىم، روھى چۈشكۈن بولۇپ خوجا باقىدىن قايتا ئەھۋال سوراشتۇرمايلا، قولىغا قەلەم ئېلىپ تۆۋەندىكى خەتنى يېزىپتۇ: >ھۆرمەتلىك قەمتۇر شاھ ئاتا! مۇبارەك قولىڭىز بىلەن يازغان نامىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. سىزنىڭ سالامەت تۇرغانلىقىڭىزنى ئۇقۇپ خۇشاللاندىم. خەتتە ئايالىمنىڭ تۇڭگۇز باشلىق بىر ئوغۇل بىلەن ئىت باشلىق قىز تۇغقانلىقىنى يېزىپسىز، خۇدايىم ماڭا شۇنداق پەرزەنتلەرنى ئاتا قىپتۇ. شۈكرى قىلماي بولمايدۇ. خالايىق تاپا - تەنە قىلسا چىداپ، غوۋغا قىلسا توسۇپ، خەت بارغىچە ئۇلارنى مەخپىي جايدا ساقلاپ تۇرۇشىڭىزنى، ئايالىمغا ھېچقانداق ئازار بەرمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن ھەر قانداق ئىش بولسا، مەسلىھەتلىشىپ قىلارمىز.< شاھزادە خەتنى خوجا باقىغا بېرىپ، پادىشاھقا دەرھال يەتكۈزۈپ بېرىشنى بۇيرۇپتۇ. خوجا باقى شاھزادە قېشىدا ئاراممۇ ئالماستىن دەرھال يولغا چىقىپتۇ. ھېرىپ - ئاچقان چاغدا جادۇگەر ھىمنىڭ تۇرار جايىغا يېتىپ كەپتۇ. جادۇگەر ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋاپتۇ. تاماققا ئۇخلىتىدىغان دورا قوشۇپ بېرىپ قاتتىق ئۇخلىتىۋېتىپتۇ. جادۇگەر خوجا باقىنىڭ خەتدانىدىكى خەتنى پەم بىلەن ئېلىپ ئوقۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئەكسىچە بولغان تۆۋەندىكى خەتنى يېزىپتۇ: >ھۆرمەتلىك قەمتۇر شاھ دادا! مۇبارەك قولىڭىز بىلەن يازغان نامىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. سىزنىڭ سالامەت تۇرغانلىقىڭىزنى ئۇقۇپ خۇشاللاندىم. خەتتە ئايالىمنىڭ تۇڭگۇز باشلىق بىر ئوغۇل بىلەن ئىت باشلىق قىز تۇغقانلىقىنى يېزىپسىز، مۇنداق غەلىتە سۈپەتلىك بالىلار دۇنيادا بىرەر ئانىدىن تۇغۇلۇپ باققىنى يوق. بۇ بەلكىم يامانلىقنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار تىرىك يۈرسە پادىشاھلىقىڭىزغا قەسىت قىلىدۇ، يۇرتىمىز خانىۋەيران بولىدۇ. ئۇلارنى ئوردا ئىچىدە مىنۇت - سېكۇنت ساقلاپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى كۆزدىن يوقىتىش لازىم. ئۆلتۈرۈشكە كۆزىڭىز قىيمىسا ئانا بىلەن بالىلارنى بىر چامبۇل ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ، چەمبەرچەس باغلاپ ئىنسان ئايىغى يەتمىگەن چۆلگە پالىۋېتىڭ، شۇ يەردە قاغا - قۇزغۇنلارغا يەم بولسۇن. مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلمىسىڭىز، بىز تىرىك كۆرۈشمەيمىز.< خەتنى ئۆز ئەينى پۈكلەپ ۋەزىرنىڭ خەتدانىغا سېلىپ قويۇپتۇ. ۋەزىر ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، جادۇگەرگە ئېيتىپ يولغا راۋان بوپتۇ، ئۇزۇن يول يۈرۈپ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ، ھېرىپ - چارچاپ ھالى قالمىغان بىر چاغدا قوش چوققا شەھىرىگە يېنىپ كەپتۇ. دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، سالام - تەزىم قىلىپ بولۇپ، >شاھزادىنىڭ خېتى< نى تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. پادىشاھ خەتنى ئوقۇپ چىقىپ، بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي قايتا - قايتا كۆز يۈگۈرتۈپتۇ. >ئوغلۇم ساراڭ بولۇپ قالدىمۇ - يە؟< دەپ ئويلاپتۇ. ھەيران قېلىپ خوجا باقىدىن: - ئوغلۇمنىڭ ئۆزى ساقمىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ. - شاھزادىڭىز قېشىڭىزدا تۇرغاندەك ساق - سالامەت، ئوبدان تۇرۇپتۇ پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ خوجا باقى. - نامىنى قاچان يازدى؟ - سىزنىڭ مۇبارەك نامىڭىزنى ئېچىپ ئوقۇپ، كەينىدىنلا بۇ نامنى يازدى ۋە دەرھال سىزگە يەتكۈزۈشۈمنى بۇيرىدى. پادىشاھ باشقا گەپ قىلماپتۇ. ئوغلىنىڭ خېتىدىن ئاچچىقلىنىپ كەيپى بۇزۇلۇپتۇ. ئوغلىنىڭ >دېگىنى< دەك قىلمىسا، خەتنىڭ ئاخىرىدىكى >بىز تىرىك كۆرۈشمەيمىز< دېگەن سۆزدىن قورقۇپتۇ. ئارزۇلۇق بالىسىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خىزمەتچىلەر شەھەرنى ئاختۇرۇپ، چامبۇل ئىشكە ئىزدەپ يۈرگىنىدە جادۇگەر ھىم چامبۇل ئېشەككە ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بوپتۇ. خىزمەتچىلەر ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، ئالدىغا سېلىپ ھەيدەپ ئوردىغا ئېلىپ كەپتۇ. مەلىكە ئايتىللا بىلەن ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى چامبۇل ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ، چەمبەرچەس باغلاپ، چۆل - باياۋانغا ھەيدىۋېتىپتۇ. قەمتۇر شاھ ئۇلارنىڭ كەينىدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ قان - زار يىغلاپ قاپتۇ. مەلىكە ئايتىللا بۇ تەقدىرگە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي ھەيران بولۇپتۇ. ھوشىنى يىغىپ ئەتراپىغا قارىسا، ئىنسان ئايىقى تەگمىگەن چۆل - باياۋاندا كېتىپ بېرىپتۇ. پۇت - قولىنى ئازادە قىلالماي بوغۇلۇپتۇ. >ۋاي شور پىشانەم!< دەپ زار قاقشاپ يىغلاپتۇ. ياشلىرى ئېقىپ تۈگەپ، مادارىمۇ قالماپتۇ. ئۇ غەزەپلىنىپ مۇنۇ قوشاقنى ئېيتىپ مېڭىپتۇ: تەگدىم دېسەم شاھزادىگە، جادۇگەرگە تەگمەي قېچىپ. تېگىپتىمەن، ئەمدى بىلدىم، بىر نامەردكە بىلمەي قېلىپ. ئالتۇن باشلىق، ئۈنچە چىشلىق - پەرزەنت تۇغۇپ بەرسەم ئاڭا. رەھمەت ئېيتىش ئورنىغا ئۇ، بۇ قىسمەتنى سالدى ماڭا. جادۇگەرگە تەگكەن بولسام، ئۇندا شۇنداپ پەرزەنت تۇغسام. بۇ كۈنلەرگە قالماس ئىدىم، نەدە داۋا ھەسرەت يۇتسام. كۆرەر كۈنۈم مۇشۇ ئىكەن، ماڭسام پۇتقا كىردى تىكەن، ھەر بىر كويغا سالىدىكەن. پۈتۈلگەن شۇم تەقدىر دېگەن. جادۇگەر ھىم مەلىكە ئايتىللا ئېيتقان بۇ قوشاقلارنى ئاڭلاپ ئىچىدە خۇشال بولۇپ، ئاياقلىرىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، سۇسىز، ئوت - گىياھسىز بىپايان بىر چۆلگە كەپتۇ. مەلىكە ئايتىللا بىلەن بالىلىرىنى چۈشۈرۈپ، ئۆزى بىر دومىلاپلا ئۆز ئەكسىگە كەپتۇ، مەلىكە ئايتىللا ئۇنى كۆرۈپ چۆچۈپتۇ ھەم ئۇنىڭغا بولغان غەزەپ - نەپرىتى تېشىپتۇ، جادۇگەر خۇشاللىقىدىن قاقاقلاپ كۈلۈپتۇ. كۈلگەندە ئاغزى كاماردەك ئېچىلىپ، ھىڭگاڭ چىشلىرى تېشىغا چىقىپتۇ، ئۇ مەلىكىگە قاراپ: - مەن ئاتاڭنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، سېنى خوتۇنلۇققا ئالغانىدىم. سەن ئاتاڭنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىپ قاچتىڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا ئەرگە تېگىپ، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك تېخى بالىلىقمۇ بولۇپ كەتتىڭ. بۇرۇن بىر بولساڭ ئەمدى ئۈچ بولۇپ قولۇمغا چۈشتۈڭ، مەن ھازىر سېنى يەيمەن، - دەپتۇ. مەلىكە ئۆز ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش كۆيىدا ياۋاش - مۇلايىم بولۇپ: - سېنىڭ دېگەنلىرىڭ راست. مېنى يېسەڭمۇ يېگىن، لېكىن بىر تەلىپىم بار. شۇنى ئورۇنداپ بەرسەڭ، سېنىڭدىن مەڭگۈ رازى بولاتتىم، - دەپتۇ. جادۇگەر ھىم >تەلىپىنى ئاڭلاپ باقسام باقاي< دەپ ئويلاپ: - نېمىنى تەلەپ قىلىسەن، ئېيتىپ باق، - دەپتۇ. - بىر قانچە كۈندىن بېرى بالىلىرىم ئالدى - كەينىمگە تېڭىقلىق تۇرۇپ كىيىملىرىمگە تەرەت قىلىۋەتتى، بالىلىرىم ھۆلچىلىك ئىچىدە قالدى. سەن ئوت قالاپ بەرسەڭ، مەن ئۇلارنى ئوتقا قاقلاپ ئىسسىتىپ، كىيىملىرىنى قۇرۇتۇپ، ئانىلىق مىھرىمنى ئاخىرقى نەپىسىمدە ئادا قىلىپ قويسام، دەيمەن. جادۇگەر: >بۇ ئاددىي تەلەپ ئىكەنغۇ، ئوت قالاپ بەرسەم بېرەي، گۆشلىرىنى بەلكىم كاۋاپ قىلىپ يەرمەن< دەپ ئويلاپ: - ماقۇل، ئوت قالاپ بېرەي، - دەپتۇ. مەلىكە ئايتىللا جادۇگەر ھىمنىڭ ئاسانلا ئەيۋەشكە كەلگەنلىكىدىن خۇشال بولۇپتۇ، جادۇگەر ھىم بىردەمنىڭ ئىچىدىلا بىر دۆۋە ئوتۇن يىغىپ، ئوت يېقىپتۇ. مەلىكە ئايتىللا بالىلىرىنى ئوتقا قاقلاپ ئىسسىتىپتۇ. شاھزادە رەۋەيدۇللا مەلىكىنڭ ئېتىنى مىنىپ ئوۋغا ماڭغاندا، ئات مەلىكىگە: >بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە ئوتقا سالساڭ ھازىر بولىمەن< دەپ بىر تال تۈكىنى بەرگەنىكەن. مەلىكە ئايتىللا جادۇگەرنىڭ بىخەستە تۇرغان پەيتىدە تۈكنى ئوتقا تاشلاپتۇ. ئات شۇئانلا پەيدا بولۇپ، جادۇگەر بىلەن ئېلىشقىلى باشلاپتۇ. ئېلىشىش ئۈچ كېچە - كۈندۈز داۋاملىشىپتۇ. جادۇگەر ھىم ئاتنى يېڭەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، سېھرىي كۈچ بىلەن بىر چوڭقۇر قۇدۇق پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئاتنى قۇدۇق ئىچىگە چۈشۈرۈپ، ھالاك قىلىشنى ئويلىغانىكەن. ئات مەلىكىگە: - مەن قۇدۇققا چۈشۈپ، جادۇگەرنى يوقاتمىسام، ئۇ ھامان ئىككىمىزگە كۈن بەرمەيدۇ. مەن ھازىر قۇدۇققا چۈشىمەن، سۇنىڭ يۈزىگە قىزىل قان، ئاق كۆپۈك پەيدا بولسا مېنى ھالاك بوقپتۇ دېگىن ھەم مېنىڭدىن رازى بولغىن. مۇبادا سۇنىڭ يۈزىگە قارا قان، قارا كۆيۈك پەيدا بولسا، شۇم جادۇگەر ھالاك بوپتۇ، دەپ خۇشال بولغىن، - دەپتۇ. مەلىكە بۇنىڭغا ماقۇل بوپتۇ. ئات قۇدۇققا كىرىپ كېتىپتۇ. مەلىكە قۇدۇق بېشىدا ئاتقا نۇسرەت تىلەپ قاپتۇ. ئۇ پات - پات قۇدۇققا قاراپتۇ. سۇ يۈزىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش كۆرۈنمەپتۇ. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن سۇنىڭ يۈزىگە قىزىل قان، ئاق كۆپۈك چىقىشقا باشلاپتۇ. مەلىكە بۇنى كۆرۈپ: >ئات ھالاك بوپتۇ، جادۇگەر ئەمدى بىزنى نېمە قىلار؟< دەپ قايغۇرۇپتۇ. مەلىكىنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلۈپ، قۇدۇق ئىچىگە چۈشۈپتۇ. بۇ چاغدا ئاتنىڭ كۈچى جادۇگەرگە يەتمەي، ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرغانىكەن. ئۇ مەلىكىنىڭ قۇدۇق ئىچىگە تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرىدىن غەيرەت - شىجائەتكە كېلىپ، جادۇگەرنىڭ بېشىغا بار كۈچى بىلەن بىرنى تەپكەنىكەن. ئۇنىڭ بېشىنىڭ قېتىقىنى چۇۋۇۋېتىپتۇ. جادۇگەر جان ئاچچىقىدا، بىر قېتىم دەھشەتلىك چىرقىراپ ئۆلۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سۇ يۈزىدىكى قىزىل قان، ئاق كۆپۈكلەر ئورنىغا قارا قان، قارا كۆپۈكلەر چىقىشقا باشلاپتۇ، مەلىكە بۇنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن چاۋاك چېلىپ، سەكرەپ كېتىپتۇ، ئات مەلىكىنىڭ ئالدىغا چىقىپ تەزىم قىپتۇ. مەلىكە قارىسا، ئاتنىڭ بەدىنىدە ساق يېرى يوق ئىكەن، شۇڭا ئۇ ئۆز ھىمايىچىسىگە ھۆرمەت بىلەن تازىم قىلىپ: - سەن بولمىغان بولساڭ، جادۇگەر مېنى ھەم بالىلىرىمنى يالماپ يۇتقان بولاتتى. مەن ساڭا ھازىر نېمە دەپ رەھمەت ئېيتسام بولار؟! - دەپتۇ. - سەن بولمىغان بولساڭ، جادۇگەر مېنى ھالاك قىلغان بولاتتى، مەن ساڭا رەھمەت ئېيتسام بولىدۇ، - دەپتۇ ئات. - بۇ قانداق گەپ، مېنىڭ ساڭا قانداق مەدىتىم تەگدى؟ - دەپ سوراپتۇ مەلىكە. - ئۇنداق دېمە، مەن جادۇگەردىن يېڭىلىپ قالاي دېگەن چاغدا سېنىڭ قۇدۇققا تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرىڭ ماڭا مەدەت بەردى، - دەپتۇ ئات. جادۇگەر يوقىتىلغاندىن كېيىن ئۇلار خۇشال ھەم خاتىرجەم بولۇپتۇ. شۇ چاغدا ئۇلار ئۆزلىرىگە ھاردۇق يەتكەنلىكىنى، قورساقلىرى ئېچىپ چاڭقاپ كەتكەنلىكلىرىنى ھېس قىلىشىپتۇ. قۇرساقلىرى ئېچىپ چاڭقاپ كەتكەنلىكلىرىنى ھېس قىلىشىپتۇ. بىراق بۇ ئەتراپتىن يېگۈدەك ۋە ئىچكۈدەك نەرسىلەرنى تېپىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەسكەن، شۇڭا ئات مەلىكىگە: - بىزنىڭ بۇ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈن بىرلا چارە بار. ئەگەر سەن شۇنىڭغا ماقۇل بولمىساڭ، ھەممىمىز ئاچلىقتىن، ئۇسسۇزلۇقتىن ھالاك بولىمىز، - دەپتۇ. - ئېيتە ئاڭلاپ باقاي، - دەپتۇ مەلىكە. - مېنى ھازىر ئۆلتۈرىسەن، تۆت پۇتۇمنى تۆت تەرەپكە قويىسەن. ئۈچىيىم قانچىلىك يەرگە يەتسە، شۇنچىلىك يەرگە يايىسەن، سەن بالىلىرىڭ بىلەن تۆت پۇتۇمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلايسەن، بېشىمنى شىمال تەرەپكە قويىسەن، - دەپتۇ ئات. مەلىكە ئاتنىڭ دېگىنىنى قىلىشقا ۋىجدانى چىدىماي، كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ: - سەن مېنى جادۇگەرنىڭ قولىدىن تۆت قېتىم قۇتۇلدۇردۇڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق. بالىلىرىم بىلەن ئۆلۈشكە رازىمەنكى، سېنى ئۆلتۈرمەيمەن، - دەپتۇ مەلىكە. - سەن مېنىڭ دېگىنىمنى قورقماي قىلىۋەرگىن. مەن روھتەن. يۈز پارچە قىلىۋەتسەڭمۇ ئۆلمەيمەن، پەقەت ئۇسسۇزلۇقتىنلا ئۆلىمەن، - دەپتۇ ئات. - مېنى ئۆلتۈرۈپ، مەن بۇيرۇغان ئىشنى قىلساڭ، ياتقان يېرىڭدە تۆت دەرۋازىلىق بىر شەھەر پەيدا بولىدۇ. ئوتتۇرىسىدا بىر چارىباغ، ئۇنىڭ ئىچىدە كۆل بولۇپ، مەن ئۇنىڭدا ئوتلاپ يۈرۈيمەن. يېيىپ قويۇلغان ئۈچىيىمنىڭ ئورنىدا بىر ئېقىن ئاقىدۇ. بېشىم تۇرغان يەردە بىر تاغ پەيدا بولىدۇ. بۇ تاغ شەھەرگە باستۇرۇپ كېلىدىغان ياۋنىڭ يولىنى توسۇپ تۇرىدۇ. بىز بۇ شەھەردە ئۆمۈرۋايەت ئارامخۇدا ياشايمىز. مەلىكە شۇندىلا ئاتنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپتۇ. كېيىن ئىشلارنى ئات تاپشۇرغاندەك قىلىپتۇ. ئۇخلاپ ئويغانسا، راستىنلا ئات دېگەندەك تۆت دەرۋازىلىق شەھەر، چارىباغ، سۈزۈك كۆل، ئېقىن سۇ، ھەيۋەتلىك تاغ قاتارلىقلار پەيدا بولۇپتۇ. ئات بىلەن مەلىكە ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بۇ شەھەردە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ. بۇ جەريانىدا ئات مەلىكىگە بۇ كۈلپەت بىلەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسى جادۇگەر ھىمدىن كەلگەنلىكىنى، شاھزادىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، شاھزادىدىن ئاغرىنماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلىپتۇ. بۇنى بىلگەن مەلىكە ئايتىللا شۇنىڭدىن باشلاپ، شاھزادە رەۋەيدۇللانى ئەسلەپ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتى قايتىدىن قوزغىلىپ، جەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئەمدى گەپنى قەمتۇر شاھ بىلەن رەۋەيدۇللادىن ئاڭلايلى: قەمتۇر شاھ شاھزادىنىڭ >خېتى< تۈپەيلىدىن كېلىنى بىلەن نەۋرىلىرىنى باياۋانغا پالىغاندىن كېيىن، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، كېچە - كۈندۈز ياش تۆكۈپ، ھەسرەت چېكىپ، ئاخىرى كېسەل بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. پۇقرالىرى >پادىشاھنىڭ كۆڭلى كۈيىدىنمۇ قارا ئىكەن، كېلىنى بىلەن نەۋرىلىرىگە قىلچە رەھىمى كەلمىدى. ئۇلارغا رەھىم قىلمىغاندىن كېيىن ھېچ كىشىگە رەھىم قىلمايدىكەن< دەپ سۆز - چۆچەك قىلىشىپتۇ. ۋىجدانى بەكرەك قاينىغان بەزى كىشىلەر >بۇ يۇرتتا تۇرغىچە بىرەر ئادىل پادىشاھنىڭ قۇلى بولغان ياخشى< دېيىشىپ، باشلىرىنى ئېلىپ ياقا - يۇرتلارغا چىقىپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، يۇرت ئىچىدە سورۇقچىلىق باشلىنىپتۇ. مانا مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە شاھزادە رەۋەيدۇللا خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرگە شىكاردىن قايتىپ كەپتۇ. ئۇ ئالدى بىلەن دادىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بەجا كەلتۈرۈپ، ھال - ئەھۋال سوراپتۇ. پادىشاھ شاھزادىگە: - بالام، مەن سېنىڭ بۇ نامەڭدىن ئاغرىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدىم، - دەپتۇ. - ئەي ئۇلۇغ پاسىبانىم دادا! سىزگە مېنىڭ نېمە زىيىنىم تەگدى؟ - قىلغان ئىشىڭنى بىلمەمسىنا؟! - ياق، بىلمەيمەن. - دۇنيادا شۇنداقمۇ قىزىل كۆزلۈك بۇلامدۇ؟ مەلىكەڭ بىلەن پەرزەنتلىرىڭگە قىلغان ۋاپاسىزلىقچۇ؟! - مەن ئۇلارغا نېمە ۋاپاسىزلىق قىلىپتىمەن؟ - قارا، دېگەن گېپىنى! سەن ئۇلارنى باياۋانغا پالىۋېتىش توغرىسىدا خەت يېزىپ، ئەمدى بىلمەس بولۇۋالامسەن؟! - مەن ئۇنداق خەت يازمىدىم، ئۇلار قېنى؟ - ئۇلارنى ئاللىقاچان چۆل - باياۋانغا پالىۋەتتۇق. - نېمە؟ - شاھزادە ھوش - كاللىسىنى يوقىتىپ، ئەھۋالىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي، ئورنىدا قوزۇقتەك تۇرۇپ قاپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا يېزىلغان خەتلەرنى بېرىپتۇ. شاھزادە خەتلەرنى ئېچىپ ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇنداق خەت يازمىغانلىقىنى ئېيتىپ ھەيران قاپتۇ. خەتنىڭ شەكلى ئۆزىنىڭ خېتى بىلەن ئوخشاش ئىدى. خەتكە بېسىلغان مۆھۈرمۇ ئۆزىنىڭكى ئىدى. بۇنىڭدا نېمە سىرنىڭ بارلىقىنى بىلەلمەي مەڭدە قاپتۇ. ئۇ ئاخىرى ھوشىنى يىغىپ، دادىسى ئۆزىگە ئەۋەتكەن >خەت< نى ھۆرمەت بىلەن سۇنۇپتۇ. پادىشاھ خەتنى ئېچىپ كۆرسە، ئۆزى ئۇنداق خەت يازمىغان، يازمىدىممىكىن دېسە، خەت ئۆزىنىڭ خېتىگە ئوخشايدۇ، مۆھۈرلىرىمۇ ئۆزىنىڭكى. پادىشاھ بۇنىڭدا نېمە سىر بارلىقىنى بىلمەي مەڭدەپ قاپتۇ. ئۇ ھوشىنى يىغىپ ئۆزى يازغان نامىلەرنىڭ مەزمۇنىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. شاھزادىمۇ شۇنداق قىلىپتۇ. پادىشاھ بىلەن شاھزادە بۇ دۈشمەنلىكنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلەلمەي غەزەپلىنىپتۇ. ئۇلار غەزەپنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، بۇ سىرنى يېشىش قارارىغا كېلىپتۇ. شاھزادە پادىشاھقا مۇنداق دەپتۇ: - ئەي ئۇلۇغ پاسىبانىم دادا، بۇ سىرنى يېشىش ئۈچۈن سىز بۇ يەردە قېلىڭ، مەن ئۇلارنى ئىزدەپ تاپاي، ئۇلار چۆلدە قاغا - قۇزغۇنغا يەم بولۇپ كەتمىسۇن. - بولىدۇ بالام، - دەپتۇ قەمتۇر شاھ، - ئۇلارنى ۋاقتىدا تېپىپ كەلگىن، بولمىسا يۇرتىمىز خانىۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. شاھزادە رەۋەيدۇللا يول تەييارلىقىغا كىرىشىپتۇ. ئۇ كىيىدىغانغا تۆمۈر كەش، تايىنىدىانغا تۆمۈر ھاسا، يەيدىغانغا بىر تۇلۇم ئوزۇق تالقان راسلاپتۇ. يولغا چىقىدىغان چېىغدا قەمتۇر شاھ دۇئا بېرىپتۇ. ئۇ يولغا چىقىپ كېتىپتۇ. ناھايىتى كۆپ يول يۈرۈپتۇ. يولنى كۆپ يۈرگەنلىكتىن تۆمۈر كەشلەر تېشىلىپ، تۆمۈر ھاسىسى چىۋىقتەك ئېگىلىپ كېتىپتۇ. ئاخىرى بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قاپتۇ. جاپا - مۇشەققەتنىڭ دەستىدىن چاچ - ساقاللىرى ئاقىرىپ، بەللىرى مۈكچىيىپ، بىر بوۋاي ھالىتىگە كىرىپ قاپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئىرادىسىدىن يانماپتۇ. ئۇ بىر چۆل - جەزىرىدە كېتىپ بارغىىدا، شىمال تەرەپتە بىر ئېگىز تاغنىڭ قارىسى كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ شۇ تەرەپكە قاراپ يول ئاپتۇ. ئاخىرىدا مەلىكە ئايتىللا تۇرغان شەھەر دائىرىسىگە يېتىپ كەپتۇ. ئەمدى گەپنى مەلىكە بىلەن ئاتتىن ئاڭلايلى: - شاھزادىنىڭ بۇ شەھەر دائىرىسىگە يېتىپ كەلگەنلىكى ئاتقا ئايان بولۇپتۇ. ئۇ مەلىكە ئايتىللاغا مۇنداق دەپتۇ: - بۈگۈن شاھزادە رەۋەيدۇللا سىلەرنى ئىزدەپ شەھىرىمىزگە يېتىپ كەلدى. سىلەرنىڭ شاد - خۇرام ئۇچرىشىپ، جەم بولىدىغان ۋاقتىڭلار كېلىپ قالدى. مېنىڭچە، ئۇچرىشىش مۇنداق بولسۇن: بالىلار شاھزادە كېلىدىغان يول ئۈستىدە تال چىۋىقنى ئات قىلىپ ئويناپ يۈرسۇن. شاھزادە بۇ يەرگە تۆشۈك تۆمۈر كەش كىيگەن، چىۋىقتەك ئېگىلىپ كەتكەن تۆمۈر ھاسا تۇتقان، ئاق ساقال دۈمچەك بىر بوۋاي ھالىتىدە يېتىپ كېلىدۇ. مەلىكە ئايتىللا شاھزادە بىلەن قانداق ئۇچرىشىش توغرىسىدا ئويلىنىپتۇ. ئاۋۋال بالىلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش، شاھزادىنىڭ سورايدىغان سۇئاللىرى، بالىلىرىنىڭ بېرىدىغان جاۋابلىرىغىچە ھەممىنى پەرەز قىلىپ مۆلچەرلەپ بالىلىرىغا ئۆگىتىپتۇ. بالىلار تاشقىرىدا تال چىۋىقنى ئات قىلىپ ئويناپ يۈرگەن چاغدا، ھاسا تايانغان بىر بوۋاي كېلىپتۇ. بالىلار بوۋايغا سالام بېرىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ. - سىلەر كىمنىڭ بالىلىرى؟ - دەپ سوراپتۇ شاھزادە. - بىز ئانىمىزنىڭ بالىلىرى. شاھزادە بالىلارنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ زوقى كېلىپتۇ ۋە يۈرىكى بىر نېمىنى تۇيغاندەك سېزىم پەيدا بولۇپتۇ. - مېنى ئاناڭلارنىڭ قېشىغا باشلاپ بېرىڭلار، بالىلىرىم، ماقۇلمۇ؟ - ماقۇل، بوۋا. سىز كىچىككىنە تۇرۇپتۇرۇڭ، بىز ئېتىمىزنى سۇغىرىۋالايلى، - دەپتۇ بالىلار. - ئەخمەق بالىلار، تال چىۋىقمۇ سۇ ئىچەمدۇ؟ - ھەي ئەخمەق بوۋا، ئادەم تۇڭگۇز باشلىق ئوغۇل، ئىت باشلىق قىز تۇغامدۇ؟ شاھزادە بۇ جاۋابنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇلارنىڭ ئۆز بالىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئوغلىنى ئوڭ قولىغا، قىزىنى سول قولىغا ئېلىپ قۇچاقلاپ، ئۇلارنىڭ نۇرلۇق ماڭلايلىرىغا قانغۇچە سۆيۈپتۇ. بالىلارمۇ ئۆز دادىسىنى تاپقانلىقىدىن خۇشال بولۇپ قىن - قىنىغا پاتماي كېتىپتۇ. بالىلار دادىسىنى باشلاپ مەلىكە بىلەن ئاتنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەپتۇ. شاھزادە مەلىكە بىلەن ئاتقا ئېگىلىپ سالام بەرگەندىن كېيىن تىزلىنىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ. مەلىكە شاھزادىنى ئورنىدىن يۆلەپ تۇرغۇزۇپ: - ھەممە ئىشلار بىزگە ئايان. مېنىڭ ھەم بالىلىرىڭىزنىڭ ھاياتىنى مۇشۇ ئات قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. سىز پەقەت ئاتقىلا رەھمەت ئېيتسىڭىز بولىدۇ، - دەپتۇ. شاھزادە ئاتقا ئېگىلىپ تەزىم قىلىپ: - سىزنىڭ مېنىڭ مەلىكەمنى، ئىككى بالامنى جادۇگەر ھىمدىن ئامان - ئېسەن ساقلاپ قالغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، - دپتۇ. ئات بېشىنى لىڭشىتىپ: - سىلەرمۇ كۆپ جەۋر - جاپا چېكىپسىلەر، - دەپتۇ. مەلىكە شاھزادىگە. - بىز ھەممىمىز جاپا چەكتۇق. بۇ جاپا بىر - بىرىمىزگە بولغان مۇھەببەتنى، دوستلۇقنى تېخىمۇ چىڭىتتى. جاھاندا بۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ ئىش بولامدۇ؟ مېنىڭ تەكلىپىم: بىز ئەمدى بۇ يەردىن ھېچ يەرگە كەتمەي، مۇشۇ شەھەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئاۋات قىلىپ ھايات - كەچۈرسەك، - دەپتۇ. بۇ تەكلىپكە ھەممەيلەن قوشۇلۇپتۇ. مەلىكە ئاخىرىدا شاھزادىدىن: - شاھزادەم، خانىش ئاناملار ئامان - ئېسەنمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. شاھزادە ئۇلارنىڭ ئامان - ئېسەنلىكىنى، بۇ ھىيلە - نەيرەڭنىڭ تۈپ سەۋەبىنى بىلىشكە تەقەززا بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. شاھزادەم سەپەر تەييارلىقىنى قىلغاچ بىر قانچە كۈن ئارام ئېلىپتۇ. بۇ جەرياندا شاھزادە قېرىلىقتىن ئۆزگىرىپ، بۇرۇنقى ياش ھالىتىگە كەپتۇ. ئۇ تەييارلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئارغىماق ئاتنى مىنىپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ئىككى كۈندە ئۆز يۇرتىغا يېتىپ كەپتۇ. شاھزادە رەۋەيدۇللا مەلىكە ئايتىللانى، پەرزەنتلىرىنى ساق - سالامەت تاپقانلىقىنى قەمتۇر شاھقا يەتكۈزۈپتۇ. بۇ خەۋەردىن كېيىن قەمتۇر شاھ باشلىق پۈتۈن ئوردا ئەھلى تۈگىمەس - پۈتمەس خۇشاللىققا چۆمۈپتۇ. قوش چوققا شەھەر خەلقىمۇ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، شاد - خوراملىققا تولۇپتۇ. شاھزادە رەۋەيدۇللا قايتىدىغان چاغدا قەمتۇر شاھ ئۇنىڭغا ئون مىڭ ئۆيلۈك پۇقرا بېرىپتۇ. شاھزادە بۇ پۇقرالارنى كۆچۈرۈپ شەھەرگە ئېلىپ كەپتۇ. مەلىكە ئايتىللا بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ. ئەر - ئايال ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپ، بۇ شەھەرگە >بۈگۈر< دەپ ئات قويۇپتۇ. بۇ شەھەرگە شاھزادە رەۋەيدۇللا پادىشاھ بولۇپ، يۇرتنى ئادىللىق بىلەن سوراپتۇ. پۇقرالار باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. رىۋايەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرقى بۈگۈر ناھىيىسى شۇ بۈگۈر شەھىرىنىڭ ئۆزى ئىمىش.
← بارلىق تېمىلار چوچاق